مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4595|ئىنكاس: 52

توختى پوكان ۋە كۇسار ئوغرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:29:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توختى پوكان ۋە كۇسار ئوغرىسى

(بەشىنچى ھېكايە)

ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش


شۇ ۋەقەدىن كېيىن پۈتۈن تارتقۇلارنىڭ باش بېتى «ئادالەت يۇلىدا جان پىدالىق كۆرسەتكەن ۋەتەنپەرۋەر ياش-توختى» بولۇپ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئۆگىنىش ئۆلگىسى سۈپىتىدە ھەرخىل يېغىن-مۇراسىملارنىڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدىغان بولۇپ كەتتىم. مىنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆيۈم تۈرلۈك-تۈمەن لەۋھە-تەقدىرنامىگە تۇلۇپ كەتتى...
«ئامەت كەلسە ئىشىكنى ئېتىۋالساڭ تۈڭلۈكتىن چۈشۈپتۇ» دىگەندەك بىر كۈنى ھېلىقى چوڭ باشلىق مىنى ئالايىتەن يوقلاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ شۇ ئىشتىن كېيىن ئەمىلىنىڭ ئۈسۈپ كەتكەنلىكىنى مىنىڭ ئەتىدىن باشلاپ يېزىلىق ساقچىخانىغا چىقىپ ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇشۇمنى ئامال بار يىل ئاخىرىغا قالماي رەسمىي ئىشتاتلىق ساقچى قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاتمىخان بىلەن ئىككىمىز بۇ خوش-خەۋەردىن شۇنداق خوش بولدۇق مەن كېچىچە ھاياجىنىمدىن پاتمىخانغىمۇ قارىماي دادامدىن قالغان بىر دانە كونا كونا ئىزناكنى مەيدەمگە تېڭىپ تاڭنى كۆز يېشى بىلەن يورۇتتۇم.
شۇنداق قىلىپ مەن توختى پوكاننىڭ ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ يېزىلىق ساقچىخانىدىكى خىزمەت ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاران پۈتتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن تەشكىل باشتا مىنى ساقچىخانا دەرۋازىسىغا قارىغىلى قويدى، مەن مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتىمۇ دەرۋازا تۈۋىدە مىدىر-سىدىر قىلماي تۇراتتىم، باشقىلار «نۆۋەتچىلىك ئۆيىدە تۇرساڭمۇ بولىدۇ، بېشىڭغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن ئۇكام!» دەپ كۈيۈنسىمۇ ئۇنىماي دەرۋازا تۈۋىدە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇۋالاتتىم، مىنىڭ خىزمەتتىكى بۇنداق ئەستايىدىللىقىم ئۇزۇن ئۆتمەي باشلىقىمنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ماڭا ئۆزىچە ئامراق بولۇپ قېلىپ مىنى ئۆيىنىڭ ئۇلۇغ-ئۇششاق ئىشلىرىغا ئاۋايلىماي سالىدىغان بولدى، باشلىقىمنىڭ ئايالىمۇ سېمىزلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئادەتتىن تاشقىرى مېھرى ئىسسىق، ياخشى كۆڭۈل ئايال ئىدى، ئۇمۇ مىنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆرۈپ ئۆيىدىكى ئاشقان-تاشقاننى كۈندە دېگۈدەك ماڭا يۆگەپ بىرەتتى. باشلىق بارغانسېرى مىنى ئەتىۋارلاپ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئاچىقۇچىنىمۇ بەردى، مەن كۈندە ئەتتىگەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى جان-پىدالىق بىلەن تازىلاپ ئۈستەل-ئۇرۇندۇق دىگەنلەرنى يالىغاندەك پارقىرتىۋىتەتتىم...ئانامنىڭ رەھمىتىنى ئالغان بەندە ئىكەنمەن، كېيىن سىياسىي كومىسسارمۇ مىنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادەمنى كۆرۈپ ئاچىقۇچىدىن بىرنى تۇتقۇزدى...ئىشخانىلارنىڭ ئاچىقۇچى بارغانسېرى ئاۋۇپ يان بىلىم ئاچىقۇچ بىلەن تولدى، مەنمۇ ئادەملەر قىستىلىشىپ قالغان كوچا-رەستىلەردە يان بىلىمدىكى ئاچىقۇچلارنى قەستەن كىشىلەرگە شاراقشىتىپ كۆز-كۆزقىلىدىغان بولدۇم، ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيۋەتلىك ساقچى كىيىمىمنى ئاندىن يېنىمدىكى ئاچقۇچلارنى كۆرۈپ «بۇنىڭ ئەمىلى چوڭ ئوخشايدۇ» دەپ ئۆزلىگىدىن ماڭا يول بىرىشىدىغان بولدى...
بىر كۈنى چۈشكە يېقىن باشلىقىمىزنىڭ چىرايلىق ئايالى ئوڭ-سۇلى ئۆچكەن ھالدا ساقچىخانىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ مىنىڭ پېشىمنى تارتتى:
- ۋوي توختى، بۇياققا چىقىڭە!
مەن ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەن قانسىز چىرايىغا قاراپ بىرە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم-دە قۇلۇمدىكى دەسمالنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
- نېمە ئىش بولدى ئاچا؟،- دېدىم ساقچىخانىدىن يىراقلاپ بىر يەرگە كەلگەندە.
- نېمە ئىش بۇلاتتى،-دېدى ئاچىمىز ئىككى يانغا قارىۋېتىپ پەس ئاۋازدا قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ھاسىرىغىنىچە،- ئابىيام ئاكىڭىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم يېزىمىزدىكى كارخانچى شامىل شاڭخەي ياغلىققا ئورالغان بىرنىمىنى بىزنىڭ ئادەمنىڭ تارتمىسىغا تىقىۋېتىپتىكەن،مەن بېرىپ قارىسام ئۇنىڭ ئىچىدىكىسىنىڭ ھەممىسى پۇلكەن، شامىل شاڭخەي ئۇنىڭ قەدىناس ئاغىنىسى بولغاچقا مەن شوخلۇق قىلىپ ئۇ پوللارنى ياغلىقى بىلەن سومكامغا سېلىۋالغان ئىدىم...
ئاچىمىز شۇلارنى دەپ كىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
- ھە ئاخىرىنى دەڭا، نېمە ئىش بولدى؟،- دېدىم قۇلىقىمنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ.
- ئۇ پولنى بىرسى ئوغۇرلىۋاپتۇ...
- قانچە پول ئىدى؟
- مەن سانىمىغان، ئىشقىلىپ ئون مىڭ يۈەنچە بار...
- ئەستەخپۇرۇللاھ ماۋۇ ئىشنى،-دېدىم ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ،- بۇ قانداق بولغىنى!
- ئۇ پۇلغا ئانچە ئىچىم ئاغرىمىدى توختى،-دېدى ئاچىمىز يېشىنى ياغلىقىنىڭ بۇرجىكىدە سۈرتۈپ تۇرۇپ،- ئەڭ مۇھىمى شۇ پولنىڭ ئارىسىدا شامىل شاڭخەينىڭ ھەرەمگەچىقىدىغان يول خېتى بار ئىكەن، بىزنىڭ ئادەم ئۇ يول خېتىنى شەھەرگە ئەكىرىپ يۇقىرىغا تەستىقلىتىپ بەرمەكچى بوپتىكەن، ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە دەرمەن....
- پولنىڭ ئارىسىدا يول خېتى بارمىكەن؟
- ھەئە بىللە ئىدى...
- ئوغرى سومكىدىن ئاپتۇما؟
- ياق پول سومكىدا ئەمەستى، مەن ئۇنى كۇسىرامنىڭ يانچۇقىغا شۇ پېتى تىقىپ قويغان...
- ئەمىسە بۇ گەپنى باشلىققا دەيلى ئاچا!
- شۇ دىگىلى بولمايتتى توختى،- دېدى ئاچىمىز بېشىنى يەرگە تىقىپ تىرنىقىنى كوچىلىغان ھالدا.
- نېمىشقا ئەمدى؟
- پولنى كۇسىرامنىڭ يانچۇقىغا سالغان دىدىمغۇ شۇ!
- ھەئە شۇنداق دېدىڭىز...
- ئۇ يۈزى قېلىن ئوغرى پۇللارنى كۇسىرام بىلەن قوشۇپ ئوغۇرلاپ كەتتى...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشتا ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم كېيىن كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيۇپ ئېغىزىمغا كەلگەن تۈپۈكنى «غۇرتتىدە» يۇتۇپ كېكەچلىدىم:
-مۇنداق دەڭ...ئوغرى پۇلنى كۇسار بىلەن قېتىپ...
-شۇنداق توختى، سىزنى ئىرىم بەك ئاقكۆڭۈل ياخشى ئادەم دېگەن ئىدى، رادىئۇدىمۇ كۈندە سىزنى شۇنداق دەيدۇ، شۇڭا سىزگە ئىشىنىپ بۇ گەپنى دەپ سالدىم، ئىنسانغا تىنماڭ، ئۇئوغرى ھەرقاچان بۇ يۇرتلۇق ئەمەس...
-تەپسىلاتىنى ماڭا ئېنىق دەڭا ئاچا!
- سىزگە دېسەم توختى،-دېدى ئاچىمىز گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- بۈگۈن بازار كۈنى بولغاچقا قىلىدىغان ئازراق سودىلىقىم بار ئىدى مەن ئاكىڭىزنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپلا بۇ پوللارنى يانچۇقچىنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن قورقۇپ ساقچىخانا ھويلىسىدىكى خالىجايدا كۇسىرامنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان ئىدىم، مېڭىپ رەستىگە يېقىنلاشقان چېغىمدا كەينىمدىن بىرسى ئىسقىرتقاندەك قىلدى، قارىسام بوي-بەستى قاملاشقان ناتۇنۇش بىريىگىت . مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي مېڭىشىم ئۇ يۈگرەپ كىلىپ مىنى گەپكە تۇتتى:«خانىم قارىسام تەرلەپ پىشىپ كېتىپلا، سەگىدەپ كەلمەيمىزمۇ؟» دەيدۇ، «ۋاي ئۆتەپ بارە سولتەك، ئىرىم بار مىنىڭ!» دېسەم دەمالىققا يانچۇقىدىن كونا قول ياغلىققا ئورالغان بىرنىمىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى، قارىسام بىر ئۇچۇم ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت، تېخى ھېلىلا زەرگەرنىڭ قۇلىدىن چىققاندەك پارقىراق، مەن جىددىلىشىپ«نېمە دېمەكچى سەن؟» دېسەم ئۇ ئەبلەخ«بۇ نەرسىلەر ئانامدىن ماڭا قالغان، سىزنى كۆرۈپ... بۇلارنىڭ ھەممىنى بەرسەم، شۇڭا...» دىمەسمۇ، باشتا بۇ مەجنۇننىڭ تېتىقسىز-ھاياسىزلىقىغا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، كېيىن ئۇ ئالتۇنلارنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم ئويناپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم، قارىماي دېسەممۇ كۈزۈم شۇ ئالتۇنلارداقالدى، ئىرىم بولغان گۇي ھە دىسىلا «مەن دېگەن رەھبەر، باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشۇم كېرەك،ۋەزىيەت جىددىلىشىپ كەتتى، مۇقىملىق-مۇقىملىق» دەپ يۇقىرىغا ئۆسۈشنىڭ كويىدا ئۆيگەئايدا-يىلدا بىر كىرمەيدۇ، ئاڭلىسام دۇتارچى خوتۇنلارنى باشلاپ ئېشەك ھاڭرىغان،داپ داراڭلىغان يەرلەردە ئەلەڭ-سەلەڭ ئىشلارنى قىلىپ يۈرەرمىش، مەنمۇ ئايال كىشى،مىنىڭ كۆڭلۈممۇ كۆڭۈل، ئۇ داننى ئۆيدىن يەپ تالاغا قۇيۇپ يۈرگەندىكىن مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆمرىدە بىرە قېتىم مىنى كەينىگە سېلىپ زەرگەرنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ باققان ياكى «سىلە ئۈچ بالامنىڭ ئانىسى، ماۋۇنى سېلىپ بېقىڭلارخوتۇن» دەپ ئۈزۈك چاغلىق بىرە نەرسە تەڭلەپ باققان كىشى ئەمەس، مىنى ئەزەلدىن كۆزىگە ئىلىپ باقمايدۇ، تېخى باشقىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرىدىغان سورۇنلاردا ھە دېسە مىنى ئەشۇ يۇغان قۇرساقلارنى ئۇسسۇل-تانسىغا تارت دەپ شەرەت قىلىدۇ، ئۇ پو قۇساقلار مەست بولۇپ قېلىپ خالىجايغا چىقماقچى بولسا مىنى يول باشلاپ ئاچىققىن دەيدۇ،ئېيتىڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن خوتۇنمۇ ياكى ھايۋانمۇ؟ ئۇ تاز كاللىلارنىڭ بەزەنلىرىنىڭ تىلىنى بىلىمەن، بەزەنلىرىنىڭكىنى بىلمەيمەن، ئۇلار چىلاشقىچە ئىچىپ ئۈرە تۇرغۇدەك ھالى يوق خالىجايدا ماڭا ھاياسىزلىق قىلىمەن دەپ ئالدىمدا ئىمىلەكلەپ تىزلىنىپ ئۆيىدىكى خوتۇنلىرىنى تىللىشىپ بىر نىمىلەرنى دەپ يىغلىشىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ تېگى پەسلەرنىڭ بىرىگىمۇ تۇتۇق بەرگەن يېرىم يوق، بۇ قېتىم كۆڭلۈمدە « ئىرىم بولغان ئەبلەخ نومۇس قىلماي ئۆزىنىڭ ئەمەل-دۆلىتى ئۈچۈن مىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىسا، ئاجرىشاي دېسەم ئۈچ بالام تالادا قالسا، خەقنىڭ ھەققىنى يەپ كاللىسى پوققا چىلىشىپ قالغان سورۇندىكى ئۇ خام كاللا مەستلەر مىنى سۆيىمەن دەپ ئېغىزىمنى تاپقىچىلىكى يوق، ئۇيات يىرىمنى يالاپ ،تاھارەت لاتامنى ئىمىپ يۈرۈشسە ئۇنداق پاسكىنا توڭگۇزلار بىلەن بىللە بولغىچە ئەشۇ ھۆرمىتىمنى قىلغان ئوغرى بىلەن بىرە قېتىم بىللە بولسام نېمە بۇپتۇ...» دىگەننى ئويلاپ ئۇنىڭغا ماقۇل دىدىم، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى رەستىنىڭ ئايىغىدىكى كىشى بارمايدىغان قوناقلىقتا كۆرۈشىدىغان بولدۇق...كىم بىلسۇن ئۇ ئوغرى چام يېرىم بولماستا كۇسىرامنى تارتقانچە سالدۇرۇپ ئېلىپ قاچتى...
- ۋوي سىزمۇ قىزىق ئاچا، كۇساردا پول بارلىقىنى بىلمەمتىڭىز؟،- دېدىم گەپنىڭ ئاخرىغا تەقەززا بولۇپ.
- شۇ مەنمۇ بىر قۇلۇمدا كۇسىرامنى چىڭ تۇتىۋالغان، لېكىن ئۇ ئەبلەخ قۇلىدىكى ئالتۇنلارنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويغاندىكىن خۇشلۇقتا بىر قۇلۇم كۇسىرامنىڭ بېغىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ ئۇكام...
- توۋۋا شۇنچە پۇلىڭىز تۇرۇپ قىلغان ئىشىڭىزنى...
- بولدى ئادەمنى تولا خىجىل قىلماڭ، ئالتۇن دېگەن ئاياللارنىڭ شەيتىنىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوغرىنىڭ خېلى پەيزى باردەك بىلىنىپ قالدى ،ئۆمرۈمگە كىلىپ تۇنجى يېگەن پۇقۇم مۇشۇ....
- شۇمۇ گەپمۇ، ئالتۇنلار قېنى؟
- مانا ھەممىسى!، - ئاچىمىز شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىدىكى ئۇ ئالتۇنلارنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى،- ھەممىسى مىستىن ياسالغان ساختا نەرسىكەن...
- ھەئە، ئوغرىنىڭ پەيزى باركەن ئاچا!،- دېدىم بېشىمنى لىڭشىتىپ ئاچچىقىمدا،-سىزنىڭ خالىجايدا پۇلنى كۇسىرىڭىزغا سالغانلىقىڭىزنى بىرەسى كۆرگەنمىدى؟
ئاچىمىز بىردەم تۇرۇپ كېتىپ بېشىنى چايقاپ جاۋاب بەردى:
- خالادىغۇ مەندىن باشقا ئادەم يوق ئىدى...
- يان تەرەپتىكى ئەرلەر خالاسىدا چوقۇم ئادەم بار، ئىككى خالانىڭ ئوتتۇرىسىنى قومۇش بورىدا قېلىن تۇسۇپ قويغان بىلەن تاياقتەك بىرنىمىنى تىقىپ تۆشۈك ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ. بىرسى چوقۇم سىزنى مارىغان گەپ، ھە راست چىرايىدا بىرە ئالاھىدە بەلگىسى بارمىكەن؟
- چىرايىغا ئېنىق قارىماپتىكەنمەن، ئىشقىلىپ ساغرىسىدا بىر تال قۇناق چوڭلىقتا ئۆسۈكچە گۆش بارمىكىن، قۇلۇمغا شۇنداقراق ئۇرۇنغان..
- ۋاي بولدى قىلىڭە!،- دېدىم ئاچىمىزنىڭ خىجىل بولماي كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتقان گېپىنى بۆلىۋېتىپ بازار تەرەپكە ماڭغىنىمچە،- ئۆيىڭىزگە بارغاچ تۇرۇڭ، خوشخەۋەر يەتكۈزىمەن!
مەن شۇ ماڭغىنىمچە ئۇدۇل دوقمۇشتىكى ئىسمايىل كاۋاپنىڭ دۇكىنىغا باردىم،چۈنكى بىزنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئىچكىرچى لۈكچەك ئوغلىنى تۇتىۋېلىپ بۈگۈن سەھەردە قويىۋەتكەن ئىدۇق، ئويلاپ باقسام ئاچىمىزنىڭ ساقچىخانىغا كەلگەن چېغى دەل ئۇنىڭ قۇيۇۋېتىلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىكەن.
- نۇرەك قەيەردە؟
- ئۇ ئۆيدە ئۇخلىۋاتىدۇ باشلىق، بىرە ئىش بولسا...،- دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئەللىكلەردىن ھالقىغان ھېلىگەر دادىسى ماڭا مەجبۇرى كۈلۈپ تورۇپ.
- مىنى باشلاپ كىرىڭ، گەپنىڭ چالىسى قاپتۇ!،-دېدىم ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىپ.
دىگەندەك ئىچكىرىدىكى ئۆيدە نۇرى قىمارۋاز قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەن ئىكەن، مەن ئۇنىڭ دادىسىنى كاۋاپدانغا چىقىرىۋېتىپ ئۇنى نۇقۇپ ئويغاتتىم:
- ھەي نورى، تۇرە ئورنىڭدىن!
- نېمە ئىشتى باشلىق ئاكا؟،-دەپ سورىدى نورى قىمارۋاز ئەسنىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ.
- ئېيتە ساغراڭدا بىرە تال مۇنچاق گۆش بارمۇ؟
- بارلىقىغۇ بار ئاكا، مونچاق گۆشۈم سىلەرگە تاقاشمىغاندۇ؟
بۇنى ئاڭلاپ پەرىزىمنىڭ توغرا چىققانلىقىنى پەملىدىم-دە ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلدىم:
- تۈرمىدە ياتامسەن ياكى كۇساردىكى پولنى بېرەمسەن؟
نۇرى قىمارۋاز ئادەتتىن تاشقىرى چاققان ھەم زېرەك نېمە ئىدى، ئۇ گېپىمنىڭ باش-ئايىغىنى چۈشىنىپ بېشىنى قاشلىغىنىچە كارۋىتىنىڭ ئاستىدىكى قول ياغلىققا ئورالغان پوللارنى ئېلىپ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ساناشقا باشلىدى. مۇشۇ تاپتا يىپ-يېڭى پۇللار كۆز ئالدىمدا كىنو لېنتىسىدەك شاراقشىپ ئۆتۈپ يۈرىگىمنى مۇجۇپ كېتىپ باراتتى، مەن كاللامغا قۇلاق چىقىپ بۇنداق جىق پولنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، بىر ھىساپتا ساقچىخانىدا ئون-يىگىرمە يىل ئىشلىسەممۇ بۇنچىلىك جىق پولنى يېغالمايتتىم،ئىختىيارسىز يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ ئېغىزىم قۇرۇقدىلىشقا باشلىدى، چىرايىمدىكى ئالامەتلەرنى سەزگەن نورى قىمارۋاز تۇيۇقسىز گەپ تەشتى:
-ئاكا، ئۇ ھارامخورلار سىز بىز، بىر ئۆمۈر تاپالمىغاننى ئېغىزىنىڭ يېلى بىلەن بىردەمدىلا تاپالايدۇ، ئۇلارنى ئاز-تولا باجلاپ تۇرغاننىڭ ھېچقىسى يوق، ئەڭ ياخشىسى يېرىمىنى سىز ئېلىڭ، تۈگە كۆردۈڭمۇ ياق، تۈگمە كۆردۈڭمۇ ياق، قانداق ئاكا؟
نۇرى قىمارۋازنىڭ كىسىپ ئېيتقان گىپى ماڭا ياغدەك ياقتى، شۇنداقتىمۇ بېشىمدىكى ساقچىلىق شەپكەم مىنى ئۇنىڭغا توۋلاتقۇزدى:
- ئۇنداق گەپنى قىلما، بىز خەلقنىڭ چاكىرى، پارتىيەنىڭ كادىرلىرى ئەزەلدىن سەن ئويلىغاندەك ئاچكۆز ئەمەس، مىنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ!
- ۋاي بىلىمەن ئاكا،-دېدى ئۇ قاپىقىنى سۈزۈپ ئېغىزىنى چىكىلداتقىنىچە ماڭا تەنبىھ بىرىپ،- قۇرۇلۇشچى ئاغىنەم يېزىلىق ئورگاننىڭ مەيدان قاتتىقلاشتۇرۇش ئىشىنى «مەن ھەر كۋادرات مېتىرىنى ئەللىك يۈەندىن سۈپىتىگە ئۈچ يىللىق كاپالەتلىك قىلىپ ئالاي»دىسە بىزنىڭ ئەشۇ خەلق چاكارلىرىمىز ئاتام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن باشقا بىرسىگەئىككى يۈز يۈەندىن ھۆددە بېرىۋېتىپتۇ، ئويلاپ باققىنا يېزىمىزنىڭ سۇ سىڭمەس قۇرلۇشى دەيمىز، يەنە توسما سېلىش دەيمىز قايسى بىرىنى بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى كىشىلەرگە بىرىپ باققان؟ بىزمۇ قىلغىلى ئىش تاپالماي ئۈچ چاقىلىق موتوسېكلىت ھەيدەپ كىراغا سېلىۋىدۇق، سىلەر ماڭغىلى قويمىدىڭلار، باشقا ناھىيە-شەھەرلەرگەبېرىپ ئىشلەيلى دېسەك، كېچىسى ساقچىخانىدىكىلەر تەكشۈرەيمىز دەپ يېغىۋالغان، سەنمۇ بىلىسەن ئېتىزلىققا تېرىغىنىمز چىقىمىغا تاشىمىسا، دېگىنە بىز قانداق قىلىمىز؟ شۇئىچكىرىدە قاقىلاي-سۇقىلاي بولۇپ كاۋاپچىلىق قىلغاچ يانچۇقچىلىق قىلىپ يۈردۇق،ئەمدى ئۇ ئىچكىرمۇ چىڭىپ بىزگە كۈن قالمىدى، ئۇ يەردىكى ساقچى غوجاملار تېخى بىزگەنېمە دەيدۇ بىلەمسەن ئاكا! ئۇلار:«ۋوي سىلەرنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، نېفىت بايلىقى ،كان بايلىقى، گاز بايلىقى مول، ھېچ بولمىسا بېرىپ نىفىتلىكتە ئىشلىگىن، غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلىشىغا تۇرۇبا ياتقۇزۇش ئىشچىسى بولغىن، سىلەر دېگەن تارىم نىفىتلىكىنىڭ خۇجايىنلىرى تۇرساڭلار، ھۆكۈمەت سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ،سىلەرنى ئالدىن ئىشلىتىدۇ، نېمە قېلىسىلەر جەننەتتەك ماكاننى تاشلاپ دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ بۇ يەردە.. » دەپ بىزگە تەربىيە بېرىشىدۇ، لېكىن بىز ئوقۇمىغان تۇرساق قانداقمۇ ئۇ چوڭ زاۋۇتلارغا ئىشچى بولالايمىز ئاكا؟ ھەر نېمە بولسا خۇدايىم بىلىپ ئاقسۇلۇقلارنى، بىڭتۆەنلىكەرنى بىرىپتىكەن، بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر ھەر يىلى كۈزدە پاختا تەرگىلى چىقىمىز دەپ بۆشۈكتىكىدىن –تۆشۈكتىكىگىچە چىقىدىغاندۇ؟ ئۆتكەن يىلى بەش كىشىلىك كىچىك ماشىنىغا توققۇز ئادەم چىقىپ قاتناش ھادىسىسىدە تەڭدىن تولىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ ئاكا؟بىزگىمۇ تەس...، ھە دىسە بىزنى ئوغرى-پوغرى دەيسەن، قارىغىنا ئەشۇ قورسىقىنى تومپايتىۋالغانلارغا ئۇلار قايسى بىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھەممىسى ئۆزىنىڭ يانچۇقى، كارنىيى ئۈچۈن،ئەمەل-ئورۇندۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتمامدۇ، ئۇلار مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەرگەن پۇللىرىنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ يۇقىرىغا قۇرۇق ھېساب بىرىدۇ، تۈۋەنگەبولسا گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدۇ، مانا مۇشۇلار ئوغرى ئەمەسمۇ؟ قارىغىنا ئەشۇ بىزنىڭ مەسچىتلەردىكى موللا-ئاخۇن دىگەنلەرگە ئۇلار ئىتىكاپتا ئولتۇرۇۋېلىپ ھەدېسە«ھەرەمگە بېرىڭلار، گۇناھىڭلاردىن يۇيۇلۇپ ئانىدىن تۇغما بولىسىلەر» دەيدۇ، بۇبىچارىلەر بۇنى ئاڭلاپ يىمەي-ئىچمەي بىر ئۆمۈر يىغقان پولىسىغا ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن قانچە يەرگە نەچچە پول بىرىدۇ بىلەمسەن ئاكا؟ بۇنى سەن بىلمەيسەن ، بۇ ئاخۇن–موللىلار ئارقىدىن «تالاق، ئۈچ تالاق» دېگەن گەپنى ناھايىتى داۋراڭ سېلىپ سۆزلەيدۇ، قۇڭىنىڭ ئەتراپىدىكى پوقنى تۈزۈك سۈرتۈشنى بىلمىگەن بۇ بىچارە بايقۇشلار بۇ تالاق سۈزىنى ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، ھۇقۇقى دەپ بىلىپ ئازراق ئاچچىقى كىلىپ قالسىلا ئۈچ بالسىنىڭ يىتىم بۇلىشى بىلەن كارى بولماستىن بىچارە خوتۇنىنىڭ«ئۈچ تالاق»دەپ سۈزىنى بېرىشىدۇ، كېيىن بالىسى يادىغا كىلىپ ئاخۇنۇمنىڭ قېشىغا بارسا يېنىشىشقايول چىقمىغان، شۇنداق قىلىپ بۇ بالىلار ئانىسىنىڭ يېنىغا بارسا ئۆگەي دادا،دادىسىنىڭ قېشىغا بارسا ئۆگەي ئانا... مەندەك كىچىكلا كوچىغا تاشلىنىدىغان گەپ،مەنمۇ شۇ ئۆگەي ئانىنىڭ مەھسۇلى ئاكا، ئاڭلىسام بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئۇرۇندا ئىكەنغۇ، ئېيتقىنا مانا مۇشۇنداق «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس، سەۋرى قىلغۇچىلار پايدا ئالىدۇ، بۇ دۇنيا كاپىرنىڭ،ئۇ دۇنيامۇسۇلمانلارنىڭ...» دەپ ئاللانىڭ كالامىنى ئۆزگەرتكۈچىلەر ئوغرى بولمامدۇ؟...
- ۋاي بولدى قىلە ئوغرى!،-دېدىم ئۇنىڭ گىپىدىن قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ،- مەن دەرس ئاڭلىغىلى كەلمىدىم سەندىن، سەن دېگەن ئۇنداقلار ناھايىتى ئاز ساندا، كۆپىنچىسى ئۇنداق ئەمەس! پارتىيە ھامىنى جاجىسىنى بىرىدۇ ئۇلارنىڭ...ساڭا نېمە كەپتۇ جۇڭگو-پۇڭگودەپ ئەمدى...
- كۆپىنچىسى ئۇنداق ئەمەس؟،- دېدى نورى قىمارۋاز ئورنىدىن چىچاڭشىپ تۇرۇپ،- تۈفىي!
- سەكرەيسەنغۇ، خاتا دېمىدىم مەن!
- بىر بالىنى ھەربىيلىككە ئالدۇرۇش ئۈچۈن نەچچە پول كىتىدۇ، بىلەمسەن ئاكا؟
- مەن نېمە بىلىمەن، يا مەن ئەسكەرلىككە بېرىپ باقمىسام؟
- شۇنداق سەن بۇنى بىلمەيسەن، ئاچامنىڭ بالىسى ئۈرۈمچىدە ئۇقۇپ كىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغىلى نەچچە يىل بولدى بۇنى بىلمەيسەن، يەنە بۇيەردىكى خەقلەر ئىختىساسلىقلارنى ئەكىلىمىز دەپ نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق جايلاردىن پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان بىر توپ نان قېپىلاردىن نەچچە يۈزنى ھەر يىلى ئەكىلىدۇ، ئۇلارغا تەييار ئۆي،تەييار پۇل، مىنىڭ ئاچامنىڭ بالىسى بولسا خىزمەت تاپالماي دەردتە نەشە چىكىپ ئولتۇرغىنى-ئولتۇرغان، بۇنى بىلمەيسەن! بىزنىڭ ئەشۇ كىشىلىرىمىز يۇقىرىغا مۇشۇئەھۋاللارنى ئەينەن دەپ كەلگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا يەنە بىردىن تەرجىمان بەرمىسە تۆۋەندە ھېچ ئىشقىلالماي جەمشىتنىڭ مۈشۈكىدەك كۈزىنى پارقىرىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ پۇل-ئادەم بايلىقىنىڭ ناھايىتى ئىسراپ بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى تەپسىلى ئېيتسا ئۇلاربۇنىڭغا ئامال قىلمامدۇ ئاكا، گەپ ئەشۇ ئۆزىنىڭ يەۋاتقان نېنىدىن ئايرىلىپ قالامدىمىزكىن دەپ ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈپ يۇقىرىنى ئالدايدۇ ماۋۇ خەق! مەركەز دېگەن مىڭنى قىلسا مەركەز ئاكا، «خەلققە يۇقىرىنى قوق، يۇقىرىغا خەلقنى پوق» كۆرسىتىدىغىنى يەنە مۇشۇ مۇناپىقلار شۇ ئاكا!
- ۋاي بولدى قىلە ئوغرى، سەن نېمە دېگەن بىلەن سېپى ئۈزىدىن ئوغرى، ھازىر تۇرمىشىمىز ياخشىلىنىپ كەتتى، بۇرۇنقى زامانلاردا ھازىرقىدەك توك-لامپۇچكا يوق ئىدى، جىن چىراغ ياندۇراتتۇق، يېگىلى نان يوق پاخالنى قاينىتىپ ئىچەتتۇق، مانا ھازىر قارىغىنا تۇرمۇشىمىزغا نېمە دېگەن باياشاتچىلىق...بۇنى بىلەمسەن زادى؟
- ۋاي بولدى قىلە، شۇ پاخالنى قاينىتىپ ئىچكۈزگەنلەرنىڭ كىملىكىنى بىلەمتىڭ سەن!ئەشۇنداق چوڭ ئوغرىلارنى تۇتمىساڭ بىز يەنە شۇ پاخال قاينىتىدىغان كۈنگە قالىمىزئاكا ، ئەڭ ياخشىسى مەندەك كىچىك ئوغرىلارنى قويىۋەت!
- ئېغىزىڭدىن بالاغا قالما، ئوغۇرلىقىڭ ئاز كىلىپ سىياسىي بولۇپ ياتماقچىمۇ سەن!
- مانا قوپتى!
- نېمە قوپتى؟
- بىر ئېغىز ھەق گەپكە سىياسىي بولۇپ ياتقىلى سەن ناتىسىس، مەن يەھۇدىيما؟ مەن ساڭا دەي كومپارتىيە خەلقنىڭ! مەركەز ئادىل جۇما!
- پېييىڭ سىيقىراپ قالدىغۇ ئوغرى!
- ۋاي يامان بولساڭ ئاتە ئاكا، جان بىر قوۋۇرغا ئون ئىككى، ئاتام ئوغۇل دەپ تاپقانمىنى! سىنىڭ قاسقان شەپكەڭدىن قورقۇپ قالدىغان ئادەممۇ مەن!
- ئاغزىڭدىن پوق ئېقىتما!
- ماڭا ئۇنداق قۇرۇق تىرە تاراقشىتما؟ يالىڭاچ سۇدىن قورقماپتۇ دەپتىكەن ئەڭ ياخشىسى ئاق يەردە تۈگمەن تالاشماي، نەق گەپنى قىلىشايلى!
- قايسى نەق گەپنى؟
- سەن يېرىمىنى، مەن يېرىمىنى!
- جۆيلىمە!
- سەن ئالتە مەن تۆت!
- پوق يىمە!
- سەن يەتتە مەن ئۈچ، ئەمدى قانداق؟
- بولمايدۇ!
- ئەمىسە مەنمۇ بۇ جاندىن تويدۇم، بېرىپ ئۇماچ پونكىتىغا باشلىق بولسام بولدۇم!
نۇرى قىمارۋاز شۇنداق دەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرغاچ چىلىمكەش بەڭگىلەرنىڭ ئېيتىدىغان بىر ناخشىسىنى سۇزۇپ توۋلاشقا باشلىدى:

                        ھاكىم بەگنىڭ ئۆيىدە،
                        ناۋات بىلەن قەندانى بار.
                        بىزدەك ئوغۇل بالىلارغا،
                        بۇ يۇرتنىڭ زىندانى بار.

                        تۇخۇم كۆمدۈم ئۇچاققا،
                        ئېتىلغاندۇ بۇ چاغقا.
                        سەن مىنى ئۇرغان بىلەن،
                        خوتۇنۇڭ ياتتى قۇچاقتا.


بۇ مۇڭ ناخشىدىن يۈرۈگۈم ئىزىلىپ ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىرىدىم:
- نېمە دېدىڭ؟
- بېرىپ تاغدا تاش چاقامەن-شۇ!
- ئالدىدا نېمە دېدىڭ؟
- سەن ئالتە مەن تۆت!
- كېيىنكىسى!
- سەن يەتتە مەن ئۈچ، ئەمدى بۇلار ئاكا؟
- تېشىغا چىقىپ قالماس!
- ۋاي خاتىرجەم بولە، ئىچىمنى پىچاقتا قىرسىمۇ چىقمايدۇ...
- گىپىڭ گەپتۇ؟
- قۇرئان تۇتاي!
گەپنىڭ راستىنى دىسەم مۇشۇ يەتتە مىڭ يۈەننى پەقەت بىر كېچە يۈرىكىمنىڭ ئېغىزىغا تېڭىپ يېتىۋالسام ئەتىسى مىنى ئېتىۋەتسىمۇ، گۆشۈمنى تىتما-تىتما قىلىپ پارچىلىۋەتسىمۇ مەن رازى ئىدىم، چۈنكى مەن توختى پوكان بۇ دۇنيادا نامراتلىقنىڭ، پۇلسىزلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بىردىن-بىر كىشى ئىدىم.
مۇشۇ تاپتا تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەتنىڭ خوشلۇقىدا چىكىتىدىغان ئىشىكنىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتىم ، مەن ئىشنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ خۇددى نۇرى قىمارۋاز گىپىدىن ھېلىلا يېنىۋالىدىغاندەك ئالدى-كەينىمگە قارىماستىن باشلىقىمنىڭ ئۈيىگە ئۇچتۇم، ئاچىمىز ھويلىسدا مىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتىكەن، مەن يول خەتنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ «ئوغرى پۇلنى ئېلىپ قېچىپ يول خېتىنى قوناقلىقنىڭ ياقىسىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ، بىرسى تېپىۋاپتىكەن ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ ئىشنى تۈگەتتىم، ئاچىمىز بۇنىڭدىن شۇنداق خوش بولدى،پۇلنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمىدى، تېخى ماڭار چېغىمدا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پاتمىخانغا ئاتاپ بىر ياغلىققا ناۋات-قەنتلەرنى ئۇراپ بەردى.
- ئەمىسە مەن ماڭدىم ئاچا!،-دېدىم زەللىنى بېقىنىمغا قىسىپ پاتمىخاننىڭ يېنىغا ئالدىراپ.
- توختاپ تۇرغىن يەنە بىر گەپ بار!
- نېمە گەپ ئاچا؟
- بۇندىن كېيىن ئاكاڭدا ھەل قىلىدىغان ئىشى بار ھاجەتمەنلەر ئۆيگە كەلسە يېنىڭغا بۇيرۇيمەن،ھازىر ۋەزىيەت جىددى شۇڭا سەن ئوتتۇرىدا...،- ئاچىمىز قالدى گەپنى قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ ئېيتتى. مەن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن خوش بولۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.ماڭغىلىۋاتاتتىم ئاچىمىز يەنە ئېغىز ئاچتى:
- ھە راست توختى، ئۇ ئوغرى زادى قەيەرلىكتۇ؟
- بىلمىدىم، ئەمدى ئۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟
- مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، ئىشقىلىپ ئۇ ئوغرى بولسىمۇ خېلى پەيزى بار نېمىكەن!
ئاچىمىز شۇنداق دەپ بولۇپ قىزارغىنىچە يۈزىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن يۆگىۋالدى،مەنمۇ بۇ گەپتىن كۈلۈپ كېتىپ ئاچىمىزغا چاقچاق قىلدىم:
- كۇسارغا يەنە ئون مىڭ يۈەننى باغلاپ چىقسىڭىز يېزىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەيزى ئوغرىلاردىن بۇلۇشقا رازى ئاچا!




(كۈن نۇرىنى ئىتتەك بىلەن توسقىلى بولمىغىنىدەك كېيىنچە ئادالەت قىلىچى قېنىدىن سۇغۇرلۇپ مەن قاتارلىق بىر قانچە ھەددىمىزدىن ئاشقان چىرىك ئۇنسۇلار يۇقىرىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ ھەقىقەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدۇق، بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز ھېكايىنىڭ ئالتىنچى قىسمىغا قاراپ قۇيارسىز)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xayhim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 12:13 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
karaburan + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
koqkarbay + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 220   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85445
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قەلىمىڭىزگە قايىلمەن،بىر ياردەم قىلىپ باشتىكى تۆت قىسمىنىڭ ئادىرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bars827 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 01:30 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قەلىمىڭىزگە قايىلمەن،بىر ياردەم ق ...

1-3-4-5-چىسى مۇشۇ مىسرانىمدا يەنى مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئايغىدا  بىر جەدىۋەل ئىچىدە بار.
2-قىسمى كەڭساينىڭ بەس مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ ھېكايە-رومانلار قىسمىدا بار،
1- قىسمى «توختى پۇكان»
2-قىسمى«توختى پوكان ۋە غالتەك ۋەقەسى»(كەڭساي تورى)
3-قىسمى «توختى پوكان ۋە ئون ئىككى يىپ»
4-قىسمى«توختى پوكاننىڭ ئامىتى»
5-قىسمى«توختى پوكان ۋە كۇسار ئوغرىسى»

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bars827 + 10 رەھمەت سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەن خۇدادىن ئۈۆز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7394
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي بۇرادەر ،ئلھام دىگەن كېلە ،مۇشۇنداقمۇ كېلە،بەك جاپا تارتىپسىز رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:54:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amanturk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 01:47 PM
ۋاي ۋۇي بۇرادەر ،ئلھام دىگەن كېلە ،مۇشۇنداقمۇ كېلە،بە ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم، خوش بولدۇم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 605 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنىكى قىسىملىرنى ساقلايمەن

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:31:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللامسىز ياكى ئىنكاس شەكلىدىمۇ ؟

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:38:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيزى با

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3918
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي مۇنبەردىكلەر دەپ قويمايمىز، ھەقىقەتنىڭ جازاسىغا ئۇچىردۇق دەپ ئەسكەرتىش بەرمىسەڭلەمۇ تۇختى پوكان چاقچاق ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 03:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xaxmas يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 02:42 PM
ۋاي مۇنبەردىكلەر دەپ قويمايمىز، ھەقىقەتنىڭ جازاسىغا ئ ...

ۋاھ ماۋۇ بۇرادەرلەرنىڭ شاشلىقىنى كۆڭلىمدىكىنى بىلىپلا قاپتۇغۇ، نۇرى قىمارۋازدىنمۇ يامان گۇيلار بۇ(چاخچاق)...
رەھمەت قېرىندىشم!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش