|
|
|
|
ئالتۇن كۈمۈش 30يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تەھدىتكە ئۇچرىدى
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە جۇڭگۇنىڭ 1-پەسىللىق GDPسى ئىلان قىلىندى .سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
2013-04-15 | 10:00 | 中国第一季度实际GDP年率 | 高 | 7.9% | 8.0% | 7.7% | 2013-04-15 | 10:00 | 中国第一季度实际GDP季率 | 高 | 2.0% | 2.0% | 1.6% |
سانلىق مەلۇماتلا نەتىجىسىدىن ئايانكى ،جۇڭگۇنىڭ بىرىنجى GDPمۆلچەرگە يەتمىگەنلىكتىن ،دوللارنىڭ كۇچىيىشىگە شەرت ھازىرلاپ ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا يەنە بىر قىتىملىق چۇشۇش تەھدىتى ئىلىپ كەلدى .نەتىجىدە جۈمە كۈنكى بىرتۇرلۇك خەۋەرلەرنىڭ پايدىسىز ئامىللىرى ،ۋە دۈشەنبە كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ تەسىرىدىن ئالتۇن كۈمۈش بازىرى 1980-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ زور چۇشۇش تەھدىتىگە ئۇچرىدىكى ۋە بارلىق مۇھىم دەپ قارىغان تىرەش نۇقتىلىرى ئۇزلۇكسىز بۆسۇپ چۇشتى .
قىسمەن تەھلىلچىلەر ئالتۇننى 2014-يىلىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن يۆلىنىشتە چۇشۇشكە كىرىش كىرەك دەپ تەۋسىيە قىلىشماقتا .ۋە يەنە قىسمەن تەھلىلچىلەر ئالتۇن 1220دوللاردا بىرقىتىم سىنالغاندىن كىيىن ھەقىقى تۇردە ئۆسۇش يۆلىنىشىگە قايتىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ .يىقىن ئامىرىكا دىرويىت بانكىسى مەسئۇللىرىمۇ بايانات ئىلان قىلىپ، ئالتۇن كۈمۈش يىللىق مۆلچەرىنى يەنە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بىلدۇردى .ئۇنداقتا بۇ قىتىملىق كىشىنى چۆچۇتكىدەك تۆۋەنگە چۇشۇشكە زادى نىمە سەۋەپچى بولدى ؟
1.ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ 3-ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا ،زايوم سىتىۋېلىشنى 2013-يىلنىڭ ئوتتۇرغىچە ئازايتىش ۋە 2014-يىلىدىن بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆپ تەرەپلىمىلىك پىكىرلەر ئوتتۇرغا چىققاچقا ،بازارنىڭ QE بولغان تەققەززاسى بىردىنلا سۇسلاشقان .
2.سىپرۇس ئالتۇن ستىۋىلىش ۋە سىتىش ئەندىزىسىنىڭ كۇچىيىشى نەتىجىسىدە ئارانلا لىڭشىپ تۇرغان ئالتۇن كۈمۈشنىڭ بۇرنىدىن بۇلاق يەنە بىر يىرىدىن يۇمۇلاق چىقىرۋىتىشكە سەۋەپچى بولغان .
3.بىز ئەڭ مۇستەھكەم ئەڭ مۇھىم دەپ تەكىتلەپ كىلىۋاتقان 1535دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن كىيىنكى يۆلىنىشتە ئۆزىگە خاس تىرەش نۇقتىسى تۇرغۇزغىچە بازارغا داۋاملىق تۇردە پايدىسىز ئامىللار تەسىر كۆرسىتىپ تەڭشىلىش ھالىتىگە پۇرسەت بەرمىگەن.
4.دۇشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىسمىللاھ دىمسەتىنلا جۇڭگۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ پايدىسىز تەسىرى بىلەن ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەندەك ئالتۇن كۈمۈشنىڭ داۋاملىق چۇشىشىگە سەۋەپچى بولغان .
يۇقارقى بىرقانچە تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئالتۇن كۈمۈشنىڭ چۇشۇش يۆلىنىشى داۋاملاشماقتا .ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ھازىرقى يۆلىنىشى جۈمە كۇنكى خەۋەرلەرنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن تىخى قۇتۇلۇپ كىتەلمىگەچكە ،بازارغا چوقۇم پايدىلىق بولغان خەلىقئارا ئامىللار تەسىر قىلغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن .شۇڭلاشقا بىز داۋاملىق تۇردە تۆۋەندىكى مۇھىم خەلقئارا خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىشىمىز زۆرۇر:
2013-04-17 | 00:00 | 美元 | 美联储理事杜克在美国银行家协会政府关系峰会讲话 | 2013-04-17 | 00:00 | 欧元 | 欧洲央行行长德拉基将参加欧洲议会在当地举行的针对欧洲央行年度报告的辩论 | 2013-04-17 | 03:00 | 美元 | 美联储副主席耶伦在IMF会议上主持有关货币政策的讨论 | 2013-04-17 | 16:30 | 英镑 | 英央行公布4月3-4日货币政策会议纪要 | 2013-04-17 | 22:00 | 加元 | 加央行公布利率决定 |
يۇقارقى مۇھىم خەلىقئارا خەۋەرلەر دوللار ،ياۋرۇ ،فونىستىرلىڭ ...قاتارلىقلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ،ئالتۇن كۈمۈش تاۋار ماللارغا تەسىر كۆرسىتىشى ئىنىق ، بۇگۇن چۇشتىن كىيىن بازار بىرتۇرلۇك سانلىق مەلۇماتلارنى كۈتىۋالغاندىن كىيىن ،ئامىرىكا بازىرى ئىچىلغاندىن كىيىن داۋاملىق تۇردە تىخنىكىلىق تەڭشىلىش ھالتىدە مىڭىشى مۇمكىن ،شۇڭلاشقا ئالتۇن كۈمۈشنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە كىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
كۈمۈش سودىسى بىلەن شۇغىللانغۇچىلارغا ئەسكەرتمە : كۈمۈشنىڭ ئالتۇنغا قارىغاندا تەۋرىنىشى چوڭايغان بولۇپ، 22.40-23دوللار ئارىسىدا ئۆسۇشكە مال يىغىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .پايدا نىشانىنى 24.85دوللار قىلىپ بىكىتىشكە بولىدۇ .كۈمۈشنىڭ تەۋرىنىشى بىۋاستە دوللارنىڭ تەۋرىنىشىگە باغلىق بولۇپ، ئالتۇننىڭ تەۋرىنىشىگە بىۋاستە ئەگىشىپ كىتەلمەيدۇ .بەلكى كۈمۈشنىڭ سەزگۇرلىكى ئەڭ يۇقىرى ،خەلىقئارادىكى خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىگىمۇ ئەڭ تىز ئۇچرايدۇ ،شۇڭلاشقا ھازىرقى كۈمۈشنىڭ بازار تەۋرىنىشى سودا قىلىشقا بىرقەدەر مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن .
ئىشىنىمەنكى ئالتۇن كۈمۈشنىڭ بۇنداق تىز چۇشىشى چوقۇم تىز ئۆسىشىگە سەۋەپچى بولالايدۇ .دوستلارنىڭ مەيۇسلىنىپ كەتمەي ،زىياننى تىزگىنلىگەن ئاساستا مال ئىلىشىنى ،بولۇپمۇ نەخ مال سودىسى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .ھىلىمۇ نەچچە كۇننىڭياقى ھىساپ پارتلاپ كەتكەنلەرنى تولا ئاڭلاپ كۆڭلۇم بىئارام بولۇپ كىتىۋاتىدۇ .
ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىدا ئالتۇندىن 1320دوللاردىن مال يىغىپ ،پايدىنى 1480دوللاردا ،زىياننى 1295دوللاردا بىكىتىشىنى تەسىيە قىلىمەن .
كۈمۈشنىڭ ئوتتۇرا مۇددەتلىك سودىدا 22.10دوللاردىن مال يىغىپ ،پايدىنى 25.40دوللاردا بىكىتىپ ، زىياننى 21.97دوللاردا بىكىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنبەسى : ئۆزۇم
ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولمايدۇ سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !
|
|
|
|
|
|