مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 868|ئىنكاس: 7

مارشال:مائارىپچى ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42321
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8585 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مائارىپچى ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ بىلەن سۆھبەت



ئاپتۇرنىڭ ئىلاۋەسى:مائارىپچى،يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئاكام بىلەن مەۋھۇم تور دۇنياسىدا تۇنۇشۇپ قالغان بۇ قېتىم ئاقسۇ سەپىرىدە ئۇچراشتىم ھەمدە ئونسۇدىكى قەدىمكى مازارلار،لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسىگە چىقىپ بىللە زىيارەتتە بولدۇق.مېنى ئۆز ئۇكىسىدەك،قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە مائارىپ،پەرزەنت تەربىيسى توغۇرلۇق سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئەزىز ئەيسا ئاكامغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    تۆۋەندە مەن ئەزىز ئەيسا ئاكامنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى مەزكۇر تېمىغا قۇشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:


    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ، ئەر، ئۇيغۇر 1962-يىلى ئاقسۇ شەھرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدا  خىزمەتچى  ئائىلىسىدە   دۇنياغا كەلگەن .1982.يىلى ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تېخنىكومىنى،1989.يىلى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى جوغراپىيە كەسپىنى  پۈتتۈرگەن  ئاقسۇ شەھەرلىك 5.ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى.يولداش ئەزىز ئەيسا . 1985 -يىلى "ئاقسۇ ئەدەبىياتى"دا ئېلان قىلىنغان "قۇياش قۇتلىغان بالا "ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان بىرتەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىزچىل ھالدا ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى "تەڭرىتاغ"،"ئاقسۇ ئەدەبىياتى"،"شىنجاڭ ياشلىرى"،"شىنجاڭ ئاياللىرى "،"ئاقسۇ گېزىتى "قاتارلىق  ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ھەرخىل ژانىردىكى "نۇر ئوغلى"،"ئەستە تۇت "،"سۆيگۈ ھەققىدە قۇشاق"، "تۇتقۇن"  "ئاچقۇچ "،"يېرىم يولدا""ئاقسۇ ھەققىدە مۇخەممەس"،"كۈز لىرىكىسى " قاتارلىق 200  پارچىدىن ئارتۇق  ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان . "ئاقسۇ ئەدەبىياتى "2007.يىللىق 3.ساندا ئېلان قىلىنغان "تۇتقۇن "ناملىق پوۋىستى 2008-يىللىق "بوغدا"نامىدىكى  <<دەۋران ئەدەبىيات مۇكاتى>> شەرىپىگە نائىل بولغان ھەم شۇيىللىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ« 10بىر يۇرۇق نۇقتا قۇرۇلۇشى بۇيىچە  مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .يولداش ئەزىز ئەيسا 2011 -يىلى  ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ،2007-يىلى  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىگە  ئەزالىققا قۇبۇل قىلىنغان .

سۆھبەت خاتىرسى



     مارشال:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەزىز ئەيسا ئاكا،بۈگۈن سىز بىلەن جەنۇپ سەپىرىمدە ئاقسۇدا ئۇچراشقىنىمدىن خۇشالمەن،بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا سىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.سىز ئۇزۇن مەزگىل مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىپ ،دەرس مۇنبىرىدىن ئىزچىل ئايرىلماي دەرس ئۆتۈپ بارلىقىڭىزنى  ئەل-يۈرتنىڭ ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىتلىرى ئۈچۈن تەقدىم ئېتىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى.سىزدىن ئەڭ ئاۋال سورايدىغىنىم،سىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىڭىز ھەمدە بالىلىق ئەسلىمىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ: مەن 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئانا تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق غول ئېقىنى -ئاقسۇ دەرياسنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە جايلاشقان  ئاقسۇ شەھەرگە قاراشلىق قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرسى  بەشتۈگمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىكەنمەن.
   بالىلىق ۋاقىتلىرىمىدىكى زادىلا ئىسىمدىن چىقمايدىغان ئەڭ تاتلىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ بىرسى -يەتمىش ياشتىن ئاشقان ئاپپاق ساقاللىق مەرھۇم چوڭ دادامنىڭ  ھەركۈنى كەچتە خۇپتەن نامىزىنى تۈگىتىپ،ئەل ئايىقى بېسىققاندا شۇ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت،ئۆكتەم  قىزغانچۇق  يىللاردىكى تالاي قېتىملىق  كۆيدۈرۈش،چەكلەش مۇسادىرە قىلىشلاردىن يۇشۇرۇپ  ئۇرۇن كۆرپىلەرنىڭ ئىرىسدا ئامان –ئىسەن ساقلاپ كىلىۋاتقان "ناۋايى "،دىۋانى شاھ مەشرەپ "قاتارلىق  تەۋەرۈك ئەسەرلەرنى قۇيۇق قارا ئىس كۈتۈرۈلۈپ تۇرغان  كىرسىن چىرىقى قۇيۇلغان  چىراقپايغا يېقىن ئېلىپ كىلىپ ھىسسىياتلىق ھالدا ئوقۇپ بىرىشى ئىدى .شۇ ۋاقىتتا ئاڭلىۋالغان ؛"شاھ مەشرەپ ئەۋلىيانىڭ ئانىسى بازاردا كىتىپ بېرىپ باققالنىڭ سىۋىتىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىردانە ئۈزۈمنى پۈۋلەپ رۇخسەتسىز ھالدا ئاغزىغا سالدىلەر...شۇئان ئانىنىڭ قۇرسىغىدىن شۇنداق بىر سادا كەلدىكى ؛-"ئى مۇھتىرەم ئانا ،شۇ ئەسنادا سەن ئەجىرسىز كەلگەن بىر دانە ئۈزۈمنى ئاغزىڭغا سېلىپ ھارامغا شىرىك بولدۇڭ ! دەرھال شۇ باققالنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ گۇناھتىن يىراق بولغايسەن .بولمىسا مەن ۋۇجۇدۇڭدىكى  مەجۇتلۇقتىن غايىپ بۇلۇرمەن! "  ئانا شۇ ئەسنادا نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ۋۇجۇدىدىكى بۇ يۇرۇق ئالەمگە كۆز ئېچىش ئالدىدىكى جان جىگىرىنى رەنجىتىپ قويغانلىغىنى بىلىپ  چەكسىز پۇشايمان قىلغاچ  شۇئان باققالنىڭ ئالدىغا كىلىپ "ئەي ئاللاھنىڭ ھالال ئەجىركار بەندىسى ، مەن نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ سەن كۆرمەستە  بىردانى ئۈزۈمىڭنى رۇخسەتسىز يەۋالدىم ،گۇنايىمنى مەغپىرەت قىلىپ  رازىلىق بىرەرسەنمۇ ؟دىدىلەر .باققال ھەم دەرھال رازىلىق بىرىپ شۇنداق دىدىلەر :
    -مەن رازى! مىڭ مەرتىۋە رازى !چۈنكى مىنىڭ ھالال ئەجرىمنىڭ مىۋىسىنى قوشنا- قۇلۇم، ئەل-جامائەت  يەپ ھۇزۇرلانسا ،مەن شۇنىڭغا خۇشال ...
شۇ زامانلاردا ئەتراپ كۈرەش-پىپەن قىلىشلارنىڭ ئىس تۈتەكلىرى بىلەن تولغان ،تاراتقۇلاردىن پەقەت بىر-ئىككى خىللا سىياسى ناخشا ئاڭلىنىدىغان، كۆپ قىسىم  كىشىلەر ئاساسەن جۇڭسەنپۇ پاسۇنىدىكى كۆك رەڭلىك  كىيىم كىيىدىغان ، تۇر  مۇش ئىنياتىن نامراتچىلىق جاپا مۇشەققەت ئىچىدە ئۈتىدىغان زامانلار بۇلۇپ مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر  يېرىم ئاچ –زىرىنلىقتا  ياكى كۈن بۇيى قارا ئاشلىقنى ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق قىلاتتى .  ئايدا بىرەر قېتىم بۇغداي ئۇنىدىن ئاران تاماق قىلىپ يىيەلەيتتى. ...مانا شۇنداق  قالاقلىق ،قىسىلچىلىق بىلەن تولغان مۇھىتتا مەرھۇم  چوڭ دادام ماڭا  خۇپىيانە ھالدا ھالاللىق ،ئىنسانى مۇھەببەت شەربەتلىرى تامچىپ تۇرغان  قىسسەلەرنى ئوقۇپ بىرىپ بىزنى چوڭ قىلغان ئىكەن .شۇ مۇبارەك كارتىنىلەر ئىسىمدىن زادى كۈتۈرۈلمەيدۇ ! شۇنچە جاپا-مۇشەققەت ،قاتتىقچىلىق ئىچىدە ئەڭ تۈۋەن تۈرمۇش ئىستىمالى بىلەن ئاددى ساددى ياشاپمۇ ھېچبىر ئۈمىتسىزلىكنى ، جاھاندىن بىزار بۇلۇش تۇيغۇسىنى ئىپادىلىمەيدىغان ئاق كۈڭۈل  ،ئىشچان ،كۈيۈمچان  ،قانائەتچان ،تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ باتۇر ،قەيسەر ، نۇرانە سىماسى مىنى تا ھازىرغىچە تەگسىز خىياللارغا چۆمدۈرىدۇ. مەن تۇغۇلغان شۇ يۇرتتا ، بازارنىڭ كۈن بېتىش تەرىپىدىكى ئېرىق بۇيىدا غۇلىغا تۆت بەش ئادەمنىڭ غۇلىچى ئاران يىتىدىغان ئاسمان پەلەك  بوي تارتقان بەش -ئالتە تۈپ قەدىمى تىرەكلەر بار ئىدى. (مەن ھايات تارىخىمدا شۇ تىرەكلەردەك يۇغانغان ھەم ئىگىز ئۆسكەن تىرەكلەرنى ھېچقانداق يۇرتتا تا ھازىرغىچە كۈرەلمىدىم ) يەنە بازارنىڭ جەنۇبىغا بەش كىلۇمىتىر كىلىدىغان مەھەللىدە  خۇددى    بىركىچىدە يەر ئاستىدىن ئۈنۈپ چىقىپ قالغاندەك ،ئەتراپى قۇيۇق يۇلغۇن ۋە باشقا دەل- دەرەخلەر بىلەن قورشىلىپ تۇرىدىغان ،  ئىگىزلىگىدىن يىراق-يىراقلاردىن كۆزگە تاشلىنىدىغان قۇم دۈۋىسى بار ئىدى.كىشىلەر بۇ مەھەللىنى شۇ قۇمنىڭ نامى بىلەن "ئىگىز قۇم مەھەللىسى"دەپ ئاتىشاتتى  .يۇقارقى ئىككى تەبىئى مەنزىرە   ئۇلۇق تەبىئەتنىڭ بىز ئىنسسانلارغا  ئاتا قىلغان بىباھا  مەرھىمىتى ئىدى.ئەپسۇس ئۇزۇنغا قالماي ئىلگىرى ئاخىر بۇلۇپ ئىگىز تىرەكلەر كىسىلىپ ،ئىگىز قۇم يېقىندىلا ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر نەپەر مەبلەغ سالغۇچى تەرىپىدىن تۈزلىۋېتىلدى .بۇ ئىككى مەنزىرىمۇ ھەمىشە مىنىڭ خىيال ئىكرانىمدا چاقناپ تۇرىدۇ.



      مارشال:سىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللە ھەمدە شۇ چاغلاردىكى يۇرتىڭىزنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:مەن تۇغۇلغان مەھەللە تارىخى ھەققىدە سۆزلەشكە ئۈزۈمنى تېخى لاياقىتىم توشۇدۇ دەپ قارىمايمەن .چۈنكى بۇ ھەقتە بىلىدىغىنىم ،ئۆگەنگىنىم ئاز. يەنە كىلىپ بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى تەتقىق قىلىنىپ دەلىللەشتىن ئۆتكىنى يوق ....


    مارشال:سىز قوللىنىپ كېلىۋاتقان كۆكتۇغ دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇس ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟


        ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:كۆكتۇغ دىگەن نامنى قوللىنىشىمدا ؛بىلگۈچىلەرگە مەلۇمكى تارىختىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە سۇلالىلەردە ئاتا- بوۋىلىرىمىز كۆك رەڭلىك بايراقلارنى  ئۆزلىرىنىڭ خانلىق بايراقلىرى قىلغان ئىكەن .ھەم شۇ دەۋىرلەردە ئۆزىنىڭ كۆك رەڭلىك بايراقلىرىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ تالايلىغان قانلىق ئۇرۇشلارنى  باشتىن كەچۈرۈپ "ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى"،"بۈيۈك قارا خانىلارخانلىقى  "قاتارلىق   بىر مەھەل گۈللەنگەن ،قۇدرەتلىك خانلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ  ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئەقىل پاراسىتى،جاسارىتى ،شان شەرىپىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلغان ئىكەن .شۇڭا تارىختىكى  شۇ قەدىمى  شان شەرەپلىرىمىزنى چەكسىز سېغىنىش،ئەسلەش يۈزىسىدىن ؛يەنە كۆك رەڭنىڭ سىمۇۋۇللۇق مەنىسى بولغان  چەكسىز كۆك ئاسمان، يېشىل يايلاقلارغا،بەختىيار  تىنىچ تۇرمۇش ،تەبىئەتتىكى بۇلغانمىغان ساپ ھاۋا  شارائىتىدىكى پاكىز، ئەركىن نەپەسلەرگە ئىنتىلىش ئازۇيۇمدىن شۇ ئىسىمنى قۇللاندىم .


        مارشال:سىزنىڭ تەرجىمالىڭىزغا قارىسام،بۇرۇن ئاقسۇ يېزا –ئېگىلىك ماشىنلىرى تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپتىكەنسىز،شۇ چاغدىكى ئوقۇش ھاياتىڭىز ھەمدە ئوقۇتقۇچى بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھايات كەچمىشىڭىزنى بىلىپ باققان بولسام؟


       ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:1979-يىلى تۇلۇقسىزنى تۈگۈتۈپ قارتال يېزىسىنىڭ شۇۋاقىتتىكى ئۈستى ئۇچۇق كىنوخانىسىدا بىردانە شالدىنلا قىلىنغان ئورۇندۇغىنى پارتا ئورنىدا ئىشلىتىپ  تىزداپ ئولتۇرۇپ يېڭىلا يولغا قۇيۇلغان دۆلەتلىك ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى مەكتىۋىگە قۇبۇل قىلىندىم .قانداقلا بولمىسۇن بىر تېخنىكۇم مەكتەپكە قۇبۇللانغانلىق خۇشاللىغىمدا مەكتەپتە   بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ھەققىدىكى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۈگىنىش بىلەن بىرگە شەھەر مۇھىتىدىكى مەن ئۈچۈن بىردىن بىر يېڭىلىق،بىلىم مەرىپەت بۇلىغى بولغان  –كىتابخانىنى ئىزدەپ تاپتىمدە "ياشلىق ناخشىسى""گاۋيۈباۋ"...قاتارلىق رۇمانلارنى تەكرار ئۇقىغىنىم يادىمدا .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قارىتال يېزا ئىگلىك  ماشىنلىرى پونكىتىدا مۇھىم ئىقتىسادى  خىزمەتكە مەسئۇل بولدۇم .بۇ مەزگىل مىنىڭ ئەمدىلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن ۋاقتىم ئىدى  . شۇ چاغدا مەن "ئاقسۇ ئەدەبىياتىدا "قۇياش قۇتلىغان بالا "ناملىق تۇنجى شېئىرىمنى ئېلان قىلغان ئىدىم .يەنە بىريىل ئۆتكەندە قارىتال يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاق شۇجىلىق تەكلىپنامىسى بىلەن قارىتال ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئالمىشىش تەكلىپنامىسىنى بىركۈندە تاپشۇرىۋالدىم .


        مارشال:سىز قانداق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللاپ قالغان؟شۇ كەسىپتىكى جۇغراپىيە پېنىنى تاللىشىڭىزغا بىرەر سەۋەب بارمىتى؟مۇشۇ ھەقتىكى ئىشلىرىڭىزنى تولىمۇ بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.


      ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:بۇ ئىككى تەكلىپنامىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن مەرھۇم دادام يېزىلىق ھۈكىمەتنىڭ ئەمەلدارلىق دەرۋازىسىغا تەكلىپ قىلىنغىنىمغا بەكرەك قىزىقىپ قالدى .ئەمما مىنىڭ يەنە ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ بىلىم ئېلىش ئارزۇيۇم يۈرۈگىمدە ئوت بۇلۇپ يېنىۋاتقان مەزگىللەر بۇلۇپ ئاخىرى دادامنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تەۋسىيىسىگە قارشى ھالدا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللىدىم .چۈنكى مەن داۋاملىق بىلىم  ئېلىش ،تەربىيىلىنىش ئارزۇيۇمنى شۇ مائارىپ ساھىسىدە تىزراق ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن-دەپ ئويلايتتىم. ھەم ئۈگەنگىنىمنى ،روھىمنى بالىلارغا بىۋاستە يەتكۈزەلەيتتىم .شۇنداقلا شۇ 80-يىللاردا مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت قاباھەتتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ يېڭى تەرەققىياتقا،يۈكسەكلىككە ئىنتىلگەن كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇلۇپمۇ  مىنىڭ نەزىرىمدە مۇئەللىمنىڭ ئىززەت  -ھۆرمىتى بەكرەك يۇقۇرى ئىدى .
   قارتال ئوتتۇر مەكتەپكە چىققان كۈندىن باشلاپ بىرتەرەپتىن ئۆگىنىپ ،يەنە بىرتەرەپتىن دەرس مۇنبىرىدە ئەدەبىيات تارىخ ،سىياسەت قاتارلىق دەرىسلەرنى  ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم . يەنە بىرتەرەپتىن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىزچىل بىلىم ئاشۇرۇش كويىدا ئىزدەندىم ... ئەپسۇس مىنىڭ داۋاملىق بىلىم ئېلىش  خام خىيالىم شۇ يىللاردا ئۇنداق ئاسان   ئەمەلگە ئاشمىدى .كۆپ قېتىم  ئۇقۇش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ ئەمما   بىر قىسىم مۇھىم ئېغىزدىكى كىشىلەرنىڭ "ئەزىز ئەيسا يازغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇشقا بارىدۇ...ئەۋەتىشكە بولمايدۇ"دىگەن ئىچى يامانلىق ،قىتىغۇرلۇق خاراكتىرىدىكى قارشىلىغى بىلەن ئالتە يىلغىچە ئازۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىدى  .  ئاخىرى 1987-يىلى ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان مەرھۇم ئەخمەت مىجىت(ئىلغار پىكرىلىك كىشى ئىدى )قا ئۇقۇش ئارزۇيۇمنى ئىپادىلەپ بىرپارچە شېئىرى ئىلتىماس يازدىم ...شۇ ئىلتىماسنىڭ كۈچى بىلەن شۇ يىلى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇشتىن ئىبارەت بىردىن بىر ئىلگىرلەش، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم .

     مارشال:سىز يېڭى ئوقۇتقۇچى بولغان چاغلار،ئۇيغۇر مائارىپى قانداق باسقۇچتا ئىدى؟شۇ چاغدا مائارىپ سېپىدە تەربىيلىنىپ بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى قانداق ئىدى؟

    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:ئۇ چاغلاردا دۆلىتىمىز بۇلۇپمۇ يۇرتىمىز مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت سۈنئى ھالدا پەيدا بولغان  بالايى ئاپەتلىك قىزغانچۇق  يىللارنىڭ ئاسارىتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان بولغاچقا كىىشىلەرنىڭ ئادەمدەك ياشاش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان بىرقەدەر ئازادە يېڭى تۇرمۇشقا ،  گۈزەل كىلەچەككە بولغان ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى .مائارىپ ئىشلىرىمۇ يىراقنى كۈرەر رەھبەر  دىڭ   شىياۋپىڭنىڭ كۈچىشى بىلەن يېڭى يۈكسىلىش قەدىمىنى ئالغان ئىدى.ھەممە ئادەم  بىلىم مەرىپەتكە مائارىپقا ،ئوقۇشقا ئوتتەك قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى .ئوقۇتقۇچىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى  خېلى يۇقۇرى ئىدى.ئەمما تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخى يۈكسەلمىگەن ئىدى .مەن تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا دەرىسلىك كىتاپ ماتىريال پەقەت ئوقۇتقۇچىلارغا بىر نۇسخىدىن بىرىلگەندىن باشقا ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك ماتىريال تارقىتىلىپ بىرىلمەيتتى .بىر كۈن ئۈتۈلگەن پەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتىرىسىنى شۇ كۈنى كەچتە  يازاتتۇق .شۇنداق بولسىمۇ قىزغىنلىقىمىز ئىنتايىن يۇقۇرى ئىدى .روھىمىز پاك غۇبارسىز ئىدى. تاپشۇرۇق ۋە ئىمتاھانلاردا كۈچۈرۈشنى نۇمۇس بىلەتتۇق .

       مارشال:ئادەتتە،دەرس مۇنبىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا،ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي،يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلىدىكەنسىز،بەلكىم سىزنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن بىرەر مۇھىم ئۇنتۇلماس خاتىرلەر ھەمدە شەخىسلەر بولۇشى مۇمكىن،مۇشۇ ھەقتىكى بايانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟


        ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام مىنى يېزىقچىلىققا باشلاپ كىرگەن سەۋەپنىڭ بىرسى يەنىلا كىتاپ دەپ قارايمەن . بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى بوۋامنىڭ كىلاسسىك كىتاپلىرىنى ئۇقۇپ بىرىشى بىلەن ئاڭلىغان قىسسىئەلەر، چۆچەكلەر ياشلىق مەزگىلىمدە ئوقۇغان "ياشلىق ناخشىسى""گاۋيۈباۋ"قاتارلىق  رومانلار، شۇنداقلا شۇ  ۋاقىتلاردا قولدا كۆچۈرۈپ خاتىرلىۋالغان "تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر ""يىللارغا جاۋاپ "...قاتارلىق ئەسەرلەرنى ھەر بىر ئوقۇسام  ۋۇجۇدۇم  لەرزىگە كىلەتتى،ھەم مىنى "مەنمۇ مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىپ باقسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ "دىگەن نىيەتكە كىلىشىمگە سەۋەپ بولغان ئىدى.

       مارشال:سىز ئۇزۇن مەرگىل مائارىپ خىزمىتى قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى،ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلاردا قانداق ئىقتىدار ۋە تالانتلار بولۇشى لازىم؟مۇشۇ ھەقتىكى بايانىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟


      ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:ئوقۇتقۇچىلاردا ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك مۇناسىپ كەسپى سالاھىيەت ، مۇناسىپ كەسپى ئەخلاق سۈپىتى بۇلۇشتىن باشقا ،ئەڭ مۇھىمى    ئىقتىسادنى  تەرەققى قىلدۇرۇشنى تۇتقا قىلىۋاتقان ھەم ئىقتىساد تەرەققى قىلىۋاتقان   ،تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش،باي بۇلۇش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ ئالاھىدە شارائىتتا  ئوقۇتقۇچى بولغۇچى  كاللىنى سەگەك تۇتىشى، ئۆزىنىڭ ئادىمىلىگىنى، پەزىلەت- غايىسىنى يوقاتماسلىغى،، مىللەتنىڭ خەلىقنىڭ كىلەچىگى بولغان بالىلارنى تەربىيلەش يىتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇق ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغانلىغىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىغى لازىم .شۇڭا ئوقۇتقۇچىدا  ئۆزمىللىتىنىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغان ،ياخشى كۆرىدىغان چوڭقۇر مۇھەببەت ،قانداق تەربىيلەشنى بىلىدىغان  ئەقەللى سەنئەت بۇلىشى كىرەك  دەپ قارايمەن !


     مارشال:مائارىپ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتىكى مۇھىم بەلگىسى،سىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ،ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىدا قانداق يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؟بۇنى قايسى نۇقتىلاردىن ئىزدەش مۇمكىن،مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:مائارىپ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئىلىمىزدە ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا كۆپ بەس- مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ،تىزراق ئەلالاشتۇرۇش ،مۇكەممەللەشتۈرۈش ،زامانىۋىلاشتۇرۇش ،خەلىقنىڭ  ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ساداسى كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ  بىرسى بۇلۇپ تۇرماقتا.بۇ يەردە گەپنى قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا  شۇنداق  بىر مەۋجۇتلۇق پاكىت بۇلۇپ تۇرۇپتىكى-  مائارىپ بۇلۇپمۇ مىللى مائارىپ 90-يىللاردىكىگە قارىغاندا ھازىر چىكىنىپ كەتتى .يەنە كىلىپ بۇ   ئەھۋال جەنۇبى  شىنجاڭ تەۋەسىدە،يېزىلاردا  بەكرەك ئېغىر بولماقتا .مائارىپ ئوقۇتۇش ئۈنىمى،سۈپىتى ، كىشىلەرنڭ ئەندىشىسىنى  قوزغىماقتا .مائارىپىمىز ،  مەكتەپلەردە سادىر بۇلىۋاتقان  بىرقىسىم مەسىلىلەر  خەلق نارازىلىغىنىڭ قوزغۇلىشىغا سەۋەپ بولماقتا .جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بەزى مەكتەپلەردە تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 10يىل بۇرۇنقى باشلانغۇچ 4-سىنىپنى پۈتتۈرگەن سەۋىيە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرىۋاتىدۇ.يەنى باشلانغۇچ تۇلۇقسىزدا  توققۇز يىل ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار  ئادەتتىكى  تۆت ئەمەلنى تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە ؛ئاددى ئوي پىكىر ئىپادىلەنگەن بىر ۋاراق ماقالە ياكى باياننى ،ئېلىم -بىرىم ھۆججتىنى يېزىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ.  ھەتتا بىرقىسىم يىتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپمۇ  ئۆز ئىسمىنى يازالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە .
http://bbs.bagdax.cn/thread-15698-1-1.html
   مېنىڭچەمىللى مائارىپنىڭ چىكىنىپ كىتىش سەۋەبىنى تۈۋەندىكى نۇقتىلاردىن ئىزدەش كىرەك دەپ قارايمەن .

      1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا مائارىپ مەمۇرى يىتەكچىلىگى ،مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، مائارىپ نەزىريىسى  جەھەتتىكى  باشلامچىلىق ئىز چىل ياخشى بولمىدى. مەسىلەن :50-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە سوۋىت ئىتتىپاقى مائارىپ ئەندىزىسى يولغا قۇيۇلدى ،مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى جەريانىدا مائارىپ شۇ بالايى ئاپەتلىك  تەتۈر شامالنىڭ ئون يىللىق ئۇچۇغدىشىغا ،ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىدى .90- يىلنىڭ ئاخىرىدا"نىشانلىق ئوقۇش " ئەندىزىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى .2003-يىلى "ساپا مائارىپى "ئاساسىدىكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى  ئەندىزىسى يولىغا ماڭدۇق .2006-يىلىدىن بۇيان  "قوش تىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى"نى كۈچەپ يولغا قۇيىۋاتىمىز ...
      بىزدە شۇ ئىلگىرى يولغا قۇيۇلغان مائارىپ يىرىك پىلانلىرى، ئەندىزىنىڭ ئۈنىمى ،تەسىرى ،ئارتۇقچىلىق يىتەرسىزلىگى   ھەققىدە ئازراقمۇ تەتقىقات ،يەكۈنلەش    ئېلىپ بارماي ،تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەي تۇرۇپ يەنە قوش تىل ئوقۇتۇىشىدىن ئىبارەت يېڭى مائارىپ يۈلىنىشىنى بەلگۈلەۋاتىمىز ...
يىغىپ ئېيقانداق مائارىپ -خۇددى قارغۇ يول باشلىغۇچى يول باشلاپ ماڭغان ،كەلگۈسى  نىشانىدىن ئۈمىت-ئىشەنچى  سۇس بولغان ،كۆپ قىسىم كىشىلەر ئەپسۇسلىنىۋاتقان چۆلدىكى كارۋانغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ .

     2.قوش -تىل ئوقۇتۇش سىياسىتى مۇتلەق كۆپ قىسىم  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ،ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا يولغا قۇيىلىۋاتىدۇ . چۈنكى  قوش تىل ئوقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشنى پىلانلىغان ئالاقىدار مەمۇرى ئورۇنلار قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش ،ئىقتىسادى ئىسلاھات جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى،پەن- تېخنىكا ،ئۇچۇر -ئالاقە جەھەتتىكى  ئىلغار ۋاستىلىك رولىنى  نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ  تىل يېزىق ،مائارىپ ،مىللى-مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كىلىدىغانلىغىنى نەزەرگە ئالمىدى . يەنە كىلىپ قوش تىل ئوقۇتۇش سىياسىتى –مەكتەپلەردە يەككە تىل بۇلۇپ بۇرمىلىنىپ ئەمىلىلىشىۋاتىدۇ. قوش تىل   ئوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ دۆلىتىمىزدە زامانىۋالاشتۇرۇش ،ئىقدىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى  ئاكتىپ رولى ،ئەھمىيىتى بىر تەرەپلىمە ھالدا  تەكىتلىنىپ ،  ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى سىقىپ چىقىرىش  ،ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق  مەدەنىيىتىنى نابۇت قىلغانلىقىغا ،كەڭ ئۇيغۇر  بالىلىرىنىڭ ئاناتىلدا ئۆز مەدەنىيىتىنى ،مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ھوقوقى  تارتىۋېلىنغانلىقىغا شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىلىغا ،كىشىلىك ھۇقۇق ،ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېغىر دەخلى -تەرۇز قىلىنغانلىقىغا، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقى يۇسۇندىكى باراۋەرلىك ،ئىتتىپاقلىققا،ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنىچ ئەمىن جەمىيەت قۇرۇش ئىشىغا  يۇشۇرۇن  زىيان يەتكۈزگەنلىگىگە سۈكۈت قىلىنىۋاتىدۇ.شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەكتەپلەردە يولغا قۇيۇلىۋاتقان" قوش تىل  ئوقۇتىشى "(ئەمەلىيەتتە يەككە تىل ئوقۇتىشى )ئىلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ،مائارىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايمەن .
  
     3-يەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ فۇنىكسىيىسى مۇپەتتىشلىك جەھەتتە  ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان .
ۋىلايەت ،شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەكتەپلەرنى كەسپى شىتات،قانۇن-تۈزۈم ،ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش، ئىككى ئاساسەن،ئەخلاقى تەربىيە، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، مەدەنىلىك ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق جەھەتلەردىن بىۋاستە ياكى ۋاسىتلىق ھالدا باشقۇرىدۇ،يىتەكلەيدۇ .ئەلۋەتتە بۇ دۆلىتىمىز مائارىپ تۈزۈلمىىسىدىكى ئەقەللى فۇنكىسىيە . بۇ خىل فۇنكىسىيە مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دىتال قۇرۇلىشى پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قۇيۇش ،ئەمەلىلەشتۈرۈش ،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ،ئەلالاشتۇرۇش، شىتات ،مالىيە جەھەتتىن ماكرولۇق تەڭشەش ...قاتارلىقلاردا ئۆز رۇلىنى بەكمۇ ياخشى  جارى قىلدۇرىۋاتقان بولسىمۇ  ئەمما مائارىپ مۇپەتتىشلىك جەھەتتە بۇرمىلىنىپ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنى پەيدا قىلماقتا  .ئەسلى مائارىپ   ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى تەلىپىدىن ئېيتقاندا  يەرلىك ھەردەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ مەكتەپلەرنى قەرەللىك مۇپەتتىش قىلىپ تۇرىشى  ئەمىلىيەتتە مەكتەپلەرنى قوللاش،كۈچلەندۈرۈش ،خىزمەتلەرنى ئالغا  سىلجىتىش ،ساقلانغان مەسىلەرنى تۈزۈتۈپ ئاخىرقى ھىساپتا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇلۇش كىرەك ئىدى .ئەمىلىيەتتە ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن ،ھەردەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ھەرقېتىملىق مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خاراكتىرلىك مۇپەتتىش قىلىشىغا قارايدىغان بولساق ؛-مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى ئاتالمىش مەكتەپلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئاۋال مەكتەپلەرنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ئوقۇتۇش ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ھالدا تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ رامكىلارنى بەلگۈلەيدۇ ...بىچارە مۇدىر ،ئىلمى مۇدىر ،ئوقۇتقۇچىلار نەچچە كۈنلەپ دەرىس تۇختۇتۇپ ،دۈۋە-دۈۋە ئارخىپ ،جەدىۋەل، خاتىرە تەسىرات ماقالىلىرى تۇللۇقلايدۇ ...تازىلىق قىلىدۇ ...قاراڭ بۇ يەردە مەكتەپتىكى  ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ھەردەرىجىلىك يەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتمامدۇ...مۇشۇ ئەھۋالدا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ،تەلىم تەربىيە ئۈنىمى دىگەنلەر بىرچەتتە تاشلىنىپ قېلىنماقتا.
     4-چىرىكلىك مائارىپ ساھىسىگە ھالاكەتلىك زىيان كەلتۈرمەكتە.دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئىسلاھىتىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرلىشى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىرىكلىك ھادىسلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان دەرىجىدە باش كۈتۈرۈپ قالغانلىغىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ .مانا بۇنداق تەتۈر شامال مائارىپ مەكتەپلەر خىزمىتىگىمۇ ئۈن-تۈنسىز قارا سايىلەرنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ.

http://bbs.bagdax.cn/thread-10394-1-1.html
   
    بىرىنجى، مائارىپ ،مەكتەپلەر ئۈچۈن يېڭى رەھبەر،مۇدىر تەيىنلىگەندە ئىقتىدار،سۈپەت ساپانى ئۆلچەم قىلماي ،پۇل-بايلىق...مۇناسۋەت تورىنى ئۆلچەم قىلىۋاتىدۇ .توغرا يول بىلەن ئۆسمىگەن ،مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش سالاھىتىگە ھەقىقى ئىگە    بولمىغان مەكتەپ مەمۇرلىرى تەلىم -تەربىيە ئۈنىمىنى ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلماي ،پۈتۈن كۈچ بىلەن مەكتەپ مالىيىسىنى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن يىراق -يېقىنلىغىنى، خىزمەت ۋەزىپىسى تەقسىماتىنى تۇتقا قىلىۋاتىدۇ  .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى، بىلىمى بۇلۇش بولماسلىق بىلەن ھىساپلاشماي ،كىمنىڭ ئۆزىگە نەپ بىرىدىغان- بەرمەيدىغانلىغى بىلەن ھىساپلىشىۋاتىدۇ ...بىلىمى ،ئىقتىدارى بارلار خارلىنىپ ،مۇناسىۋەتكە ،خوشامەتكە ماھىرلار ئەتىۋارلىنىپ ياخشى كۈن ئېلىۋاتىدۇ ...ئوقۇتۇش خىزمىتى زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ.ئالدىمىزدىكى مىڭلاپ بالىلار ئالدىنىۋاتىدۇ.

    ئىككىنچى،  ئاقسۇ شەھرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزىلاردىن شەھەرگە ،شارائىتى ياخشى مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشنىڭ نەرقى باھاسى بىكىتىلگەن بۇلۇپ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاشكارە مەخپىيەت بۇلۇپ تۇر ماقتا .(مۇشۇ سەۋەپلىك ئالدىنقى يىلى موللاق ئاتقان شەخس بۇنىڭغا پاكىت بۇلالايدۇ )

    ئۈچىنچى، ھۆكىمەتنىڭ مەكتەپلەر راسخودى ئۈچۈن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئازغىنە راسخودىنى ،چىقىم قىلىش تالۇنىنى كونترۇل قىلىشنى دەستەك قىلىپ مەخسۇس مەكتەپ مال سېتىۋالىدىغان   ماگىزىن نۇختىسى بەلگىلەش ،ئادەتتىكى ماگىزىنلاردىن 100يۈئەنگە سېتىۋالىدىغان بۇيۇملارنى بەلگىلەنگەن ماگزىندىن  400يۈئەنگە سېتىۋېلىش ...قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قاتلاممۇ قاتلام شۈلۈپ يىيىش ئۇسۇلى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا.

        تۆتىنچى،مەكتەپلەردە يالغانچىلىق سەمىمىيەتسىزلىك ئەۋىج ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ.
بالىلاردا ئىمتاھان ،تاپشۇرۇقلارنى ئىمكان تاپالىسىلا كۈچۈرۈپ بىرىش ،كۈچۈرۈشتىن ئۆزىنى ئالداشتىن شەرەپسىزلىك ھېس قىلماسلىق، ھەزەر ئەيلىمەسلىك ھادىسىسى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا (مۇشۇ يەردە شۇنى ئەسلىگىم كىلىۋاتىدۇ.مەن تۇلۇقسىزدا ئوقىۋاتقان 79-يىللاردا سىنىپتا كۈچۈرمىكەشلىك بەك ئېغىر ئېلىدىغان نۇمۇسلۇق ئىش ھىساپلىناتتى .سىنىپىمىزدىكى كۆپ قىسىم بالىلار كۈچۈرۈشنى ئويلاپمۇ قويمايتتى)

     مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارلىق ئوقۇ -ئوقۇتۇش خىزمىتى مىختارلاشتۇرۇلۇپ نۇمۇر قۇيۇش ئۇسۇلى بىلەن باھالىنىدىغان بولغاچقا ،ئوقۇتقۇچىلار شۇ يۇقۇرى نۇمۇر مىخىتارىغا يىتىشنى نىشان قىلىپ  جەرىمانە تۆلىمەسلىك ،ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجە نۇمۇرىنى يۇقۇرى چىقىرىش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىشقا ،يالغان يۇقۇرى نۇمۇر قۇيۇشقا مەجبور بۇلىدۇ ...شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرى نۇمۇر ،تۈۋەن سۈپەت مەسىلىسى كىلىپ چىقىۋاتىدۇ..
يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇپەتتىش ئۆمەكلىرى ئىككى ئاساسەننى تەكشۈرۈپ كەلگەندە  مەكتەپ مەمورلىرى ،مەكتەپكە 80% بالا كەلگەن بولسىمۇ 98%گە يەتكۈزۈپ  مۇپەتتىشتىن لاياقەتلىك ئۈتۈپ كەتمەكتە (قانداق قىلىپ 98% يەتتى دەپ سوراۋاتامسىز ؟قاتناشنىڭ قۇلايلىغىدىن پايدىلىنىپ خوشنا مەكتەپلەردىن ئوقۇچىلارنى ۋاقىتلىق  ئارىيەت ئېلىپ كەلمەمدۇ ؟!)بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈزلىگەن بالىلار مەكتەپ سىرتىدا ئوقۇشسىز قالماقتا .بۇنداق قاتلاممۇ قاتلام يالغانچىلىق قىلىش ھادىسىلىرىنى زادى قايسى بىرىنى سۆزلەپ تۈگۈتۈپ بولغۇلۇق؟!
ئەسلى مائارىپنىڭ مەخسىدى –ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى ،ئەقلى جىسمانى ،پسخىك -پەزىلەت جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىلگەن ياراملىق ئىزباساردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈش ،بالىلارنى راسچىل سەمىمى، ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك قىلىپ يىتىشتۈرۈش لازىم  ئىدىغۇ؟!ئەمما ئۆزىمىز دەل شۇنداق يالغانچىلىقنى ،ساختىپەزلىكنى مەكتەپتە بىلىپ تۇرۇپ  يولغا قۇيىۋاتىمىز .

         بەشىنچى، پۈتكۈل جەمىيەت خاراكتىرلىك ئىقتىساتقا ،پۇلغا چۇقۇنۇش كەيپىياتىنىڭ ئەۋىج ئېلىشى ،كىشىلەردىكى ئەخلاق ،ئىتىقات ئېڭىنىڭ چۈكىشى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى (جەنۇبى شىنجاڭدا )ھەقىقى يۇسۇندا يۇقۇرى كۈتۈرۈلمەسلىك ، مەركەزدىن تارقىتىلىش بەلگىلەنگەن ،ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ئىش ھەققىنىڭ ھەقىقى يۇسۇندا تۇلۇق تارقىتىلماسلىق ،مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمى ،باراۋەر ،ئاكتىپ بولماسلىق ...قاتار بىرقاتار مەسىلىلەرنىڭ سەلبى تەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆز خىزمىتىدىن بىزار بۇلۇش،ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش  كەيپىياتى يەنىلا يۇقۇرى بولماقتا.

      ئالتىنچى،مائارىپ تەلىم -تەربىيە سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بۇلۇش ،مائارىپ بايلىغىنىڭ تەكشى باراۋەر  بولماسلىق، سەۋەپلەر تۈپەيلى پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ  ئاتا- ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان قارىشى ،نارازىلىقى كۈچەيمەكتە .شۇ سەۋەپلىك كۆپ سانلىقنى  ئىگەللەيدىغان دېھقان ،شەھەر كەنبەغەللىرى  قاتلىمىدىكى  ئاتا -ئانىلارنىڭ بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىق ،ئامال قىلىپ تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مەكتەپتىن يىراقلاشتۇرۇش خائىشى  ئەۋج ئالماقتا .90-يىللاردا مەجبۇرى مائارىپ ئىككى ئاساسەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە مەكتەپلەرگە كەلمەيدىغان بالىلار ئەڭ ئېغىر بولغاندا 2%-3%بىلەن چەكلىنەتتى .ئەمما ھازىر ئاقسۇ شەھرىدىكى بەزى مەكتەپلەردە بىر  كۈندە 100-150ئەتراپىدىكى بالىلار  مەكتەپكە كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.
     
      يەتتىنچى،مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇش سۈپىتى ،تەلىم -تەربىيە ئۈستىدە گەپ بۇلۇنسا جەمىيەتتىكى كۆپۈنچە كىشىلەر ئەڭ ئاۋال سەۋەپنى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈپەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىگىنى پەش قىلىشقا ،ھەممە سەۋەپنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈستىگە ئارتىشقا ئارانلا تۇرىدۇ .ئەمىلىيەتتە مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقوق –مەنپەتلىرى ئاللىقاچان تارتىۋېلىنغان ياكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا .مەسىلەن .ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا "ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ باشقۇرۇش،ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە ئەركىن ئازادە ھالدا تۈزۈتۈش پىكرى بىرىش ،...ئېغىر قانۇنغا ياتىدىغان مەسىلەر ھەققىدە ئالاقىدار قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە "دەپ  ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىر جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە كىم مەكتەپ مۇدىرى ،مەكتەپ مەمۇرىيتىى ئۈستىدىن پىكىر قىلسا ئۇ پىكىرنىڭ مەيلى قانداق خاراكتىردىكى پىكىر تەكلىپ بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ،مەكتەپ مۇدىرى شۇ باھانىدە  ئېغىر خىزمەت ۋەزىپىسىنى  ،سىنىپ مۇدىرلىق  خىزمەت ۋەزىپىسىنى يۈكلەش ،ئۇنۋان ئۆستۈرمەسلىك ...قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەرز  قىلغان پىكىر بەرگەن ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتتە لاياقەتسىزگە چىقىرىپ  ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ.. يەنە مائارىپ ئىدارىسىدىن تارتىپ مەكتەپكىچە ھەرقانداق بىر رەھبەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئەرىز قىلىشىنى ،قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى پاش قىلىشىنى  پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرقانداق ۋاستىنى ئىشلىتىپ توسۇدۇ .
يەنە مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرلىرى دەرس ئۆتمەيدىغان ،ئايدا يىلدا سىنىپ بۇسۇغىسىدىن بىر قېتىم ئاتلىمايدىغان ،دەرىس ئاڭلىمايدىغان ( بىر مەۋسۈملۈك دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى دەرىسخانىگە قەدەم ئالماي تۇرۇپ تولدۇرىدىغان) ئوتتۇر قاتلام مەكتەپ مەمۇرى بولغۇچىلار قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىنىك ئاز ۋەزىپە ئالىدىغان   ،ئوقۇتقۇچىلار  سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە  ئېلىشتىن تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ قاچىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا.ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر يۇقارقى مەسىلەرنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبىنى مۇشۇ بۆلەك  ئالدىنقى قۇرلاردىكى جاۋابقا بىرلەشتۈرۈپ پەرەز قىلالايدۇ ئەلۋەتتە.

       سەككىزىنچى،شەھەر قۇرۇلىشىنى تەرتىپكە سېلىش  ،ئەلالاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن  ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەتراپلىق پىلانلانمىغان تام چېقىش ،كۈچۈرۈش خىزمىتى  مائارىپتىكى ئىككى ئاساسەننىڭ ئومۇملىشىشغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كىلىپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ چىكىنىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولماقتا  .مەسىلەن ئاقسۇ شەھرىنى مىسال قىلساق ؛شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپتىكى شەخسى ئولتۇراق ئۆيلەر ،بۇلۇپمۇ غەربى شەھەر تەۋەسىدىكى دېھقانلار شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىملىرىنىڭ ئۆيلىرى چېقىلىپ كونا ئايرۇدۇرۇمغا ،ياكى غەربى چوڭ كۆۋرۈك (خانقا كەنتى)رايۇنىغا كۈچۈلدى .بىراق يېڭى كۈچۈپ بارغان كونا ئايرىدۇرۇم رايۇنىدا نۇپۇس سانى ئاللىقاچان 7000 دىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ (بۇ نۇپۇسنىڭ ئۈچ مىڭى ئوقۇش يېشىدىكى بالا دەپ جەزىم قىلىشقا بۇلىدۇ)بىراق 99%ئۇيغۇرلار كۈچۈرۈلگەن بۇ رايۇندا بىرەر ،مەكتەپ ياكى دوختۇرخانا قۇرۇلغىنى يوق .بالىلار 8-10كىلومىتىر يولنى بېسىپ شەھەر ئىچىدىكى ئەسلى مەكتىۋىگە كىلىپ ئوقۇماقتا ...ئارىلىق يىراق بۇلۇش، چۈشلۈك تاماق مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا يۇلۇقۇش، بىخەتەرلىك قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن كۈندە يۈزلەپ ئوقۇغۇچى مەكتەپكە يىتىپ كىلەلمەيدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقماقتا .....
مەن مائارىپىمىز ھەققىدىكى  ساقلانغان مەسىلىلەرنى راسچىللىق بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم .بەلكىم ئالاقىدار  مائارىپ رەھبەرلىرى يۇقۇرىدا مەن  تىلغا ئالغان تەپسىلاتلارنى كۈرۈپ ياكى ئاڭلاپ ماڭا قارىتا ئۆچ –ئاداۋەت قۇرالىنى بەتلىشى مۇمكىن .ئەمما شۇنداق قاراشقا كەلگۈچىلەر ئىنساپ بىلەن شۇنى ئويلاپ باقايلى .مائارىپىمىز سۈپىتىڭ تۆۋەنلىگى (ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى قاراشلار   ئۈزۈمنىڭ شەخسى قارىشى بۇلۇپ ئومۇمىلىققا ھەممە يۇرت، ياكى مەكتەپلەردە  مەۋجۇت دەپ قاراشقا بولمايدۇ )ھېچكىم كۈز يۇمالمايدىغان پاكىت بۇلۇپ تۇرماقتا .شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قاچانغىچە ئۆزىمىزدىكى  كىسەللەرنى يۇشۇرۇپ ،قاچانغىچە راس سۆزلەشكە جۈرئەق قىلالماي يۈرۈيمىز.قاچانغىچە دۆلىتىمىزنىڭ ،خەلقىمىزنىڭ ،بالىلىمىزنىڭ كىلەچىگىگە ئالاقىدار چوڭ ئىشلاردا يالغانچىلىق ،ساختا پەزلىك  قىلىپ دۆلەتكە ،خەلىققە ،ئۈزىمىزنىڭ كىلەچىگىگە زىيان سالغۇدەكمىز؟بالا تەربىلەشتە ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىز، خاتالىقلىرىمىزنىڭ زىيىنى بىر ئىككى يىلدا كۈرىلىدىغان،ئۆز  ئىپادىسىنى كۆرسىتىدىغان  زىيان ئەمەس ئەلۋەتتە !!شۇڭا كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ماڭقۇرت،ئازغۇن، ئىشسىز ،سەرسان-سەرگەندان ،جەمىيەتنىڭ داشقاللىرى ...بۇلۇپ چوڭ بۇلىشىنى  كىمنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىسى بار زادى ...

      
     مارشال:ئۇيغۇر جەمىيتىدە پەرزەنت تەربىيلەش قانداق كېتىپ بېرىۋاتىدۇ؟سىز تەربىيلەپ كەلگەن ھەم تەربىيلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ روھىيەت دۇنياسى بىلەن بەلكىم كۆپ سىرداشقانسىز،مۇشۇ ھەقتە كۆز-قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقىسام؟

   

       ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر جەمىيىتى تارىختىكى ھەرقانداق بىر تارىخى باسقۇچقا قارىغاندا شەرىقتىن كىلىۋاتقان ،ياكى ۋاسىتلىك ھالدا پەيدا بولغان دۇنياۋى ئىقتىساد ،مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىدىن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۇزۇقلىنۋاتقان، ئىشلەپچىقىرش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەن-ئەنىسىدىن بىر- بىرلەپ ئايرىلىۋاتقان ،ئوتتۇرا شەرق  ئىسلام ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ تەسىرىدە  نەچچە يۈز يىللىق غېرىپلىغى، قەلب جاراھىتىنى ئۇلۇغ ئىسلام دىنى ياكى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ  مەرھەمىتى بىلەن تەسكىن تاپقۇزۇشنى كۈچلۈك ئىستەۋاتقان ، بەزى قاتلاملار ئىچىدە ئۆز ئىچىدىن يىمىرىلىش ،چۈكۈش بىلەن بىرگە يەنە ياشلار ،زىيالىلار ئىچىدە ئويغۇنۇش، يېڭى تەرەققىيات يۈكسىلىشلەر ئۈچۈن جاپالىق تەر ئاققۇزۇشتەك ئاكتىپ كەيپىياتلار  تەڭ ئەۋىج ئېلىۋاتقان ،كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇشۇنداق مۇرەككەپ شارائىتتا زادى نىمە قىلىشنى ،قانداق كىشىلىك قىممەت قارىشى ،ئىتىقات بىلەن ياشاشنى بىلمەيۋاتقان ، گاڭگىرىغان پەۋقۇلئاددە بىر تارىخى دەۋىردە تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن .ئەلۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى  شۇنداق ھالەتتە بولغانىكەن ،بالا تەربىسى قانداق بولماقچى ؟ بۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرەي:
       ھازىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تۈركۈم-تۈركۈم ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى بەس-بەستە  خەنزۇ مەكتەپكە ئوقۇتىۋاتىدۇ.ئۇلار شۇ قىلمىشى ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ ئانا تىل يېزىقىنى ،مەدەنىيىتىنى ئۆز قۇلى بىلەن ھالاكەت  گىردابىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ .ئۆز بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرغا خاس ئۆزلىگىنى،كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ،مىجەز- خاراكتىرىنى  بىۋاستە يۇقۇتۇشقا سەۋەپچى بۇلۇپ كەلگۈسى بىلەن ئەجداتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھالاكەتلىك ئۈزۈلۈشنى ئۆز قۇلى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ئوز يۇرتىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تىزراق يۇقۇلۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئۆز قۇلى بىلەن باشقىلارغا ئۈتىنىپ بىرىپ ئۆز -ئۆزىگە گۆر كولاۋاتىدۇ !ئاتا ئانىلار شۇنداق   ئازغۇن بۇلىۋاتقان يەردە يەنە بالا تەربىسى قايسى ھالەتتە بۇلىشى مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە مىنىڭ بۇ يەردە   بايان قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ قىسمەنلىك ئىچىدىكى ئايرىم ھادىسە بۇلۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن .


      مارشال:مەكتەپتە تەربىيلىنىپ بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئوقۇش ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى بىلىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ؟



    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:تۇرسۇنجان مۇشۇ سۇئالىڭىزغا ھازىرچە جاۋاپ بەرمىسەممۇ بۇلارمۇ ؟ چۈنكى يەنە مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەققىدە سۆزلەپ تەكرار ئۈمىدسىزلىك قارىشىمنى ئىپادىلىگىم يوق.
  

       مارشال:ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياشلارنى چۈشكۈنلۇك قاينىمىغا باشلىماقتا،سىزدىن سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق-ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ يىلتىزىنى نەدىن ئىزدەش كېرەك؟



     ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:بالىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاقى-پەزىلىتى ،پىسخىك روھيىتىنى ئەڭ ياخشى نۇرلاندۇرىدىغان،ئۇزۇقلاندۇرىدىغان،يىتىلدۈرىدىغان  تۇپراق –ئۆز مىللىتىنىڭ مىللى  مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى دەپ قارايمەن .چۈنكى ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ باغلىنىشچانلىغى، قايىل قىلارلىغى كۈچلۈك، يىىلتىزى چوڭقۇر، تەسىرچانلىغى ئىنتايىن چوڭ بۇلىدۇ. ھەم مىللى مەدەنىيەت  تەبىئىي ،ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەرياننىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بۇلىدۇ .ئەمدى يۇقارقىلارغا ماس ھالدا بالىلارنىڭ ئەقلى تەرەققىياتىنى  يەنە زامانىۋى ئىلىم -پەن بىلىملىرى ،ئۇچۇرلىرى بىلەن سۇغۇرۇش ،ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم دەپ تەۋسىيە قىلىمەن .يىلتىزدىن چۇڭقۇر بولمىغان دەرەخ ئۇزۇن ياشىيالمىغىنىغا، باراقسان بۇلۇپ ياراملىق ماتىرىيال بۇلالمىغانغا ئوخشاش ،ئۆزىنىڭ مىللى  مەدىنىيەت ،ئەنئەنىۋى تەربىيە مەنبەسىدىن ،مۇھىتىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ئەخلاق-ساپاسىنىڭ ياخشى ئاكتىپ بۇلىشىنى ئويلاش   قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت خالاس. يەنە مۇشۇ ھالدا بالىلىرىمىز تۈرلۈك چۈشكۈنلۈك ،ئازغۇنلۇق يولىدا تىڭىرقىمايدۇ ،ئازمايدۇ دىگىلى بۇلامدۇ؟


      مارشال:ھازىرقى رىقابەت،خىرىسقا ئۇچراۋاتقان دەۋردە،ئوقۇتقۇچىلار يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش ھەمدە قانداق خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

     ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە مۇھىتتا سەمىمىيەتنى ئۈزىدىكى كەسپى ئەخلاق مىزانى قىلىشى ، راسچىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرىشى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇشتىكى تۈرلۈك ئاجىزلىقلارغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ئەركەكلىكنى ،جاسارەتنى يىتىلدۈرىشى ، پارە بىرىش، خوشامەت قىلىشتەك ئىت ئۆتكەن تۈشۈكتىن ئۆمىلەپ ئۈتۈش ئارقىلىپ شەرەپكە ئەمەلگە ئىرىشىشنى ئويلايدىغان ھارام تاماقلارچە جان باقتىلىقنى ئۆزى يۇقتۇرىۋالماسلىقنى ،يەنە زامانىۋى مائارىپ تىل ئالاقە قۇرالى ، ئۇچۇر تېخكىسى بىلەن ئۈزىنى كۈچلەندۈرىشى كىرەك دەپ قارايمەن .


      مارشال:ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قانداق قارايسىز؟ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قانداق يوللارنى بېسىش كېرەك؟

       ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ئالدىنقى سۇئالغا بىرلەشتۈرۈپ بىلگىنىمچە جاۋاپ بىرىپ بولدۇم . مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قانداق يوللارنى بېسىش  لازىملىقىغا كەلسەك ،مائارىپ ئۈچۈن قانداق يۈلىنىش سىياسەت بەلگىلەش ،قانداق يولغا قۇيۇش ،ئوقۇتۇشنى ،مەكتەپلەرنى قانداق باشقۇرۇش ...قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئالاقىدار پارتىيە ھۆكۈمەت مائارىپ مەمۇرلىرىنىڭ تەدبىرىگە باغلىق ئىشلار .مەن بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىدە شۇنى تەكىتلەيمەنكى  مائارىپىمىز باسىدىغان "يول تۇلىمۇ ئەگرى- تۇقاي،ئات ئۇرۇق ،مۇساپى ئۇزۇن" شۇڭا مەن ئۆزىنى مۇئەللىم ،ئۇستاز دەپ بىلىدىغانلارنىڭ،كاللىنى سەگەك تۇتۇپ ،ئاق-قارىنى ئېنىق پەرق قىلىپ  ، تۈرلۈك ئالۋۇنلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا توغرا تاقابىل تۇرۇپ  كارۋاننى توغرا ئاكتىپ بولغان نۇرانە مەنزىلگە چۇقۇم ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈش -پۈتكۈل مائارىپچىلارنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتتىكى  ھەربىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى .چۈنكى مائارىپ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى .

   مارشال:سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىز ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تور دۇنياسىغىمۇ ئەسەر يوللاپ تۇرىدىكەنسىز،سىز ئېنتىرنىتقا قانداق قىزىقىپ قالغان؟

      ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:2000-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە بىزنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كومپىيۇتۇر تېخىمۇ تىز ئومۇملىشىقا باشلىدى .مەنمۇ كومپىيۇتۇردىن بىرنى ئالدىم-دە بىرقىسىم ئاكتىپ ئىلغار پىكىرلىك ،ھەم كومپىيۇتۇر تور تېخنىكىسىنى بىلىدىغان دوستلىرىمىنىڭ ياردىمىدە 0دىن باشلاپ ئۆزلىگىمدىن كومپىيۇتۇر ئۈگىنىشكە،تور ئورنىتىپ تورغا  چىقىشقا باشلىدىم .بۇجەرياندا بۇ ساھەنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىلغارلىقىنى ،يېزىقچىلىق ئىشلىرىمغا بەكمۇ ماس كىلىدىغانلىقنى ھېس قىلدىم .سەھىپىسى رەڭدار، ئەمىلى نەپ بىرىشچان، ئىلغار پىكىر ئېقىمىغا ئىگە بىرنەچچە توربەتلەردىن بەھىرلىنىپ تۇردۇم .ھەم مەنمۇ يازغان ئەسەرلىرىمنى شۇ توربەتلەرگە يوللاپ تۇردۇم .مانا يىل بېشىدىلا كومپىيۇتۇرۇمغا  مەنبەدىن ئانا تىلنى قوللايدىغان سېىتىمىنى سېتىۋېلىپ ئورنىتىپ سۆيۈملۈك ئاناتىلنىڭ  ئالەمچە گۈزەللىك ھۇزۇرىدىن بەھىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

    مارشال:سىز ئېنتىرنىت تورىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇردىڭىز؟تور دۇنياسىنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق ھەمدە كەمچىلىك تەرىپى توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:مەن "ئىنتىل""بىلىك" تورىدىن  تېخنىكا ئۈگىنىمەن ."روھلان"،" بايقاش "قاتارلىق توربەتلەردە ئوقۇتۇش، مائارىپ ھەققىدە ماتىريال بىلىم بايلىقلىرىدىن ئورتاقلىشىمەن. "淘 宝 " "ئۇچۇر"قاتارلىق توربەتلەردە  سودا قىلىمەن،"مىسرانىم " "ئىزدىنىش ""يازغۇچىلار مۇنبىرى "قاتارلىق  توربەتلەردە ئوقۇر مەنلەر بىلەن يازغانلىرىمنى ئورتاقلىشىمەن ۋە ياخشى يازمىلار ،بەس مۇنازىرىلەردىن بەھىرلىنىمەن.  ئېلىكتۇرونلۇق خەت ساندۇغى قۇلايلىغىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان ،ئوقۇۋاتقان ئۇرۇق تۇققانلاربىلەن ئالاقىدە بۇلىمەن ...ئىشقىلىپ ئىنتىرنېت -ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بىلەن،قەلىبلەرنى  قەلىبلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇپ يېڭى پىكىر ،ئۇچۇر بوشلىغى يۇلى بىلەن  تەمىن ئىتىدۇ دەپ قارايمەن .
ئەمما  كۈنىمىزدە  بەزىلەر كومپىيۇتۇر ،تور تېخنىكىسىدىن تاھازىرغىچە گۇمانلىنىپ ،ئېنتىرنېتتا بىرقىسىم شەھۋانىلىق،ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت تۈرلۈك قانۇنسىزلىققا ياتىدىغان  قىسمەن سەلبى تەرىپىنىلا كۈرۈپ ،ئارتۇقچىلىق جەھەتتىكى سالمىغىنىڭ چوڭ ھەم كەڭلىگىنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ .


     مارشال:سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت پىلانىڭىز ھەمدە ئارزۇ-غايىلىرىڭىزنى بىلىپ باققان بولسام؟


   ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ:مەن شۇنداق دەپ قارايمەنكى ئەدەبى ئىجادىيەت جەھەتتە جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىدە بۇلۇپمۇ ئەتراپىمدا يېزىشقا تىگىشلىك ،قىزىشنى تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان خام ماتىرياللار ئىنتايىن مول .ئەمما مىنى ۋايسىدى،باھانە كۆرسەتتى  دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماڭكى،  31يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئارام ئېلىش دەرۋازىسىغا يېقىنلاپ قالغان بولساممۇ ئەمما تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن يەنىلا ھەپتىسىگە   12سائەت دەرىس بىرىپ ،يەنە بىر سىنىپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى  ئارتتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن .ھەمىشە يېزىقچىلىق مەجبۇريىتىم ،ئىشتىياقىم بىلەن ئالدىمدىكى ئوتلۇق كۈزىنى ماڭا تىكىپ تۇرغان بالىلىرىم ئارىسىدا مەن ئەڭ ئالدىراش، ئۆز ۋاختىغا ئەڭ ئىگە بۇلالمايدىغان بىر ئادەمگە  ئايلىنىپ قالدىم .شۇڭا ئارمانىم ،پىلانىم كۆپ بولسىمۇ مادارى دەرمانى  ئاز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇردۇم .


ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما <<مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە>>قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.شۇ تېمىدىكى تېمىنىڭ ھەجمى ۋە سالمىقى بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ مەن يوللىغان <<مارشالنىڭ جەنۇپتىكى زىيارەت خاتىرسى>>دېگەن تېمىدىكى سەككىز تېمىنى ئايرىم-ئايرىم تېما شەكلىدە يوللاپ قويۇش توغۇرسىدا تەكلىپ بەردى.مەن شۇ مەقسەتتە،تېمىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يوللاش قارارىغا كەلدىم.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زۇلئاي + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
naildin + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

ئوينامدۇق __ ئويلىنامدۇق؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7410
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9219
تۆھپە نۇمۇرى: 521
توردا: 778 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 03:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال ئەپەندىگە ھەۋىسىم بار جۇمۇ ~! ئۆزى ناھايتى بىلىملىك ، تىرىشچان ، چىقىشقاق ۋە ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئىكەن . بۇنداق باھا بېرىشىمدە مارشال ئەپەندى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھەممىسى  بىلەن دىگۈدەك سۆھبەت ئېلىپ باردى . ئاساسەن تۇنۇشىدۇ دىگەن گەپ . بوش ئادەملەر بۇنداق چوڭ ئىشلارنى ھەرگىز قىلىپ بولالمايدۇ ھەم شۇ زىيالىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالمايدۇ .
مارشال ئەپەندىدىن شۇنى سوراپ باقسام : ئۆزىڭىز نېمە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز ؟

يولغا قاققان قۇزۇقتىن ،ئورىنىۋالغان بۇزۇقتىن ،..................... تىن ، ساقلىغايسىز خۇدايىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7469
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1072 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 03:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قېتىم كۆرگىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم! رەھمەت سىزگە جاپا چەكتىڭىز!  ئىشلىرىڭىزغا  ئوڭۇشلۇق ، بەرىكەت تىلەيمەن!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43825
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2945
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 03:54:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال ئەپەندىم يوللىغان تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى
بىراق ، تىما ماۋزۇسىنىڭ ئالدىغا ئىسمىڭىزنى قوشۇۋالمىسىڭىز ،بىز سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئەمەس ، يوللىغان ئەسىرىڭىزدىن مەنپەئەتلىنىمىز ،مەيلى كىم قانداق ئىسىم بىلەن تىما يوللىسا ،ئۇنىڭ تىتىمىلىق ئەسىرىدىن ھۇزۇرلانساقلا بولدى.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 07:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەزىز ئەيسا ئاكا ، ياخشىمۇ سىز ؟

ئالدى بىلەن باشقۇرغۇچىمىز مارشالنىڭ  ئاتاغلىق يازغۇچى ، مائارىپچى ،  ئەزىز ئەيسا  ئاكىمىزنىڭ ھاياتى ۋە يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن .

يازغۇچى- ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ دەۋرنىڭ روشەن كۆزنىكى . ئۇ سەگەك تەپەككۇرى بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنى پارلاق مەنزىلگە باشلاپ بارالايدۇ ! يازغۇچى-مىللىي ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرغۇچى ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك ئەنئەنە ۋە بۈيۈك مەدەنىيىتىنى  سانسىزلىغان دىللاردىن  چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ ، كىشىلەرگە ھەقىقىي ئادىمىيلىقنى تونۇتقۇچى ! بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ، ئىنسان ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتى بەدىلىگە كىشىلىك ھايات ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك تۈمەن قىسمەتلىرى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئەھمىيەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشىپ ، ئۇنى ئىلمىي يۈكۈنلەپ ، ھەممىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دىققىتىمىزگە سۇنىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىز بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇش ، ئۇلار بىلەن سىردىشىش ، ئۇلارنىڭ ۋاستىلىق بولسىمۇ سۆھبىتىدە بولۇپ ، ئۇلار كۆرسەتكەن يولدا مېڭىپ ، چەكلىك ئۆمرىمىزنى ئادىمىيلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ ، ئىنسانغا خاس پەزىلەر ۋە ۋىجدان-غۇرۇ بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئاتلىنىشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولمايدۇ ، بۇ جاھاندا !

بۇ - يازغۇچىمىز بىلەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن دائىرىسىنىڭ تولىمۇ كەڭ ، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى خېلىلا زور ، يازغۇچىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە خېلىلا ئەتراپلىق چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ !

مەن مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە سېستىمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىدىغان سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن مىسرانىم  مۇنبىرىدىكى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى روياپقا چىقىرىرىش يولىدا خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بۇ جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ ، تېخىمۇ كۆپ سىرداشلار بىلەن داۋاملىق سىردىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش يولىدا يەنىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە تىلەكداشمەن !

يىقىندىن بۇيان مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ناھايتتى جانلىق ھالدا بىز بىلەن يۈز كۆرشىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىن كىيىن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ...


ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 07:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مول ھۇسۇللۇق نادېر تېمىلىرىڭىز خىلى كۆپىيىپ قاپتۇ تۇسۇنجان .
كۈندە ۋاقىت چىقىرالمىساممۇ ھەپتىدە بىر قتىم چوقۇم ھەر بىر تېمىڭىزغا يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ ھەر بىر تېمىڭىزنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ ھەزىم قىلىشقا تىرىشىمەن .

ئاخىردا ئەزىز ئەيسا ئاكىنىڭ تېنى سالامەت ، ئائىلىسى خاتىرجەم ، كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى قەدەملىرى  خەيرلىك بولغاي !

ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86182
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 715
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurdax يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 03:25 PM
مارشال ئەپەندىگە ھەۋىسىم بار جۇمۇ ~! ئۆزى ناھايتى بىلىم ...

70مو  بېغى  بار   شۇ  يەرگە  قارايدۇ شۇ  

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21247
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2121 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مائارىپىمىز ھەققىدىكى  ساقلانغان مەسىلىلەرنى راسچىللىق بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم .بەلكىم ئالاقىدار  مائارىپ رەھبەرلىرى يۇقۇرىدا مەن  تىلغا ئالغان تەپسىلاتلارنى كۈرۈپ ياكى ئاڭلاپ ماڭا قارىتا ئۆچ –ئاداۋەت قۇرالىنى بەتلىشى مۇمكىن .ئەمما شۇنداق قاراشقا كەلگۈچىلەر ئىنساپ بىلەن شۇنى ئويلاپ باقايلى .مائارىپىمىز سۈپىتىڭ تۆۋەنلىگى (ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى قاراشلار   ئۈزۈمنىڭ شەخسى قارىشى بۇلۇپ ئومۇمىلىققا ------

  ھازىر مەكتەپكە بالىلار كەلسىلا بولىدۇ. ئوقوش موھىم ئەمەس،ۋاراڭ-چۇرۇڭ سالماي،تاماقنى يەپ ياتسىلا بولىدۇ،قوپوش موھىم ئەمەس. مەكتپ مۇدىرلىرىنىڭ ئارزۇسى شۇ.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش