|
|
|
|
12-ئاپرىل ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ رەئىسى ئامىرىكا فىدىراتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ زايوم سىتىۋىلىشنى ئازايتىش بىلەن بىرگە ئىشسىزلىق نىسبىتىنى زور دەرجىدە چۈشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىلغان سۆزىدىن كىيىن كۈمۈش باھاسى بىسىمغا ئۇچراپ 28 دوللاردىن تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ جۈمە كۈنى 25 دوللارغا چۈشتى .
بۈگۈن دۈشەنبىمۇ يەنە تۆۋەنلەپ ئۇچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھانى بۇزىۋىتىپ 22.90 دوللارغا چۈشتى .
خام كۈمۈشنىڭ ھەر گىرامى ئۆتكەن ھەپتىدىكى 6.5 يۈەندىن بۈگۈن 4.5 يۈەنگە چۈشتى .
باشقا تاۋارلامۇ بۈگۈن ئوخشاشلا تۆۋەنلەش ھالىتىگە ئۆتتى .قەرەللىك مال بازىرىدىكى تاۋارلار %6 پىرسەنىتتىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتكەچكە بازار چۈشۈپ قىتىپ قالدى .
ئالتۇنمۇ بۇ قىتىمىلىق چۈشۈشتىن ئامان قالمىدى. ئالتۇنمۇ بۈگۈن ئەتىگەندىكى 1495 دوللاردىن چۈشۈپ 1385 نۇقتىنى كۆرسەتتى .
ئالتۇن -كۈمۈشنىڭ ئۈچ كۈنلۈك باھا ئەھۋالىنى ھەر گىرامىنىڭ قانچە پۇلغا چۈشكىننى بىلمەكچى بولسىڭىز بىر مىسقال مۇنبىرىگە كىرىپ كۆرۈپ پايدىلنىڭ !
مەنبە ؛ www.1miskal.com
بازارنىڭ بۇنداق چوڭ چۈشۈپ كىتىشى شۇنداقلا قىسقىغىنە ۋاقىتتا 100 دوللاردىن ئارتۇق چۈشۈپ كىتىشى بەك ئاز ئۇچرايدۇ .
بەلكىم بۇ چۈشۈش كۆپلىگەن كىشلەرگە ئاچچىق زىيانلارنى كەلـتۈرگەن بىلەن بازارنىڭ چۈشۈپ تۆۋەن نۇقتىغا كىلىشى يەنە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-15 07:20 PM
|
|
|
|
|
|