مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3490|ئىنكاس: 40

پاكىستانلىق دوستۇم سادام ھۇسەيىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9210
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 05:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   پاكىستانلىق دوستۇم سادام ھۇسەيىن







         ئۇنىڭ تۇللۇق ئىسمى سادام ھۇسەيىن .يېشى مەن بىلەن تەڭ(21ياش) .سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پاكىستانلىق مۇھاجىر.دادىسىنىڭ خىزمىتى شۇ يەردە بولغاچقا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەرەبىستاندا چوڭ بولغان .ئەرەبىستان ھەققىدە مەن پەقەت ئادىل تۇنيازنىڭ <پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر>ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىنلا ئاز تولا بىلىۋالغانىدىم.مىنىڭ چۇشەنچەمدىكى ئەرەب دۇنياسى _ئادىل تۇنيازنىڭ ماقالىسىدىكى بايانلار _بىر بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ سەمەرىسى بولغان ئىسلام ھېكمەتلىرى_بۇ دەل سادامنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى پۇتكۇل ماكان،ئۇنىڭ قىرانلىق دەۋرىگە ئىمان ،ئىتقاد ئاتا قىلغان ھەقىقەت ئالىمى  ئىدى.


     مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىلى 7_8ئايلارچە بۇلۇپ قالدى .ئۇ 2011يىلى يازدا جوڭگوغا مىدىتسىنا ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھارارەتلىك تەپتى بىلەن ئسلام دۇنياسىغا نۇر چېچېپ كىلىۋاتقان سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماكانى بولغان ئەرەبىستاندىن كەلگەن.ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان دەسلەپكى چاغلاردا ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۇشىنىش پۇرسىتىگەئىگە بۇلۇپ باقمىغان ئىدىم،چۇنكى بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئەڭ چوڭ توسالغۇ_تىل توسالغۇسى بار ئىدى.ئەگەر بۇ توسالغۇ يوق بولغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئىزاھلىيالىغان بۇلاتتىم.لىكىن كىيىنچە مىنىڭ ئىنگىلىزچەمدە ئاز تولا ئىلگىرلەش بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى پىكىرلەشمىگەن تىمىلار توغرىسىدا پىكىرلىشىپ ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى _ئىسلام ھەقىقەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان پاكىلققا ئىنتىلىدىغان  جۇشقۇن ۋۇجۇدىنى تېخىمۇ ئىنىق كۈرۈپ يەتتىم.ئۇ باشقا پاكىستانلىق بالىلارغا ئوخشىمايتتى،باشقىلارغا ئوخشاش خەنچە ئۆگىنىۋىلىپ يېرىم -يالىڭاچ خەن قىزلىرىنى دالدىلاردا ،پىنھانلىقلاردا ئەگەشتۈرۈپ يۈرمەيتتى.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ئوبرازى مىنىڭ قەلبىمدە يۇقىرى ئۇرۇندا ئىدى.ئۇ ھەردائىم ئۆز دوستلىرىنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كىتىۋاتقانلىققا ئاھسىنىپ ماڭا دەردىنى تۆكۈپ بىرەتتى.


         بىزنى يېقىنلاشتۇرغان دەسلەپكى ۋە ئىزچىل بولغان ئامىل _پۇتبۇل ئىدى.يېشىل رەڭلىك سۇنئىي چىم مەيدانى كەچ ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەرىس يوق ۋاقىتلاردا پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ دائىملىق سۇرۇنىغا ئايلىناتتى.ئۇيغۇر ،قازاق ،خەن ۋە چەتئەللىك(بىزنىڭ مەكتەپتە پاكىستانلىق ،ھىندىستانلىق ،بىنگاللىق ،ئافرىقىلىق ،روسىيەلىك ،يەنە ئاز ساندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن خەنچە ئۆگەنگىلى كەلگەن چەتئەللىكەر كۆپ ئىدى)ئارىلاش بۇلۇپ ھارغۇچە توپ تىپەتتۇق .ئۇيغۇر بالىلار كۆپرەك ھەمدە ماھارەت جەھەتتىمۇ ئۇيغۇر بالىلار ئۈستۇنرەك ئىدى.مىنىڭ ماھارىتىم ئانچە يوقىرى بولمىسىمۇ،لىكىن چەبدەس بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا چېنىپ كەتمەيتتىم .بىز پەقەت ئۈزىمىىزنى ئۆز ئىچىمىزدىكى ئۇيغۇر بالىلار بىلەنلا سېلىشتۇراتتۇق .خەنلەردىن سەل پەل ماھارىتى بارلىرى كەلمىسە،ئانچە ئوقمايدىغانلىرى بىزنىڭ قىشىمىزغا مىنى قېتىۋال دەپ   كەلمەيتتى.   


        قانلىرى ئۇرغۇغان ،چەبدەس قىرانلىقىمىز بىزگە يانيۆلەك بۇلىۋاتقان مۇشۇ ياشلىقىمىزدا توپ تىپىش_ بىزگە ئالەمچە خوشاللىق ،ئاراملىق ھېس قىلدۇرۇپ،تەپتى ئوت بۇلۇپ كۈيىۋاتقان ھارارەتلىك يۈرەكلەرنىڭ ئەڭ شاتلىنىدىغان ئىشى ھېسابلىناتتى.سادام بىلەن مانا مۇشۇ كەڭرى جاھاننىڭ كىچىككىنە بىر چىملىقىدا تۇنۇشتۇق .ئۇ بىز بىلەن توپ ئوينىيالىغۇدەك سەۋىيگە ئىگە بىردىنبىر ۋە تۇنجى چەتئەللىك ئىدى .باشقا چەتئەللىكلەر بىزنى ئۆز كۈرۈپ كەلسىمۇ ئوخشاشلا قۇشىۋالاتتۇق (ياخشى ئوينىيالمىسا سەل چىشىمىز قېيىشىپ قالاتتى شۇ ).لىكىن پەقەت ساداملا شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئوينايتتى،بىرنىڭ ئوتتۇرۇمىزدىكى تىل توسالغۇسى ئويۇنىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى.ئويۇن تۇگەپ ھارغاندا ئۇ بىز بىلەن بىرلىككتە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشنى ياخشى كۈرەتتى .ئۇنىڭ بىلەن بىز ئاز تولا بىلىدىغان ئىنگىلىزچىمىز بىلەن پىكىرلىشەتتۇق .مەقسىتىمىزنى ئوقتۇرالمىساق ئەقلىفۇنلاردىن شۇنىڭغا ماس سۆزلەرنى ئاختۇرۇپ تېپىپ كۆرسىتەتتۇق .ئۇ بىر قاراپلا بىلىۋالاتتى .دەسلەپ تۇنۇشقان شۇ چاغلاردا مىنىڭ ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز ئىنگىلىزچە گەپ ئوقتۇرالىشىم بەك تەس ئىدى.لىكىن ھازىر ئاللاھقا شۇكرى ئۈزۈمدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىلگىرلەش بارلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن ،ۋە ساداممۇ شۇنى ئېتراپ قىلدى .


     سادام  ماڭا ئوخشاشلا  مىدىتسىنا ئوقۇغۇچىسى ،كەسپىمىز ئوخشاشلا كىلنكا تىبابىتى .بۇ بەلكىم بىزدىكى بىرىنچى ئورتاقلىق بولسا كېرەك .ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ ئىتقاد ،ئىمانىمىز بىر ئوتاق ھەقىقەتنىڭ ئۇستىگە قۇرۇلغان .يىمەك ئىچمەكتە بىر بىرىمىزگە شۇبھە يوق .پوتبۇل بىزنى يېقىن قىلغان يەنە بىر ئورتاقلىق .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ ھەممىدىن ئامراق كوماندىسى بولغان ئىسپان خان جەمەتى مادرىدقا مەنمۇ ھەممىدىن بەك ئامراق ئىدىم .ئۇ بەزى كېچىلىرى مۇسابىقىنى بىۋاستە كۈرىمەن دەپ كېچە بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىمىغانلىقىنى ئىيتىپ بىرەتتى.خان جەمەتى مادرىدنىڭ مۇسابىقىلىرى راست دىگەندە بۇ كۇلۇبنىڭ مەستانىلىرى ئۈچۈن ئۇخلىماي كۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك مۇسابىقىلار ئىدى.ئۇ ئىسپان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە كوماندىلىرى ئارىسىدىكى كۇزۇز كوماندا ۋە كۇزۇز توپچىلار يىغىلغان كۇلۇب ئىدى.


           بىزنى يىقىن قىلغان يەنە بىر سەۋەب _بىزنىڭ ياتاق بىنارىمىز يانداش ئىدى .بىز دەرسكە ماڭغىنىمىزدا ،ئاشخانىلاردا تولا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق .خوشلىشىدىغاندا ئۇ ئادىتى بۇيىچە<ئاللاھ ھەفىز >دەيتتى .لىكىن مەن ھارىزغىچە ھەفىز سۆزىنىڭ نىمە مەنىدە ئىكەنلىكنى سوراپ باقمىدىم .لىكىن قىياس قىلغاندا <ئامانەت>سۆزى بىلەن يانداش مەنىدە ،ياكى  شۇ مەنىدە بولسا كېرەك .شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ سۆزنى <ئاللاھقا ئامانەت >دەپ چۈشەندىم .


          كىيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ ئاللاھ ھەفىز  دەيدىغان بولدۇم.


         كىينكى بىرقېتىملىق ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزدا بىز ئاز تولا پاراڭلىشىپ ئۆتتۇق.ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ سىنىپى بۇيىچە ئۆگىنىشتە بىرىنچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىم يەنە بىر قېتىم ئۆزگەردى .مىنىڭ نەزىرىمدە توپمۇ ئوينىيالايدىغان ،ئىمانىمۇ جايىدا بىر ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشتە بىرىنچى بۇلۇپ ماڭالىسا بۇ بىر مۇكەممەللىك ھېسابلىناتتى.(بۇ ئەلۋەتتە بىر ئوغۇل بالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا چىقارغان قارارىم).لىكىن مۇكەممەلىكنىڭ ئۆلچىمى جىققۇ .ھايا -ئەخلاق بىلەن ياشاۋاتقان كىشلىرىمىزگە نىسبەتەن ،بىزنىڭ ناتوغرا قىلمىشىمىز مۇكەممەللىكتىن  يەنىلا يىراق.


     ئۇ بۇ مەكتەپكە مەن بىلەن تەڭ كەلگەن .بوي بەستى مىنىڭدىن قىلىشمايدىغان بۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بىلەن  تۇنۇشۇپ ئارىدىن ئىككى ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى.بىر قېتىم بىز بىللە توپ ئويناپ ياتاققا قايتىشىمىزدا ئۇ مىنى ياتىقىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى.مەن باشتا بۇنى چۈشەنمەپتىمەن.كىيىن سەل ئاڭقىرىۋالغاندىن كىيىن ،مۇشۇ تەر كىيىملىرىم بىلەنما دىگەندەك قىلىپ كىيىملىرىمنى كۆرسەتتىم ،ئۇ ھىچقىسى يوق دىگىنىچە مىنى باشلاپ ماڭدى .بۇ بەلكىم چەتئەللىك بالىلارنىڭ بىر ئۇيغۇرنى تۇنجى قىتىم  ئۆز ياتىقىغا تەكلىپ قىلىشى بولسا كېرەك.چۈنكى مەن مىنىڭدىن يوقىرى قاراردىكى بالىلارنىڭ چەتئەللىك توغرىسىدا پاراڭلاشقىنىدا بىرەرىنىڭ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا پارىڭىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم .ھەم بىزنىڭ بالىلار ئارىسىدا چەتئەللىكلارنىڭ ياخشى نامىدىن كۆرە يامان نامى كۆپ ئىدى.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن ئەخلاقسىز ئىدى.بۇنى مەنمۇ كۆرگەن.شۇنداق ياز كىلىشى بىلەنلا خەن قىزلىرىنىڭ نۇمۇسسىزلارچە كىيىنىۋالغان يىرىم يارتا كىيىملىرى ئارىسىدىن كۇرۇنۇپ قالغان ئۇچۇق بەدەنلىرى ئىمانى سەل ئاجىزراق كەلگەن يىگىتلەرنى ئۆزىگە  قارىتىۋالاتتى. شەھۋىتى كۈچلۈك كەلگەن بەزىبىر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىر ئاماللارنى قىلىشىپ ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ كەچ كىرىشى بىلەنلا قاراڭغۇدا ھىچنىمىنى پەرق ئەتكۈسىز بۇلۇپ كەتكەن خىلۋەتلىكلەرگە كىرىپ كىتىشەتتى. ئۇنىڭغا قارىغاندا بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرى سەل دۇرۇس ئىدۇق.


     ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۇپەيلى بىزنىڭ بالىلاردىن چەتئەللىكلەر بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىدىغانلىرى يوق ئىدى.لىكىن سادامنىڭ ئىسىل پەزىلىتى بىزنىڭ بالىلار ئارىسىدا كۆپ تارقالغان ئىدى.ئۇنىڭغا ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتى بار ئىدى.كىيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى ،ئۇنىڭ پاكىستانلىق بالىلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ،ھۆرمىتى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن.


    ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرگەن ئاشۇ ۋاقىتتا ماڭا بىر خىل خوشبۇي تاماقنىڭ ھىدى پۇرىدى.ئاندىن ئۇ مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئالدىمغا چاي قۇيدى.ئۇنىڭ ياتاقدىشى بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئۇنىڭ ياتاقدىشى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىن ئىدى.ھەمزە دەپ تۇنۇشتۇرغان بۇ پاكىستانلىق يىگىت پاكىستانلىقلارغا خاس ئاز تولا قارامتول كەلگەن چىرايى ۋە تەمبەل كەلگەن بوي بەستى بىلەن ماڭا ئېتىز ئىرىقلاردا ئىشلەپ كۈلپەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن دېھقان ئاكىلىرىمىزنىڭ سىماسىنى ئەسلەتسە،ياراشتۇرۇپ تاقىۋالغان كۆزئەينىكىدىن خۇددى بىرەر ئىلىم ساھەسىگە جانپىدالىق بىلەن چۈكۈرۈپ كىرىۋاتقان تەتقىقاتچىنىڭ سىماسىنى ئەسلىتەتتى.لىكىن ئۇنىڭ ئوبرازىنى  مەن خاتا تەسەۋۋۇر قىلىپ قاپتىمەن.سادامنىڭ ئيتىپ بىرىشىچە ئۇئەزەلدىن كىتاپ ئېچىپ باقمايدىكەن.ئىمتاھانلاردا كۆپىنچە بالىلار سادامدىن كۆچىرىدىكەن.


     ئۇ ماڭا بىر پارچە قۇرئاننى كۆرسەتتى ،ئۇ ئوردۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان ئىدى.ئۇردۇ يېزىقىمۇ ئەرەب ئىلىببەسىدىن كەلگەن يېزىق بۇلۇپ ،مەن ئانچە مۇنچە ئوقۇيالىدىم،لىكىن ئازراقمۇ چۈشەنمىدىم.مەن ئازراق ۋاراقلاپ ئۈتۈپ ،بۇ بۈيۈك كىتابنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم.ئۇ كىتابنى يېنىش -يېنىشلا سۈيۈپ،ئاندىن بېشىنىڭ يوقىرى تەرىپىدىكى تەكچىگە ئاۋايلاپ قۇيۇپ قۇيدى.ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى مىنى بىر قانچە كۈنگىچە  ئولتۇرسام قوپسام ئويلاندۇرىدىغان قىلىپ قويدى.


    بۇ ۋاقىتتا  مىنى بەك ئوڭايسىرلاندۇرغان بىر ئىش يۈز بەردى.ئارلىقتا بىز پاراڭلىشىپ تۇرغىنىمىزدا سادامنىڭ بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى كىرىپ كەلدى ،ئۇلار بىلەن  قىزغىن كۈرۈشۈپ كەتتۇق .سادام مىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ھەم مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۆتكىنىدە ئۇلار ماڭا قايتىدىن قىزىقىىش ئىچىدە قاراپ چىقتى.بۇ كىچىككىنە شەھەردە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئاز ئىدى،شۇنداق بولغاچقا بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز ياتىقىغا كىرىشى ئۇلارنى تەئەججۈپلەندۈرگەن ھەم شاتلاندۇرغان  بۇلىشى مۇمكىن .مەن ئۈزۈم بىلىدىغان تۆۋەن  سەۋىيلىك ئىنگىلىزچەم بىلەن ئۈزۈمنىڭ ئۇلار بىلەن بىر كەسىپتە ئىكەنلىكىمنى ئۇقتۇردۇم.


   شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەندىن ئۇنى بۇنى سورىغىلى تۇردى .ئاھ خۇدا ،ئىنگىلىزچە بىلمىگەنلىكىم ئەنە شۇ چاغدىلا چېنىشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە جاۋاب بىرەلمىدىم.شۇنداق ئوڭايسىزلاندىمكى ئۇلارنىڭ ئوردۇ تىلىدا دىيىشۋاتقان گەپ -سۆزلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى.ئۇلار ئۇنى بۇنى دىيىشىپ چىقىپ كىتىشتى.مەن سەل تۇرۇپ ماڭاي دەپ تۇرىۋالدىم.سادام تاماق يەپ چىكەت دەپ چىڭ تۇتىۋالدى.ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ھەم پاكىستانلىقلارنىڭ تامىقىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئوخشىمايدىغان يىرىنى بىلىپ باقاي دىگەن مەقسەتتە ئۇنىڭ تەكلىپىگە قۇشۇلدۇم.تاماقنى ھەمزە ئەتتى.تاماق تەييار بولغاندا سادام بىر نەچچە دوستلىرىنى ھەمداستىخان بۇلۇشقا چاقىردى.بىز بىرلىكتە چوڭ قاچىغا ئۇسۇلغان تۇخۇ گۈشى ۋە تەم تەڭشىگۈچى دورا دەرمەكلار بىلەن قورۇلغان مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر خىل تاماقتىن بەھىرلىنىشكە باشلىدۇق.بۇ تاماقنى ئۇلار ناننى پارچىلاپ سۈيىگە چىلاپ تۇرۇپ يەيدىكەن.ئۇلارنىڭ تاماق ئادىتىدە تاماق يەۋاتقاندا چۇقۇم ئاياق سېلىنىشى شەرت ئىكەن .ئۇلار مىنىڭدىن سىلەردە ئۇنداق ئىش يوقمۇ دەپ سورىغىنىدا مەن ياق دەپ جاۋاب بەردىم .ئۇلار بۇنى چۈشەنگەندەك قىلىپ جىمىپ قېلىشتى.


       بۇ   مەن تۇنجى قېتىم يىگەن پاكىستان تائامى بولدى.


      بىزنىڭ ئالاقىمىز بىر خىل رىتىمدا ماڭدى.ئۇ ئادەتتە ئۆگىنىشنى بەك قىلاتتى.ھەم كەم سۆز ئىدى.قۇيۇق ئىسلام دۇنياسى ئۇنى باشقىلارغا قارىغاندا ئىمانلىق قىلىپ تەربىيلىگەن ئىدى.يازلىق كانىكولدا ئەرەبىستانغا قايتقان چاغلىرىدا ھەر جۇمە كۈنى جۈمەگە بۈيۈك مەككە مۇكەررەمدىكى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ قارارگاھىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكىنىدە مەن شۇنچىلىك ھەۋەس قىلدىم.ئاللاھ خالىسا شۇ يەرگە بېرىشقا نىسىپ قىلار دەپ دۇئا قىلدىم.


       بىزنى تېخىمۇ يېقىن قىلغان يەنە بىر ئىش يۈز بەردى.ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن بىر قارار تۆۋەن بىر بىنگاللىق  تۇنىشىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كىتىپتۇ.دورا يىگەن بولسىمۇ ئوڭشالمىغاچ ئاخىرى دوختۇرخانىغا كىرىپ بالنىسقا ئالدۇرماقچى بوپتۇ.لىكىن ئۇلارنىڭ شۇلارنى بىلدۈرگىدەك خەنچە سەۋىيسى بولمىغاچ سادام مىنى ئىزدەشنى قارار قىلىپتۇ.ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلغاندا مەن بەك تەستە مەن ھازىر ياتىقىڭ ئالدىغا چىقاي دىگەن گىپنى چۈشەندىم.سىرىتقا چىققاندا ئۇ بولغان ئەھۋاللارنى ماڭا ئېيتتى گەرچە مەن تۇللۇق  چۈشەنمىگەن بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇم ،مىنىڭ  شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن دەرسىم بولمىغاچ مەن چاتاق يوق دېدىم.


      بۇ بىر قېتىملىق ئىنگىلزچە سۆھبەت ئارقىلىق سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش دەرسى بولدى .پۇتۇن يېرىم كۈن ئۇنىڭ تۇنىشىنى بالنىساقا ئالدۇرىمەن دەپ سادام بىلەن ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە قاتراپ يۈردۈم .دوختۇرخانىدا ئادەم بەك كۆپ ئىدى.ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى ياتاققا ئالدۇردۇق.سادام مەندىن بەكمۇ كۆپ مىننەتدار بولغانلىقىنى ئېيتىپ قايتا -قايتا رەھمەتلەرنى ئېيتتى.مەن ئۇنىڭغا ھىچقىسى يوق دىگەندەك ئاددىي گەپلەر بىلەن ئۆزرە ئېيتاتتىم.


     قىشلىق كانىكۇل يېقىنلىشىپ قالدى ،ئۇ مەن مېڭىش ئالدىدا ماڭا بىر پۇتولكا مىۋە شەربىتى بىلەن  يوللۇق تۇتتى .ھەتتا پۇلۇڭ كاملاپ قالسا مەن بىرىپ تۇرايمۇ دىدى.رەھمەت لىكىن ماڭا ھازىر لازىم ئەمەس دەپ ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئىيتتىم.شۇنداق قىلىپ مەن ئۆيگە كەتتىم ،ئۇلار يىلدا بىر كىتىدىغان بولغاچ سادام مەكتەپتە قېلىپ قالدى.


       كانىكولدىن قايتىپ ئۇنى ئىزدىگىنىمدە بىر ھەپتىگىچە تاپالمىدىم .تىلفۇن قىلسام توختاپ قالدى دىدى. ئاخىرى  بولماي ئۇنىڭ ياتىقىغا ئىزدەپ باردىم ،ئۇ ياتىقىدىمۇ يوق ئىدى . ھەمزە مىنى كۈرۈپلا قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتى يەنە سۇبىدارخانمۇ بار ئىدى.ئۇلار مەن بىلەن چاقچاقلىشىپ كىتىشتى .مەن بۇ قېتىمقى كانىكولدا ئۆيدىن چىقماي دىگەندەك ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەن بۇلۇپ ،بۈگۈن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشۋىتىپ ئۈزۈمدە ئازراق ئىلگىرلەشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ دەقىقە ئىچىدە ئالەمچە خوشاللىققا چۇمدۇم.قەلبىمدە تېخىمۇ تىرىشىشنىڭ ئىستەكلىرى يېلىنجاشقا باشلىدى.بۇ ۋاقىتتا سادام كىرىپ كەلدى، مىنى كۈرۈپلا خوشاللىق بىلەن غۇلاچلىرىنى كەڭ كەرگىنىچە قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى.ھەم ئۈزىنىڭ بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ مىنى ۋاقتىدا ئىزدىيەلمىگەنلىكىدىن ئەپۇ سورىدى.


    شۇ كۈنى  كەچتە مەن دوستلىرىم بىلەن كۈرۈشۈشكە مىڭىۋاتقىنىمدا ،ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇ تەكرارغا ماڭغان بۇلۇپ ،قۇلىدا توم بىر كىتابنى كۆتىرىۋالغان ئىدى.مەۋسۇم تېخى باشلىنىپ بىر ھەپتە بولا بولمايلا تەكرارغا چىقىش سىتودىنتلار ئارىسىدا ئاز ئۇچرايتتى.مەن ئۇنى ئۇزاق تۇتىۋالمىدىم.يولدا كىتىۋاتقاچ ئۇ تۇغرىسىدا يەنە كۆپلىگەن خىياللارنى  سۈرۈشكە باشلىدىم.مەن ئايىغى چىقماس ئىجتىمائىي ئالاقە بىلەن ئاۋارە ،ئۇ بولسا ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش بىلەن.


       مەن ئۇنىڭ بىلەن مانا مۇشۇنداق ئاستا ئاستا دوست بولدۇم .ئۇ بۇ يەرگە كىلىشتىن ئىلگىرى ئەزەلدىن ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئۇيغۇر مىللىتى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ياخشى تەسىرلەرنى بەردىم .ئۇ ئۇيغۇرنى تۇنىدى.ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ياخشى قۇۋم ئىكەنلىگە چىن كۆڭلىدىن ئىشەندى ۋە ئۇلارنىڭ روھىي  دونياسىنى  ھېس قىلىپ يەتتى.ھەم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاز بولمىغان چۇشەنچە ۋە  تۇيغۇلارغا ئىگە بولدى.


ئۇنىڭ مۇستەككەم ئىمانى ،ئۆتكۈر ئەقلىي قابىليتى ،ئاجايىپ ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت ئادىتى مەندە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى.


      ھازىر بولسا  ئىككىمىز كۈندە كۈرىشىپ تۇرىمىز ،چۈنكى ئۇمۇ بىزنىڭ پۇتبۇل كوماندا ئەزالىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى.بىز ھازىر كۈندە كەچ ۋە ئەتىگەندە ماھارەت ۋە بەدەن مەشىقى ئېلىپ ،يەنە بىر ھەپتىدىن كىيىن كىلىدىغان ئىنىستىتوتلار ئارا ئۆتكىزىلدىغان ئايلانما مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتىمىز.


       ئىنشائاللاھ ،بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم ئۇيغۇرنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشۈنۈپ قالسا ،كەلگۈسىدىكى بەخىتلىك ئائىلىسىگە (ئىنشائاللاھ شۇنداق بۇلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن)ئۈزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېشىل چىملاقلاردا جەسسۇرانە ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن توپ تېپىپ بىللە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئيتىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.



مەنبە:تۈركلان


        




      



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 06:54 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3840
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:35:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قاچان ماۋۇ خەنچىنى تۈزۈكرەك ئۈگىنىمەن ...

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77894
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەنسىز ،بارىكاللا!

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4325
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ھەم سادامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق تېخىمۇ كۈچەيسۇن!گۈللەپ ياشنىسۇن!سىزنىڭ بىزنى يەنى ئۇيغۇرلارنى باشقىلارغا ياخشى ھالىتىمىزدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە بارىكاللا،ئاللاھ سىزنىڭ بەختىڭىزنى بەرگەي!سىزدىن بەك سۆيۈندۈم.ھەمدە مىنىڭمۇ سىز ھەم سادامدەك بىر دوستۇمنىڭ بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلدىم.

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9210
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلاۋە:بۇ بايانلار چىن بولغان ئىشلار دىن ئىبارەتتۇر.مەن بۇ ماقالىنى بۈگۈن يەنى 2013-04-15 كۈنى يازدىم .ئەتە ئاللاھ خالىسا يىگىتلىرىمىز بىلەن تاڭ سەھەردە ئويغىنىپ مەشىقنى باشلىۋىتىمىز ،ئەلۋەتتە مىسرانىمغىمۇ كىرىپ تۇرىمەن .ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى  ئىشلار توغرىسىدىمۇ  تىما يوللاپ تۇرىمەن.ئاللاھ خالىسا ،ئەتىدىكى مەشىقتە ئەلۋەتتە ساداممۇ بار.

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83535
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:05:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9210
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:08:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faxsit يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 12:05 AM
ئىراقنىڭ  سابىق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىن ئوخشايدۇ دەپ قاپ ...

دادىسى شۇنىڭدەك ئادەم بول دەپ شۇنداق قۇيۇپتىكەن .ئۇنىڭ ئۈزىمۇ سادام ھۇسەيىنگە بەك قول قۇيىدۇ .

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:19:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز ! ئوقۇشۇڭۇزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71589
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3529
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:38:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز غەيرەتلىك بولۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2253
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7569
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1645 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:05:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە بولىۋاتقان ئىشلار بۇ ئۆزى؟

ئېي بۇرادەر ،سەن مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى ئويلىغان بولساڭ ،رەببىم شۇنى ساڭا ھەسسىلەپ بەرسۇن،ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش