|
|
|
|
قىرائەتلەر ۋە قارىيلار
رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا قانداق بولسا شۇ پېتى جېبرىئېل ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلاپ ئۆگەندى، نەبى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جېبرىلئېل ئەلەيھىسسالامدىن قۇرئانى كەرىمنى ئاڭلاپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇ زادقا ئوقۇپ بېرەتتى، يەنە ھەر يىلى رامزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى جېبرىئېل ئەلەيھىسسالامغا تولۇق بىر قېتىم ئوقۇپ بېرەتتى، نەبى سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسىلام يەنە ۋاقىت تاپقان يىللىرى قۇرئان كەرىمنى بېشىدىن ئايغىچە ئىككى قېتىم ئوقۇيتتى.
ئۆز نۆۋىتىدە ساھابى كىراملار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قۇرئانى كەرىمنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا قانداق بولسا شۇ ھالەتتە ئۆگىنەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ساھابى كىراملەر ئارىسىدا قىرائەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن قارىلار زاھىر بولۇشقا باشلىدى، ئۇلار باشقا ساھابە كىرەملەرگە قۇرئانى كەرىمنى قانداق ئوقۇش، قانداق قىرائەت قىلىشنى ئۆگەتتى.
شۇ چاغدا ئۇستاز بولغان ساھابە كىراملاردىن ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلىي، ئۇبەي ئىبنى كەئىپ، زەيىد ئىبنى سابىت، ئەبۇ دەردە، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇلارنى كۆرسىتىش مۈمكىن.
يەنە چوڭراق ساھابىلەر كىچىكلەرگە ۋە كىيىنرەك ئىسلامغا كىرگەنلەرگە ئۆگەتكەن ئىدى، ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ ئەبۇ ھۈرەيرە، ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى سائىب ۋە باشقا ساھابە كىراملارغا قىرائت قىلىشنى ئۆگەتكەن ئۇستازلاردۇر.
ساھابە كىراملاردىن كېيىنكى ئەۋلاد تابىئىنلارمۇ قۇرئانى كەرىمنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قانداق بولسا شۇنداق قوبۇل قىلىپ ئۆگەندى، ئاستا-ئاستا ياش تابىئىنلار ئىچىدە قارى قۇرئانلار مەيدانغا كەلدى، ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە باشقىلارغا قۇرئان كەرىم قىرائىتىنى ئۆگەتتى.
تابىئىنلار دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلام كەڭ تارقالغان، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ قارى-قۇرئانغا بولغان ئېھتىياجلىق كۆپلەپ ئېشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ھەرقايسى جايلاردىمۇ يېتىشكەن قارىلار مەيدانغا كەلدى، ئەمما بۇلار ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولساق ئۇلارنى ھەرقايسى شەھەر، رايۇنلار بويىچە سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
تابىئىنلاردىن قۇرئانى كەرىم قىرائىتى ۋە ئۇستازلىقى بىلەن مەدىنىدە مەشھۇر بولغانلار: ئىبنى مەسەييىب، ئۇرۋە، سالىم، ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، سۇلايمان ئىبنى يەسار، ئەتا ئىبنى يەسار، مۇئاز ئىبنى ھارىس، ئابدۇراخمان ئىبنى ھۇرمۇز، ئىبنى شىھاب زۇھىرىي، مۇسلىم ئىبنى جۇدۇب، زەيد ئىبنى ئەسلام ۋە باشقىلار ئىدى.
مەككىدە مەشھۇر بولغانلار: ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەير، ئەتا ئىبنى رەباھ، تاۋۇس، مۇجاھىد، ئىكرىمە، ئىبنى ئەبۇ مالىك ۋە باشقىلار.
ھىجىريىە 100-يىلىغا كەلگەندە قۇرئان قىرائەت قىلىشتىن باشقا ئاقائىد، فىقىھ كەبى باشقا ئىلىملارمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارقالدى، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشقان، ئىسلام ئەرەپلەردىن غەيرى ئەرەپلەر ئارىسىغىمۇ كەڭ تارقالغان ئىدى. ئىرىق، مىللەت، تىل قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك بىر تەرەپتىن ئاقائىد، فېقىھ ئىلمى زۆرۈر بولسا يەنە بىر تەرەپتىن قارى قۇرئانغا بولغان ئېھتىياج بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئاشقان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئوقۇش، قىرائەت قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە ئەمگەكلەر بارلىققا كەلدى، بۇ شۇ دەۋىر ۋە شارائىتنىڭ تەلىپى ئىدى.
نەبى سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ساھابە كىراملار ساپ ۋە پاساھەتلىك ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشەتتى، ئۇلار ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئۆزلەشتۈرۈش قىيىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى ساپاغا ئىگە ئالىم كىشىلەر ئىدى.
ئەمدىلىكتە بولسا ئەرەپ بولمىغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەرەپلەردىن ئېشىپ كەتتى، ئەرەپلەرمۇ ئاۋالقى ئەرەپلەرگە ئوخشىمايتتى. مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك ئامىللار قۇرئان كەرىم قىرائىتى بويىچە ئالاھىدە ئىلىم ۋە بۇ ئىلىمنى تەتقىق قىلىدىغان، شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولدى.
بىر زامانلارغا كەلگەندە قارىلار كۆپۈيۈپ، ھەرخىل تەلەپپۇز، ھەرخىل شەكىلدە قىرائەت قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بۇ خىل ئەھۋال يەنە قۇرئان ئوقۇشنى تەرتىپكە سېلىشتەك ئېھتىياجىنى تۇغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى باشلىنىپ دەسلەپتە 14 خىل قىرائەتكە، ئاندىن كېيىن 10 خىلغا ئەڭ ئاخىرىدا 7 خىل قىرائەتكە تەرتىپلەندى. بۇ قىرائەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان پەرقى بەزىبىر سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىچىك ئىشلاردا ئىدى، خالاس. بۇ خۇددى بىرقانچە فىقىھ مەزھەپلەردىن ئاخىرىدا 4 مەزھەپكە يىغىنچاقلانغا ئوخشايدۇ.
تۆۋەندە ئاشۇ تەرتىپلەنگەن 7 خىل قىرائەت ۋە ئۇلارنىڭ ئىماملىرىىنىڭ كىملىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز.
بىرىنچى: ئىمام ئەل-ئەلا قىرائىتى.
ئىمام زەييان ئىبنى ئەلئەلا مازەنىي بەسىرىي. ھىجىريە 154- يىلى ۋاپات بولغان.
ئۇ كىشىنىڭ رەۋىيسى (رىۋايەت قىلغۇچىسى، يەتكۈزگۈچىسى) ئىككى بولۇپ، ئۇلار دەۋرىي بىلەن سۇسىيدۇر.
بۇ شاگىرتلار ئەل-ئەلا قىرائىتىنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن ۋە تارقاتقان.
دەۋرىي ـ ئەبۇ ئەمىر ھاپىز ئىبنى ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز دەۋرىيدۇر. ھىجىريە 246-يىلى ۋاپات بولغان.
سۇسىي ـ ئەبۇ شۇئەيب سالىھ ئىبنى زىياد ئىبنى ئابدۇللاھ سۇسىيدۇر. ھىجىريە 261-يىلى ۋاپات بولغان.
ئىككىنچى ئىبنى كەسىر قىرائىتى
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى كەسىر مەككىي. ھىجىريە 120-يىلى ۋاپات بولغان.
ئۇ كىشىنىڭ ئىككى شاگىرتى بولۇپ، ئۇلار بەززىي ۋە قۇنبۇللاردۇر.
بەززىي ـ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەززا مەككىي. ھىجىريە 250-يىلى ۋاپات بولغان.
قۇنبۇل ـ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى خالىد ئىبنى سەئىد مەككى. ھىجىريە 281-يىلى ۋاپات بولغان.
ئۈچۈنچى نافىيە قىرائىتى
ئىمام ئەبۇ رۇۋەييىم نافىيە ئىبنى ئابدۇراخمان ئىبنى ئەبۇ نۇئەيىم لەيسى. ھىجىريە 169-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ كىشىنىڭ ئىزباسارلىرى قالۇن ۋە ۋەرش.
قالۋۇن – ئىيسا ئىبنى مىيەھيا مەدانىي ھىجىريە 220 يىلى ۋاپات بولغان.
ۋەرس ـ ئۇسمان ئىبنى سەئىد مىسىرى ھىجىريە 197-يىلى ۋاپات بولغان.
تۆتىنچى ئىبنى ئامىر قىرائىتى
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر يەھسىبى ھىجىريى 118-يىلى ۋاپات بولغان.
ئىزباسارلىرى ھىشام ۋە ئىبنى زاكەن
ھىشام ـ ھىشام ئىبنى ئەممار ئىبنى نۇسەير قازىي. ھىجىريە 245-يىلى ۋاپات بولغان.
ئىبنى زاكەن ـ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى بەشىر ئىبنى زاكۋەن قەرەشىي. ھىجىريە 242-يىلى ۋاپات بولغان.
بەشىنچى ئاسىم قىرائىتى
ئىمام ئاسىم ئىبنى ئەبۇ نەججاد كۇفىي.
ئىمام ئاسىمنىڭ لەقىمى ئەبۇبەكىر. مەشھۇر قارى بولۇپ، مۇھەررىرلىك، بالاغەت، پاساھەت ۋە شىرىن ئاۋاز بىلەن قۇرئان قىرائەت قىلىشتا مەشھۇردۇر. ئىمام ئاسىم تابىئىنلاردىن بولۇپ، قۇرئان كەرىم قىرائىتىنى زىرىر ئىبنى ھەبەش ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللەھۇ ئەنھۇلاردىن ئۆگەنگەن، ئۇ يەنە ئىمام ھەسەن، ئىمام ھۈسەيىن رەزىيەللەھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ئابدۇرەھمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەبىب سەلىمىيدىنمۇ قۇرئان قىرائىتىنى ئۆگەنگەن. ئەبۇ ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەبىب قۇرئان كەرىم قىرائىتىنى ھەزىرىتى ئەلى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆگەنگەن.
ئىمام ئاسىم ئىبنى ئەبۇ نەججاد كۇفەدە ھىجىريەنىڭ 128-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ كىشىنىڭ ئىككى راۋىيلىرى (يەتكۈزگۈچى، رىۋايەت قىلغۇچىلىرى) بولۇپ، ئۇلار ھەپزى ۋە شۇئەيىبلەردۇر.
ھەپزى- ھەپىز ئىبنى سۇلايمان ئىبنى مۇغىيرا ئەل-بەززاز كۇفىي. لەقىمى ئەبۇ ئەمىر. بۇ كىشى ئىمام ئاسىمنىڭ ئۆگەي ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغان. كىچىكىدىن باشلاپ ئىمام ئاسىمدىن قۇرئان كەرىم قىرائىتىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قىرائەتنى ناھايتتى چىڭ ئۆگەنگەن. ھەپزى ئىبنى سۇلايمان رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى ھىجىريە 150-يىلى ۋاپات بولغان.
ئىمام ئاسىمنىڭ ھەپزى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەن قىرائىتى ھازىرقى كۈندىمۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ قەدىمدىن بېرى مۇشۇ قىرائەت ئوقۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قىرائەت ئىمامىمىز ئاسىم، راۋىيىمىز (يەتكۈزگۈچى) ھەپزىدۇر.
شۇئەيىپ – ئەبۇ بەكىر شۇئەيب ئىبنى ئابباس ئىبنى سالىم كۇفىي. 193-ھىجىرىي ۋاپات بولغان.
ئالتىنچى ھەمزە قىرائىتى
ئىمام ھەمزە ئىبنى ھەبىب ئىبنى ئەممارە زەييەت تەيمىي. ھىجىريە 156-يىلى ۋاپات بولغان.
ئۇ كىشىنىڭ ئىككى رەۋىيسى بولۇپ خەلەف ۋە خەللادلاردۇر.
خەلەف – خەلەف ئىبنى ھىشام بەززاز. ھىجىريە 229-يىلى ۋاپات بولغان.
خەللاد – خەللاد ئىبنى خالدى سەيرافى. ھىجىريە 220-يىلى ۋاپات بولغان.
يەتتىنچى كىساۋىي قىرائىتى
ئىمام ئالى ئىبنى ھەمزە كساۋىي. ھىجىريە 189-يىلى ۋاپات بولغان.
ئۇ كىشىنىڭ ئىككى رەۋىيسى بولۇپ، ئۇلار ئەبۇ ھارىس ۋە ھەفىس دەۋرىيلەردۇر.
ئەبۇ ھارىس – لەيس ئىبنى خالىد باغدادى. ھىجىريە 240-يىلى ۋاپات بولغان.
ھەفىس دەۋرىي – ئەبۇ ئەمىر ھەفىس ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز دەۋرىي. ھىجىريە 246-يىلى ۋاپات بولغان.
بەزى ئۆلىمالار مەزكۇر يەتتە قىرائەتكە يەنە ئۈچنى قوشۇپ ئون قىرائەت، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا تۆتنى قوشۇپ ئون تۆت قىرائەت قىلىشقان. بۇلاردىن باشقىلىرىمۇ ھەم بولغان.
قىرائەتلەر، ئۇلارنىڭ خۇسۇسۇيەتلىرى، ئۇلاردىكى پەرقلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىچىك ئىشلار ھەققىدە توم-توم كىتابلار يېزىلغان.
ئەگەر قىرائەتلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ئاساسەن بەزى بىر سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە ئاھاڭلىرىدا ئىكەنلىكىنى ھېساپقا ئالساق، مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمگە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. پەقەت قۇرئان كەرىمنىڭ تەلەپپۇزى ئۈچۈن شۇنچىۋالا كاتتا ۋە مىسلىسىز ئىلمىي ئىشلارنىڭ، ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكىدەك ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى ھىچ بىر كىتاب ۋە ھىچ بىر ئۈممەدنىڭ تارىخىدا بولۇپ باققان ئىش ئەمەس.
ھازىرغا قەدەر مەزكۇر قىرائەتلەر ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئوقۇلۇۋاتقىنى ئىككىدۇر.
بىرىنچىسى ئىمام ئاسىمدىن ھەپىزى رىۋايەت (بىزگە يەتكۈزگەن) قىلغان قىرائەت. بۇ قىرائەت ئىسلام ئالىمىنىڭ شەرقىدىن تاكى مەركىزىگىچە ئەڭ كەڭ تارقالغان.
ئىككىنچى ئىمام نافيدىن رىۋايەت قىلىنغا قىرائەت. بۇ قىرائەت لىۋىيەدىن باشلاپ ئىسلام ئالىمىنىڭ غەربىگە تارقالغان.
بۇ ئىككى قىرائەتتىكى پەرقلەرنى پەقەت مۇتەخەسسىس بولغان ئادەملەرلا ئېنىق پەرقلەندۈرەلىشى مۈمكىن. پەرقلىق جايلىرىمۇ ناھايتى بەك ئاز. مىسال ئۈچۈن ئاسىم قىرائىتىدە «يااا ئەيۇيۇھەننەبىيۇيۇ» دەپ ئوقۇلسا، نافېي قىرائىتىدە «يااا ئەيۇيۇھەننەبىيئۇ» دەپ ئوقۇلىدۇ. ئاسىم قىرائىتىدە «ۋەززۇھاا» دەپ ئوقۇلسا، نەفېي قىرائىتىدە «ۋەززۇھېې» دەپ ئوقۇلىدۇ. ھالبۇكى بۇ سۆزلەر مۇسىھەف شەرفتە بىرخىل يېزىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەر بىر قىرائەتنىڭ ئىمامى ئۆز ئۇستازىدىن ئاڭلىغىنىنى (ئۆگەنگىنىنى) شاگىردلىرىغا ئەينەن ئۆگەتكەن. بىرەر ھەرپنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ باشقىچە بولىشىغا يول قويمىغان. مۇشۇ تەرىقىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام ئېتىپ كەلگەن.
تالىپ قىرائەتنى توغرا ئوقۇيالىغان ۋە تولۇق يېتىشىپ چىققاندا ئۇستازى ئۇنىڭغا «ئىجازەت» دەپ ئاتالغان ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. بۇ ھۆججەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە يېتىپ بارغان ئۆز ئۇستازلىرىنىڭ سانى ۋە ئىسمى خاتىرلەنگەن. دىمەك ھەر بىر قارىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە باغلىنىشى بولغان. ئۇستازىدىن رەسمىي شاھادەتنامە ئالغان قارىي نەبىي رەسۇلۇللاھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېتىدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستاز كۆرمىگەن، ئۆزىچە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن ياكى ئۇستازىدىن «ئىجازەت» ئالمىغان كىشىلەر قارىيلار جۈملىسىگە كىرەلمىگەن.
مۇشۇ ھەقتە مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ قىلغان تەڭدىشى يوق مېھنەتلىرى چەكسىز ماختاشلارغا سازاۋەردۇر.
مۇشۇ ھەقتە مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ قىلغان تەڭدىشى يوق ئىھتىياتچانلىقى چەكسىز ماختاشلارغا سازاۋەردۇر.
مۇشۇ ھەقتە مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ قىلغان تەڭدىشى يوق پىداكارلىقى چەكسىز ماختاشلارغا سازاۋەردۇر.
دۇنيادا ھىچ بىر ئۈممەت ئۆز كىتابىغا مۇشۇ تەرىقىدە ئىشتىياق باغلىغان ئەمەس.
دۇنيادا ھېچ بىر ئۈممەت ئۆز كىتابىغا مۇشۇ تەرىقىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەمەس.
ئەسكەرىش: تىمىدىكى رەسىملەرنىڭ ماقالە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. پەقەت توردىن تاللانغان.
مەنبە:
http://www.quran.uz/qurani-karim/quran-odoblari/71-qiroatlar-qorilar.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-15 12:43 PM
|
|
|
|
|
|