مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 6

يېڭى بىر ھايات (نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:05:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                يېڭى  بىر  ھايات (نەسىر)
           
                                               ئاپتۇرى:تۈركلان




         قوياش كۈلدى ،كائىنات كۈلدى.
         يېپيېڭى بىر كۈن باشلاندى .
         مىنىڭ يېڭى بىر ھاياتىم باشلاندى.مەن ئۆتمۈشۈمنىڭ بەتلىرىنى قايتىدىن يازالمايمەن،كەلگۈسۈم ماڭا نەمەلۈم.ماڭا پەقەت ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى ۋاقىت غەنىيمەت.ئىمان ئىتقادىم سۇسلىشىپ كەتمەستە،جەڭگىۋارلىقىم يوقالماستا،يۈرىكىم تېپچەكلەۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە مەن يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالدىم .ھاياتىم ماڭا مۇھاببەتلىك كۆز نۇرلىرى بىلەن تىكلىپ ،ئۈمۈد چاچقۇلىرىنى سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا خىسلەتلىك يامغۇرلىرى بىلەن قۇشۇپ چاچتى.
     مەن بىر كۈنلۈك ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن.مىنىڭ يېڭى بىر كۈنۈم يېڭى قوياش ئىلكىدە يېڭىلاندى.بۇ بىر كۈننىڭ دىللارغا ئارام شوخ ناۋالىرىنى پەقەت ۋە پەقەت يېڭى ھاياتىملا ئاڭلىيالايدۇ.بۇرۇختۇرمىلىقنىڭ كۈنلىرى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاشتىن مۇستەسنا.بۇنى يېڭى ھاياتىم تىمتاسلىق ئىلكىدە ئاڭلايدۇ.بۇ بىر كۈننىڭ چۇڭقۇرلىقىقغا ئاجايىپ مەنىلىك ھېكمەتلەر يۇشۇرۇنغان .ئۇ مىنى شۇنى  ئىستەشكە دەۋەت قىلىدۇ.مەن مۇھاببەتلىك ۋۇجۇدۇمنى ئەڭ سەزگۈ ھېس تۇيغۇلارغا تولدۇرۇپ ،مەنىلەر ئۈچۈن ياشىماقتىمەن .
     مەن بۇ يەردە _مەن بۈگۈننىڭ قوينىدا ،يېڭى  ھاياتنىڭ  مەنىلىرى ئىچىدە .
      بۇ  بىر  كۈن مەن ئۈچۈن بىر ھايات.مەن قورقۇپ ياشىساممۇ ئەجەل ھامىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىلىۋىرىدۇ،قورقۇنچاقلىق مىنىڭ ھاياتىمنى ئۇزارتالمايدۇ .باتۇرلۇق ھەم مىنىڭ ھاياتىمنى قىسقارتالمايدۇ.مىنىڭ ئارمىنىم شۇكى :ئىمان ئېتقادىمدا چىڭ تۇرۇپ ياشاپ يېڭى  بىر ھاياتلىق ئۈچۈن يېڭى مەنىلەر  ئىزدەش.
    چۈنكى مەن -بىر ھايات، مەن ئۈچۈن بىر  كۈن مىنىڭ ھاياتىم يېڭى بىر مەنزىلىم
      قاراڭغۇلۇق ئەتراپنى قاپلىدى ،قاراڭغۇنىڭ زۇلمەت  قەدەملىرى  قوياشنى  ئۆز قوينىغا  ئېلىپ ،پۈتۈن كائىناتنى قاراڭغۇ تۈن پەردىسىگە چۆكتۈردى .ئاللىقاياقلاردا ئەنسىزچىلىكتىن ۋارقىراشقا مەجبۇر بولغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.
       قولاقلىرىم شەپىسىز شامالنىڭ شىۋىرلىشىدەك بىر تىمتاسلىققا ئاستا ئاستا كۈنۈپ كەتتى.
       مەن ھاياتىمنىڭ خولاسىسىنى چىقىرىۋاتاتتىم.بىر كۈن ئاخىرلاشقان ئىدى.بەلكى يېڭى  بىر ھايات  باشلىنىشقا تەرەددۇتلىنۋاتاتتى.
        مەن بۈگۈن نىمىلەرنى قىلدىم؟
          بۇ سۇئال مىنىڭ ھاياتلىقىمدىكى سىگنال .
          مەن بۈگۈن ئىزدەندىم،ھەقىقەت ئىزلىدىم .ئاللاھنى  ۋە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى سېغىنىپ ياشىدىم.
            ھەقىقەتسىز ياشاش  نۇمۇس ماڭا.
          بىر  كۈن ئاخىرلاشتى.ھاياتنىڭ بىرى ئاخىرلاشتى .مەن يېڭى ھايات  كۈتىمەن.يېڭى  بىر  كۈن ماڭا كەلگەن يېڭى  بىر  ھايات.
          مەن بۇ كۈندە باشقا ئۇيغۇر شىرمەتلىرىدەك ئىز قالدۇرۇشۇم ،ھەققىي ئوغۇل بالىدەك ياشىشىم كېرەك.
            مەن نامىزىمدا شۇنداق دەپ دۇئا قىلدىم.


                                                     2009 -12 -26
                                                      كېچە  تۈن نىسبى
                                            


     

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81755
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر كۈن - يېڭى بىر ھايات،  ھەر بىر مىنۇت بىز ئۈچۈن غەنىمەت،  بىز بۈگۈن كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىش  ئۈچۈن ياشايمىز، ھاياتلىقىمىزدا ئۆلۈم ئۈچۈن دەسمايە توپلاپ ياشايمىز !  بىر كۈنلەردە ھەممە نەرسە قېلىپ، بىز پەقەت ياخشى-يامان ئەمەللەرنىلا ئېلىپ قايتىمىز ! ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94716
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟    تولىمۇئەپسۇس سەندە ئۇنداق جاسارەت ۋە ئۇنداق يۈرەك يوق....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتمۈش قايتا يارىتلمايدۇ... قايتا يارىتىلغان ئۆتمۈشنىڭ ئۆزى بىر ئەپسانە

يۈرىكىم يىغلايدۇ، لىكىن ئوغۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن ياش تۆكۆشكە ئامالسىزمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 04:30:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشككۈر  قېرىندىشىم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 05:44:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ياخشى يېزىلىپتۇ  مەزمۇنى سىغىم جەھەتتىن قىسقا ئىخچام مەزمۇنى تۇلۇق يۇرۇتۇلۇپ بەرگەن . بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 06:08:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش