مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1180|ئىنكاس: 15

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ دەرىجىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3518
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 05:09:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    [url=]جەننەت ۋە دوزاخنىڭ دەرىجىلىرى[/url]

    مەنبە : ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى
قانچە جەننەت ۋە دوزاخ بار ؟ ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرى قانداق پەرقلىنىدۇ ؟ ھەر بىر دەرىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن نىمە قىلىش كىرەك ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى :
سانىغا كەلسەك ، بىرلا جەننەت ۋە بىرلا دوزاخ بار . لىكىن ھەر بىرىدە مەرتىۋە ۋە دەرىجىلەر بار . جەننەت ھەدىيسلەردە بەزىدە كۆپلۈك ساندا ئىلىنىدۇ . بىراق بۇ بىر نەچچە تۈرلۈك جەننەتنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ . پەقەت ئۇنىڭ كاتتىلىقى ، ئۇنىڭدىكى دەرىجە ، مەرتىۋىلەرنىڭ ھەرخىللىقى ياكى ئۇنىڭغا كىرگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىغا ئىشارەت . خۇددى ئەنەس بىن مالىكنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك ، ئۇممۇ رەبىيئى بىنت بەرا –ھارىسە بىن سۇراقەنىڭ ئانىسى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)قېشىغا كەلدى . ۋە : " ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ، ھارىسە ھەققىدە ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟ ئۇ بەدرى جىڭىدە بىر ئازغان ئوق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى . ئەگەردە ئۇ جەننەتتە بولسا سەۋىر قىلىمەن ، بىراق ئۇ ئەكسىنچە بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يىغلايمەن . " دىدى . ئۇ : « ئى ھارىسە نىڭ ئاپىسى ، جەننەتتە جەننەتلەر( باغچىلار )بار . يەنە بىر نەقىلدە : ئۇ بولسا كۆپ جەننەت(باغچا) – ھەمدە سىنىڭ ئوغلۇڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولغان فىردەۋىسكە ئىرىشتى . » دىدى .[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 2809 ]
ئىككىنچى :
دوزاخنىڭ قاتلاملىرى ئۇنىڭ دۇنيادىكى كىشىرىنىڭ كاپىرلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ . مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قاتلىمىدا بولىدۇ . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « مذناصعقلار حوقذم دوزاخنعث ظةث ظاستعنقع قةؤعتعضة(يةنع قةظرعضة)تاشلعنعدذ،ظذلارغا هةرضعزمذ (ظازابتعن قذتقذزعدعغان) مةدةتكار تاصالمايسةن .»
[ نىسا ( ئاياللار ) : 145 ]
ئۇنىڭ قاتلاملىرىنىڭ ئەڭ يەڭگىلى – ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن –بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كۆرسەتكەن . نۇئىمان بىن بەشىير دىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « دوزاخ كىشىلىرىنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازاپلىنىدىغىنى – بىر ئادەم بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوتتىن بىر جۈپ ئايىقى ، ۋە بىر جۈپ بوغقۇچى بولىدۇ . يەنە بىر نەقىلدە : ئىككى چوغ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئويمىنىغا قويۇلىدۇ-دە ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مىڭىسى خۇددى چۆگۈن قاينىغاندەك قاينايدۇ . ئۇ ھىچكىم ئۆزىدىن قاتتىقراق ئازابلانغان دەپ ئويلىمايدۇ . ھالبۇكى ، ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازاپلىنىدىغانلارنىڭ بىرى . » [ بۇخارىي ( 6562) ، مۇسلىم ( 212) نەقىل قىلغان . ]
بىر نەقىلدە ھىلىقى ئادەم ئىنىق ئاتالغان بولۇپ ، ئۇ بولسا پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دادا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ تالىب بولۇپ ، ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇنى قوغداشتا رولى بولغانلىقتىن ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئازاپنى كىمەيتىۋەتكەن .
ئۈچۈنچى :
بىز جەننەتنىڭ سانىغا چەك بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز . ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇنىڭ ھەدىيسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇنىڭ سانى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سانىغا تەڭ كىلىدۇ ، دىيلىدۇ . ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « قۇرئاننىڭ ھەمرىيىغا ( ئۇنى دائىم تىلاۋەت قىلغۇچى) دىيلىدۇكى : ئوقۇغىن ، خۇددى بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك تىلاۋەت قىلغىن ھەمدە ئۆرلىگىن . سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇيدىغان ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ . » [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد( 1464) ، تىرمىزىي( 2914) نەقىل قىلغان . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان . ]
مۇنزىرىي« تەرغىيب»تا مۇنداق دىگەن : خەتتابىي مۇنداق دىدى : " نەقىلدە كەلدىكى ، قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ سانى بولسا ئاخرەتتە جەننەتتىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىلەرنىڭ سانى . ھەمدە قۇرئان ئوقۇغۇچىغا : سەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇغان مىقداردا دەرىجىگە ئۆرلىگىن ، دىيلىدۇ . كىمكى قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى تىلاۋەت قىلسا ، ئۇ ئاخىرەتتە جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يىتىدۇ . ھەمدە كىمكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىلاۋەت قىلسا ، ئۇ شۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشاش دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ ئەجرىنىڭ ئاخىرقى چېكى قىرائىتىنىڭ ئاخىرقى چېكىدە بولىدۇ . " [ تەرغىيب ۋە تەرھىيب ، 2 228 ]
لىكىن ئۇنىڭ بۇ سۆزىدە باشقىچە قاراشلار بار ؛ چۈنكى ھەدىيس قۇرئاننى يادقا ئالغۇچىلارنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئورنى ھەققىدە بولۇپ ، دەرىجە ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن يۇقۇرى-تۆۋەن بولىدىغان باشقا ئىش-ئەمەللەر بار . مەسىلەن ، ساپ ئىيمان، جىھاد ۋە باشقىلار . شۇڭا بىز پۈتكۈل قۇرئاننى يادلىغۇچى مۇتلەق ھالدا جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە بولىدۇ دەپ ئېيتالمايمىز .
جەننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولسا فىردەۋىس . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەر ئاللاھتىن سورىغان چېغىڭلاردا ، ئۇنىڭدىن فىردەۋىسنى سوراڭلار . چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەمدە جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىدە مىھرىبان ئاللاھنىڭ تەختى( ئەرشى) بار ، ئۇنىڭدىن جەننەتنىڭ دەريالىرى ئىتىلىپ چىقىدۇ . » [ ئۇنى بۇخارىي( 2637) ، مۇسلىم( 2831) نەقىل قىلغان . «جەننەتنىڭ ئوتتۇرسى » نىڭ مەنىسى : ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى . ئۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ : « ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنى ئوتتۇردىكى( ئەڭ ياخشى) ئۈممەت قىلدۇق .» [ بەقەرە( ئىنەك) : 143]
سۈننەت بىر قىسىم ئىش-ئەمەللەرنى ۋە ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلغان ، ئۇلاردىن :
1- ئاللاھ ھەققىدە ئىشىنىش ۋە ئەلچىلەرگە ئىشىنىش
ئەبۇ سەئىيد خۇدرىيدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : «جەننەت كىشىلىرى ئۈستىلىرىدىكى ياتاق-ئۆيلەردىكى كىشىلەرنى خۇددى شەرق ياكى غەرىپ ئۇپۇقىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكىنىدەك كۆرۈشىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىد ايۇقۇرى-تۆۋەنلىك بار . ئۇلار : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورۇنلىرى ئۇلاردىن باشقىلار يىتەلمەيدىغان ئورۇن ، شۇنداقمۇ ؟ " دىدى . ئۇ : « ياق ، جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم ، ئۇلار بولسا ئاللاھ ھەققىدە ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر .» [ ئۇنى بۇخارىي( 3083) ، مۇسلىم( 2831) نەقىل قىلغان . ]
2- ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلىش
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « جەننەتتە يۈز دەرىجە بار . ئاللاھ ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلغان كىشىلەرگە تەييارلىغان . ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى ئارلىق ئاسمانلار بىلەن زىمىننىڭ ئارىسىدىكى ئارلىققا تەڭ كىلىدۇ .»
[ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 2637 ]
3- شەھىيدلىكنى راستچىللىق بىلەن ئارزۇ قىلغۇچى ئۇنىڭغا يىتىدۇ
سەھل بىن ھەنىيفتىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھتىن راستچىللىق بىلەن شەھىيدلىكنى تىلىسە ، گەرچە ئۇ كارۋىتىدا ئۆلسىمۇ ئۇنى شەھىيدلەرنىڭ ئورنىغا يەتكۈزىدۇ .»
[ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 1909 ]
4- ئاللاھ ئۈچۈن خىراجەت قىلىش
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : نامراتلار پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلىپ مۇنداق دىدى : " باي كىشىلەر ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلىۋالدى . ئۇلار بىز ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇيدۇ ، بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتىدۇ . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەج قىلىدىغانغا ، جىھاد قىلىدىغانغا ۋە سەدىقە بىرىشكە ئارتۇق مال-مۈلكى بار . ..."
[ ئۇنى بۇخارىي ( 807) ، مۇسلىم ( 595) نەقىل قىلغان .]
5 – قېيىن پەيىتتە بولسىمۇ تاھارەتنى مۇۋاپىق ئىلىش ، مەسچىدكە كۆپ قەدەم ئىلىش ھەمدە نامازدىن كىيىن نامازغا ساقلاش .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەرگە ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق گۇناھلارنى ئۆچۈرىدىغان ، ئورنۇڭلارنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ ؟ » ئۇلار : " ھەئە ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى . " دىدى . ئۇ : « گەرچە قېيىن پەيىتتە بولسىمۇ تاھارەتنى مۇۋاپىق ئىلىش ، مەسچىدكە كۆپ قەدەم ئىلىش ھەمدە نامازدىن كىيىن نامازغا ساقلاش . ئۇ بولسا چىگرانى قوغداش ( يەنى ، شۇنىڭغا تەڭ ) . » دىدى .
[ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 251 ]
6 – قۇرئان يادلاش
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « قۇرئاننى ھەمراھ قىلغۇچىغا( دائىم ئوقۇپ تۇرغۇچى) : سەن خۇددى بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك ، تىلاۋەت قىلغىن ۋە ئۆرلىگىن . سىنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ ،دىيلىدۇ .» [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد( 1646) ، تىرمىزىي( 2914) نەقىل قىلغان ، ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان .]
ھېرىسمەن ئادەم ئۆزىنىڭ نەزىرىنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا قارىتىشى ھەمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىشكە ۋە ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئەڭ يۇقۇرى ئورۇن فىردەۋىسكە كىرىشكە كۈرەش قىلىشى كىرەك .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .



www.islamqa.com
.2094مەنبە


باغراش تورى ئېچىۋېتىلدى. تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3173
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31880
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2708 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 08:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەككىز  جەننەت  يەتتە  دوزاخ  با  دەپ  ئاڭلىغانتىم،  

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئىنتىلىش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71111
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1491
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 09:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  قېرىندىشىم  مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش  نادىر  تىمىللىرىڭىز  ئۈزۈلۇپ  قالمىسۇن

ھەر دائىم ياخشى  ئەمەللەردە بول  ئەتە ئۆلۈپ كىتىدىغاندەكلا ...
ئاخىرەت  دەرىسلىكىنى چۇشۇرۇش  ئادرىسى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=403843&uk=3859795839

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94340
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 10:01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  قىرىندىشىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 10:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 08:31 PM
سەككىز  جەننەت  يەتتە  دوزاخ  با  دەپ  ئاڭلىغانتىم،

مەنمۇ شۇ ،ئاڭلىمىغانلا گەپقۇ بۇ

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 10:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما  يوللاپسىز  ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 10:59 PM  


ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94201
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3518
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:49:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barter يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 10:44 PM
مەنمۇ شۇ ،ئاڭلىمىغانلا گەپقۇ بۇ

بۇنى مەن  تور بەتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ  كۆچۈرۈپ چىققان ئىدىم.............  قالدىسىنى بىلمىدىم  قېرىندىشىم .  خاتالىق بولسا تۈزىتىۋالساق بولىدۇ.

باغراش تورى ئېچىۋېتىلدى. تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91949
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 02:45:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇغان ھەدىس كىتاپلاردىمۇ ، 8 جەننەت ، 7 دوزاخ بار  ، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ، ئىمان ئېيتمىغان ، كاپىر قەۋمى ، دوزاخلارنىڭ ئازابى ئەڭ يامان ، ئەڭ قاتتىق بولغىنى ۋەيلۇن دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ ، دەپ كۆرگەن . بىراق قېرىندىشىم  ................    ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھلىرىمزنى مەغپىرەت قىلىپ ، بىزنى قەبرە ئازابىدىن ، قىيامەتنىڭ ئازابىدىن ، دوزاخ ئازابىدىن  ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي  ..................  امين  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 05:52:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurbolak يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 12:49 AM
بۇنى مەن  تور بەتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ  كۆچۈرۈپ چىققان ئ ...

شۇنداق قېرىندىشىم ،ئىزدىنىپ باقساق بولغۇدەك.

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش