كۆزياش بىلەن تولغان ئەرز، جاۋاپكارغا ئارتتى قەرز
ئەنۋەر ئىبراھىم ، گۇلزار ئەخەت
ئادىلە 14يىلدىن بۇيان خۇشاللىقتىن خاپىلىقى ئېشىپ كەتكەن ئەر-خوتۇنچىلىق ھاياتىنى مۇشۇ ئەرز بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. ئۇ سوتتا كۆز ياشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئەرزىنى دادىل بايان قىلدى:
-ئەسقەر بىلەن ئىككىمىز 1998-يىلى ئۆزىمىز تۇنۇشۇپ توي قىلدۇق. شىرىن ئايلار قىزغىن داۋاملىشىپ 1999-يىلى قىزىمىز قەلبىنۇر تۇغۇلدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئائىنىڭ يۈكى ئېغىرلاشسىمۇ يولدىشمنىڭ ئائىلىگە بولغان مۇھەببىتى سۇسلىشىقا باشلىدى. ئۇنىڭ بىپەرۋا مەسئۇلىيەتسىز مىجەزىنى سەزسەممۇ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ ئائىلىنى رۇناق تاپقۇزۇشقا تىرىشتىم. 2006-يىلى ئاتا-ئانامنىڭ ياردىمى بىلەن بازار ياقىسىغا 5 ئېغىزلىق پششىق قىشلىق ئۆي سالدۇق. 2007-يىلى مىنىڭ نامىمدا 72000يۈەن قەرز بىجىرىپ بىنا ئۆي ئالدۇق. مەن شۇنچە تىرىشقانسىرى يولدىشىم مەندىن يۈز ئۆرۈپ ئاخشاملىرى ئۆيگە كىرمەيدىغان بولىۋالدى. ئۇرۈمچىگە بېرىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ياتساممۇ، ساقىيىپ كەلسەممۇ تونۇش ئادەمچىلىك ھىسداشلىق قىلىپ باقمىدى. مەن ناھىيە بازىرىدا ئۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچى بولغاچقا بىللە تۇرۇش شارائىتىمىز قۇلايسىز بولدى. ئۇنىڭ بېرىپ كىلىشىگە ئاسان بولسۇن دەپ 60000يۈەنگە تۇرمۇش ماشىنىسى ئالدۇق. ئورتاق تۇرمۇشقا شۇنداق كۆيۈنسەممۇ ئۇ ئۆز مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى قىز بىلەن تېپىشىۋاپتۇ. مەن بىنا ئۆيدە ئۇنى ساقلاپ ئۇخلىماي ئولتۇرسام ئۇ ئىككىسى زىمىن ئۆيىمىزدە بىللە قونۇپ بۇزۇقچىلىق قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئىستىلى بۇزۇلۇپ 2010-يىلى 11-ئايدىن بۇيان ئۆيگە دەسسەپ باقمىدى. شۇڭا جاۋاپكار بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم. قىزىمنى مەن باقىمەن. دادىسى بالا 18ياشقا توشقىچە ھەر ئايدا 1380يۈەندىن بىقىش ھەققى بەرسۇن. ئوتتۇرمىزدىكى ئىككى ئۆي ۋە سەرەمجانلىرىنى، 205000يۈەن ئورتاق قەرزنى سوت قانۇن بويىچە تەخسىملەپ قويسۇن. جاۋاپكار 3- شەخسكە بۇزۇلۇپ ماڭا روھىي ئازاپ كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن 40000يۈەن تۆلەم بارسۇن.
جاۋاپكار ئەسقەر ئايالىنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئاجرىشىش، بالىنى بېقىش تەلىۋىگە ئاكتىپ قوشۇلغان بولسىمۇ ئىقتىسادي جەھەتتىكى مەسىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلدى.
ئادىلە بىلەن ئەسقەر ئۆزلىرى تونۇشۇپ قانۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىى ئورنۇتۇپ بالىلىق بولغاندىن كىيىن مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەلملىنىپ ئىجىل-ئىناق ئۆتىشى كىرەكى. ئائىلىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بالىسىنى بىللە بېقىپ تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇپ مېھرى مۇھەببەتتىن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ ئورتاق تۇرمۇشنىڭ پارلاق كېلىچىكنى بىللە كۈتىۋالسا ياخشى بولاتتى. لىكىن ئەسقەر يېزىدىكى مەكتەپتە ئىلەۋېتىپ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقنى توغرا بىر تەرەپ قىلماي،بىللە ئىشلەيدىغان باشقا بىر قىز بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەت باغلاپ مېھرى-مۇھەببەتلىك، قانۇنلۇق ئايالىغا ساداقەتسىزلىك قىلغان. ئائىلىسى، بالىسىغا مەسئۇل بولمىغان. ئادىلەنىڭ داۋالىنىشىغا ماسلاشمىغان.3–شەخس بولغان قىزمۇ ياقا يۇرتلۇق بولۇپ مەكتەپتە قونۇپ ئىشلەش سەۋەبلىك ئەسقەرگە يېقىنلىشىپ ئائىلىنى بۇزۇشتىن يانمىغان. ئەسقەرنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى زىمىن ئۆيىدە ئىككىسى كېچىسى بىللە ياتقاندا ئادىلە تۇيۇپ قېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئىككىسى نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قېلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان. بۇ سەتچىلىك تۈپەيلى ئەسقەر ئادىلەگە ناماقۇل بولماستىن ئۇرۇپ زەخمىلەندۇرگەن. مائارىپ تارماقلىرى ئەسقەرنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان. تەرەپلەر بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە ئورتاق مۈلۈك بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە ئورتاق قەرز شەكىللەندۈرگەن. ئورتاق مۈلۈكتىكى كىچىك ماشىنىنى دەۋاگەر سېتىپ خىراجەت قىلغان. تەرەپلەرنىڭ ئاجرىشىش، بالىنى بېقىش جەھەتتىكى پىكىرى بىردەك بولغاچقا، ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىپ ئۆي تۇتۇشقا يىتەكلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى.
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقارقى پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ دېلوغا 2012-يىلى11-ئاينىڭ 20-كۈنى قانۇن بويىچە 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى :
1. دەۋاگەر ئادىلە سەمەت بىلەن جاۋاپكار ئەسقەر قۇربانلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى.
2. تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى قەلبىنۇرنى دەۋاگەر ئادىلە بىقىپ تەربىيلەيدۇ. جاۋاپكار ئەسقەر دەۋاگەر ئادىلەگە قەلبىنۇرنى بېقىپ تەربىيلەش راسخوتى ئۈچۈن، ئايرىلىپ تۇرغان 2010 -يىلى 10-ئايدىن باشلاپ قەلبىنۇر 18 ياشقا توشىدىغان2017-يىلى 11-ئايغىچە ھەر ئايدا1200يۈەن بىرىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىللىق راسخوت 28000 يۈەننى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان ھامان بىرىدۇ. جاۋاپكار ئەسقەر قىزى قەلبىنۇرنى ئوقۇشى، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمەيدىغان ئەھۋالدا ا ئايدا بىر كېچە كوندۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ.
3. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدكى ئورتاق مۈلۈكتىن دەۋاگەر ئادىلە 121900 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش زىمىن ئۆيگە، ئىككى ئۆيدىكى تېلۋىزور، كارۋات قاتارلىق 6020يۈەن قىممىتىدىكى ئۆي سەرەمجانلىرىغا ئىگىدارلىق قىلىدۇ. جاۋاپكار ئەسقەر 152620 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش بىنا ئۆيگە ئىگىدارلىق قىلىپ دەۋاگەر ئادىلەنىڭ ئورتاق مۈلۈكتىكى ئۈلۈشى ئۈچۈن 40000 يۈەننى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر ئاي ئىچىدە بىرىدۇ.
4.جاۋاپكار ئەسقەر دەۋاگەر ئادىلەنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 3618.50 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان بىرىدۇ.
5. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورتاق قەرز 102554.05 يۈەندىن دەۋاگەر ئادىلە 51274.02يۈەننى، جاۋاپكار ئەسقەر 51274.03 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ ئىككى ئاي ئىچىدە ئادا قىلىدۇ.
6 . باھالاش ھەققى 4000 يۈەننى تەرەپلەر تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
7. دەۋاگەرنىڭ روھىي ئازاپ تۆلىمى توغرىسىدىكى تەلىۋى رەت قىلىندى.
دەۋاگەر ئادىلە يۇقارقى ھۆكۈمگە قايىل بولماي قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە گۇناسىز تەرەپكە ئىتىبار قىلىش خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ بەدەل تۆلەش پىرىنسىپى بويىچە مال مۈلۈكنى قايتا تەخسىملەپ بىرىشنى ۋە روھىي ئازاپ تۆلىمى توغرىسىدىكى تەلىۋىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق ئەرزى بەردى.
قەشقەر چىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا 2013-يىلى 3-ئايدا ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ ئاخىرقى ماددىسىنى ئۆزگەرتىپ دەۋاگەرنىڭ روھىي ئازاپ تۆلىمى تەلەپ قىلىشى يوللۇق دەپ قاراپ جاۋاپكار ئەسقەر دەۋاگەر ئادىلەگە روھىي ئازاپ تۆلىمى ئۈچۈن 4000 يۈەن بىرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
بۇ ئاجرىشىشتىن ئەسقەر نىمىگە ئىرىشىپ نىمىدىن قۇرۇق قالدى؟ ئىرىشكىنى 3-شەخسنىڭ « مۇھەببىتى» بولسۇن. مەھرۇم بولغىنى تۇنجى ئايالىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەنت مۇھەببىتى بولدى. ئادىلەگە تۆلەيدىغان ۋە باشقىلارغا قايتتۇرىدىغان 122 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بار تېخى. 3-شەخسنىڭ تويلۇقى قانچىلىك بۇلا؟ يۇقارقى قەرزلەرنى بىللە تۈگىتىشكە ئۇنىڭ مۇھەببىتى بەرداشلىق بىرەلەمۇ؟ بۇنىڭغا كەلگۈسىدىكى رەھىمسىز رىئاللىق ھۆكۈم چىقارسۇن .بەلكىم ئۇنىڭ پۇل قەرزى تۈگىسىمۇ ئەسلى ئايالى، پەرزەنتى ئالدىدىكى مىھرى مۇھەببەت قەرزى قاچان تۈگە؟! ( كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
( ئاپتۇرلار يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-16 04:50 PM