مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2693|ئىنكاس: 20

بەتبەشىرە كېلىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى
                                                               
                                                 ھېكايە
   
     بىر كۈنى يولدا كىتىپ باراتتىم ،تۇيۇقسىز شامال ئۇچۇرتۇپ بىر قەغەزنى كەينىمدىن پۇتۇمغا چاپلاپ قويدى ،بۇنى ھىس قىلدىم -دە،ئېلىشقا تەمشەلدىم .لىكىن قارىسام بىر نىمە سېلىنغان لىپاپا ئىكەن ،قولۇمنى ئۇزىتىشىمغا يەنە ئۇچۇپ كەتتى .نەدىن كەلدىكىنتاڭ كاللامدا «ئۇ پۇلمۇ نىمە؟»دىگەن بىر ئوي كەچتى .ئەتراپىمغا قارىسام ئادەم يوق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشكە باشلىدىم.قارىسام بىر پاكار ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى .كۆڭلۈمدە ئەگەر باشقىلارنىڭ بولسا قايتۇرۇپ بېرىشنى ،بولمىساچۆنتەككە سېلىپ قويۇپ خەجلەشنى پىلان سوقۇپ ئۈلگۈردۈم-دە ،يامىشىپ ئاران دىگەندە ئۆگزە ئۈستىگە چىقتىم .خۇددى قاپقان قۇرۇپ تۇيۇقسىز ئوۋغا ئېتىلغان ئوۋچىدەك ئۆزۈمنى بىر ئاتتىم،ئۇ لىپاپا راسىت دىگەندەك بىرنىمە سېلىقلىقتەك كۆرۈندى .تىزلا ئېچىپ ھەيران قالدىم .
   ئىچىدە پۇلمۇ يوق ،پەقەت بىر پارچە خەت تۇراتتى ،لىپاپىدىمۇ ئادرىس يوق ئىدى .يەنە لىپاپىدىن «سىزگە سوۋغا» دەپ خەت كۆزگە چېلىقىپ بىر كىچىك پەرچە قەغەزدە ماڭا قاراپ تۇراتتى .يۈرۈكۈم «دۈپ» قىلدى-دە ئەتراپىمغا قارىدىم ،ئادەم دىدارى كۆرۈنمەيتتى.«نىمە ئىش بۇ؟ » دەپ مىنى ئازراق قوقۇنچ باستى .
        بىزنىڭ ئۆي بار بىنا شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بىر قوروغا جايلاشقان بولۇپ ،بۇ بىناغا قارىسىڭىز  بۇنى كاپراتسىيە ۋاقتىدا سالغان ئوخشايدۇ ،دەپ قالىسىز،شۇنداق كونا ،لىكىن ھەممە ئۆيدە ئادەم بار .بىزنىڭ يېنىمىزدا يەنە بىر بىنا بار ، ئۇ بىنا شۇنداق يېڭى ،بىر قاراپلا مۇشۇ بىنانىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىن ئالساممۇ رازى ئىدىم دەپ قالىسىز ،لىكىن قىززىق يېرى بۇ پۈتۈن بىنانىڭ ئۈچىنجى قەۋىتىدە پەقەتلا بىرلا ئائىلىدە بىرلا ئايال  ياشايدۇ،بۇ ئايال بەكمۇ غەلىتە ،تۇرۇپ-تۇرۇپ قالايمىقان ۋارقىرىغان ،چىرقىرىغان ،تىللىغان  ئاۋازلار نى چىقىرىپ تۇرىدۇ.   
    بىز بۇرۇن بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇراتتۇق ،كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش پىلانى بويىچە بىزنى بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇردى ،بىز بەكمۇ نارازى ئىدۇق ،چۈنكى بىزگە كونا بىنادىن ئۆي تىگىپ قالغان ئىدى .لىكىن بۇ نارازىلىقىمىز شۇ يېڭى بىنادا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ئىشلاردىن كىيىن تىزلا يوقاپ خۇداغا شۈكرى دەيدىغان بولۇپ قالدۇق .
     شۇ يېڭى بىنادا بىر ئائىلىلىك بار ئىدى .بۇلار بۇرۇن مەھەللىمىزدىكى ۋاقىتتا شۇنداق ئەدەبلىك ياشايدىغان ، شۇ ئۆيدىكى ئەمەتقارى دىگەن چوڭ سۈپەت تاغىمىز ھەمىمىزگە «مەنپەئەت دىگەن ئادەمنىڭ ئىمانىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ،كىشىنى دوزاخقا تاشلايدۇ ،مەنپەئەتتىن ئامال بار يىراق تۇرۇڭلار ،مەنپەئەت بولسا يول قويغان ئاساستا مۇئامىلە قىلىڭلار ،پايدا بولسا زاكاتنى ئايرىڭلار ،ئەخلاقلىق ياشاڭلار »دەپ بىزگە تەربىيە قىلاتتى ،شۇڭا بىز ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتۇق .ئۇنىڭ بىر ئوغلى بار ئىدى ،ئۇ ئوغلى ئانىسى نىمە دىسە شۇنىڭدىن چىقمايدىغان ،دادىسىنىڭمۇ گېپىنى يىرمايدىغان بىر ياخشى بالا بولغان ئىدى ،لىكىن ئايالى زورىخان بولسا گەپ توغرا كالمەيدىغان ئۇششۇق ئىدى .ئۇنىڭدىن ھەممەيلەن قورقاتتۇق ،بىرەر كىچىككىنە ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى بولسىمۇ شۇنداق بىز بىلەن ئۇرۇشاتتىكى بىز زادى نىمە دىيىشنى بىلمەي ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سەت گەپلەرگە چىدىماي نىمە ئالسا شۇنى بېرىپ قۇتۇلاتتۇق .بىز بۇنداق ئاسمان-زىمىن پەرقى بار ئەر- خوتۇنلارنىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر ئۆيدە مۇنچە ئۇزۇن تۇرۇپ بالىلىق بولۇپ قالغىنىغا ھەيران ئىدۇق.
    بىر كۈنى ئەمەتقارى ئاكام جامائەتكە ئۆزىنىڭ بىر كىلىن تاپقۇسى بارلىقىنى ،بۇ كىلىننىڭ شوخ ،سەت بولۇشىنى ،تەربىيە كۆرمىگەن بولۇپ قالسىمۇ بىر نىمە دىمەيدىغانلىقىنى دەپ بىزنى ھەيران قالدۇردى .بۇ قارىمنى شۇنداق قىزلارنى تۈزىمەكچى بولدىمۇ دەيلى ،لىكىن بۇ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ تۇنجى تويى تۇرسا ،بۇنداق قىزلار بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ چىقشالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى .ياكى ئۇ قارىممۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا ئوخشاش خوتۇننى ئوغلىغا  ئېلىپ بېرەي دىگەنمۇ ،ئىشقىلىپ بۇ ئىش پەقەت جامائەتچىلىكنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى . سورىساق سەۋەبىنى خوتۇنىدىن سورىشىمىزنى دېدى ،بىزمۇ سورىمۇدۇق ،سورىساقمۇ ياخشى گەپ ئاڭلىماي تىل ئاڭلايتتۇق.
   چىرايلىق، ئەخلاقلىق ،لاتاپەتلىك قىزلارنى تاپماق ئاسان بولغان بىلەن ،ئەمەتقارى دىگەندەك قىزنى تاپماق ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن .بىر ئاي سۈرۈشتۈرۈپ ئىزدەپمۇ بۇنداق سەت قىزنى تاپالمىدۇق،ھەممە خەق قىزلىرىنى سەت ئەسكى دىمەيدۇ -دە،گىرىملەر بىلەن ياساپ بولسىمۇ  .يەنە شۇ زورىخان نەدىن تاپتىكىنتاڭ ئالغاي ،بىر گەپكە سېلىپ قويسا ماتوردەك ئوت ئېلىپ سۆزلەپ توختىمايدىغان ،تىللاڭ دىسە كىشىنى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ گەپتىلا ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ،بۇرنى مايماق ،چاچلىرى پاخپىيىپلا تۇرىدىغان ، يۈزى قارا ،كۆرۈمسىز ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر بەتبەشىرە قىزنى تېپىپ كەپتۇ. بۇنى ئاز دىگەندەك ئۇ قىزنىڭ پۈتۈن توي چىقىمىنى ئەمەتقارىمكام ئائىلىسى چىقاردى .
   توي بولۇپ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتتى .بىر كۈنى ھېلىقى بەتبەشىرە كىلىننىڭ بىر قوشنىسى بىلەن ئۇرۇشقىنىنى كۆردۇق ،بىز پەقەت بارالمايتتۇق ،يېقىنلاشساقلا بىزمۇ تەڭ تىللىنىپ نىمە قىلىشنى بولمەي .پاقا تەشكەن سويمىدەك بەتبەشىرە قىزغا قاراپ تۇرىشىمىز ئېنىق ئىدى .ئۇ قوشنىسى چىدىمىدى بولغاي ،ئۈچ كۈندىلا ئۆينى ئۆتكۈزىۋېتىپ كۆچۈپ كەتتى .بىر كۈن ئۆتتى ،يەنە بىر قوشنىسى بىلەن جەڭگە جىدەل باشلاندى . بۇ كېلىن ،بۇ قوشنىسىنىمۇ نەچچە كۈندە باشقا يەرگە كۆچۈرىۋەتتى .يەنە بىر كۈن ئۆتتى ،يەنە بىر ئائىلە ئۇلار بىلەن جىدەل باشلىۋەتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇ خۇددي ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالغاندەك ،نەچچە كۈندە بىردىن بىر ئائىلىنى بۇ بىنادىن كۆچۈردى .شۇ ھەر بىر ئۆينىڭ توكىنىڭ بىر-بىردىن كۆچكىنىنى كۆرۈپ تۇردۇق ،داداممۇ ،ئاناممۇ پەقەت قاراپلا تۇردى .ئۇلاردا نىمە ئامال ؟ ئەسكى دىگەن ھامان ئەسكى ،ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇپ بولغىلى بولاتتىمۇ ؟  
   شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈچىنجى قەۋەتتىكى پۈتۈن ئۆيلەردىكىلەرنى قوغلاپ بولدى ،ئاندىن تۆتىنجى قەۋەتكە ،ئاندىن بەشىنجى قەۋەتكە ،ئالتىنجى قەۋەت ،بىرىنجى ،ئىككىنجى قەۋەت ،بىز دېرىزىدىن قاراپ ،«بۈگۈن ئاۋۇ ئۆي بومباردىمان بولدى ،ئەتە ئاۋۇ ئۆيگە كىلىدۇ »دىيشىپ قاراپ تۇراتتۇق .ئۇلار سوتقىمۇ باردى ،ساقچىخانىغىمۇ باردى .ھېچقانداق ئورۇنلار بۇ بەتبەشىرە كىلىنگە تەڭ كىلەلمىدى .ئەمەتقارىمكاممۇ بىزنىڭ ئىماملىقمىزنى قىلىۋەردى-يۇ گېپىمىزنى يىمەس بولىۋالدى .بەلكىم ئۇمۇ كىلىنگە تەربىيە ئەمەس بىرەر ئېغىز قاتتىق گەپ قىلالماس.
   نەچچە ئاينىڭ ئىچىدىلا پۈتۈن بىنا ئائىللىكلىرى «بومباردىمان»نىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچىراپ ،بىر بىرلەپ ئاق بايراق چىقىرشىپ كۆچۈپ كىتىشتى .بۇ بىنادا پەقەت مۇشۇ بىر ئائىلىلىكلا قالدى . بىز تېخى بۇ «ئۇرۇش»لار تۈگەر دەپتۇق ،لىكىن يەنە بىر ئايدىن كىيىن «پوڭ،پوڭ»دىگەن ئاۋازلار مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئۆزىدىن چىقىۋاتاتتى.ھەممەيلەن بۇ ئىشلارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشتۇق . كۈندۈزى بولسا جىمجىت ،كىچىلىرى يەنە شۇ «پوڭ.پوڭ»لار .ئەمەتقارىمكامنى چوقۇم بۇلارنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالارمىكىن ،دەپ قالاتتۇق .لىكىن ئۇ ھەر كۈنى شۇنداق جۇشقۇن يۈرەتتى .
« زورىخان ساراڭ بولۇپ قاپتۇ  »دىگەن خەۋەر تارقالدى .ھەممەيلەن ھەيران بولۇشتۇق .زورىخاننى  كىيىن ئاڭلىساق ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئەمەتقارى ئاپىرىپ بېرىپتۇ . نەچچە كۈن ئۆتمەي بىر مۇنچە قاسقان شەپكىلىك كىشىلەر كېلىپ تەكشۈردى،پىچەتلەرنى بىنا ئىشىكلىرىگە چاپلىدى. ،يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن ئەمەتقارى جامائەتتىن ئارتۇق ئۆي بولسا سېتىشنى سورىدى . بىزنىڭ بىر ئارتۇق ئۆي بولۇپ ،ساۋاب ئۈچۈن ئەمەتقارىغا بىكارغا بېرىپ ئادديغىنە سەرەمجانلاشتۇرۇپ بەردۇق .
  بىز كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا بەكمۇ ھەيران ئىدۇق .دادام بىر كۈنى مىنى ئېلىپ ئەمەتقارىمكامنى يوقلاپ باردۇق ،ئۇ ئوغلى بىلەن تۇرغان ئىدى .
سالام-سائەتلەردىن كىيىن چايغا ئولتۇردۇق . دادام تۇيۇقسىز سوراپ قالدى :
ــ ھاجىمكا ،سىلىنىڭ ئۆيدىكى ئىشلارنى بىلەلمىدىمغۇ ؟ئېغىر كۆرمەي بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ بېرەملاكىن .
ــ سەن مەھەللىمىزدىكى ئىنسابلىق بالىلارنىڭ بىرسى ، بوپتۇ ماڭا قىلغان مۇشۇ ياخشىلىقلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بىرەي ،ــدەپ چاينى ئىچكەچ خىيالچان كۆزلىرىنى تامغا تىكىپ بېشىنى يانتۇراق قىلىپ ،ئېغىر- بېسىق ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى .
بىزمۇ پۈتۈن دىقىقىتىمىز بىلەن پۈتۈن يۇرتقا داڭقى كەتكەن بۇ غەلىتە ئائىلىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە تەييارلاندۇق .
ـــ بالام بۇلارنى دەپ كەلسەك يەنىلا شۇ نەپسىنىڭ يامانلىقىدىن كۆرسەك بولىدۇ ،يېڭى ئۆي كۆچكەن كۈنلەردە زورىخان بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەتتى ،كەچتە قايتىپ كىلىپلا پۈتۈن ئىشىك دېرىزىلەرنى ئېتىپ،بىزگە يىغىن ئاچتى .ئۇنىڭ دىيىشىچە مۇشۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى يېقىندا ئۆرلەپ ئىككى قاتلىنىدىكەن ،نەچچە كىشىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنداق خۇشاللىق بىلەن بىزگە بىر قالتىس  پىلانىنىڭ بارلىقىنى دېدى . شۇنىڭ بىلەن  ئۇ قولىغا كىرىدىغان پۈتۈن بىنانىڭ ئۆي باھاسىنىڭ چوتىنى سوقۇش بىلەن بولۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ پىلانى مۇنداق ئۇدى:ئاۋال سەت ،ئەسكى كىلىننى ئۆيگە ئەكىلىش ،ئاندىن پۈتۈن بىنادىكى كىشىلەرنى بىر بىرلەپ قوغلاپ چىقىرىش ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆيلەرنى بىر بىرلەپ قولغا ئېلىپ ،كىلىننىمۇ  ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىش (،بۇنداق بولغاندا ئوغۇلىمزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن )،بۇ ئۆيلەرنى باھاسى ئىككى قاتلىغاندا قولدىن چىقىرىپ پۇل تېپىش ئىدى .مەن قارشى تۇراي دىدىم ،لىكىن بىر ئۆمۈر خوتۇن نىمە دىسە قارشى تۇرمىغان بولغاچقا ،ئۇنىڭ دىگىنىچە قىلدۇق .
ئاخىرى  ھەممەيلەننى بىنادىن قوغلاپ چىقاردۇق ،بۇ «بەتبەشىرە كىلىن پىلانى» شۇنداق ئۈنۈم بەرگەن ئىدى . ئۇرۇشىدىغان كىشى چىقمىغاندىكىن ،بۇ كىلىننىڭ بىر يەرلىرى قىچىشتىمۇ ،زورىخان بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇردى .ئويلىمىغان يەردىن بۇ كىلىنىمىز قانداق بىلىپ قالدىكىن ،بىزنىڭ پىلانىمىزنى بىلىپ قاپتۇ ،ئۇ ئاچىقلىغاندا شۇنداق سەتلىشىپ كىتەتتى ،زورىخان بۇ كىلىنگە ئاخىرى تەڭ كىلەلمىدى ،چاچ يۇلۇشتى ،تىللاشتى ،بىز ئۇرۇپ ،تىللاپ بۇ كىلىنگە گەپ ئاڭلىتالمىدۇق .ئۇ ھەمىشە «ھەرقايسىڭ يالغۇز شۇ پۇلنى تاپامتىڭ؟ بۇ ئۆينى مەن بىكارلاتقان ،پايدىنى تەڭ ئالىمىز»دەيتتى ،زورىخان بۇ گەپنى ئاڭلاپلا تۇرالماي ئېغزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلايتتى ،ئۇلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى بۇيەردە قىلغىلى بولمايدۇ .بىز دادا بالا كۆزلىرىمىزنى پارقىرتىپ قاراپ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى كىلىشنى ساقلايتتۇق ،مەن بۇ پايدىلارنى ئاڭلاۋېرىپ ئويلايدىغان بولۇپ قاپتىمەن ،كاللامغا بۇ پۇللار  كەلسىلا  بىر خىل  خۇشال بولاتتىم .بىزنىڭ ئۆيدە شۇ پۇل سەۋەبى بىلەن جىدەل قۇرۇمىدى ،مىھىر -مۇھەببەت دىگەندىن ئېغى ئاچقىلى بولمايىتتى.كىيىن شۇ كىلىنىمىز زورىخاننى تىللاۋىرىپ  ساراڭ قىلىپ قويدى ،زورىخان توختىماي «جىق پۇل»دەيدىغان بولۇپ قالدى،شۇنداق ئېچىندىم.زورىخان دوختۇرخانىغا كەتتى . ئۇنى بىر ئۆمۈر ساقىيالىشى تەس دەيدۇ .
    شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئۆيدە بىز ئۈچىمزلا قالدۇق ،بىر كۈنى بۇ كىلىنىمىز باشچىلاپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بىرنىمىلەرنى ھېسابلاپ ئولتۇراتتى . شۇكۈنىنىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشتى ،ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز شۇنداق قورقتۇق ،ئۇنىڭ قەستلەپ قويۇشىدىن قورقتۇق ،ھەر قېتىم ئەتىگەندە بىزگە سالام قىلىدىغان ئىشمۇ يوق  ،قاتتىق تىگدىغان بولىۋالدى .مەن بۇ كىلىننىڭ ئاللىبۇرۇن مۇشۇ پۇللارغا يالغۇز ئىگە بولماقچى بولغىنىنى ھىس قىلىپ بولغان ئىدىم .مەن   ئۆينى ئۇنىڭغا تاشلاپ بېرىپ ئوغلۇم بىلەن چىقىپ كىتىشنى مەسلىھەتلەشتۇق.
شۇنداق پىلانلارنى سوقۇپ ،ئوغلۇم بىلەن كىتىشكە تەييارلىنىپ تۇرساق،توۋا دىگۈدەك بىر ئىش بولدى ،ھۆكىمەتتىن ئادەم كىلىپ ،بىزنىڭ ئۇ بىنانىڭ ئۆلچەمگە لايىق بولمىغىنىنى ،پات ئارىدا چېقىلدىغانلىقىنى ئۇختۇرۇش قىلدى ،ئاللاھ راستىنللا ئادىل ئىكەن ،كىلىنىم ئۇ كىشىلەر بىلەن بىرمۇنچە ئۇرۇشتى .لىكىن بۇ ھەقىقەت-دە ،ئۇكىچىچە بىرمۇنچە نەرسىنى ھېسابلاپ چىققاندىن كىيىن ئەتىسى ھەر خىل نەرسىلەرنى سۆزلەپ يۈرۈيدۇ ،ئۇ  شۇ پۇللارنى دەپ كاللىسىدىن كەتكەن ئىدى .بۇ كىلىنىم ھازىرمۇ ئاشۇ ئۆيدە چۆگلەپ يۈرۈيدۇ .ــدېدى ھېلىقى يېڭى بىناغا قاراپ .
   بۇلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئەتراپىمغا يەنە بىر قارىۋەتتىم،لىكىن يەنە ئادەم يوق ،ئېلىپ ياچۇقۇمغا سېلىپ ماڭدىم .كاللامدا شۇ بەتبەشىرە كىلىن ئىدى ،بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا شۇنداق پۇلنى دەپ روھىي بەتبەشىرە بولۇپ، ئىنسانىيلىقىنى يوقۇتۇۋاتقانلار  قانچىلىكتۇ ؟ مىنڭچە نۇرغۇن ..........
   
 بىر پۇلدىنمۇ قىممەتلىك سوۋغا تېپىۋالغاندەك خۇشال ئىدىم .
                                                        
                                                             2013.04.12
                                                                        (تىيەنجىن)      



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 11:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6325
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 753 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:23:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا ئاۋۇ ئانا ۋە كېلىن پۇلنى دەپ ئۆزىنىڭ بەختىگە ئۆزى ئولتۇرۇپ قويۇپتۇ ھە؟؟ ھەممىسى توقۇلما ئەمەستۇ ھە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86463
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:32:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا پۇلدىنمۇ ئەزىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپتۇدە ،ئىمام تۇرۇپمۇ ئاشۇنداق نەپسى يامانلىق قىلامدۇ ،توۋا ئاللاھ بەندىسگەئىنساپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 735
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 01:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مۇشۇنداق ئادەملەر بارمىكەن........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 01:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم كىشىلەر ھازىر پۇل دىسە ھەممىنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، توۋۋا دىگۈلۈك!....

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31856
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 01:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  پۇلنىڭ  يامانلىغىنى  تېخىچە  بىلمەيۋاتقان  ئادەملەرمۇ  ئاز ئەمەسكەن  بولمىسا.  ئىشقىلىپ  مېنىڭ  پۇلۇم  بولغان  بولسا  بۇنىڭدىنمۇ  ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشەلەيتتىم.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 01:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرچۇ ،ئاتالمىش ‹قۇرۇق قۇلاق قۇرۇق قۇلاققا ياقمايدۇ ›زامانى بوپ قالدى ،ئىشەك جان قايغۇسىدا موللام نان قايغۇسىدا دىگەن شۇدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 02:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەتبەشرە كىلىلنىڭ تىخنىكىسى ياخشىكەن ،يەنلە ئۆزنىڭ بىشغا چىقىپتۇ ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 332
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 04:51:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مال دۇنيانى ئۇ دۇنياغا  ئېپ  كەتكىلى   بولمايدۇ  دە   

دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 04:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 01:42 PM
پۇلنىڭ  يامانلىغىنى  تېخىچە  بىلمەيۋاتقان  ئادەملەرمۇ ...

ھەي ھازىرقى كۈنىڭىزمۇ يېتەرلىك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش