قاتناش ۋەقەسى
(ھېكايە)
---ئەزىزان---
2008-يىلى 9-سېنتەبېر
( بۇ 5 يىل ئاۋۋالقى بىر پارچە مەشق ئەسىرى بولۇپ ، پۈتۈنلەي بەدىئىي توقۇلما ، ئوخشىشىپ قالسا ، ياكى كەلگۈسىدە تەكرارلىنىپ قالسا ، ئاپتور ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدۇ . )
قەشقەر ، ھېيتگاھ مەيدانى ئالدىدىكى يول ئۈستىدە .
تۇيۇقسىز قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان بىر ئاۋاز بىلەن ئىككى ماشىنا سوقۇلۇپ قالدى . بىر دانە يېشىل بويالغان سانتانا ئالدىدىكى قارا ئاۋدىنىڭ كەينىگە ئۇرۇلغان ئىدى .
مەيداندىكى كىشىلەر بۇنداق ئىشلارغا خۇددى يولدا مېڭىۋاتقان بىرسى ئالدىدىكى كىشىنىڭ ئايىغىغا دەسسەپ سالغاندەك كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا ، مۇنداقلا قاراپ قويۇپ يوللىرىغا مېڭىشاتتى . يول ناھايىتى كەڭرى ئىدى ، شۇڭا ماشىنا ھەيدىگەن كىشىلەرمۇ ، پىيادە كىشىلەرمۇ ، ئالدىراشچىلىقتا توختاپ بۇلارنى ساقلىشى ھاجەتسىز ئىدى .
ئاۋدى شوپۇرى چۈشۈپ ، ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى . سانتانا ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىمۇ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئالدى توسقۇچنى كۆردى . بۇ قېتىملىق ماشىنا سوقۇلۇشتا ، ئاۋدىنىڭ ماشىنا قۇيرۇقى قىسمى سۈرۈلۈپ كەتكەن ، سانتانانىڭ ئالدى توسقۇچى پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ئىدى . خەلق مەيدانىدا تاماقتىن كېيىن ئارام ئالغاچ ئۇيان-بۇيان مېڭىپ تاماق سىڭدۈرىۋاتقان كىشىلەر بۇلارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى ، ئۇلار ئۈچۈن بۇنداق بېلەتسىز تىياتېر ئەڭ ياخشى تاماق سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى ئىدى .
ئەگەر بۇ مەيداننى گرىتسىيە ئوپېرالىرىدىكى ئۈستى ئوچۇق سەھنە دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ھازىر تىياتېرنىڭ بىر قانچە ئاساسىي شەرتلىرى تولۇق ھازىرلانغان ئىدى : سەھنە ، كۆرۈنۈش ، ئورۇنلىغۇچىلار ، تاماشىبىنلار ۋە توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى ...
بۇ سوقۇلۇشتىكى ئىككى شوپۇرنىڭ تەجرىبىسى بىر-بىرىدىن مول ئىدى ، بۇنداق ئىشلارنىمۇ تولا بىرتەرەپ قىلىپ پىشىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا بۇ ئىشتا كىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ئاللىبۇرۇن پەملەپ بولۇشتى . ئىككىلا تەرەپنىڭ سوقۇلۇشتىكى زىيىنى ئانچە بەك زور بولمىغاچقا ، ھېچقايسى تەرەپ ساقچى چاقىرىشنى لايىق كۆرمىدى . ساقچى چاقىرىپ كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ ئۆز بېشىغا پىت چاچقاندىن كۆرە ، ئىككى كىشى يەڭ ئىچىدىلا مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلسا ئاسان بولاتتى .
شوپۇرلار بۇنداق سوقۇلۇشتا ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلىققا ئىگە ، يەنى ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ، ئاندىن ئۆزنىڭ زىيىنىنى قارشى تەرەپكە قارىغاندا زور قىلىپ كۆرسىتىش . يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى كۈچىنىڭمۇ ئاجىز ئەمەسلىكىنى پۇرىتىپ قويۇش ، شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، پىسخىكا جەھەتتىن بېسىم ھاسىل قىلىش ...
ماشىنىنىڭ تەبىقىسى بولىدۇ ، بۇ تەبىقە ئەلۋەتتە سۆھبەتتىكى ئىگىسىنىڭ ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇڭا ئاۋدى شوپۇرى ئەلۋەتتە تاكسى شوپۇرىغا قارىغاندا گېپى چوڭراق بولىدۇ . چۈنكى ئۇ تاكسى شوپۇرىنى ياراتمايدۇ ، خۇددى تاكسى شوپۇرى رىكشا تارتقۇچىنى ياراتمىغاندەك .
تاكسى شوپۇرى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارشى تەرەپنىڭ نومۇر تاختىسىغا قارىۋالدى ، خوتەننىڭ نومۇر تاختىسى . تاكسى شوپۇرى ئازراق خاتىرجەم بولدى . چۈنكى يەرلىك نومۇر تاختىسى بولغان بولسا ، بۇ چاغقىچە ئۇ قارشى تەرەپتىن تىل-ئاھانەت ئاڭلاپ بولاتتى . لېكىن يات يەرلىكنىڭ ماشىنىسى بولغانىكەن ، ئەھۋال ئوخشىمايدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاز تولا پۇل ئۈندۈرىۋېلىشمۇ مۇمكىن-دە !
شۇنداق ئويلىغىنىچە ئۇ ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى-دە ، كۈچەپ ئالدى توسقۇچنى جايىغا كۆتۈرگەچ :
-- بۇ توسقۇچنى مەن تۈنۈگۈن تېخى ئالماشتۇرغان ئىدىم . نەدىمۇ بۇنداق تۇيۇقسىز تورمۇزلىغان بار ؟ مانا ئەمدى مەن ئىككى يۈز سومسىز بۈگۈنكى ماي پۇلىمۇ جايىغا چۈشمەيدۇ .
ئاۋدى شوپۇرى بولسا قارشى تەرەپنىڭ بۇ ھادىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ۋە سانتانانىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى كۆڭلىدە ئېنىق چۈشەنگەچكە ئىچىدە « ئاكاڭنى ھاماقەت كۆرىۋاتامسەن ؟ » دەپ ئويلىدى ۋە ئۆز ماشىنىسىنىڭ قۇيرۇقىدىكى سىرى چۈشۈپ قوتۇر بولۇپ كەتكەن جايلارنى سىلاپ تۇرۇپ :
-- بۇ يەرلەرنى يېڭىلاتسام ، بەش يۈز سومسىز بۇ ماشىنىنى كوچىغا ھەيدەپ چىققىلى بولمايدۇ .
ئىككى شوپۇر ھەر بىرى بىر جۈملىدىن گەپ قىلىپ بولۇپ ، ماشىنىغا قاراشتىن توختىدى ، ئەمدى بىر-بىرىگە قاراشقا باشلىدى . ماشىنىنىڭ ئەھۋالى كۆڭلىگە ئايان ، يەنە قاراشنىڭ ھاجىتى يوق . ئاساسلىقى ئۇلار ئەمدى بىر-بىرىنىڭ قانداقراق كىشى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەۋاتاتتى . ئاۋدى شوپۇرىنىڭ گەۋدىسى كەڭ ، بويىمۇ ئېگىز بولۇپ ، چېچى قىسقا قىرقىلغان ، گەپ-سۆزلىرى قاتتىق بولۇپ ئاسان بوزەك بولىدىغان نەرسىدەك قىلمايتتى . تاكسى شوپۇرى بولسا دۈمبىسى سەل مۈكچەيگەن ، ئورۇق ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ، كىيىملىرى پۈرلىشىپ كىرلەشكەن كىشى ئىدى . تاكسى شوپۇرى خەقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ بېرىۋاتاتتى ، ئەمدى ماشىنا سوقۇلدى ، چاندۇرماي جايىغا ئەكەلمىسە ، كەچتە خىزمەت تاپشۇرىدىغان چاغدا ماشىنا ئىگىسىدىن تىل ئىشتىيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى .
تاكسى شوپۇرىنىڭ ئورۇق ، مۈكچەيگەن ھالىتىگە سەل قارىماڭ . بۇ خىل ئەھۋالدا تاكسى شوپۇرى داۋاملىق ماشىنىدىكى شىركەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسىنى ئاچىدۇ-دە ، شىركىتىدىكى شوپۇرلاردىن ئادەم چاقىرىپ ئۆز ئورنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە مىنۇتتا بۇ يەرگە ئوخشاشلا مۈكچەيگەن ، ئورۇق تاكسى شوپۇرلىرى يېغىپ كېتىدۇ . شۇڭا بۇ شەھەردە تاكسى شوپۇرلىرى ئەزەلدىن جېدەلدە ئۇتتۇرۇپ باققان ئەمەس .
مانا دېمىدىممۇ ، يولنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە يەتتە-سەككىز ئوخشاش رەڭدە سىرلانغان سانتانا ماشىنا قاتار بولۇپ توختىدى . ئېگىز-پاكار ، ئورۇق-سېمىز بولۇپ توققۇز-ئون كىشى ماشىنىدىن چۈشۈپ بۇ ياققا قاراپ مېڭىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇلار ئالدى بىلەن ئاۋدىنىڭ نومۇر تاختىسىغا بىر قارىۋېتىپ ، يات يەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن خاتىرجەم ۋارقىراپ-جارقىراشقا باشلىدى . بەزىلىرى « قانداق دېگەن گەپ بۇ ؟ مۇشۇنداق كەڭتاشا يولدىمۇ كەينىگە قارىماي خالىغانچە تورمۇزلىغان بارمۇ ؟ » دەيتتى ، بەزىلەر « ۋاي چوقۇم بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ ھەيدىگەن گەپ ! » دېيىشسە ، يەنە بەزىلىرى « بۈگۈن بىر كۈنلۈك تاپاۋېتىنى قوشۇپ 1000 سوم بەرمىسە بولمايدۇ ! » دېيىشىۋاتاتتى . شۇ ھازا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېگىز ھەم بەستلىك كەلگەن ، قارىماققا مۇشۇ تاكسىكەشلەرنىڭ ئارىسىدىكى «چوڭام» دەك كۆرۈنىدىغان بىر شوپۇرنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئۇلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى بېسىقتۇردى :
-- ئاناڭنى ! ھەممىڭ ئاغزىڭنى يۇمۇش ! يات يەرنىڭ ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا بوزەك قىلىشماقچىمۇسەن ؟ سەنلەر بۇنداق قىلىشساڭ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بىزنىڭ شەھەر كىشىلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇپ قالمامدۇ ؟ سەن گۇيلاردىغۇ ۋىجدان يوق زادى ...
ئاندىن "چوڭام " مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا مۇغەمبەرلىك بىلەن بىر قۇردىن قاراپ چىققاندىن كېيىن ، ئاستا ئاۋدى شوپۇرىنىڭ ئالدىغا باردى . ئۇنىڭ كەينىدىكى تاكسى شوپۇرلىرى بولسا « گېپىڭ بولسا ئاكىمىزغا ئېيت ! » دېگەندەك ئاۋدى شوپۇرىغا مەنسىتمىگەندەك ، تەھدىت سالغاندەك ھۈرپىيىپ قارىشىپ تۇراتتى . «چوڭام» بولسا ، يەنىلا مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئاۋدى شوپۇرىغا دېدى :
-- مۇنداق بولسۇن ، بۈگۈن ئىككىڭلارنى نەس بېسىپتۇ ، 200نى سانىۋەت ، يولۇڭلارغا مېڭىڭلار . قانداق ؟
ئاۋدى شوپۇرىمۇ بۇنداق ئاسان بوزەك بولىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى . ئۇ يانچۇقىدىن يانفونىنى چىقىرىپ تېلېفون ئۇرۇشقا باشلىدى . چەتتىكى تاكسى شوپۇرلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىشىۋاتاتتى :
-- ساقچىنى چاقىرساڭمۇ بېكار ، شەھىرىمىزنىڭ ساقچىلىرى شەھىرىمىز كىشىلىرىنى قوغدايدۇ . يەنە كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ساقچىلىرى بىلەن بىز پۈتۈنلەي تونۇش ...
ئاۋدى شوپۇرى چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن تېلېفوننى قۇلىقىغا تۇتۇپ ، يەنە بىر قولىنى ئىشتان يانچۇقىغا سېلىپ ، خەلق مەيدانى ئاسمىنىدىكى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتقان چوڭ چىراغقا قاراپ تۇراتتى .
تۇيۇقسىز ، قۇلاقنى يارغۇدەك ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا بىرىنىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى :
-- ئاناڭنى ، كىم ئۇ ئىش چىقىرىۋاتقان ؟!
كىشىلەر ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى . ئاۋدىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىكى ئىشىكى ئېچىلىپ ، يۈزلىرى قىپقىزىل ، داڭدار ماركىلىق غەربچە كاستيۇم-بۇرۇلكىسى گەۋدىسىگە ئازراق ماسلاشمىغان ، لېكىن بىر قاراشتىنلا ناھايىتى پۇلدار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان بىر كىشى ئاچچىقى بىلەن چۈشۈپ كەلدى . ئۇ ئاۋدىنىڭ ئىگىسى ئىدى . تاكسى شوپۇرلىرى بۇنداق ماشىنىلارنىڭ ئىگىسىنىڭ بوش ئەمەسلىكىنى بىلەتتى ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت شوپۇر بىلەن شوپۇرلا «سۆھبەت»لىشەتتى ، ماشىنا ئىگىلىرى ئارىلاشمايتتى .
قىزىل يۈز بولسا ئالامەت گەپدان ، جەمئىيەتنىڭ ھەرخىل يوللىرىغا ئۆزىنىڭ ئالقىنىدىكى سىزىقتىن بەكرەپ پىشىپ كەتكەن ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە خېلى داڭقى بار بىر كىشى ئىدى . قىزىل يۈزنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئۈرۈمچىدە مەلۇم نازارەتتە ئەمەلدار ئىدى . بۇ نەۋرە ئاكىسى مۇشۇ شەھەرنىڭ باشلىقى بىلەن پارتىيە مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداش ئىدى . قىزىل يۈزنىڭ بۇ شەھەردە يەنە مىسباش دەپ بىر سەپدېشى بار ئىدى . مىسباش مۇشۇ شەھەردە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى شىركەت خوجايىنى بولۇپ ، شەھەردە يېڭى پىلانلانغان بىر قۇرۇلۇشنى ياساشنى كۆتۈرە ئالالماي مۇشۇنىڭ يولىنى مېڭىۋاتاتتى . ئۇ قىزىل يۈزنىڭ شەھەر باشلىقى بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋېتىنى ئاڭلاپ ، دەرھال ئۇنى نەچچە يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىن چاقىرىپ كېلىپ ، كۈندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئېسىل يېگۈزۈپ-ئىچكۈزۈپ ، كۈندە قالتىس مېھمان قىلىپ كۈتتى . قىزىل يۈز بولسا جاۋابەن شەھەر باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ، تونۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن ئىشنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتتى . شەھەر باشلىقى بۇ پىلاننى ئەمەلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان يەنە بىر قانچە شىركەتنىڭ تالىشىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ قاراپ تۇرماي بۇ ئىشنى ھەل قىلىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . «ئەمەلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك » دېگىنى «ئارقا تېرىكى كۈچلۈك » دېگىنى ئىدى .
بۈگۈن بولسا ، مىسباش شەھەردىكى ئەڭ كاتتا رېستۇراندا قىزىل يۈزنىڭ ئۆزىگە قىلغان بۇ ياخشىلىقىغا جاۋابەن ئۇنى مىسلىسىز ھەشەمەت بىلەن مېھمان قىلدى . ئۈستەلدە ھاراق كۆپ ئىچىلدى . مىسباش قىزىل يۈزنىڭ ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ بۇ پىلاننى كۆتۈرىگە ئېلىشتا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇۋاتقان شىركەتنىڭ بۇ شەھەردىكى شۇجى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . قىزىل يۈز مەيدىسىگە مۇشلاپ تۇرۇپ :
-- قـوڭچىلىك كەلمەيدىغان كىچىككىنە شەھەرنىڭ شۇجىسى نېمە قىلالايتتى ؟ مەن ئالاقىدار كىشىلەرگە ئېيتسام ، ھازىرلا ئۇنىڭ ئورنى بوشايدۇ ! _ دېدى .
مىسباش بۇ گەپكە ئىشەنمىگەندەك قىلغان ئىدى . قىزىل يۈز ئۇنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن رېستۇراندىن چىقىپلا ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن ئايرودرومغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى . كىم بىلسۇن ، تېخى شەھەردىن چىقماي تۇرۇپ بۇ تاكسىغا سوقۇلۇپ كەتتى .
-- ساقچىلار ئۆز شەھىرىنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ مەن ھازىر بىرلا تېلېفون بىلەن شەھىرىڭنىڭ ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى مەنسىپىدىن چۈشىرىۋېتەلەيمەن ئىشىنەمسەن ؟! _ دەپ ۋارقىرىدى قىزىل يۈز تاكسى شوپۇرلىرىغا قاراپ . كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلغان ، ئەسلىدىنلا قىزىل كەلگەن يۈزى بىلەن بىرلىشىپ چىرايى تېخىمۇ ۋەھشىي كۆرۈنىۋاتاتتى . شوپۇرلار قىزىل يۈزنىڭ ئاسماننى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق گۈركىرىشىدىن چۆچۈپ ، قورقۇنچ ئىچىدە جىمجىت بولۇپ قېلىشقانىدى .
قىزىل يۈز تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ سۆزلىشىشكە باشلىدى . لېكىن بۇ تېلېفون ئۇ ئېيتقاندەك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئەمىلىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئاتارمەن-چاپارمەنلەرنى يىغىپ بىر مەيدان جېدەلگە تەييار بولۇش ئۈچۈن مىسباشقا ئۇرۇلغان ئىدى .
بۇ چاغدا ، كۆزنى چاقىدىغان كۆك قىزىل رەڭلىك چىراغ ئالمىشىپ يېنىپ تۇرىدىغان ساقچى ماشىنىسىدىن بىرى يول بويىدا توختىدى . بۇ دىژورنىلىق قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى ئىدى . قاتناش ساقچىسى ئىككى ماشىنا شوپۇرىنىڭ ئاغزاكى بايانىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، قايسىسىغا ئىشىنىشىنى بىلەلمەي ، نەخ مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن خەلق ئاممىسىدىن بىر كىشىنى بۇ ئىشنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . بۇ چاغدا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەر يان تەرەپتىن سىيىت دارازىنى مەيدانغا ئىتتىرىپ چىقاردى . سىيىت دارازا مۇشۇ خەلق مەيدانى ياسىلىشتىن بۇرۇنلا بۇ يەردە بار بولغان ئاھالىلەردىن بولۇپ ، ۋەقەمۇ دەل ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا يۈز بەرگەن ئىدى . ئۇ ئۆزىمۇ بىر ئىلگىرىكىن يېتىم ئاقساقال كىشى بولۇپ ، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشقا ئارىلىشىپ باققۇسى كېلىدىغان ، ھەتتا بىرەرسىنىڭ تويى بولسا يەڭگىلىك قىلىشتىن يانمايدىغان كىشى ئىدى . ئەلۋەتتە ، خەلق ساقچىسىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ ۋەقەنى بايان قىلىپ بېرىشنى ئۇ بىر شەرەپ دەپ بىلەتتى .
-- بۇ ئىش مۇنداق بولغان ،_ دەپ گەپ باشلىدى سىيىت دارازا ،_ بايا ئۆينىڭ ئىشىگىدىن ئەمدى چىقىپ يولدىن ئۆتەي دەپ تۇرىشىمغا ، كۆز ئالدىمدا مۇشۇ ئىككى ماشىنا «جاق» قىلىپ سوقۇشۇپ قالدى . قارىماققا ھەر ئىككىلىسىدىن ئۆتكەن يېرى بار ، يەنە بىر قارىماققا ھەر ئىككىلىسىدىن خاتالىق ئۆتمىدى . تاكسى دېگەن پۇلنى ئاسان تاپمايدۇ ، شۇڭا ماۋۇ ئاۋدى تاكسى شوپۇرىغا 50 سوم بەرسە ، ھەر ئىككى تەرەپ يولىغا ماڭسا بولارمىكىن ...
ئەتراپتىكى تاماشا كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى لىڭشىتىپ سىيىت دارازىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ، سىيىت دارازىنىڭ ھەقىقەتەن بىر دانا چارىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتىشىپ غۇلغۇلىغا چۆكتى . قاتناش ساقچىسىمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :
-- مۇشۇنچىلىك ئىشقا تالىشىپ ، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزۈپ ئولتۇرۇپسىلەر . ئېيتىپ قوياي ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭلار بېرىدىغاننى بېرىپ يولۇڭلارغا مېڭىڭلار . ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلالمىساڭلار بىز ماشىنىنى ھازىرلا تارتىپ كېتىپ ، ئەتە بىر تەرەپ قىلىمىز .
ئىككى شوپۇر بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بىلىشەتتى . بۇنداق سۆزلەر ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا تاپشۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتومى بولۇپ ، ماشىنىنى تارتقۇزۇپلا قويسا پىتنى دەپ چاپاننى ئوتقا سالغاندەك ئىش بولاتتى . شۇڭا ۋەقە تۇغدۇرغان ئىككى شوپۇر بۇنىڭغا قوشۇلۇشتى .
ئاۋدى شوپۇرى تاكسى شوپۇرىغا 50 سوم بېرىدىغان بولۇپ ، قولىنى يانچۇقىغا ئۇزىتىۋاتقاندا ، قىزىل يۈز ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ :
-- توختا ، بۇ پۇلنى بىز زادى تۆلىمەيمىز . سىلەرنىڭ شەھەر باشلىقىڭلار بىلەن كۆرۈشىمەن ! شەھەر باشلىقى بىر نەرسە دېسۇن !
قىزىل يۈزنىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلگەن ئىدى . 50 سوم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئۇقۇم ئەمەس ئىدى ، لېكىن بۇ پۇلدىكى گەپ ئەمەس ، يۈزدىكى گەپ ئىدى . قىزىل يۈز بۇ شەھەرگە ئۆزىنىڭ جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى يۇقىرى ئورنى بىلەن خەقنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭشىغىلى كېلىپ ، ئەمدى مۇشۇ ئۇششاق ساقچىلارغا بوزەك بولۇپ جەرىمانە تۆلەمدۇ ؟ ئۇ ئويلىغانسېرى ئاچچىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايتتى .
قاتناش ساقچىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈگىنىچە كۆز ئالدىدىكى قىزىل يۈزگە باشتىن ئايىغىغىچە بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقتى . ئۇ قىزىل يۈزنىڭ ئالدىدا خۈدۈكسىنىپ قېلىۋاتاتتى . ئەتراپتىكى بۇ ئىشقا زېغىرچىلىك مۇناسىۋېتى بولمىغان تاماشا كۆرگۈچىلەر بولسا « شەھەر باشلىقى دېگەن پوققا تەڭ ! قاتناش ھادىسىسى دېگەندە قاتناش ساقچىسى بىر دېسە بىر ، ئىككى دېسە ئىككى بولىدۇ ... پۇلنى تۆلىمىسەڭ ماشىناڭنى قويۇپ كەت ! ... » دېيىشىۋاتاتتى .
كىشىلەر قاتتىق غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقان چاغدا ، بىر دانە بېنز يول بويىدا توختىدى . ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ ، ئىچىدىن مىسباش ۋە ئۇنىڭ كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلىرى ئەگىشىپ چۈشتى . كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلار مەيداندا تاماشا كۆرۈۋاتقان كىشىلەر توپىنى ئىككى چەتكە ئىتتىرىپ مىسباشقا بىر ئارىلىق ئېچىپ بەردى . قاتناش ساقچىسى بۇرۇلۇپ يولنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى بېنزغا كۆزى چۈشتى _دە ، قورققىنىدىن يۈرىكى سېلىشقا باشلىدى . چۈنكى بۇ شەھەردە بۇنداق ئېسىل ھەشەمەتلىك ماشىنىدىن پەقەت بىر قانچىسىلا بار ئىدى .
قاتناش ساقچىسى ئېسىل كاستيۇم-بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيگەن مىسباشقا چۇڭقۇر ئېھتىرام بىلەن بىر ھۆرمەت بىلدۈرىۋەتكەندىن كېيىن ، مىسباش قولىنى ساقچىنىڭ دولىسىغا قويۇپ تۇرۇپ « بۇياققا كەل ، ئەھۋالنى ماڭا چۈشەندۈر » دەپ ئۇنى تارتىپ ئېلىپ كەتتى . قاتناش ساقچىسى خۇددى باشلىقىغا ۋەقە ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندەك ئالدىدىكى بۇ كاتتا خوجايىنغا تەپسىلىي دوكلات بېرىۋاتاتتى . مىسباش ئاڭلاشقا خۇشياقمىغاندەك قىلىپ ساقچىنىڭ گېپىنى بۆلدى :
-- بۈگۈن ئىدارىدە كىم مەسئۇللۇقتا تۇرىۋاتىدۇ ؟
-- بىلمەيمەن ،_ دېدى ساقچى قىزىرىپ تۇرۇپ .
مىسباش چەكچىيىپ بۇيرۇق قىلغان تەلەپپۇزدا :
-- بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم ، ئۇلار يولىغا مېڭىۋەرسۇن ، بۇ ئىشنى مەندىن سۈرۈشتە قىلىڭلار .
ساقچى بۇرۇلۇپ كىشىلەر توپى ئىچىگە كىرىپ ، ئاۋدى شوپۇرىدىن كەچۈرۈم سوراپ ئۇنىڭغا مېڭىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئاندىن چىرايىنى بۇزۇپ تۇرۇپ تاكسى شوپۇرلىرىغا قاراپ ۋارقىرىدى :
-- بۇندىن كېيىن ئىش چىقىرىشساڭ كىنىشكاڭنى مۇسادىرە قىلىمىز !
شۇنىڭ بىلەن چارلىغۇچى ساقچىلار گۇدۇڭشىغىنىچە ماشىنىسىنى قوزغىتىپ ئۇزاپ كەتتى . كۆتۈرگۈ-قوپۇرغۇلار بولسا نېمىلەرنىدۇر دېيىشىۋاتقان مىسباش ۋە قىزىل يۈزگە تاماكا تۇتۇپ خۇشامەتچىلىك قىلىشىۋاتاتتى .
ئاۋدى شوپۇرى ماشىنىغا قايتىپ چىقىپ ئوت ئالدۇرۇپ مېڭىشقا تەييارلاندى ، ئاڭغىچە قىزىل يۈزمۇ مىسباش بىلەن خوشلىشىپ ، مىسباش ماشىنىسىغا چىقىپ قايتقاندىن كېيىن ئاۋدىغا قايتىپ كەلدى . شۇندىمۇ يەنە تاكسى شوپۇرلىرىنى تىللىۋېلىشنى ئېسىدىن چىقارمىدى :
-- ھۇ ئاناڭنى ھارامتاماقلار ، سەن يالاڭتۆشلەر تېخى ئاكاڭ قارىغاينىڭ ماشىنىسىغا ئۇرۇلغۇچى بولۇشتۇڭما ؟ بۇرنۇڭغا قولۇمنى تىقىۋېتىمەن !
تاكسى شوپۇرلىرى بۇ ئاھانەتكە چىدىمىسىمۇ ، لېكىن قارشى تەرەپ قارىماققا پۇلدار ھوقۇقدار كۆرۈنەتتى ، شۇڭا ئۈنچىقمىدى . پەقەت "چوڭام"لا تىلغا چىدىمايۋاتاتتى ، دېمىسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى "چوڭام"نى ئاكا ئورنىدا كۆرۈپ تۆرنىڭ بېشىغا ئېلىپ ھۆرمەتلىشىپ كېلىۋاتقاندا بۇنداق "سولىشىپ" قېلىش ئۆز ئىناۋىتىگە مۇخالىپ ئىش ئىدى .
"چوڭام" ئاغزىغا يىغىلغان سەت گەپنىڭ ھەممىنى بىر بەلغەمگە ئايلاندۇرۇپ قىزىل يۈزنىڭ ئاۋدى ماشىنىسىغا غەزەپ بىلەن شالاققىدە تۈكۈردى . بۇ بەلغەم قاپقارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئالقانچىلىك جايدا سۇنايلىنىپ ساپسېرىق سوزۇلغىنىچە پەسكە قاراپ ئېقىۋاتاتتى .
بۇنى كۆرگەن قىزىل يۈز ماشىنىدىن قايتا چۈشۈپ تۈكۈرۈككە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال "چوڭام"غا ئېتىلدى دە ، باياتىنقى ھاراق سورۇنىدا گېلىغا كەپلەشكەن بىر توقام بەلغەمنى "قايتۇرما ھۇجۇم" سۈپىتىدە "چوڭام"غا قارىتىپ تۈكۈردى . "چوڭام" بۇرۇن جەمئىيەت ئويناپ چوڭ بولغان كىشى بولغاچقا ، ئىنكاس سۈرئىتى تېزرەك ئىدى ، سائەتلىك سۈرئىتى بىر قانچە ئون ماخقا يېتىدىغان بۇ "سىنارەت"تىن "چوڭام" ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرىۋالدى ، بىراق بەلغەم ئۇچۇپ بېرىپ سىيىت دارازىنىڭ يۈزىگىلا چاپلاشتى . سىيىت دارازا سەسكەنگىنىدىن كىشىلەر توپى ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى ۋە ئىككى قولىنى بېلىگە تېرەپ تۇرۇپ تىللاشقا باشلىدى :
-- ھۇ بۆرىكىنىڭ تېشىنى يەرمەنكىدە ساتىدىغان تاشچى ، ئوسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان سەھرالىق كەلگۈندى ، يالاندى غاجاپ چوڭ بولغان دىۋانە ، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلەمسەن ؟! بۇلاقبېشىغا بەگ بولغان ، ما دوتەيگە پۇگەن بولغان مانسۇرخان ھەزرەتنىڭ نەۋرىسىمەن ھۇ جۇۋاينىمەك كېتىدىغان قىزىل يۈز !
قىزىل يۈزمۇ بوش كەلمەستىن خىرىلدىغىنىچە :
-- مەن ئاچاڭنىڭ ئېرى بولىمەن ،_ دېۋىدى ، تۇيۇقسىز قۇلاقنىڭ تۈۋىگە تەگكەن قاتتىق بىر مۇشتتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ، ئاسفالت يول ئۈستىگە پالاققىدە يىقىلدى .
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئاۋدى شوپۇرى ماشىنا ئىچىدىن ئاتمىش سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى بىر "زۇلپىقار"نى كۆتۈرگىنىچە "چوڭام"غا ئېتىلدى ، "چوڭام" پىچاقنى كۆرۈپ سەل ھۇدۇقتى ۋە ئەتراپتىكى شايكىلىرىغا كۆز ئىشارىسى قىلىپ چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى . دەل شۇ پەيتتە ئاۋدى شوپۇرى تۇيۇقسىزلا "چوڭام"غا زەرب بىلەن بىر پىچاق ئۇرۇۋېدى ، پىچاق بىسى ئاسماننى كېسىپ ئۆتكۈچە يالت-يۇلت قىلىپ نۇر چاقنىتىپ ، ۋىڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن نەخ "چوڭام"نىڭ بوينىغا ئۇرۇلدى . بىراق "چوڭام" يەنىلا "چوڭام" دە ، پىچاق سەل ئۇزۇن ۋە كالامپاي بولغاچقا ، "چوڭام" بويىنى سەل ئېگىپلا چەتكە ئۆزىنى ئېتىۋېدى ، ئاۋدى شوپۇرى پىچاقنى يىغىشقا ئۈلگۈرمەستىن ، يەنە كەينىدە كولدۇرلاپ ئاللىنېمىلەرنىدۇر دەپ قىزىل يۈزنى قارغاۋاتقان سىيىت دارازىنىڭ كۆكرىكىگە ئۇرۇلدى .
نەخ مەيداندا سىيىت دارازىنىڭ ئاپئاق كۆڭلىكى ۋە كۆڭلەك ئىچىدىكى ياداڭ مەيدىسى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئاجرىدى ، قىپقىزىل قان فونتاندەك ئېتىلىپ ئاۋدى شوپۇرىنىڭ چىرايلىرىغا چېچىلماقتا ئىدى . بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار ۋە كېيىن كەلگەن تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ توقسان توققۇز پېرسەنتى دەرھال ئۆز يوللىرىغا قارىشىپ تارقىشىپ كېتىشتى . بۇ تەرەپتە پەقەت ھېلىقى ئىش چىقارغۇچى تاكسى شوپۇرى بىلەن "چوڭام" ، ئۇ تەرەپتە يەردىن ئۆمىلەپ قوپۇۋاتقان قىزىل يۈز بىلەن ئاۋدى شوپۇرى ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولسا قارنى ئېچىلىپ كەتكەن سىيىت دارازا يەردە سۇنايلىنىپ جان تالىشىپ ياتاتتى .
"چوڭام" سىيىت دارازىنىڭ مەيدىسىگە قادالغان پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئالدى ۋە ئاۋدى شوپۇرىغا تىقتى ، ئاۋدى شوپۇرىنىڭ قورسىقى يىرتىلدى . قىزىل يۈز ئارىدىن پىچاقنى بۇلاپ ئالدىيۇ "چوڭام"نىڭ بېشىغا چاپتى ، "چوڭام" بۇ قېتىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى ، بويۇنغا تەگكەن ئېغىر پىچاق شۇئان "چوڭام"نى جېنىدىن جۇدا قىلدى . ئىش چىقارغۇچى تاكسى شوپۇرى قورققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكۈدەك بولۇپ "چوڭام"نى يۆلىدى ، لېكىن "چوڭام"نىڭ نەپسى ئۈزۈلۈپ بولغان ئىدى . قىزىل يۈز نەخ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاكسى شوپۇرىنىڭ كەينىدىن بىر پىچاق ئۇرماقچى بولغان ئىدى ، تاكسى شوپۇرى ھۇشيارلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالدى ۋە قىزىل يۈز بىلەن پىچاقنى تالىشىپ قالدى . قىزىل يۈز سېمىزرەك ، كۈچتۈڭگۈررەك بولغاچقا ، تاكسى شوپۇرى پىچاقنى كۈچەپ تارتقاندا ئويلىمىغان يەردىن قىزىل يۈز پىچاقنى ئالدىغا ئىتتىردى ، تاكسى شوپۇرى چۆچۈپ ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىۋېدى ، قىزىل يۈز دېۋەيلىگنىچە بېرىپ ئاۋدى شوپۇرىنىڭ قورسىقىغا پوسسىدە يەنە بىر پىچاق تىقتى .
بۇ مەيدان ، بۇ يول ، ھازىر ئادەمسىز ئىدى ، بۇ بەئەينى سپارتاك چېمپيون سوقۇشتۇرۇش مەيدانى ئىدى . تۈن ئىلكىدە ، يىراقتىن ھېيتگاھ جامىئەسىنىڭ مۇنارى خۇددى بىر ئاقساقال بوۋايغا ئوخشاش ، ۋە ياكى سپارتاك مەيدانىدىكى بىر تاماشىبىنغا ئوخشاش ، بۇ مەنزىرىنى ئۈنسىز كۆزىتىپ تۇراتتى .
شۇنداق قىلىپ تاكسى شوپۇرى قىزىل يۈزگە بىر پىچاق ، قىزىل يۈز تاكسى شوپۇرىغا بىر پىچاق ، سەن بىر پىچاق ، مەن بىر پىچاق تىقىشىپ ، ئادەم تەلەتىنى يوقىتىشىپ ئاخىرى ھالسىزلانغىنىچە يەرگە يىقىلىشتى . يولدا بەش دانە جەسەت قالدى .