ئەسسالامۇئالايكۇم ئەزىزلەر :
يىللار ئىلگىرى ئاددىيلا ئورۇنلىنىپ ، ئاددىيلا سىنغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئۈچۈن ناملىق ناخشا ھوزۇرۇڭلاردا :
ئۇيغۇر ئۈچۈن
تىكىستى
: تۇرسۇنبەگ ئارسلان
موزىكىسى
سوراپ باقاي ۋەتەن دەيسەن ،
نىمە قىلدىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ؟
نەزەر سالسام مىللەت دەيسەن ،
نىمە قىلدىڭ مىللەت ئۈچۈن ؟
ئەلنى سۆيگىن ئەجرىڭ بىلەن ،
ساڭا ئەلدىن سالام بولسۇن .
ئەل -يۇرتۇم دەپ تەر تۆككەنلەر ،
ئەزىز بولسۇن ،ئامان بولسۇن .
ئۇيغۇر دىگەن ئۇلۇغ مىللەت ،
ئوغۇل -قىزى ياش تۆكمەيدۇ .
ماڭا ھامان ئىشەنچ بىلەن ،
ئۇيغۇر ئىزى يوقالمايدۇ .
ئىلاۋە : ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم يۇرت خەلقىگە ئامان -ئىسەنلىك تىلەش قاتارلىقلار ھەرقانداق بىر نۇرمال ئىنساندا بولىدىغان تۇيغۇلاردۇر ، ئالايلۇق ۋەتىنىمىز ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى ، مىللىتىمىز ئۇيغۇر . ۋەتىنىمىزنى سۆيىمىز ، ۋەتىنىمىز شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ، مىلللىتىمىزنىڭ ئاسيىشلىق كۈنلىرىنى ، تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەش بۇ ھەربىر ئىنساندىكى ئەقەللىي بىلىش ھەم ئىنتىلىشتۇر ، ناخشا پەقەت ۋەتەن -خەلىقنى قۇرۇق شۇئار بىلەن ئەمەس ،ئىجتىھاد بىلەن ، تىرىشچانلىق ، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن سۆيۈشنى ،ئۆمىد-ئىشەنچلىك ،تىرىشچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلغاندۇر ، شۇڭا تورداشلارنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىنكاسلارنى يېزىشتىن ساقلىنىشىنى ئۆمىد قىلىمىز ، رەھمەت !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-16 08:12 PM