ئىلىم ئىزدە
ھەسەنجان ئابدۇرېھىم (نائىلدىن)
ئويلانغىن ئەي دوستۇم قىلغانلىرىڭدىن،
يۈرمىگىن بىھۇدە ئۆتمىگىن بىكار .
قەدىرلەپ ئۆتكىن سەن دەقىقە كەبى ،
پۇشايمان ئىلكىدە قالمىغىن زىنھار.
كۆز ئالدىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كېچە،
يۈرىسەن ھەر يانغا زارلىنىپ تېنەپ،
قاچانمۇ تاپارسەن ئىلىم يولىنى ؟
ئاداشقان يولىڭىدىن نىجادلىق ئىزدەپ.
نادانلىق كۆتۈرسە بېشىڭدا غەليان،
قاچار ھەم سېنىڭدىن يىراق مەدەتكار.
دىللارغا يۈك بولسا پىغانلىق ئەپغان،
ئەمەس ئۇ باشقىسى، ۋىجدان سەۋەبكار.
ئۆتىسەن كۆرمەيلا بولسىمۇ كۆزۈڭ،
ئايرىماي قارايسەن ئاقنى قارا دەپ.
بىلىمدۇر ئىنساننىڭ گۆھەر چاچقۇسى،
بولسا ئۇندا ھەمراھ ئەخلاقى-ئەدەپ.
ئىلىم ۋە ئەخلاقنى قىلغىن مەڭگۈ يار،
تولدۇرغىن دىلىڭغا جۈرئەت-جاسارەت.
تەلمۈرۈپ ئۆتمەيسەن بولمايسەن ھەم زار،
ئىلىمدۇر شەۋكەتلىك ھۆرمەت پاراسەت.
دېدۇق بىز ۋاقىتنى گويا ئاتقان ئوق،
يانماس ئۇ كەينىگە قانچە قىلساڭمۇ .
ياشلىقتا ئۆگەنگىن ئىلىمنى ئىزدە،
مۆھرۈڭدىن ئىز چىقار قۇمغا باسساڭمۇ!
مەنبەسى : ئۆزۈم
2013-يىل15-ئاپېرىل