مۇڭداشقۇ(QQ,阿里旺旺,YY,飞信)غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى 2.0 نەشىرى
بۇ دېتالدا بۇرۇنقى QQ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى ئاساسىدا يەنە ئۇچقۇر خەت (飞信),مىكرو بلوگ پاراڭلىشى دېتالى (微薄)لارغا阿里旺旺 ۋە YY (YY نىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۇيغۇرچىنى قوللاش ياخشى ئەمەس) غا ئۇيغۇرچە بىۋاستا ۋە ۋاستىلىق ۋە ULYچە ئەۋەتىش ئىقتىدارى ھەم مەزمۇننى ئاپتۇماتېك ھالدا يۇنىكودسىز بولسا بىۋاستە يۇنىكودلۇق بولسا ۋاستىلىق ئەۋەتىش ھەم ئەۋەتىش ھالىتىنى ئاپتۇماتېك ساقلاش ،2013QQ ۋە Win8 دا نورمال ئىشلەش ئىقتىدارى ھازىرلانغان (微博 غا ئەۋەتىش ئىقتىدارى نورمال ئەمەس)بولۇپ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىچە:
(دېتال تۇنجى قوزغالغاندا خەت نۇسخىسى بولمىسا قاچىلايدىغان بولغاچقا بەزى ۋىروسخورلار تۇسۇشى مۇمكىن تۆۋەندىكىدەك:
لېكىن ۋىروس يوق،سىز ۋىروسخورنىڭ ئاستىدىكى«رۇخسەت قىلىش (允许运行)» بىلەن«قايتا ئەسكەرتمە(不在提示)» نى تاللاپ خاتېرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ يەنە تۇنجى قوزغالغاندا خەتلەر نورمال كۆرۈنمىسە دېتالنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ) قوزغاتسىڭىز (سۈكۈتتىكى ھالەت ئاپتۇماتېك يۇشۇرنۇش ھالىتىدە بولسا) ۋەزىپە سىتونىدا كۆرۈنمەيدۇ،ئوڭ تەرەپ ئاستىقنى بۇرجەك(تىل تاللاش رايونى يېنى) دا سىنبەلگىسى كۆرىنىدۇ،سىنبەلگىنى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن تاق چەكسىڭىز تۆۋەندىلكىدەك تېزىملىك كۆرىنىدۇ:
سىز بۇنىڭدىكى« ئاپتۇماتېك يۇشۇرۇش» دېگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز،ئەگەر سىز بۇ دېتال قوللايدىغان ئالاقىلىشىش قورالىنىڭ خەت يېزىش رامكىسىنى ئاچسىڭىز بۇ دېتال ئاپتۇماتېك كۆرۈنىدۇ،باشقا ۋاقىتتا يۇشۇرۇن تۇرىدۇ،تاللانمىنى ئېلىۋەتسىڭىز دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
مۇڭداشقۇلارغا بۇ دېتالدا ئۇيغۇرچە يوللاش ئۈچۈن ئاۋال ئازراق تەڭشەيمىز:
Ctrl+Enter تاللانمىسى:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF2)ئەگەر سىز پاراڭلاشقاندا Ctrl+Enter نى بېسىش ئارقىلىڭ سۆز ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز،دېتالدىكى بۇ تاللانمىنى تاللاپ قويسىڭىز،سىز خەت يېزىپ بولۇپ Ctrl+Enter نە باسقاندىن كېيىن يوللايدۇ،ئۇنداق بولمىسا Enter نى باسسىڭىز يوللايدۇ. QQ نىڭ ئەۋەتىش ھالىتى Ctrl+Enter
(رەسىمدىكىدەك)بولسا بۇ تۈرنى تاللاڭ باشقا مۇڭداشقۇدىمۇ ئوخشاش.
ئاندىن خەت يازماقچى بولغان مۇڭداشقۇ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز،ئاندىن خەت يېزىش رامكىسىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويىمىز.بۇ چاغدا «يوللاش»كۇنۇپكىسى كۈلرەڭ ھەلەتتىن يۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.بۇ يوللاش ھالىتىنڭ تەييار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ئەگەر «يوللاش» كۇنۇپكىسى يانمىسا،تېخى خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ تاللانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،سىز بۇ چاغدا خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويۇڭ، يانغان بولسا يېزىشنى باشلاڭ.
بۇرۇن بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ باقمىغان دوستلارنىڭ يادەم ھۆججىتىنى ئەستايىدىل ئۇقۇپ چىقىشىنى،ئىشلىتىپ كۆنگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.
بۇ نۇسخخسىدا قوشۇلغان ھەم ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىقتىدار "ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ" نىڭ "خەت" تاللانمىسى،بۇ نى تاللىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قلىش كېرەك:
دىققەت:«خەت» شەكلىدە يۇنىكود قوللىمايدىغان دېتالارغا يۇنىكودسىز (قىزىل ھالەت)ئەۋەتمەكچى بولغاندا ئاۋال دېتالنى قوزغىتىڭ ئاندىن مۇڭداشقۇنى بولمىسا خەت تەڭشەيدىغان خەت نۇسخىسى كۆرۈنمەيدۇ،شۇنداقلا ئىككىلا تەرەپتە مۇشۇ دېتال بولىشى ھام خەت نۇسخىسى AAA غا توغۇرلانغان بولىشى كېرەك،بولمىسا ئەۋەتكەن خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ،قارشى تەرەپتە بۇ دېتال بولمىسا ئەڭ ياخشىسى «خەت» تاللانمىسىنى بىكار قىلىپ يوللاڭ.
تېخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ياردەم ھۆججىتىنى دېتالدىكى سوئال بەلگىسى بار كونۇپكىنى بېسىپ ياكى بىۋاستە F1 نى بېسىپ كۆرۈڭ(ئەگەر ياردەم ھۆججىتى ئېچىلمىسا بۇ سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىزدا Word نىڭ قاچىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،شۇڭا Word نىڭ 2000دىن يۇقىرى نەشىرىنى قاچىلاپ ئاندىن سىناڭ).
دېتالنىڭ خەت يېزىش رامكىسىغا قارشى تەرەپكە يوللىماقچى بولغان خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن يوللاشنى بېسىش ئارقىلىق ياكى Ctrl+Enter ياكى Enter (قايسىسىغا تەڭشىگەن بولسىڭىز شۇنى) نى بىۋاستا بېسىش ئارقىلىقمۇ يوللاشقا بولىدۇ.
دېتالدا ئۇيغۇرچە بىلەن سىستېمىنىڭ نۆۋەتتىكى كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز «ئۇ» كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز ياكى بىۋاستە « Shift »كونۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ دېتلغا «ئەلپىدا» خەت نۇسخىسى،يۇنىكودسىز يوللاش قىسىمىغا ئۆزگەرتىلگەن خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى ،بۇ نەشىرىدىمۇ بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.newera.cc/down/UYSender/UYSender.rar
مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق پىكىر تەكلىپ بولسا ئالاقىلىش QQ سى : 1843791748 بىلەن ئالاقىلىشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
WWW.NewEra.CC
2013-يىل 4-ئاي (ئۈرۈمچى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-16 03:09 AM