مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1611|ئىنكاس: 26

كاككۇك سايرىغان چاغلار(پوۋىست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 08:32:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كاككۇك سايرىغان چاغلار

(پوۋىسىت)

مەمەتنىياز قادىر  

       6- ئاينىڭ 13-كۇنى ،سەھەر.

         ئۇچ كۇن  ئىلگىرى گۇاڭجۇدىن ئۆرۇمچىگە قاراپ يولغا چىققان ئوقوغۇچىلار مەخسۇس پويىزى تاڭ ئاتارغا يىقىن تۇرپان ۋوگزالىدىن ئۆتكەن بولۇپ ھازىر داۋانچىڭ رايۇنىدا ئۇچقاندەك كىتىۋاتاتتى ،مەشرىقتىن كۆتۇرۇلگەن قۇياشنىڭ يارقىن نۇرى پويىز دەرىزىسىدىن ۋال ۋۇل چاقنايتتى،قاتار قاتار تىزىلغان شامال چاقپىلەكلەر بارا بارا ئارقىدا قالماقتا ئىدى،پويىز يەنە ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كىيىن ئۆرۇمچى ۋوگزالىغا كىرەتتى ،بەلكىم ھاياجاندىن بولسا كىرەك ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىردىن تۇرۇۋالغانىدى،نىمىگىدۇر تىت تىت بولۇشۇپ ئۇيان بۇيانغا قىمىرلىشاتتى ،بىر بىرىگە قارىشىپ كۇلۇمسىرشەتتى ،نىمىگىىدۇر ئۇھسىنىشاتتى.ھەقىقەتەن راسىت، يول ئازابى گۆر ئازابى ،ئۇچ كۇندىن بۇيان بىرەر مىنۇت بەخىرامان  پۇت سۇنۇشقىمۇ  ئىرىشەلمەي پويىزدا تازا قىينالغان ئاشۇ تەنلەر بۇ دىمىق سوكسوك ھارۋىدىن تىزرەك ئازاد بولۇپ ساپ ھاۋادىن قىنىپ قىنىپ تىنىشقا ئالدىرشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى،ئەمما ئۇلانىڭ تىت تىت بولۇشلىرى پويىزدىن تىزرەك چۇشۇش ئۇچۇنلا  ئەمەس ،ئۆرۇمچىدىكى ئويۇنلىرىنى  بالدۇرراق باشلاش ئۇچۇنمۇ  ئىدى،ئالدىنقى كۇنى كەچتە  بىر بىرىگە  چىداشماي جۇدالىق ناخشىلىرنى ئىيتىشىپ زار زار يىغلاشقان بۇ قەدىناس ساۋاقداشلار شۇ تاپتا باشقىچە ھاياجان بىلەن تىتىك ئىدى ، تۇنۇگۇن كىچە پويىز قومۇل ۋوگزالىغا كىلەي دىگەندە بىزنىڭ سابىق سىنىپ باشلىقىنىڭ پىكرى بىلەن ئۆرۇمچىگە بىرىپ ئۇچ تۆت كۇن قاتتىق ئويناپ توت يىلدىن بۇيان ئىچكىرى تولۇقتا ئۆز ئختىيارلىق بىلەن سىرتلارغىمۇ چىقالماي تۇرمىدە ئۆتكەندەك جاپا –مۇشەقەتلەرنىڭ ئاچىىغىنى بىراقلا چىقىرىشقا مەسلەھەت تۇزۇلگەن ئىدى ،سىنىپ باشلىقىنىڭ بۇ دانا مەسلەھەتىگە ھەممە قوشۇلغان بولۇپ ،مۇشۇ مەسلەھەت بويىچە قۇمۇل ۋە تۇرپانىلق ساۋاقداشلارمۇ چۇشۇپ قالماي بىز بىلەن بىرگە ئۆرۇمچىگە كىتىۋاتاتتى،بەزىلەر نىمە يىيىش ،نەلەرگە بىرىپ قانداق ئويناش توغۇرلۇق ئويلاپمۇ ئۇلگۇرگەنىدى ،شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ چىرايىدا قىيماسلىقتىن كۆرە خۇشاللىق بەكرەك ئەكىس ئىتەتتى ،لىكىن مۇشۇ بىرەر سائەتچىمۇ قالمىغان سەپەر ھەممەيلەننىڭ ئىچىنى سىقماقتا ئىدى،ساۋاقداشلار قىمىرلاشماقتا ،بويۇنداپ قاراشماقتا ،بىر بىرىگە كۇلۇمسىرەپ قاراپ قويۇشماقتا ئىدى ،قىزلار قولىلىرغا ئەينەك تارغاقلىرنى ئىلىشىپ ئورۇن تاللىمايلا پەردازنى باشلىۋەتكەن ئىدى،ئەنە ،يەنە بەزىلەر دۇم يىتىپ ئورۇندۇق ئاستىلىردىن نىمىلەرنىدۇر ئىزدىمەكتە ،پويىز ئۇچقاندەك كىتىپ بارماقتا ،ئورۇمچى ۋوگزالىغا تىخىمۇ ئاز قالماقتا...  

         ھەر قانچە قىلپمۇ ئىچىلالمايۋاتاتتىم،ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن بۇ دىشۋارچىلىقتىن قەلبىمدىكى خۇشال بولۇش پۇتۇنلەي ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنىشكە ئايلانغان ئىدى،بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان  ئوقوغۇچى ئۇچۇن ئالىي مەكتەپ ئمتاھانىنى تۇگەتكەن كۇن ھەقىقەتەن قۇش قەپەزدىن چىققادەكلا ئالەمشۇمۇل يەڭگىللەيدىغان كۇن،بولۇپمۇ بىزدەك ئىچكىرى تولۇقنى تۇرمىدە ئۆتكەندەك ئۆتكۇزگەن ،ياتاق ،سىنىپ ۋە ئاشىخانا ئوتتۇرسىدىكى مۇقىم لىنىيەدە توت يىل  ئىزىقماي قاتراپ تاپانلىرمىزنىڭ بىرقات تىرىسىنى ئاشۇ مۇساپىسى قىسقا ۋاقتى ئۇزۇن  سىمۇنىت يوللارغا ئەسلىمە قالدۇرۇپ  بولدى دىگۇچە تويغان ئوقوغۇچىلار ئۇچۇن تىخىمۇ شۇنداق ئىدى،ئەپسۇس ،بۇ ئاتالمىش خۇشال بولىدىغان كۇن ماڭا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلغان ئىدى،گەرچە مىنىڭ بۇ خىيالچان  كۇنلىرىم خىلى بۇرۇنلا باشلىنىپ قالغان بولسىمۇ ،مۇشۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بىلەن ھەممە كۆڭۇلسىزلىكنى بىراقلا چۆرۇپ تاشلاپ يىڭىدىن باشلىماقچى ئىدىم ،ناھايتى ئەپسۇس ،پەلەكنىڭ چاقى  تەتۇر ئايلىنىپ، ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئمتاھانىنى تۇگەتكەن كۇندە ماڭا ئۆزۇم ئەڭ  ئامراق،مىنى ھەر ۋاقىت  قوللىغان ،سۇيۇمدە ئاققان ئوتۇمدا كۆيگەن ئاشۇ مىھرى ئىللىق جاپاكەش بوۋامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۇزگەن ئىدى...،باشقىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۇزۇشنى خالىمايتتىم،ھەممىسى پويىزدىن چۇشۇشكە جددى تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ مەن يەنىلا ئورنۇمدىن مىدىرلىماي دەرىزە سىرتىغا قاراپ  ئولتۇراتتىم،كاللام قۇپقۇرۇق،مۇشۇ تاپتا بىرەرسىنىڭ مەندىن گەپ سوراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم،پويىز شۇنچە تىز كىتىپ بارماقتا،دىرىزىدىن قوش لىنىيە ياسالغان رىلىسنىڭ بالداقلىرغا قاراپ كۆزلىرىم يىتىشمەيۋاتاتتى...خيالچان ئولتۇراتتىم ،بىر قول يەڭگىل مۆرەمگە تەگدى.

---راستىنلا قايتامسەن، ئاداش!؟     

        بۇ دوستۇم ئايۇپ ئىدى،ئۇ بۇ كۆڭۇلسىزلىكتىن ئانچە مۇنچە خەۋەردار ئىدى .قايتمىسام قانداق قىلاي ،گەرچە بوۋامنىڭ يۇزىنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بولساممۇ ،ئۇنىڭ يەتتە نەزىرسىگە بولسىمۇ ئۇلگۇرۇپ بىرىشىم كىرەك،شۇنداق...ئىككى يىل ئىلگىرى تەتىل توشۇپ مەكتەپكە  قايتىپ كىلىش ئالدىدا بوۋام بىلەن خوشلاشقىنىم بوۋامنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۇشۇم ئىدى.بىز ئىچكىرى تولۇق ئوقوغۇچىلىرى بىر يىلدا بىر قىتىم ئۆيگە قايتاتتۇق ،تولۇق ئككىنى  پۇتتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن بىر كۇنى كەچتە دوسىتلار بىلەن ۋاسكتبول ئوينغان ئىدۇق ،بالا قازا كۆرۇلۇپ كەلمەس پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دىگەندەك بۇقىتىم ماڭا بالا كەلگەن ئىدى،شۇ قىتىمدا بىردوستۇم بىلەن  سوقۇلۇپ كىتىپ قاتتىق يىقىلىپ كەتتىم ،سول پۇتمنى زادىلا ئالالمايۋاتاتتىم ،ئاغىرىق مىڭەمگە چىقتى ....سول پاقالچىقىمنىڭ سۆڭىكى سۇنغان ئىكەن ،شۇ سەۋەپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىم ،بىر ھەپتىدىن كىيىن ساۋاقداشلىرىم ئويگە قايتتى ،مەن يەنىلا ئىچكىردە قىپ قالدىم .قانداق قىلىمىز ،بالاغا رىزا قازاغا سەبىر قىلماقلىق كىرەككەن ،ئۆينى،ئاتا –ئانامنى ،ئانا يۇرتۇمنى ،ئۇرۇق تۇققانلىرىمنى ۋە دىدار كۆرۇشىشكە تەشنا بولۇپ يولۇمغا قاراپ تۇرغان ئاشۇ ئۇرۇق تۇققان دوسىت بۇرادەرلىرىمنى  تولىمۇ سغىنغان بولساممۇ ،لىكىن بۇ  بالاغا رىزا قىلماي بولمىدى،مەن بۇئىشنى ئۆيدىكلەردىن يۇشۇرۇپ <مەكتەپتىن كۇچەيتىش سىنىپى ئىچىپ تەتىلدە ھەقسىز دەرىس تولۇقلاپ بەرمەكچىدى،پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دىدىم،مەندىن ئەنسىرمەڭلار> دىگەن ئىدىم ،شۇ چاغدا بوۋام گەرچە  تىلفۇندا تىتىرەڭگۇ ئاۋازى بىلەن<بوپتۇ بالام ،ئىشقىلىپ ئۆزەڭنى قىيناپ قويما بالام ....>دىگىنى بىلەن مىنى قانچىلىك سىغىنغانلىقىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم بىلمەس ئىدى، دىمىسىمۇ راسىت ،كىچىكىمدىن تارتىپ شۇ بىچارە بوۋامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان تۇرسام ،سىغىنمامتى ئەمىسە ،مەنمۇ بوۋامغا ئۇگۇنۇپ قالغانكەنمەن ،ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم،لىكىن نىمە ئامال ،شۇ تەتىلدە ئۆيگە قايتالمىدىم ...تولۇق ئۇچكە چىقتۇق ،كۇنلەر گاھ خۇرسىنىش ،گاھ تەمتىرەش ،گاھ تەلپۇنۇش ئىچىدە گۇزەل ئارزۇ ئارمانلارنى كۆڭۇلگە پۇتۇپ ئالدىراش ئۆتمەكتە ئىدى ،ھەممە كىلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا ھۇررانى باشلىۋەتكەن ئىدى ،ھاي ۋۇي دىگۇچە 6 –ئاي يىقىنلاشتى ،ئاشۇ بىز كۇتكەن ئازاد بولۇش كۇنى يىقىنلاپ قالغان ئىدى ...،6-ئاينىڭ 8-كۇنى ،ئىمتاھاننى تۇگەتتۇق ،...مانا بىز ئازاد بولدۇق ، بىزنى تۆت يىل چىرمىغان بۇ تۇرمىدىن ئىككى كۇن ئۆتسىلا قايتىمىز،ئىككى يىلدىن بىرى بىرسى سىقىۋالغاندەكلا مىجىلغان قەلبىم ئىمتاھان تۇگۇشى بىلەن بىر ئاز يەڭگىللەپ قالدى،يۇرتنى سىغىنغان ئىدىم ،گەرچە يولغا چىقىشقا ئىككى كۇنلا  قالغان بولسىمۇ بىراق ھازىرلا يولغا چىقىدىغاندەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم ،ئمتاھان مەيدانىدىن چىقىپلا ياتاققىمۇ كىرمەي ئۇدۇل ئاممىۋى تىلغۇنغا يۇگۇردۇمدە ئويگە تىلفۇن قىلدىم .  

  ---ۋەي  

  تىلڧۇننى يات بىر ئايال ئالدى ،ياق ياق ،ئۇ مىنىڭ ئانامكەن ،توغرا ،دەل مىنىڭ ئانام ،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تونۇدۇم ،شۇ شۇ ،تىلڧۇننى ئالغان ئانام شۇ ،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى ئىككى يىلدىن ئىشىپتۇ ،قانداقراق تۇرغاندۇ ھە !؟ ،خۇشاللىقتا ئالدىراشلا سۆزلۇدۇم .

   ---ۋەي ،ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ئانا ،تىشلىقمۇ !!؟  

   ---ھە ..ھە ،تىچلىق، بالام ئۆزەڭچۇ ؟

  ئانامنىڭ ئاۋازى غەلىتە ئىدى .

---مەنمۇ تىشلىق ،ئانا ،قانداق ئەھۋالىڭىز

--- ئوبدان تۇردىڭىزمۇ !؟نىمبولدى ،ئاۋازىڭىز غەلىت چىقىدىيا!؟

---ھە ،ياق  ،شۇ ....قاندا بالام ئمتان تۇگىدىما !!؟

راسىت ،ئانامنىڭ ئاۋازى زادى باشقىچە ،چوقۇم بىرەر ئىش بولدى.

---ھە ،تۇگۇدى،ئانا ،نىمبولدى زادى !؟

ئانام بىر ھازا گەپ قىلمىدى .

--ئانا !؟؟

ئەمدى ئىنىق ئاڭلىدىم ،تىلفۇندىن ئانامنىڭ يىغا ئاۋازى كىلىۋاتاتتى.

---بالام بوبىڭىز تۇگەپ كەتتى ....

چوغقا دەسسىۋالغاندەكلا چۆچۇپ كەتتىم، قولۇمدىن تۇرۇپكا چۇشۇپ كەتتى ،خۇددى قاتۇرۇپ قويغاندەكلا ،تۇرۇپكا ئىلەڭگۇچ بولۇپ ئىسىلىپ قالغان ئىدى،ئىسىمنى يىغىپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم ،تىلفۇن ئۇزۇلۇپ قالغان ئىدى ،قايتا ئۇردۇم                             ---ۋەي

  ......   

     قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ،ئىچىمىدىن كۆپۇپ چىققان بىر ئاچىىق بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى،ئانام بوۋامنىڭ ئككى سائەت ئىلگىرى نەپەستىن قالغانلىقىنى،جان ئۇزۇش ئالدىدا مىنىڭ ئىسمىمنى بىر نەچچە قىتىم چاقىرىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ قاراپ تىنىقتىن قالغانلىقىنى مىنىڭ زورلاپ تۇرۋىلىشمغا چىدىماي  يىغلاپ تۇرۇپ ئاران ئاران دىدى،<ئاھ خۇدا ،ئامانەت ئۆزۇڭنىڭ قولىدا تۇرسا ،قاچان ئالىمەن دىسەڭ ئالاتتڭغۇ،بوۋاينىڭ ئۆمرىنى شۇنچە يىل بەردىڭ ،يەنە تۆت كۇنگە پىخسىغلىق قىلمىساڭ نىم بولار ئىدىڭ ....>،شۇ تاپتا ھازىرلا ئۆيگە قاراپ ئۇچقۇم كەلدى ،لىكىن ئالدىرغان بىلەن نىمە ئامال ،گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنى تۇگەتكەن ئىچكىرى تولۇق ئوقوغۇچىلىرى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 10 كۇنى مەخسۇس پويىز ئارقىلىق بىر تۇتاش ئۆرۇمچىگە قاراپ يولغا چىقاتتى ،مانا ،بىزنىڭ ئمتاھان بۇگۇن تۇگۇدى ،قانچە ئالدىرغان بىلەنمۇ يەنە ئىككى كۇن تەخىر قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم ،شۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ئەگەر باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا بوۋامنىڭ يەتتە نەزىر كۇنىگە ئۇلگۇرەلەيتتىم ،كاللام قۇپقۇرۇق ،نىمە قىلىشنى ،نىمە ئويلاشنى زادىلا بىلمەيۋاتاتتىم ،راسىت گەپنى قىلسام بۇ ئەھۋالنى باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىلىپ قىلىپ ھىسىداشلىق قىلىشىنى خالىمايتتىم،قىرىشقاندەك شۇ كۇنى كەچتە ئىمتاھان تۇگەپ ئازاد بولغانلىقىمىزنى تەبىرىكلەش ئۇچۇن مەيداندا يىغىلماقچى ئىدۇق ،كەچ كىردى ،بوينۇمدىن سۆرىگەندەكلا چىقتىم ،چىقماي بولامتى ئەمىسە...ھەرقانچە ئوتتۇز ئىككى چىشنى چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇرغان بىلەنمۇ كۆڭۇلدىكى غەشلىك ھامان بىلىنىپ قالىدىكەن ،مانا بۇ  غەشلىكنى دوستۇم ئايۇپ بايقاپ قالغانىدى،ئامالسىز ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى دىگەن ئىدىم .

ئايۇپنىڭ سورىغان سۇئالىدىن بىرئاز ئىسىمگە كەلدىم ،ئاستا كۆزۇمنى پويىز دەرىزىسىدىن ئۇزۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم .

---سەن بوساڭ قاندا قتتىڭ ئاداش !!؟قايتىمەن ،چوقۇم بوبامنىڭ يەتتە نەزىرسىگە ئۇلگگۇرۇپ بارىمەن ئاداش ...

---بولغۇلۇق بوپتۇ ئاداش ،ئەمدى ...

نىمە دەيدىغانلىقڭنى بىلىمەن ،بولدى ئاداش ،دىمىگىن بولدى

---لىكىن قارا ...

ئۇنىڭ گىپىنى يەنە بۆلىۋەتتىم .

---ئاداش ،ئەگەر سەن مەن چوڭ بولغان شارائىتتا چوڭ بولغان بولساڭ ھەممىنى چۇشىنەتتىڭ ،سەن مىنىڭ بوبامغا قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىمنى بىلمەيسەن ...بىچارە بوۋاي پۇتۇن ئۆمرىدە مىنى دەپ  نىمە جاپالارنى تارتمىدى ئاداش ...

كۆزۇمدىن تاشاي دەپ قالغان ياشنى ئاران ئاران تۇتىۋالدىم .

---خەي ،---ئايۇپ ئىغىر بىرنى تنىۋەتكەتكەندىن كىيىن دىدى،---يەنە يىرىم سائەتتىن كىيىن چۇشىمىز ،سەن ...

---ھەئە ،چۇشۇپلا ماشىنىغا چىقىپ ماڭىمەن ئاداش ،بۇگەن ئالتىنجى كۇنى ،ھىلىمۇ ياخشى پويىز كىچىكمىدى ،بىرىپلا ماشىنىغا چىقالىسام ئەتە ئەتتىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بىرىپ بولىمەن ئاداش ...بوممىسا ئۇلگۇرەلمەيمەن .

---ماقۇل ئاداش ،يەنە كونا گەپ ،كۆڭلۇڭنى يىرىم قىلما ئاداش ،بوپتۇ ،ئۆزۇڭنى ئاسرا ...

گىپىمىزنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەيلا  ئايقىز كۇلگەن پىتى مەن ئولتۇرغان يەرگە كەلدى .

---ھى ھى ھى ...،ھە يىگىت ،ئەزەلدىن تەمكىنغۇ مۇشۇنداق ھە ،قوپاپ تەييارلىق قممامسىز ....

--- ھە ..ھە ..شۇ ،تىخى بالدۇر ھەي

چاندۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا .

--- خاخاخا ...ھىلى مىنىڭ چامدىنىمنى كۆتىرىپ بىرىڭ جۇما ...ھە راس ،سىلەرنىڭ سىنىپ ئۆرۇمچىدە ئوينايدىغانغا مەسلەت قىپتىكەنسىلىغۇ ؟!!شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىنىپمۇ  ئەيدا قىمماقچى بولاپ ... شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئوينايتقان بولدۇق ،ئەمدىغۇ ئۆرۇمچىدە مىنى ئوينىتىدىغانسىز؟!! ...

بۇ قىزنىڭ گەپ قىلىشى مۇشۇنداق ئوماق ئىدى ،ئختىيارسىز كۇلۇمسىرەپ قويدۇم .بىراق بوۋامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى مەندىكى بارلىق خۇشالقنى بۇلۇت  قۇياشنى توسىۋاكغاندەكلا توسىۋالغان ئىدى ،ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم .

--- ھە نىمە ،ياق دىمەكچىما !؟ھى ھى ھى ...

راسىت گەپنى قىسام ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم ،ئۇنىڭ ئاشۇ بۇلاقتەك كۆزلىرگە قاراشقا پىتىنالماي يەنە دەرىزە سىرتىغا قارىۋالدىم ،بۇ قىزنىڭ يۇزى يۇمىلاق ،ئىغىزى ئويماقتەك ،كۆزلىرى قوينىڭ كۆزىدەك چوڭ ھەم قۇندۇزدەك قارا ،نۇرلۇق ئىدى،بۇرنى چىمداپ چىقارغاندەكلا بولۇپ تىك ئىدى ،ئۇنىڭ سول مەڭزىدە كىچككىنە مەڭ بار بولۇپ ،ئۇنىڭ چىرايىغا ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۆز قويغاندەك خۇيمۇ ياراشقانىدى ،قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى ئۇزۇن ئىدىكى ،قويۇۋەتسە تىقىمىغا چۇشەتتى ،بىلى ئىنچىكە زىلۋا بولۇپ ،مەندىن توتلىك ئىگىز ئىدى ،ناھايتى ئەپسۇس ،ئۇنىڭغا چىراينى ۋە بوينى ئايىماي بەرگەن ئىگىسى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا پۇتىغا كەلگەندە پىخسىقلىق قىلغان ئىدى ،ئۇنىڭ سول پۇتى ئوڭ پۇتىدىن بىرئاز كالتە بولۇپ ،تۇرغاندا سول پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن تىرەپ تۇراتتى ،بۇ چاغدا ئانچە مەلۇم بولمىغىنى بىلەن ماڭغاندا خىلى بەك ئاخسايتتى،ئۇنداق بولغىنى بىلەن مىجەزى شۇنچە ئوچۇق، شوخ ،ناھايتى چىقىشقاق ھەم كۆيۇمچان ئىدى ،ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆيۇمچانلىقى ماڭا ئايان ئىدى ،چۇنكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدىرەك ئىدى .     

ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەن تۇنجى يىلى بىز خەنزۇ تىلىنى پۇختىلاش ۋە ئنگىلىز تىلى ئۇگۇنۇش ئۇچۇن بىر يىل تەييارلىق كۇرۇستا ئوقۇيتتۇق ،بىزنىڭ سانىمىز بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بىزنىڭ قارارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىلا  ئۇچ سىنىپقا بۆلۇنگەن ئىدۇق ،مەكتەپ بىز شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلار ئۇچۇن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ چوڭلۇقىدا مەكتەپ رايۇنى سالدۇرغان بولۇپ بۇ رايۇننى شنجاڭ ئوقۇتۇش رايۇنى ،بۇرۇنقى  مەكتەپ رايۇنىنى كونا مەكتەپ رايۇنى دەيتتى ،گەرچە ياتاقلىرمىز شىنجاڭ  مەكتەپ  رايۇنىدا بولغىنى بىلەن سنىپلىرمىز يەنىلا يەنىلا كونامەكتەپ رايۇنىدا ئىدى ،شىنجاڭ ئوقۇتۇش رايۇنى بىلەن كونا مەكتەپ رايۇنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل بولۇپ ئوتتۇرسىدا بىر چوڭ يول بار ئىدى ،ئىككى مەكتەپ رايۇنى بىر ئوتۇشمە كۆۋرۇك بار بولۇپ بىز ئەنە ئاشۇ كۆۋرۇكتىن بىر كۇنى كەم دىگەندە ئالتە قىتىم ئۆتەتتۇق ،ئاڭلاشقا ئىككى رايۇن يىراقتەك تۇيۇلغان بىلەن ئەمىليەتتە ئەسلىدىنلا كونا مەكتەپ رايۇنىدا يىتىپ قوپىدىغان ئاشۇ يەرلىك خەنزۇ ئوقوغۇچىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا پەقەت بەش مىنىۇتلۇق يوللا يىراق ئىدى خالاس .پۇتۇن مەكتەپتە يەتتە مىڭغا يىقن ئوقوغۇچى بار بولۇپ ،شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئومومى سانى ئالتە يۇزگىمۇ يەتمەيتتى ،لىكىن بىزگە نىسبەتەن بۇ سان يەنىلا كۆپ ھىسابلىناتتى ،ئاشۇ يات جايدا شىنجاڭلىق بىرەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالساق <ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم >دەپ ئۆتۇپ كىتىشمۇ  خۇددى يىقىن تۇققانلىرنى كۆرگەندەك خۇشاللىنارلىق ئىشتە ئەلۋەتتە ،ئەپسۇس ،گەرچە ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەن چاغدىلا ئالتۇن تىپىۋالغاندەك شۇنچە خۇشال بولغان بولساممۇ بىراق بۇ يات جايغا كىلە كەلمەي زىرىكىپ كەتكەن ئىدىم ،ئىچكىر تولۇققا باغلىغان ئۆمىدلەر ،ئىچكىرى تولۇققا قىلىنغان شىرىن خىياللىرىمنىڭ بىرەرسىنىمۇ بۇ يەردە كۆرمىگەن ئىدىم ،كۆرگەندە سالاملىشىش ئەمەس ،كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قارىشىپ قويۇشمۇ تەس ئۇچرايدىغان ئىش ئىدى .ھەربىي مەشق ئاخىرلىشىپلا دەرىس باشلىدۇق ،مەكتەپ بىزگە يازلىق قىشلىق بولۇپ جەمىي سەككىز قۇر مەكتەپ ڧورمىسى تارقاتقان بولۇپ ئادەتتە مەكتەپ ڧورمىسىدىن باشقىنى كىيگۇزمەيتتى ،شۇنداق بولغاچقا يولدا بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قالساق قايسى قارارنىڭ ئوقوغۇچىسى ئىكەنلىكىنى خىلى بىر مەزگىلچە  بىىلمەي يۇرۇشكەن ئىدۇق ،مەكتەپكە كەلگەنگە ئۇزۇن بولمىغاچقا بىر بىرىمىزدىن ياتسىراپ ئاساسەن يالغۇز يۇرەتتۇق ،قىسقىسى مەن شۇنداق ئىدىم ،گەرچە ئۆزۇم تاشقى مىجەز بولساممۇ لىكىن بۇ يات جايدا ھەممە كىشى يات بىلىنمەكتە ئىدى ،ئاشۇ گۇزەل سەھرادا ئەركىن يايراپ كۆنۇپ قالغان بۇ كۆڭۇل بۇ ئىسىل چوڭ شەھەرنىڭ قايناق تۇرمىشىدىن ياتسىراپ ھىتىرقاپ قالغان ئىدى ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ بارا بارا تونۇشۇشقا ،ئۆز ئارا دوسىت تارتىشىققا باشلىدۇق ،داۋاملىق ۋۇۋقۇشتەك يۇرگىلى بولمايدۇدە .سەن نەدىن ،مەن پالانى يەردىن دىگەندەك گەپلەر بىلەن تۇنۇشۇشقا باشلىدۇق .

---ھە ،ئىسمىڭىز نىمە ؟

---مۇختەر ،سىزنىڭ چۇ ؟

  دەسلەپتە تونۇشقاندا مۇشۇنداق سىزلىشىپ كەتكەن ئىدۇق .  بۇ مىنىڭ ساۋاقدىشىم بولۇپ ئالدىمدىكى پارتىدا ئولتۇراتتى ،بۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان تۇنجى پاراڭلىشىشىمىز ئىدى .ئۇنىڭ بوي تۇرقى مەندىن قىلىشمايتتى .   

  ---سىز نەدىن ؟---سورىدى ئۇ .

---يەكەندىن .

---ھە ؟يەكەندىن ؟خاخاخا ...ۋوي ،ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،مەن پوسكامدىن .

ئۇنىڭ خۇشال بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ،چۇنكى ئىچكىردە يەكەن پوسكام دىگەن گەپ بىز بىر ئۆيدىن دىگەن گەپ بىلەن ئوخشاش ئىدى ،ئوخشاش بىر ناھىدىن دىگەن گەپقو ئەسلا  بىر تۇققان دىگەن گەپ .مەنمۇ خۇشال بولغان ئىدىم .

  ---ۋوي ۋوي ،ھاھاھا...بىژژەدىنكەممىزغۇ    ......

شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ بارا بارا ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارغا گەپ قىلدىغان بولدۇم .بەزىلەر بىلەن ھەتتا دوسىت بوپمۇ قالدۇق .

    مەن ھەركۇنى سىنىپقا ماڭغاندا بىر قىزنى كۆرەتتىم ،ئەتتىگەندە بولمىسا چۇشتە ،ياكى چۇشتە بولمىسا كەچتە ،ئىشقىلىپ كۈندە كەم دىگەندە بىر قىتىم كۆرەتتىم ،يەنە كىلىپ دائىم ئوخشاش بىر ئورۇندا ،ھەر قىتىم ئۇنى كۆرگىنىمدە ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا كتىپ بارغان بولاتتى ،ئۇ قىز سەل ئىگىزرەك بولۇپ ئاخساپ ئاخساپ ماڭاتتى ،مەن سەل تىز ماڭغاچقا دائىم ئۇنى يانداپ ئالدىغا ئۆتۇپ كىتەتىم ،بىر نەچچە قىتىم كۆزلىرمىز ئۇچۇرشۇپمۇ قالدى ،ئۇ دائىم ماڭا كۇلۇمسىرەپلا قوياتتى ،بىراق مەن خىجىللىقتىن بولسا كىرەك دەرھال  يولۇمغا راۋان بولاتتىم ،ئۇنى مەن بىزدىن يۇقىرى قاراردا ئوقۇيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئۇنى مۇشۇنداق ھەر كۇندە ئۇچۇرتۇپ تۇردۇم ،ئۇ بەزىدە بىر قانچە دوستى بىلەن ،بەزىدە ئۆزى يالغۇز ماڭاتتى ،ئۇ دوستلىرى بىلەن ماڭغاندا دائىم ئۇنىڭ سۆزلەپ باشقىلارنى كۇلدۇرۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ،يالغۇز ماڭغان چاغلىردا يىراق يىراقلارغا قاراپ كۇلۇمسىرەپ جاھاندىن ھوزۇرلىنىپ كىتىپ بارغاندەك لەرزان لەيلەپ ماڭاتتى ، مىڭىش تۇرشىدىن ۋە كەينى سىياقىدىن ئۇنىڭ خۇشال كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرۇۋىلىش تەس ئەمەس ئىدى .بىر كۇنى كەچلىك تاماقنى يەپ بوپلا  كونا مەكتەپ رايۇنىغا قاراپ ماڭدىم ،كەچلىك تەكرارغا تخى بىرەر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بولسىمۇ ياتاققا كىرگۇم كەلمىگەنىدى ،يالغۇز ماڭغان ئىدىم ،ئۆتۇشمە كۆۋرۇككە يىقىن كەلگەندە ھىلىقى قىزنىڭ ئاشۇ كۆۋرۇكتە كىتىپ بارغانلىقىنى كۆردۇم ،ئۇنىڭغا دىققەت قىپ قالدىم ،ئۇنىڭ سول پۇتى ئوڭ پۇتىدىن بىلەر بىلنمەس قىسقا    ئىدى ،<ھە ،ئەسلى مۇنداقكەندە ،ئاخساپ مىڭىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن >،كوڭڭلۇمدە شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ يىنىدىن ئوتۇپ كەتتىم ،گەرچە ئۇنىڭغا قارىمىغان بولساممۇ كۆڭلۇمدە يەنىلا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتاتتم ،ئالاھەزەل ئىككى قەدەم ئىلگىرلىگەندىمەن .

  ---ئۆلەپ كىتدىغان جان بۇ ھەي ،ئالدىراپ مىڭىپ نىمە كەپتۇ دەيمەن .ھى ھى ھى...  --- بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى ،<خۇدايىم توۋا ،ئاجايىپ ... يولدا باشقا ئادەم بولمسا >ھەيرانلا قالدىم ،ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك يارقىن سۇزۇك ئىدى .چىپپىدە توختىدىمدە ،كەينىمگە بۇرۇلدۇم .            

    ---ماڭا گەپ قىلدىڭىزما !!؟

  ئۇ كۇلۇمسىرەپ قويدىدە قولنى يانجۇقىغا سىلىپ بوينىنى سەل قىستى .

---ھىم ...ئىشقلىپچۇ ،مىنى يانداپ ئوتۇپ كەتكەن مۇنۇ قارا كۆزگە گەپ قىلدىم ،ئاۋۇ دەرەخقۇ گەپ چۇشەنمەس ھەقچان !!؟،ھى ھى ھى ...

  ئۇ شۇنداق دىگەچ يىنىمغىلا كىلىپ توختىدى .بىر بىرىمىزگە دەقىقە قاراپ قىلىشتۇق-دە،تەڭلا كۇلۇشۇپ كەتتۇق .   

  ---   خا...خا ...خا ....   ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم ،بىر ناتونۇش قىز بىلەن تۇنجى پاراڭدا بۇنداق پاراڭلىشىش ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى .                                                                             

   ---قانداق يىگىت ،ياخشى تۇرغانسىز !؟--سورىدى ئۇ يەر تىگىدىن كۇلۇمسىرەپ قاراپ .   تىخىمۇ ھەيران قالدىم .      

  ---ھەيران بولىۋاتىسىز ھە ؟!! خاخا خا ...قانداق ،ئالدىراش مىڭىپتىكەنسىز ،بىرەر ئىشقىغۇ ئالدىرمايدىغانسىز ؟!!---ئۇنىڭ ھەر بىر ئىغىز سۆزىگە تاتلىق كۇلۇمسىرەش ھەمراھ ئىدى .                           

  ---ھە ياق ،شۇ ...ياتاققا كىسسەممۇ قىلغىلى ئىش يوق ،سىنىپقا ماڭغان ...

---ۋاھ ،ھازىرمۇ شۇنداق تىرىشچانكەنسىزدە ؟!خاخا خا...،دىدى ئۇ خۇددى مىنى تونۇيدىغاندەكلا ،يۇرۇڭ ،تەكرارغا خىلى با،مەيداننى بىللە ئايلىنىشىپ بىرىڭە

ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم ،مەندە ھەيرانلىقتىن كۆرە ئۇنىڭغا قىزىقىپ قىلىۋاتاتتىم .

---سىز...،---دىدىم ،ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي .

---خا خا خا...مەن سىزنى تونۇيمەن ،ئىسمىڭىز مۇختەرغۇ !؟؟يەكەندىن ،ھى ھى ھى.... ما گەپنى كۆرۇڭ ،ئەمدى ھەيران قالمىدىم دىسەم  قۇرت قوڭغۇزلارمۇ ئىشەنمەس ،سۇئال نەزىردە قارىدىم.

---يول ماڭسىڭىز تىز ماڭىدىكەنسىز ھە ،دائىم شۇندا تىز مىڭىپ يانداپ ئۆتۇپ كىتىسىز ،بىر نەچچە قىتىم قاراپ ئۆتۇپ كەتتىڭىز ،توختاپ گەپ قىلامىكى دەپ خىلى تاما تۇتقان ،لىكىن سىزدىن ئۇندا ئىنجا كەممىدى،قارىغاندا راست خىجىلچان ئوخشايسىز ،ھى ھى ھى ....   

   ھەيرانلىقىم ئەۋجگە چىقتى ،ماڭا ياندىشىپ كىتىپ بارغان مۇنۇ قىز ئۆزۇنىڭ كىملىكىنى دىمەيۋاتاتتى .              

   ---مىنىڭ ئىسمىم ئايقىز ،مەنمۇ يەكەنلىك .

---ھە ؟!!                          

    ---خاخا خا...مىنى قانداق تونۇيسىز دىمەكچىما ،---دىدى ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ، ---ئەينى چاغدا بىر يىزىنى سورىغان مۇختەر تۇسىڭىز ،تونۇمىسام بولماس .

  چۆرگلىپ قويۇۋەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم . ئەمدى مەنمۇ ئۇنىڭدىن سوراشقا باشلىدى

---گىپىڭىز شۇنداق سىرلىقكەنغۇ سىزنىڭ !؟

---ھى ھى ھى ...ھەي كاللىڭىز ئوتكۇر بولغىنى بىلەن ئىسىڭىزدە بىر ئىش تۇمايتكەن جۇما ،تولۇقسىز ئىككىدە يازدا 5-ئوتتۇردا ئۆتكۇزگەن ھىلىقى زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ئىسىڭىزدىدۇ ؟!!

---ھە راس ،ھە ھە ھە        

---ھە شۇ ،شۇ چاغدا ئاڭلىغان نامىڭىزنى ،ھەممىسى چۆرىڭىزگە ئولۇشۇپ ئۇندا جانلىقيەي بۇندا يامانيەي ،مەكتەپنى سورايدۇيەي دەپ ماختاپ كەتكەن ،ۋىيەي مەينەتلىكىڭىز سىزنىڭ ،خا خا خا....بالدۇر كەممەي ،كىيىن خالادىن چىقىپلا ئاران ئۇلگۇرۇپ مۇسابىقىگە ،كىيىن چۇشۇپلا قولنىمۇ ژۇماي شاپتۇل غاجىغان بالا سىز شۇغۇ ...

   راس گەپنى قىلسام تولۇقسىز باشلانغۇچتىكى چاغلىرىمدا ھەقىقەتەن يامان ئىدىم ،ئۆزۇمنى ماختاپ ئەمەس دەرىستىمۇ ئۇيۇندىمۇ بار ئىدىم ،مەكتەپتە ئاساسەن تونۇمايدىغان ئادەم يوق ئىدى،مەكتەپتىلا ئەمەس ،كەنتىمدىمۇ ھەممە ئادەم بىلەتتى،ھەي ،ئۇ چاغلار ئىشقىلىپ ھەممە ئادەم ماڭا ئامراق ئىدى .

  ---خاخا خا ...،---ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي مەنمۇ كۇلۇپ كەتتىم ،--- ھە ياق ھەي ...ھە راس ،سىزمۇ قاتناشقانما !؟

  ---ۋىيەي دەپ قاپسىز ،مەن قاتناشمىسام كىم قاتنىشىدۇ !؟ سىز يامان بوسىڭىز مەنمۇ يامانتىم ئۇ چاغدا ،ھى ھى ھى ...

---5-ئوتتۇردا ئوقوغانما ؟،---سورىدىم .

---ھە ئە ،ئوخشىمامدىكەممە!؟؟

  ---ۋاي تاڭ جۇما ،ئىشقىلىپ مەن ئايقىز دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن جۇما .

---ۋىيەي ،دەپقويسام ئەمدى ،ئاڭلىماپتىكەممە دەپ ...

---خا خا خا ... ۋاي چاقچاق قىپقويدۇم ،ھە راس ،سىزنىڭ ئىككىنجى يىلنىسىما مىيەگە كەگننىڭ ؟                       

--چىتتتت...جىڭ ئاشۇ ...مەتۇ ،---دىدى ئۇ ئاغزىنى چىكىلدىتىپ ،---مەنمۇ بۇ يىل كەلدىم ساراڭ ،مەن 3-سىنىپتا ،سىز 1-سىنىپتىغۇ !؟

---ھە ،ۋوي ،ئىككلەيلەننىڭ سىنىپى بىرىنجى قەۋەتتە تۇرسا ...ۋوي مەن تىخى سىزنى گاۋ يى (تولۇق بىر)دىمىكى دەپتىمەن ،ھى ھى ھى ...

شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ كەتتۇق ،تۇنجى قىتىمدا بۇنداق پاراڭلىشىش ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ھەم ئۆزگىچە ئىدى .شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مەيداننى كەچلىك تەكرار باشلىناي دىگەنگەنگە قەدەر بىرگە ئايلاندۇق .شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۇنىڭغا باشقىچە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم ،بىر ئىش زادىلا كاللامدىن ئوتمەيۋاتاتتى ،بىز ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەن بالىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۇرشى ناھايتى چىڭ ئىدى ،قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە رايۇنلاردىكى ئىچكىرگە ئۆتكەن ئوقوغۇچىلار قەشقەر شەھرىگە بىر تۇتاش ئاپىرىلىپ كىرەمباغ دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك تەكشۇرۇشتىن ئۆتەتتۇق ،ئۇنىڭ پۇتى شۇنداق تۇرسا ...گەرچە كاللامدا باشقىچە خىيال بولمىغىنى بىلەن مۇشۇ قىزنىڭ ھەربىر ئىشى ماڭا ھەيرانلىق تۇيۇلاتتى ،شوڭا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۇم بار ئىدى ،بىراق ئۇنىڭدىن <بۇ نىمە سەۋەب> دەپ سورىغىلى بولمايدۇدە .ئۇزۇن ئۆتمەي بىز ئايلىق ئىمتاھانغا قاتناشتۇق ،نەتىجە چىققاندا سەل پەل بىرنىمىنى چۇشەنگندەك بولدۇم ،ئۇ پۇتۇن يىللىق بويىچە بىرىنجى بولغان ئىدى ،ھەتتا ئىككىنجى بولغان ئوقوغۇچى بىلەن نۇمۇرى خىلى بەك پەرىقلىق يۇقۇرى ئىدى.نەتىجە چىقىپ ئۇچكۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىرگە مىڭىپ قالدۇق .

---مۇبارەك بوسۇن قىزچاق  

  ---نىمىگە؟  

---بىرىنجى بوپسىزغۇ ؟!         

---خى خى خى ...---ئۇماڭا قاراپ تاتلىق بىرنى كۇلۇمسىرەپ قويدىدە ،دىدى ،---ۋىيەي ،مەن بىلمەيدىغان بىرەر ئىش خۇشاللىق ئىش بوغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تىخى.بوپتۇ ،رەخمەت ،قىنى ئەكىلىڭە !؟

ئۇ چىپپىدە توختىدىدە ،ماڭا كۇلۇمسىرەپ قىنى بەرمەمسەن دىگەندەك قولىنى ئۇزاتتى.

---نىمىنى ئەكىلىمە ؟!

---يەنە ھەيران قالدىم .         

  ---مىنى تەبىرىكلەۋاتاتتىڭىز ،تەبىرىك سوۋغىسى چۇ !؟

  ---ھە ؟...مەن ...                  

---خىڭ ،---دىدى ئۇ ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ ،---ھازىرچۇ ئۇكام ،بىكاغا مۇشۇك ئاپتاپقا چىقمايدۇ جۇما ھە               

   ---مەنشۇ ..مۇندالا ... ما قىتىم مەندە ئامەنەت قاسۇن .

--- نىسىدىن تەلىيىم يوق مىنىڭكى .

---يا بوممىسا ھازىرلا ئەكىلەي بوممىسا ،---شۇنداق دەپلە كگينىمگە بۇرۇلدۇم .بىراق ئۇ دەرھال كوينىكىمدىن كاپپىدە تۇتۇپ تارتتى .

---ماڭا نىمە بەمەكچى ؟---بۇ قىتىم ئۇ كۇلمىگەنىدى ،ئەكىسچە چىرايى تاتىرىپ كەتتى ،ئۇ شۇنداق دىدىدە يولىغا قاراپ ئاستا راۋان بولدى .نىمىش قىلىشىمنى بىلمەي ئۇنىڭغا ئۇنسىز ئەگەشتىم.---مىنى ئازراق بولسىمۇ چۇشەنسىڭىزكەن كاشكى،---دىدى ئۇ خۇرسىنىپ ،---بىلەمسىز ،مىنڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئىشلارغا مۇبارەك بولسۇن دىيىشلەر بىلەن خوشۇممۇ يوق ،باشقىلارنىڭ بىر نەرسە بىرىشلىرگىغۇ ئەسلا ئۆچ ،نىم پايدىسى بۇنداق قەدىر قىممەتسىز ماددى نەرسىلەرنىڭ ،بايا سىزگە چاقچاق قىپقويغان ،---ئۇ بىردەم جىمىپ كەتتىدە يەنە داۋاملاشتۇردى ،---مەيدانغا چىقامدۇق ،سىنىپقىمۇ بالدۇر ،بىرەر ئىشىڭىز بامىتتىيا!؟،---ئۇنچىقماستىن ئۇنىڭ سولداشتىم ،---مىنىڭ ئۇگۇنۇشۇم ئەزەلدىن مۇشۇنداق ياخشى ،---دىدى ئۇ سۇلغۇن قىياپەتتە ،---باشلانغۇچتىن تاتىپ ئەلاچى ئىدىم ،ھەر قىتىم سىنىپتا بىرىنجى بولاتتىم ،ئادەتتىغۇ ئانچە كىتاپ كۆرۇپمۇ كەتمەيمە

---ھە ،تۇغما يامان دەڭە ،---ماختاپ قويدۇم .بىراق ئۇ سۇلغۇن بىرنى كۇلۇپ قويدىدە باشقا ئىپادە بىلدۇرمەي سۆزىنى داۋام قىلدى .

  ---مەن مىنى ماختىغان دائىم ماختايدىغان ئادەم بىلەن خوشۇم يوق ...كىچىكىمدىن تارتىپ مەن ماختىلىپ كەتكەن ئىشلار سان ساناقسىز ،بىراق ھەممىسى يالغان بىلەمسىز ،نىمىشقا دەڭ !؟چۇنكى ،---ئۇ شۇنداق دىدىدە ماڭا سول پۇتىنى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ دىگەنلىرنىڭ تىگىگە مەن تازا يىتىلمىسەممۇ ئاز تولا بىر نەرسىنى بىلگەندەك بولدۇم ،ئەلۋەتتە ئايقىزغا ئوخشاش قىزلار باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىق قىلىشلىرنى ئۆزىگە بولغان كەمسىتىش دەپ بىلىدۇ   .         

---پۇتۇم مۇشۇنداق بوغاچقا ،---دىدى ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ ،---ئەتراپىمدىكى كىشىلەر مىنى خۇشال بولسۇن دەپ مۇشۇنداق ماختايدۇ ،بىلەمسىز ،باشقىلا مىنى ماختىغان چاغدا ئىچىمدە بىر نەرسە ئۆمىلەۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن ،...مىنى ھازىرغا قەدەر بىرمۇ مىنى چۇشىنىدىغان دوستۇم يوق ،ئادەتتە كۇلۇپ ئىچىلىپ يۇرگۇنۇم بىلەن شۇنداق يالغۇزلۇق ھىس قىلىمەن،كۇلۇپ يۇرۇشۇم تاش مىجەز بولغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك ،ئىشقىلىپ شۇنداق ...مىنىڭ ئىچكىر تولۇققا ئۆتۇشۇممۇ پۇتۇنلەي ئۇگۇنۇشۇمنىڭ ياخشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ...مەن سالامەت تەكشۇرۇشكە بامىغان ،بوممىسا بۇ يەرگە كىلىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى ...چوقۇم ھەيران قىلىۋاتىسىز ،چۇنكى مىنىڭ بۇ پۇتۇم تۇغۇلغاندىلا مۇشۇنداق تۇغۇلۇپتىكەنمەن ،شوڭا باشقا تەن سالامەتلىكىمگە ھىچقانداق تەسر يوقمىش ،ئەلۋەتتە بۇ مەكتەپنىڭ دوختۇرخانىدىن ئالاھىتەن ئالدۇرغان ئىسپاتى ئىدى ،شۇنداق قىلىپ ئۆتۇپ قالدىم شۇ ،ھى ھى ھى ...نىمىشقا دوستىڭىز يوق دەپ سوراپ قويمايسىزغۇ !؟؟

ئۇنىڭغا <گەپنى چىقاردىڭ ،ئەمدى سوراش ھاجەتسىز ،ئۆزۇڭ دىگىن >دىگەن مەنىدە سۇئال نەزىرىم بىلەن قارىدىم

   ---خى خى خى ...---داۋام قىلدى ئۇ ،---نىمىشقا دەڭ ،چۇنكى مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم مەندىن تەپ تارتىدۇ ،ئالدىمدا ھە ھە دىگىنى بىلەن ئەمىليەتتە ھىچقايسىسى قەقىقى ئارلاشمايدۇ ،بۇنىڭ سەۋەبىمۇ پەقەت بىرلا ،چۇنكى مەن دەرىستە ئالاھىدە ياخشى ،ئۆزەممۇ ھەيران ،مەنغۇ دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا باشقا كىتاپقۇ كۆمەيمەن بوممىسا ،لىكىن مەن ئۆيەمگە باسام شۇندا ئەركىن بولاپ كىتىمەن ...خى خى خى ...ھە راس ،تۇلۇقسىز .ئىككىدە مەن مەكتىپىڭىزگە باغان ،سىز ئىشقولدىنغۇ !؟؟قاقاسلىقى مەكتىپىڭىزنىڭ خۇدى ...خى خى خى ...لىكىن بەك خوش بوغان ئۇ چاغدا ،رۇقىيە  خانىمنى تونىيامسىز؟  ،ئۇ مىنىڭ نەۋرە ئاچام ،ئۇنىڭ بىلەن چىققان مەكتىپىڭىزگە ،شۇ چاغدا زالنىڭ ئالدىدىكى چوڭ تاختايدا بىرمۇنچە باللىنىڭ رەسىمىنى چاپلاپ قوياپتىكەن ،سىزنىڭ رەسىمىزمۇ باكەنغۇ ،قارىسام مۇختەر دەپ تۇرۇپتىكەن ،ھەي ،خا خا خا ...ھىلىقى رەسىمىنى ئويلىساملا كۇلگۇم كىلىدۇ جۇما ،  شۇندا رەسىمگە چۇشەمدۇ ھەي ...خا خا خا ،ھايندالام خۇدى ،خا خا خا...                                                                                                                           

---ئۇنىڭ ھىلىقى رەسىمدىكى چىرايىمنى دورىغىنى كۆرۇپ مەممۇ كۇلۇپ كەتتىم .

  ---خا خا خا ...دەششەتكەنسىزغۇ سىز ھەي ....خا خا خا ...ئەيدا سەت چۇپتىكەممەمما ؟

---خا خا خا ... ۋىيەي ،قۇسقام ئاغىرىپ كەتتى كۇلۇپ بولامماي ...شۇندا شۇ ،ئىشقىلىپ مەن سىزنى خىلى بۇرۇنلا بىلەتتىم .

  ---.....

  يەنە نۇرغۇن پاراڭلارنى سىلىشتۇق ،كۆز تەگمىسۇن ،ئۇنىڭ ھەر بىر ئىغىز گىپى شۇنداق جايىدا ھەم ئىسپاپلار بىلەن چىقاتتى،مىجەزىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى دەيمۇ ،ئۇنىڭغا قايتا سەپ سالدىم ،ئۇ كۇلگەندە مەڭزىدە زىناق پەيدا بولاتتى ،سول مەڭزىدە قاپقارا مەڭ بولۇپ تەڭ كۇلەتتى ،ھە راس ئۇنىڭ مەندىن ئىگىز ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھىس قىلغان ئىدىم.

  ---ئۇڧ ،ھەجەپ يەڭگىللەپ قالدىميا ،---دىدى ئۇ  يەڭگىل تىنىپ ،---ئۇزۇن بولاپتىكەن بۇندا گەپ قىپ باقمىغىلى ،ھە راس ،مەن يىزىغا بەك ئامراق ...خى خى خى ... ھەي ،نىماندا گومۇش سىز ،شۇنچە گەپ قىسسام بىرەرنى ئوسىراپمۇ قويمىدىڭىز .

---ھە شۇ ،گىپىڭىزنى ئاڭلاپلام شۇ ،خى خى خى    ...

  ---ھەي ،ئىككىمىز دوس بولايلىچۇ .

  ---ۋىيەي ،  ھە ماقۇل ،بۇنىڭ نەرى تەس ،خا خا خا ...

  ---ھەي مەن راس داۋاتىمەن ،ئەستايىدىلراق بولىڭە ،---دىدى ئۇ ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ ،---ئەكىلىڭ ،قول ئىىللپ دىيشىمىز ،دوسقا ۋاپاسىزلىق قىممايمىز جۇما ھە .خى خى خى ...سىزچۇ مىنڭ بىرىنجى دوستۇم جۇما ھە ،يەنە كىلىپ يات جىنىستىن دەڭە .خى خى خى ...بوپتۇ، تەلىڭىز باكەن

  ---......                        

     شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن چىمچىلەك بارمىقىمىزنى ئىللىپ دوست بولۇشتۇق .گەرچە بۇ بىر شەكىل بولغىنى بىلەن مەنىسى چۇڭقۇر ئىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ يىقىن بولۇپ كەتتۇق،قىسقىسى ئۇنىڭ بىلەن ھەپتىدە ھىچ بولمىغاندا ئىككى قىتىم مۇشۇنداق بىللە ئايلىنىدىغانغا پۇرسەت كىلەتتى ،ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئائىلىسى توغۇرلۇق پاراڭلارنى قىلىپ بەرگەنلىردە شۇنداق خۇشال بولۇپ كىتەتتى .

  ---دادام ساقچى قاراڭ ،---دەيتتى ئۇ ،---دادام دائىم كەچ كىلىدۇ ،ئۇندا بوغىنى بىلەن دادام ئۆيگە كەلسە ئوي ئىچى قىزىپ كىتىدۇ دەڭە ،خى خى خى ...دادام دائىم ئاپامنى تىرىكتۇرۇپ ئوينايدۇ ،دادم <بالام ،ئاپىڭىز كىچىڭ چىغىدا دائىم تىگىمەن دەپ كەينىمگە كىرىۋالاتتى ،مەن چۇ ساقچىلىقنى ئاپاڭلاردىن ئۇگەنگەن ،مەن ئاممايمەن دەپ قاچاتتىم ،ئۇ ئاممىساڭ ئۆلىمە دەپ كەينىمدىن قوغلاژۇپ مۇشۇنداق ماڭا تىگىۋاغان >دەيتتى ،خا خا خا ...ئانام ئاڭلاپ <ۋۇ بىشىڭنى يەيدىغان ئوغرى >دەپ تىرىكىپ دادامنى ئوينىڭ ئىچىدە سۇرگۇن توقاي قىلاتتى ،خاخاخا ...سىڭلىم ئىككىمىز بىر ياندا قوساقلىرمىزنى تۇتۇپ كۇلۇشۇپ تاماشا كۆرەتتۇق .خا خا خا ....

  ---خا خا خا ...

ئۇنىڭ گەپلىردىن مەن خۇددى  ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەندەك تۇيغۇدا بوپ كىتەتىتمدە كۇلۇپ كىتەتەتتىم ،بىر بىرىمىزگە قاراپ كۇلۇشۇپ كىتەتتۇق ،  مىنىڭمۇ دادام بوغان بوسىچۇ  ،ئانام بىلەن مۇشۇنداق ئىناق ئىتىپاق ئۆتكەن بولسا ...تۇيۇقسىز شۇنداق خياللارنى قىلىپ قالاتتىم ،خۇددى ئۆز ئاتا ئانام مۇشۇنداق قىلىۋاتقاندەكلا .

  ---سىزنىڭ سىڭلىڭىز باما ؟،---سورىدىم ئۇنىڭدىن قىزىقىپ .

  ---ھەئە ، ئۇنىڭ بىلەن بىژژەگە كىدىغان بوساق ،سەنەتچىلەر باكا قاسۇن جۇما ،دەششەت ئامراق ھە ئىككەيلەن دىگەن ،خاخا خا...

--- خا خا خا ،---پونىمۇ بىر كىشلىك ئىتىپ قويدىكەنسىز جۇما ...سىڭلىڭىز چىرايلىقما !؟

---دەپقاپسىز ،مىينۈ(ساھىبجامال )دەڭە مىينۈ .ھى ھى ھى ...

  ---خا خا خا ...ۋوي ھەممىڭلا چىرايلىقمۇ نىمە سىلەنىڭ ئۆيدە ھە !؟

---ھەئە ،بىزگىچۇ بۇدىگەن ئىرسىيەت ،داداممۇ شۇندا شۇۋەي(سۇمباتلىق)   ،ئاناممۇ شىجيى مىينۈ(دۇنيا گۇزىلى)لىردىن دەڭە ...خا خا خا ...ئىشقىلپ بىزنىڭ ئۆي دىگەن ئاز تىپىلىدىغان ئۆي ...ھى ھى ھى ...

ئۇنىڭ بۇ گىپىگە سۇسقىنە كۇلۇپ قويدۇم ،كۇلكەم بىر ئاز قاچقان ئىدى ،كىمنىڭ ئائىلىسى شۇنداق دۇنيادا بىر ئەمەس ؟تۇيۇقسىز ئۆزۇمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىم يادىمغا يىتىپ كۆڭلۇم بىر ئاز يىرىم بولدى ،لىكىن مەنمۇ چاندۇرماي ئائىلەمنى تەسۋىرلەپ بەردىم .مەن بوۋامنىڭ سىماسىنى پۇتۇنلەي دادام دەپ تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدىم .

---لىكىن ،---سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ ،---ئويدىن ئايرىلساملا ئۆزۇمنى شۇندا يالغۇز ھىس قىلىمەن ،لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس ،چۇنكى سىزدەك دوستۇم با بولدى ،ھى ھى ھى ...،شۇنداق دەپ ئۇ ماڭا كۇلۇمسىرەپ قويدى ،---دادام ماڭا دائىم <بالام ،ئادەم ئۆزى ئۇچۇنلا ياشىمايدۇ ،قاندا قىلساڭ كۇلۇپ ئۆت بالام ،مەيلى قاندا ئەدەمگە گەپ قىلساڭ سىلىق سىپايە بول >دەيتتى ،---ئۇ ئۇھ سىنىپ قويدى .

شۇ يىلى 11-ئايدا مەكتەپ تەنھەركەت يىغىنى ئىچىلدى ،بۇ ئىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تەنتەربىيە تۇرلىرگە تىزىملىتىش باشلانغان ئىدى ،بىر كۇنى ئايقىز مىنى ئىزدىدى .

---سىز قايسى تۇرگە تىزىملىتىسىز ؟

مەن ئاللىقاچان يۇگرەش تۇرىدىن ئۇچ تۇرگە تىزىملاتقان ئىدىم .ئۇنىڭغا بۇنى ئىيتتىم ،ئۇ ئاڭلاپ :                           

   ---نىمە ،ماڭا دەپمۇ قويماي ...مەنمۇ تىزىملىتاي دىگەنتىم ،مەن ئۇيۇل توپ ئىتىشقا تىزىملاتتىم ،گەرچە يۇگرەممىگىنىم بىلەن قولۇمدا خىلى كۇچ بار ،ھى ھى ھى ...

  ---ياخشىغۇ ،غەيرەت قىلىڭ  .

ئۇ بۇقىتىملىق تەنھەركەت يىغىنىدا ئۇيۇل توپ ئىتىشتا بىرىنجى بولغان ئىدى .مەن ئۇزۇنغايۇگرەش مۇسابىقىسىدە 7-بولدۇم ،يۇگرەش جەريانىدا ئۇ مەيداندىن  ئۇيان بۇيانغا ئاخسىغان پىتى يۇگرەپ تۇتۇپ تۇرۇشى ئۇچۇن بەرگەن چاپىنىمنى خۇددى كىچىك بالىلاردەك پۇلاڭلىتىپ ئاشۇ سۇزۇك ئاۋازى بىلەن جىۋىرلاپ جىۋىرلاپ ماڭا مەدەت بەرگەن ئىدى .

     كۇنلەرنى شۇ تەرەققىىدە ئۆتكۇزۇپ بەشىنجى ئايغا ئۇلاشتۇردۇق ،بۇ جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن قانچلاپ قانچىلاپ چاقچاق قىلىشىپ يەنە بىر بىرىمىزنى قانچىلاپ قانچىلاپ تىرىكتۇرۇشكەن ئىدۇق ،راس گەپنى قىلسام ئۇنىڭ جىللە بوپ ئاغزىنى ئۇمچەيتىۋالغان ھالىتى دەھشەت ئوماق ئىدى ،مورەمگە شاپاللاپ كتىشلىرچۇ تىخى ،بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز دوسلۇقتىن سەل ھالقىپ كەتكەندەك قىلاتتى ،بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ يىقىن ،بىر بىرىمىزگە باشقىچە قارىشاتتۇق ،بىر يەرگە كەلسەك يىڭى يىڭى تىمىلار چىقىپ تۇراتتى ،بىر يىل  توشاي دىدى ،7-ئاي يىقىنلاشقانسىرى ھەممەيلەننىڭ يۇرىتقا ۋە ئائىلىگە بولغان سىغىنىشىمىز ئىشىپ باراتتى .

---مەھەلىگىز چىرايلىقمۇ ؟،سورىسدى ئۇ بىر كۇنىدى ئۇچۇرشۇشتا ،---مەن يىزىغا بەك ئامراق ،تەتىلدە ئۆيىڭىزگە چىقسام ئوينىتامسىز ؟

  ---ئەلۋەتتە ،بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ ..ھى ھى ھى ...

كۆڭلۇمدە بىرئاز بىئارام بولدۇم ،چۇنكى مەن ئۇنىڭغا تەسۋىرلەپ بەرگەن بەخىتلىك ئائىلە ئەمىليەتتە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى ،قىسقىسى مەن ئائىلەمنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تا ھازىرغا قەدەر يۇشۇرۇپ كەلگەن ئىدىم ،چۇنكى مەنمۇ باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىق قىلىشىنى خالىمايمەندە .توت كۆز بىلەن كۇتكەن كۇن ئاخرى كەلدى ،تەتىل بولۇپ ئويگە قايتتۇق .بىراق تەتىلدە ئۇنىڭ بىلەن جىق ئالاقىلىشىپ كىتەلمىدۇق ،ئۇنىڭ بىزنىڭ مەھەلىگە كىلىپ ئوينايدىغان ئىشىمۇ بەزى سەۋەبلەر تۇپەيلى سۇغا چىلاشقان ئىدى . ۋاقىت مەكتەپتە ناھايتى ئاستا ئۆتكەن بىلەن ئۆيدە ناھايتى تىز ئۆتىدىكەن ،ھاي ۋۇي دىگىچە تەتىل توشۇپ قالغان ئىدى .      

تولۇق بىرغا چىقتۇق ،بىز تولۇق بىردا شۇ جايلىق خەنزۇ ئوقوغۇچىلار بىلەن بىللە ئوقۇيتتۇق ،خۇددى دىيىشىپ قويغاندەكلا ئۇنىڭ سىنىپى بىلەن مىنىڭ سىنىپىم قوشنا ئىدى ،يەەنە كلىپ ئالتىجى قەۋەتتە ئىدى ،ئۇنىڭغا سەل ئىچىم ئاغىرىپ قالغان ئىدى ،كۇندە ئالتىجى قەۋەتتىن نەچچە قىتىم چۇشۇپ نەچچە قىتىم چىقىش ئاسان ئەمەستە ،بىراق ئۇنىڭ قەيسەرلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايتتىم ،ماڭغاندا باشقىلاردىن قىلىشمايتتى ،كىيىنكى كۇنلەرنى  يەنە شۇنداق مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۇزدۇق ،چۇشلۇك دەم ئىلىشتا ،كەچتە تەكراردىن چۇشكەندە دائىم بىرگە ماڭاتتۇق ،بارغانسىرى بىر بىرسىمىزگە ئامراق بولۇپ قىلىشقان ئىدۇق .يەنە بىر قىتىملىق تەتىل يىقىنلاشتى ،بىر كۇنى چۇشلۇك دەم ئىلىشتا بىرگە كىتىۋىتىپ :

  ---ئۆيىڭىزنىڭ نۇمۇرى قانچە ؟ئالدىنقى قىتىم تەتىلدە ئالاقىلىشالماي چىقالمىدىم ،بۇ قىتىم چىقمىسام ھىساب ئەمەس ،ھى ھى ھى ...

  ئۇنىڭغا ئۆينىڭ نۇمۇرىنى دەپ بەردىم ،ئۇزۇن ئۆتمەي تولۇق بىرنى پۇتتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشتۇق .                           

  7-ئايدا يىزا يىشىللىق بولۇپ كىتەتتى ،ئىتىز ئىتىزدىكى مايسىلار باراقسان بولۇپ كىشىگە باشقىچە ھوزۇر بىرەتتى ،گەرچە ئىتىز ئىشلىرى ھارغىنلىق بولغىنى بىلەن كىشىگە يەنىلا باشقا تەسىر بىرەتتى ،شوڭلاشقا مەنمۇ بۇ قايناق يىزامنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم .بىر كۇنى قاق سەھەردىلا ئوينىڭ تىلڧۇنى جىرىڭلىدى .

---ۋەي                                 

---ۋەي ،مۇختەرمۇ ،ھى ھى ھى ،مەن ئايقىز ،---ئۇ دىمىسىمۇ ئاۋازىدىنلا تونۇپ بولغان ئىدىم ،---قانداق ،تىشلىقمۇ ؟

---ھە ،ياخشى ياخشى ...ھى ھى ھى ،ئۆزىڭىزچۇ ؟!

---مەنمۇ ياخشى ،قانداق ،باكامۇ يا !؟ ئۆيىڭىزگە چىقاي دىگەن ،بولامدۇ !؟

---ئەلۋەتتە بولىدۇ ،خى خى خى ...بىكا بوساممۇ سىزگە قىلغۇدەك ئىش تىپىپ قويمەندە ئالاھىدە چىققاندىكىن .خا خا خا ...

---ھىساپ ،گىپىمىز گەپ ئەمىسە ،مەن بىكەتتە ،ھازىرلا يىزىڭىزغا چىقىدىغان ماشنىغا چىقىپ يولغا چىقىمەن ،بازاغا كەگەچ تۇرۇڭ ،چاپسان بولۇڭ ھە ،سىز ساقلىسىڭىزمۇ مىنى ساقلىتىپ قويماڭ ئىشقىلىپ ،خا خا خا ...ماقۇل ئەمىسە خوش ،سەل تۇرۇپ كۆرۇشەيلى .                        

دەرھال بوۋامغا دوستۇم كىلىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ ئىشەكنى ھارۋىغا قاتتىمدە يىزا بازىرىغا قاراپ ماڭدىم،ئىشەكنى شۇنچە تىز ھەيدىگەن بولساممۇ ئۇ ئاللىقاچان ماشىنىدىن چۇشۇپ بوپتىكەن ،ناھايتى خىجل بولدۇم .                                                                        

---خاپومماڭ ،ئىشەك ماڭغىلى ئۇنماي ...

---خاخاخا...ئون مىنۇتتا كەپ بولدىڭىز ،مەنچۇ ،سىزگە تىلڧۇن قىلغان چاغدا ئاللىبۇرۇن كەپ بوغان .                        

---ھە !؟ نىمىشقا ...            

---خا خا خا ...خاپومماڭە ،مەنمۇ شۇ سىزنى ساقلاپ قاممىسۇن دەپ شۇ    ،ئەتتىگەن ناشتا قىپ بولاپلا يىزىغا دوستۇمنىڭ ئۆيىگە چىقىمەن دەپلا يىنىپ چىققان ،شۇ بەك سەخە چىقىپتىكەنمەن قاق ئەتتىگەندە ئاۋارە قىلماي دەپ شۇ ...

---تازىمۇ بىر،---گەرچە ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك سۆيۇنۇپ كەتكەن بولساممۇ   لىكىن يەنىلا يالغاندىن دومسۇيۇپ قويدۇم .

---خاپومماڭە ،---دىدى ئۇ ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ ئەركىلەپ .شۇ چاغدا يۇرۇگۇم باشقىچە سوقۇپ كەتكەن ئىدى .      

---چىقىڭە ھارۋىغا قالاپ تۇماي

  ---ۋىيەي ،ۋۇي غوجام ،نىمىگە ئاچچىغلايلا ئەپ  قويغان خوتۇنلىردەك .

---ئالدىرماڭ جۇما ھە ،پەلەكنىڭ چاقى تەتۇر ئايلىنىپ قاسا سىزمۇ مىنىڭ كەينىمگە كىرۋالامسىز تىخى تىگىمە دەپ ،خا خا خا ...

---ۋىيەي سىزگىما ئەدەم تىپىلمىغاندەك ،ئۇخلاپ چۇشىڭىز ....

  ---ھە مەن نىم بوپتىمە ،---ئاچچىغلاپ قويدۇم يالغاندىن تىرىككەن بوپ ،---چىقىڭە ھارۋىغا تولا گەپ قىلماي ...

ئۇ بىردىنلا ئىچىلىپ كەتتىدە :

---ھارۋىغا سىز چىقىڭ ،ئىشەكنى مەن ھەيدەيمەن .

---ھە ؟خاخاخا...چاقچاق قىمماڭە ،ئىشەك ئاپقاچىدۇ سىزنى ،---ئەمىيەتتە بۇ ئىشەك ناھايتى ياۋاش ئىدى .      

---ئىشەك ئاپقاچسا سىز با ،قوقمايمەن.

بوپتۇ دەپ ئارغامچىنى ئۇنىڭغا بەردىم ،ئۇ ناھايتى خۇشال بوپكەتكەنىدى .

---ئويىڭىزگە ئاز قاغاندا ئۆزىڭىز ھەيدەڭ جۇما ،بوممىسا دادىڭىز كۆسە باشقىچە ئويلاپ قاممىسۇن يەنە .

ئۇنىڭ <دادىڭىز >دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ يۇرۇكۇمگە پىچاق سانجىغاندەك بوپكەتتىمدە ،ھەقىقى ئەھۋالنى دەپ سالغىلى تاس ماس قالدىم . مەن بۇ ئىشنى يەنە ئويلاشنى ھەم تىلغا ئىلىشنى خالىمايتتىم ،قىسقىسى باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىق قىلىشىنى خالىمايتتىم .شوڭلاشقا ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىدىم .

---مەن بۇگۇن بوبامغا ياردەملەشكىلى كەلگەن ،ھازىر سىزنى بوبامنىڭ ئۆيىگە ئاپىراي ھە ،ئۇ سىزنىڭ كىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ .

---ھە ؟بوۋىڭىزنىڭ ئويىگە   ؟ئۇنداۋوسا ...

---ھەي ،ئىشىكىڭىزنى ھەيدەڭە ،بوبام ھىچنىمە دىمەيدۇ ،خوش بولىدۇ تىخى .

---مومىڭىزچۇ !؟                  

   ---ھە ،چوڭنامما ؟ئۇمۇ با  ،چوڭناممۇ ھىچنىمە دىمەيدۇ .خى خى خى ...

  ---خاتا چۇشۇنۇپ قاممامدا ؟

  ---  ئۇندا بوممايدۇ ،خاتا چۇشۇنۇپ قالدىمۇ دەيلى ،ئۇنداۋوسا نىم بوپتۇ ،بوبامنىڭ  دىيىشىچە ئۇ ئون يەتتە يىشىدا خوتۇن ئاپتىكەن ،مەنمۇ ئون سەككىزگە كىشەي دەپ قالدىم ،پەقەت بوممىسا بوبا ماۋۇ نەۋرە كىلنىڭ شۇ دەمەن .

  ---ئىشىڭىزنە قىلىڭە ،بىشىنى يەيدىغان قىلىن داشماق .                                                   ---خاخاخا ....،---ئۇنىڭ تىرىكىپ تىللىشىدىن ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي كۇلۇۋەتتىم .           

---ساق ئاشۇ،دەشنەم يىسە بەش نان يىگەندەك خوش بولدىغان مەتۇ ،قەيزگە ماڭىمىز؟

---ئوڭغا ...                          

  ئويگە كىلپ بولغىچە ئۇنى تىرىكتۇرۇپ كەلدىم ،كۇلۇپ ئۇچەيلىرىم ئۇزۇلەي دەپ قالغان ئىدى ،يولدا كەگۇچە ئۇ سىڭلىسىنىڭمۇ ئىچكىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىيتتى .

  ---ھە ؟سىڭلىڭىزمۇ ئىچكىردە ئوقامدا ؟نەدە ؟،---ھەيران بولغان تەلەپپۇزدا سورىدىم .

   ---ھەي مىنىڭ سىڭلىم ئىچكىردە ئوقوسا بوممامدىكەن ،---تىرىكەتتى ئۇ ،---قاملاشمىغان ،ئۇچۇ ماڭ قالاڭ ،شاڭخەيدە ئوقۇيدۇ ،ماقىتىم باسا گاۋيى(تولۇق بىر)غا چىقىدۇ ،بىزدىن بىر قارارلا تۆۋەن .

---ۋوۋ ،مۇندا دەڭ ،ئىسمى نىمە راس سىڭلىڭىزنىڭ ؟

---دىلدار ،قاندا ،چىرايلىقمىكەن.

  ---دىلدار ؟ئەيدامۇ ئىسىم بولامدا ؟

---جىڭ ئاشۇ مەتۇ ،سىزگە ئاشۇ غۇنچىخان ،قەلەمخان ،ئاشىىخان دىگەندك ئىسىم بوسا ئەنىكىن چىرايلىقكەن دەيتتىڭىز ،تۇتىڭە ئىشىكىڭىزنى ئۆزىڭىز ھەيدەڭ ،پەقەت ماڭمايكەن بۇ قوتا ئىشەك .

---خا خا خا ...،ئۇ قىزنىڭ قىلىقلىرى ۋە گەپ سۆزلىرى شۇنداق ئوماق تۇرسا ،كۇلمەي دىسەممۇ ئامال يوقتە ،شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۆيگە كىلىپ قالدۇق .

---چۇشسە خان ،ئۆگە كەلدۇق .

ئۇ دىككىدە سەكرەپ چۇشتىدە ۋىلىققىدە كۇلۇپ قويدى ،نىمە سەۋەبتىندۇر قىزىرىپ كەتتى ،يەر تىگىدىن ئىككى قىتىم جىملاپ قويدىدە ،ھارۋىغا ئەگىشىپ ئاستا ئۆيگە كىردى .

---ۋوي بالام ،كەلدىڭلىما ،ھە بالام چىژلىقمۇ !؟

  بوۋام ھويلىدىلا ئوغلاق سويغىلى تۇرۇپتىكەن ،بىزنى كۆرۇپلا  ئالدىمىزغا كەلدىدە ،ئايقىزدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى ،ئايقىز بوۋامدىن قورۇنۇپ قالدى بولغاي پوكاندك قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى .<ۋوي ،بوبام ئوغلاق سويىمەن دىمىگەن ،ھەجەپ...ئىناۋىتىم راس ئۆسىدىغان بولدىدە >ئۇنىڭغىچە موماممۇ  پالاقلاق چىقتىدە ئەھۋال سورىدى ،مومام بوۋامدىن خىلى بەك  كىچىك بولۇپ ماڭا ئۆگەي ئىدى .بوۋام <بالام ،ئادىشىڭنى ئوگە باشلىغاچ تۇ >دىدىدە ئىشىغا كىرىشتى ،بۇ جەريانىدا بوۋام ئاشۇ ئۆتكۇر كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ تەقى تۇرقى ۋە مىڭىشىدىن پۇتىغا سەپسىلىپ ئۇلگۇرگەن ئىدى ھەم ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولغاندەك ماڭا قاراپ كۇلۇپ قويغان ئىدى ،تۇرمۇشنىڭ شۇنچە ئىسسىق سوغۇقلىرنى بىشىدىن ئوتكۇزۇپ ھاياتنىڭ  قايناملىردا تولا قايناپ پىشىپ كەتكەن بۇ مىھرىبان بىچارە بوۋاي بىر قاراپلا كىمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايتتى ،ئۇ كۇلۇمسىردىمۇ بولدى ،ئۇنىڭ كۇلۇمسىرەش باھاسىغا ئىرىشكەن ئادەم مەيلى تەقى تۇرقى قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئاساسەن بوۋامنىڭ ئويلىغىنىدەك ئاەدم بولۇپ چىقاتتى ،مانا ،ئايقىز دەل بوۋامنىڭ كۇلۇمسىرەش باھاسىغا ئىرىشكەن ئىدى ،بۇنىڭدىن مەن تىخمۇ خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم .ئايقىزنى ئۆيگە باشلىدىم ،ئايقىز ئۆيگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن :

  ---يىزىنىڭ ئويلىرى ھەقىقەتەن چوڭ جۇما ،ئويڭىز خىلى بوپقالدىكەن ھە ...ھى ھى ھى ...ھەي سىز تىزراق خوتۇن ئاممىسىڭىز بومماپتۇ جۇما ،خوتۇن ئاسىڭىز بوۋىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىڭ جۇما ،بوۋىڭىزغا ياردەملەشمىسە بوممايدىكەن ،دىمىسىمۇ ئويىڭىزدە بىرەر قىتىم چوڭ تازلىق قىممىسا بوممايتقان يەگە يىتىپتۇ .

---خا خا خا ...بوممىسا سىزلا كىلىن بولىڭە . ---

مەنما ؟ۋوي مەن كاغا كەممەيمەن ھەي ...دىلدار بەك ئىشچان .

---خا خا خا ...،ئۇنىڭ گىپىدىن ئىككەيلەن تەڭلا كۇلۇپ كەتتۇق .

---ئوش نىمىلەنى دەپ كەتتىم ھەي ،خا خا خا ...بوۋىڭىز ئاڭلاپ قاممىغاندۇ ھە !؟نىماندا شاللاق قىزۋالا دەپمۇ قالا ،دىمىسىمۇ قىزۋالا تۇرۇپ ئوغۇللارنىڭ ئۆيىگە چىقسا ...

---ۋاي ھىشنىم بوممايدۇ ھەي ،مەن يا يات ئەدەم بوممىسام ،ھى ھى ھى ...

---ھە بوپتۇ ،ھى ھى ھى ،،،ھەراس ،بوۋىڭىزغا قوي سويغۇزۇپ نىم قىلىسىز دەيمە ،ئادەمنى خىجىل قىلىپ ،مەن مۇندالا ئويناپ چىقاي دەپ چىققان تۇسام ...

  راس گەپنى قىلسام بوۋامنىڭ ئوغلاق سويدىغىنىدىن مىنىڭمۇ خەۋرىم يوق ئىدى .

---ۋىيەي ،زىزودوچىڭ(ئۆزىگە ئىلىۋىلىش )بومماڭە ،سىزنى دەپ سويغان قوي ئەمەس ئۇ ،سىز بوممىسىڭىزمۇ سويتتۇق ئۇنى ،ھى ھى ھى...

--- ھە بوپتۇ ...،---ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ قويدى ئۇ .بىردومدىن كىيىن بوۋام كىردىدە <بالام قازانغا گوش ساپقويدۇم ،ئادىشىڭ بىلەن بىردەم ئويناپ تۇغىن ،مەن چوڭناڭ بىلەن چىقىپ ئۇلاغلىغا ئىككى تۆتتال ئوت تەپ كىشىلى ،قىزىم ،خاپومماڭ ھە >دەپ قويۇپ ئىتىزغا چىقىپ كەتتى ،ئايقىزمۇ چىقىپ ئوت ئالدىغاننىڭ جىدىلىنى قىغان ئىدى ،مەن قويمۇدۇم ،ئۇنىڭ بىلەن مەھەلىمىزدىكى ئوستەڭ بويىغا چىقىپ ئايلانغاچ مەھەللىنى ۋە ئىتىز بويلىرنى ئايلانماقچى بولدۇقتە ئويدىن ئاستا يولغا چىقتۇق ،بۇ ئايقىزنىڭ قىزغىن تەلىپى ئىدى،بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا ئۇ بىلىكىمدىن يىنىك تارتتىدە توختىدى .                           

---ھەي مۇندا قىللى بوممىسا ،مەنمۇ چىقىپ ئوت ئالاي دىسەم ئۇنمىدىڭىز ،بوۋىڭىز بىلەن مومىڭىز كىرگۇچە بىر قازان لەغمەن ئىتىپ قويلى ،مەن لەغمەن ئەتكىلى بەك ئۇستا ،سىز ئوچاققا ئوت قالاپ بىرىڭ ،مىڭڭە مىڭڭە ،---دەپ بىلىكمدىن تارتىپ ئەركىلىدى .    راس گەپنى قىسام مىنىڭمۇ ئۇنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يىگۇم بار ئىدى ،بىراق ئۇنى تاماق ئەتكۇزگلى بولمايدۇدە ،يۇزۇمنى قىلىپ چىققان تۇرسا،مۇشۇ مەن ئۇچۇن زور خۇشاللىق ،ئەمدە ئۇنىڭغا تاماق ئەتكۇزسەك بولمايدۇدە .ياق دەپ ئۇنمىدىم .

---ئەمىسە كىتىمەن ،---دىدى ئۇ خاپا بولغاندەك ،ئامال يوق مەيلى دىدىم ،ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقنى ئىغىز بىلەن تەسۋىرلەش تەس ئىدى .

  ---ئۇن نەدە داس نەدە ياغ نەدە دەپبەسىڭىزلا بولدى ،قاغان ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ،ھى ھى ھى ...            

  مەن ئوچاق بىشىغا كەلدىم ،ئۇ كۇلۇمسىرگەن ھالدا تاماق ئىتىشكە كىرىشىپ كەتتى، <بەك پەيزى بولدىكەن يىزىدا مۇندا ئاشخانىدا ئوچاققا ئوت قالاپ تۇرۇپ ئاش ئەتسە ،ھى ھى ھى ...ھەي ئوتنى ئالدىراماي قالاڭ مۇندا ،ياغ كويدۇ ...>دەيتتى ئۇ ،ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ھەر بىر قىلىقى ۋە گەپ سۆزىدىن شۇنداق سۆيۇنۇپ كىتەتىتىم ،ئۆزۇمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىغان ئىدىم شۇ چاغدا ،خۇددى قايسبىر كىنو ياكى ھىكايىلەردىكىدەك ھەقىقەتەن  رومانتىك ئىدى .شۇنداق قىلىپ بېر قازان تاماقتى پۇشۇراي دەپ قالدۇق ،قازان قاينا   ي دىگەندە:

---مىڭ ژۇگۇڭ ،بوۋىڭىز بىلەن مومىڭىزغا ئوت ئەكىرشىپ بىرىڭ ،بانى ئىلىپلا كىرسۇن ،يەتمىسە ھىلى مەن چىقىپ بىللە ئىلىشىپ بىرىمەن .

ئۇنىڭغا قاراپ دەقىقە تۇرۇپ قالدىمدە لام جىم دىمەيلا ماڭدىم ،ئۆزۇمنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيتتىم ،خۇددى خىيالىي دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ئىدىم ،<ئەگەر مۇشۇنداق ئايالىم بوسا ھە ،بىر بىرىمىزگە مۇشۇنداق مۇئامىلدە مەڭگۇ ئۆتسەم ...>خىيالىمنىڭ ئايىغى يوق ئىدى ،كىممۇ بۇنداق خىيال قىممايدۇ دەيسىز ،ئەجىبا ئۇ بۇنداق خىياللارنى قىلمايدىغاندىمۇ ھە...!؟ئۆزۇم بىلەن ئكزۇم پاراڭلىشىپ ئىتىزغا كەپ قالدىم ،بىز ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئايقىز ن ئاللىبۇرۇن داستىغان سىلىپ بولغان ئىكەن .

---ۋاي جىنىم قىزىم ،ئەدەمنى خجىل قىلىپ خۇددى ،قازاننى مەن ئاسماي سىز ---دىدى مومام خىجىللىقىنى بىلدۇرۇپ.                                                                                            

---ھە ياق ھەي ،بىكا تۇرغىچە دەپ شۇ ...ھى ھى ھى ...ئۆزۇممۇ تاماق ئەتكىم كىلىپ تۇغان ،يىزىدا تاماق ئەتسە بەك پەيزى بولدىكەن ...خا خا خا ...قىنى ياپباقسا !                 

     ئۇ ئەمدىلىكتە پۇتۇنلەي ئىچىلىپ ئۆز ئۆيىدىكىدەك ئەركىن ھەركەت قىلاتتى ۋو سۆزلەيتتى ،ئۇنىڭغا قاراپ قىتىپلا قالغان ئىدىم .

---ھەي يىمەمسىز ،ئوخشىماپتىما !؟

---ھە ياق ،شۇندا ئوخشاپتۇ ،قولىڭىز تاتلىقكەن جۇما ،ھى ھى ھى...

مەنمۇ قىززىق ،خۇددى ئۆيدە بوۋام مومام يوقتەكلا ئىچىلىپلا كىتىپتۇق ،بوۋام ئىككمىزنىڭ گەپ سۆزلىردىن بىرنىمىلەرنى ئويلىدى بولغاي ماڭا قاراپ مەنىلىك كۇلۇپ قويدى .تاماقتىن كىيىن ئۇ مومام بىلەن بىللە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى ،مەن بوۋامنىڭ يىنىغا ئاستا باردىمدە يالغاندىن تۇزۇت قىلىپ :                                                            

  ---ئوغلاقنى سويمىغان بوسىڭىزمۇ بوتتى ،ئۇ بەك خىجىل بولاپ كىتىپتۇ .                     

---بەك بەلەن بالىكەن ،بالام تۆمىنى ۋاقتىدا سوققان ياخشى جۇما ھە ،خاخاخا ...ئاخماق ،---دىدى بوۋام گەپكە جاۋاپ بەرمەي باشقىچە مەنىدە سۆزلەپ .    ئالاھەزەل بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۇ ئاستا ئاشخانىدىن چىقتىدە ،ئالدىرماي يىنىمغا كىلىپ تەبىي كۇلۇمسىرەپ :

---قوسقىڭىز تويدىما !؟ھى ھى ھى ...                                                                                 

--- خا خا خا ...خەي ،مىنى بەك خجىل قىلىۋەتىڭىز جۇما .                                             

  ---ۋىيەي ،مەن قاشاڭلىق قىپ خىجىل بوممىسام سىز نىمىگە خىجىل بولىسىز !؟قىززىق ،خوشۋولىڭە مۇندا .،---ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ قويدى ئۇ . ئىختىيارسىز ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم ،ئۇ رەت قىلمىدى ،شۇ چاغدا خۇددى توك سوققاندەك بوپ كەتتىم .

---رەخمەت ،---دىدىم ئۇنىڭغا .ئۇ كۇلۇپ قويدى ،شۇ چاغدا مەن ھويلىدا ئىككەيلەندىن باشقىمۇ ئادەم بارلىقىنى پۇتۇنلەي ئۇنتىغان ئىكەنمەن .                                                      

---بالام ،---دىدى بوۋام ،بوۋامنىڭ مىنى چاقىرشى بىلەن تەڭ ئايقىز قولىنى شارتتدە تارتتىدە يۇگۇرگەن پىتى ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى ،---مەن چوڭنىڭىز  بىلەن ئا ئوستەڭنىڭ ئۇ قاتتىكى كۆۋەزگە دارا چىچىۋىتىپ كىشەي ،ئادىشىڭىز بىلەن مۇدا مەلىنى ئايلىنامسىز ئوينىغاش تۇيۇڭ .                                                                                                              

---دارىنى مەن چاچاي ،كۆۋەزلىكتە مىڭىپ بولاممايسىز .                                             

ئۇنىڭغىچە ئايقىز يۇگۇرۇپ چىقتىدە :

---ھە توغرا،مۇختەر چاچسۇن ياش بوغاندىكىن .                                                              

---سىز بىللە چىقامسىز يا ،ئوستەڭ بويىدا ئوينىغاچ تۇسىڭىز ...

  ---ياق ،---دىدى ئۇ مەنىلىك كۇلۇپ ،خۇددى بىرەر پىلانى ئىشقا ئاشقاندەك ،---مەن كۇندە چۇشتە ئۇخلاپ كۇنۇپ قاپتىكەنمەن ،ئۆيدە ئۇخلىغاچ تۇراي ،---دىدى ئۇ تىلىنى چىقىرىپ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ .

---ھە راس ،ھادۇق ئىلىڭمۇ دىمەپتىمىز ،---دىدى بوۋام ،---ھەي ،ۋوي !!،---مومامنى چاقىردى ،بۇ بوۋاي مومايلار ئادەتتە بىر بىرنى مۇشۇنداق <ھەي ،ۋوي >دەپ چاقىرشاتتى ،---ما قىزىمغا ئۇرۇن ياسلاپ بەسلە ئۇخلىۋاسۇن ،مەن مۇختەر بىلەن  ماشىنىنىمۇ بولسا يۇتكۇزۇپ قوياي .                                                                                   

                                   ئايقىز ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ كۇلۇپ قويۇشتۇق .كىۋەزگە دورا چىچىپ بوغىچە قانچىلىغان شىرىن خىياللارنى سۇرگۇنۇمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيتتىم ، <ھى ھى ھى ،خۇدايىم بەختىڭلارنى بەسۇن بالام ،مەنمۇ سەندەك چىغىمدا شۇندا شوخ ئىدىم ،خىجىل بومما بولدى ،شەلىك بوسا نىم بوپتۇ ،نىكادىگەن غايىپ دەپتىكەندەك >دىگەنىدى بوۋام سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۇرۇچ دەم يەپتۇ دىگەندەك ،بوۋامنىڭ مۇنداق سۆزلىرنى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا مىنىڭ خىيال دەريارىم تىخمۇ دولقۇنلايتتى ،شۇنداق شىرىن خىياللار بىلەن دورىنى قانداق چاچقىنىمنىمۇ بىلمەيلا ئىش تۇگىدى ،ئۆيگە كرىپلا ھەيران قالدىم ،پۇن ئۆي پاك پاكىز تازلانغان بولۇپ باشقىچە ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى ،ئايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا مومام ئايقىزنىڭ چىچىنى تاراۋاتاتتى ،مومام بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۇپلا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئۇنى ماختاپ كەتتى :        

  ---ۋاي بالام ۋاي بالام ۋاي بالام ،خىزىركەنغۇ بۇ قىزىم ،ھەقەسىڭلا چىكىتىپ تۇشىڭلىغا ياق دىگىنىمگە ئۇنماي قولغا سۇپۇگنى ئىلىۋالدى ،ئايىغىنى سىلىۋىتىپ ژۇگۇژۇپ مىشەدى ئىقتىن سۇ ئەچچىپ سۇ سەپتى ،تۇتىۋالاي دەپ كەينىدىن قوغلاپمۇ يىتىشەلمىدىن ،ۋايەي ۋايەي ،بەك بەلەن بامكەن بۇ ،ھى ھى ھى ...خۇدايىم مۇشۇندا بالىندىن بىنى بەگەن بوسىمۇ خۇدى ....                                                                           

  مومامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ پۇتىغا سەپ سالدىم ،ئۇ يالاڭ ئاياغ بولۇپ پۇتى ئازراق لاي يۇقى تۇراتتى ،ئىچىمدىكى دەھشەت خۇشال بولغان بولساممۇ  لىكىن ئۇنىڭغا <نىمىشقا >دىگەن مەنىدە دومسايدىم .  ئۇ مەخسىتىمنى چۇشەندى بولغاي ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ تۇرۇپ:

---ئۇيقۇم كەلمەي بىكا تۇغىچە دەپ شۇ ...،---  دىدىدە تىرنىقىنى تاتىلاپ ئاستا يەرگە قارىۋالدى .دورا چىچىپ كىيىملىرىم ھۆل بولۇپ كەتكەچكە ئۆيگە كىرىپ كىيىمننى ئالماشتۇرۋالدىم ،مومام ئۇنىڭ چىچىنى تاراپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئاستا يىنىمغا  كىلىپ كۇلۇمسىرەپ  يەر تىگىدىن بىقىپ  :                                                                       

  ---بىغىڭىزدا ئۇرۇك باما؟                                                                                                   

   ...

  باققا بىردەم ئۇرۇك يىدۇق .چۇشتىن كىيىن سائەت بەشلەر :                                            

   ---مىنىڭغۇ بۇ يەردىن كەتكۇم يوق ئىدى ،خەي شەھەر ئىچىمۇ مۇشۇنداق يىشىللىق بولسىكەن كاشكى ،ئاشىخانىغا كىرسەم تىخى تاماق ئەتكۇم كەممەيدۇ ...                        

---ئەمىسە تۇرۇڭ  چىكەتمەي ...                                                                                    

  ---خى خى خى ...ئۇنداق بولامدىغان ،قاق سەھەردە يىنىپ چىققان ،ئۆيگە كىرسەم يەنە نىمە گەپنى ئاڭلايمان تىخى بىلمەيمەن ،كىيىن ۋاقىت بوسا چىقامەن ،بولدى مەن قايتاي ،---ئۇ قىيمىغان ھالدا شۇنداق دىدىدە بوۋام مومامغا بىرمۇنچە رەخمەتلەرنى ئىيتىپ خوشلاشتى .مەن ئىشەك ھارۋىسىنى قىتىۋىدىم ئۇ :

  ---بولدى مۇختەر ،بازامۇ يىقىنكەن ،مىڭىپ كىتەي ،بىردەم بوسىمۇ  مۇندا تاماشا قىلغاچ ماڭاي ،---دىدىدە چىرايلىققىنە بىرنى كۇلۇمسىرەپ ئارقىغا قاراپ ماڭدى .            

   ---توختاپ تۇرۇڭ ،---دىدىمدە ئويگە كىرىپ ئازراق نەرسىلەرنى ئىلىپ چىقتىمدە ،---ماڭايلى ،---دىدىم .بوۋاممۇ <بىرگە بار >دىگەندەك بىشىنى لىڭىشتىپ قويدى ،بىز ياندىشىپ ماڭدۇق ،مەھەللە چىتىدىكى كەنىت تەرەپكە ماڭىدىغان دوقمۇشتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ گەپ باشلىدى .

---بىللە بارىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم ،خى خى خى ...شۇندا جمىپ كەتىڭىز ،ماڭا دەيدىغان گىپىڭز يوقما !؟                                                                             

  ---ھىم ...،---دەپ بىشىمنى تاتىلاپ قويدۇم ،---يوق ئوخشايدۇ جۇما ،ھى ھى ھى ...

   ---ھە ؟راسلا گىپىڭىز يوقما ؟پۇرسەت غەنىمەت ھە ،پۇشمان قىمماڭ جۇماھە ...        

---خا خا خا ...گىپىم با                                                                                                      

---ئوھو ،قۇلۇقۇم سىزدە ،خى خى خى...                                                                           

بىردىنلا ھاياجانلىنپ كەتتىمدە ئاغزىمغا گەپ قالماي قالدى .ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم

---مىنىڭ گىپىم مۇشۇ  .

---ھى ھى ھى ...قىززىقتە سىز ،بۇنى قانداق چۇشىنىمەن ؟

مەن ئۇندىمىدىم ،بىردىنلا جىممىدە بوپ قىلىشتۇق ،ئۇمۇ قولىنى تارتىۋالمىدى ،ئەكسچە بىردەم ماڭغاندىن كىيىن مىنىڭ قولۇمنى چىڭراق تۇتتىدە يەر تىگىدىن كۇلۇمسىرەپ قاراپ قويدى ،ئۇ قىزىرىپ  كەتكەن ئىدى .بىردەمدىن كىيىن ئۇ بىردىنلا كەسكىن ھالەتكە ئۆتتىدە ئىغىر تىنىپ قويۇپ گەپ باشلىدى .                                       

  ---كىچىكىمدىن باشلاپ يىزىدا تۇرمۇش كەچۇرۇشنى ئويلايتتىم ،سىز بىلمەيسىز ،بۇ گۇنكىدەك ئەركىن ئازادە ياشاپ باقمىغىلى نى زامانلا دەيسىز ،مەن كيىن خۇدايىم بەختىمنى بەرسە يىزىدا توي قىلسامكەن دەيمەن ،لىكىن ...مەن يىزىغا ئەرزىمەيمەن ،راس .ئەرزىمەيمەن ،--- نىمىشقا دىگەن مەنىدە ئۇنىڭغا قارىدىم ،ئۇ ئاستا ئاستا گىپىنى داۋام قىلدى ،---يىزىنڭ يىگتلىرى شەھەردنىڭكىدەك ياسالما ئەمەس ،مەن يىزىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ساددىلىقىغا ،ئاشۇ قوپاللىقىغا ئامراق ،خۇددى سىزگە ئوخشاش ،يىزىدا چوڭ بولغان بالىلار قوپال بولغىنى بىلەن كىشىگە يامانلىقى يوق ،ئۇلارنىڭ قوپاللىقى ئەمىليەتتە ھەقىقى كۆيۇنگىنى ،ئشقىلپ مەن مۇشۇنداق ئويلايمەن ،بىراق ...ئۇندا دىسەم خاپا بولماڭ ،ھازىر مەن دىگەندەك ئۇنداق باللانى ئۇچراتماقمۇ تەسلىشىپ كىتىپتۇ ...سىزنى ماختىغىنىم ئەمەس ،ئىشقىلىپ سىزدەك باللانى تاپماق تەس ...

---توختاڭ توختاڭ ،نىمىشقا يىزى باللىرغا ئەرزىمەيمەن دەيسىز !؟

  ئۇ ماڭا قاراپ قويدىدە ئاستا قولىنى قولۇمدىن ئاجىرتىۋىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى .        

---سىز مۇھەببەتلىشىپ باققانما ؟                                                                                

  ---ئوخشامدىكەنمە !؟

   بىرەر مىنۇت جىمىپ كەتتۇق ،بازاغا بارىدىغان يول تەڭمۇ بولمىغان ئىدى ،بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن ئۇ يەنە سۆز باشلىدى .

  ---باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا سىنىمدا بىر جاپپار دەپ  بالا بار ئىدى ،شياۋشۆ سەن نىيەنجى(باشلانغۇچ ئۇچىنجى يىللىق )غۇ دەيمەن ،مەن ئۇگۇنۇش باشلىقىتتىم ،ئۇ مىنىڭ ئارقامدىكى جوزىدا ئولتۇراتتى ،ئۇ گەرچە سىنىپ بويڭچە داۋشۇ دىيى(ئەڭ ناچار)بوممىغىنى بىلەن ئۇگۇنۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ،ئۇ دەرىس ۋاقتىدا چىچىمدىن تاتىپ مەندىن سوئال سورايتتى ،چىچىمنى تارتسا بەك ئاچچىقىم كىلەتتى،كىيىن ئۇ تارتىۋىرىپ مەنمۇ كۆنۇپ قالدىم ،قىرىشقاندەك شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇ دائىم مىنىڭ كەينمدىلا ئولتۇراتتى ،ۋۇ نيەنجىغۇ دەيمەن ،بىز توڭجومۇ(پارتىداش) بولدۇق ،بىر كۇنى تۇرسام ئۇ <ئايقىز ،مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن >دەيدۇ ،ھەيرانلا قالدىم ،ياق ،باشلانغۇچنى پۇتتۇردىغان ژىلكەن،ئۇ چاغدا ئون ئىككى ياشتا ئىدىم ،بەلكىم بىلىدىغانسىز ،يىزىدا ئىككى ئادەم بىرگە يۇرسە باشقىلار باشقىچە ئويلىغىنى بىلەن  شەھەردە ئۇنداق ئەمەس ،سەككىز توققۇز ياشلىق باللامۇ كۆيدۇم پىشتىم دەپ يۇرسە ھىچكىم ئەيىپ ئاممايدۇ ،شۇندا قىلىپ ...مەنمۇ ئادەمدە ،ئۇنىڭ ئۇستىگە كىچىك بوغاچقا ئانچە بەك ئىش ئۇقمايتتىم ،شۇندا قىلىپ بەلكىم ھەۋەستىن بولسا كىرەك مۇھەببەتلەشكەنمۇ بولدۇق ،شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل يۇردۇق ،باشلانغۇچنى پۇتتۇردۇق ،ئۇ ئارجوڭ(ئىككىجى ئوتتۇر) غا ،مەن ۋۇ(بەشىنجى)جوڭغا ئوتتۇق ،سىز بىلىسىز ،ئارجوڭ بىلەن ۋۇجوڭ ئىككى سەككىرسىلا چىقىدىغان يە ،ئۇ ھەر كۇنى مىنى ئىزدەيتتى ،كىيىن ئۆزلۇگىدىن كۇن ئارلاپ كۇن ئارلاپ ئىزدەيدىغان بولدى ،بىر كۇنى تۇسام ئۇ كەچتە ئويناپ كىللى دەيدۇ ،نەدە دىسەم دىبادا دىدى ،مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم ،شۇنداق قىلىپ دىباغا چىقتۇق ،ئۇ بىر چاغدا توختاپ تۇرۇڭ ،مەن ئىچكىدەك بىر نەسە تەپ كىلەي دىدى ،ماقۇل دەپ ساقلاپ تۇدۇم ،بىردەمدىن كىيىن ئۇ ئىككى بوتۇلكا كوڭچۇۋەنشۇي(مىنرال سۇ) نى كۆتۇرۇپ كەپتۇ ،مەنمۇ ئاغزىغا قارىمايلا ئىچىپتىمەن ،بىردىنلا پۇن بەدىنىم قىزىپ ئوزۇمنى باشقۇرالماي قالدىم ،ئالاھەزەل بىرەر سائەتتىن كىيىن ئۆزۇمنىڭ نىمە بولغۇنۇمنى ،نەدە نىمىش قىلىۋاتقانلىقىمنى پۇتۇنلەي بىلەلمىدىم ....،- بىردىنلا ئۇنىڭ كۆزلىردىن غەزەپ نۇرلىرى چاقناپ كەتتى ،---سىزگە دىيىشتىن خىجىل بولىمەن ،لىكىن ...ئەمدە سىزدىن يۇشۇرغاننىڭ ھىچقانداق پايدىسى قالمىدى ،ھەمدە يۇشۇرغۇممۇ يوق،  ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ئۆزۇمنى سۇبھى مىھمانخانىسدىكى بىر ئويدە كۆردۇم .......دەرىسكە كىچىككەن ئىدى ،كەچتە تۇرسام ئۇ يەنە ئىزدەپ كەپتۇ ،بىللە تاماق يەيلى دەيدۇ ،ھىچ ئىش بولمىغاندەك چاندۇرماي ئارقىسىدىن ماڭدىم ......ئۇنىڭ ئەپتىبەشرىسى مەلۇم بولدى ،ئار جوڭنىڭ ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرگەن ئىدۇق ،ئۇ مىنى بىر قىز يالغۇز ئولتۇغان ئورۇنغا باشلاپ باردى ،ئۇ چىچىنى قىپقىزىل بويىۋالغان ئىكەن ،ماڭا شۇندا ئالىيىپ ئولتۇراتتى ،توساتتىن جاپپار <ھە ئايقىز ،بۇ مىنڭ مۇھەبىتىم بولىدۇ ،ئىككى ئۇچ يىل بوپقاغان ،ساڭا بۇرۇنلا دەي دىگەن،ئەمما سىنى ئۆزىنى ئۆلتۇرۋاممىسۇن دەپ دىمىگەن ،ئەمدە دەي ،بۇندىن كىيىن كەينىمگە كىشىۋامما >دىمەسما ،بىشىمغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بولدۇم ،مەن كەينىگە كىرىۋاپتىمىشمەن تىخى ئۇ ھجىقىزنىڭ ،ئۇ يەنە ماڭا قىممىغان ھاقارىتى قاممىدى ،---ئايقىز يىغلىغان بولسا كىرەك ئاۋازى ئۆزگۇرۇپ كەتتى ،---ئۇ مىنى <سەندەك توكاغا كىم ئاشىقكەن ...>دەيدۇ تىخى ،خى ،....شۇنىڭدىن باشلاپ ئوغۇل بالىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇم ،بىرەرسى ماڭا مۇھەببەت توغۇرلۇق گەپ قىلسا شۇ ھامان گىپىنى بولۋىتىدىغان بولدۇم ،شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دادامدىن باشقا  ئوغۇل بالىغا راس گەپقىپ باققان ھەم ئىشىنىپ باققان بەندە ئەمەس ...لىكىن بۇگۇن سىزگە ئۇنداق ئەمەس ....كىيىن ...كىيىن يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۇرىۋەردىم ،ئۇگۇنۇشۇمگىمۇ تەسىر يەتمىدى ،يەنە ئەلاچ پىتى كىتىۋەردىم،چۇسەن (تولۇقسىز ئۇچ) دە ھىلىقى زىھىن سىناش مۇسابىقىسىدە سىزنى ئۇچراتتىم ...

   ئۇ جىمىپ قالدى ،دەيدىغاننى دەپ بولغان ئىدى  ،ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ھىسىداشلىق قىلىشىمنى ياكى تەسەللىي بىرىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى ،راس گەپنى قىلسام مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ،بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بۇگۇن بىزنىڭ ئۆيگە چىققانلىقىدىن ۋە ياكى ماڭا قىلغان مۇئامىلسىدىن ئەمەس ،بەلكى سەۋەب كۆرسەتكىلى بولمايدىغان ھەقىقى ياخشى كۆرۇش ئىدى ،مەن پەقەتلا كۆڭۇل ئىزھار قىلمىغانلا يىرىم بار ئىدى .شۇكلەپ كەتتۇق ،شۇنداق مىڭىپ يىزا بازىرىغا كىلپمۇ قالدۇق ،ئۇ ئاستا توختاپ :

---ھى ھى ھى ...كۆپ رەخمەت سىزگە مۇختەر ،مەن بۇگەن ھەقىقى ياشىغاندەك بولدۇم ،بۇگۇننى ئۇنۇتمايمەن ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .  خوش ئەمىسە .

   ---ئايقىز توختاپ تۇرۇڭ ،سىزگە گىپىم با... مەن ...مەن سىزنى                                      

---بولدى دىمەڭ ،---دىدى ئايقىز گىپىمدىن توختىتىپ ،---نىمە دەيدىغانلىقىىزنى بىلىمەن ،---دىدىدە كەينىگە بۇرۇلۇپلا  ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،بىراق ئىككى قەدەم ماڭمايلا كەينىگە قاراپ  :  

--- ،رەخمەت ،مەن ھەققەتەن خۇشال ،مەنمۇ ھەم شۇ .

ئۇ شۇنداق دىدىدە كەينىگە بۇرۇپلا كىتىپ قالدى ،گەرچە ئۇ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان بولسمۇ ،ئۇ بۇ سۆزنى دىگەندە كۆزدىن چىققان بىر تامچە ياش مەڭزىدە ئىسىلىپ قالغان ئىدى .<مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن >،ئۇ دىگۇزمىگەن گەپنى ئىچىمدە دەۋەتتىم .

      تەتىل توشتى ،ماڭدىغان چاغدا بوۋام خۇددى قىممەتلىك نەرسىسىگە قىيالمىغاندەك كۆز يىشى قلىپ تۇرۇپ مىنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى .تولۇق ئىككىگە چىقتۇق ،ئايقىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئىدى ،سىنىپىمىز قوشنا بولغاچقا تەنەپۇس بولسىلا سىرتقا چىقىپ بىرگە تۇراتتۇق ،گاھى ئۆزىمىزنىڭ سەخسى پاراڭلىرنى قىلىشساق گاھى دەرىس توغۇرلۇق سۆزلىشەتتۇق ،كۆپىنچە چاغلاردا مەن ئۇنىڭدىن سۇئال سورايتتىم ،چۇنكى ئۇنىڭ ئۇگۇنىشى مىنىڭكىدىن ھەسسىلەپ ياخشى ئىدى ،ئۇ شۇنداق ئەستايىدىل چۇشەندۇرۇپ قوياتتى .كۇنلەر شۇ تەرەققىدە داۋام قىلىپ يازغا ئۇلاشتۇق ،بۇ جەريانىدا مەكتەپتىكى باشقا ساۋاقداشلارمۇ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمزنى بىلىشتى ،ئۇلار بىزگە ھەۋەس قىلىپ قالاتتى تىخى .لىكىن ئايقىز ئىككەيلەن بىر يەرگە كەلسەك ئاساسەن مۇھەببەت توغۇرلۇق سۆز قىلمايتتۇق ،بۇمۇ بولغىنى ،چۇنكى مۇھەببەت دىگەن ئىغىزدىلا سۆزلەپ يۇرىدىغان نەرسە ئەمەستە ...يازلىق تەتىل يىقىنلىشىپ قالدى ،ئۆيگە قايتىشتىن  بىر ھەپتە بۇرۇن مەن توپ ئويناش جەريانىدا كۇتۇلمىگەندە يارلىنىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىم ،شۇنداق قىلىپ بۇ تەتىلدە ئويگە قايتالمىدىم ،بىراق ئايقىز مىنى يالغۇز قويمىدى،ئەتە ماڭمىز دىگەن كۇنى بىزنىڭ تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىمىز دوختۇرخانىغا مىنى يوقلاپ كىلىپ بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلغاندىن كىيىن قايتىدىغان چاغدا مەنىلىك كۇلۇپ <تەلەيلىك گويكەنسەن >دىگەنىدى .شۇ كۇنى كەچتە دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى كىلىپ خوشلاشتى ،بىراق ئايقىز كەلمىگەن ئىدى،گەرچە ئۇنىڭ كەلمىگىنىدىن قەتئى رەنجىمىگەن بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ بىر كىلىپ كىتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدىم ،بىراق ...ئىككىنجى كۇنى كەچ ،بۇ ۋاقىتتا پويىز ئاللىبۇرۇن قوزغۇلۇپ بولاتتى ،ئۇنىڭ كىلىشىدىن ئۆمۇد قالمىغان ئىدى.شۇنى ئويلاپ ياتاتتىم،لىكىن كۇتۇلمىگەن بىر ئىشتىن قاتتىق ھەيران قالدىم ،بىر سىستىرا بىلەن ئايقىز بىللە كىرىپ كەلگەن ئىدى ،ئۇ قولىدا بىر تاماق قاچىسىن كۆتۇرۋالغان بولۇپ كۇلۇمسىرگەن پىتى كارۋاتنىڭ يىنىغا كەلگەن ئىدى ،كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ،<ئۇلار كەتكەن تۇرسا ،ئەجىبا...>،ھىلىقى سىستىرا ماڭا قاراپ كۇلۇپ قويدىدە چىقىپ كەتتى .                                                                                    

---قوسقىڭىز ئاچقاندۇ ھەقچان ھە ،مەن سزگە شورپا ئىپ كەلدىم ،خى خى خى ...

تىخىچە ھەيران ئىدىم .

---قانداقسىگە ...سىز ماڭماپسىزغۇ ،پويىز ئاللىبۇرۇن قوزغىلىپ بوغان تۇسا !؟

  ---ھى ھى ھى ...مەن كەتمەيمەن .                                

   ---ھە ؟

  ---ئۇلۇشكۇن يىغىندا سەككىزىنجى ئاينىڭ بىردىن باشلاپ بۇكى(دەرىس تولۇقلاش)قىلىمىز دەيدۇ ،ئۆيگە كەتسەممۇ ئاران ئون نەچچە كۇن تۇردىكەنمەن ،مەن ججاڭ(بىزنىڭ يىللىقنىڭ يىللىق مەسئۇل مۇئەللىمى )  نى ئىزدەپ دىدىم .

---نىم دىدىڭىز ؟

  ---نىمە دەيتتىم ،نەن پىڭيوۇ(ئوغۇل دوسىت) رۇمغا قارايمەن دىدىم شۇ ،خا خا خا...

  ھە !؟،---قىتىپلا قالدىم ،---مىنى دەپ ...

---ۋىيەي زودوچىڭ بومماڭە ،كىم سىزنى دەپ قاپتۇ !؟ئەسلى كەممەي مەكتەپتە ئويناي دىگەن ،بوپتۇ ،لاۋشىياڭ(يۇرتداش)لىقنىڭ يۇزى دەپ كەلدىم جۇما ھە ...خالىمىسىڭىز كىتىپ ئوينامنى ئوينايمەن ،كىم سىزنى دەپ قاپتۇ .

ئۇ شۇنداق دىدىدە ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ دەرھال كەينىگە بۇرۇلدى ،شەيتانلىقىنى قارا  .

  ---نەگە ۋوي ،كەگەندىكىن ،كەتمەڭ ئەمدى .              

---ھە بولاپتۇ ،خەر دەپ قوياي ،ھى ھى ھى ،مە قىززىغىدا ئىچىڭ .

  ---ھەي ،قىززىق ،قانداقسىگە ...مەكتەپتىن ھەجەپ ئۇناپتىيا !؟

---ۋاي ۋوي ،نىماندا گەپ سوراۋىرسىز دەيمەن ،كەتسەم بولاپتىكەن بۇنى ئۇققان بوسام ،ئىشقىلىپ ھىچ ئىش يوق ،ھەممىسى بىلىدۇ ،مەن ئوغۇرلۇقچە قاممىدىم .

---......

ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل بولغان ئىدىم ،دوختۇرخانىدىن بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا مەسئۇل سىستىرانىڭ ئىشخانىسىغا توك قازان ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى،ئەمىليەتتە بۇمۇ بىر ھىسابتا  مەكتەپنىڭ  غەمخورلىقى ھىسابلىناتتى ،ئەگەر ئۇلار ئايقىزنىڭ قىلىشىغا قوشۇلمىسا مىنىڭ تاماق مەسىلەممۇ مەكتەپتىكىلەرگە نىسبەتەن باش ئاغىرقى بولىدۇ ،چۇنكى مەن مەكتەپتە يارلانغاندىكىن ئۇلارنىڭمۇ  مەسئۇلىيتى باردە ،يەنە كىلىپ ئايقىزنى زورلاپ كەتكۇزۇۋىتىش بەلكىم ئۇنىڭغا نىسبەتەنمۇ ئەكىس تەسىر بىرىشى مومكىن،ئەمىليەتتە مەكتەپتىكىلەر بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان ئىدى  .ئايقىز ماڭا كۇندە ئۇچ ۋاق تاماقنى ئۆز قولى بىلەن ئىتىپ بىرەتتى ،ئاخشىمى يىنىمدا يىتىپ بىر ھازاغىچە قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ كۇلدۇرۋىتەتتى ،گاھىدا ھىلىقى سىستىرا كىرىپ ھەۋەس قىلىپمۇ قالاتتى ،ماڭا ئۇنى ئاسراش ،كۆيۇنۇش توغۇرلۇق بىرمۇنچە نەسھەتلەرنىمۇ قىلىپ قوياتتى تىخى ،پۇتۇم بارا بارا ئەسلىگە كەلمەكتە ئىدى .دەل ئون كۇن بولغان كۇنى چۇشتىن كىيىن ئايقىز كۇلگەن پىتى بىر مىيىپ ھارۋىسىنى ئىتىتىرىپ كىردىدە :

---مۇختەر ،تالادا دەھشەت پەيزى شامال باكەن ،مىڭ ئايلىنىپ كىرىمىز ،دوختۇرمۇ ئالدىرماي ھارۋىدا ئولتۇرۇپ ئايلانسا بولىدۇ دەيدۇ ،ھى ھى ھى ...چىقىڭە .

   شۇنداق دىدىدە مىنى يۆلەشتۇرۇپ ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇپ سىرىتقا ئاچىقتى ،سىرتا دەرۋەقە سالقىن شامال چىقىۋاتاتتى ،خۇددى باھار شامىلىدەك شۇنداق مەيىن ئىدىكى ،كىشىنىڭ يۇزىنى سىلىق سىيپاپ ئۆتەتتى .ئايقىز ھارۋىنى ئالدىرماي ئىتتىرىپ ماڭاتتى ،شۇ تاپتىا لىرىك مۇزىكىغا بىرلەشتۇرۇپ ئىيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىنى ئاڭلاۋاتقانكدەك بولۇۋاتاتتىم ،ئۇمۇ خۇددى پۇتۇن ھىسىياتنى ئۆزىگە مۇجەسسملەندۇرگەندەك گاھ گاھ كۇلۇپ تاتلىق پىچىرلىماقتا ئىدى .ئۇنىڭ كۇلكىسى خۇددى بەش ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك شۇنداق يىقىملىق ھەم ئوماق ئىدى ،ئۇ گاھىدا ھارۋىنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ مىنى <كەل كەل >دىگەندەك قوللىرنى پۇلاڭلىتىپ كەينىچە ماڭاتتى،ئاشۇ دوختۇرخانا سەيناسىدىكى يۇمىلاق سىلىنغان گۇللۇكنىڭ ئارىسىدا مىنى گاھ ئىتتىرىپ گاھى ئالدىدىن تارتىپ كۇلۇپ كۇلۇپ ھارمايتتى ،ئۇنىڭ قىلىقلىردىن قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ يەتكىلى بولمايتتى،خۇددى دىڭىز ئوتتۇرسىدا يىگانا كىتىۋاتقان پاراخوتنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ دىڭىز شامىلىدىن ھوزۇر ئالغاندەك ئىككى قولىنى كەڭ يىيىپ <ۋوي ۋوي ...>دەپ مىنى ئايلىنىپ يۇگرەيتتى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاخسىشى پۇتۇنلەي كىشىنىڭ دىققەت دائىرسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى ،قىسقىسى ئۇنى شۇ تاپتا ھەممىنى ئۇنتۇپ مەن بىلەن بىرگە مۇشۇ كىچىككىنە تۇرمۇشتىن ئالەمچە ھوزۇر سۇرمەكتە ئىدى .شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم ،بىراق بىز شۇنچە قىيمىغانسىرى ۋاقىت شۇنچە تىز ئۆتۇپ كەتتى .

  ---ئەمدى قايتىمىز ،---دىدى ئايقىز ھارۋىنى ياتاق تەرەپكە ئىتتىرىپ .

---ۋاي تخى بالدۇرغۇ ،يەنە بىرەر سائەت ئايلاساقمۇ بولدىيا!؟ھىرىپ قالدىڭىزمۇ يا !!؟

--- خا خا خا ...قىيماپسىزدە !؟يەنە ئايلانغىڭىز باما !؟      

  ---ھەئە ،ئەجىبا سىزنىڭ ئايلانغىڭىز يوقما !؟يەنە كىلىپ يىتىۋىرىپ زىرىكىپمۇ كەتتىم .

  ---مەن تۇساممۇ زىرىكتىڭىزما !؟،---دىدى ئۇ مەنىلىك كۇلۇمسىرەپ .

---ۋاي ياق ،شۇ ...

---خا خا خا ...ساراڭ ،يەنە ئايلانغۇڭىز بوسا گىپىمنى ئاڭلاڭ ،ياتاققا قايتىمىز ،مەن دوختۇرغا يالۋۇرۇپ يۇرۇپ ئاران بىر سائەتلىك روخسەت ئاغان ،ھازىر قايتىپ كەتمىسەك بۇندىن كىيىن پۇرسەت بوممايدۇ ،گەپ ئاڭلاڭ ھە ...خا خا خا ...

  كىنولاردا ۋە كىتابلاردا كۆرگەن رۇمانتىك تۇرمۇشنى خۇددى ئەمىليەتتە باشتىن ئۆتكۇزگەندەك بولىۋاتاتتىم .شۇنداق قىلىپ ياتاققا قايتىپ كەتتۇق .

       شۇ كۇنى كەچتە تاماقتىن كىيىن بىز يەنە شىرىن خىياللارنى باشلىۋەتكەن ئىدۇق .گەرچە كارۋات كىسەل كارۋىتى بولغان بىلەن ئايقىز قىلچىمۇ يىرگەنمەستىن يىنىمدا ياتاتتى ،مىنىڭ سۇنغان پۇتۇم تۇرۇستىن تارتىلغان كىچىك تانىدا ئىسىلپ قويۇلاتتى ،ئۇ گاھى چاغلاردا چاقچاق قىلىپ <قىچىپ كەتمەڭ ھە>دەپ قوياتتى  ،ئۇ ئالدىقى يىلى تەتىلدە بىزنىڭ ئۆيگە چىققان چاغدىكى ئىشنى تىغا ئىلىپ ئۆزىنىڭ ۋە مىنىڭ قىلغان ئىشلىرمىزدىن ۋىلىق ۋىلىق كۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلىگەنىدى ،بىراق ئۇ يەنە مىنىڭ دادامنى تىلغا ئىلىپ قالدى .

--- ئالدىقى قىتىم بوۋىڭىزنىغۇ كۆردۇم ،بوۋىڭىز شۇنداق ئوماق قىرىغان ئادەمكەن ،ھى ھى ھى ،لىكىن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگەبىرىپ دادىڭىز ۋە ئاپىڭىزنى كۆگۇم باتتى ،خا خا خا ...پەلەكنىڭ چاقى تەتۇر ئايلىنىپ سىز يەل قوڭنىڭ ئايالى بولۇپ قاسام ...خى خى خى ...ھەي بەك قىلىنكەنمەن جۇما مەن ...ھى ھى ھى ....

مەن كۇلمىدىم ،ھەر قىتىم بىرەرسى مىنىڭ ئانام ۋە دادام توغۇرلۇق سۆزلىگەندە يۇرۇكۇم پىچاق سانجىلغاندەك ئاغىرىپ كىتەتتى ،لىكىن ھەر قانچە پۇچلانساممۇ باشقىلارغا ھەقىقى ئەھۋانى يۇشۇرۇپ كىلىۋاتاتتىم ،ئەمدى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىدى ،ئۇنىڭ ئەينى ئىشنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولدۇم .

  مەن دادامنى كۆرۇپ باقمىغان ،مەن ئانامنىڭ قوسقىدا ئالتە  ئايلىق بولغاندا دادام ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن ،بىزنىڭ يۇرتتا ئاقتاش ئۆستەڭ دەپ بىر ئۆستەڭ بولدىغان ،شۇ يىلى كەچ كۇزدە ئۇ ئۆستەڭگە يىزا بويىچە  ھاشار چۇشۇپتۇ ،بىزنىڭ مەھەللىنى دۆڭچاقا دەپ ئاتايدىكەن ،ئۇ چاغلاردا مۇشۇنداق ھاشار كۆپ بولغانلىقتىن ، بىزنىڭ مەھەللىدە بىر نەچچە نەپەر ھاشارچى تەيىنلەپ ئۇلارغا پۇل بىرىدىغان ،پۇل ئالغان بىر نەچچە ھاشارچى دوڭچاقانىڭ پۇتۇن ھاشار ئەمگىكىنى ئۇزىدىغان بولغان ئىكەن  ، دادام ئاشۇ ھاشارچىلارنىڭ بىرى ئىكەن ،ئۇ چاغدا يىزىدا قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن ھاشارچىلار ئاساسەن ئىشەك ھارۋىسىدا بىرىپ كىلەتتىكەنتۇق ،بىراق ئاقتاش ئۆستەڭ بىزنىڭ يىزىغا ،بولۇپمۇ بىزنىڭ كەنىتكە يىراق بولغاچقا،ئۇ قىتىم ھاشارچىلارنى كەنىتنىڭ تەرەكتۇرىدا ئاپىردىغان بوپتۇ ،بىر نەچچە كۇن ئىشلىگەندىن كىيىن ھاشار تۇگەپ قايتىش يولىدا دادام تەرەكتۇرنىڭ توچىيىدىن يىقىلىپ كىتىپ مىڭىسىگە قان چۇشۇپ كىتىپتۇ ،گەرچە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ لىكىن نەتىجىدە دادام ئاللىبۇرۇن تىنىقتىن قالغان ئىكەن ،بۇ خەۋەر ئانامنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كىيىن ئانامغا قاتتىق ئىغىر كەپتۇ ،دىمىسىمۇ ئۇلار توي قىلغىنىغا ئەمدى تىخى ئۇچ يىل بولغان ئىكەنتۇق ،ئاللا بەندىسىنىڭ پىشانىسىگە يىتملىكنى پۇككەن بولسا كىرەك داداممۇ ئاتا –ئانىسىدىن سەككىز ياش ۋاقتىدىلا قالغان ئىكەن ،لىكىن دادام قىلچىمۇ بەل قويماستىن تىرىشىپ تىرمىشىپ شۇ كۇنگە ئۇلاشقان ئىكەن ،بىراق ئاخىردا ئىگىسى بەندىسىگە ئۆز پەرزەنتىنى كۆرۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەي ئامانەتنى بالدۇرلا ئاپتۇ ،ئانام ماڭا ئىغىر ئاياغ بولغاچقا ئويدە يالغۇز تازا قىينىلىپتۇ ،شۇ يىلى قىشتا ئانام بىراقلا چوڭ ئۆيگە  كۆچۇپ بىرىپتۇ ،ئىككىنجى يىلى ئككىنجى ئاينىڭ بىشىدا مەن تۇغۇلۇپتىمەن ،ئۇ يىلى سوغۇق قاتتىق بولغانلىقتىن پۇتۇن ئائىلە مۇشۇ تۇغۇت ئىشى بىلەن خىلى قىيىنچىلىققا دۇچ كەپتۇ ،ئۇ دىمەڭ بۇ دىمەڭ مەنمۇ بارا بارا چوڭ بوپتىمەن ،مەن توت ياشقا كىرگەن يىلى ئانام تۇيۇقسىز  مىنى ئىلىپ بىر قاپقارا ساقاللىق  كىشىنىڭ ئۆيىگە كۆچۇپ باردى.بىراق شۇ كۇندىن باشلاپ ئانام يۇزىگە زىغىر رەڭ رومال سىلىپ يۇرىدىغان بولدى ،چىرايىنى ماڭىمۇ كۆرسەيتمەيتى ، ئۇ چاغدا مەن تىخى كىچىك بولغاچقا كىمنى دادا دە دىسە شۇنى دادا دەيتتىم ،ئانام  مىنى ئۇ كىشىنى دادا دە دىگەن ئىدى ،مەن ئانامنىڭ نىمىشقا يۇزىگە ئاشۇنداق بىر نەرسە بىلەن يۆگەپ يۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم ،.ئەسلى ئانام قوشنا يىزىدىكى بىر چەت كەنىتتە مامۇت ھاجىم دىگەن كىشىگە ئۆيلەنگەن ئىكەن ،مەن دادا دەيدىغان بۇ كىشى دەل ئاشۇ مامۇت ھاجىم دىگەن كىشى ئىدى ،بۇ ئادەم دائىم قولىغا بىر نەرسىلەرنى ئىلىۋىلىپ ئۇيان بۇيان ئايلىنىپ يۇرەتتى ،گاھى گاھىدا مىنى قولىغا ئىلىپ ئەركىلتىپمۇ قوياتتى ،بىراق بۇنداق بىرەر قىتىم ئەركىلتىش پەقەت ئانام بار يەردىلا بولاتتى ،مەن ئۇنىڭ ئانام يوق چاغدا بىرەر قىتىم بالام دەپ چاقىرىپ باققانلىقىنىمۇ ئىسىمگە ئالالمايمەن ،ئۇ ئانام بار چاغدا نىگان نىگاندا بالام دەپ چاقىرمىسا بولەك چاغدا مىنىڭ ئىسمىم <ھارىمى >ئىدى ،نىمە سەۋەبتىندۇر ئۇنىڭ باشقا خەقنىڭ ئالدىدا ئاجايىپ ھۆرمىتى بار ئىدى ،خىلى مەن مەن دىگەن كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا پۇكلىنىپ سالام بىرشەتتى ،دىمىسىمۇ ئۇنى يامان دەيدىغان بىرەر كىشى يوق ئىدى ،چۇنكى ئۇ  شۇنداق ئۆينىڭ دەرۋازىسىدىن چىقتى چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيتتى ،ئاغزىدىن ھالال ھارام ،ياخشى يامان دىگەن گەپ سۆزلەر چۇشمەيتى ،گاھىدا  تىخى باشقا كىشىلەر ھاجىم دىسە ھاجىم دەپ ئويگە توخۇ ،ئۆردەك ،گوش ،ھەتتا بىرەر خالتا چامغۇر دىگەندەك بىر نەرسىلەرنى كۆتۇرشۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرەتتىم ،شۇنداق چاغلاردا <دادام>قولىنى كۆتۇرۋىلىپ مەن چۇشەنمەيدىغان بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ يۇزىنى سىيپىغاندىن كىيىن ھىلىقى كىشىنى يولغا سىلىپ قوياتتى ، بەزىدە ناتونۇش  ساقاللىق كىشىلەرمۇ  پەيدا بولۇپ قالاتتى،شۇنداق چاغلاردا ئۇلار كىچىچە ئۇخلىماي توختىماي ئاغزىنى ماكاشلاپ كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ بىشىنى چايقغنىچە قوللىردىكى تاشلارنى سانىغاچ بىرنىمىلەرنى دەپ كارراڭشىشاتتى،<دادام>لارنىڭ بۇئىشى ماڭا بەكمۇ قىززىق تۇيۇلاتتى ،خۇددى بىرتوپ كىشىلەر ئومۇمى خۇر ئوقوغاندەكلا  ،قىسقىسى <دادام>نىڭ ئىشلىرى ناھايتى سىرلىق ئىدى .كەچ تەرەپلەردە دائىم ئۇنىڭ ئانام بىلەن گەپ تەگىشىپ قالغانلىقىنى كۆرەتتىم ،ھەر قىتىم ئۇلار بىر نەچچنى ۋاقىرشىۋەتكەندىن كىيىن <دادام >قولىغا قامچىنى ئىلىۋىلىپ ئانامنى چىكىدىن تەر چىققۇچە ئۇراتتى ،مەن نىمە قىلىشمنى بىلمەي يىغلاپ كىتەتتىم ،بىچارە ئانام مىنى باغرىغا بىسىۋىلىپ قامچىغا دۇمبىسىنى قىلىپ تۇرۋالاتتى ،ئانام شۇنچە خۇرلانسىمۇ بىرەر ئىغىز ۋايجان دىمەيتتى ،ئۇنىڭ رومىلى ئارلىقىدىن ئىقىپ چۇشكەن بىر ئىككى تامچە سۇ مىنىڭ يۇزۇمگە تاماتتى ،بۇ سۇ دەل ئانامنىڭ ئۇنسىز ئاققۇزغان خورلۇق كۆز يىشى ئىدى .مەن بەش ياشقا كىرگەن يىلدىن باشلاپ <دادام >ماڭا ھەپتىيەك دىگەن كىتابنى تۇتقۇزۇپ كۇندە كەچتە بىر نەچچە قۇر ئوقۇشنى ئۇگۇتەتتى ،مەن تاماق يىگەندىن سىرتقى ۋاقىتتا ئۇنى ئوقۇيتتۇم ،ئىككىجى كۇنى يىڭى قۇرلارنى ئوقۇشنى ئۇگۇتۇشتىن بۇرۇن مەندىن سىناق ئالاتتى ،ئەگەر سەللا خاتا ئوقۇپ قالسام يەيدىغىنىم تاياق ئاڭلايدىغىنىم تىل دەشنەم ئىدى ،مىنىڭمۇ تەڭتۇشلىرىم بىلەن ئوينۇغۇم كىلىدۇدە ،لىكىن نى كۇندە بۇ ھاجىم مىنىڭ دادام بولغاندىن باشلاپ ئويۇن مىنىڭ چۇشۇمگىلا ئايلانغان ئىدى،يەنە بىر نەچچە ئايلاردىن كىيىن ئانام ئۇكاشتىن بىرنى تۇغدى ،بەلكىم شۇ سەۋەب بولسا كىرەك <دادام>نىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسىدە ياخشىلنىش بولغان ئىدى ،بىراق مەن يەنىلا بۇرۇنقى دۇنيارىمدا ئىدىم .مەن مەكتەپ يىشىغا توشاي دەپ قالدىم ،بىراق بۇ ئۆيدە مەكتەپتە ئوقۇش ئەمەس ئويلاشمۇ موكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى .بىر كۇنى ئانام  ھىلىقى ھاجىم (ئۇنى زادىلا دادام دىگۇم كەلمەيتتى ،ئۇنىڭغا دەھشەت ئۆچ ئىدىم)بىلەن بىللە مىنى ۋە ئۇكامنى ئىلىپ بوۋام موماملارنىڭ ئويىگە ئاپارغان ئىدى،شۇ چاغدا مومام بىلەن ئانام قازناقتا ،بوۋام بىلەن ھاجىم پىشايۋاندا ئولتۇرۇپ بىر ھازا پاراڭلارنى سىلىشقان ئىدى ،ھاجىم بوۋامنىڭ ئالدىدا شۇنداق ھىجىيىپ قىممىغىنى قالمىغان ئىدى،بىراق بوۋاممۇ قىززىق ،ھاجىم بالام دەپ ئۇ ئولتۇرمىغىچە ئولتۇرمىغان ئىدى ،كەچتە ئويگە قايتىپلا ھاجىم ئانامنى قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى ،نىمە ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلمەيتتىم .بىر كۇنى ھاجىم ئەتتىگەندىلا ئانامغا بىر مۇنچىنى ئاچچىغلىۋەتكەندىن كىيىن ئاتقا مىنىپ چىقىپ كەتتى ،شۇ چاغدا ئانام مىنى قىشىغا چاقىرىپ:                                                

  ---بالام ،بوۋاڭنى ئويىنى تاپالامسەن !؟---دەپ سورىدى ،ئۇ رومىلىنى ئۆرىۋەتكەن ئىدى ،گەرچەمەن  كۇندە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرغان بولساممۇلىكىن بىر يىرىم يىلدىن بۇيان  چىرايىنى تۇنجى كۆرۇشۇم ئىدى .ئۇنىڭ چىرايى كۆپكۆپ بولۇپ ئىششىپ كەتكەن ئىكەن .   <بىلىمەن >دىدىم ،ئانام قولۇمغا كىچىككىنە تۇگۇنچەكنى تۇتقۇزۇپ <دەرھال بوۋاڭنىڭ  يىنىغا بىرىپ بۇنى ئۇنىڭغا بىرىپ قويۇپ كەل بالام ،جنىم بالام ،توختىماي ژۇگە ،بىرىپ قۇيۇپلا يىنىپ كەل بالام ،كەچ چۇشكىچە يىنىپ كەل جىنىم بالام ،بوممىسا داداڭ يەنە بىزنى ئۇرىدۇ >دەپ خۇددى مۇھىم بىر ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغاندەك تاپىلىدىدە مىنى باغرىغا بىسىپ <تىز بول بالام >دەپ يولغا سىلىپ قويدى ،ئوزۇمنىڭ شۇنچىلىك يۇگرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ،ئانامنىڭ دىگىنى بويىچە ئات ھارۋىسدائىككى ئاش پىشىم ۋاقىتتا بارىدىغان يولنى يۇگۇرگەن پىتى بىسىپ كەلگەن ئىدىم ،مەن ھىلىقى تۇگۇنچەكنى بوۋامغا بەردىم ،بوۋام ئۇنى ئىچىپ كۆردىدە جىددى يانچۇققا سالدى ،ئۇ ئاستا ئالدىمدا ئولتۇرۇپ ئىككى بىلىكىمدىن تۇتۇپ بىردەم ئۇنسىز سىلغاندىن كىيىن ئويگە كىرىپ بىر قۇتىغا سۇ  قاچىلاپ ئىلىپ چىقتىدە <باغىن بالام ،چاپسان با >دىدى ،بوۋام بۇ سۆزنى دەۋاتقاندا كۆزدە بىر تامچە ياش ئىسىلىپ قالغان ئىدى ،مەنمۇ خۇددى ئىش ئۇققاندەك بوۋامنىڭ قولدىكى قۇتىنى ئىلىپ ھەممىنى ئىچىۋەتتىمدە ،يەنە يۇگۇرگەن پىتى قايتىپ كەلدىم .شۇ ئىشتىن ھەپتە كىيىن بوۋام بىر نەچچە مىھماننى باشلاپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنى مەن تونۇيتتۇم ،ئۇ دۆڭچاقانىڭ مەھەللە باشلىقى ئىدى ،ئۇلار ھاجىم بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىشتى ،بىردەم بىرسى گەپ قىلسا بىردەم بىرسى سۆزلەيتتى ،شۇنداق قىلىپ ئاخردا ئىككى پارچە  قەغەزگە بىر نىمىلەرنى يىزىپ ھەممىسى ئىسمىنى يىزىشقاندىن كىيىن بىر پارچىسىنى بوۋام يەنە بىر پارچىسىنى ھاجىم يانچۇققا سالدى ،بىر قازان تاماقتىن كىيىن ھەممىسى گۆررىدە ئورنىدىن تۇرۇشتى ،قايتىدىغان چاغدا بوۋام <مۇختەر ،ئاناڭغا خوش دە بالام ،ئەمدى سەن بىز بىلەن كىتىسەن >دىدى ،مەن بوۋام بىلەن ھارۋىغا چىققاندا ئانام دەرۋازىدىن بىشىنى چىقىرىپ مىدىر سىدىر قىلماي قاراپ قالغان ئىدى .

         شۇ يىلى كۇزدە مەن مەكتەپكە كىردىم ،بۇ يەردە نۇرغۇن بالىلار بار ئىدى ،ئۇلار بىلەن گاھ بىرگە ئوينىساق گاھى بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كىتەتتۇق ،قىسقىسى مىنىڭ دەشنەم ئاڭلايدىغان كۇنلىرىم ئاخىرلىشىپ خۇشال ئوينايدىغان چاغلىرىم باشلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى .بىراق مەن چوڭ بولغانسىرى بىر ئىش كۆڭلۇمگە ئەلەم بولىۋاتاتتى ،مەن بارا بارا نىمىنىڭ دادا ،نىمىنڭ ئانا ۋە نىمىنىڭ ھاجىم ئىكەنلىكىنى بىلمەكتە ئىدىم ،  ئەينى چاغدا نىمە ئۇچۇن ھاجىمنىڭ ئانام ئىككەيلەننى ئۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئانچە مۇچە چۇشەنمەكتە ئىدىم ،بۇ زۇلۇملار ئەسلىدە ئاشۇ ئاتالمىش <گۇناھ>نىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن،مەن قانداق ئادەمنىڭ ھاجىم دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى ،نىمىنىڭ ھاجىم قىلدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمدا <دادام>نى ئىچىمدە <ھاجىم دىگەن سەندەك بولسا ،ئۇنداق ھاجىملىقىڭغا چىچاي ئىگەكىم ...>دەۋەتكەنىدىم  ...مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئانسى ۋە دادىسى توغۇرلۇق سۆزلىگەنلىرنى ئاڭلىغىنىمدا ئىچىمدىن شۇنداق ئۆرتۇنۇپ كىتەتتىم ،بىر كۇنى   مەن بوۋامدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغىنىمدا ئۇ كۆز يىشى قىلىپ تۇرۇپ دادامنىڭ ئىشىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ،ھەمدە ئۇ ماڭا نۇرغۇن تەربىيەلەرنى ۋە تەسەللىلەرنى بىرىپ مىنىڭ قەيسەر بىر ئوغلان بولۇپ چىقىشىم لازىملىقىنى ،ياخشى ئوقۇشۇم كىرەكلىكىنى ،ئوغۇل بالا ياش تۆكسە بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ مىنى باغرىغا بىسىپ تارام تارام ياش توكۇپ كىتەتتى ،ھەمدە ئۆزىنىڭ چوپ چوڭ ئەر كىشى تۇرۇپ ياش تۆككەنلىكىنى ،ھاجىم دىگەن ياخشى دەپ ئانامنى ئۇنىڭغا بىرىپ ئاخردا ئۆز قىزىنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ كىتەتتى .شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ بوۋامدىن بۇ توغۇرلۇق سورىمايدىغان بولدۇم .مىنىڭ ئانامنى كۆرگۇم كىلەتتى ،بەزىدە دەرىستىن چۇشۇپلا بۇرۇنقىدەك يۇگۇرگەن پىتى ئۇنىڭ ئۆيىگە باراتتىم ،بىراق ھاجىم ئۆيدە بوپ قالسا مىنى ھارىمىدىن ھارىمىغا سىلىپ تىللاپ ئەينى چاغدا بوۋامنىڭ ئۆيگە ئادەم باشلاپ كىلىپ مىنى ئىلىپ كىتىپ ئۆزىنىڭ يۇزىنى تۆككەنلىكدىن ئاغىرنىپ دەرۋازىدىن كىرگۇزمەيتتى ،مەن بۇنىڭغا كۆنۇپ كەتكەن ئىدىم ،شوڭلاشقا ھەر قىتىم قوغلانغاندا ھەرگىزمۇ يىغلىمايتتىم ،مەن قىلچىمۇ ئانامدىن ئاغىرىنمايتتىم ،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىيتتى ،لىكىن تەغدىر شۇنداق بولغاچقا يەنە شۇكرى قىلماي نىمە ئامال بولاتتى ،كىيىن مەن ھاجىمنڭ ئۆيىگە ئانامنى ئىزلەپ بارمايدىغان بولدۇم (گەرچە شۇنداق بارغۇم بولسىمۇ )،چۇنكى مەن بارسام يەنىلا نەتىجىسىز قايتىپ كەلگىنىم سىرىت ئانام يەنە ئاشۇ زالىم مۇتەسسىپ ھاجىمنىڭ قاتتىق تاياق زۇلۇمىغا دۇچار بولىشى ئىنىق ئىدى .                                          

        مەن ئون ياشقا كىرگەن يىلى مومام ئالەمدىن ئۆتتى ،شۇنداق قىلىپ ئۆيدە بوۋام بىلەن مەن يالغۇز قالدۇق ،ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ،بوۋامنىڭ تىنى خىلى تىمەن ئىدى ،ئىتىزنىڭ ئىشى ،ئۆينىڭ ئىشى ،تاماق دىگەندەك ئىشلار ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى ،گەرچە بوۋام جاپا تارتمىدىم دەپ پو ئاتقىنى بىلەن بولۇۋاتقان ئىش ھەممەيلەنگە بەش قولدەك ئاياندە .گاھىدا دۇكاندىن گومەن ئەكىلىپ تاماق قىلاتتى ،گاھىدا قوشنىلار بىرەر قاچا تاماق كۆتۇرۇپ كىرىپ بىر مۇنچە تەسەللى بىرىپ قايتاتتى ،نىمىشقىدۇر باشقىلار بوۋامغا تەسەللى بەرگەندە بوۋام خاپا بولۇپ كىتەتتى،بوۋامنىڭ دىيىشىچە ئۇ باشقىلارنىڭ تەسەللىسىدىن مەمنۇن بولسىمۇ لىكىن ئۇنى ئۆزىگە قىلىنغان غەمخورلۇق دەپ قاراپ نۇمۇس دەپ بىلەتتى ،كىيىن كەچ تەرەپلەردە بوۋامنىڭ تەڭ تۇشلىرى ،ھەتتا كەنىت سىكىرتارى ،مەھەللە باشلىقلىرمۇ كۆپ كىردىغان بولدى ،ئۇلار دائىم بوۋامنى بىرەر ياخشىراق مەزلۇمغا ئۆيلەپ قويۇش توغۇرلۇق سۆزلەيتتى .مەن باشلانغۇچنى پۇتتۇرگەن يىلى يازدا بوۋام قۇلۇم قوشنا ئەل جامائەتنىڭ زورلىشى بىلەن قوشنا كەنىتتىكى گۇلنىسا ئىسىملىك بىر مەزلۇم بىلەن ئۆيلەندى ،  شۇنداق قىلىپ بىز يەنە ئۇچ جان بولدۇق ،گۇلنىسا دىگەن بۇ مەزلۇم بوۋامدىن خىلى كىچىك ئىدى ،كۆڭلى خىلى ياخشى ئىدى ،ئامال بار بوۋام ۋە مىنىڭ كۆڭلۇمنى ئىزدەيتتى ،مەنمۇ تىزلا ئۇنى موما دەپ چاقىردىغان بولدۇم ،بۇ مومامنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىدىن ئىككى ئوغلى بار بولۇپ ئاللقاچان ئۆيلىنىپ بولغان ئىكەن ،دەسلەپتە ئوغۇللىرى بوۋام بىلەن مومامنىڭ ئۆيلىنىشىگە <ئانامغا ئۆزىمىز قارايمىز >دەپ قەتئىي قارشى تۇرغان ئىدى ،كىيىن يەنە تونۇش بىلىشلەر <ئاناڭلار ياشىنىپ قالغىنى بىلەن كۆڭلىدە يەنە جۇپتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ...بىزمۇ ئايال كىشى ،ئايال كىشى ئايال كىشنىڭ قاياشىيەي ...بىر باشقا بىر بۆك لازىميەي >دىيىشىپ بىرمۇنچە گەپلەر بىلەن ئۇلارنى رازى قىپتۇ ،شۇنداق قىلىپ  ئۆيدە بىر ئايال كىشى بار بولدى ،گەرچە بوۋام تاماقنى شۇنچە ياخشى ئەتسىمۇ لىكىن ئايال كىشى ئەتكەن تاماق يەنىلا باشقىچىدە .گاھىدا مومام ئەتكەن تاماقنى يەۋىتىپ ئانامنى تۇيۇقسىز تۇيۇقسىز كۆرگۇم كىلەتتى ،بىراق شۇنچە بارغۇم بولسىمۇ لىكىن ئانامنىڭ يەنە مىنىڭ دەشنىمىمنى ئىشتىپ قىلىشىنى ،مىنى دەپ  خورلۇق تارتىشىنى خالىمايتتىم ،ئەلۋەتتە ،ئانام ئككى ئۇچ ئايدا بىرەر قىتىم ئازنىلاپ كىلەتتى ،شۇنداق چاغلاردا ناھايتتى شەرەپلىك ھالدا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالاتتىم ،بىراق ئانامنىڭ ئاشۇ نۇرلۇق چىھرىگە ،ئىللىق باغرىغا قىنىش مەن بەش ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ شىرىن خىيالغا ئايلانغان ئىدى .توغرا ،بوۋام ماڭا ياش تۆكمە دىگەن ،لىكىن ھەر قىتىم ئانام ئۆيگە كەلگەندە باغقا چىقىۋىلىپ بىلىپ بىلمەي ياش تۆكۇپ قالاتتىم .                           

      مەن باشلانغۇچنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇردۇم ،بۇمۇ بوۋامنىڭ ئارزۇ ئارمانلىردىن ئىدى ،ئەلۋەتتە مىنىڭمۇ ئارزۇيۇم ئىدى ،مەن تولۇقسزغا چىقاندىن كىيىنمۇ شۇنداق ياخشى ئوقودۇم ،مەكتەپتە تىزلا كۆزگە كۆرۇنگەن ئىدىم ،بىراق كىم بىلسۇن ،بۇ يەردىمۇ ئاتا –ئانىلار يىغىنى دەپ بىر ئىش بار ئىكەن ،يىغىنغا بوۋام كىلەتتى ،بىراق مەن باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئانا دادىسى كەلگىننى كۆرۇپ بىر قىسما بولۇپ قالاتتىم،كۆپىنچى ساۋاقداشلىرىمنىڭ دادىسى كىلەتتى ،گاھى داداشلار ئۆز پەرزەنتىدىن پەخرلىنىپ تەبەسسۇم قىلسا يەنە  بەزى داداشلار پەرزەنتىنىڭ ياخشى ئوقومىغانلىقىدىن رەنجىپ قالاتتى،مەن بوۋامنىڭ مەندىن رازى بولۇپ تەبەسسۇم قىلغىنىنى كۆرگىنىمدە دادامنى ئەسلەپ قالاتتىم ، ئۇ بولغان بولسا چوقۇم مەندىن رازى بولاتتى دەپ ئۆز ئۆزۇمگە تەسەللىي بىرەتتىم .ئائىلەمنىڭ مۇشۇنداق مىھىرلىك ھەم يىگانىلىك بولۇشى ،بوۋامنىڭ ۋە تۇققانلىرىمنىڭ مىنى قوللىشى ماڭا تۇرمۇشقا تەبەسسۇم بىلەن قاراشنى ،بەل قويماسلىقنى  ئۇگەتكەن ئىدى .كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتتى ،كىيىن مەن تولۇقسىز  ئككىنجى يىللىقا چىقىقان يىلى مەكتىپىمىزگە ئىچكىرى تولۇق سىنىپى توغۇرلۇق ئۇختۇرۇش كەلدى ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپتىكى ئۇگۇنش باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى.

  ئايقىز مىنىڭ ھىكايەمنى ئاڭلاپ  بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى .

---كەچۇرۇڭ ،---دىدى  ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ،---دىمىسەم بوپتىكەن . ---ئۇ ئاستا مىنى قۇچاقلاپ كۆكسۇمگە بىشىنى قويغان ئىدى .                     

  ---خى خى خى ،ھىچقىسى يوق ،---دىدىم مەن ئۇنىڭدىن رەنجىمەيدىغانلىقىمنى بىلدۇرۇپ ،دىمىسىمۇ ئۇ بىلمەيدىغان تۇرسا .---بىر نەچچە يىلدىن بۇرۇنقى ئىشلار بۇ ،مەن ئاللىقاچان كۇنۇپمۇ قالدىم ،يىغلىماڭچۇ بولدى .

   ئۇ كوكسۇمدىن ئاستا بىشىنى كۆتۇرۇپ ماڭا كۇلۇمسىرەپ قويدى (كۆزى ياش يۇقى ئىدى ) –دە يەنە ئاستا بىشىنى قويدى ،نىمىدىگەن ئىىللىق .

       ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ساۋاقداشلىرىم مەكتەپكە قايتىپ كەلدى ،گەرچە رەسمى دەرىس باشلاشقا يەنە بىر ئاي ۋاقىت بولسىمۇ لىكىن بىز تولۇق ئۇچنىڭ ئوقوغۇچىلىرى مەكتەپ بويىچە بىر تۇتاش دەرىس تولۇقلايتتۇق ،ئايقىزمۇ مەكتەپكە قايتىپ دەرىسكە قاتناشتى ،ئۇ ئىككى ئۇچ كۇندە بىر قىتىم كىلىپ مىنى يوقلاپ تۇراتتى ،بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلەتتى ،ھەمدە ماڭا دەرىس تولۇقلاپ بىرەتتى .ئىككى ھەپتىدىن كىيىن مەن دوختۇرخانىدىن چىقتىم .لىكىن يەنىلا سىنىپقا دەرىسكە چىقالمايتتىم ،مەكتەپ دوختۇرخانىدا تۇرغاندىن مىڭ ھەسسە ياخشى ئىكەن ،گەرچە سىنىپقا چىقالمىغىنىم بىلەن خىلى كۆڭۇللۇك ئىدى ،بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۇزۇمى قاتتىق ئىدى ،قىزلارنى ئوغۇللانىڭ ياتىقىغا ،ئوغۇللارنى قىزلارنىڭ ياتىقىغا قەدەم ئالدۇرغۇزمايتتى ،لىكىن نىمىشقىدۇر ئايقىز مىنىڭ ياتىقىمغا ئەركىن ئازادە كىرىۋىرەتتى ،ئۇنى ھىچكىم توسسمايتتى ،ئەكىسچە قوللايتى ،گاھى چاغدا تخى تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزى باشلاپ كىرەتتى ،قانداقتۇر چۇشلۇك ئارام ئىلىشتا ھەم كەچلىك دەرىستىن چۇشكەندە ياتىقىم ئاۋاتلىشىپ كىتەتتى ،ساۋاقداشلار ھەممىسى ئايقىز بىلەن مىنى چىتىپ چاقچاق قىلىشاتتى .<گاھى چاغدا دوختۇرخانىدا ياتقانمۇ ياخشىمۇ نىمە ،شۇنداق كۆپ ئادەم ھالىڭدىن خەۋەر ئالسا ،زىرىكىپمۇ قالمىساڭ ،يەيدىغىنىڭمۇ باشقىلاردىن ،مۇنداق چاغدا بىر بىرنى مازلاشتۇرۇپ تىرىكتۇرۇپ ئوينايدىغان ،بىر بىرسىگە بىرەر كىيىمنى يۇيغۇزىشالماي چۇجە خۇرازلاردەك ئۆتىدىغان  قەدىناس ياتاقداشلارمۇ ھىچنىمە دىمەي كىر قاتلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسە ....خاخا خا ،چىرايلىق بىر قىز قىزىقارلىق گەپ سۆزلەر بىلەن سىنى كۇلدۇرۇپ كۇلدۇۇپ چىقىپ كەتسە ،ماڭالمىغىنىڭ بىلەن ھەقىقەتەن پادىشاھنىڭ كۇنىدە لىكىن ...>،دىمىسىمۇ پادىشاھنىڭ كۇنىنى كۆرگەندەك بولدۇم .    ئىككى ئايلاردىن كىيىن مەن سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم .تولۇق ئۇچ بولغانلىقتىن پۇتۇن زىھنىمىز دەرىستە ،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىش ئىدى .بىراق بۇ  ئايقىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۇزەلمىدى ،ئەكىسچە كۆۋرۇكلۇك رول ئوينىغان ئىدى ،راس گەپنى قىلسام بىز ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى پۇتۇن مەكتەپتىكىلەر بىلىپ كەتكەن ئىدى ،گاھى تىخى ئىككىمىزگە ھەۋەس قىلىشىپ قالاتتى .  بۇ يىل بەشىنجى ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ،چۇشۇم تولا بۇزىلىدىغان بولۇپ قالدى ،خۇددى بىرەر ئىش بولدىغاندەكلا ،ئۆيگە بوۋامغا تىلڧۇن قىلسام تلڧۇننى گاھىدا ئالغىلى ئادەم يوق بولۇپ چىقاتتى ،گاھىدا مومام ئىلىپ ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ئىيتاتتى-دە ،ئالدىراپلا تىلڧۇننى قويىۋىتەتتى ،شۇنىڭدىن باشلاپ دىققىتىم چىچىلىدىغان بولۇپ قالدى ،گاھى دەرىس تەكرارلاۋاتقاندا ئايقىز نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورايتتى ،بىراق مەن ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ ئۇنىڭغا <ھىچنىمە>دەپ جاۋاپ بىرەتتىم .                  

                                                                                                                                                                                                                                    ئايقىزنىڭ <ھە نىمە، ياق دىمەچىما >دىگەن سۇئالىغا كۇلۇپ قويۇپ جاۋاب بەرمىدىم .پويىز دەرىزىسىدىن سىرىتقا قاراپ قويدۇمدە يەنە ئايقىزغا قارىدىم .  ئۇنىڭغا زادى نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم ،بوۋامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئۇنىڭغا ئىيتقۇم يوق ئىدى .گەپنى قانداق توغۇرلاش كىرەك زادى ؟

---مەن پويىزدىن چۇشۇپلا ئۆيگە قايتىمەن ،---گەپنى كىسىپلا دىدىم .

---ھە ؟بىز بىلەن ئوينىمامسىز ؟

  نىمە دىيىشىمنى بىلمەي دەقىقە تۇرۇپ قالدىم ،چاندۇرماسلىقىم كىرەك .

---ھى ھى ھى ...مىنىڭغو بەكلا ئوينۇغۇم با ،لىكىن سىزمۇ بىلىسىز ،ھازىر قاتتىق ئوما ۋاقتى ،ئۇنىڭ ئۇستگە مەن توت يىژلىنڭياقى بىر سىقىم بۇغداي ئورۇپ باقماپتىمەن ،يەنە كىلىپ ...بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالى ئۆزىڭىزگە ئايانغۇ ..!!؟

ئايقىز ئاڭلاپ شۇكلەپ قالدىدە بىردەمدىن كىيىن :   

---مەنمۇ قايتىمەن ،ئىككەيلەن بىللە بۇغداي ئورايلى ،ھى ھى ھى ...

ما گەپنى كۆرۇڭ ،<تولا ئىلەشتۇرمىسىڭىز چۇ >دەۋەتكىلى تاس قالدىم .

---يا يا ياق ،سىز ئويناڭ ،ئۆگە باغاندا كۆرۇشكەندە ماڭا قاندا ئوينىغانلىقىڭىزنى دەپ بىرىڭ ھە ،ھى ھى ھى                                                        

  ---ھەي ،مەن چاقچاق قىممىدىم راس گەپ.

---مەن تىخىمۇ چاقچاق قىممىدىم .    گەپ ئاڭلاڭ ھە .

   ئايقىز خاپا بولغاندەك ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ قويۇپ كىتىپ قالدى .

پويىز داۋاملىق تىز سۇرئەتتە ئىلگىرلىمەكتە .يەنە ئالاھەزەل يىگىرمە مىنۇتلاردىن كىيىن ۋوگزالغا كىرىدۇ ....نىمە قىلىشىمنى نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم .ياقۇپ مۆرەمگە يەڭگىل شاپاللاپ قويدىدە ئىغىر بىرنى تىنىپ قويدى .     

---ياقۇپ ،مۇختەر ئاداش ،ھىلىقى ئوينايدىغان ئىشقا ھە بىر بالا يۇز كويدىن پۇل ژىغىدىغان بولدۇق ھە ،بادۇ !؟ ---بۇ دەل بىزنىڭ مۇشۇ پىلاننى چىقارغان سابىق سىنىپ باشلىقىمىز قەمىردىن ئىدى .ئۇ غولجۇلۇق بولۇپ پاكىنەك ،دىقماق ئىدى.

---ھە ھە ،با ئاداش .---دىدى ياقۇپ .

  ---ھە مۇختەر گەپ قىممايسەنغۇ ئاداش ؟،---دىدى قەمىردىن .

---ھە ئاداش ،مۇندا گەپتى قارا ،مەن بىرىپلا ئۆيگە قايتمىسام بوممايدۇ .

  ---ھە ؟چاقچاق قممىغىنە ؟

      ئۇنىڭ سەل ئاچىغى كەلگەن ئىدى ،راس گەپنى قىلسام ھازىر ئاداش ئاداش ،قەمىردىن  ،مۇختەر دىيىشكىنىمىز بىلەن ئەمىليەتتە ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەكلا قىزىرشىپ قالاتتۇق، زادىلا گىپىمىز بىر يەردىن چىقمايتتى .ئەسلىدە مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە ئوينىغان بولسام توغرا بولاتتى ،مىڭلا قىلغان بىلەن تۆت يىل بىرگە بىر قازاندا تاماق يىشىپ ياقا يۇرتنىڭ دەردىنى بىرگە تارتتۇق ،كىمنىڭمۇ مۇنداقلا ئايرىلغۇسى بار دەيسىز ،بىراق ئەتە بوۋامنىڭ يەتتە نەزىرسى ،ئۇنىڭغا چوقۇم قاتنىشىشىم كىرەك .قەمىردىنگە زادى نىمە دەپ چۇشەندۇرۇشنى بىلمەيۋاتاتتىم ،لىكىن ئۇ ئەمىلى ئەھۋالنى بىلمىگەچكە مىنى ئۆزىگە غۇم ساقلاۋاتىدۇ ياكى كوللىكتىپتىن قىچىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي تىزلا ئاچىغلاپ قالغانىدى ،ئەمىليەتتە ئىككەيلەن بىريەرگە كەلسەكلا مۇشۇنداق بولدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى .               

                                                                                                                                              قەمىردىن بىلەن غەلىتە تونۇشقان ئىدۇق ،ئىچكىر تولۇققا ئۆتكەن تۇنجى يىلى بىز بارلىق بالىلار ئۆرۇمچى ئورمانچىلىق مەكتىپىگە ئاپىرىلغان ئىدۇق .ئۇلار بىزگە تاماق بىلىتى تارقاتقان بولۇپ تاماقنى شۇ بىلەتكە يەيتتۇق ،راس گەپنى قىلسام ئۇ يەرنىڭ تامىقى خىلى يامان ئەمەس ئىدى . گاھىدا تاماقلىرغا چىدىماي بىر نەچچە بىلەتنى بىر قىتىمدا بىراقلا خەجلىۋىتەتتۇق .ئىككىنجى كۇنى چۇشتە تاماق ئىلىش ئۇچۇن ئۆچرەتتە تۇرىۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىز كەينىمدىكى بىرسىنىڭ پۇتىغا دەسسەپ سالدىم ،كەينىمگە بۇرۇلۇپ كەچۇرۇم سوراشقا ئۇلگۇرمەيلا بىراۋنىڭ تىل دەشنىمى ياغدى .

---ۋوي ساقام ھوي ،ئاناڭنىڭ ھەققى بادەك دەسسەيسەنغۇ ،قاندا سىكەي نىمە ماۋۇ .

ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئاچچىقتىن ئاغزىمغا كەلگەن گەپمۇ قاچقان ئىدى ،راس گەپنى قىلسام بۇنداق سەت ئاھانەتنى  تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى،<ئاناڭنى >دىگىنىگە چىدىمىغان ئىدىم..

---ھەي ھىجىقىز ،قالايسەنيا ،كۆزەڭگە قالاپ ئىش قىل جۇما ،ئاننەڭنى سىكەي ھارىمى .

ئۇ تىل دەشنەمنى ئارقىمۇ ئارقا ياغدۇۋەتكەن ئىدى.كىلە كەلمەيلا ئۇچۇرغان بۇ ئاھانەتتىن پارتلايلا دەپ قالغان ئىدىم،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى جىنىمدىن ئۆتكەن ئىدى،ئىتىلغان پىتى كىلىپ ئۇنىڭ گالغىلا قول سالدىم ،ئۇ پاكىنەك بولۇپ دىقماق ،قارامتۇل ئىدى ،ئىككەيلەن پومداقلىشىپ كەتتۇق ،قىززىق ،بىز تولۇقسىزدا بىرەرسىمىز بىرنىمە دىيىشىپ قالساق باشقىلار دەرھال كىلىپ ئاجىرتىۋىتەتتى ،لىكىن ھازىر دەل ئەكىسچە ،ئەتراپىمىزغا بىر مۇنچە ئادەپ ئولۇشۇپ  يۇمۇلاق چەمبەر ھاسىل قىلغان بولۇپ قىتىرىنىپ تاماشا كۆرۇشۇۋاتاتتى ،بەلكىم چوڭ شەھەردە شۇنداق بولسا كىرەك ،ھىچكىمنىڭ ھىچكىم بىلەن كارى يوق ئىدى ،بىردەمدىن كىيىن بىر ئاشپەز چىقىپ بىزنى ئاجىرتىۋەتتى ،ئەتراپىمىزدىكىلەر خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك تارقاپ كىتىشتىدە  تامىقىنى يىيىشتى .شۇ كۇنى كەچتە بىز بىر مەكتەپكە ئۆتكەن بالىلار  يىغىن بارلىقىنى ئاڭلاپ يىغىلدۇق ،ما تاماشانى كۆرۇڭ ،مەن چۇشتە ئۇرۇشۇپ قالغان بالا بىزنىڭ قاتارنىڭ بىشىدا تۇراتتى ،بىردەمدىن كىيىن بىزنى تىزىملىغان ئوقۇتقۇچى يەنە بىر مۇئەللمنى تونۇشتۇتۇرۇپ ئۇنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىمىز ئىكەنلىكىنى ئىيتتى ،ھەمدە ھىلىقى بالىنى بىزنىڭ گۇرۇپ باشلىقى قىلىپ قويدى ،ئۇزىنى تونۇشتۇرۇپ ئىسمىنىڭ قەمىردىن ئىكەنلىكنى ،غولجۇلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە خەنزۇ تىلىنى بىر قەدەر ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ كۆرەڭلەپ قويغان ئىدى ،دىمىسۇ ئۇ خەنزۇ تىلىنى منىڭدىن ياخشى سۆزلەيدىكەن،ئۇ مىنى كۆرگەندە سەت ھىجىيىپ ئالىيىپ قوياتتى  .توت كۇندىن كىيىن بىز يولغا  چىقتىۇق .

        گۇڭجۇ ۋوگزالىدىن پويىزدىن چۇشۇپلا بۇرنۇمغا قاڭسىق بىر پۇراق ئۇرۇلغانىدى ،ھاۋا جاھان قاتتىق دىمىق ئىسسىق بولۇپ تىنىش قىيىن ئىدى ،بىر قەدەم ماڭسىمۇ چىكىسىدىن تەر چىقىپ كىتەتتى ،مەكتەپكىمۇ كەلدۇق ،مەكتەپ دەرۋەقە ئويلۇغۇندەك چىرايلىق ئىكەن ،بىراق يەنە بىر يەرلەردىن قاڭسىق قىغ پۇرىقى كىلەتتى ،ھاجەتخانىدا بىدەم ئولتۇرسا پۇراق پۇرىمىغىنغا ئوخشاش بۇ يەرنىڭ ئىسىل ھاۋاسىغىمۇ كۆنۇپ قالغان ئىدۇق .

       قەمىردىن بىلەن مىنىڭ ياتىقىم قوشنا ،سىنىپمىز بىر ئىدى ،ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچۇرشۇپ قالاتتۇق ،ھەر قىتىم ئۇچۇرشۇپ قالغاندا ئۇ ماڭا سەت ئالىيىپ قوياتتى .بىز كىلىپ ئىككى كۇندىن كىيىن يۇقۇرى يىللىقتىكىلەر پات پات ياتاقلىرمىزغا كىرىپ بىر ئىككەيلەننى بىرەر تەستەك ئۇرۇۋىتىپ چىقىپ كىتىدىغان ،ياكى بىرەرسىمىزنى ياتىقىغا چاقىرىپ ئەپچىقىپ قىلدىغىننى قىلىپ ھەيدەپ چىقىردىغان ئىشنى چىقاردى ،ئاڭلىسام بۇنى شنشىڭ جىياۋيۇ (يىڭى ئوقوغۇچىلار تەربىيسى )دەمىش .بىر كۇنى چۇشتە  ئۇ توت ئاكاش بىلەن (يۇقىرى يىللقتىكىلەرنى ئاكاش ئاچاش دەيتتۇق )بىزنىڭ ياتاققا كىردى ،يىنىدا ھىلىقى قەمىردىنمۇ تۇراتتى .

---مۇختەر دىگەن قايسىڭ !؟---سورىدى بىرسى  ۋارقىراپ .

---مەن .---دەپ ئاستا تۇردۇم .            

ھىلىقى ۋاقىرغان بالا ئاستا ھىجايغان پىتى بوينۇمغا قولىنى قويدىدە يالغاندىن ھىجىيپ  :

---ئاڭلىسام سىنى بەك نوچى دەيدۇ ،ماڭىمۇ ئازراق ئۇگۇتۇپ قويامسەن !؟  

نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا قارىدىم .

---ھەي ھىجىقىز ،گەپ قىلىۋاتىدۇ ساڭا ،گەپقىلە ؟---ياندا تۇرغان چوماقچى ئاكاشلاردىن بىرسى شۇنداق دىدىدە ئاغزىمغا بىر تەستەك ئۇردى ،ئۆزۇمنىڭ جىياۋيۇ بولۇۋاتقىنى تونۇپ يەتتىمدە لام جىم دىمەي تۇردۇم ،چۇنكى بۇنداق ئەھۋالدا بىر دىسەممۇ ئوخشاش ئىككى دىسەممۇ يەنىلا ئوخشاش بولاتتى ،قەمىردىنگە قاراپ قويدۇمدە يەنە جىم تۇردۇم ،ئات تەپكەنگە ئات چىدايدۇ ،چىداپ تۇرىۋاتاتتىم .

---ما ھىجىقىزنى ،گەپقىممايسەنغۇ  ھەي .قوڭاڭنى قىسىپ ژۇ جۇما قوڭالتاق .

مەنغۇ بىرەر ئىشتا خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۇنىدىغان كۆرۇنىغان ئىشنى قىلمىغان ،لىكىن ...يەنىلا چىداپ تۇردۇم ،ياتاقداشلىرىممۇ ھىشنىمە دىيەلمەيتتى ،چۇنكى ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەستە .ئۇلار نۆۋەت بىلەن بىر ئىغىزدىن تىللاپ ئۇراتتى ،چىشىمنى چىشلەپ چىداپ تۇردۇم ،يەنە چىدىۋەتمەكچى ئىدىم ،بىراق ئەڭ ئاخىردا كەلگەن ماۋۇ بىزەڭ ئاكاشنىڭ سۆزىگە چىداپ تۇرالمىدىم .ئۇ :

---نوچىلىق قىمماي قوڭاڭنى قىسىپ ژۇ ،بوممىسا يەتمىش پۇشتۇڭنى سىكىپ ئوتالدۇرۋىتىمەن شاۋچى .

ئۇنىڭ گىپى تۇگە تۇگىمەيلا ئۇرماقچى بولغانىدى مىنىڭ پۇتۇم ئۇنىڭدىن ئىتتىك چىقتى ،ئۇنىڭ دەل قورسقىغىلا تەپكەن ئىدىم ،ئۇ تىنالماي قالدى بولغاي جايىدا ئولتۇرۇپلا قالدى ،ئۇنىڭغىچە باشقىلار پوققا چىۋىن ئولاشقاندەك ئولۇشۇپ مىنى تۇتىۋالدىدە تاياق ياغدۇرۋەتتى .

---ھەي ھەي ،جىجاڭ ججاڭ ،چاپسان بولۇڭلا ر ،جىجاڭ كەلدى .   

---راس نوچىكەنسەن ھە ،خەپ توختا شاۋچى ،---دىيىشتىدە ياتاقتىن چىقىپ كىتىشتى ،راستىنى دىگەندە مەن  ئاشۇ قەمىردىننىڭ تۇتۇپ بەرگەن ئولجىسى ئىدىم،بۇرنۇمدىن قان ئىقىۋاتاتتى ،ھىشنىمە دىمەي ئاستا يۇز كۆزلۇرۇمنى يۇدۇمدە ئورنۇمغا كىلىپ ياتتىم ،بەدەنلىرىم سىرقىراپ ئاغىرۋاتاتتى .ھەپتىدىن كىيىن دەرىس باشلىدۇق ،قەمىردىن بىزنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بولغان ئىدى .ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىرنىمە دىيىشىپ قالاتتۇق ،چۇنكى مەن ئەمدى ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرگە جىم تۇرمايتتىم .ئىچكىرگە كىلىپ بىر ئاي  بولا بولمايلا كۆزۇم ئىچىلىپ قالدى ،بىز يىزىلاردا باشقىلار  ئاناڭنى ئۇندا قىلىمەن ،ئاچاڭنى مۇندا قىلىمەن  دىسە قاتتىق ئەيىپ ئالاتتۇق ،ھەتتا شۇ بىر ئىغىز گەپ ئۇچۇن ئۇرۇشۇپ كىتەتتۇق ،بىراق شۇنى بىلدىمدىكى بۇ يەردە يوقىلاڭ ئىشلارغىمۇ ئاچاڭ سىڭلىڭ دىيىشىپ كىتەتتى ،ھەتتا بىرگە يۇرىدىغان باللارمۇ پاراڭلاشقاندا بىراۋغا شۇنداق سەت گەپلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قوياتتى ،ھەتتا كۇلۇشۇپ كىتەتتى ،مەن يەنە شۇنىمۇ بايقاپ قالدىمكى بۇنداق سۆزلەرنى ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن بالىلار كۆپرەك ئىشلىتەتتى ،قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار دىگەن سۆز ھەقىقەتەن توغرا  ئىكەن ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشۇشىگە ئەگىشىپ مىنىڭ ئاغزىممۇ بارا بارا مۇشۇنداق سەت سۆزلەرگە كۆنۇپ قالدى ،بىراق مەن ھەر قانچە سەت گەپ قىساممۇ بىراۋنىڭ ئانىسىنى چىشلەپ تارتمايتتىم ،ھەتتا باشقىلار شۇنداق دىگەندە يۇرۇگۇمگە دوق دوق تىگەتتى ،بىر قىتىم قەمىردىن بىلەن مۇشۇ توغۇرلۇق دوقۇرشۇپ قالدۇق .بىر كۇنى كەچتە ئوغۇللار بىرگە مەيدانغا چىقىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق ،گەپنىڭ تىمىسى قىزلار توغۇرلۇق ئىدى .ئوغۇللار بىر يەرگە كەلسە قىزلار توغۇرلۇق پاراڭ بولمىسا ئەجەپلىنەرلىك دىسە بولىدۇ ،بىز ياشلارلا ئەمەس ھەتتا قىرىلارمۇ شۇنداق.

---ھەي باللا ،---دەپ گەپ باشلاپ قالدى قەمىردىن ،---قايسىڭ قىز بالا ئويناپ باققان !؟

بۇ گەپتىن ھەممەيلەن بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇقتە تەڭلا كۇلۇشۇپ كەتتۇق .شۇنداق ،بۇ سۆز دەرۋەقە ياخشى سۆز ئەمەس ،بىراق شۇنىسى ئنقكى ھەر قانچە مىللەتپەرۋەرلىكى كۇچلۇك بالا بولسىمۇ دەسلەپتە قىزىقماي ،كۇلمەي قالمايدۇ ، ئەگەر بىراۋ ماڭا مەن ئۇنداق ئەمەس دىسە مانا مەن ئىشەنمەيمەن ،چۇنكى ئۇمۇ ئادەمدە ،يەنە كىلىپ يىتىلىۋاتقان ياش يىگىت ، شەيتنىغا دەرھاللا قارشى تۇرالماي قىزىقىپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ .بەلكىم قىزلارمۇ يات جىنىس توغۇرلۇق گەپ چىقسا قىزىقىپ قالدىغاندۇ .

---خا خا خا ...،جىڭ لاۋزا نىمىكەنسە ھەي ،تازىمۇ بىر ...،---دىدى  ياقۇپ .

---ھەي ياقۇپ ھەي ،ئوغال بالىدەك گەپقىلە مۇندا ،ئەجىبا سەن قىز بالا ئويناشنى خالىمامسەن !؟ئۇندا ئىزاچان بولىۋامما ھەي ،چىرايىڭدىنلا بىلىمىز قاندا ئادەملىكىڭنى ،قارىسىغۇ ئولتوساڭ قوپساڭ قىزۋالا ئويلايدىغاندەك قىلىسەن .

---خا خا خا .---ئۇنىڭ گىپىدىن يەنا كۇلۇشۇپ كەتتۇق .

---ھەماقۇل سەمبى دەپباقەھە ،سەن ئويناپ باققانما مۇنە !؟

---مەنما !؟مەن ئويناپ باقمىغان ،لىكىن ئويلاپ باققان .

---خا خا خا ...ھەي پوقاڭنى سىكەۋە ماڭە ،سەنلا ئەمەس ھەممىسى ئويلايدۇ ئۇنى .

خا خا خا ....

---ھەي ،ئويناپ باقسا قانداۋولدىغاندۇ دەيمە ،---قەمىردىن بۇ گەپنى خۇددى بىرەر ئىشنى ئارزۇ قىلغاندەك يەڭگىل دىگەن ئىدى ،ھەممەيلەن پاراققىدە كۇلۇشۇپ كەتتۇق .

---ھەي ماڭ قارا ،---دىدى ئاغىنىلەردىن بىرى ،---ئاخشاملىققا ياتىقىڭغا كىرىپ سوپۇن قۇتاڭ بىلەن ھەپىلىشىپ باقە ،نىم بولدىغانلىقىنى بىلىسەن .                           

---خا خا خا ...

---جىڭ ھىجىقىزكەن ماۋۇ ،ھەي سەن قىپباققانما.

---ئۆزەڭ قاندا بولدىغاندۇ دىدىڭغۇ  لاۋزا .

---......

قەمىردىن يەنە گەپنى سوزغان ئىدى .

---ئاخشام غەلىتە چۇش كۆرۇپتىمەن ،شۇندا  پەرەشتىدەك بىر قىز بىلەن بىرگە يىتىپتىمىشمەن دىيىشمەيسە،ھەي ،ئەمدى يىتىپ پەيزى قىلاي دىگەندە ئويغىنىپ كەتتىم ،ئاجايىپ بولاپ كەتتىم جۇما ،ژۇرۇكۇم دىگەن ئويناپ ئىشقىلىپ بەك پەيزى بولاپ كەتتىم ،تۇتۇۋاغانغا ئۇنماي چىقتى دىيىشمەيسە ،يىرىم كىچە دىيىشكىنە ،چاتايلىقامنى تۇتسام ھۆل تۇردۇ ،بىر تۇرۇپ كۇلگۇم كىلدۇ بىر تۇرۇپ ئىشقىلىپ ھەي ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇم كەممىدى ،قالاپ يىتىپ تاڭ ئاتقۇزدۇم ،ئەتتىگەن قوپاپ قالىسام يويقىنام چۇاڭدەن(كىرلىك)نىم چەل تۇردۇ ،ئەننەڭنى يامان ئاچچىغىم كەلدى جۇما . ژۇسام بولىدۇ دىيىشكىنە ئەمدى .

  ---خا خا خا ...،---ئەمدى ئۇنىڭ بۇ چۇشى چاقچاقنىڭ بىغى بولدى .بىز بەس بەس بىلەن گەپتە سوقاتتۇق .

---شۇندا قىلىپ ئەتتىگەنياقى نەس ژۇدۇم دە .

---ھە ،نىمىشقا قىزۋالنىڭ گىپىنى قىتكى دىسەم ئەسلى مۇنداكەندە .

ھەر بىر ئىغىز سۆزدىن كىيىن كۇلۇشۇپ كىتەتتۇق .

---شوڭا قانداۋوتقاندۇ دەپ قالدىم .

---ئويناپسەنغۇ لاۋزا ئەينا چۇشۇڭدە .

---ھەي ماڭەۋە ،نەدە ئوينايدۇ ،ئەمدە ئويناي دىگەندە ئوغۇنۇپ كەتتىم داۋاتسام.

---ھەي ،ئەدەم سۇپەت بوغان بوساڭغۇ كاشكى ،خا خا خا .

---ھەي باللا ،بىرەسنى ئويناپ باقامدۇق يا ؟!

---خا خا خا ...ھەي ھالىڭغا بىقىپ گەپقىلە ھەي ،كىمنى ئوينايسە ماقۇل ھە مۇنە؟

---ئوينىيالامدۇ دەڭلا تىخى...خا خا خا ....

كۇلكە ئۇزۇلمەيلا قەمىردىن ماڭا قارىدى .

---ھە راس ،مۇختەر سەن  سەنبەن(ئۇچىنجى سىنىپ) دىكى ھىلىقى توكا  قىزۋالا بىلەن تولا چۆگىلەيدىغان بولاپ قالدىڭيا ،ئىسمى نىمىتى، ئايقىزما !؟

ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن غۇژژىدە ئاچىغىم كەلدى .

---ھەي ھەي ،تۇزۇك گەقىل ھە،ھىساۋىدىراق جۇما .

---خا خا خا ،قاراڭلا باللا ئاچچىغى كىلىۋاتىدۇ ،---دەپ بىشىمنى سىلاپ قويدى قەمىردىن .

---ۋاي تاتە ۋە نەس قولاڭنى ،چىچىمنى بۇلغىماي .

--- ما ساقام تىرىكتى مۇنا ،راس گەپنى قىلدىمغۇشۇ ،ئەيدا بوغاندىكىن ئاسانلا سوققانسە ھەقچان ،خا خا خا ...،---ئۇ بۇ گەپنى قىلغاندا ئايقىزنى دوراپ ئاخساپ قويدى دە خۇددى بىر ئىشنى ئوخشاتقاندەك كۇلۇپ كەتتى .باشقىلار دەسلەپتە كۇلگەن بولسىمۇ مىنىڭ چىراي ئىپادەمگە قاراپ يەرگە قارىشىۋالدى .ئاچچىغىم راسلا كەلگەن ئىدى ،ئۇنىڭغا بىراقلا تىل سالدىم.

---قوڭاڭغا بىر سىكىمە ۋە ھىجىقىز ...تۇزۇك گەقىل جۇما .

---ۋاي سىكە مۇنا ،قاندا مولتوتاق نىمە ماۋۇ ،ئىككى ئىغىز چاقچاق قىپقويسا...

---چاقچاق قىسساڭمۇ ھىساۋىدا قىممامسە مۇندا

ھەر ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزگە تاشلىنىدىغاندەكلا ئەلپازدا ئىدۇق ،ئۇنىڭغىچە باشقىلار بىزنى ئىتتىرگەن پىتى ئىككى تەرەپكە تارتتى .

---ئەننەڭنى قوڭالتاق ،ئوغالۋالا بوغاندىكىن دەپ گەپ قىپقويسام ئەمدى ،قەھىرمان بومماقچىمىتتىڭھەي سەن ،ئەننەڭنى پاخشەك ...

---ئەننەڭنى دىمەۋە ھىلى بىكا ...

....

باشقىلار بىزنى <بولدى قىلە >دىيىشىپ تارتقۇشلىغان پىتى ئككى تەرەپكە  ئىلىپ كىتىشتى.  شۇ ئىشتىن ھەپتە كىيىن يەنە قاملاشمىغان بىر ئىش بىلەن قەمىردىن ئىككەيلەن تەگىشىپ قالدۇق .بىز ئادەتتە تاماق يىگەندە بىر سىنىپنىڭ باللىرى بىر يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يەتتۇق ،كۆپىنچى ھاللاردا خۇددى دىيشىۋالغاندەكلا  تاماق ئوخشاش ۋاقىتتا چىقىپ قالاتتۇق ،شۇنداق يەنە ئاشۇنداق كەلدى كەتتى گەپ سۆزلەر بىلەن قىزىقچىلىق قىلغاچ تاماق يىيىشەتتۇق .ئۇ كۇنى كەچلىك تاماقتا بىز چاقىرغاندەك ئوبدانلا يىغىلىپ قاپتىمىز ،سىنىپتىكى ئوغۇللار ئاساسەن تولۇق ئىدۇق .تاماق يەۋەتقاندا بىر ئاغىنىمىز ئاچىىقسۇنىڭ گىپىنى قىلىپ قالدى .

---ما سەينى پەقەت يىگىم كەممەيدۇ جۇما مىنىڭ ،نىمە بۇ .

---ئاچچىقسۇ قۇيە ،سەل تەم پەيدا بولىدۇ .

بىزنىڭ ئۇستەلدىكى ئاچچىقسۇ تۇگۇگەن ئىدى .

---شۇندا قىلايمۇ يا ،توختاپ تۇرە بوممىسا ،مەن بىرىپ ئاچچىقسۇ ئەكىلەي .

---ھەي جىقراق ئەكەل جۇما ،---بۇ سۆزنى قەمىردىن قىلغان ئىدى .

نىم قىلسە ؟

---ئىچىمىز .

شۇ كۇنى ئەتتىگەنلىك تاماقتا سۇت تارقاتقان ئىدى ،مەن سۇتنى ئىچمەي تاماق قاچا قويدىغان ئىشكاپتا قويۇپ قويغان ئىدىم ،مىنىڭمۇ بۇ سەينى تازا يىگۇم كەلمىدىدە بىرىپ سۇتنى ئەكەلدىم .

---ۋوي ۋوي ...سۇتۇم با دىگىن ،---دىدى قەمىردىن ،---ئەكە مەن ئىچەي سۇتنى سەن ئىچسەڭ قاملاشمايدۇ .

---يائاللا ، جىڭ ئاشۇ ،غولجۇلۇق سۇتكە ئامراق كالىغا ئۆچ ،خوتۇنغا ئامراق بالىغا (ئۆچ)دىسە ئىشەنمەيتتىم ،راسمۇ نىمە ھە ....   

---خى خى خى ،---دوستۇم ئايۇپنىڭ قىززىقچىلىق قىلىپ ئىيتقان بۇ سۆزىدىن كۇلۇپ كىتىشتۇق .

---ئاچچىقسۇ ئىچىمىز دەۋاتىتىڭغۇ ئاۋاي ،ئاچچىقسۇ ئىچكىن سەن .

---ئىچىشىمىزمۇ يا !؟

قەمىردىن بۇ گىپىگە ئۇلگۇرتۇپ ھىلىقى ئاچچىقسۇغا كەتكەن ئاغىنىمىز ئۇچ بوتۇلكا ئاچچىقسۇنى كۆتۇرۇپ كەلدى .

---ۋوي ۋوي ،جىقراق ئەكە دىسەم راسلا ئەكەپسەنغۇ ھەي ،خى خى خى...

---سىنى ئىچسۇن دەپ ئەكەگەندۇ شۇ ،---بۇ سۆزنى مەن دىگەن ئىدىم ،بىراق نەدىن بىلەي ئۇ بىردىنلا راسقا ئايلاندۇرۋالدى .

---كىلە مۇختەر ئىككەيلەن ئىچىمىز .

---ھە ؟ۋاي ماڭەۋە ،ئاشقازىنىڭنى ئوتالدۇرۋىتىدۇ ھىلى .

قەمىردىن تىرىكتى ،بەلكىم بۇ سۆزنى مەندىن باشقىسى دىگەن بولسا كۇلۇپ كىتەر بولغىيتتى.

---كۆدۇڭلىما باللا ،---دىدى ئۇ باشقىلارغا مىنى كۆرسىتىپ ،---مايدا مولتوتاق مۇختەر بۇ ،يا ئالدىدا بىرەسىنىڭ گىپىنى قىلىپ چاقچاق قىلغىلى بوممىسا ...يا مۇشۇنچىلىك ئىشقا چىدىيالمىسا ...ئوغالۋالىمۇ سەن ھەي .

بۇ گەپ سەل نىرۋامغا تەگدى .

---قۇيە ياقۇپ ئاداش ،مانىڭۋىلەن ئىچىشىمەن مەن ،---ئاچچىغىم كەلگەن  تازا كەلەەن ئىدى ،---تۆكە قەمىردىن قاچاڭدىكىنى ،ئاچچىقسۇ قۇيمىز .

ئىشنىڭ يامانغا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ياقۇپ :

---ۋاي بولدى قىلە ئاداش ھە .

---يا ئىچىشىمە مانىڭۋىلەن ،سەن قۇيمىساڭ مەن قۇياي .---قولۇمغا ئاچچىقسۇ بوتۇلكىسىنى ئالدىم .ئۇنڭغىچە قەمىردىنمۇ چىچچاڭشىپ قوپتى .

---قويىۋىتە ياقۇپ ،مۇختەرنىڭ بىڭسىنى بىر كۆرەي .

---پو ئاتما ،ئەكە قاچاڭنى .

ياقۇپ قولۇمدىكى بوتڭلكىنى تارتىۋالدىدە مىنى <ماڭە ماگە >دەپ تارقۇشلىغان پىتى ئەپچىقىپ كەتتى .ئارىمىزدا مۇشۇنداق توقۇنۇش پات پات يۇز بىرىپ تۇراتتى ئۇ سىنىپ باشلىقى بولغانلىقى ئۇچۇن گاھى سىنىپتىلا گەپتە چىقىۋالاتتى .

      بىز ئادەتتە بەكمۇ مىللەتپەرۋەر ،ئىتىپاق بولۇش ،بىرلىشىش توغۇرلۇق ئاغزى ئاغزىمىزغا تەگمەي سۆزلەپ كىتىمىز ،گاھى تىخى مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇنداق قىنى قىززىق  مىللەت ئكەنلىكىدىن ،بىرلىككە كىلەلمەيدىغانلىقىدىن،چىقىمچىلىق قىلمىسا تۇرالمايدىغانلىقىدىن ئاغىرنىپ ئەيىپلەپ كىتىمىزيۇ لىكن ئەمىليەتتە ئۆزىمىز بىلگەننى قىلىۋىرمىز ،تىخى  <مىللەتەرۋەر>بىر نەچچەيلەن ئاشۇ <ۋىجدانسىز>لارغا زەربە بىرىش ئۇچۇن توپلىنىپ قالىمىز ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر توپ بىز يەنە بىر توپ بولۇپ قالىمىز ،نىيىتىمىز بىرلىككە كىلىش ئىتىپاقلىشىش ،بىراق ئۇسۇلىمىز دەل ئەكىسچە گۇرۇپ بولۇشۇپ بىر بىرىمزگە ئورا كولاش ،بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى <ۋىجدانسىز ،خەنزۇلىشىپ كەتكەن،خنىم مىجەز >دەپ تىىلساق يەنە بىر تەرەپمۇ قارشى تەرەپنى <زاماننىڭ ئاخردا قالغان ،مەتۇ ،چۇپەي>دەپ تىللايتۇق ،مانا بۇ بىز ئىچكىر تولۇق ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىتىپاقلىشىش مارشىمىز ۋە قىلىۋاتقان ئەمىلىي ئىشىمىز ئىدى .قىنى قايسى مەكتەپتە شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقوغۇچىلار شۇ يەردىكى خەنزۇ ئوقوغۇچىلاردىن لاۋدا(خوجا)لىق تالىشىدۇ ،يىڭى ئوقوغۇچىلار كىلەر كەلمەي يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش شىنشىڭ جياۋيۇسىگە ئۇچراپ قىقىندى سوقىندى بولسا ،ئىچكىرگە ئۆتكىنىدىن بىر ئوبدان خۇشال بولۇپ كەلگەن بۇ  ئوقۇغۇچى كىلەر كەلمەي ئۆز مىللىتىدىكىلەردىن تاياق يىسە،بىز ئۇنداغەي مۇداغەي دەپ ئاغىرىنغان خەنزۇلار تاماشا كۆرسە ....ئەجىبا بىزنىڭ مللەتپەرۋەرلىكىمىز ،ئىتىپاق بولىشىمىز مۇشۇمىدى !؟قىنى بىزنىڭ شۇئارلىرمىز !؟ بىزنىڭ بۇ مىللەت توغۇرلۇق ئىلىپ باغان <كۆرەش>لىرمىز پەقەت ۋە پەقەت بىر بىرىمىزگە نوچىلىق قىلىش ئىدى خالاس .بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرچىقىمىز پەقەت پىتىشمايتتى ،ئاشۇ يەرلىك خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالتە مىڭدىن ئاشاتتىيۇ ئىككى خەنزۇ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ دىگەن سۆزنى ئاڭلىمايتتۇق ،بىراق بىزنىڭ سانىمىز بىر نەچچە يۇزلا ،يەنە كىلىپ ئوغۇللارنىڭ سانى ئىككى يۇزگە ئۇلاشمايتتى ،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنىڭ شىنجاڭ سىنىپدا ھەپتىدە كەم دىگەندە ئىككى ئۇچ قىتىم كىچىك جىدەل ،ئىككى ھەپتىدە بىرەر قىتىم چوڭ جىدەل چىقماي قالمايتتى .كىچىك جىدەل ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ،چوڭ جىدەل قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇز بىرەتتى .قازاقلار بولسا قازىقىستان توغۇرلۇق پاراڭلارنى سىلىشىپ كۆرەڭلىسە بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ قازىقىستانغا پاتماي بىزنىڭ شىنجاڭدا پوق ئىستەپ يۇرگەنلىكىنى دەيتتۇق ،مانا بۇ جىدەلنىڭ بىغى ئىدى ،ئادەتتە ھەممەيلەن مەيلى قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقوغۇچىلار شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ شۇئار تولىشاتتىقيۇ  بىراق دەل ئىچىمىزدىن قەستەن سۇركىلىش ھاسىل قىلاتتۇق ،ئەلۋەتتە ،بۇ پەقەت ئارىمىزدىكى بىر ئىككەيلەننىڭ قىلمىشى بىلەن باشلىنىپ قالاتتى ،بۇنى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇقاتتىدە يىغىن ئىچىپ بىزنى ئەيىپلەپ كىتەتتى ،قىزىق يىرى ئۇلار بىزنى ئەيىپلىگەن چاغدا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى قازاق بولسۇن ئىچىمىزدە ئاشۇ مەكتەپ رەھبەرلىنى <بىز شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلانى  ھاقارەت قىلغان> لىقىدىن رەنجىشىپ نەچچە مىڭنى تىللايتۇق ،بىراق ئىشتىن كىيىن تۇگىنىڭ مازا بىلەن كارى يوق دىگەندەك ئۆزىمىز بىلگەننى قىلاتتۇق ،ھەممىمز ئۆزىمىزنىڭ  ئىتىپاقلىشىش كىرەكلىكىنى ،ئىجىل ئىناق ئۆتۇشى لازىملىقىنى ئوبدان بىلەتتۇق-يۇ،خۇددى موللامدەك بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيەتتۇق ،بىر بىرىمىزنىڭ ئىشىنى ياراتماي قۇسۇر ئىزدەشلىرمىزچۇ تىخى ،ئىككى ئادەم بىردەمدىلا ھەل قىلىۋىتىغان ئىشقا بىر نەچچىمىز ھەر خىل پىلانلارنى سوقۇشۇپ بەس بەس بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ كىتەتتۇق ،بىراق ئەڭ ئاخىردا ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەي كالپۇك يالايتتۇق ياكى قىلغان ئىشىمىز ناھايتتى ئۇنۇمسىز بولۇپ چىقاتتى-دە ،سەن ئۇنى قىمىغان بولساڭ بۇندا بولمايتتى دىيىشىپ بىر بىرىمىزدىن ئاغىرنىپ كىتەتتۇق ،پەقەت بولمىسا <ئامال يوق >دەپلە تۇگۇتەتتۇق .بەلكىم بۇنداق ئىشلار پەقەت مەكتەپتىلا ئەمەس  جەمىيەتتىمۇ شۇنداقتۇر .بەلكى بىز بۇنداق ئادەتنى تۇزىتىپ ھەقىقى ئىتىپاق بولغاندا ،بىر بىرمىزنى ھەقىقى قوللىغاندا ئاللىقاچان زامان ئاخىرى بولۇپ كىتىدىغاندۇ ،قىسقىسى بىزنىڭ بىرلىكتە ئىش بىجىرىش ،ئۆز ئارا قوللاش پەقەت ئىغىزىمىزدىكى قوللاش ئىدى خالاس.ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ،قەمىردىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى سۆزلەۋىتىپ سەل قايناپ قالدىم ،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ،ئەسلىدە  بىر قىتىملىق سەنئەت پائالىيتىگە نۇمۇر تەييارلاش جەريانىدا يۇز بەرگەن كىچىككىنە ماجرا يادىمغا يىتىپ قالغان ئىدى .مەكتەپ بىزگە شۇ يىللق مەكتەپتە ئۆتكۇزۇلدىغان يىڭى يىل بايرىمى ئەدەبىي سەنئەت كىچىلىكىگە شىنجاڭ سىنىپىدىن ئىككى نۇمۇر تەييارلاش كىرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى ،تولۇق ئوتتۇرا دەرىسلىكىنى ئوقۇيدىغان ئاكا ئاچاشلار ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن ئارلاش بولغاچقا بۇ ۋەزىپە بىز تەييارلىق كۇرۇستا ئوقۇيدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ زىممىسىدە ئىدى ،ئەلۋەتتە بىز بۇ ئىشنى شەرەپ ھىسابلايتتۇق ،بىراق بىزنىڭ تەييارلىق كۇرۇستا ئۇچ سىنىپ بولغاچقا ئۇچ سىنىپ ئىككى نۇمۇر تەييارلاش بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى ،شوڭا ئارىدىن بىر سىنىپ چىكىنپ چىقىشى ياكى ئىككى سىنىپ بىرلىشىپ بىر نومۇر تەييارلىشى كىرەك ئىدى ،ئەلۋەتتە ،چىكىنىپ چىقىشنى ھىچقايسى سىنىپ خالىمايدۇ-دە .بىزنىڭ ئەدەبىي سەنئەت ھەييتىمىز دىلشات  مۇنبەرگە چىقىپ :

---بىز ئاربەن (ئىككىنجى سىنىپ) بىلەن بىرلىشىپ نازۇركۇمنى ئوينايدىغان بولدۇق .چۇنكى ،زىنمى شونى(قانداق دىسەم بولا)،ئاربەننىڭ قىزلىرى ئۇسسۇلغا سەل يامانكەن ،لىكىن ئوغۇللىرى بەك كالامپاي ،شوڭا بىزنىڭ سىنىپتىن بەش قىز يەتتە ئوغال ئار بەندىن يەتتە قىز بەش ئوغال جەمىي ژىگىرمەيلەن نازىركۇمنى ئوينايلىمىكى دىگەن .

---ۋاي ماڭەۋە ،---دەپ سەكرەپ قوپتى قەمىردىن دىلىشاتنىڭ گىپىنى  بۆلۇپ ،---ئەدەم تىپىلمىغاندەك  ئاربەن بىلەن ئوينايمىزما .

---ھەي قارا، ئۇندامۇ دەپكەتمە ئاداش  ....

قەمىردىن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا دىلشات ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ سىلىق گەپ قىلغان ئىدى .

---يا يا ياق ،ئۆزىمىز ئوينايمىز ئۆزىمىز

قەمىردىن گىپى تۇگۇشى بىلەنلا سىنىپتا غۇلغۇلا كۆتۇرلۇپ كەتتى .

---ئاداش ،دىدى دىلشات قەمىردىنگە قاراپ ،---سىنىپتا با يوق ئوغالۋالا  ئون نەچچە ،يەنە نەچچە ئاغىنىمىزنىڭ قولى ئۇسسۇلغا ئگىلمەيدۇ ئاداش  ،شۇ....

---ۋىيەي ،ئىگىلمىسە ئۇگەتمەمسە سەن ،باكاغا سايلىمىغان سىنى .

قەمىردىننىڭ بۇ گىپى دىلشاتنىڭ سەل غورۇرىغا تەگدى بولغاي دىلشات ئاچىغلاپ قالدى .

---ئەيدا بوغاندىكىن شۇ ،سەن ئىشىڭنى قىل ئاداش ھەممە ئىشقا چات كىرلىۋالماي ،مەن قاندا قىسسام ئۆزەمنىڭ ئىشى .

دىلشاتنىڭ گىپىنى ئاساسەن بالىلارنىڭ ھەممىسى قوللايتتى ،چۇنكى ئۇ مىجەزى تۇز ،گىپى ئورۇنلۇق ئىدى ،ئۆزى كەمتەر بولۇپ چوڭ سۇپەت يۇرەتتى ، ئەدەبىي سەنئەتتە ئالاھىدىرەك تالانتى بار ئىدى .

---ۋوي ،كىمگە ۋارقىراۋاتىسە ،قاندا بەزگەك ماۋۇ .

قەمىردىن يوقىلاڭ ئىشقا مۇشۇنداق قىلىۋىدى سىنىپتىكى ئۇنىڭ چاپىنىنى ياپىدىغان بىر ئىككەيلەندىن باشقا ھەممەيلەن بىراقلا ئۇنىڭغا كايىغىلى تۇردۇق .ئۇ ئاخىردا چىداپ بولامماي مۇنبەرگە چىقتىدە پاققىدە بىرنى شاپاللىۋىتىپ :

---پاراڭ سامماي جىم ئولتۇرشە ،قاندا نىمىلە ماۋۇ ،ھەي ،ئاربەندىن بىز قالامدىكەنمىز ،ھازىر بىرگە ئوينىساق ئەتە ئۆگۇن بىزگە يالۋاغان دەپ بىشىمىزغا مىنە شۇ !؟

---ھەي قەمىردىن ،ھەممە ئەدەم ساڭا ئوخشاش كۆك ئەمەس قالا ...

---ھەي ئاداشھەي ،قاچانلا قارىسا مىللەت توغۇرلۇق سۆزلەيسە ،ئەمدى ھەجەپ ئۇنتۇپ قاپسەنيا ،ئا بى چاغدا  يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماسيەي دەپ داۋاتىتتىڭ سىنىپ يىغىنىدا ،ئەمدىزىگە ...

بۇ گەپلەردىن ئۇ ئاستا خىمىغا يىنىپ قالدى .

---ۋاي بولدى قىلىشە ۋە ،قاندا قىسساڭ قىلىشمامسەن ،بەرىبىر مەن ئۇسسۇل ئوينىياممايمەن ...

.....

    كۇنلەر مانا مۇشۇنداق رىتىم بىلەن ئۆتەتتى ،ئىشقىلىپ قەمىردىن بىلەن ھەپتىدە بىرە قىتىم تەگىشىپ قالاتتىم ،راس گەپنى قىلسام ئۇنىڭ بىر ئىشىغا قايىل ئىدىم ،بەزىدە قوشنا سىنىپلاردا كىچىككىنە ئىش ئۇچۇن مەكتەپ رەھبەرلىرنىڭ چۆرگىلەپ جدەل سوراپ يۇرگىنىنى كۆرەتتۇق ،لىكىن بىزنىڭ  سىنىپتا خىلى چوڭ چوڭ ئىشلار بولسىمۇ ،ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن گاھىدا مۇشتلىشىپ قلساقمۇ،  قەمىردىن   باشقا سىنىپ ھەيئەتلىرگە ئوخشاش مەكتەپ  رەھبەرلەرگە چاقمايتتى،گەرچە ئۇنىڭ بىلەن تازا ياخشى چىقىشىپ كىتەلمىسەممۇ بىراق مۇشۇ تەرپىنى بولسىمۇ ھۆرمەتلەيتتىم.بىريىلنى توشقۇزۇپ تولۇق بىرگە چىقتۇق ،بىزنى ھەرقايسى سىنىپلارغا بەشتىن ئالتىدىن بۆلىۋەن بولغاچقا تەييارلىق كۇرۇستا بىر سىنىپتا ئوقوغان ساۋاقداشلار پەقەت ھەپتە ئاخىردىلا يىغىلاتتۇق ،شوڭلاشقىمىكىن تاڭ قەمىردىن بىلەنمۇ ئاداش ئاداش دىيىشىپ ئۆتۇدىغان بولۇشتۇق .

---راس ئاداش چاقچاق قىممىدىم ،راسلا كىتىمەن ،بەك مۇيىم ئىش باتتى .

---ھەرقانچە مۇھىم ئىشىڭ بولسىمۇ ئاندا مولتوتاغلىق قىمما ئادەشھەي ،باللا بىللە ئىككى ئۇچ كۇن ئوينامىز مۇندا .

قەمىردىننىڭ گىپىگە يەنە ياق دىيىشكە خىجىل بولدۇم ،<بوۋامنىڭ تۇگەپ كەتكەنلىكىنى دەيمۇ يا >،نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇراتتىم ،ئۇنىڭغىچە ياقۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇردىدە ئۇنىڭ مۆرىسىگە شاپاللاپ :

---ئۇنى تەڭلىكتە قويما ئاداش ،ئۇنىڭ راستىنلا بامىسا بوممايدىغان ئىشى چىقىپ قاپتۇ .

---ھىلىمۇ شۇ دىمەمسە نىمە ئىش !!؟

---پەسراق گەپقىلە ئاداش ،نىمىشلىكىنى مەن ساڭا كىيىن دەپبىرەي ،غەرەز چۇشەنسەڭچۇ بىرە قىتىم .

---تازىمۇ بىر ....

قەمىردىن شۇنداق دەپقويدىدە قىستىلىپ ئاستا يۇك تاقلىرنىڭ يىنىغا كەتتى .

        ئەڭ ئاخرقى ئون نەچچە مىنۇت،ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق ،ئۆزىمىزنىڭ سومكا چامدانلىرمىزنى تۇتۇشۇپ پويىزدىن چۇشۇشكە سەپراس بولۇپ تۇرۇشقان ئىدۇق ،كۆزلەردىن تىتىلداش ،ئالدىراش چىقىپ تۇراتتى ،پۇتلار تىكىسلىماقتا ،بويۇنلار سوزۇلۇشماقتا ،ئۇچ كۇندىن بۇيانقى سەپەرنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى ،تۆت يىلدىن بۇيانقى ئۇزۇن سەپەرنىڭ جۇدالىق دەقىقىلىرى مۇشۇنداق ھاياجانغا تولغان ئىدى ،شۇ تاپتا ئۆزۇمنىڭ قانداق كەيپىياتتا بولۇۋاتقانلىقىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيتتىم ،بىلىپ بىلمەي مەنمۇ سەل تىتىلداپ قالدىم ،سىرتتا ئانچە مۇنچە بىنالار كۆرۇنۇشكە باشلىدى،يانداش رىلىسلاردا توختىتىلىپ قويۇلغان ماي پويىزى ۋە يۇك پويىزلىرى كەينىدە قالماقتا ئىدى ،پويىز سۇئىتى ئاستىلىدى ،ئالاھەزەل بەش مىنۇتلاردىن كىيىن پويىز ۋوگزالغا كىرىپ كەلدى-دە ئازراق ئۆمىلىگەندىن كىيىن چىپپىدە توختىدى .ھەممەيلەن ئالدىراش پويىزدىن چۇشىۋاتاتتۇق ،ساۋاقداشلىرىم   بىر بىرنى ساقلىشىپ قالغان ۋوگزال سۇپىسىدا قاتارلىشىپ تۇرغان ئىدى ،بىراق مەن پويىزدىن چۇشۇپلا تىخىمۇ ئالدىراپ قالغان ئىدىم ،قەمىردىننى بىر يانغا تارتىمدە قىسقىغىنە چۇشەندۇرۇپ ماڭا ۋاكالىتەن ئۇلارغا خوش دەپ قويۇشنى ئۆتۇندۇمدە ياقۇپ بىلەن ۋوگزالدىن چىقتىم .مىنىڭ ئوينىمايدىغانلىقىمنى باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلمەيتتى ،شوڭا ئۇلارغا خوش دىسەم بەلكىم ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۇزۇپ قوياتتىم ،بەلكىم خوش دى،ەيلا كىتىش توغرا تاللاشتۇ ،چۇنكى بۇنداق كۆپ ساۋاقداشلار بولغاندىكىن بىرەرسىمىزنىڭ ئازلاپ قىلىشى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەتمەيدۇ ،شوڭلاشقا ئۇلارنىڭ بىلمىگىنى ياخشىراق دەپ ئويلىغان ئىدىم .ياقۇپ مىنى يولغا سىلىپ قويغىلى چىققان ئىدى ،تەلىيىمگە ۋوگزال مەيدانىدىلا يەكەنگە بارىدىغان ئابتۇبۇس بار ئىدى ،ئۇدۇل بىرىپ يۇك تاقلىرىمنى قويدۇم،ئەمدە ماشىنىغا چىقاي دىيىشىمگىلا كەينىمدىن بىرسى چاقىردى .

---مۇختەر ،---بۇ ئايقىز ئىدى ،---خوشمۇ دىمەمسىز !؟،---ئۇ قولىدا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۇرۇپ يۇگرەپ كەلگەن ئىدى ،---پەقەت قاملاشمىدىڭىز جۇما ،خوشمۇ دىمەي مىڭىپ ،---ئۇ رەنجەەندەك ئاغزىنى ئۇمچەيتىپ ئالىيىپ قويدىدە ،يەنە بىردىنلا كۇلۇمسىرەپ ،---بۇنى ئىلىۋىلىڭ ،يولدا لازىم بولا ،كەچۇرۇڭ ،سىز بىلەن بىرگە بارغۇم ئىدى ،لىكىن ...

ئۇنىڭ قولىدىن نەرسىلەرنى ئاۋايلاپ ئالدىمدە ئۇنىڭغا بىردەم ئۇنسىز تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كىيىن <رەخمەت >دەپلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ ياقۇپ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كىيىن ماشىنىغا چىقتىم ،راس گەپنى قىلسام ئايقىزغا يەنە بىردەم قاراپ تۇرغۇم ،ئۇنىمۇ جاندەك بىرگە ئىلىپ كەتكۇم بار ئىدى ،بىراق مەن ئۇنداق قىلسام بولمايتتى ،ئۇنى (ماشنىغا چىقىڭ) دىيىشتىن ئۆزۇمنى ئاران تۇتىۋالغان ئىدىم ،يەنە قاراپ تۇرۇشقا جۇرئەت قىلالمىغانىدىم ،ماشىنغا چىقىپلا  خۇددى نىمە سەۋەبتىندۇر يۇرۇگۇم پىژ قىلىپ قالغان ئىدى ،كاللام نىمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتاتتى ،شۇنچە ئىشلارغا مىتمۇ قىلىپ قويمايدىغان كۆزۇمگىمۇ ياش تولغان ئىدى .كەينىمگىمۇ قارىماستىن ئۇرۇن ئىلىپ ئولتۇردۇم.شوپۇر ماتۇرنى ئوت ئالدۇرغاندىلا سەل ئىسىمگە كەلگەندەك بولدۇم ،ئورنۇمنىڭ ئەڭ ئاخردا ماتۇرنىڭ ئۇستىدىلا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم ،ئاستا ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قارىدىم ،ئايقىز بىلەن ياقۇپ ماشىنا ئىچىگە  بويۇنداپ قاراۋاتاتتى ،ئايقىزنىڭ قاراشلىردىن ئىنقكى نىمىگىدۇر قىيمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،ئۇلار مىنڭ سىرىتقا قارىغىنىمنى كۆرۇپ تەڭلا قول پۇلاڭلاتتى .ماتۇر ئاۋازى بىردىنلا يۇقىرلىدىدە ،ماشىنا ئاستا قوزغالدى ،ئايقىز ماشىنا چوڭ يولغا چىققانغا قەدەر ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى ،<خەيىر-خوش قەدىناسلار !!!>

      ئورنۇم ماشىنىنىڭ ئەڭ كەينىدە ،ماتۇرنىڭ ئۇستىدىلا ئىدى ،ماتۇرنىڭ ئاۋازىدىن شوپۇرنىڭ ئاچىچىغى بار يوقلۇقىنى بىلگىلى بولاتتى ،مانا ماتۇرنىڭ ئاۋازى بىر قىتىم يۇقۇرى كۆتۇرلۇپ ماشىنا يىنىك سىلكىنەندەك بولدىدە ماتۇر ئاۋازى يەنە سەل پەسەيدى ،شوپۇر ماشنا سۇرئىتىنى ئاشۇرغان ئىدى .دەرىزىدىن ماشىنا سىرتىنى ئىنىق كۆرگلى بولاتتى،ئۆرۇمچى ئەتتىگەندىلا قىززىپ كەتكەن ئىدى ،ماشىنا مۇشۇ بىر يول بۆلىكىدىنلا بىر نەچچە قىتىم توختاپ ئاران دىگەندە ئەركىن چاپىدىغان بوشلۇققا چىققان ئىدى ،ماشىنا ھەر قىتىم تۇسۇلۇپ قىلىپ توختىغاندا ئىچ ئىچىمدىن تىتىلداپ كىتەتتىم ،مۇشۇنداق تولا توختاپ ئەتە چۇشكىچىمۇ ئۆيگە بىرىپ بولالماسلىقتىن ئەنسىرەيتتىم ،بويۇنداپ قارايتتىم ،ئەمدى ياخشى بولدى ،ماشىنا ئاللىبۇرۇن ئۆرۇمچى رايۇنىدىن چىقىپ تىز سۇرئەتلىك تاش يولدا لەرزان كىتىپ باراتتى ،ماتۇر ئاۋازى بىرخىل رىتىمدا گۆلدۇرلەيتتى ،يول ياقىسىدى ئوخشاش ئارلىق قالدۇرۇپ تىكىلگەن ،بىر بىرىگە ئوپمۇ ئوخشايدىغان دەرەخلەر بىر بىرلەپ ئارقىدا قالماقتا ئىدى ،ماشىنا نىگان نىگاندا ئۇچرىغان يۇك ماشىنىنى يانداپ ئۆتەتتى ،بەزىدە ئارقىدىن غۇيۇلداپ كەلگەن كىچىك ماشىنىلارنىڭ ئارقىدا قالاتتى .ماشىنا ئىچىمۇ باشقىچە بىر دۇنيا ئىدى ،ماشنا  ئاستى ئۇستى كارۋاتلىق ئىدى ،ماشىنا ئىچىدىكىلەرنڭ كۆپىنچىسى ئوقوغۇچىلار ئىدى ،ئۇلار قانداقتۇر شۇنداق خۇشاك كۆرۇنۇشەتتى ،ماشىنغا چىقا چىقمايلا قىزغىن پاراڭنى باشلىۋەتكەن ئىدى ،ماشىندا جەمىي ئۇچ تىلىۋۇزۇر بار بولۇپ ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان لەرزان ناخشىا ئۇسسۇلمۇ يەنە بەزىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى ،يەنە بەزىلەر ئاللىبۇرۇن شىرىن ئۇيقىنغا كەتكەن بولۇپ ماشىنىىڭ نىگان نىگاندا تەۋىرنىسىدىن شىرىن ئەللەيلىنەتتى ،يەنە ئوتتۇر ياش بىرسى شوپۇرنىڭ يىنىدىكى بوش ئورۇندا ئولتۇرۇپ پوقۇرتۇپ تاماكا چىكىۋاتاتتى .بارغانسىرى تىتىلداپ كىتىۋاتاتتىم ،قىرىشقاندەك مۇنۇ يىنىمدىكى ئورۇندا يىنىچە ياتقان كەكە ساقال كىشى تولا گەپ سوراپ ئىچىمنى سىققان ئىدى ،ئۇنىڭ بىر ئىغىز گىپىگىمۇ ئىچىلىپ جاۋاپ بىرەلمىدىم ،چۇنكى كاللام ئاللىبۇرۇن بۇ رىئال دۇنيادىن ھالقىپ قوتۇرماچ خىيالغا كەتكەن ئىدى ،ئويلىغانسىرى ئىشنىڭ يامىنى چىقىۋاتاتتى ،ئويلىغانسىرى ئىچىمدىن يىغا كىلەتتى، تىخىمۇ تىتىلداپ شوپۇرنىڭ ماشىنىنى تىخىمۇ تىزرەك ھەيدىشىنى ئۆمۇد قىلىپ قالاتتىم .كۆڭلۇمگە  يەتمىگەن يامان خىياللار يىتەتتى .

     بىلسەم بىلمىسەم ئۆي چوقۇم چۆلدەرەپ قالدى ،چۇنكى ھاجىم ئانامنى چوقۇم  بىرەر كىچىمۇ قوندۇرماي ئىلىپ ماڭىدۇ ،ئۇ باشقىلارغا قانچىلىك ياخشى بولسۇن مىنىڭ نەزىرىمدە مىھرى –شەپقەت يوق باغرىتاش ئادەم ئىدى ،نى كۇندە بوۋام مىنى ھاجىمنىڭ ئۆيىدىن ياندۇرۇپ كەلگەن كۇندىن باشلاپ ھاجىم بىزگە ئۆلگىدەك ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى ،ئاڭلىساق بوۋام مىنى ياندۇرۇپ كىلىپ ئۇنىڭ يۇزىنى تۆكۇپتۇمىش ،ئەل جامائەت بىر بالىنى پاتۇرمىدى دەپ تىللاپتۇمۇش ،دىمىسىمۇ راس تۇرسا ،ئانام ئىككىمىز ئۇنىڭدىن يىگەن تاياقلىرمىز ئازمىدى ،ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆچ ئالاتتى ،بوۋامدىن ئالالمىغان دەردىنى ئانامدىن چىقىراتتى ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئانامنى روپاش كىشى ئۆيدىن تالاغا چىقسا بولمايدۇ دىگەن باھانە بىلەن بىزنىڭ ئۆيگىمۇ ئايلاپ ئايلاپ ئاران ئەكىلەتتى ،ھىلىمۇ ئىسىمدە ،بىر قىتىم ئانام ئۇدا ئۇچ ئاي كەلمىدى ،ئەلۋەتتە بۇ ھاجىمنىڭ ئويۇنى ئىدى .بىر كۇنى قاق سەھەردە ئەمدى مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام دەرۋازا ئىچىلدىدە ھاجىم ئاتلىق كىرىپ كەلدى ،ئۇ ئاتتىمۇ چۇشمىگەن ئىدى ،ئانام پىيادە ئىدى ،<ئۇلارنىڭ ئات ھارۋىسى بار تۇرسا ،ھەجەپ ھارۋىنى قىتىپ ئانامنى چىقىرىپ كەلمەي ئۆزى ئاتقا مىنىپلا كەپتا >،ئانامنى كۆرۇپ ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي ئالدىغا يۇگۇردۇمدە  باغرىغا ئۆزۇمنى ئاتتىم ،بىراق كۇتۇلمىگەندە ھاجىمنڭ قامچىسى بىشىمىزغا تەگدى .

---ھەي ،ۋۇ نۇمۇسنى بىلمىگەن ژىتىمەك ،چوڭۋۇلدۇڭ ئەمدى .

ئەسسەلاممۇ دىمەي كىلە كەلمەستىن بىزگە زورلۇق قىلغىنى كۆرگەن بوۋام چىداپ تۇرالمىدىدە ھاجىمغا دىدى

---نىمدا قىللا  ھاجىم بالام ،ئانا بالا بوغاندىكىن ...

---ھايا ئاكا ھايا ،---دىدى ھاجىم ئات ئۇستىدىلا بوۋامغا چالۋاقاپ ،---مۇختەرئاخۇن ئۆزى ئەمدى ئون ياشقا كرىپ قالدى ،نامەھرەم بولدۇ ،ھەقانچە ئانا بالا بولسىمۇ ھاياسىزلىق بو ،قامچا بەرھەقتۇر،ھاياسىزلارنى قامچىلاش كىرەك ،بوممىسا بىزلەرمۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇغلىغىن ھاياسىز ئىشلارنى توسمىغىنىمىز ئۇچۇن گۇناھكار بولىمىز ،دەۋزەخنىڭ قامچىسى بۇنىڭدىن قاتتۇق   ،---ئۇ بۇ سۆزنى شۇنچىلىك ۋەزمىن دىگەن ئىدى .

  بوۋام چىشىنى چىشلەپ ھىچنىمە دىمىدىدە ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدى .

---خوش رەخمەت ،---دىدى ھاجىم غادىيىپ قويۇپ ،---بىز ئالدىرايتتۇق ،ماۋۇ مەزلۇم ئانام دادامنى سىخىندىم دەپ تۇرۋىلىپ مۇھىم ئىشىمنىمۇ قويۇپ ئالدىراپلا ھارۋا قوشقىلىمۇ ئۇلگۇرمەي كەلگەن ،بىز ماڭىلى .

<ئالدىراپ ھارۋا قاتماپتىمىش تىخى ،ئالدىرغان ئادەم تىخىمۇ ھارۋا قوشىشى كىرەكتە >،كۆرسەتكەن باھانىسى شۇ بولغان ئىدى ،ھاجىم شۇنداق دىدىدە ئانامغا ماڭ دىگەننى قىلىپ كۆز ئىشارىسى قىلدى ،ئانامدا نىمە ئامال ،بىراق بوۋام بىردىنلا ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى .

---ھاجىم بالام ،قىزىمنى تالاق قىلىۋىتىڭ ،مەن ...

بۇ گەپتن ھاجىم چىچچاڭشىپ  كەتتى .

---ھوي نىمە دىگەنلىرى بۇ ئاكا ،بىر ئوبدان ئۆتىۋاتساق ،نىمىشقا تالاق قىلغۇدەكمەن ،چاققان ئىستىغپار ئىيتسىلا ،قىزلىرنى تالاق قىلغۇزۇۋىلىپ ئۇنى ئۆزلىرگە ئات ئىشەكتەك ئىشلەتمەكچىمىدىلە  ھە !!؟بىر مۇختەر ژىتىم بولغىننى ئاز دەپ يەنە بىر بالىنى ژىتىم قىماقچىما ،نۇمۇس ھەي نۇمۇس ،سىلىنى قىينئاتام دەپ شۇنچە ھۆرمەتلىرنى قىلىپ كەلدىم،شەرىئەتتىن ئاز تولا بولسىمۇ ئىلىم ئۇگەتتىم ،ئى پوق ساقاللىرغا تۇشلۇق ئىش قىلسىلا بوممامدا ئاكا .

ھاجىم بوۋامنى  ئاشۇنداق  پوقساقالدىن پوق ساقالغا سىلىپ تىللاپ كۆز ئالدىمىزدىلا ئانامنى قامچىلىغان پىتى ئىلىپ كەتكەن ئىدى ،بىز نىمە دىيەلەيتتۇق ،ھەرقانچە دىگەن بىلەنمۇ خەلقى ئالەم ئالدىدا گۇناھ يەنىلا بىزگە تەئەللۇق بولاتتى ،شۇ كۇنى قاق سەھەردىلا بولغان بۇ ئىشتىن ھەممەيلەن قاتتىق ئازار يىگەن ئىدۇق ،مومامغا بۇ دەرت ئەلەم ھاقارەت ئىچىگە ئۆتۇپ كەتتى بولغاي قاتتىق ئاغىرىپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى ،ئۇ  توختىماي <ۋاي قىزىم ،شور پىشانە قىزىم ،ۋاي ئاللا ئىگەم>دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلايتتى ،مومام يىغلاۋىرىپ يىشىمۇ قالمىغان ئىدى ،شۇ ئىشتن ھەپتە كىيىن مومام ئالەمدىن ئۆتتى .مانا بۇ ئىسىل سۇپەت ھاجىمنىڭ بىزنىڭ ئائىلىگە قىلغان غەمخورلۇقى شۇ ئىدى .ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ،ھاجىمدىن ئىلگىرى كەلمىگەن ئىنساپ ئەمدى كەلمەيدۇ ،ئۇنىڭغا ئانامنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئوتسە ھىچقانداق تەسىر بولمايدۇدە ، ئۇ چوقۇم ئانامنى ئۆيگە ئىلىپ كەتتى ،مومام (ئۆگەي مومام)بولغىنى بىلەن ئۇمۇ ئۆيدە يالغۇز يۇمايدۇدە ،بۇگۇن بوۋام تۇگەپ كەتكەننىڭ يەتتىنجى كۇنى ،ھەپتىنىڭياقى ئۆيدە ئادم تۇمىغان بولۇشى تۇرغانلا گەپ ،ئۆي چوقۇم چۆلدەرەپ قالدى .

    ماشىنىنىڭ يەڭگىل سىلكىنىشىدىن سەل خىيالدىن ئويغانغاندەك بولدۇم،ماشىنا ماتۇرنىڭ ئاۋازى يەڭگىل گولدۇرلەشتىن بوم ،كۇچلۇك گۆركىرەشكە ئايلانغان ئىدى،دىرىزىدىن سىرتقا قارىدىم ،توغرا ،ماشىنا  ئۆرۇمچىدىن بەش ئالتە سائەتلىك يىراقلىقتىكى بىر تەرپى تاغ يەنە بىر تەرپى ھاڭ خەتەرلىك يول بۆلىكىدە يۇقىرغا قاراپ مىڭىۋاتقان بولۇپ سۇرئىتى ئاستا ،كۇچلۇك ئىدى  ،شوڭا ماتۇرنىڭ بۇنداق گۇرۇلدىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى .ماشىنا ئچىگە يەنە بىر سەپ سالدىم ،ماشىنا ئىچى خىلى تىنىچلانغان بولۇپ كۆپىنچى يولۇچىلار ئورنىدىلا چازانە قۇرۇشۇپ ئولتۇرشۇپ سۇرلۇك قىياپەتتە يۇرەكلىرنى تۇتۇشۇپ ئاغزىنى ماكاچلىتىپ دۇرۇت ئوقۇپ ياكى بىرنىمىدىن قورۇققاندەك مولۇندەك قارىشىپ ئولتۇراتتى ،يىنىمدىكى ماۋۇ كەكە ساقال كىشىمۇ قولىغا مارجان تەسۋىر ئىلىۋالغان بولۇپ دۇرۇت ئوقۇۋاتاتتى ،ئىنىقكى ،بۇ پۇتۇنلەي مۇشۇ يول بۆلىكىنىڭ يولۇچىلارغا بەرگەن ۋەھىمىسى ئىدى.ئالاھەزەل بىرەر سائەتلەردىن كىيىن ماشىنا بۇ يول بولكىدىن چىقىپ بولدىدە ،ماتۇر ئاۋازى يەنە سەل سۇزۇك گۆرۇلدەشكە ئۆزگەردى ،ماشنا ئىچى جىمجىتلىقتىن يەنە قىزغىنلىققا ئۆتكەن ئىدى ،يىنىمدىكى ماۋۇ كىشنڭ قولىدىكى تەسۋىر نانغا ئۆزگىرىپ قالغان بولۇپ يىنىچى يىتىپ ماچاچلاۋاتاتتى .دەرىزە  سىرتىغا قارىدىم ،سىرىت كەڭرى كەتكەن سايلىق ئىدى .مۇشۇ بوشلۇققا قاراپ كاللام يەنە ئۆزىنىڭ بوۋىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى .

      بوۋامغا دەھشەت ئامراق ئىدىم .كىچىكىمدىن باشلاپ بوۋام ماڭا ھەم ئانا ھەم دادا ،يەنە بوۋا بولۇپ مەن ئۇچۇن قىلمىغىنى قالمىدى ،بىر تال كەمپۇت تاپسا ماڭا بىرەتتى ،مىنىڭ قورسۇقۇم تويماي تۇرۇپ ئۆزى بىر نەرسە يىمەيتتى ،مەن مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ بوۋامنىڭ جاپاسى تىخىمۇ ئاشتى ،مەن مەكتەپكە دەسلەپتە كىرگەن چاغلاردا مومام كىسەلچان بولغاچقا ئوينىڭ ۋە ئىتىزنىڭ يۇگۇر يىتىم ئىشلىرى ئاساسەن بوۋامغا قاراشلىق ئىدى ،بىچارىنىڭ جاپاسى بولدى دىگۇچە بار ئىدى ،ئۇ چاغلاردا مەن تىخى كىچىك بولغاچقا ئىش ئۇقمايتتىم ،بالىلىق قىلىپ دائىم ئاداشلىرىمنىڭ ئۆيىگە قاچاتتىم ،ئۆزۇمنى باشقا بالىلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ بوۋامغا ئۇنىڭ بۇنىڭ جىدىلىنى قىلاتتىم ،لىكىن بوۋام مىنىڭ دىگنىمنى قىلىپ بەرمەي قاممايتتى ،ھىلىمۇ ئىسىمدە ،مەن مەكتەپكە تۇنجى كىرگەن يىلى قىشتا قاتتىق سوغۇق بولغان ئىدى،بوۋام شۇ يىلى مىنى  ئاداشلىرنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ قالمىسۇن ،باللىق قەلبىگە ئازار يەتمىسۇن دەپ ئۆزى ئۆتۇك ئالدىغان پۇلغا ماڭا خىلى مەن مەن دىگەن كىشىلەرنىڭ باللىرى كىيەلمەيدىغان ئىچى يۇڭلۇق ئاياغدىن بىرنى ئىلىپ  بىرىپ ئۆزى بۇرۇنقى ئۆتىكىگە كىكىز پايتىمىسىدىن ئوراپ دىيەپشە بىلەن تىشىپ ياماپ كەيگەن ئىدى ،ئۇ چاغدا بىز بالىلار ناھىيە بازىرغا بارغىلى تولىمۇ ئامراق ئىدۇق ،بىزنىڭ ناھينىڭ بازىرى يەكشەنبە كۇنلىكى قىزىردىغان بولۇپ ئۇ چاغدىكى بازار ناھايتى چوڭ بولۇپ ماياندىن قەشقەر دەرۋازىسىدىن تارتىپ مەدىنيەت باغچىسغىچە ئىدى ،ئاساسلىق سودا سىتىق بازىرى ئالتۇن دەرۋازا رايۇنىدا بولۇپ <ئالتۇنلۇقۇم >مازىرى ،قىرىق چىلتەنلىرمنىڭ كەينىدە ئىدى ،بۇ رايۇنلار دەھشەت قىزاتتى .بوۋام مىنىڭمۇ ناھىيە بازىرغا ئامراق ئىكەننلىكىمنى بىلگەچكە بىرەر ئايدا بىرەر قىتىم بازارغا ئەكىرەتتى ،ئەمىليەتتە مىنىڭ بازارغا ئامراقلىقىم تاماشا قىلىشتا ئەمەس ئاشۇ بالىلارچە قىزىقىش بىلەن بازارنىڭ يىمەك ئىچمىكىدە ئىدى ،بىراق مەن بازارغا كىرگەندە بوۋامغا ئانى مانى دەپ تۇرۋالمايتتىم، بوۋام ھەممىنى بىلگەچكە ئۇدۇل مىنى يىمەك ئىچمەك بازىرغا ئاپىراتتى ،بىراق مەندىن گەپ سورىماي ئايلاندۇراتتى ،چۇنكى بوۋام مىنىڭ يىگۇم بار نەرسىنى <بوۋا ئاۋۇ نىمدۇ >دەپ سورايدىغانلىقىمنى بىلەتتى .بىز بازارغا كىرگەندە دائىم ئوتتۇر تاغار كىلدىغان بوغداي ياكى قوناقنى ئىلىۋالاتتۇقدە ،قىرىق چىلتەنلىرىمگە كىرىپ تاۋاپ قىلاتتۇق ،بوۋام دائىم ھىلىقى دۇئاخانلاردىن ماڭا ئاللاھدىن تىنىچ ئامانلىق تىلەپ كۆپرەك دۇئا قىلىپ قويۇشىنى سورايتتى .كىيىن مەن بارا بارا چوڭ بولدۇم ،ئەنچە مۇنچە ئىش ئۇققىدەك بولدۇم ،مومامنىڭ كىسىلى تىخىمۇ ئىغىرلاپ قالغان ئىدى ،بىراق بىچارىمۇ ئۆينىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە چىشىنى چىشدا چىشلەپ  ھە ھۇ دەيتتى .مەكتەپتە ھەر قىتىم ئاتا ئانىلار يىغىنى ئاچقاندا مەن بىرەر ئىككى ھەپتىگچە  خۇشال بولالمايتتىم ،چۇنكى يىغىنغا باشقلارنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى باراتتى ،مىنىڭ بوۋام باراتتى .بىز  باشلانغۇچ ئۇچىنجى يىللىقتا ئىچىلغان يىلى ئاتا ئانىلار يىغىنىدا ماڭا قاتتىق ئەلەم بولغان ئىدى ،ئۇ كۇنى مەن ئەتتىگەندە بوۋامغا يىغىن بارلىقىنى دەپ قويۇپ مەكتەپكە كەتكەن ئىدىم ،بوۋاممۇ باردىغانلىقىنى ئىيقان ئىدى ،بىراق يىغىن باشلىنىپ بولغان بولسىمۇ بوۋام كەلمەيۋاتاتتى ،مۇئەللىم بىزنى ھەممەيلەننى سىنىپنىڭ ئالدىدا قاتار تۇرغۇزۇپ قايسىمىزنىڭ ئاتا ئانىسى كەلگەن ھامان ئۇنى ئىلىپ سىنىپقا كىرىشىمىزنى ئىيقان ئىدى ،مانا باشقىلارنىڭ ھەممىسى سىنىپقا كىركىتىپ بولدى ،بىراق يەنىلا مەن سىنىپنىڭ ئالدىدا يالغۇز ئىدىم ،بوۋامنى ساقلاۋاتاتتىم ،<مىنىڭمۇ ئانام كەلگەن بولسا ياكى دادام بوغان بولسا مەنمۇ قوللىدىن يىتىلەپ ئەركىلەپ بىرگە سىنىپقا كىرگەن بولسام ھە >،كۇزۇمگە لىق ياش كەلگەن ئىدىم ،بىر تەرەپتىن قاتتىق خىجىل بولغان بولسام يەنە بىر تەرەپتىن <يىتىم ئوغلاق >دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۇشەنگەندەك بولۇۋاتاتتىم ،خىلى بىر ھازادىن كىيىن بوۋام مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن يۇگۇرگەن پىتى كىرىپ كەلدى ،مەن بوۋامنى كۆرۇپلا ئۇنىڭ ئالدىغا يۇگۇرۇپ باردىمدە ئۆزۇمنى ئاتتىم ،كۆزۇمدىكى ياش بىراقلا ئىتىلىپ چىققان ئىدى ،بوۋامنىڭ ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكىدىن رەنجىپ ئۇنىڭ يۇزلىرگە شاپاللاپ ئاچچىغلىغان ئىدىم :

---نىمىشقا ئەمدى كىلىسەن ...

بوۋام ھىچنىمە دىمىدىدە مىنى لىككىدە كۆتۇرۇپ سىنىپقا ئىلىپ كىرگەن ئىدى ،شۇنىمۇ كۆرۇپ ئۇلگۇرگەن ئىدىمكى بوۋانىڭ ساقاللىرى ئۆزىنىڭ يىشىدا نەمدىلىپ بولغان ئىدى .كەچتە ئۆيگە قايتىپ بوۋامنىڭ نىمىشقا ۋاقتىدا كىلەلمىگەنلىكىنى بىلدىم ،مومامنىڭ كىسىلى بىردىنلا ئىغىرلىشىپ ەلىتە بولۇپ قالغان ئىكەن ،بوۋام قانداقمۇ ئۇنىڭ يىنىدىن نىرى كىتەلىسۇن ،بىراق بوۋام شۇنداق تۇرسىمۇ باشقا بالىلار بىلەن مىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىمنى  ،باشقىلارنىڭ ئاتا ئانىسى بارمىسا ھىچقانچە ئىش بولمىغىنى بىلەن ئەگەر ئۆزىمۇ بارمىسا ماڭا قاتتىق ئەلەم بولدىغانلىقىنى مومامغا ئىيتىپ كىچىكىپ قالغان بولسىمۇ بارغان ئىكەن .ئەسلىدە بوۋامنىڭ بىرىشىمۇ ناھايتى تەسكە توختىغان ئىكەن.شۇ يىلى مومام ئەمدى ئەسلىگە كىلىىپ ئۇزاق بولمىغان بىر كۇنى قاق سەھەردە ھاجىمنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا ئانامغا قىلغان زۇلۇمىدىن يۇرىكى قان-زەرداپ بولۇپ قايتىدىن ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدىدە ساقىيالماي ئالەمدىن ئۆتتى .شۇنىڭدىن باشلاپ مەن نىمىنىڭ ئىىللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى ،نىمىنىڭ ئاتا ئانا مىھرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە باشلىدىم ،بوۋامنىڭ تەسەللىسىدىن ،مەن ئۇچۇن ئۆزىنى ئەيىپلىشىدىن ئادەمنىڭ پەقەت ئۆزى ئۇچۇنلا ياشىمايدىغانلىقىنى چۇشنىپ يەتكەن ئىدىم ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلەمدىكى قىيىنچىلىقلارنى بارا بارا ئۇنتۇشقا تىرىشتىم ،مىجەزىم بارغانسىرى تاش مىجەز بولۇپ يىتىلىۋاتاتتى ،ئەمىليەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتىم .لىكىن ھازىر يەنە شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىمكى، يۇرەك يارىسى ساقايغان بىلەنمۇ يەنىلا تاتۇق قالماي قالمايدىكەن .

       مەن تولۇقسىز ئىككىگە چىققان يىلى مەكتىپىمىزدە كۇچەيتىش سىنىپى ئىچىلدى ،بۇ سىنىپقا ئۆتۇش پۇتۇن ئوقوغۇچىلارنىڭ  ئارزۇسى ئىدى ،چۇنكى بۇ سىنىپقا  بىر نەچچە قىتىم ئىمتاھان ئىلىنغاندىن كىيىن نەتىجىسى ئالاھىدە بولغان ئوقوغۇچىلار قوبۇل قىلىناتتى ،بۇ سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارغا مەكتەپتكى تاللانغان ئوقۇتقۇچىلار دەرىس بىردىغان بولۇپ  ئىچكرى تولۇق  ئۇچۇن مەخسۇس تەربىيلىنەتتى .مەن بۇ سىنىپقا مەكتەپ بويىچە بىرىنجى بولۇپ ئۆتكەن ئىدىم ،بوۋام بۇخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مەندىنمۇ ئۆتە خۇشال بولغان ئىدى ،شۇ يىلى كىيىنكى مەۋسۇمدا مەكتەپ بىزنى كەچلىك تەكرارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر كونىراپ كەتكەن سىنىپنى بىزگە ياتاق قىلىپ  ،كاردىن چىقاي دەپ قالغان بىر نەچچە پارتىنى ئەپلەپ سەپلەپ كارۋات ياساپ بەرگەن ئىدى ،بۇ ئىسىل كارۋاتلارنىڭ مىجەزى سەل بوش بولغاچقا بىز كارۋاتقا چىققان چۇشكەندە ياغاچلارنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرنى ئاڭلايتتۇق ،بىرەرسىمىز ئۆرگەلسەك ھەممە كارۋاتلار تەڭ لىڭشىيتتى ،چۇنكى بۇ كارۋاتلارنىڭ پاچاقلىرى بىر بىرىگە چىتىغلىق ئىدى ،بۇ بىزگە دەسلەپكى مەزگىللەردە قىززىق تۇيۇلدى ،بىرەر ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن بارا بارا بۇ كەچلىك تەكراردىنمۇ زىرىكتۇق، چۇنكى بىز ياتاقتا ياتساق  تاماقتىن بەكرەك قىينىلاتتۇق ،ئەتىسى يەنە بىر مەدىكار بىزگە تاماق توشۇيتتى ،كەچلىك تەكرارغا قاتناشمايلى دىسەك مەكتەپ بىزنى كۇچەيتىش سىنىپىدىن بىراقلا چىقىرۋىتەتتى ،تەكراردىن كىيىن ئۆيگە قايتايلى دىسەك ئالدىمىزغا بىرەرسى كەلمىگىچە كەتكىلى قويمايتتى ،راس گەپنى قىلسام مەنمۇ زىرىككەن ئىدىم ،مەن ئۆزۇمنىڭ قىينىلىپ قالغىنىمدىن ئەمەس بەلكى بوۋامنىڭ مىنى دەپ جاپاسى ئىغىرلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن ئىدى ،چۇنكى ياق دىگىنىمگە ئۇنماي كۇندە بوۋام ياكى ئۆگەي مومام ماڭا تاماق تۇشۇيتتى ،ئۇلارنىڭ بۇنچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ يۇرۇكۇم بىژژىدە بولدىدە كۇچەيتىش سىنىپىدىن قايتىپ چىقىشنى قارار قىدىم ،بىراق بوۋام بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىنى ئەيىپلىمەكتە يوق ئۆزىنىڭ ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىنى ،مىنى قىيناپ قويغانلىقىنى دەپ ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلەپ كىتەتتى ،<بوۋا ،ئۇنداق ئەمەس >دىيىشلىرىمگە كۆنمەي پۇتۇن ئەيىپنى ئۆزىگە قوياتتى ،شۇنى تونۇپ يەتتىمكى مىنىڭ داۋاملىق كۇچەيتىش سىنىپىدا ئوقۇش ،ئوقوغاندىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ ئاشۇ مۇئەللىملەر كۇندە داڭلاپ بىرىدىغان <جەننەت>كەبىي ئىچكىرى تولۇققا ئۆتۇشۇم كىرەكلىكىنى بىلدىم .شۇنداق قىلىپ كۇچەيتىش سىنىپىدا داۋاملىق ئوقۇپ قالدىم ،بىراق مەكتەپتىكىلەرگە ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دەپ كەچلىك تەكرارغا قاتناشماسلىق توغۇرسىدا ئىلتىماس سۇنماقچى بولىۋىدىم بوۋام بۇنىڭغىمۇ قارشى چىقتى .بوۋام بىر كۇنى ماڭا تاماق ئەكەلگەن چاغدا  ياتىقىمىزغا كىرگەن ئىدى ،ئۇ شۇ كۇندىن باشلاپ مىنى ياتاقتا ياتقۇزمىدى ،ئۇ كۇندە كەچتە ئاشۇ قەدىناس جانۋىرنى (ئىشەك)ھارۋىغا قىتىپ مىنى مەكتەپ ئالدىدا ساقلايتى ،سوغۇقنى سوغۇق دىمەيتتى ،ئىسسىقنىمۇ ھەم ئىسسىق دىمەيتتى ،يەنە تىخى مەندىن نىمىلەر لازىملىقىنى سۇراپ ئاغزى تىنمايتتى ،قىسقىسى بىچارە بوۋاي مىنى شۇنداق چىن دىلىدىن قوللىغان ئىدى ،ئۇ ماڭا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئوقۇيالمىغانلىقىنى ،دىھقان بولۇپ قالسا بىر ئۆمۇر جاپا تارتىدىغانلىقىنى ،شوڭا مىنىمۇ بولسا ياخشى ئوقۇتۇپ قويۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ،چوقۇم تىرىشىشىم لازىملىقىنى نەچچە مىڭ قىتىملاپ دىگەن ئىدى .مەن بوۋامنىڭ ئارزۇسىنى يەدە قويمۇدۇم ،ئۆزۇمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندەك بولدى ،بوۋام مىنىڭ ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۇنى ئالاھىدە بىر پاقلان سويۇپ تەبىرىكلىگەن ،خۇشال بولغان ئىدى ،ئىچكىرگىمۇ ئۆتتۇم ،بىراق شۇنى بىلدىمكى ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولماي  ئاشۇ <جەننەت>تە قىينىلانى قىينىلىپ توت يىلنى تۇگەتتۇق ،بىچارە بوۋاي ئۆز نەۋرىسىدىن يەنە نىمە ئۆمۇدلەرنى كۇتكەن بولغىيتتى –ھە!؟

     ماشىنا سىلكىنپلا توختىدى ،سىرتقا قارىدىم ،قۇيش ئاللىبۇرۇن تاغ كەينىگە يۇشۇرۇنغان بولۇپ گۇگۇم چۇشكەن ئىدى ،<خىلى مىڭىپتىمىز-دە،ئەتە تاڭ ئاتسىلا ئۇزۇن ئۆتمەي ماشىنىدىن چۇشىمەن ،بوۋامنىڭ يەتتە نەزىرسىگە بولسىمۇ ئۇلگىرەلەيدىغان بولدۇم> .ماشىنا كورلىغا كەلگەن بولۇپ شۇ يەردىكى ئۆتەڭدە توختىغان ئىدى .

---چۇشۇپ سىيۋاتقانلا سىيۋىلىپ چىقىڭلا

شوپۇر يولۇچىلارغا شۇنداق دىيشى بىلەن يولىچىلار گۆررىدە تۇرۇشتىدە  بىر بىرلەپ چۇشۇشكە باشلىدى، شۇ چاغدىلا مەنمۇ ئۆزۇمنىڭ سەل ھاجىتىم قىستاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىمدە ئاستا ئۆرنۇمدىن تۇرۇپ يەرگە چۇشتۇم .سىرىتنىڭ ھاۋاسى ماشىنىڭ دىمىق ھاۋاسىدىن خىلى ياخشى ئىدى ،چۇشكەنچە ئۇدۇل ساينىڭ ئوتتۇرغىراق بىرىپ توختىدمدە ئۆرە تۇرۇپلا ئىشنى بىجىرۋەتتىم .باشقىلارغا قارىساملا ئەرۋايىم ئۆرلەيتتى ،بوۋام يادىمغا يىتەتتى ،كۆڭلۇمدىكى پەرىشانلىقنى كۆتۇرەلمەي تۇرىۋاتسام باشقىلارنىڭ ئويۇن چاقچاق قىلىشىپ كۇلۇشۇپ يۇرگىنىنى دەيمە .ئالاھەزەل يىرىم سائەتلەردىن كىيىن شوپۇر بىر ئىككى قىتىم سىگنال باستى ،بىز ماشىنغا چىقتۇق .ماتۇرنىڭ ئاۋازى قاتتىق گۆرۇلدىشى بىلەن ماشىنا ئاستا قوزغالدى ،ماتۇر ئاۋازى يەنە بىر نەچچە قىتىم ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنە پەسىيىپ يىنىك گۆرۇلدەشكە باشلىدى ،ماشىنا تىز سۇرئەتلىك يولدا چىپىشقا باشلىغان ئىدى .سىرتتا خىلى قاراڭغۇلاشقان بولۇپ يولنى كۆرۇش ،ماشىنا سىرتىدىكى سايلىقنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇش قىيىنلاشقان ئىدى .ماشىنا ئىچىمۇ باشقىچە تىنچلاپ قالغان ئىدى ،ئەتتىگەندىن بىرى توختىماي قويۇلغان تىلىۋۇزۇرمۇ توختاپ قالغان ئىدى ،ماشىنغا چىقىش بىلەنلا قىزىشىپ پاراڭ ۋە ئويۇنغا چۇشۇشۇپ كەتكەن يولوچىلارمۇ مۇشۇ تاپتا جىمىپ قىلىشقان بولۇپ بەزىلىرى قولىدىكى تىلڧۇن بىلەن ھەپىلىشىپ  ياتاتتى ،يەنە بەزىلىرى كىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئەسلى رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان يوتقاندا بىشىنى چۇمگىشىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى .مىنىڭمۇ  بىر ئاز ئۇيقۇم كەلگەن ئىدى ،كاللامدىكى خىياللارنى چىقىرۋەتمەكچى بولۇپ بىشىمنىنقاتتىق ئىككىنى سىلكىدىمدە  ئاشۇ ماشىناندا نەچچىلگەن يولۇچىغا يىپىنچا بولۇپ بىرەر قىتىممۇ سۇ تىگىپ باقماي كرلىشىپ كەتكەن داشماق يوتقاننى ئاستا  تارتىمدە كۆزۇمنى  يۇمدۇم .

       تويۇم بولىۋاتاتتى ،ئۇچامغا كاستۇيۇم بۇرۇلكا كەيگەن بولۇپ مەيدەمگە گۇل تاقاقلىق ئىدى ،ئاستىمدا قات قات سىلىنغان كۆرپە بار بولۇپ باشقىلاردىن خىلى ئىگىز ئولتىراتتىم ،يان بىلىمدە ئادەملەر ناھايتى كۆپ بولۇپ قاقاقلاپ كۇلۇشىۋاتاتتى ،ئەپسۇس بىرەرسىنىڭ چىرايىنىمۇ ئىنىق كۆرەلمەيۋاتاتتىم ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە سۇپىدىن چۇشۇپ ئىچىدىن نەغمە ناۋا كۇلكە چاقچاق كۆتۇرلىۋاتقان بىر ئويگە كىردىم ،ئۆي ئىچى سۇس قىزغۇچ رەڭدە ئىدى ،بۇ ئۆيدە پۇتۇن قىزلارلا بولۇپ كۇلكە ئاۋازى پۇتۇن ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى ،توت تامدىن توختىماي  ئەكىس سادا بولۇپ قايتىۋاتقان بۇ كۇلكە  ئاۋازلىرى خۇددى جىن شاياتۇنلانىڭ ئاۋازىدەك يىقىمسىز ئىدى ،ئوينىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا ئۇچىسىغا ئاپئاق لىباس كىيىۋالغان بىر قىز ئولتۇراتتى ،ئۇ دەل كىلىنچەك ئىدى ،قىززىق ،شۇنچە قاراپمۇ ئۇنى  تونۇيالمايۋاتاتتىم ،بۇ مىنىڭ ئايالىم تۇرسا ...ھەجەپ ھە .بىردىنلا نەغمە ناۋا توختاپ ئۆي ئىچىدە ئۇ ئىككىمىزلا قالدۇق ،ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئاق لىباس بىردىنلا  ئەتلەس كۆينەككە ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى ،ئوي ئىچى يەنىلا گۇنۇس ئىدى ،توغرا ،بىز ھوجرىغا كىرىپتۇق ،ئۇ سۇپىنىڭ گىرۋىكىدە يەرگە قاراپ تىرناق تاتىلاپ ئولتۇراتتى ،ئاستا بىرىپ يىنىدا ئولتۇردۇمدە قولىدىن تۇتتۇم ،شۇ چاغدىلا ئۇ بىشىنى كۆتۇرۇپ  ماڭا قارىدىدە ۋىلىققىدە بىرنى كۇلۇمسىرەپ قويدى ،ئۇنى تونۇدۇم ،ئۇ ئايقىز ئىكەن ،بۇگۇن مەن بىلەن توي قىلغىنى ئايقىز ئىكەن ،بىرىنجى بولۇپ مەندىن گەپ سورىدى .

---مەن بىلەن توي قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلمامسىز !؟

---....

ئۆزۇمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىمنى بىلمەيۋاتاتتىم .

---ئەمىسە ،مىنى سۆيەمسىز !؟

---....

---ئۇندا ۋوسا مىنى خوتۇن دەپ چاقىرىپ بىقىڭە قىنى !؟

---....

ئۇ يەنە بىرنى كۇلۇمسىرەپ قويدىدە بىردىنلا بوينۇمغا گىرە سىلىپ سۆيۇپ كەتتى ،ھىسىياتقا تولغان يۇرەك ،ھاياجانغا تولغان قەلىپ،قىززىغان بەدەن بۇنداق شىرىن ئوتلۇق سۆيۇشكە قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن .بىردىنلا جانلىنىپ كەتتىمدە ئۇنىڭغا ماسلاشتىم ،كىيىملىرمىز ئاستا ئاستا سىلىندۇرۇلماقتا ،ئىككى تەن تەڭ ھەركەت قىلماقتا ئىدى ،يەر تىگدىن يۇرەكلەرنى تىخمۇ ھاياجانغا سىلىپ  مۇڭلۇق مۇزىكا چىقماقتا ئىدى ،ئايالىمنىڭ ئوتلۇق سۆيۇشلىردىن ،يومشاق سىلاشلىردىن ،تاتلىق ئىڭراشلىردىن پۇتۇن بەدىنىم شۇررىدە ئىرىپ كەتتى .

   ئويغۇنۇپ كەتتىم .تۇن ئاللىبۇرۇن سۇزۇلگەن بولۇپ  ماشنا ئىچىگە خىلى يورۇق چۇشۇپ قالغان ئىدى ،<خلى ئۇخلاپتىمەندە >،كۆزۇمنى  ئۇۋلاپ دىرىزە سىرتىغا قاراپلا ھەيران قالدىم ،ماشىنا توختاپ قالغان ئىدى ،ماشىنا ئىچىگە قارىدىم ،بەزىلەر تىخىچە ئۇخلاۋاتاتتى ،يەنە بەزى ئورۇنلاردا ئادەم يوق ئىدى ،شوپۇرنىڭ ئورنىمۇ بوش ئىدى ،<ۋوي ،كەلدۇقمۇ نىمە >،چاچراپ ئورنۇمدى تۇردۇمدە ماشىنىدىن چۇشتۇم ،بىرق تىخمۇ ھەيران قالدىم ،ماشىنا يولنىڭ ياقىسىغىراق توختىتىلغان بولۇپ ئىككى تەرەپ كەڭرى كەتكەن سايلىق ئىدى ،ئىككى ئۇچەيلەن يولنىڭ ياقىسىدىكى تاشتا ئولتۇراتتى ،يەنە ئىككى ئۇچەيلەن يولنىڭ ياقىسىدا يىراقلارغا قاراپ تۇرشاتتى ،ماشىنىڭ ئارقا تەرپىدە تاراڭ تاراڭ قىلغان ئاۋاز چىقىۋاتاتتى ،سەپسىلىپ قارىسام ئىككى كىشى ماشىنىڭ تىگدە يىتىۋىلىپ قولدىكى بولقا بىلەن ئۇيەر بۇيەرلەرنى ئۇرىۋاتاتتى .ئىنىقكى ماشىنا بۇزۇلغان گەپ ،<بۇگۇن بوۋامنىڭ يەتتە نەزىرسى كۇنى >،تىت تىت بولۇپ ئاستا ماشىنىڭ ئارقا تەرپىگە بىرىپ دۇم ياتتىمدە شوپۇردىن سورىدىم :

---قاچان بارىمىز ئۇستام !؟

---خۇدايىم بۇيرىغان ۋاقىتتا .

ھە ؟ۋوي بىز ھازىر نەدە ،ھەجەپ ...

---ئاقسۇغا يىقىن يەدە .                                                                                               

بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىشىمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى ،ئاقسۇدىن يەكەنگە يەنە ئون سائەتكە يىقىن ۋاقىت كىتەتتى ،بۇگۇن بوۋامنىڭ يەتتە نەزىر كۇنى تۇرسا .

---ۋوي نىم بولدى بۇ ...!؟بۇگەن ئەتتىگەندە بىرىپ بومماقچىيتتۇقيا !؟

---بىشى چۆگىلەمدۇ ما بالىنىڭ ،---دىدى شوپۇر تىرىكىپ ،---ماشىنا ساق بوسا بارامدۇ يا .

---ۋوي ئالدىرايتتىم ئۇستام مەن .---خۇدۇمنى يوقۇتۇپ ساراڭلا بولغان ئىدىم .

---ۋوي قاندا ساراڭ بالاسىز ،سىزدىن بەكياق بىز ئالدىرايمىز ھازىي،قاندا...قاملاشمىغان .

كونىلارنىڭ ئالدىرغان قالا دىگىنى مۇشۇ ئىكەندە ،ئابتۇبۇسنىڭ  بىر يەرلىردىن چاتاق چىققان ئىدى ،بەلكىم يىرىم كىچىدىلا چاتاق چىققان بولسا كىرەك .ئەمدى مىڭ ئالدىرغان بىلەنمۇ بىكار ئىدى ،نىمىشقىدۇر ئۆزۇمنى باسالمايۋاتاتتىم ،ماشىنغا قارىغانسىرى ئاچچىغىم كىلىۋاتاتتى ،قەلبىمدە تىخىمۇ ئالدىراۋاتاتتىم ،بىردىنلا بوۋام يادىمغا يىتىپ كۆزۇمدىكى ياش تاشايلا دەپ قالغان ئىدى .بىراق ئالدىرغان بىلەن نىمە ئامال .قۇياش چىقىپ يەر جاھاننى خىلى قىززىتىپ بولدى ،شوپۇر ئابتۇبۇس تىگىدىن ھىچ چىقاي دىمەيتتى ،تاراڭ تاراڭ قىلغان ئاۋاز خىلىغىچە توختىمىدى ،ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كىيىن شوپۇر ئابتۇبۇس تىگىدىن چىقتىدە بىر ھازا سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن سايمانلارنى يۇغۇشتۇردى ،ئۇ كىپىنگىگە چىقىپ ماتۇرنى ئوت ئالدۇردىدە يەنە چۇشۇپ بىر ھازا قارىۋەتكەندەندىن كىيىن كىيىملىرنى قىقىپ بىزگە <ماشىنغا چىقىڭلار >دىدىدە ماشىنىنى بىر نەچچىنى كۇچەپ گۆركىرتۋەتكەندىن كىين ئاستا قوزغىدى .نەچچە كۇندىن بۇيان چىدىغان قەلبىم ئەمدى قەتئي بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئىدى ،كۆزۇم دەرىزە سىرتىكى كەڭرى كەتكەن سايلىققا قاراۋاتقان بولسىمۇ كاللام ئاللىبۇرۇن ئۆتمۇش ئەسلىمىلىردىن بوۋامنى ئىزدەۋاتاتتى ،ئالدىرغانسىرى بۇ ۋاقىت ئۆتمەيۋاتاتتى ،ئاللاھ مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولسا كىرەك ،چىدىماي نىمە ئامال .

   6-ئاينىڭ 14-كۇنى،گۇگۇم . ماشىنا ئاللىبۇرۇن يەكەن دائىرسىگە كىرىپ بولغان بولۇپ خاڭدى يىزىسى بۆلىكىدە كىتىۋاتاتتى ،مانا ئالاھەزەل يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ماشىنىدىن چۇشىمەن ،ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم ،مەن بىكەتكە كىرمەيلا يولدا چۇشۇپ قالاتتىم ،ماشىنا تاغارچى يىزىسىدىن ئويۇپ بولدى ،يەنە ئون مىنۇت ،بەش مىنۇت ...ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىغا باردىم .

---ئۇستام ،ئالدىمىزدىكى ئاچالدا چۇشىمەن .

كەلدۇق ،ماشىنىدىن چۇشتۇم ،شوپۇر بىرگە چۇشۇپ چامدىنىمنى ئىلىپ بەردىدە ماشىدىن قۇيۇق ئىس قالدۇرۇپ كىتىپ قالدى .

   ئالدىمغا ھىچكىم چىقمىغان ئىدى ،كىممۇ چىقا !؟ئالدىمغا چىقىدىغان بوۋام ئۆلدى،ئۇنىڭ يۇزىنى كۆرەلمىدىم ،يەتتە نەزىرسىگمۇ بولسا قاتناشماقچى بولغان ،مانا كىلىشىم ھازىر  ،ئانام ئەسلا كىلەلمەيدۇ ،ئۆگەي مومام ياخشى ئىدى ،بىراق ئۇمۇ نەزىردىن ئەمدى بىكار بولغاندۇ !!؟شۇنداق تۇرسا ،ئالدىمغا كىممۇ كەلسۇن .شۇ تاپتا بىرەرسىنىڭ يۇگرەپ كىلىپ <جىنىم بالام ،تنچ ئامان كەلدىڭمۇ> دەپ قۇچاق ئىچىپ كىلىشىنى تولىمۇ ئۆمىد قىلغان ئىدىم ،بىراق بۇ رىئاللىقتىن شۇنچىلىك يىراق ئىدى . ئۆزۇمنى شۇنداق يالغۇز ھىس قىلدىم ،نىمىگىدۇر يۇرۇكۇمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولۇپ كەتتىم،كۆز چانىقىمدىن چىققان بىر تامچە ياش مەڭزىمدە ئىسىلىپ قالغان ئىدى  ،ئىغىر ئۇھ سىنىش بىلەن ئاستا چامداننى سۆرىدىمدە مەھەللىگە قاراپ ماڭدىم ،،يولدا ھىچ كىم يوق ،تىپتىنىچ ئىدى ،ماڭا پەقەت ئاياغ تىۋىشىملا ھەمراھ ئىدى ،ئاستا ،ئەمما توختاپ قالماي كىتىۋاتىمەن ،بىر قەدەم ،ئىككى قەدەم ....

   

                      2011-يىلى 6-ئاي ،يەكەن .

            2012-يىلى 10-ئاي ،چىڭدۇ.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yaprak33 + 100 ئۇف ! ...مىنى خىياللار ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ ئالدىماي ئوقىياي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2478
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9343
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 01:41 AM  


پاك يۈرەك ئۇ قۇلۇپقا ئوخشار،
  يۈرەك تىۋىش،  ئۇ  تىڭشالايدۇ.
خاتا ئاچقۇچ ئاچالماس ھەرگىز،
  يۈرەك  بەرگەن  ئۇ   ئاچالايدۇ.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31856
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ياشلىق      بېغىمدىكى    كاككۇكنىڭ    سايرىشىنى    ئەڭ ئاخىرقى  قېتىم  ئاڭلىغىلى  توپتوغرا 10يىل  بوپتۇ .

        ئىھ!  ئەمدى مۇزئارت  دىيارىدا   كىمنىڭ  قەپىزىدە  مۇڭلۇق  بوقۇلداۋاتقانسەن؟  

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز بەك ياخشى باشلىنىپتۇ،تولوق ئوقوپ بولوپ ئىنكاس يازاي.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93933
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 09:56 PM
ياشلىق      بېغىمدىكى    كاككۇكنىڭ    سايرىشىنى    ئەڭ ئ ...

كاككۇك قانداق سايرايدىكەن ؟

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31856
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
talpak يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 10:17 PM
كاككۇك قانداق سايرايدىكەن ؟


  18 گە  كىرىپ   مۇھەببەت  گۈللىرىڭىز ئېچىلىغان ،  كالىنىڭ  بېشىغا كەلگەن  كۈن سىزنىڭمۇ  بېشىڭىزغا  كەلگەن چېغىڭىزدا  بىلىسىز، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 10:36 PM  


ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12924
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:32:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:35:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ،بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسىم قۇرلىردا باش ئايىغى ئۇلانمىغاندەك ئەھۋال كۆرۇلۇپ قاپتۇ ،خۇداغا شۇكرى ،لىكىن مەزمۇنى تولۇق ،خاتا كەتكەن جايلىرغا ئۆزرە سورايمەن !

سالامەت بولۇڭلار!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93933
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 10:30 PM
18 گە  كىرگەندە  بىلىسىز

ھە دىمەك سىز  قىز كاككۇكنى دەپسىزدە مۇھەببەت گۈزەل ، مۇھەببەت شىرىن ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurluk1992 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش