مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 9

سەئىد ئىبنى جۇبەير(تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 05:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                                سەئىد ئىبنى جۇبەير
«سەئىد ئۆلتۈرۈلدى، ھالبۇكى يەر يۈزىدە ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ بىلىمىگە بەك مۇھتاج ئىدى»
_ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل

سەئىد ئىبنى جۇبەير قامەتلىك، كېلىشكەن، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇن بولۇش بىلەن بىرگە قەلبى ئويغاق، زېرەك، سەزگۈر، گۈزەل ئەخلاققا قاتتىق قىزىققان، ھارام ئىشلاردىن ئۆزىنى بەك تارتقان ياش ئىدى. ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ قارىلىقى، چېچىنىڭ بۈدۈرلىكى، تىگىنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يېشى كىچىك تۇرۇپلا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىشىگە تۇسالغۇ بولالمىدى. سەئىدنىڭ تېگى قارا تەنلىك، كېلىپ چىقىشى ئەرەپ بولۇپ، بىلىم ئۇنىڭ اللەغا ئېرىشىدىغان يولى، تەقۋالىق جەننەتكە كىرىشىگە سېلىنغان يولى بولۇپ، ئۇ تەقۋالىقنى ئوڭ قولىدا، بىلىمنى سول قولىدا تۇتقان ئىدى. ھەر ئىككى قولىدا قاتتىق ئىدى. ئۇ ھاياتلىق مۇساپىسىنى ئىككىلەنمەستىن مۇشۇ ئىككىسىگە ئاتىدى. كىشىلەر ئۇنى ئېغىزىغا چىش چىققاندىن باشلاپ ياكى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كىتاپقا بېرىلگەن ياكى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جاينامازدا تۇرۇۋاتقان ھالدا كۆرەتتى. مانا بۇ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى - سەئىد ئىبنى جۇبەير. اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ھەم رازى قىلسۇن.
ياش يىگىت سەئىد ئىبنى جۇبەير ئەبۇ سەئىدىل خۇدۇرى، ئەدى ئىبنى ھاتەم، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللا ئىبنى ئۇمەر، ئۇممۇل مۇئمىنىين- ئائىشەلەرگە ئوخشاش پىشقەدەم ساھابىلەردىن بىلىم ئالدى. اللە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن. لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇستازى ۋە يېتەكچىسى- مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتا ئۆلىماسى، تېشىپ تۇرغان بىلىم دېڭىزى ئابدۇللا ئىبنى ئابباس ئىدى. سەئىد ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇرئاننى ۋە چۈشەندۈرۈشنى، ھەدىسنى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىزلىرى قايسى، ئىشەنچىلىكلىرى قايسى ئىكەنلىكىنى ئۆگەندى. دىنى ھۆكۈملەرنى، دىننى چۈشەندۈرۈشلەرنى تەلىم ئالدى. ئۇنىڭدىن تىل ئۆگىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەگە ئېرىشتى. ھەتتا ئۆز زامانىسىدا يەر يۈزىدە ھەر قانداق بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلىمىگە مۇھتاج بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن اللەنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىلىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئايلاندى. قالغان بىلىمىگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، كۇفەدە ماكان تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى ھەم كۇفەدىكىلەرنىڭ ئۇستازى ۋە رەھبىرىگە ئايلاندى. ئۇ رامىزاندا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ، بىر كېچىسى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدنىڭ قىرائىتى بىلەن ناماز ئوقۇيتتى، يەنە بىر كېچىسى زەيىد ئىبنى سابىتنىڭ قىرائىتى بىلەن ناماز ئوقۇيتتى. ئۈچىنچى كېچىسى ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ قىرائىتى بىلەن ناماز ئوقۇيتتى. ئەگەر ئۇ تەنھا ناماز ئوقۇسا بەزىدە پۈتۈن قۇرئاننى بىر نامازدا ئوقۇيتتى. «ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بۇيۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە اللەنىڭ زەنجىرلىرى بولىدۇ. ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرىلىدۇ» (سۈرە غافىر 72- ئايەت) دېگەن سۆزىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەدە ۋە تەھدىد، ئاگاھلاندۇرۇش ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا بەدىنى تىترەپ كېتەتتى، يۈرەكلىرى سېلىپ كۆزلىرىدىن ياش تۆكىلەتتى. يەنە شۇنداق ئايەتلەرنى نەپەس ئالالماي قالغۇچە تەكرار ئوقۇيتتى. ئۇ ھەر يىلى ئىككى قېتىم بەيتۇلھەرامغا بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ھەر قېتىم ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن رەجەپ ئېيىدا، يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىش ئۈچۈن زۇلقەئدە ئېيىدا باراتتى. بىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار، نەسىھەت ۋە ياخشىلىق ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭدىن مول بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كۇفەگە كېلەتتى، ئۇنىڭ توغرا كۆرسەتمىسىنى ئالاتتى. بىرى:
- قورقۇش دېگەن نېمە؟ - دەپ سورايتتى، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بېرەتتى:
- قورقۇش دېگەن – اللەدىن قورقۇشۇڭ سەن بىلەن خاتا ئىشلار ئوتتۇرىسىدا تۇسالغۇ بولۇپ، سېنى خاتالىقتىن ياندۇرغان نەرسە. يەنە بىرى:
- اللەنى ئەسلەش (زىكرى) دېگەن نېمە؟ - دەپ سورايتتى. ئۇ:
- اللەنى ئەسلەش - ھەممىدىن ئۇلۇغ اللەغا بويسۇنۇشتۇر. كىم اللەغا يۈزلىنىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسا، اللەنى ئەسلىگەن بولىدۇ. كىم اللەدىن يۈز ئۆرۈپ اللەغا بويسۇنمىسا، گەرچە پۈتۈن كېچە زىكرى - تەسبىھ ئېيتىپ، تىلاۋەت قىلسىمۇ اللەنى ئەسلىگەن بولمايدۇ، - دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
سەئىد ئىبنى جۇبەير ماكانلاشماقچى بولۇپ كۇفەنى تاللىغاندا، كۇفە ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ھەججاج ئىراق، يىراق شەرىق ۋە ماۋرائۇننەھىرنىڭ ۋالىسى بولۇپ، ھۇقۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئولتۇرۇۋاتاتتى. بۇ، ھەججاج ئابدۇللا ئىبنى زۇبەيرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەركىتىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىنكى ئەھۋال ئىدى. ئۇ ئىراقنى، بەنى ئۇمەييەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بېسىقتۇرۇپ، ھەممە يەردىكى ئىنقىلاپ ئوتلىرىنى ئۆچۈردى. اللەنىڭ بەندىلىرىنىڭ بېشىدا قېلىچ ئويناتتى. پۈتۈن ئەل قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ئىدى. ھەججاجنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن قورقۇپ، كىشىلەر ئەركىنرەك نەپەس ئالالماس بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن اللەنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەججاج بىلەن ئۇنىڭ مەشھۇر قۇماندانلىرىنىڭ بىرى - ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەس ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ تۇقۇنۇش چوڭ پىتنىگە ئايلىنىپ، ھۆل - قۇرۇق ھەممىسىنى چەيلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇردى. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
ھەججاج ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەسنىڭ قۇماندانلىقىدا سىجىستان (ئىران بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان يۇرت)نىڭ كەينى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان رايۇنلاردىكى تۈرك پادىشاھلىقىغا قارشى «رەتبىيىل» غازىتىغا قۇشۇن ئەۋەتتى. بۇ قەيسەر غالىپ قۇماندان رەتبىيىل دىيارىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەپ، مۇستەھكەم بىر قۇرغاننى قولغا كەلتۈردى. شەھەر - قىشلاقلاردىن نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ئالدى. بۇ زور غەلبىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەججاجغا ئادەم ماڭغۇزدى. مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، غەنىمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى ھەم بىرگە ئەۋەتتى. ھەججاجغا يەنە ھەر قايسى جايلارنىڭ كىرىش- چىقىش يوللىرىنى ئۇقۇش، شۇ يەرنىڭ تەبئىيىتى ۋە ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل جەڭدىن توختاشقا رۇخسەت سوراپ خەت يازدى. ئۇلار تېخى رەتبىيىل دىيارىنىڭ نامەلۇم بولغان تاغ جىلغىلىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرمىگەن، غالىپ قوشۇن چوڭ خەتەرگە يۇلۇقمىغان ئىدى. خەتكە ھەججاجنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. ئابدۇررەھماننى قورقۇنچاق، يارىماس دەپ خەت يازدى. خەتتە ئۇنى ئازاپ ۋە ئۆلۈمدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، ھۇقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشى بىلەن تەھدىد سالغان ئىدى. قۇماندان ئابدۇررەھمان قۇشۇننىڭ مۆتىۋەرلىرىنى ۋە ھەر قايسى قۇماندانلىرىنى چاقىردى. ئۇلارغا ھەججاجنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بېرىپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سالدى. ئۇلار ھەججاجغا بويسۇنماسلىق، ئۇنىڭغا قارشى چىقىش تەكلىۋىنى بەردى. ئابدۇررەھمان ئۇلارغا:
- مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنى قوللاپ ماڭا بەيئەت قىلامسىلەر؟ ئىراق زېمىنىنى ھەججاجنىڭ رەزىللىكىدىن پاكلاش ئۈچۈن جىھاد قىلىشقا ياردەم بېرەمسىلەر؟ - دېدى.
قوشۇن ئابدۇررەھمانغا بەيئەت قىلدى. ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەس ھەججاجغا قاتتىق غەزەپلەنگەن قۇشۇن بىلەن جەڭگە ئەتلاندى. ھەججاجنىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن ئابدۇررەھمان قۇشۇنى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭلەر بولدى. ھەممىسىدە ئابدۇررەھمان زور غەلبىگە ئېرىشتى. سىجىستان ۋە پارىس دىيارىنىڭ كۆپ قىسمى قولغا كەلدى. ئاندىن كۇفە ۋە بەسرەنى ھەججاجنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جەڭ ئوتى لاۋۇلداۋاتقان، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەس غەلبىسېرى ئىلگىرىلەۋاتقان ۋاقىتتا، ھەججاجغا دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىنى كۆپەيتىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. بۇ مۇنداق: ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ۋالىلىرى ھەججاجغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، زىممىيلەرنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان غەيرى دىندىكىلەر) جىزىيە (زىممىيلەر ئىسلام ھاكىمىيىتىگە تۆلەيدىغان باج) تۆلەشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسلامغا كىرىشكە باشلىغانلىقىنى، ئىشلەيدىغان قىشلاقلىرىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە كىرىپ ئورۇنلاشقانلىغىنى، كىرىم ئازلاپ، خەزىنە قۇرۇقدالغانلىغىنى مەلۇم قىلىشتى. ھەججاج بەسرە ۋە باشقا جايلاردىكى ۋالىلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنى شەھەرگە كىرگەن بارلىق زىممىيلەرنى يىغىشقا، ھەممىسىنى كۆچۈپ كىرگىلى قانچە ئۇزۇن بولغان بولسۇن، قىشلاققا قايتۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇلار بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، زىممىيلارنى يۇرت- ماكانلىرىدىن، كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىپ، شەھەر ئەتراپىغا يىغدى. ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشتى. ھەممىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، بىراقلا تاشلىۋەتكىلى ئۇزۇن بولغان ھەر قايسى قىشلاقلارغا ھەيدەپ ماڭدى. ئاياللار، بالىلار، قېرىلار يىغلاشقا، زارلىنىشقا، پەرياد چېكىشكە باشلىدى. ئۇلار:
- ھەي مۇھەممەد! نەدە سەن؟ ھەي مۇھەممەد! قەيەردە سەن؟ - دەپ توۋلىشاتتى. ئۇلار نېمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى، نەگە بارىدىغانلىنى بىلمەيتتى. بەسرەنىڭ ئالىم ئۆلىمالىرى ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش، ئۇلارنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن چىقتى. ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ يىغىسىغا قوشۇلۇپ يىغلىدى. ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىگە ئازاپلاندى. ئابدۇررەھمان بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت يىغىپ، ئالىم ئۆلىمالارنى ئۆزىنى قوللاشقا چاقىردى. پىشقەدەم تابىئىنلار، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن نۇرغۇنى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. بۇلارنىڭ باشلامچىلىرى - سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلا، شەئىبى، ئەبۇلبەختەرىي قاتارلىقلار ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك جەڭ باشلاندى. دەسلەپتە ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەس ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى غەلبە قىلدى. كېيىن ھەججاجنىڭ كۈچى ئاستا - ئاستا كۈچىيىپ، ئاخىرى ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەشئەس ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ جېنىنى ئېلىپ قاچتى، قۇشۇنى ھەججاجغا تەسلىم بولدى. ھەججاج جاكارچى ئارقىلىق مەغلۇپ بولغان قۇشۇننى ئۆزىگە باشقىدىن بەيئەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇلارنىڭ كۆپى ھەججاجنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. بىر قىسىملىرى ئۆزىنى تارتتى. ئۆزىنى يۇشۇرغانلارنىڭ ئىچىدە سەئىد ئىبنى جۇبەيرمۇ بار ئىدى. تەسلىم بولغۇچىلار بىر - بىرلەپ بەيئەت قىلىشقا كېلىپ، خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىشقا يۇلۇقتى. ھەججاج ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە:
- سەن مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرىنىڭ ۋالىسىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان سەۋەپلىك ئۆزەڭنى كاپىر دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ - دەيتتى. ئەگەر سورالغۇچى ھەئە دېسە، ئۇنىڭ يېڭى بەيئىتى قوبۇل قىلىنىپ، قويۇپ بېرىلەتتى. ئەگەر ياق، دېسە، ھەججاج ئۆلتۈرىۋېتەتتى. بەزىلەر ھەججاجغا بويسۇنۇپ، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى كاپىر دەپ ئىقرار قىلدى. بەزىلەر بۇنى قىلماي قارشى چىقىش بەدىلىگە بېشىنى تاپشۇردى. نەچچە مىڭ ئەر ئۆلتۈرۈلگەن، نەچچە مىڭى ئۆزىنى كاپىر دەپ ئىقرار قىلغاندىن كېيىن قۇتۇلۇپ قالغان بۇ قورقۇنۇچلۇق قىرغىنچىلىقنىڭ خەۋەرلىرى كەڭ تارقالدى.
خەسئەم قەبىلىسىدىن ياشىنىپ قالغان بىر كىشى بولۇپ، ئىككىلا گۇرۇھتىن يىراق بولۇپ، فۇرات دەرياسى (سۈرىيە ۋە ئىراقنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا)نىڭ ئۇ قېتىدا ئولتۇراتتى. ئۇمۇ باشقىلار بىلەن بىرگە ھەججاجنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئاپىرىلدى. ئۇ ھەججاجنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەندە، ھەججاج ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى. ئۇ كىشى جاۋابەن:
- ئۇرۇش ئوتى يانغاندىن بېرى دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ئۇرۇشتىن يىراق ھالدا ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى كۈتۈپ تۇردۇم. سەن ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، غەلىبە قىلدىڭ، ساڭا بەيئەت قىلىشقا كەلدىم، - دېدى. ھەججاج كايىپ:
- ھۇ ئۆلگۈر! رەھبىرىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلماي كۈتۈپ ئولتۇردۇڭما؟ ئۆزەڭنى كاپىر دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ - دېدى.
- مەن سەكسەن يىل اللەغا ئىبادەت قىلىپ، ئەمدىلىكتە ئۆزەمنى كاپىر دېسەم، ھەقىقەتەن پەس ئادەم بولمامدىم؟ - دەپ جاۋاپ بەردى.
- ئۇنداقتا سېنى ئۆلتۈرىمەن.
- مېنى ئۆلتۈرسەڭ ئۆلتۈر. اللە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ پەقەت ئىشەك ئۇسسۇغىچىلىك ۋاقتىم قالدى. ئىشەك ئەتىگەندە سۇ ئىچسە، كەچتە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ. مەن ھەر ۋاقىت ئۆلۈمنى كۈتۈپ كېلىۋاتىمەن، خالىغىنىڭنى قىل.
ھەججاج جاللاتقا:
- ئۇنىڭ بېشىنى چاپ، - دېدى، جاللات ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى كەستى. سورۇندىكى ھەججاجنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرى قالماي بۇ ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە تەكبىر ئېيتىپ، اللەنىڭ رەھمەت قىلىشىنى تىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كەمىيل ئىبنى زىيادنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دېدى:
- ئۆزەڭنى كاپىر دەپ قارامسەن؟
- اللە بىلەن قەسەمكى، ھەرگىز ئۇنداق دەپ قارىمايمەن، - دېدى كەمىيل.
- ئۇنداقتا سېنى ئۆلتۈرىمەن.
- خالىغىنىڭنى قىل. اللەنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىمىز، ھېساب - كىتاپ شۇ يەردە.
- شۇ يەردە مېنىڭ توغرا بولۇپ چىقىدۇ.
- ئەگەر شۇ كۈندە ئۆزەڭ ھۆكۈم قىلغۇچى بولساڭ شۇنداق بولىدۇ.
- ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! - دېدى ھەججاج.
ئۇمۇ ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئاندىن ھەججاج يامان كۆرىدىغان، ئۆلتۈرىۋەتكىسى بار كىشى كەلتۈرۈلدى. ھەججاج بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ ئالدىراپ ئۇ كىشىگە:
- سەن ئۆزەڭنى كاپىر دەپ قارايسەنغۇ؟ - دېدى. ھېلىقى كىشى:
- مېنى ئۇچۇرۇپ ئالدىما، مەن پۈتۈن زېمىن ئەھلى ۋە كۈچلۈك فىرئەۋندىنمۇ بەكرەك كاپىر، - دېدى. ھەججاجنىڭ ئۇنى شۇنداق ئۆلتۈرۈۋەتكىسى بار تۇرۇپ، ئىلاجىسىز قويىۋەتتى. يۇقىرىقى ئىشلار ھەممە جايغا تارقالدى. سەئىد شۇنىڭغا ئىشەندىكى، ئەگەر ئۇ ھەججاجنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا پەقەت ئىككى يولنىڭ بىرى بار، ئۈچىنچىسى يوق ئىدى. بىرى - بېشىنى قېلىچقا تۇتۇپ بېرىش، يەنە بىرى - ئۆزىنى كاپىر دەپ ئىقرار قىلىش ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاچچىق... سەئىد ئىراقتىن چىقىپ كېتىش، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تاللىدى. ھەججاج ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلىرىدىن يۇشۇرۇنۇپ، اللەنىڭ كەڭرى زېمىنىغا سەپەر قىلدى. ئاخىرى مەككە زېمىنىدىكى كىچىك بىر كەنتكە ئورۇنلاشتى. شۇ ھالدا تۇلۇق ئون يىل تۇردى. ئۇ ھەججاجنىڭ غەزىۋىنى ئۇچۇرۇشقا، ئاچچىقىنى بېسىشقا يېتەرلىك ئىدى. لېكىن ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كېلىپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. مەككىگە بەنى ئۇمەييە ۋالىلىرىدىن يېڭى بىر ۋالى كەلدى. سەئىدنىڭ دوستلىرى يېڭى ۋالىنىڭ دوستلىرىنىڭ خەۋەر تاپقانلىغى ئۈچۈن، ئۇنى يۇشۇرۇن كۆزەتتى. سەئىدنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:
- بۇ ئادەم مەككىگە كەلدى، بىز ئۇنىڭدىن ھەرگىز خاتىرجەم ئەمەس. سەن بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە قوشۇلۇپ، بۇ يۇرتتىن چىقىپ كەت، - دېدى. سەئىد:
- اللە بىلەن قەسەمكى، مەن قېچىپ اللەدىن خىجىل بولۇۋاتىمەن، مۇشۇ يەردە قېلىپ قېلىش ئىرادىسىگە كەلدىم، اللەنىڭ خالىغىنى بولسۇن، - دېدى.
كىشىلەرنىڭ يېڭى ۋالى خالىدنى ناچار، قەبىھ ئادەم دەپ گۇمان قىلىشى خاتا ئەمەس ئىدى. ئۇ سەئىدنىڭ تۇرار جايىنى بىلگەندىن كېيىن ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ سەئىدنى باغلاپ، ۋاستە شەھرىدىكى ھەججاجنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئاپىرىشقا بۇيرۇدى. ئەسكەرلەر ئۇستازنىڭ ئۆيىنى قۇرشىدى. دوستلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا قولىغا كېشەن سالدى. ھەججاجنىڭ يېنىغا مېڭىشنى ئېيتتى.سەئىد تەمكىن، خاتىرجەم ھالدا قۇبۇل قىلدى. ئۇ دوستلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:
- مەن مۇشۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشۈم مۇمكىن. مەن ۋە ئىككى بۇرادىرىم ئىبادەت قىلىۋاتقان بىر كېچىسى ئۈچىمىز دۇئانىڭ ھالاۋىتىنى تېتىپ، اللەغا دۇئا قىلدۇق. اللەغا كۆپ ئىلتىجا قىلدۇق، ئاندىن اللەدىن بىزنى شەھىدلىككە ئېرىشتۈرۈشنى سورىدۇق. اللە ئىككى ھەمراھىمغا شەھىدلىكنى رىزق قىلدى. مەن كۈتۈپ تۇرىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، كىچىك قىزى چىقتى. ئۇ دادىسىنى قولى باغلانغان، ئەسكەرلەر ھەيدەۋاتقان ھالدا كۆرۈپ، دادىسىغا ئېسىلىپ ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. سەئىد ئۇنى ئۆزىدىن ئاستا يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا:
- قىزىم، ئانىڭىزغا دەڭ. بىزنىڭ ئۇچرىشىدىغان جايىمىز اللە خالىسا جەننەت بولىدۇ، - دېدى، ئاندىن مېڭىپ كەتتى. ئەسكەرلەر ئىبادەتكار، تەقۋا، پەرھىزكار ھەقىقى ئىسلام ئۆلىماسىنى ۋاستە شەھرىگە ئېلىپ باردى ۋە ھەججاجنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەججاجنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ھەججاج ئۇنىڭغا ھەسەت بىلەن قاراپ، دېدى:
- ئىسمىڭ نېمە؟
- سەئىد ئىبنى جۇبەير.
- ياق، شەقىي ئىبنى كەسىير (سەئىد ئىبنى جۇبەيرنىڭ ئەكسى).
- ياق، ئانام ئىسمىمنى سېنىڭدىن ئوبدان بىلەتتى.
- مۇھەممەد توغرىلىق نېمە دەيسەن؟
- مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن)نى دېمەكچىمۇ؟
- ھەئە.
- ئۇ ئادەم بالىلىرىنىڭ رەھبىرى، تاللانغان پەيغەمبەر. ئۇ ھايات بارلارنىڭمۇ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭمۇ ئەڭ ياخشىسى. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ۋەزىپىنى ئادا قىلدى. اللە، قۇرئان تەرەپكە چاقىرىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلدى.
- ئەبۇ بەكرى توغرىلىق نېمە دەيسەن؟
- ئۇ سەمىمى كىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىفىسى. ئۇ دۇنيادىن ياخشى نام بىلەن كەتتى، بەخىتلىك ياشىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. ھەرگىز ئۆزگەرتمىدى، ئالماشتۇرمىدى.
- ئۈمەر توغرىلىق نېمە دەيسەن؟
- ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىغان ئايرىغۇچى (فەررۇق)، اللە ۋە رەسۇلۇللانىڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسى. ئۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ يولىدىن ھەرگىز چىقىپ كەتمىدى، ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ ياشىدى. شەھىد قىلىنىپ، ھاياتىدىن ئايرىلدى.
- ئوسمان توغرىلىق نېمە دەيسەن؟
- ئۇ قىيىنچىلىق قۇشۇنى، يەنى تەبۇك غازىتى قۇشۇنىنى تەييارلىغۇچى، رۇم قۇدۇقىنى قازغۇچى، ئۆزى ئۈچۈن جەننەتتىن ئۆي سېتىۋالغۇچى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلەنگەن كۈيئوغلى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىلاھى ۋەھى بىلەن تويلاپ قويغان. ئۇ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن.
- ئەلى توغرىلىق نېمە دەيسەن؟
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، ياشلاردىن ئەڭ دەسلەپ ئىمان كەلتۈرگەن كىشى. پاك ئايال فاتىمەنىڭ ئېرى. جەننەت ياشلىرىنىڭ رەھبىرى. ھەسەن ۋە ھۈسەيننىڭ دادىسى.
- بەنى ئۇمەييە خەلىفىلىرىدىن قايسىسىنى بەك ياخشى كۆرىسەن؟
- ياراتقۇچىسىنى ھەممىدىن بەك رازى قىلغاننى.
- قايسىسى ياراتقۇچىسىنى بەك رازى قىلغان؟
- بۇنى ھەممىنى بىلىدىغان اللە ياخشى بىلىدۇ.
- ماڭا بولغان قارىشىڭ قانداق؟
- سەن ئۆزەڭ ئوبدان بىلىسەن.
- مەن سەندىن بىلمەكچى.
- دېسەم خۇشال بولماي، خاپا بولىسەن.
- ئاڭلىمىسام بولمايدۇ.
- مەن سېنىڭ اللەنىڭ كىتاۋىغا قارشى چىقىۋاتقانلىغىڭنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. سەن كۈچۈڭنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن. بۇ سېنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ، دەۋزەخكە ئەكىرىدۇ.
- ئاگاھ بول، مەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن.
- ئۇنداقتا سەن مېنىڭ دۇنيارىمنى بۇزىسەن، مەن سېنىڭ ئاخىرىتىڭنى بۇزىمەن.
- قايسى خىلدا ئۆلۈشنى خالايسەن؟ تاللا!
-ھەججاج! سەن ئۆزۈڭ تاللا. سەن مېنى قايسى ئۆلۈمدە ئۆلتۈرسەڭ، اللە سېنى ئاخىرەتتە شۇ ئۆلۈم بىلەن ئۆلتۈرۈپ قىينايدۇ.
- سېنى كەچۈرۈشۈمنى خالامسەن؟
- ئەگەر ئەپۇ قىلىنىش بولسا، اللەدىن بولغان بولىدۇ. سەن ئەپۇ قىلالمايسەن، سەۋەپلەرنىمۇ قۇبۇل قىلالمايسەن. ھەقىقى ئەپۇ قلغۇچى - اللە.
ھەججاجنىڭ غەزەپ ئوتلىرى لاۋۇلداپ:
- غۇلام! قېلىچ، پايانداز ئەكەل، - دېدى، سەئىد تەبەسسۇم قىلدى. ھەججاج ئۇنىڭغا:
- نېمىشقا كۈلىسەن؟ - دېدى.
مەن سېنىڭ اللەغا چوڭچىلىق قىلىۋاتقانلىغىڭغا، اللەنىڭ ساڭا كەڭ قۇرساقلىق قىلىۋاتقانلىقىغا، يەنى سېنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھاكاۋۇر ئىكەنلىكىڭگە كۈلىۋاتىمەن.
- غۇلام! بۇنى ئۆلتۈر!
سەئىد قىبلىگە ئالدىنى قىلدى ۋە:
- «مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمان زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» (سۈرە ئەنئام 79- ئايەت)، - دېدى.
- ئۇنىڭ يۈزىنى قىبلىدىن ئۆرۈۋېتىڭلار!
- «قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلارمۇ ئۇ اللەنىڭ تەرىپىدۇر»، - دېدى سەئىد.
- ئۇنى يەرگە ياتقۇزۇڭلار!
- «سىلەرنى زېمىندىن ياراتتۇق، (ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساپ ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز» (سۈرە تاھا 55- ئايەت)، - دېدى سەئىد يەنە.
- اللەنىڭ دۈشمىنىنى ئۆلتۈرۈڭلار! مەن قۇرئاننىڭ ئايىتىنى ئۇنىڭدەك دەل كەلتۈرەلەيدىغان ئادەمنى كۆرمىگەن.
سەئىد قولىنى كۆتۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
- ئى اللە! مەندىن كېيىن ھېچكىمنى ھەججاجنىڭ قولىغا قالدۇرمىغىن.
*                     *                     *
سەئىدنىڭ ئۆلۈمىدىن 15كۈن ئۆتمەستىن ھەججاجغا تەپ كېسىلى تېگىپ، قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئۇ بىردەم ھۇشىدىن كېتىپ، بىردەم ھۇشىغا كېلەتتى. ئازراق ھۇشىغا كەلگەندە چۆچۈپ ئويغىنىپ، توۋلاپ كېتەتتى:
- سەئىد ئىبنى جۇبەير گېلىمنى سىقىۋاتىدۇ، سەئىد ئىبنى جۇبەير: مېنى نېمىشقا ئۆلتۈرىسەن؟ دەۋاتىدۇ، - دەيتتى، ئاندىن يىغلاپ:
- نېمىشقا سەئىدنى ئۆلتۈرگەن بولغىيتتىم، مېنى سەئىدتىن ئاجرىتىۋېتىڭلار، - دەيتتى.
ھەججاجنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىپ يەرلىكىدە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەزىلەر ئۇنى چۈشىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
- ھەججاج! سەن ئۆلتۈرگەن كىشىلەر توغرىلىق اللە سېنى نېمە قىلدى؟ - دېگەندە، ھەججاج:
- مېنى اللە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىر قېتىم ئۆلتۈردى، سەئىد ئىبنى جۇبەير ئۈچۈن يەتمىش قېتىم ئۆلتۈردى، - دېگەن ئىدى.

مەنبە: ‹‹تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما››ناملىق كىتابتىن

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94340
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 10:43:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﺎللا رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم   .مەن ساھابىلارنىڭ ھاياتىنى  وقۇشقا  بەك ﺋﺎمراق  .ﺋﺎللا ھەممىمىزگە شۇ ساھابىلاردەك كاتتا ئىمان ﺋﺎتا قىلسۇن  ﺋﺎمىنننننننن

zarqush بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:30:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85875
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 11:37:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي............ شۇ كىتاپنى پەقەت تاپالمىدىم   

مۆئمىن مۆئمىننىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە مۇشۇنداق كاتتا تېمىلارغا ئىنكاس يازدىغانلار  يوق...................ھەي...........

ھەقىقەتەن ئاللا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25056
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:09:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن داۋاملىق ئاخىرىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sunduz يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 10:43 AM
ﺋﺎللا رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم   .مەن ساھابىلارنىڭ ھاي ...

سىزگىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:21:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur-luk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 01:09 PM
اللە رەھمەت قىلسۇن داۋاملىق ئاخىرىغا تەشنامىز

سىزگىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93768
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 03:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم.  ئاللا رەھمەت قىلسۇن  ! داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 03:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HAYATKIMMAT يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 03:11 AM
مۇشۇنداق ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم.  ئال ...

سىزگىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش