ئەرزقىلماڭ
تەگسىمۇ بېشىڭغا داڭگال ئەرز قىلمڭ ياخشىسى،
يوللىرىڭدا كۆپتۇر ئازگال ئەرز قىلماڭ ياخشىسى،
قالمايدۇ كۆتۈڭدە تامبال ئەرزقىلماڭ ياخشىسى،
دەۋرىمىز ئاچمايدۇ چاڭگال ئەرزقىلماڭ ياخشىسى،
دەردىڭىزگە يەتمەيدۇ ئامبال ئەرزقىلماڭ ياخشىسى،
ئادەم بولۇپ كۆرمىگەن تۆت قولى بار ئارىنى ،
كېسەل تۇرسا ئوغرىلار مەن يىدىمغۇ دارىنى،
ئوغرى تۇتۇش يولىدا خەجلىۋەتتىم بارىنى،
ئەمدى مەن كىمگە ئېيتاي بۇ جاھاننىڭ كارىنى،
سورىغى يوق كەن جاھاننىڭ ئەرزقىلماڭ ياخشىسى
ئەرزقىلىپ ماڭغاننىڭ جاپاسىنى كىم بىلەر،
ئەرز يولىدا بۇ نادان مىڭ تىرىلىپ مىڭ ئۆلەر،
ئەقىلسىنىڭ ئىشغا كىملەرمۇ كۆڭۈل بۆلەر،
ئەرزى يولدا بەك تولا بۆرە سېرىتلان تۈلكىلەر،
تۈلكە يوق دەپ كاتەكتە ئەرز قىلماڭ ياخشىسى
ئاپتورى ئازات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا @azat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-15 12:04 AM