مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1074|ئىنكاس: 9

تەقدىرنىڭ چاقچىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 09:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                          takder.jpg
                              

                                                        
                                                  (  ھېكايە )

                        رەڭگارەڭ ئادەملەر ،رەڭگارەڭ دۇنيا،
                        قىسمەتسز ھېچكىمنى كۆرمىدىم تېخى.
                        تىلەكلەر قانچە ئۇز-گۈزەل بولسىمۇ ،
                        بولمايدۇ قىلغىلى كۈنلەرنى سىخى.
                 
                                                               ــ مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن
            

     ئادەم ئاز ئۇچىرايدىغان  ،ماشىنىلارنىڭ قارلارنى چاقى ئاستىغا بېسىپ «شاراق-شۇرۇق» قىلغان ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدىغان ئۈرۈمچىنىڭ شۇنچىلىك سوغۇق، قار يېغىۋاتقان كوچىللىرىدا قولىغا بىر پەلەيمۇ سالمىغان ھالدا قارا رەڭلىك خىروم قول سومكىسىنى تۇتۇپ ،يەنەبىر قولىنىڭ مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ   ،سوغۇقتىن تىتىرەپ دۈگدىيىپ ،قەدەملەرنى كىچىك ئېلىپ بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا  بىر ياش يىگىت كىتىپ باراتتى ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىدا يول قاسنىقىدىكى دۇكانلارنىڭ خۇددى  ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ ئىشىكلىرىنى ھىم ئىتىۋالغاندەك ھىس قىلاتتى.ئۇ شۇنچىلىك ياش ھەم كىلىشكەن بولۇشىغا قارىماي كۆزلىرىدىن ،چىرايىدىن بىر خىل  يېشىغا ماس كەلمەيدىغان  غەمكىنلىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ئىختىيارسىز ئەتراپىدىكى ئاندا-ساندا  ئۆتۈپ كىتىپ بارغان شۇنداق سوغۇقتىمۇ  بىر-بىرىگە ئىسسىق كۈلۈپ كىتىپ بارغان بىر جۈپلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز خىيالنىڭ دېڭزىدا ئۈزۈشكە باشلىدى.
    «پاق» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇ چۆچۈپ كەتتى ،ئۇ ئىسىگە كىلىپ ئۆزىنىڭ يەردە قار ئۈستىدە  ياتقانلىقىنى كۆردى،تىزلىكتە  قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن سومكىسىنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى-دە،تونۇشلىرىغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقتىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىقىدىن نۇمۇس قىلدىمۇ ،ئەتراپىغىمۇ قارىماستىن ،ئىتتىك مېڭىپ يۈرۈپ كەتتى،بايا بەلكىم بىر نەرسىگە پۇتلاشقان بولسا كىرەك ،شۇ تاپتا ئاشۇ بىنالار ئۇنىڭغا زاڭلق ئارىلاش سوغۇق كۈلىۋاتقاندەك دېرىزىللىرىنى چەكچەيتىپ  ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.
   ئۇ ئەزەلدىن شۇنداق چۈشكۈنمىدۇ ؟ ياكى ئۇ نىرۋىسىدىن كەتكەنمىدۇ ؟
   ياق ، ئۇ ئۇزۇن بولمىغان  نەچچىلىگەن ئاي -كۈنلەر ئىلگىرى ناھايتى ساغلام ،جۇشقۇن ، تېپىلغۇسىز ياخشى يىگىت ئىدى.
                  
            ##################################
  
        مۇشۇ كۈنلەردە  كېرەمنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇغقانلىرى ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى ،قوشنىلىرىمۇ بۇ ئۆيگە نەچچە كىرىپ كېرەمنى يوقلاپ چىقىپ كەتتى.بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسى ئالىمكام خۇشال بەكمۇ ئىدى،بۇ خۇشاللىق ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئائىلسىنىڭ بەختى ھېسابلىناتتى.ئالىمكام پەخىرلىك ئوغلىغا قاراپ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ  :
   ــ ئوغلۇم ،بىلەمسەن ؟مەن  تولۇق ئوتتۇرغىچە ئەلاچى ئوقۇغان  ،ئۇ چاغلار كاپىراتسىيە مەزگىلى بولغاچقا ،ئالىي مەكتەپكە نەتىجىلا ئەمەس موھىمى ئەمگەك قىلىپ، كەنىت ۋە يىزىنىڭ خېتىنى ئېلىپ ئاندىن كىرەلەيتتۇق ،مەن بەزى بىلىمسىزلەرنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ ،ئالىي مەكتەپ ماڭا  نىسىپ بولمىغان ئىدى،ئاللاھ بۇ بەخىتنى ساڭا بەردى ،ئاللاھقا شۈكرى ،ــ دېدى،
   ــ ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم تېرىشىپ ئۈمىدىڭلارنى ئاقلايمەن ،ــدېدى كېرەم دادىسىغا قاراپ  .
    شۇنداق ئۇ قىلىپ ماڭىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى .تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي بۇ ئارىسىدىن چىققان بىردىنبىر پايتەخىتكە  بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قەدىرلىك تۇغقىنىنى پويىز ئىستانسىسىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى ،ئۇنى دادىسى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ تۇرۇپ :__بالام ،سەن مېنىڭ پەخرىم ئالىي مەكتەپ ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇت ،داداڭنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلا ،دىگەن  گەپلەرنى تىتىرەپ تۇرۇپ ئاران دىيەلىدى .
    بىچارە  دادا بۇ بۇ ۋاقىتتا بۇ  پەخىرلىك ئوغلىنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە يەنە نۇرغۇن تەقدىرنىڭ پاجىئەسىمان  چاقچاقلىرىغا دۇچ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغۇيتتى .
         ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ياشلار شۇنداق كىلىدۇ ،بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بارماقچى بولغان مەكتەپلىرىنى خىيالى جەننەتكە ئوخشىتىدۇ ،ئالىي مەكتەپ ئىتاھانىدىن بۇرۇن سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈگۈنۈش قىلغانلىرىنى ئەسلىشىدۇ ،خۇددى قەپەستىن چىققان قۇشتەك ،ئۆزىنى بىپايان ئاسماندا ئۇچۇپ كىتۋاتقاندەك ئەركىن ھىس قىىلىدۇ ،بەزىللىرى بۇندىن كىيىن چەتئەلگىچە ئوقۇشنى ،بەزىللىرى بۇرۇن قىلالمىغا ئىشلىرىنى بىر قىلىۋېلىشنى ،بەزىلەر بولسا مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى خىيال قىلىدۇ ،سەل دىتى يوقىراقلىرى بولسا ئويۇن تاماششا بىلەن ئۆتۈشنى ئويلىشىدۇ،ئەمەليەتتە نەدىمۇ مۇنداق گۈزەل  جەننەت بولسۇن؟ جەننەت نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ ئالەمدە ئەمەس ،شۇڭا جەننەت دەپ ئاتالغان جايلار كۆپىنچە بىلىپ-بىلمەي ئادەملەرنى يولدىن چىقىرىپ قويىدۇ  .
        قەشقەر دىيارىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇيىگىت خۇددى يۇقىردا دىيىلگەن ياشلاردەك  قەلبىگە نۇرغۇن ئارمانلارنى پۈكۈپ مەكتەپكە قاراپ يولغا چىققان ئىدى.  ئۇ تېخى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.پويىز تاراقلاپ ماڭاتتى،ئۇ ئۈرۈمچىگە كىلىپ  تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە  بىر كۈن تۇرۇپ ،پويىز ئالمىشىپ بېيجىڭغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .پويىز تىز ماڭغان بىلەن   يەنىلا زىرىكىشلىك ئىدى .بېيجىڭغا بارىدىغان يولنى قىسقارتىش ئۈچۈنمىكىن ،بەزى كىشىلەر  بىر-بىرلىرىگە يۆلىنىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ،بەزى ئوغۇللار نەچچە قىزنى ئەتراپىغا يىغىۋېلىپ  قىززىق گەپلەر بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى كۈلدۈرۈسە،بەزىلەر پويىزنىڭ سىرتىدىكى كەڭ كەتكەن قاقاسلىقلارغا قاراپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىۋاتقان .ئۇ پويىزدىكى بۇ كىشلەرگە بىردىن كۆز يۈگۈرۈتتى ـ دە،سىڭلىسى سوۋغا قىلىپ بەرگەن دەپتىرىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى ،ئۇنىڭدىن كىيىن يېنىك بىر نەپەس ئېلىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دەپتەرنى  بىر يىنىك سىلاپ قويۇپ ئاستاغىنە سومكىسىغا سېلىپ قويدى .ئۇ دەپتىرىگە مەكتەپكە بېرىپ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بولغان پىلانلىرىنى تۈزۈپ،يەنە قوشۇمچە قىلىپ «ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمەيمەن »دەپ يېزىپ قويغان ئېدى. لىكىن تەقدىر قانداقمۇ ئىنساننىڭ رايىغا باقىدۇ دەيسىز ؟ ئادەم قىلمايمەن دىگەن ئىش بەزىدە كەينىدىن يۈگرەپ كىلىدۇ-دە ،بوينىمىزدىن راسا چىڭ گۈرە سېلىپ ،بىزنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ .قېچىپ قۇتۇلۇش ئۇخلاپ چۈشىمىز .      
            
                    #########################################
      
                 ئۇ مۇشۇ تاپتا ئايرۇپىلاندا بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كىتىپ باراتتى ،يېنىدا ئابلەت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى ،كېرەمنىڭ كۆزىدىكى ياشلارغا قاراپلا ئۇنىڭ  بىر نەرسىلەنى ئويلاپ ئازابلىىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى .
ــ ئاداش ،بولدى جىق ئويلىما ،ھەممىسى مىنىڭ خاتالىقىم ،جان بولسا جاھان ،ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .ــ دېدى ئابلەت كېرەمگە قاراپ .
ــ ياقەي ،ئاداش ــ،كېرەم شۇنداقلا دەپ قويدى-يۇ ،يەنە ئازابلىق كۆزلىرى بىلەن ئايرۇپىلاننىڭ ئەينىكىدىن  سىرتقا قاراپ خىيالغا كەتتى .
     ھەش -پەش دىگۈچە مەكتەپكە كېلىپ بىر ھەپتە بوپقالغان ئىدى ،شۇنداقتىمۇ ھەرخىل يىغىلىشلار تۈگىمەيۋاتاتتى .ئۇنىڭ مەكتىپى بەك داڭلىق مەكتەپ بولمىسىمۇ ،لىكىن سىنىپلىرى  ئازادە ،كۈتۈپخانىلىرىدا ھەممە كىتاب دىگۈدەك بار ئىدى .ئۇ بىرقېتىملىق يىغىلىشتىن كىيىن پۇرسەت تېپىپ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى بىر چۆرگلەپ چىقىپ كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قالدى. دەرىسلەرمۇ باشلاندى ،ئۇ شۇ كۈنلەردە شۇنداق تېرشىپ ئۈگۈنۈش قارارىغا كىلىپ كۈتۈپخانىدا ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ ئۆگەنمەكچى ئىدى .ئۇ دىگىنىدەك قىلىپ يېرىم ئاينى كۈتۈپخانا بىلەن ياتاق ،ئاشخانا ئارلىقىدا ئۆتكۈزدى .   
           بىر كۈنى ئۇ مەكتەپنى چۆگىلەۋېتىپ ،بىرمۇنچە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ پۇتبول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوينىغۇسى كەلدى، ئۇمۇ پۇتبولغا بەك ئامراق ئىدى .
    ___ھەي ! ئاداش كىلىڭلا بىللە ئوينايلى ،بۇيەردە بىر ئادەم كەملەپ قالدى ،__بىر خورازغا ئوخشاش چاچ قويۇۋالغان ،بويى ئېگىز،چىرايى ئاپئاق كەلگەن بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا ۋارقىراۋاتاتتى .
ئۇ بىر ئاز ھودۇققىۋەتكەندىن كىيىن ،ئەگىپ بېرىپ پۇتبول مەيدانىغا كىردى ،ئۇيەردىكى ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىر قۇردىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋەتكەندىن كىيىن مۇسابىقىنى باشلىۋەتتى .     
    مۇسابىقە كېرەمنىڭ كىرگۈزگەن ئۈچ توپى بىلەن نۆلگە قارشى ئاخىرلاشقان ئىدى .بولۇپمۇ ئۇنىڭ توپنى بېشىدىن ئاتىلدۇرۇپ ئۆلىگەن توپنى يانتۇ سەكرەپ تۇرۇپ تىپىپ كىرگۈزىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن بالىلار ھەيرانلىقتا ئاغزىلىرىنى ئېچىشىپ قالغان ئىدى .
        مۇسابىقىدىن كىيىن بالىلار يىغىلىپ تاماق يەيدىغان بولۇپ كىلىشتى .ھېلىقى خوراز باش بالىنىڭ ئىسمى ئابلەت بولۇپ ،دادىسىنىڭ خېلى قولىدا بار ،پۇتبۇلغا بەكمۇمەستانە ،مەرت بالا ئىدى ،ئانچۇمۇنچە كىچىلىك بەزمىخانىدا قونۇپ قالىدىغىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ،ياخشى بالا ئىدى .ئۇ كېرەمدىن بىر يىللىق يۇقرى ئوقۇيتتى ، ئۇلارنىڭ ياتىقى بىر بىنادا بولغاچ بىللە كەلگەن ئىدى .
  ___ئاداش سەن خۇاڭمادا توپ تەپكەنما؟ __دېدى ئابلەت كۈلۈپ ،
  ___ياق ،لىكىن سى لو نى شاگىرىتلىققا ئالمىدىم دىگىنە ،__دېدى كېرەم بوش كەلمەي .
  ___ھاھا...قەشقەلىق دىگەن قەشقەلىق -دە ،ئاداش توپنى ياخشى ئوينايدىكەنسەن ،بۇرۇن كوماندىدا ئوينىغانما؟
ـــ ياق لىكىن بىزنىڭ يۇرتتا كۆپ ئوينايمىز ،ئاران مۇشۇنچىلىك تېخنىكام بار شۇ .
ـــ ما كەمتەرلىكنى كۆرەي ،يەنەمكەنسە جۇمۇ . بىزنىڭ ئارىمىزدا سەندەك بىر بالىنىڭ كەلگەنلىكىنى بەخىت دىسەك بولىدۇ ،نەچچە يىل بوپتۇ مىللى كوماندىمىز ما خەقنىڭ كوماندىسىنىڭ كەينىدە قېلىۋاتقىنى .كەچتە بىللە چىقىلى تاماق يەيمىز .باللا بىلەن ئوبدانراق تونىشىۋالارسە ،بۇندىن كىيىن بىز بىللە توپ تىپمىز .
    _ماقۇل ،ئاداش بوش ۋاقتىم چىقسىلا كىلىمە .
    __ئالىي مەكتەپتە بوش ۋاقىتتىن جىق نىمە يوق ئاداش ،سەن بۇيىل كەپسە ،ئىنتاھاندىن ئىككى ئۈچ ھەپتە بۇرۇن كىتابقا راسا بىر قارىۋەتسەڭ ھەممە دەرىستىن ئۆتۈپ كىتىسە ،ئۈگۈنۈش پىلانلىرىڭ بولسا مەشىق قىلمىغان چاغلاردا ۋاقىت دىگەن توشاق .ئامال بار مەشىقلەرگمۇ تولۇق چىققىن .
   ئۇ باشقا گەپ قىلىش ئارتۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدى ،ئۇلار ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلقى توغۇرلۇق قىززىق مۇنازىرىگە كىرشىپ ياتاققا يۈرۈپ كەتتى .         
         شۇ كۈندىن كىيىن ئۇ پىلانىغا« مەشىق» دىگەن بىر تۈرىنى قېتىپ قويدى .ئىككى يىل جەريانىدا ئۇنىڭ پىلانلىق ئۈگۈنۈشى ئۈنۈم بېرىپ نەتجىسى سىنىپتا بىرىنجى بولدى ،دەرجە ئىنتاھانىدا مەكتەپتىكى ھېچقايسى مىللى بالىلار بىر قېتىمدا ئۆتەلمەيدىغان ئېنگىلىزتىلى 6.دەرىجىدىن دىن ئۆتتى .كوماندىنىمۇ تېرىشچانلىق ئارقىلىق مەكتەپ بويىچە ئەڭ كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگۈزدى،كوماندىدىكى بالىلار بىلەنمۇ ئاكا-ئۇكىدەك بوپ كەتكەن ئىدى .شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا كۈتۈبخانىنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغان ئىدى .
       شۇ كۈنلەردە ئابلەت نەچچە قىز بالىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ بولغان ئىدى لىكىن ئۇ ھەممىنى ئۆز يولىدا يولغا سېلىپ قويغان ئىدى چۈنكى گەرچە قىزلار بىر- بىرىدىن ياخشى بولسىمۇ ئۇ دىھقان ئاتا ئانىسىنىڭ دەردىگە ئارتۇق پۇل دەردى قوشقۇسى يوق ئىدى، يەنە كىلىپ نۇرغۇن قىزلارغا نىسبەتەن قىز بالىغا  يېقىن كەلگەندىكەن ۋاقىتلىرىنى پاراڭلىشىش،كوچا ئايلىنىش،ساياھەت  دىگەندەك ئىشلارغا سەرىپ قىلمىسا لاياقەتلىك ئوغۇل دوست بولالمايدىغانلقىنى ئېنىق بىلەتتى .لىكىن ئابلەتكە «مەن تېخى ئۆز قوشمىقىمغا ئۇچىرىمىغان ئوخشايمەن ئاداش» دەپ قوياتتى .سورۇنلاردا قىزلارنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشلىرىدىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئولتۇراتتى .شۇڭا ئاداشلىرى ئۇنىڭغا «تاڭسىڭ»دەپ لەقەم قويىۋالغان ئىدى .     
           كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئويلاشنى خالىمىغان ئىش يۈز بىرىپ قالار دەپ ئويلىمىغان-دە .بۇ كۈنى كىچە ئۇ يەنە ئۇيقۇسىز ،سىرىت جىمجىت ،ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈشلەر ،ياتاقداشلىرىنىڭ پۇشۇنداپ ئۇخلاشلىرى ....ئۇ ھېلىقى كۈنى كەچ بولغان ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدى .
         ئۇ  كۈتۈپخانىدا دەرىس ئۆگۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھېرىپ كەتكەچكە ،بويۇنلىرىنى بىردەم ھەركەتلەندۈرۈپ ،ئوڭ سولغا قاراپ ،ئالدىغا قاراپ بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بېشىنى چۆكۈرۈپ ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقانلقىنى كۆردى ،ئۇ قىزنىڭ يان تىلفۇنى جوزىنىڭ قىرىغىلا كېپ قالغان ئىدى ،قىز يەنە بىر مىدىرلىسا تىلىفۇن چۈشۈپ كىتىشى ئېنىق ئىدى. قىزنىڭ ئۇنداق ئەستايىدىل ھالىتىدە بۇنى بايقىشى تەس ئىدى .كېرەم ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دە ،قىزنىڭ يېنىغا كىلىپ تىلفۇننى ئېلىپ قىزنىڭ كىتابىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى ، قىز ئۇنىڭ سايىسىنى كۆردى بولغاي ،چۆچۈپ كېرەمگە  قارىدى ،كېرەم قىزغا قاراپ ھەيران قالدى ،ئۇقىزنىڭ چۆچىگەن ھالىتى خۇددى سەبى بالىغىلا ئوخشاش ئوماق ،كۆزلىرى، قاشلىرى  خۇددى ھېكايىدە دىيىلگەن پەرىلەردەك ھەقىقى بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تىپىك مىسالى ئىدى  . ئاپئاق يۈزلىرى ئۇنىڭ دولىسىغا چۈشىدىغان قارا چېچىغا ماسلىشىپ ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەن ئىدى .كېرەم ھودۇققاندەك بولدى -دە بوش ئاۋازدا :
ــ ت..تېلفۇنىڭىز ... چۈشۈپ كەتكىنى تاس قاپتىكەن.....ــ،دىگەن گەپنى ئاران دېدى .
قىز ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ كۈلۈمسىرەپ بوشقىنا :
ــ رەھمەت،ــدېدى -دە ،يەنە كىتاب ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
    ئۇ شۇنداق بېشىنى چۆكۈرۈپ ئولتۇرغىنى بىلەن  كاللىسى ئىشلىمەيۋاتاتتى .«بۇ زادى قانداق ئىش ئەمدى؟ساراڭمۇ نىمە مەن » دەپ ئۆزىنى تەنقىدلىسىمۇ ،بىر خىل سىزىم ئۇنى «ئالدىڭغا قارا ،قىزغا قارا »دىگەندەك دەۋەت قىلاتتى.      
           شۇ كۈنىدىن كىيىن ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ھەممە يېرى شۇ قىزچاق ئىدى ،ئۇ توختىماي ئۆزىگە «سەن قىلىدىغان نۇرغۇن ئىش بار ،ئاتا-ئاناڭنى ئويلا ،كىيىن ئويلىساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن ،ئەخمەقلىق قىلما دۆت كېرەم » دەپ ئۆزى بىلىدىغان ھەممە گەپ بىلەن ئۆزىنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىغا كىرىشىنى توساتتى .«كۆڭۈل دىگەن ساراڭ» دىگەندەك ئۇ گەپلەر ئۆزىگە تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .ئۇ نەچچە قېتىم ئۆرۈلۈپمۇ پەقەت ئۇخلىيالمىدى .مۇھەببەت دىگەن گەپ ئاڭلايدىغان پىستە كۈچۈك ئەمەس -دە. مۇشۇ تاپتىكى زىددىيەتلىك ئويلار ئۇنى ھاردۇرۇپ بىر يەرگە ئاپاردى.        
        ئۇقىز ھەركۈنى ئاشۇ يەردە ئىدى ،كېرەممۇ شۇنداق ئىدى .ئۇلار پەقەت ئاددىيغىنە كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىپ قوياتتى ،ئۇ  ئانچۇ-مۇنچە ئۇقىزغا قاراپ قوياتتى-دە يەنە تىزلىكتە كىتابغا قارىۋالاتتى،بەزىدە ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچىرشىپ قالغاندا قىز كۈلۈمسىرەپ قوياتتى ،كېرەممۇ بىلىپ بىلمەي دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتەتتى .«ساختا كىتاب كۆرۈشلەر ،ساختا ئۈگۈنۈشلەر ،بۇ ئەھۋال قاچانمۇ تۈگەر؟سىز نىمە دىگەن گۈزەل ..... » كېرەم  دەپتىرىگە شۇلارنى يېزىپ قويدى.      
        ئۇ بىر كۈنى ئۇ قىز بىلەن بىرگە ئۆگىنىشتىن يانغان ئىدى كۈتۈپخانىدىن چىققان ئىدى ،ئۇ نىمىشقىكىن بىر خىل ھاياجان ئىچىدە  ئىدى،لىكىن  خىيالىدا  «گەپ قىلايمۇ؟قىلمايمۇ ؟نىمە دەيمە؟ بولدى قىل ،گەپ قىلساڭ مۇھەببەت باشلىنىپ كەتسە قەنداق قىلىسە ؟»دەپ ئىككىلىنىۋاتاتتى ،قىز تۇيۇقسز ئوتتۇردىكى تىنىچلقنى بۇزۇپ سورىدى :
__سىز ئەكرەم ئاكاشقۇ دەيمەن ؟
   __ھ..ھە سىز قانداق بىلىسىز؟ــ كېرەم ئازىراق ھودۇقۇپ قالدى.
   __سىز مەكتىۋىمىزنىڭ چولپىنى تۇرسىڭىز ،ئادەتتە سىزدەك ئەستايىدىل ئۈگنىش قىلىدىغان،ھەممىنى تەڭ ئېلىپ بارالايدىغان  ئوغۇللار مەكتىۋىمىزدە يوقتىيەرلىك ،مەكتىۋىمىزدە ھەممە بالىلارنىڭ ئېغزىدا سىزنىڭ پاراڭلىرىڭىز ئۇچىرايدۇ.ــ دېدى قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .
  __يا...قەي ،سىز دىگەندەك چولپانمۇ ئەمەس ،شۇ بىر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،شۇ بەزى ئىشلاردا تەلىيىم بار ئوخشايدۇ ،ــ ،دېدى كېرەم بىر ئاز دۇدۇقلاپ .
__بەك كەمتەركەنسىزغۇ . ئەجەپ تىز ئاشىخانىغا كەلدۇق ،تاماق يەيلى ئەمىسە .
ــماقۇل .يۈرۈڭ .   
  بۇ چاغدا ئابلەت ياتاق تەرەپتىن كەلگەن ئىدى ،ئۇ كېرەمگە قاراپ«ئاداش كۆڭلۈڭدىكىنى تاپقان ئوخشىمامسە؟» دىگەندەك قىلىپ مەنىلىك كۈلۈمسىرەپ قويدى .كېرەممۇ كۈلۈپ قويدى.   
        كەچلىك تاماقتىن كىيىن كېرەم ئابلەتتىن ئۇ گۈلناز ئىسىملىك قىزنىڭ تۆۋەنكى يىللىقتا ئوقۇيدىغان قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ئىكەنلىكىنى بىرمۇنچە ئوغۇللارنىڭ ئۇنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى ،لىكىن ئۇنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغانلىقىنى ،ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى قوغلىشىپ باققۇسى بارلىقىنى دەۋېتىپ :
  __ئاداش ئۇنى قوغلاش ئاسان ئەمەس جۇمۇ  ،__دەپ قويدى.
__مەن يا ئۇنى ياخشى كۆرىمە دىمىسەم،تەس بولسا كارىم يوق مىنىڭ ،___دېدى كېرەم  مەنسىتمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.
__ياق ئاداش ،مەن مۇھەببەتنى جىق تۇتۇپ پىر بوپ كەتكەن ،بۇنچىلىك ئالامەتنى بىلمىسەم مىنى ئابلات بۈركۈت دىمەيدۇ خەق .
___ماۋۇ پوچىنى كۆرەي ،غۇلجىدىن قىز ئالما جۇمۇ ،ئىككىڭلا پونى تەڭ ئېتىپ دەيكەنگە ئالغان ئۆينى ئۆرىۋىتىپ ،قوشناڭنىڭ كەپتەرخانىسىنى ئىجارە ئېلىپ ياتماڭلا يەنە ،__دېدى كېرەم چاقچاق قىلىپ گەپنى بۇراپ.
___خاتىرجەم بولە ،قەشقەرنىڭ ئېغىر قىزىدىن بىرنى ئېلىپ ،مەن ئاتقان پو بىلەن ئۆيدە يەيلەپ يۈرۈيمىز .
   ئۇلار تەڭ كۈلۈپ كەتتى .ئۇ شۇنداق قىلىپ كىلىشىپ قويغاندەك دەرىس يوق كۈنلىرى كۈتۈپخانىدىن قىز بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈشتىن يانىدىغان ،ئانچۇمۇنچە مەكتەپنى بىرگە چۆگىلەيدىغان بولدى .كېرەم كۆڭلىدە «ئۇ قىزدىن يىراق تۇر »دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى .لىكىن شۇنچە ئاساسى بار گەپلەرمۇ ،ئىشقىلىپ ھېچقانداق گەپ ئۇنىڭ ھىسياتى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقلارغا قالقان بولالمايۋاتاتتى .كاللىسىدا قىزنىڭ ئوماق ،تاتلىق گەپلىرى .جاراڭلايىتتى .بۇ بەلكىم مۇھەببەتتۇ ،ياكى ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ھاياجىنىدۇ .ئۇ بۇلارنى ئايرىشقىمۇ ئامالسىز ئىدى .     
   ئۇلار ئىككىسى شەنبە كۈنى دەرىس ئوقىمىغاچقا ،چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن كۈتۈپخانىغا ماڭغىچە بىللە ماڭغان ئىدى .كېرەم تۇيۇقسىز سوراپ قالدى :
__گۈلناز، بىردەم كۆل بويىنى ئايلىنىپ كەلسەك قانداق ؟
__بىرەر موھىم گەپ بارمىتى ؟
__دېدى،گۈلناز جىددى قىياپاتتە.
__ ياق ،بىردەم چۆگىلەپ كىلەيلى دىگەن شۇ .
__بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ھە ،بىزنىڭ سىنىپنىڭ بىر باھا جەدىۋېلى بار ئىدى ،تاپشۇرىۋىتىپلا چىقاي .
__ماقۇل ،ئەمىسە ،مەن مۇشۇ يەردە سىزنى ساقلايمە .
__ماقۇل..   
   ئۇ ئاخشام  تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالغان ئىدى ،ئەگەر قىزغا تەلەپ قويۇپ بىللە ئوقۇپ ،كەلگۈسىدە بىللە خىزمەت قىلساقچۇ؟نىمىشقا مەن ئۆزۈمنى مۇنداق قىينايمەن ؟ كەلگۈسىدە ئۇنىڭدەك قىزنى ئۇچىرتالامدىم-يوق ،بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. دىگەنلەرنى ئۆز-ئۆزىگە بىر قۇر دەپ چىقتى-دە، پۇرسەت تېپىپ گەپ ئېچىپ قىزنى چىكىپ باقايچۇدىگەن قارارغا كەلدى .ئۇ بۇلارنى كاللىسىدىن بىر ئۆتكۈزدى ،كىيىنكى قەدەمدىكى گەپلىرىنى ئويلىنىۋالدى.      
      ئۇلار كۆل بويىغا كەلگۈچە نىمىشقىكىن تۈزۈك گەپ قىلىشمىدى ،گۈلنازنىڭمۇ ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپى باردەك قىلاتتى .لىكىن ئىككەيلەن جىمجىتلىق ئىچىدە بىللە مېڭىۋاتاتتى ،كېرەمنىڭ  تەكلىۋى بىلەن  كۆل بويىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتى .
__يېقىندىن ئۈگۈنۈش خېلى ئالدىراشتەك قىلىدىغۇ سىزنىڭ ؟__كېرەم يەنە جىم ئولتۇرىۋەرگۈسى كەلمەي گەپ باشلىغان ئىدى .
__ ھەئە ،ئىنتاھان يېقىنلاپ قالدى ،ئالدىراش بوپ قالدۇق ــ،دېدى قىز يەرگە قاراپ تۆۋەنچىلىك بىلەن.
__تېخى بىر ئاي بارغۇ ؟
__بالدۇرراق تەكرارنى باشلىساق ،ئىنتاھان ئالدىدا بەك ھودۇقۇپ كەتمەيدىكەنمىز .
__سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نىمىش قىلاي دەيسىز؟
__بىلمەيمەن ،ئۈرۈمچى ئەتىراپىدا خىزمەت قىلغۇم بار .سىزدەك چوڭ پىلانى بارلارغا ياردەملەشسەممۇ مەيلى ،ئىشقىلىپ ئەركىنرەك خىزمەت بولسىكەن دەيمەن .
كېرەم پىلانلىرىنى گۈلناز  بىلەن بىللە ماڭغاندا  ،ھەممىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن ئىدى .
__سىز بىرەرىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ؟گۈلناز ئۇىڭغا شاققىدە قارىۋەتتى ،كېرەم كۆڭلىدە «سۇئالنى خاتا سوراپ قالدىممۇ نىمە؟»دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا ،گۈلناز:
__ھەئە .دېدى- دە قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى،ئارقىدىنلا:
__لىكىن ئۇ كىيىن ئۆزگىرىپ كەتتى ،ھاراقكەش بوپكەتتى ،بۇلار تولۇق ئوتتۇردىكى ئىشلار ،ئۇ شۇىڭدىن كىيىن ئوقۇمىدى ،مەن ئۇنىڭدىن سەسكىنىپ كەتتىم ــدېدى.
__سىز قانداقىراق يىگىتلەرنى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايسىز؟
__سورۇنغا كەلسە ئوينىيالايدىغان ،مەرت ،غورۇرلۇق،تېرىشچان ،ھاراق ،تاماكا دىگەننى ئېغىزىغا ئالمايدىغان ،مېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بولسا بولدى .__دېدى گۈلناز كۆزىنىئاستاغىنە يەردىن ئۈزۈپ  يىراققا تىكىپ.
__سىز قانداق قىزلارنى ياخشى كۆرىسىز ؟
   كېرەم ياندۇرۇپ سورالغان بۇ سۇئالدىن يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ،يۈرۈكى تىنىمسىز سوقۇۋاتاتتى  ،ئۇنىڭ دەرھال «سىزدەك »دىگۈسى بار ئىدى ،لىكىن ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ :
__چىن يۈرىكىدىن مىنى ،ئاتا-ئانامنى ،سۆيسە ،ئەخلاقلىق بولسا كۇپايە ،__دېدى  خىيال قىلغان قىياپاتتە .           
       ئارىنى  يەنە تېنىچلىق باستى .
    قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ،گۈلناز سائەتكە قارىۋەتكەندىن كىيىن ،كېرەمگە قاراپ:
ــ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ،قايتايلىمۇ ؟__دېدى .   
    بۇقېتىمقى پاراڭدىن كىيىن كەچتىلا ئۇ ئابلەتنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئۇسۇل ئۈگۈتۈپ قويۇش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىدى .ئابلەت :
__ئۇنداقتا ئاخشاملىققا دىباغا مان بىلەن بىللە با ،نەچچە كۈندە سىنى ئۇسۇل دىگەننى سويىدىغان قىلىۋىتىمەن كەچتە تىلفۇنۇمنى ساقلا ،__دېدى .
  ئۇ بارايمۇ بارمايمۇ دىگەن ئويدا ئىدى ،ئۇيەرنىڭ ياخشى يەر ئەمەسلىكىنى پەمىلىدى ،لىكىن« ئابلەت بولغاندىكىن يامان يولغىمۇ كەتمەسمەن»دەپ ئويلىدى _دە ،بۇ بىر قېتىم ئۇ يەرگە بېرىپ بېقىشنى  قارار قىلدى.
    ئۇ يەر ئىشىكتىن كىرىشىگە «گوم،گوم»قىلىپ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز بىلەن تولغان ئىدى .سەھنىدە كىشىلەر ساراڭدەك چۇرقىرىشىپ ئويناۋاتاتتى .ئابلەت ئۇنى كەينىگە سېلىپ بىر بەش كىشلىك جوزىدىكى سافادا ئولتۇرغان ئۇيغۇر كىشىنىڭ يېنىغا كىلىپ :
__ئاكا ،بۇمىنىڭ دوستۇم !!!__دېدى ۋارقىراپ تۇرۇپ
.ھېلىقى تەمبەل كەلگەن كىشى بىر خىل ئادەم سەسكەنگىدەك بىزەڭ كۈلۈپ كېرەم بىلەن قول ئېلشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ئولتۇرۇشقا تەكلپ قىلدى ،ئۇ خۇددى كېرەمگە يەۋىتىدىغاندەك قاراۋاتاتتى ،كېرەمنىڭ كۆزى ئۇنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقاندا تىنى شۈركىنىپ كىتەتتى.
     ئابلەت بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن كېرەمنى قولىدىن تارتىپ ئاپىرىپ ئۇسۇل ئۆگىتىشكە باشلىدى .بىرەر سائەت ئوينىغاندىن كىيىن ،ئۇ مىۋە شەربىتى ئېلىپ ئىچتى ،يەنە ئوينىدى ،يەنە ھېرىپ كەلگەندە يەنە ئىچتى .ئابلەت بولسا كېرەمنىڭ ئۇنىمىشىنىغا قويماي بىرمۇنچە ھاراق ئىچىۋەتتى .بىردەم ئۇسۇل ئوينىغاندىن كىيىن كېرەم شۇنداق ھېرىپ شۇنداق تاتلىق بىر ئۇيقا ئۇنى باستى ،ئويغىناي دەپمۇ ئۆزىنى ئويغىتالمىدى -دە بىر سافادا ئۇيقۇغا كەتتى .ئابلەت نىمە بولغىنىنى بىلمەي مەستلىكتە ئۇمۇ ئۇخلاپ قالدى،
      ئەتىسى ئەزەلدىن يىغلاپ باقمىغان  كېرەم  كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالەتتە تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق يەردە مۇنداق مەينەت ئىشلارنى قىلىپ ،ئۆزىنى بۇلغىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.      
      كېرەم شۇنداق روھسىز ھالدا ئۆزىنى بىر ئايرىمخانىدا كارىۋاتتا كۆردى ،يېنىدا بىر ئۇيغۇر قىزبالا ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە ئۇنىڭغا چاپلىشىپ ياتاتتى .ئۇ چۆچۈپ كەتتى -دە دەرھال ھېلىقى قىزنى ئىتتىرۋەتتى،شۇ تاپتا ئۆزىمۇ ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە ئىدى .ئۇ دەرھال كىيىملىرىنى كىيدى ،ھېلىقى قىزمۇ كىيىملىرىنى كىيىپ ئۈلگۈردى .ئۇ بۇ ئەھۋالنى چۈشۈم بولسىدى دەپ ئۆزىنى چىمداپ باقتى ،لىكىن ئاغرىدى ،دىمەك ئوڭى ئىدى .
      ئۇ دەرھال ئابلەتنى تېپىپ ئەدىپىنى بەرمەكچى  بولۇپ ئىشىككە مېڭىۋىدى ،ھېلىقى قىز بىزەڭلىك بىلەن :
__ھوي غوجام ،نەگە مەڭدۇق ؟ ئىش پۇل بېرىۋىتىپ مېڭىڭ ،قىلغان ئىشنى قىلغاندىكىن .ــدېدى.
__پۇل ؟ نىمە پۇل ؟
__ماڭا قارا ھوي لاۋزا گۇي .........،
  ئۇنىڭ ئېغزىدىن چىققان گەپلەرنى ئوغۇل بالىلار ئۇرۇشۇپ تىللاشىسىمۇ ئېغىزدىن چىقارمايىتتى. ئۇ چىداپ بولالماي يېنىدا بار ئىككى يۈزيۈەن پۇلنى تاشلاپ بەردى .لىكىن كۆزلىرىدە يەنىلا ياش كەتمىگەن ئىدى .ھېلىقى قىز بالا كىلىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ،تەستىكىگە بىرنى سالدى ،ۋە يەنە بىزەپ گەپلەر بىلەن تىللاشقا باشلىدى .ئۇنىڭغىچە ئابلەت كېرىپ كەلدى .ئۇ قىزنى تىللاپ تۇرۇپ بىر نەچچىنى ئۇرۋەتتى ،بىرمۇنچە پۇلنى بېرىۋەتىپ چىقىرۋەتتى.
،كېرەمگە :
__ئاداش خوجايىن دىگەن ئاداش سېنى يېڭى كەلگەن مىھمان ئوخشايدۇ دەپ مۇشۇ يەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ ،خاپا بولما ،سەن قارىغاندا يېڭى كەلگەن قىزلارنى ئالدايدىغان بىرسىنىڭ ئۇيقا دورىسىنى سېلىپ قويغان مىۋە سۈيىنى خاتا ئىچىۋالغان ئوخشايسەن .__دېدى .  
         كېرەم غەزەپلىك كۆزىنى ئابلەتكە تىكىپ بىر قارىدى -دە ئارقىسىغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى .
   كېرەم  مۇشۇ تاپتا قايسى يۈزى بىلەن گۈلنازغا قاراشنى بىلمىگەن ئىدى  ،ئۇنڭىغا بولغان پاك مۇھەببىتى ۋە گۈلنازنىڭ سەبى قەلبىنى ئويلاپ شۇنداق ئازابلىنىۋاتاتتى  .ئويلىغانسىرى ئۆزىنى بىرخىل يارىماستەك ،گۈلنازغا مەڭگۈ قارىيالمايدىغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتى. تۇنجى مۇھەببىتىمۇ بولۇپ باقمىغان كېرەمگە خۇددى غورۇرى دەپسەندە قىلىنغاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى .
  جاھاندا ئىشلار ھەرخىل بولىدىكەن،مۇنداق ناچار ،قىلىقسىز ئىشلارنى پۇراپ يۈرۈيدىغان ۋىژدانسىز ،پەس يىگىتلەرگە نى ياخشى قىزلار ئۇچىراپ قىزلار تۈگەتكۈسىز ئازابلارغا قالىدىكەن .كېرەمدەك زىرەك، ئەقىللىق  ۋىژرانلىق  بالىلارنى ھەرخىل رەزىل ئىشلار  كىچىككىنە بىلىپ-بىلمەي ماڭغان خاتا قەدىمى ئۈچۈن  قاتتىق جازالاپ،شۇنداق مەڭگۈ ئۇنۇتمىغۇدەك ئازابلارغا مەھكۇم قىلىدىكەن .بەلكىم ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ ،بىز بەندىلەر پەقەت باشقا كەلگەنگە شۈكرى قىلالايدىكەنمىز .ئەزەلدىن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدىغان ،ھەم قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەقىللىق بۇ يىگىت تۇنجى قېتىم پۇشايماننىڭ تەمىنى تېتىغان ئىدى .      
       شۇ كۈندىن كىيىن ئۇ ئابلەت بىلەنمۇ جىق گەپ قىلماس ،كۈتۈپخانىغىمۇ چىقماس بولۇپ كەتكەن ئىدى .ئابلەت بۇ ئىشلار ئۈچۈن شۇنداق چۈشەندۈرسىمۇ ،كەچۈرۈم سورىسىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمىدى .ئىلگىرى خۇشچاقچاق ئۇ ھازىر غەمكىن بوپقالغان ئىدى .ئابلەت بۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى كۆرۈپ جەمىيەتتە ۋىژدانلىق ،غورۇرلۇق ،ھايالىق يىگىتلەرنىڭ يەنىلا بارلىقىغا ئىشەنگەن  ئىدى . ئۇ ئۆزىمۇ قاتتىق نۇمۇس قىلدى،ئۇ ئۆز-ئۆزىگە كىيىن ئۇنداق يەرگە بارماسلىق ،كىرەم بىلەن تېخىمۇ ياخشى دوست بولۇشقا ۋەدە بەردى .ئۇ بىرىنجى قەدەمنى گۈلنازدىن باشلاشنى ئويلاشتى -دە بىر قىىزغا تىلىفۇن قىلىپ گۈلنازنىڭ نۇمۇرىنى سوراپ ، گۈلناز غا تىلىفۇن قىلدى ،ئۇ باشتا ھەيران قېلىپ ئىككىلەنگەن بولسىمۇ ئابلەت كېرەمنىڭ گېپىنى چىقىرىشى بىلەن دەرھال ماقۇل بوۇپ كەچتە كۆرۈشۈشكە كىلىشتى .ئابلەت گۈلنازغا كېرەمنىڭ كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۆزىنى قايىل قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بولدى .ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر بىرىگە سىرداش ئىكەنلىكىنى ،گەرچە ياشتا كىچىككىنە پەرىق بولسىمۇ ،ئۇ كېرەمنى دوستى دەپ ھېساپلايدىغانلىقىنى دەۋاتقاندا گۈلناز تۇيۇقسىز سوراپ قالدى :
__سىز نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ماڭا دەيسىز؟ئۇ كۈتۈپخانىغا چىقمىغىنى نەچچە كۈن بولدى ،ئاشخانىلاردا ماڭا قارىسىلا ئۆزىنى ئېپ قاچىدۇ .ئۇچۇر يوللىسام قايتۇرمايدۇ .سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىز مېنىڭ گۇمانىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى ،ماڭا راست گەپ قىلىڭ ئۇنىڭغا زادى نىمە ئىش بولدى ؟
ئابلەت نىمە دېيشىنى بىلمەي قالدى ،دەي دىسە كېرەم ئۇنى كەچۈرەمدۇ بىلمەيدۇ ،دىمەي دىسە بۇ ئەقىللىق قىز ئۇنىڭ توقۇغان گەپلىرىنى بىردەمدە بىلىۋالىدىغاندەك قىلاتتى .ئۇ سۈكۈت ئىچىدە بىردەم ئىككىلەنگەندىن كىيىن ،دىيىش قارارىغا كەلدى .
__ھەممىسى مەن دۆتنىڭ ئىشى ،مەن ئەسلى ئۇنى ئۇنداق يەرگە ئېلىپ بارماسلىقىم كىرەك ئىدى .......
ئۇ بولغان گەپلەرنى بىر- بىر لەپ گۈلنازغا دېدى .ئابلەت يەنە ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى .لىكىن گۈلناز تۇيۇقسىز :
___ياق ئابلەت ئاكا ،بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس ،مىنىڭ خاتالىقىم ،ئۇ مەندىن «قانداق يىگىتلەرنى ياخشى كۆرىسىز ؟»دەپ سورىغاندا مەن «سورۇن كەلسە ئوينىيالايدىغان »دەپتىكەنمەن ،ئۇ بۇلارنى پۈتۈنلەي مەن ئۈچۈن قىلدى ،ئەسلى ئەيىبلەشكە تىگىشلىك ئادەم مەن .سىز بىر پۇرسەت تېپىپ مەن بىلەن ئۇنى ئۇچىراشتۇرۇپ قويالامسىز ؟
__بولىدۇ ،ئەتە كەچ بولسۇن ،مەن ئۇنى مۇشۇ كۆل بويىغا ئەپ چىقاي .سائەت يەتتىدە مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭ .مەن بۇنى ئۇنىڭغا دىمەيمە ،ئۆزەڭلا بىر نىمە دىيشىۋېلىڭلار. ئۇلارشۇنداق دەپ كىلىشتى .   
كېرەم بولسا ئۈگۈنۈشنىمۇ دىگەندەك ياخشى قىلالمايۋاتاتتى ،مۇشۇ تاپتا ئاشۇ ئىشلار ھېلىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن ئىدى .گۈلنازنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن تاماققىمۇ ھەممىدىن كىيىن چىقاتتى .دادىسىغا تىلىىفۇندا چاندۇرماي چىڭ-چىڭ گەپ قىلىپ قوياتتى. ئۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى ،ئۆزىنىڭ ئۆزىنى قاچان قايىل قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيىتتى .   
         ئەتىسى ئابلەت ۇنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ساڭا گېپىم بار دەپ يۈرۈپ ،گۈلناز بىلەن دىيىشىپ قويغان يەرگە باشلاپ ئاپاردى .
__ھە....!قارا ئاداش گۈلنازمۇ نىمە ئاۋۇ ؟
__،دېدى ئابلەت قەستەن ھەيران قالغان بولۇپ .گۈلنازنىڭ كۆزلىرى ياش ئىدى ،كېرەم ھودۇقۇپ كەتتى -دە ،دەرھال ئارقىغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى .
__كېرەم، توختاڭە سىزگە گېپىم بار .ئۇ تۇنجى قېتىم «كېرەم ئاكا» ئەمەس ،ئۇنى ئۆز ئىسمىدا چاقىرغان ئىدى .ئابلەت «مېنىڭ ئازىراق ئىشىم بار ئىدى »دەپ قويۇپ بىردەمدە غايىپ بولدى.
__بۇ...يەردە باركەنسىز... ھە ، م....مەن .__كېرەم گەپ قىلالمىدى .
__مەن بۇ يەردە سىزنى ساقلاپ تۇرغان ،سىز نىڭ ھەممە ئىشىڭىزنى بىلدىم ...،__گۈلنازنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئەگىدى .
__مەن ماڭاي ئىشىم بار ئىدى ،__،دەپ كېرەم ئارقىغا بۇرۇلىشىغا ،گۈلناز دەرھال كىلىپ ئۇنى كەينىدىن قۇچاقلىۋالدى .كېرەم ئادەم يوق بولسىمۇ ئەتراپىغا بىر قارىۋىتىپ ئۇنى ئاجىرتىۋىتەي دەپ تۇرۇشىغا ،ئۇ تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى -دە ،
__نىىشقا ھەممە گۇناھنى ئۆزىڭىزگە ئارتىۋالىسىز؟!مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،بۇرۇنلا ئاشۇنداق ئىدى ،مەيلى سىز ئۇسۇل ئوينىماڭ ،گاس گاچا ،ھەتتا مېيىپ بولسىڭىزمۇ مەن سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن ،مەن سىزنىڭ پەقەت پاك مۇھەبىبىتىڭىزگە مۇھتاج ،بۆلەك ھېچنىمىڭىز لازىم ئەمەس .سىز نىمە دىگەن دۆت، دۆ...ت!
.گۈلناز شۇلارنى دەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى .كېرەم ئاستا گۈلنازنىڭ قولىنى ئاجىراتتى-دە ،ئۇنى باغرىغا باستى ،ئۇ ئۆزىنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتاتتى .خۇددى قاتىىق ئاغرىۋاتقان يارىغا بىرسى نەھايتى ئۈنۈملۈك دورا بېرىپ ،ئۇنى ساقايتىۋەتكەندەك ،نىمىدىگەن تاتلىق ھىسيات -ھە بۇ!كېرەمنىڭ كۆز يېشى ئېقىشقا باشلىدى.
__كەچۈرۈڭ گۈلناز،سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ،مەن سىزگە بالدۇراق ھىسياتىمنى ئېيتىشىم كىرەك ئىدى ....
__بولدى دىمەڭ ،مەن پەقەت سىزگىلا مۇھتاج،بۇندىن كىيىن نىمە ئىش بولسا مەندىن يوشۇرماڭ ،مەن سىز بولسىڭىزلا ھاياتتەك يۈرۈيمەن،نەچچە كۈندىن بېرى سىزنى كۆرمەي بىر كۈننىڭ قانداق تەستە ئۆتكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ماڭا ۋەدە بېرىڭ ،ئەمدى مەندىن ئايرىلماڭ .
__مەن ۋەدە بېرەي ،ھەرگىز سىزدىن ئايرىلمايمەن ،سىزنى ئازابلىمايمەن .ئۆلگۈچە ...گۈلناز كېرەمنىڭ ئېغزىنى قولىدا ئىتىۋالدى-دە ،
__ئۆلۈم دىگەن گەپنى قىلماڭ -دېدى .
ئۇلار گەپ قىلماي ئاشۇنداق بىر -بىرىنى باغرىغا بېسىشتى  .      
شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ كېرەم ئازىراق ئەسلىگە كەلگەندەك قىلاتتى .ئۇ ئابلەتنىڭ بۇ ياردىمىگە كۆڭلىدە خۇشال بولغان ئىدى. نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇلار يەنە بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ كەتتى .بەلكىم مۇھەببەت كېرەمنىڭ يارا قەلبىنى ئازىراق بولسىمۇ يىنىكلەتكەندۇ  .
  شۇنىڭ بىلەن گۈلناز بىلەن كېرەم ھەركۈنى كەچتە بىللە ئۆگۈنۈش قىلدى ،قايتاشىدا بىر-بىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشتى . ئۇلار  كۈندۈزى يېقىن ماڭاتتى ،كۈندۈزلىرى ئادەم بار-يوق دىمەي بىر-بىرنى يالىشىپ ،كوچىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ بىر-بىرىنى قۇچاقلىۋالمىسا قېچىپ كىتىدىغاندەك قىلشىدىغان بىر جۈپلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر خىل چاكىنا ،ئىمانسىز ،ئەخلاقسىز ياشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش ئۇسۇلى ئىدى .
   كېرەمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى لۇ مۇئەللىم ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتى ،تۇيۇقسىز ئەنسىز سايرىغان تېلفۇن ئاۋازى تىنىچلىقنى بۇزدى.
   ــ ۋەي .....
   ئۇ تېلفۇننى قويۇپلا يۈگرەپ سىرتقا ماڭدى .ياتاق بىناسىدىن ئۆتۈپ ،بىر كىچىك ئورمانلىقنىڭ ئاستىدىكى چىملىققا دەسسەپ يۈگرەۋاتاتتى ،باشقىلار ئۇنىڭغا قاراپ، چوقۇم چوڭ ئىش چىققان ئوخشايدۇ  دەپ قالاتتى .ئۇ ھاسىراپ تىزلىكتە ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىگە كىردى-دە ،كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك باغلاقلىق تۇرغان كېرەم بىلەن ئابلەتنى كۆردى .ئۇلارنىڭ باشلىرى تۆۋەن  سېلىنغان ئىدى .
   ــ نىمە ئىش بولدى ؟ــ سورىدى لۇ مۇئەللىم جىددىيلا تەلەپپۇزدا .
   ــ بۇلار  باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ مەقسىتىگە يىتەلمىگەن  جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنماقچى .ــ دېدى ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لاۋمىڭ.
     كېرەم بۇ ئىشلارنى ئەمدى ئويلاپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدى،ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى.
   كېرەم ئابلەتنىڭ مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى چۈشكۈنلىشىپ كىتىپ بارغانلىقىغا دىققەت قىلدى .ئۇنىڭدىن سورىسا دەپ بەرمىدى .ئاخىرى بولالماي ئۇنىڭ بىلەن كەچتە بىللە تاماق يىيىشنى دىيىشتى.ئابلەت بۇ تاماقنىڭ ئورنىنى كۆل بويى قىلىپ بىكىتتى .
        بىرمۇنچە نەرسىنى كۆلنىڭ بويىدىكى دەرەخ ئاستىدىكى چىملىققا بىر كىچىك رەخىت ئۈستىگە تىزىپ ،ھاراقلارنىڭ ئېغزىنى ئېچىپ ،ئابلەت كېرەمنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى ،بۇ كۆل مەكتەپنىڭ ئەڭ مەنزىرىلىك يېرى ھەم بىردىنبىر كۆل بولۇپ ،بۇيەردە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىر جۈپ-بىرجۈپ بولۇپ ،مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى ،ئۇيغۇر بالىلارسانى ئاز بولغاچقىمۇ ياكى كىلىشنى خالىمامدۇ ئىشقىلىپ بۇيەرگە ئاز كىلەتتى ،ئۇلار پەقەت باشقا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇش قىلسىلا بۇيەرنى قاينىتىۋىتەتتى .
    كېرەم كەلدى ،ئۇ بۇيەردىكى ھاراقلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .كېرەم  ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيتتى ،ئابلەتمۇ باشقىلار كېرەمنى ھاراققا زورلىسا ئاچچىقى كىلىپ ئۆزى ئورنىغا ئىچىۋىتەتتى،ئىككەيلەن بىللە ئولتۇرغاندا بولسىمۇ  ھەرگىزمۇ ھاراقنى يېقىن ئەكەلمەيتتى . بۇنىڭلىق بىلەن كېرەم ئابلەتكە چوڭ بىر ئىش بولغانلىقىنى سەزگەندەك بولدى .
__نىمە ئىش بولدى ؟راست گەپ قىل ئاداش.كېرەم «دوستىخان»دا ئولتۇردى.
  ئابلەت نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزى ئەمدى بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن دەپ قارىغان  قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى .قىز دوستى ئاڭلاشقا قارىغاندا بىر تىلۋىزودا دائىم چىقىدىغان ئارتىسقا كۆيۈپ قاپتۇ ،ئۇ ئارتىس ئىككى خوتۇندىن ئاجىراشقان بولسىمۇ ،قىز يىغلاپ تۇرىۋېلىپ ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا توي قىلىپ ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بوپتىۇ.شۇڭا ئۇ قىز ئابلەتتىن ھەدىسىلا قۇسۇر تېپىپ ئۇرۇشۇپ ،ئاخىرى راست گەپ قىلىپتىۇ .ئۇ قىزنى ئابلەت راسا تىللىغان بولسىمۇ ،قىز يىغلاپلا تۇرۇپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئابلەت« بوپتۇ »دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كىتىپتۇ .ئابلەت بۇ قىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى ،شۇڭا بۇنىڭ ئازابىغا چىدىمىغان  ئىدى ، ئۇ بىرنەچچە بوتۇلكا ھاراق ئەكىلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارماقچى بولغان  ئىدى .
__ئاداش،گۈلنازنى چوقۇم قەدىرلە ،ئۇ ھەم ئەقىللىق ،چىرايلىق ،ئۇنىڭدەك قىزنى تاپماق تەس ،__دېدى ئابلەت يۇقارقى گەپلەرنى كېرەمگە دەۋېتىپ  .
__ماقۇل ،رەھمەت ئاداش ،مەن جىق گەپ قىلماي،ساڭا تەسەللى بېرىش بۇھالەتتە كار قىلمايدۇ  ،گەرچە مەن ھاراق ئىچىپ باقمىغان بولساممۇ بۇ دەرتنى سەن بىلەن تەڭ تارتىشقا مەن رازى .ماڭىمۇ قۇي ئاداش ،ئەتە يىشىلگەندە سەنمۇ جىق ئويلىما ،مەنمۇ شۇ .ۋاپالىق قىزلار ئۇنىڭ بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ .كىلە !ــ دېدى كېرەم ئابلەتنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ . ئابلەت  ئازابتىنمۇ ياكى كېرەمنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەندىمۇ كۆزلىرىدىن ياشلارئەگىدى .
  
                              ##########################

_تۇرە،ھەي ،ئويغىنە ،ھۇ نۇمۇسسىز گۇيلا .شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ يۈزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشتىڭ ،تۇرىشە . __،ئىككەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشتى ،قارىسا مەكتەپ مۇدىرى ،ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە بىر قانچە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇلارنىڭ بېشىدا قاراپ تۇراتتى .ئۇلارنى بىر ئامانلىقنى ساقلاش ئۆيىگە سولاپ قويدى . ئامانلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لاۋ مىڭ ئابلەت بىلەن خېلى چىقىشىپ ئۆتەتتى .ئۇتۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى -ۋە بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋىتىپ  ئۇلارغا قاراپ ئولتۇردى .   
ئەسلىدە بىر شۇ كۆلنىڭ بويىدا ياتىقى بار خەنزۇ قىزچاق يوقاپ كەتكەن پىستە ئىتىنى ئىزدەپ چىققان ئىكەن ،دەل ئابلەتلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئابلەتنىڭ كۆزىگە خۇددى قىز دوستىدەك كۆرنۈپ كىتىپتۇ ،ئۇ يۈگرەپ بېرىپ بىر قولىنى تۇتۇپ قىزنى دەرەخ كەينىگە سۆرەپتۇ ،قىز قورققىنىدىن قاتتىق چىرقىراپتۇ ،ئابلەت كېرەمگە ۋارقىراپ :
__ئاداش ئا قولىنى تۇتە ما بىرنىمىنى تازا بىر ئەدەپلەپ قوياي .   ئەس-ھوشى جايىدا بولمىغان كېرەم ئابلەتنىڭ دىگىنىدەك قىزنىڭ يەنە بىر قولىنى تۇتۇپتۇ ،ئابلەت قىزنىڭ يېڭىنى تۇتۇۋالغاچقا ،قىزنىڭ سىلكىشىى بىلەن كىيىملىرى يىرتىلىپ يىقىلىپ كىتىپتۇ -دە ئابلەت قىزنىڭ تۆپىگە ،كېرەم قىزنىڭ پۇتى تۆپىگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ ،بۇ چاغدا قىزنىڭ چىرقىرغىنىنى ئاڭلىغان يېقىندىكى چارلاۋاتقان ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى يۈگرەپ كېلىپ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارنى دەرھال تۇتۇپ ئەكەپتۇ .ھېلىقى قىز قورققىنىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ ،باشقىلارغا پەقەت« ئۇلار ماڭا چېقىلماقچى بولدى »دىيەلەپتۇ ،نەخ مەيداننى كۆرگەن ئامانلىق ساقلىغىۇچىلارمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىپتۇ .كىيىن مەكتەپ مۇدىرى ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىشنى قارار قىپتۇ ،لاۋ مىڭ ئادۇۋكات دوستى ئارقىلىق يول مېڭىپ يۈرۈپ ،بۇ دىلونى ئاران كىچىكلىتىپ ئۇلارنى مەكتەپتىن قوغلاپ تۈرمىگە سولىمايدىغان قىلىپتۇ .
    لاۋ مىڭ ھەممىنى دەپ بەردى ، لىكىن ئۇلار تېخىچە ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى .
ــ مەن بىلىمەن سىلەر ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلىدىغان بۇزۇق بالىلار ئەمەس ،مۇشۇ ھاراق نىمە چاتاقلارنى تېرىمىدى -ھە ؟ سەنلەر بۆلەك ئۇسۇل بىلەن ئاچچىقىڭنى چىقىرىشساڭ بولمامدۇ ؟ ئىستىقبالىڭنى نەچچە رومكا ھاراققا تىگشىشتىڭ .ــ دېدى ،لاۋمىڭ ئاچچىقىدا .لىكىن لاۋمىڭ كۆڭلىدە بۇلارغا كۆڭلىدە چىدىمايۋاتاتتى .
   چۈشۈممىكىن دەپ ئۆزنى چىمداپ بېقىشتى ،لىكىن رىئاللىق يەنىلا رىئاللىق دە ئۇلارنىڭ بېشىدا چاقماق چاققاندەك بولدى ،مۇشۇ تاپتا نۇرغۇن ئويلار .....،سىنىپ مۇدىرى كېرەمگە شۇنداق ئامراق ئىدى،ئۇنى چەتئەلدە ئوقۇش مومكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بولغان ئوقۇغۇچى دەپ ئۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى  ،ئۇمۇ ئىككىسىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغان ھالىتىگە قاراپ نىمە دىيىشنى بىلمەي قالدى .مەكتەپ رەھبەرلىرى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دىمەسلىك ،مەكتەپ ئىچىدە ھاراق ئىچىشنى چەكلەش ئۇلارنى تىزدىن مەكتەپتىن قوغلاش قارارىنى چىقاردى .       ئابلەتنىڭ پۇل چىقىرشى بىلەن ،ئۇلار تەييارلىق قىلىپ ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتى .بۇئىشلار شۇنداق تۇيۇقسىز بولغان ئىدى  كېرەم گۈلنازى بىلەن خوشلىشىالمىدى ،بارسىمۇ نىمە دەيدۇ ؟
       ــ كەچۈرۈڭ ،گۈلناز ،كەچۈرۈڭ .ــ كېرەم كۆڭلىدە توختىماي مۇشۇ سۆزلەرنى تەكرارلاۋاتاتتى.
   ئايرۇپىلان ئۈرۈمچى بىكتىگە كەلدى .ئابلەت قارامايغا ئۆيىگە ماڭدى .كېرەم« ئۈرۈمچىدىن بىر كىشلىك خىزمەت تاپارمەن»دەپ ئابلەت بەرگەن بەش مىڭ يۈۋەن پۇل بىلەن ئۈرۈمچىدە قالدى .
   ##########################################
     ــ ئاللاھ بەندىللىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ،يەنە بىر سى ئۆلۈپ كىتىپتۇ -دە ،ــ،دىيىشىپ باشقىلار كېرەمگە قاراپ ئېچىنغان ھالدا ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى . ئۇ بۈگۈن دوختۇرخانىدىن «ئەيدىز »دىگەن دىئاگنوزنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى . ئۇ تىترەۋاتاتتى، دوختۇرخانا ئامبولاتورىيە تېمىغا ئاران يۆلىنىۋالدى-دە ،كۆزلىرىدە يەنە ياشلار ئەگىشكە باشلىدى .ئۇ قانداقمۇ قىلار ؟  
    بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ .
       ئۇ ئۆيىگە كەتسىمۇ نىمە دەپ كىتەر ؟ گۈلناز قانداق بوپكەتكەندۇ ؟ مۇشۇتاپتا ئۇ گۈلناز بىلەن خوشلاشمايلا ماڭغان ئىدى ،خوشلاشسىمۇ نىمە دەر ؟ ئۇ ئازابلاندى .يىغلىدى ،لىكىن نىمە ئامال بولسۇن ؟گۈلنازغا نەچچە قېتىم تىفۇن قىلاي دەپ تىلفۇننى قولىغا ئالدى-يۇ ،يەنە قىلالمىدى ،بېيجىڭدا ئىشلەتكەن نۇمۇرنى بېڭجىڭدا ئايرىدرومدا تاشلىۋەتكەن ئىدى .       ئۇ تېرشىپ يۈرۈپ بىر ئامانلىق ساقلايدىغان ئورۇندىن خىزمەت تاپتى .بىرەر ئايدىن كىيىن ئابلەت تېلفۇن قىلىپ «دادىسىنىڭ ئۆزىگە چەتئەلدىن بىر مەكتەپكە سان ھەل قىلغانلىقىنى ،كېرەمگىمۇ يول مېڭىۋاتقانلىقىنى ،پات ئارىدا پۈتىدىغانلىقى»نى دېدى .لىكىن كېرەم بۇنى لايىق كۆرمىگەن ئىدى ،ئۇنىڭ ئۆزى چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈپ چەتئەلدە ئۆزىگە تايىنىپ ئوقۇغۇسى بار ئىدى .ئابلەتنىڭ شۇنچە زولاشلىرىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمىدى .    شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر تەرەپتىن ئېنگلىزتىلى ئۈگەندى ،بىر تەرەپتىن ئىشلىدى .گۈلنازنى ئويلىماسلىققا تېرشاتتى ،ئابلەتكىمۇ ئۆزى توغۇرلۇق گۈلنازغا بىرنىمە دىمەسلىكنى دىگەن ئىدى .   
       بىر كۈنى ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ قۇستى ،كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ ،قىزىتتى ،ئۇ بۇنىڭغا زۇكام دورىسى يەپ قويۇپ يۈرىۋەردى ,لىكىن ساقىيىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .بىر كۈنى ئۇ دوختۇرخانىغا كىلىپ تەكشۇرتتى .ئەتىسى كېرەم دوختۇرخانىغا كەلگەندە دوختۇرلار تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كىيىن  چۆچۈگەن ھالدا ،كېرەمنى چاقىرتتى .ۋە ئۇنىڭغا :
__بىز نەتىجىسىنى بۇنداق چىقار دەپ ئويلىمىغان ئىدۇق .لىكىن ئەپسۇس ،سىزنىڭ ئىددىيڭىزدە تەييارلىق بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمىز .دېدى دوختۇر ھىسداشلىق قىلغان قىياپەتتە .
__نىمە بوپتۇ دوختۇر ،مەن نىمە كسەل بوپتىمەن ؟مەن كۆتۈرەلەيمەن ،دەڭ ،__ئەكرەم بىر ئاز خاتىرجەمسىزلەندى .
__سىز ئەيدىز بوپ قاپسىز ،بۇ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەن ......     
قالغان گەپلەر ئۇنىڭ قۇلقىغا كىرمىدى ،كاللىسىغا بىر نىمىدە ئۇرىۋەتكەندەك ھىس قىلدى .
         ياتىقىغا قانداق كىرگەنلىكىىمۇ بىلمىدى .بىر نەچچە يىللق ھاياتى قالغانلىقىنى ئويلاپ .ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ،نەقەدەر تاتلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى ،ئاتا-ئانىسى ،گۈلناز ،ئابلەت ...،كىچىچە ئۇ ھەممەيلەننى بىر قۇردىن ئويلاپ چىقتى .ھاياتىنى قەدىرلەي دېدى ،لىكىن قانداق قەدىرلەيدۇ .قېرىشقاندەك ئەتىگەندە تېلفۇن كىلىپ ئۇنىڭ ئىشتىن بوشتۇلغانلىقىنى ،شىركەتنىڭ ئوقۇش تارىخىغا ۋە خىزمەت ۋاقتىغا قاراپ خادىم قىسقارتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى .ئۇنىڭ كۈلگۈسى كەلدى ،ئۆزىنى شۇنداق نەس باسقانلىقىغا ھەيران قالدى .
     ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولغان ئىدى ،ئانىسىنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرى ،دادىسىنىڭ شۇ قامىتى ،قىلغان ۋەزنىلىك نەسىھەتلىرى ،گۈلنازنىڭ ئوماق كۈلكىسى ،كىچىك سىڭلىسىنىڭ شوخ ئەكىلەشلىرى ھەممىسى ئۇنى ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ قوينىدىن تارتىشقا تېرشىۋاتاتتى ،نەچچە كۈن ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئازىراقمۇ بولسا مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى   ،ئالدى بىلەن خىزمەت تېپىپ ئاتا-ئانىسىغا ئاز تولا پۇل تېپپ ئىۋەتىپ  بېرىشنى ئويلىدى .ئۇ بىلىدىغان يەرنىڭ ھەممىگە باردى .ئۆزى يازغان ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتنىنى ۋە باشقا ماتىرياللارنى ئېلىپ توپتوغرا بىر ھەپتە خىزمەت ئىزدىدى ،كۆپ ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ،بەزىلەر مىللەت چەكلىمىسى بارلىقىنى ،بەزىلەر تىل بۈلىدىغانلارنى ،ئىشقىلىپ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۇنى ياندۇرىۋەتتى .يەنە شۇ ئۈمىدسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ،ئادەم چىدۇغىسىز سوغۇق قاراشلار ۋە ھاۋا ، ئۇ كوچىدا مۇشۇلارنى ئويلاپ مېڭىۋاتاتتى .ئەسەرنىڭ بېشىدا سۆزلىگەن مەنزىرە دەل ئۇنىڭ خىزمەت ئىزدەپ چىققان يەتتىنجى كۈنى ئىدى .
      ئۇ ئىجارە ئالغان ئۆيىگە كىلىپ ،سومكىسىى تاشلىدى-دە ،قېلىن كىيىملىرىنى قالايمىقان تاشلاپ قويۇپ باشلىرىنى تۇتۇپ ،يىغلاپ كەتتى ،ئاستا تۇرۇپ ئەسلىدىكى كۈندىلىك  ئادىتى بويىچە ،تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشقا باشلىدى .ئوقۇپ بولۇپ جاينامازدا يىغلاشقا باشلىدى .بۇنچە قەيسەر ،بۇنچە ئەقىللىق بالا ،مۇشۇنداق تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن نىمە كۈننى كۆرىۋاتىدۇ-ھە! !ئۇ كىتابلاردا ،تورلاردا زەھەر چەككەنلەرنىڭ مۇشۇ كۈنلەرگە قالىدىغانىقىنى ئوقۇغان ئىدى،لىكىن ئۇمۇ بۇرۇنقى ئاشۇ بەزمىخانىدىكى بىر كۈن ئۆز ئىختىيارىدا بولماي قىلىپ قالغان ئىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەندەك قىلىۋاتاتتى .
       ئۇ ۋاز كەچسۇنمۇ ؟ بالدۇرراق ئۆلىۋالسۇنمۇ ؟ ئۇ ئۆىنى تۇتىۋالدى ،ئۆز -ئۆزىگە دادىسىنىڭ تەربىيسى بويىچە نۇرغۇن قېتىم«سەۋىر قىل »دەپ ئەسكەرتتى، لىكىن كۆڭلىدىن چىقىۋاتقان ئازابلىق تۇيغا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۈمىدسىزلىنىشكە ئاجىزلىققا سۆرەۋاتاتتى ،ئۇ نىمە قىلىشنى پەقەتلا بىلمىدى .بېشى ئېغىر ،يۈرىكى ئاغرىۋاتاتتى .ئۇ
سىرتقا چىقىپ ئازىراق سەي ئەكىرمەكچى بولدى،پەلەمپەيدىن چۈشەي دەپ تۇرۇشىغا توشەي ئايىغى بىر يەرگە ئىلناشتى -دە ،يەنە بىر پۇتى پەلەمپەي قىرىغا ئىلنىشىپ ،يىقىلىپ كەتتى .
    كۆزىنى ئاچقىنىدا گۈلناز دوختۇرخانىدا  ئۇنىڭ يېنىدىكى كارۋاتتا   ياتاتتى ، ئۇ گۈلنازنىڭ  گۈزەل چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى   .ئۇ ئۆزىنى مۇنداق تىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كتەر دەپ ئويلىمىغانلىقىغا ئىقرار ئىدى ،چۈشىمىدۇ يە ؟ ئۇ كۆزلىرىنى يۇمدى -دە، قولىنى يىنىك كۆتۈرۈپ بىلىنى  چىمداپ كۆردى ،ئاغرىقنى سەزدى .
ــ پاھ ،مەن ئۆلمەپتىمەن ،ئۇنداقتا كۆز ئالدىمدىكى گۈلنازمۇ ؟ مەن يەنە بىر كۆزۈمنى ئېچىپ قاراپ باقايچۇ ،ــ دەپ ئويلىدى -دە ،كۆزىنى ئېچىپ باقتى . راستىنلا گۈلناز ياتاتتى .
ــ گۈلناز ،سىز.....ــ،كېرەم يەنە گەپ قىلاي دىدى-يۇ يەنە گەپ قىلالمىدى .ئۇ بەكمۇ ماغدۇرسىز ئىدى .
ــ ئاۋال ياخشى ئارام ئېلىڭ ،قالغىنىنى سىزگە ساقايغاندا دەيمەن .ــ دېدى گۈلناز ئۇنىڭغا خۇمارلىق كۆزلىرىنى تىكىپ .
     يەنە جىمجىت قارىشىش باشلاندى ،بەلكىم كۆز گەپ قىلالايدۇ ،دىگەن گەپ راستتۇ،ئۇلار خۇددى نەچچە ئون يىل كۆرۈشمىگەن كۆزلىرى ئارقىلىق پاچاڭلاشماقتا ئىدى .
        ئۇ گۈلنازغا ھەممە گەپنى دىگۈسى كەلدى ،لىكىن يەنە توختاپ قالدى ،ئىشقىلىپ تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز نۇرغۇن ھىسياتلار ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىدى .
        ئۈچ  ھەپتە داۋالانغاندىن كىيىن ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىقتى ، ئاڭغىچە ئابلەتمۇ يىتىپ كېلىپ كېرەمنى كۆرۈپ ،كېرەمنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلەپ ،قېيمىغان ھالدا خوشلىشىپ چەتئەلگە ماڭغان ئىدى .
          گۈلناز ئەسلىدە كېرەمنىڭ مەكتەپتىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن ،ھەممە يەرنى ئىزدەپتۇ ،لىكىن تاپالماپتۇ . ئابلەتتىن تىلىفۇندا كېرەم توغۇرلۇق ھەممە ئىشنى يىغلاپ تۇرۇپ سوراۋەرگەچكە ،ئابلەت چىدىيالماي ھەممىنى دەپ بەرگەن ئىدى ،گۈلناز نەچچە ئاي ئۆپكە كىسىلى بولۇپ يېتىپ قالغاندىن كىيىن ،ساقىيىپلا ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ ،دەل كېرەمنىڭ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپ قوشنىسىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان ۋاقتىدا كۆرگەن ئىدى .ئۇنىڭدىن قان بەك جىق چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ،دوختۇرخانىدىن ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا قان لازىم  بولۇپ ،گۈنازنىڭ قېنى دەل ماس كەلگەن ئىدى . شۇڭا كېرەم گۈلنازنىڭ قېنى بىلەن ھايات قالغان ئىدى .
كېرەم  تۇيۇقسىز  قولىدىكى تىلفۇننى تاشلىۋىتىپ پۈتۈن ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىۋەتتى -دە ،گۈلنازنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى .كارىدوردىكى بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان بىمارلار باشلىرىنى چىقىرشىپ «نىمە بولغاندۇ ؟» دەپ قارىشىۋاتاتتى .
دوختۇر يۈگرەپ كىلىپ ،
ــ نىمە بولدىڭىز ؟ بۇيەر بالنىسىت ،جاڭگالدا قالغاندەك ۋارقىرسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ــدېدى قاپىقىنى تۈرۈپ .
ـــ مەن ئەيدىز ئەمەسكەنمەن دوختۇر ،قەدىرلىكىم گۈلناز ،مەن ئەيدىز ئەمەسكەنمەن ،دىئاگنوز خاتاكەن ،مەن پەقەت زۇكام ئىكەنمەن ،پاھ ،مەن يەنە ياشايدىكەنمەن ،مەن ئەمدى ياخشى ياشايمەن .ـــ دەپ ھاياجاندا دېدى كېرەم .
ــ ياخشى بوپتۇ ،ئۆيگە بېرىپ ئارام ئېلىڭ ،ــ دېدى دوختۇر .
باشقىلارمۇ خۇددى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولغاندەك قىلاتتى.گۈلنازمۇ نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولالمايلا كېرەمنىڭ يوغان قوللىرى ئارىسىغا ئېلىنىپ باغرىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان ئىدى .
   ـــ ماڭا تەقدىر چاقچاق قىلىۋاتىدۇ گۈلناز ،ــ دېدى كېرەم تاكسىدا يېنىدا ئولتۇرغان گۈلنازغا قاراپ .
ـــ ئاللاھقا مىڭ شۈكرى كېرەم ،مەن يەنە سىز بىلەن بىرگە بولالىشىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى بەكمۇ  بەخىتلىك ھىس قىلىمەن .
ــ بىز ئاللاھ خالىسا توي قىلىمىز ،سىزنى ئۆز ئەمرىمگە ئالىمەن .ــ دېدى  كېرەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .

                            (خاتىمە)
   تەقدىرنىڭ چاقچىقى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشامدۇ ياكى يەنە بارمۇ ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .  لىكىن يەنە شۇ ئىتقاد، مۇھەببەت ،ئۈمىد ،ئىشەنچ بىزنى مۇشۇنداق چاقچاقلاردىن قۇتقۇزدىغانلىقىغا ئىشەنسەكلا دۇنيادا بەخىتلىك ئىنسانلار ئارىسىغا كىرىشكە قەدەم باسقان بولىدىكەنمىز .
           
   «خاتا باسقان يول » ناملىق ئەسىرىم ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ يېزىلدى .
               
                     2013.04.13            
                            (تىيەنجىن)
     


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 09:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94756
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:17:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
به ك ته سىرلىك يىزىپ سز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79293
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3227
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك جىقكەن مەن باشقا كۈنى تەپسىلى ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 02:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمدى ئۈتىن بىرىنى كۆرۈپ بوپتىمەن. ئاخىرغىچە كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاس يازاي بولمىسا خاتالىشىپ قالماي يەنە

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 735
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 05:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 06:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ته سىرلىك يىزىپسز

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 07:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش ،بۇ ئەسەرنىڭ باشلىنىشى شۇنداق ياخشى باشلىنىپتۇ ،مەزمۇنىمۇ خىلى ياخشىكەن !
ئاتىگاچىلىق قىلدى دىمە ،بەزى يەرلەر تۇمتاقلا بوپ قالغاندەك قىلىدۇ ،مەسىلەن كىرەمنىڭ ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقىغا باشتىكى مەزمۇن ئىسپات بولىدۇ ،بىراق ئاخىردا ئۇنىڭ مەن ئەيدىز ئەمەسكەنمەن دىگىننى ھىچقانداق ئاساسسىز بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم .يەنە ئاداش ،بۇ ئەسىرىڭ ‹خاتا باسقان يول ›دىگەن ئىسىم تازا ماس كەپتىكەنتۇق ،نىمىشقا دىسەڭ ‹تەغدىرنىڭ چاقچىقى ›دىگەننى كۆرگەندە بۇ بىر تىراگىدىيە ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ ،بىراق بۇ ئەسەر تىراگىدىيە ئەمەس .

ئاداش ،سالايىتىم توشمىسىمۇ ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ قويدۇم ،كۆڭلۇڭگە ئالما جۇمۇ !
ئاللا ئەجرىڭنى بەرسۇن !سالامەت بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3644
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 08:40:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك جىقكەن.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6643
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 37167
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2889 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 09:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرىلىشى،پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك تەسۋىرىلرى ياخشى ماسلىشىپتۇ،ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى چىققان ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.....
يەنىمۇ تىرىشىڭ.....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

شەرق ھۆرلۈكى...

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74574
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 06:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تەغدىر ھەقىىەتەن ئېغىر چاقچاق قىپتۇ جۇمۇ... ماڭىمۇ بەزىدە چاقچاق  قىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ئېغىر قىلمىغاي...

مۇبادا دۇنيادا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم قالسا ،ئۇ مېنىڭ بالام بولۇشى كېرەك....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش