مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 4

تاشقى پىرۋۇت ۋاكالىتچىلىرىنىڭ كۆپتۇرمىچىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7556
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 05:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تاشقى پىرۋۇت ۋاكالىتچىلىرىنىڭ كۆپتۇرمىچىلىكى


   مەن تاشقى پىرۋۇت بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان زىيانمۇ تارتىپتىمەن پايدىمۇ ئاپتىمەن ،كۆپرەك ئالتۇن كۈمۈش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغاچقا ، بىر مەزگىل مەلۇم ئۇيغۇر شىركەت ۋاكالەتچىلىكىدىكى ئالتۇن كۈمۈش كاپالەت نەخ مال سودىسى بىلەن شۇغۇللاندىم .
  ئاقىۋەتتە ھىساپ پارتىلىتىپ ،زىيان تارتتىم ئاندىن زىيىنىمنى ئىزلىۋىلىپ بۇ كاپالەت نەخ مال سودىسىن بەدەر قاچىتىم .يىقىندىن بۇيان كۆپ قىسىم قىرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر شىركەتلەر ئارىسىدا كاپالەت نەخ مال سودىسىغا ۋاكالەتچى بولغان دوستلىرىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپتۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ ،ئۇلارنى مەۋھۇم پايدىغىلا قىزىقتۇرۇپ ھىساپ پارتىلاشتەك ئالاھىدىلىكنى يۇشۇرۇپ ۋە ياكى يۇزەكىلا چۇشەنچە بىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئازغىنە پۇلىغا كۆز قىزارتىۋاتىدۇ ،ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا شۇ تاشقى پىرۋۇت ۋاكالەتچىلىكىدىن ئۇنچىلىكمۇ كۆپ پايدا قالمايدۇ ، ئەمما شۇ كىچىككىنە پايدىنى دەپ ئۆزىنىڭ قىرىندىشىنىڭ زىيان تارتىشى ،ئاچچىق ئازابىدا ئوتقا چۇشكەن قىلدەك تولغىنىشى بىلەن قىلچە كارى بولمايۋاتىدۇ .
  تىخى يىقىندا بىر قىرىندىشىمىزنىڭ نالىسىگە قولاق سالدىم : ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ تور ئارلاۋىتىپ مەلۇم تاشقى پىرۋۇت ۋاكالەتچىسىنىڭ توربىكىتنى زىيارەت قىلىپتۇ ،ئۇنىڭدا نەچچە مىڭ يۇەن بىلانلا نەچچە كىلو ئالتۇننىڭ سودىسىنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى پۇل تاپماقنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقى ،ئەگەر شۇ ۋاكالەتچىدىن ھىساپ ئاچسا ،سودا جەھەتتىن يىتەكلەپ ،پايدىغا يۇزلەندۇردىغانلىقى يىزىلغانىكەن .ئۇ دوستىمىز قىزىقسىنىپ شۇ ۋاكالەتچىگە تىلفۇن ئۇرۇپتۇ .قارشى تەرەپ ھەقسىز ھىساپ ئاچىدىغانلىقى سودا جەھەتتىن يىتەكلەپ دەرس ئۈگىتىدىغانلىقى نەچچە مىڭ يۇەن بىلەنلا نەچچە يۇز گىرام ئالتۇننىڭ نەچچە كىلو كۈمۈشنىڭ سودىسىنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى سۆزلەپتۇ . نەتىجىدە تىخى ئەمدىلا توي قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداش غىمىدە يۇرگەن بۇ يىگىت مەزكۇر ۋاكالەتچىدىن ھىساپ ئىچىپتۇ .باشتا 5000يۇەن بىلەن خىلى ئوبدانلا پايدا ئاپتۇ ،ئەمما كىيىن بازارنىڭ چوڭ تەۋرىنىشىگە ئۇچراپ قىلىپ زىياننى تىزگىنلىگۇچە ھىساۋاتى پارتلاپ كىتىپتۇ .ئۇ نىمشىقا بۇنداق بولدىغانلىقىنى ھىلىقى ھىساپ ئىچىپ بەرگەن ۋاكالەتچىدىن سورىغاندا ، ئەسلى مەبلەغ يىتىشمىسە پارتلايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ .ئۇ زىياننى تولۇقلىۋىلىش ئۇچۇن باشقىلاردىن قەرز ئلىپ يەنە 10000يۇەنلىك سودا قىپتۇ .ئۇ سودا قىلغانسىرى زىيانغا مىڭىپ ئۇ 10000يۇەنمۇ يوق بوپتۇ .ئاتالمىش سودىغا يىتەكلەيدۇ ،كۇندىلىك ئانالىز يوللىنىدۇ دىگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىر قىتىملىق قارماققا ئىلىندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىپتۇ .
  قىسقىسى ئۇ باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ زىيىنىمنى تولۇقلايمەن دىگەنسىرى ئەكسىنچە تىخىمۇ زىيانغا پاتتى .كىشىنىڭ تىخىمۇ غەزىپىنى قوزغايدىغان يىرى شۇكى ،ھىلىقى ۋاكالەتچى زىيان تارتىشنىڭ ھەممىنى ئۇ قىرىندىشىمىز دۆڭگەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھىساپ پارتلايدىغان تەرىپىنى دىمىگەنلىكىنى بوينىغا ئالمىغان .شۇنداق قىلىپ بۇ قىرىندىشىمىز 15000يۇەن زىيان تارتقان .
  ئاخىردا دەيدىغىنىم ،تاشقى پىرۋۇت سودىسىغا ۋاكالەتچىلىك قىلىش يامان ئىش ئەمەس ،ئەمما قانداقتۇر شۇ تاشقى پىرۋۇت سودىسىدا ھىساپ ئاچقان كىشىلەرگە ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ،ھەقىقى كۆرىنىشىنى بىلدۇرسە ،ھىساپ ئاچقۇچىلارمۇ ئۆزىنى دەڭسەپ ئىش قىلاتتى .ھىچنىمىدىن بىخەۋەر ھىساپ ئاچقۇچىلارغا پايدىلا ئالغىلى بولدىغاندەك خۇددى زىيان تارتمايدىغاندەك ھىساپ پارتلىمايدىغاندەك ھەددىدىن زىيادە كۆپتۇرۇپ تەشۋىق قىلىشى نۇرغۇن قىرىنداشلىمىزنى ئوچۇقلا ھاڭغا ئىتتىرگەنلىك بىلەن باراۋەر .شۇڭلاشقا دوستلىرىمىزنىڭ بەك ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قىلغۇسى بارلارنىڭ سودا سانائەت بانكىسى ۋە قۇرۇلۇش بانكىسىدىن نەخ ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .قىرىنداشلىرىمىزنى يەنە ئەسكەرتىمەنكى ،كاپالەت نەخ مال سودىسىغا ھەرگىز يىقىن كەلمەڭ ،بولمىسا ئۇ سىزنى چوقۇم ئوڭدا قويىدۇ ...


         مەنبەسى : ئۆزۇم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 05:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94787
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 07:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھەق ئىشلارنى كۆرگەندە ئىككى ئېغىز ئەسكەرتىش بولسىمۇ بېرىپ قويىدىغان كىشلەر كۆپىرەك بولسكەن دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 09:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىياننىڭ ئىقىپ توختاش نۇقتىسى قەيەر ياكى قايسى شەخىسنىڭ ياقچۇقىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89447
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 09:52:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ ئۆز قېرىدىشىنى ھاڭغا ئىتتىرىپ ، كۆڭلى تاتامدىغاندۇ شۇ پايدىنى خەجلەشكە…

مەسئۇلىيەت ئۈزىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75516
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:29:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر مەنپى سودا ئاخىرى زىيان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ،كىرىپلا قالسىڭىز قىمارغا ئوخشاش چىقالمايسىز ،
بىز بىرىنجى ئەۋلات تاشقى پروۋوت ئوينىغۇچىلار ھەممىمىز  ۋەيران بولغان ،قېرىنداشلارنىڭ يىراق تۇرشىنى ئەسكەرتىمەن ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش