توردىكى ئاقما ئۇچۇرلارغا كۆز قارىشىم!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تېنىنى سالامەت قىلسۇن !
ئەمدى رەسمىي گەپكە كەلسەم ، ئىنتېرنىت تورى ۋە توردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئالاقە يەتكۈزىدىغان بىرقىسىم دىتاللار بىزنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشىمىزدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى(
مەسىلەن :تېڭشۈن شېركىتىنىڭ ئۈندىدار، كوت كوت قاتارلىق دىتاللىرى ۋە باشقا مىكرو بىلوگلار ، ھەرقايسى ئۇچۇر ئالاقە توربىكەتلىرى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسال توربىكەتلەر). بۇنىڭ ياخشى - يامان تەرەپلىرىنى مەن كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئايان ، شۇنىڭدەك يىقىنقى يىللاردىن بۇيان
«ئاقما ئۇچۇرلار» ئەدەپ قالدى، بۇنداق دىسەم «بۇ ئۇچۇرلار نەرىڭىزگە پۇتلاشتى؟»دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ، ئەلۋەتتە ماڭا پۇتلاشتى شۇڭا بۇ تېمىنى يازدىم، ئەمدى «قانداق پۇتلاشتى؟ »دەپ سوراڭ، توختاڭ بۇنىڭغا ئالدىرىماي جاۋاب بېرىمەن .
ئالدى بىلەن مەن چۈشەنگەن ئاقما ئۇچۇرغا بىر چۈشەنچە بېرەي:
ئاقما ئۇچۇر - خەت ياكى يېزىق شەكلىدە ھەرقايسى ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان مەلۇم بىر ئالاقە دائىرىسىگە تارقىتىلىپ شۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغايدىغان ، ئاقما ئۇچۇر مەزمۇنى بويىچە مەلۇم بىر خىل ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان بىرخىل ئۇچۇر شەكلى.
نەچچە كۈن ئىلگىلى مۇنداق بىر قانچە «ئاقما ئۇچۇر » نى تاپشۇرۇپ ئالدىم :
1 .ئۇيغۇر يېزىقىمىز دۇنيا تىل تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن« يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىل» تىزىملىگىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئانا تىلىمىزنى قوغدىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز (ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكى ئۇچۇرى)
ئەي ئەقىللىق قېرىنداشلىرىم ئويلاپ بېقىڭلار ، سۆيۈملۈك ئۇيغۇرتىلىمىز كۈندىن -كۈنگە قەدىرلىنىشكە ئېرىشىۋاتقان ھەتتا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ، مىكروسوفىتنىڭ ئاساسلىق خەت ئالاقە ساندۇقى ۋە مەشغۇلات سېستىمىسى ، گۇگۇل شېركىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈلۈپ كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر تىلنىڭ ئىسمىنى ئاپلاپمۇ باقمىغان بىر تەشكىلات تەرىپىدىن بىر تىزىملىككە قوشۇلۇشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ بوپتۇ بۇنى ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ئۈچۈن بىر تەشۋىقات سۈپىتىدە توقىغان بىر گەپمۇ دەيلى ، بىزگە مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپ ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشتىن باشقا چارە تېپىلماي قالارمۇ ؟
2. مەلۇم بىر شەھەردىن پالانىجان ئۈيدىن چىقىپ كەتكەن، ھازىر ئاپىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەلۇم دوختۇرخانىدا ئېغىر كېسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتىدۇ ، بالىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ خەۋەر قىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . تېلفۇن :1380000000 (ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكى ، كوت كوت توپى )
ئەمدى دەڭ «بۇ بىر جان ئازابىدا بالنستتا قىينىلىۋاتقان ئايالنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشىۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى كۆڭۈل بىلەن تارقىتىلغان بىر ئۇچۇر تۇرسا، بۇ نەرىڭىزگە پۇتلاشتى ؟» . دوستۇم ئېغىر بېسىق بولۇڭ ، ماڭا پۇتلاشقىنى ئۇچۇر مەزمۇنى ئەمەس ، ئەلۋەتتە مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، بۇنداق ئىشلارنى كۆرسەم ھەرگىز قاراپ تۇرمايمەن ، ئوبدان دىققەت قىلسىڭىز بۇ ئۇچۇرنى ئەۋەتكۈچى پەقەت ئۇچۇر مەزمۇنىنى ئەۋەتتى لىكىن تۇنجى قېتىم مۇشۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان ۋاقتىنى سىز كۆردىڭىزمۇ؟ يەنە ئويلاپ بېقىڭ ياخشى نىيەت بىلەن تارقىتىلغان بۇ ئۇچۇر پەقەت شۇ دەسلەپ تارقىتىلغان ۋاقتى قوشۇپ يېزىلمىغانلىق سەۋەبلىك توردا تارقىلىپ يۈرىۋاتقىلى نەچچە يىل بولغاندۇ ؟
مەن ئۆتكەن يىلى بىر قىزنىڭ ئىچكىرىدە تېپىۋېلىنغانلىقى ھەم ئاتا-ئانىسىنى تېپىشىپ بېرىش توغرىسىدىكى بىر ئۇچۇرنى كۆرگەنتىم ، بۇ ئۇچۇردىمۇ شۇنداق خاتالىق سادىر قىلىنغان ، مەن ئۈلۈشكۈن شۇ ئۇچۇرنى يەنە تاپشۇرىۋالدىم . بۇنداق بولىۋەرسە بۇ ياخشى نىيەتلىك ئۇچۇرلار ئەلۋەتتە ئەخلەت ئۇچۇرغا ئايلىنىدۇ.
بولدى جىق سۆزلىمەي ، گەپنى يۇغۇشتۇراي .
ئاساسلىق مەقسىدىم مۇشۇنداق ئاقما ئۇچۇرنى يوللىغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەۋسىيەرىمنى سۇنماقچى:
بىرىنجى ، قېرىندىشىم سىز بىر تەشۋىقاتچى ، شۇنداق بولغانىكەن تەشۋىقاتىڭىزنىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلالىشى ،ئەمەلىيەتچىللىكى بولۇشى ، ئۇيدۇرما بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئىككىنجى ، ئاقما ئۇچۇرلارنى يوللىغان ۋە تارقانقان ۋاقتىڭىزدا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ كۆزلەپ قويسىڭىز ، سىزنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىڭىز تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلار گۇناھقا شىرىك بولمىسۇن ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئاشۇلارنىڭ گۇناھى پۈتۈنلەي سىزنىڭ زىممىڭىزگە يېزىلىدۇ.(دىن دىن پايدىلىنىپ توقۇلما پەيدا قىلغۇچىلارغا)
ئۈچىنچى ، بولسا ئېغىر كۆرمەي ئۇچۇر يوللىغان ۋاقتىڭىزدا كالىندارغا بىر قارىۋەتسىڭىز ۋە شۇ چىسلانى مۇشۇ ئۇچۇرنىڭ كەينىگە قوشۇپ قويسىڭىز ، مىھرىبان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەنە ئۇقۇشماستىن شۇ چىسلا قويۇلمىغان ئۇچۇرلارنى تەكرار يوللاپ ئەخلەت ئۇچۇر پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالسىڭىز .
ئاخىرىدا ئەقىللىق تورداشلىرىمىز ۋە چىچەن خەلقىمىز «ئاقما ئۇچۇر» لاردا يەنە قانداق سەۋەنلىكلەر ساقلانغانلىقىنى مەندىنمۇ ياخشى بىلىدۇ دەپ قارايمەن ، «ئاقما ئۇچۇر»نىڭ رولىغا سەل قارىمىساق ، مۇشۇ توغرىسىدا يەنە پىكىرى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جىق كوتۇلداپ بېشىڭلارنى ئاغرىتىپ قويدۇم ، تۈزىتىشلىرىڭلارغا تەشنامەن.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى