مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 514|ئىنكاس: 2

قاباھەت (ئەدەبىي ئاخبارات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92928
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 02:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاباھەت

(ئەدەبىي ئاخبارات)

مۇتەللىپ مەنسۇر


      زەرپ بىلەن ئۇرۇلغان بولقا ئۇنى ئورنىغىلا قىيسايتىپ قويدى. سۆزلىشىۋاتقان يانفۇنى قولىدىن ئىرغىپ چۈشتى. ئۇ نۇرسىزلىشىۋتقان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ  رەقىبىنى كۆرمەكچى بولدى. دەل شۇ چاغدا «مېنىڭ كىملىكىمنى تونۇدۇڭمۇ ھاراملىق؟!» دېگەن زەھەرخەندىلەرچە تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى. ئۇ كۈچىنى يىغىپ مەيدىسىگە تىزلاپ ئولتۇرۋالغان مەخلۇقنى تۇتۇپ يانغا تارتماقچى بولدى. لېكىن....

      ئۆتكۈر يېڭىسار پىچىقى ئۇنىڭ كېكىردىكىگە كۈچ بىلەن سۈركەلدى. فونتاندەك جىرغىپ چىقىۋاتقان قان كەچكى شەپەق نۇرىدا قىزىل ياقۇتتەك جۇلالىنىپ ئەتراپىتىكى قورقۇنۇچ ۋە ئالاقىزادىلىك بىلەن قارىشىپ تۇرۇشقان كىشىلەرگە ئۆلۈم بىلەن ياۋۇزلۇقنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز سۈرلۈك كارتىنىسىنى كۆرسىتىپ قويدى....

        قاناتلانغان تىلەكلەر

      2003-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى.

      تىببى ئۈنۋېرسىتتنىڭ چاقرىق قەغىزى ئىلشاتنى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھاياتىدا ئارمىنىغا يەتكەن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان  ئاجايىپ بىر راھەت سېزىمگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان بىر خوشاللىقتىن ئۇنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقماقتا. ئۇ نەچچە ۋاقتتىن بۇيان قەلبىنى ئاچچىق ھەم تاتلىق تۇيغۇلاردا تەۋرىتىپ، ئۇيقۇسىز تۈنلەردە خىياللىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان رەنا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭمۇ ئۆزى ئۆتكەن مەكتەپكە ئۆتىشىنى تەسەۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭغا تەقدىر ئوڭ كۆزىدە باقتى.

      ئىلشات چېنىقىۋاتقىلى خېلى بولدى. بۇرۇنلاردا ئۇ بۇنچىلىك كۈچەپ كەتمەيتى. بۈگۈنكى خوشاللىقتىن بولسا كېرەك، ئادەتتىكىدىن خېلىللا ئاشۇرۇپ قىيىنلىقى يۇقۇرى ھەركەتلەرنى ئىشلىسىمۇ ھارغانلىقىنى ھېس قىلمىدى. تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنى پارلاپ، ئۇنى ھەممىگە قولى يېتىدىغاندەك، ھەممە ئىشلار بىردىنلا ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتى. دېمىسىمۇ بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۇنىڭ بىلەن رەناغىلا شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرسسىتتىنىڭ چاقرىق قەغىزى نېسىپ بولدى. بۇ بىر بىشارەت ئەمەسمۇ؟

      ئۇنىڭ رەنا بىلەن كۆرۈشكۈسى، كەلگۈسى ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇڭداشقۇسى كېلەتتى.« يۇشۇرۇن كۆيۈش، مەخپى ئازاپ، شۇنچە تاتلىق لەززىتى،بارمىكىن تاڭ بۇ دۇنيادا بۇنى بىلەر بىر كىشى»دەپتىكەن ئابدۇللا توقاي. رەنا شۇ تاپتا نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقاندۇ؟

      ئۇلار توققۇز يىل بىر سىنىپتا ئوقۇدى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىسىىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ نەتىجىللىرىگە ئاۋال قاراپ، ئۆز ئارا سېلىشتۇراتتى. بارغانسىرى يېگىتىلىك يېشىغا قەدەم قويۇشقا باشلىغان ئېلىشاتتا رەناغا نىسبىتەن باشقىچە بىر سېزىم ئويغىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. لېكىن، ئۆگىنىشنىڭ بېسىمى، قارشى تەرەپنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى قانداقتۇ باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ يۈركىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە كۆمۈلۈپ  قالغانتى. مانا بۈگۈن  سامان ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان چوغ بىردىنلا تۈتۈنلەپ كېيىن يالقۇنجىغاندەك بىر ھالەتكە ئۆتتى...

      ئۇلار كۆرۈشتى. قايسى چاغدا ئۈرۈمچىگە مېڭىش، نېمىلەرنى ئېلىۋىلىش، ئالى مەكتەپتە قانداق ئوقۇشتىن تارتىپ دىيىشمىگەن گەپلىرى قالمىدى. گەپ ئارلىقىدىكى رەنانىڭ شوخلۇق ۋە مۇھەببەتلىك نەزەرلىرى ئۇنى قالتىس ھاياجانلاندۇردى. مۇھەببەتنىڭ شىرىن دېڭىزى ئۇنى غەرق قىلدى. ئىھ، نەۋقىران ياشلىق، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ تەمى...

          كېلەچەك، سەن نەدە؟

       2009-يىلى 10-ئاينىڭ25-كۈنى

       شىنجاڭ تىببى ئۈنۋېرسىتتا ئۆتكەن 6يىل بىر قارىسا شۇنچە ئۇزۇندەك، يەنە بىر قارىسا كۆز يەتكۈسىز يىراقتەك تۇيۇلىدۇ ئىرشاتقا. داۋالاش كەسپىدە ئوقۇماق تەس، باشقا ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھويلىسىدا ئەتىگەن-كەچلەردە جۈپ-جۈپ ياشلارنىڭ  مۇھەببەتلىك سۆھبەتلەردە  بىللە ئولتۇرۇشقىننى كۆرۈش دائىمىي ئادەت. ئەمما، تىببى ئۈنۋېرسىتتا بۇنداق ئولتۇرۇشقا پۈرسەت يوق. چۈنكى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى تىببى ئىلىم، ئېغىر ئۆگىىنش بېسىمى، مېجەزى خۇددى قىرتاق دورىلاردەك چۇس ھەم   مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دورىدىنمۇ ئاچچىق تەنقىتلىرى، تۈگۈمەس تاپشۇرۇقلار، سائەتلەپ ئەستايدىل مەشغۇلات قىلىمىسا بولمايدىغان تەجىربىلەر....بۇلار تىببى ئۈنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادەتتىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ بىكار ئولتۇرۇشقا قويمايدۇ. ئالتە يىلنى مانا مۇشۇنداق پۈتكۈزۈش راستىنلا ئاسان  ئەمەس.

       ئىرشاتنىڭ تۈتۈنلەۋاتقان مۇھەببىتى مانا شۇ ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمى ئاستىدا قايتىدىن كۆمۈلۈپ قالدى. رەنامۇ بۇنى سەزمىدى ئەمەس، لېكىن ئۇمۇ رېئاللىق ئالدىدا ھېسسىياتىنى بېسىۋالالمايدىغانلاردىن بولمىغاچقا، يۈرىكىدە يالقۇنجاۋاتقان بۇ ئوتنى كىيىنگە قالدۇردى. ئۇلار بىللە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ شۇ ئىشلارنى ئاران دىيىشەلىدى. كېلەچەكنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا،  بىللە بەخىتلىك ياشىيالايدىغانلىقىغا ھەر ئىككىلىسى ئىشەندى. ئوقۇش تۈگىمىگىچە  بۇ ئىشلار ھەققىدە ئويلاشماسلىققا ۋەدە بېرىشتى.

       مانا، ئوقۇش تۈگەپ ئىرشات ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئاق خالات كەيگەن كەسىپچان ۋە مەسئۇلىيەتچان دوختۇرغىمۇ ئايلاندى. ئاغرىق ئازاۋىدا ياتقان تالاي بىمارلار ئۇنىڭ قولى بىلەن راھەتكە ئىرىشتى. ئىككى دۇنيا چىگىرىسدا تۇرغان كېسەللەر ھاياتلىق دۇنياسىغا قايتتى. ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىكى خىزمەت پوزىتسىيىسى، كەسىپچانلىقى، ئۆز كەسپىدىن سىرىت  قىزىقىشى بولغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىكى ئالاھىدە نەتىجىللىرى ئۇنى خىزمەتداشلىرى ئارسىدىلا ئەمەس، ئۇ ياشاۋاتقان ناھىيىسىدىمۇ بەلگىلىك ھۆرمەت ۋە ئېتراپقا سازاۋەر قىلدى. بۇرۇندىن خاراكتىرىدە بار بولغان ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مېھرىبانلىق، دادىللىق بىلەن چىدامچانلىق ئۇنى ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن سالماق بىر يىگىتكە ئايلاندۇردى.

       كۈنلەر شۇ تەرىقىسىدە ئۆتمەكتە ئىدى. رەنا ئۈرۈمچىدە  ئاسپىرانلىقتا داۋاملىق ئوقۇۋاتقان بولغاچقا ئۇلار پەقەت تېلفۇندىلا ئۆزىنىڭ ئوتتەك مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈپ، ۋىسال تەقەززاسىدا پۇچىلانغان يۈىكىگە ئارام بېرىشەتتى. ئارىدا ئىرشاتنىڭ ئۆيىدىكىلىرى رەنانىڭ ئۆيىگە داستىخان تاشلاپمۇ ئۈلگۈردى. رەنانىڭ دادىسى يۈسۈپ ئاكا ناھىيىدە مۇھىم مەمۇرىي خىزمەتتىن ئارام ئېلىشقا چىققان ساپالىق زىيالى بولغاچقا، ھەممە ئىشتا قىزىنىڭ رايىغا باراتتى. شۇڭا  توينىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن ھەر ئىككى ئائىلە خاتىرجەم ئىدى.

       بىراق....

                مۇھەببەت كۈشەندىسى

       2011-يىلى يانۋار

       رەناغا بىر تېلفۇندىن تولا قىسقا ئۇچۇر كېلىدىغان بولۇپ قالدى. دەسلەپ پەرۋا قىلمىدى. بىراق ئىشىك چېكىلىۋەرسە ئۆيدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلگۈسى كەلگەندەك، رەنانىڭ ئۆزىنى بىزار قىىلۋاتقان بۇ يۇچۇن كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلگۈسى كەلدى. بىلدى!

       رەنا ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ كۆرۈشكەندە ئۇنى تونۇيالمىدى. كېيىن قارشى تەرەپ بەزى ئەسلەتمىلەرنى بەرگەندە بىردىنلا ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسىدىكى قوپاللىق دوسلارچە مۇئامىلىگە ئۆزگەردى. ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس، رەنا بىلەن بىر يېزىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىللە تۈگەتكەن بۇرۇنقى مەھەللىدىشى، ساۋاقدىشى ساۋۇت بولۇپ چىقتى.

       ساۋۇت تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن بولغاچقا، ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا كەتكەن. 2009-يىلى ئۆز ناھىيىسىدىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چىققان.  ئاينۇر بولسا ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئىرشات بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ئىدى. ئىككىسى بالىلىق دەۋرىدىكى ئىشلارنى ئەسلىشىپ كۈلۈشتى. ئالى مەكتەپتىكى بەزى قىزىقارلىق ئىشلارنى دىيىشىپ مۇڭداشتى. ساۋۇتنىڭ سۆزىچە، ساۋۇتنىڭ ئاينۇرغا بولغان مۇھەببىتى تولۇقسىزدىكى چاغلاردىلا باشلانغانمىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئىزدىگەنمىش. ساۋۇتنىڭ ئانىسىمۇ ئۆز مەھەللىسىكى ياخشى ئائىلدىن بولغان ئاينۇرنى ئۇنتۇپ قالماي ئوغلىغا شۇ قىزنى تېپىشقا بۇيرىغانمىش.....ئىشقىلىپ، گەپ جىق.

       بۇ رەنا ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولدى. ئۇنى بىراقلا رەت قىلىۋىتىش بۇرۇنقى ساۋاقداشلىق، مۇھىمى بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان  ئەشۇ سەبىي بالىلىق ئەسلىمىسىگە ۋە تۇيغۇسىغا دەز كەتكۈزۈشتىن دېرەك بېرەتتى. ماقۇل دېيىشكە كۆڭلى بارمايتى. ئۇ مۇرەككەپ تۇيغۇدا ساۋۇت بىلەن خوشلاشتى.

       رەنا ئويلاندى. ئىچىنى تىڭشاپ كۆرۈپ يۈرىكىنىڭ يەنىلا ئىرشاتقا بەكرەك سوقۇدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى. ئەمدى ساۋۇتنى قانداق رەت قىلىش كېرەك؟ قانداق ئۇسۇلدا پىكىرىنى دېسە ئۇنى رەنجىتمەي بۇرۇنقى مۇناسۋىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ ئۇ بۇنى بىلەلمىدى.

       ئارلىقتا ساۋۇتنىڭ ئانىسى بىر نەچچە ئايالنى باشلاپ رەنانىڭ ئۆيىگە داستىخان تاشلىغىلى كەلدى. ئەمدى رەنا بىر قارارغا كەلمىسە بولمايتى. ئۇ ئاخىرى ئىچىدىكىنىڭ ھەممىسىنى ساۋۇتقا دېدى. ئۇنىڭچە ساۋۇت ئوقۇغان، مەلۇماتلىق زىيالى بولغانكەن، بۇ ئىشلارنى چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ. ئۆزىگە ۋە ئىرشاتقا    بەخىت تىلەيدۇ. ئىككىسىنىڭ بۇرۇنقى سەبى دوسلۇقىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ.

       ئۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ساۋۇتقا ئېيتىۋاتقان چېغىدا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بارغانسىرى ئۆڭۈپ قورقۇنۇچلۇق بىر تۈسكە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىمىدى. ئۇنى بايقىغان تەقدىردىمۇ رەنا ئۇنى ساۋۇتنىڭ ئۆز مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئاچچىق يۇتۇشتىن دەپلا چۈشەنگەن بولار ئىدى. دەرۋەقە، ساۋۇت ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدى. بىراق رەنانىڭ گېپى تۈگىگەندە ساۋۇت رەنا ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، خالىمايدىغانلا ئەمەس، بەلكى تېنىنى شۈركەندۈرۋەتكىدەك سوغۇق بىر تەلەپپوزدا بىر ئېغىز سۆزنى ئاڭلىدى:

             -مېنىڭ مۇھەببىتىم مەڭگۈلۈك. بۇ مۇھەببەت قان بىلەن ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ!

               كۈشەندىلەر

        2011-يىلى ئاپرىل

        ئىرشات ئۆزىنى ساۋۇت ئىسىملىك بىرسىنىڭ ناھىيىنىڭ ئەڭ ئاۋات كەچلىك بازىرىدىكى داڭلىق بىر رېستۇرانغا كۆرۈشۈشكە توۋلىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. ئۆزىدە ئۇنىڭ نېمە ئىشى بارلىقىنى، نېمە سەۋەپتىن رېستۇرانغا توۋلىغانلىقىنى بىلەلمەي بېرىش-بارماسلىق ئۈستىدە قىسقىغىنە ئويلانغاندىن كېيىن، يەنىلا بېرىش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭدىن تىببى مەسلىھەت ئالماقچى بولغانلار ئۇنى پات-پات تاماق يىگەچ مۇڭدىششقا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى. لېكىن بۇ كىشى ئۇنى بۇ ھەقتە چاقرمىغاندەك قىلاتتى. بېرىش كېرەك.

ئىرشات رېستۇراننىڭ ئايرىم خانىسىغا كىرگەندە ئۆزى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان 6-7 يىگىتنى كۆردى. ھەممىسى 27-28 ياشلاردىكى ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەردىن ئىدى. ئۇ ھەممىسى بىلەن قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ ئەڭ ئاخىرى ئۆزى بىلەن ئۆزگىچە ھالدا كۆرۈشكەن يەنى، قوللىرىنى دۈشمەنلەرچە چىڭ قىسىپ، كۆزىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ تۇرغان ئىگىز، ئورۇق بىر يىگىت كۆرۈپ نېمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.

       -قانچىلىك بىر نەرسىكى دېسەم تايىنلىق بىر نەرسىكەنسەنغۇ؟!

       قارشى تەرەپ ئىرشاتنىڭ قوللىرىنى قويىۋەتمەي تۇرۇپ شۇ گەپنى قىلدى

       -ئىككىمىز تونۇشامدۇق؟

       -ئەمدى تونۇشىمىز. مېنىڭ كىملىكىمنى ھازىر بىلىپ قالىسەن! بىلىپ قال، ئىسمىم ساۋۇت. رەنانىڭ مۇھەببىتى.

       ئىرشات تېخىمۇ ھەيران قالدى. بىر تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە، يەنە بىر تۇرۇپ ئۆزىنى بىئارام قىلۋاتقان مۇنۇ يىگىتنى يەنىمۇ گەپكە سېلىپ، ئىشنىڭ ھەققىتىنى، قارشى تەرەپنىڭ مەقسىتىنى بىلگۈسى كەلدى.

       -قايسى رەنانىڭ؟

       -خۇپسەن بولىۋالما ھاراملىق! قايسى رەنا بولىتى؟ سەن پايتىمىدەك ئەگىشىۋالغان رەنانىڭ!

       ساۋۇت ئىرشاتنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي يەنە بىر قولىدا جۈنۈپ تۇرۇپ سۆزلەيتى:

       -ياخشىلىقچە رەنادىن يىراق يۈر. ئۇ مېنىڭ. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن . توي تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ   بولدى. گەپ شۇ!

       ئىرشاتنىڭ يىگىتىلىك غۇرۇرى يېرىلدى:

       -شۇ گەپمىتى؟ ساڭا مېنىڭ جاۋابىم لازىمغۇ ھە؟

       ئېرشاتنىڭ گېپى تۈگە-تۈگىمەيلا ساۋۇت ئۇنىڭ يۈزىگە قارىتىپ مۇشت ئاتتى . ئېرشات چەپدەسلىك بىلەن ساۋۇتنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ بىرلا قايرىۋىدى، ساۋۇت ئالدىراپ ئىرشاتنىڭ قولنى بوشىتۇپ يەرگە ئىڭىشتى. ئېرشات خانىدە ساۋۇتنىڭ 6-7 ئاغىنىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئارقىدىنلا بىر شاپىلاق سېلىۋىدى،ساۋۇت سەنتۈرلۈپ يىقىلىپ چۈشتى.

       خانىدە بولىۋاتقان بۇ ئىشتىن ساۋۇتنىڭ ئاغىينىلىرى تاڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار بىر ئادەمنىڭ قىلچە ئەيمەنمەي، بۇنداق جاۋاپ قايتۇردىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى!

       ئىرشات ئەمدى بىر مەيدان قالايمىقان جېدەلنىڭ چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندى. لېكىن قىلچە قورۇقماستىن رەقىبلىرىگە يۈزلۈنۈپ مەردانىلارچە تۇردى.

       ئىش ئىرشات ئويلىغاندەك بولمىدى. قارشى تەرەپتىكى يىگىتلەردىن بىر -ئىكىسى نېمىشقىكىن، سۈلھىگە چۈشۈپ ئىشنىڭ جەريانىنى ئىرشاتتىن سورىدى. ئاندىن ھەممىسى دېگۈدەك ساۋۇتنى ئەيىپلەپ، ئىرشاتنى يولغا سېلىپ قويدى.

       بۇ ئىش مۇشۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى.

       ئەتىسى ئىرشاتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساۋۇت يەنە جېدەل تېرىدى.

       -ئىرشات دېگەن لاتا! چىقە بۇ ياققا! نوچى بولساڭ مەن بىلەن تۇتۇشۇپ باق!

       ساۋۇت چالا مەست ئىدى. ئىرشات ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توسىشىغا قارىماستىن پەسكە چۈشۈپ، ساۋۇتقا روبىرو تۇردى. بۇ قېتىم ساۋۇت يەنە باشقا ئىككى ئاغىينىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى.

       - ئەمدى ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ جېدەل تېرىغۇدەك بولدۇڭما؟!

       -رەنا مېنىڭ. ئۇنىڭدىن يىراق يۇر.بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن!

       -يەنە شۇ گەپما؟!

       ساۋۇت ئېرشاتنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى. ئىرشات ئۇزۇن مەزگىل چېنىققان، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولغاچقا ئىككىلەنمەيلا ساۋۇتقا پەشۋا ئاتتى. ساۋۇتنىڭ ئىككى ئاغىيىنىسى كېلىۋىدى، ئۇلارمۇ بىر-ئىككىدىن پەشۋا يەپ يىقىلدى.

       -ماڭ، يوقال! ماڭا ئىككىنچى كۆرۈنمە!

       -جاھان تېخى ئۇزۇن.. قاراپ تۇر، سېنى  چوقۇم ئۆلتۈرىۋىتىمەن.

       ساۋۇت شۇ گەپنى دەۋىتىپ ئېغىزىدىكى قاننى سۈرۈتكەچ ئاغىينىلىرى بىلەن سالپىيىپ كېتىپ قالدى.

           قاباھەتنىڭ باشلىنىشى....

       2012-يىل فېۋرال

       رەنا ئاسپىرانلىقتا ئوقۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئوقۇشىمۇ تۈگەي دەپ قالغان بولۇپ، ئەمدى يېڭى بىر نىشانغا-يەنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى. ياپۇنىيەدىكى ساۋاقداشلىرى گۇلنار بىلەن ئەزىزە ئۇنى ياپۇنىيەگە چىقىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىشى بىلەن تەڭ رەنامۇ بۇ ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدى. ئارىدا ئىرشات رەنانى كۆرگىلى ئۈرۈمچىگە چىقىپ بۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشتى. ئىرشاتنىڭمۇ چەتئەلدە ئوتتەك ئوقۇغۇسى بارئىدى، مانا بۇ گەپ بىلەن ئۇنىڭ قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئىككىسى ياپۇنىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن كېتىدىغان رەسمىيەتلەرنى قانداق بېجىرىش، قانداق يوللارنى مېڭىش توغرىسىدا ئۇزاق مەسلىھەتلەشتى. ئاخىرىدا رەنا ئىرشاتنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بىللە ئۆتىشىپ بېرىدىغان، ئىككىسى بىللە ياپۇنىيەگە چىقىدىغانغا كېلىشتى.

        ئىرشاتنىڭ دادىسى ئابلا ئاكا ۋە ئاپىسى گۈلپىيە ھەدىلەر ئىرشاتنىڭ بۇ قارارىنى ئاڭلاپ دەماللىققا نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى. لېكىن ئىرشاتنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاجايىپ يۇقۇرىلىقىنى، يەنە كېلىپ بولغۇسى كېلىن قىزى بىلەن بىللە چىقماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قوشۇلدى.

        ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاسپورت كۈتۈشلەر، تۈگىمەس رەسمىيەتلەر، رەنا بىلەن ئىرشاتنى چارچىتىپ قويدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتكۈسى كەلمىدى.

        ساۋۇت پەيلىدىن يانمىغان بولۇپ، ئۇ رەناغا توختىماي تېلفۇن ئۇراتتى. قىسقا ئۇچۇر يوللايتى.

«سالام، مەن بىلەن توي قىلىشقا ئۇنىمىسىڭىز، مۇۋاپىق بىرسىنى تېپىپ توي قىلىۋىلىڭ. پەقەت ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسىڭىزلا بولدى.مەنمۇ بۇ يەردىن كېتىمەن. گېپىم گەپ. قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى.»

        «سالام، ئۈرۈمچى دېگەن مەن تۇرغان يۇرتقا بىر نەچچە سائەتلىكلا يولغۇ ھە؟ لېكىن سىز ئارلىقىمىزنى نىمانچە يىراقلاشتۇرۋىتىسىز؟ خۇددى مەڭگۈ يېتىپ بارغىلى بولمايدىغاندەك...مەن  ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەن. ئادەم ئۆلتۈرگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئادەتتىكى چوكا بىلەنمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن. بۇ تەھدىت ئەمەس. سىزنى قورقۇتقىنىممۇ ئەمەس. مەن سىزگە ئىنتىلىمەن.ئادەم قايتا ياشاشنى خالىمغانكەن، ئۇنداقتا ئۇ قاتىللىق قورالى بولۇپ قالىدۇ.  مەن ھەقىقەتەنمۇ سىزگە ئىنتىلمەن.»

        ...

       «رەنا، مەن بۇ ئىشلارنى قەستەن قىلمىدىم. بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشنى پەقەت خالىمايتىم. ھازىر پۈتۈن ئەس-يادىم ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بولۇپ قالدى. كۆزۈمگە پىچاق، تاپانچا قان...دېگەندەكلا نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرۋىلۋاتىدۇ. خىزمەتنىمۇ بۇرۇنقىدەك ئىشلىگۈم كەلمەيدۇ. سەل تۇرۇپ مەن كۆزۈمگە ياش ئالغان ھالدا دەرس ئۆتكىلى سىنىپقا كىرىمەن.

       ئۆيدىكىلەر مېنى ئارام ئالغىن دەيدۇ. تېخى موللاملارغا كۆرسىتىپمۇ باقماقچى بولىۋاتىدۇ... مېنى مۇشۇ ھالغا سېلىپ قويۇپ قانچە رەھەتلىنۋاتقانسىز ھە؟...»

       ...

       «مەن ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ ئويلاپ كەتتىم. ئۆلۈم ئارقىلىق بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاقىلانە چارىكەن.

       مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن! ئۆزۈمنى بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچتۈرەلەيدىغان ھېچقانداق سەۋەپ تاپالمىدىم.

ئۇ ئۆلمىسە، مەن ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ. مانا بۇ مېنىڭ ھاياتىم. مانا بۇ مېنىڭ قۇتۇلۇش يولۇم.»

       ....

       «راسىت گېپىڭنى قىلە پاسكىنا. قاچانلاردىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تېپىشىۋالدىڭ؟ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرغىنىڭنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. مەن ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ياخشى ئىدىم. ساڭا شۇنچە يېلىنىدىم، ساراڭ بولدۇم. بىراق يەنىلا يېنىمدىن كەتتىڭ. ماڭا بىر قېتىملىق پۈرسەت بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن سەن بەرمىدىڭ.

       ئەمدى مەن ئۆزۈمنىڭ تاللىغان يولۇمدا ماڭىمەن.

       توغرا، يۈزۈمدىكى يارا ھازىرغىچە ئاغرىۋاتىدۇ. يۇزۇمنى يۇيساممۇ ئاغزىمنى ئاچساممۇ ئاغرىيىدۇ. لېكىن ھەقىقى ئاغرىۋاتقان يەر بۇ ئەمەس. يۈرىكىم، مېنىڭ بىچارە يۈرىكىم!»

       ...

       ئۇچۇرلار بىر-بىرىدىن زەردىلىك، ۋەھىمىلىك ئىدى. بۇ ئۇچۇرلاردىن قان پۇراپ تۇراتتى. رەنا قورقۇپ قالدى. ساۋۇتنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى ئۆز تىلفۇنىدىكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇپ ئارام تاپقاندەك بولدى. لېكىن، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئۆز ئاشىقى ئىرشاتقا بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق، ھاقارەتلىك بولۇپ يوللىنىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئىرشاتنىڭ پىسەنتىگە ئالماي، ھېچكىمگە تىنماي يۈرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتى.

       ئۇ راسىت بىلمىگەن ئىدى. قاباھەتنىڭ بوسۇغىسىغىلا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمىدى. يۈرەككە مەڭگۈ ساقايمايدىغان  بىر قاباھەتنى ئويۇپ قويغۇچى قەبىھ بىر جىنايەتنىڭ يېقىنلا يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بۇ قىز نەدىن بىلسۇن؟!

               قاباھەت

      2012-يىلى 7-ئاينىڭ28-كۈنى

       رامىزان ئېيى بولغاچقا ئۈرۈمچىنىڭ كەچقۇرۇنلۇق بازىرى تولىمۇ قايناق ئىدى. ساۋۇت بايا خەلقئارا چوڭ بازاردىن سېتىۋالغان ئۇچلۇق يېڭىسار پىچىقىنى قوينىغا سېلىپ، ھېلىلا بىر قىزىل تاكسىدىن بىللە چۈشكەن ئىرشات، رەنا ۋە ئۆزى تونۇمايدىغان يەنە بىر قىزنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ پېيىغا چۈشكەنىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى غەزەپ، كۈندەشلىك ۋە ئىنتىقام بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، بۈگۈنلا مەسلىنى بىر تەرەپ قىلۋىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. شۇڭا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى يېنىك تىترەپ، كۆڭلى داۋالغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئىرشاتلارغا ئەگىشىپ موزىكا زاۋۇتىنىڭ ئەتراپىدىكى بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، رەنا بىلەن يەنە بىر قىز باشقا بىر تاكسىغا چۈشۈپ كېتىپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىرشاتنىڭ ئىككى ئاغىيىنىسى كېلىپ، ئۈچى بىرلىكتە پاراڭلىشىپ تۇردى. ھېلىقى ئىككەيلەن بىردەمدىن كېيىن ئىرشاتتىن ئايرىلدى.«پۈرسەت كەلدى»دەپ ئويلىدى ساۋۇت ۋە ئىرشاتنىڭ يول بويىدىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ يان تېلفۇن ئارقىلىق بىرسى بىلەن قىزغىن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بېرىپلا پىچاقنى تىقىۋىتىش كېرەكمۇ؟ ياق، پىچاق جايىغا تىقىلمىسا ساۋۇت ئۆزى زىيان تارتىدۇ. ئۇ ئىرشاتقا ھەرگىزمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئاۋالقى ئىككى قېتىملىق جېدەلدە بۇ نوقتا ئىسپاتلىنىپ بولۇنغان. قانداق قىلىش كېرەك؟ ساۋۇت ئويلانغاچ ئىرشاتنىڭ كەينى تەرپىگە ئۆتتى. خىش ياكى تاش ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان قارىۋىدى، كۆزىگە نېرىدىكى بىنانىڭ يېنىدىكى كىچىك دۇكاننىڭ پۇكىيىدە بىر قىسقا ساپلىق بولقىنىڭ تۇرغىننى كۆردى. دۇكانچى كۆرۈنمەيتى. ئۇ بولقىنى ئېلىپ قوينىغا يۇشۇرۇپ يەنە ساۋۇتنىڭ كەيىنى تەرپىدىن يېقىنلاپ كەلدى.....

         ....زەرپ بىلەن ئۇرۇلغان بولقا ئىرشاتنى ئورنىغىلا قىيسايتىپ قويدى. سۆزلىشىۋاتقان يانفۇنى قولىدىن ئىرغىپ چۈشتى. ئۇ نۇرسىزلىشىۋتقان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ  رەقىبىنى كۆرمەكچى بولدى. دەل شۇ چاغدا «مېنىڭ كىملىكىمنى تونۇدۇڭمۇ ھاراملىق؟!» دېگەن زەھەرخەندىلەرچە تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى. ئۇ كۈچىنى يىغىپ مەيدىسىگە تىزلاپ ئولتۇرۋالغان مەخلۇقنى تۇتۇپ يانغا تارتماقچى بولدى. لېكىن....

ئۆتكۈر يېڭىسار پىچىقى ئۇنىڭ كېكىردىكىگە كۈچ بىلەن سۈركەلدى. فونتاندەك جىرغىپ چىقىۋاتقان قان كەچكى شەپەق نۇرىدا قىزىل ياقۇتتەك جۇلالىنىپ ئەتراپىتىكى قورقۇنۇچ ۋە ئالاقىزادىلىك بىلەن قارىشىپ تۇرۇشقان كىشىلەرگە ئۆلۈم بىلەن ياۋۇزلۇقنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز سۈرلۈك كارتىنىسىنى كۆرسىتىپ قويدى....

         يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر نەچچەيلەن بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ يېقىنلاپ كېلىۋىدى، ساۋۇت زەھەرخەندىلەرچە«قايسىڭ يېقىن كەلسەڭ پىچاقنى قارنىڭغا تىقىۋىتىمەن!» دەپ ۋاقىردى. ھېچكىم يېقىن كېلىشكە پېتىنالمىدى. ئارىدا بىرەيلەن يان تېلفۇننى چىقىرىپ جىددىيلەشكەن ھالدا تېلفۇن بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ساۋۇت دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈزىگە چاچىرىغان قاننىمۇ سۈرتىۋىتىشكە ئۈلگۈرمەي بەيتۇللا مەسچىت كوچىسىغا شامالدەك يۈگۈرۈپ كىرپ كەتتى.

            كۈشەندىنىڭ جازاسى

       2012-يىل12-ئاينىڭ10-كۈنى

       يۈرىكى مەڭگۈلۈك جاراھەتلەنگەن بىر توپ كىشىلەر سۈرلۈك سوت زالىدا ھۆكۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشماقتا. بىر كېچىدىلا 10 ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان ئىرشاتنىڭ دادسى ئابلا ئاكا، تولا يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ھەم ھالسىزلىنىپ دەرمانىنى تولۇق يوقاتقان گۈلپىيە ئانىنى ئىرشاتنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە بىر سىڭلىسى يۆلىۋالغاندەك يېپشىپ بىللە ئولتۇراتتى. رەنا بولسا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەندەك، خۇددى چۈشتىن بىمەھەل ئويغۇنۇوپ كەتكەندەك گاراڭ ھالەتتە ئىدى.

        سوت دائىملىق تەرتىپ بويىچە داۋاملاشماقتا. ئادۇۋكاتلار سۆزلىمەكتە. پۈتۈكچى تىز-تىز خاتىرلىمەكتە.

گۈلپىيە ئانا ۋە ئابلا ئاكىلار ئۈچۈن قاتىلنى ئېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئەلمىساقتىن قاتىل ئۈچۈن خۇن تۆلەش ئەزەلىي قائىدە.

        توپلانغان پاكىتلار قارىتا سوت ئۈستىدە جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، دىلۇ مەلۇم قىلىش ماتىريالى، قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۈرىتى، ماددىي ئىسپات ۋە يازما ئىسپاتلار، تونۇش خاتىرىسى، تۇتۇلۇش جەريانى، جاۋاپكار ۋە ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىگە ئائىت ئىسپاتلار ئوقۇپ ۋە كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلدى. ئاندىن باش سوتچى سۈرلۈك ئاۋازى بىلەن ھۆكۈمنى ئوقۇدى.

           1- جاۋاپكار ساۋۇت رۇزىنىڭ قاتىللىق جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن ھەمدە سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنسۇن.

           2- جاۋاپكار ساۋۇت رۇزى قوشۇمچە ھەق تەلەپ داۋاگىرى ئابلا ئابدۇرىھىم ۋە گۈلپىيە سىيىتلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن 50000 يۇئەن تۆلەپ بەرسۇن.

       ھۆكۈم ھەممەيلەننى سۈكۈتكە چۆمدۈرۋەتتى.

          خاتىمە

       «قانۇندا يۇچۇق بار» دەيدۇ ئابلا ئاكا خورسىنىپ. «كۈپكۈندۈزدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە ۋەھشىيانە ئۇسۇلدا ئادەم ئۆلتۈرۈلسە، ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى دەپلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالسا بولامدۇ؟»

       «قاتىلنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇددۇئاسى بۇرۇنلا بار. بۇ مەخسەتلىلىك، پىلانلىق قىلىنغان قاتىللىق. قاتىل ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن قانۇن كىتابلىرىنى ئوقۇغان، قانداق قىلغاندا ئادەم ئۆلتۈرۋىتىپ، ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن» دەيدۇ گۈلپىيە ئانا  كۆچۈرۈۋالغان رەنا بىلەن ساۋۇت رۇزىنىڭ يېزىشقان تىلفۇن قىسقا ئۇچۇر خاتىرىلىرىنى كۆرسىتىپ.

       «ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن دېگەن گەپ-ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ دېگەنلىكقۇ» دەيدۇ ئۇنىڭ ئىككى ئىنسى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.

       ئۆلۈم ھەممە ئىنساننىڭ بېشىدا بار ئىش. قانداق ئۆلۈش، قاچان ئۆلۈشنى بىلىش ئىنسانغا بېرىلگەن ھوقۇق ئەمەس. قاتىللىق تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھايۋانىيىلىقنىڭ ئالامىتى. ئىنساندىن ئادىمىيىلىك كەتسە، قېلىپ قالىدىغىنى ھايۋانلارغا خاس بولغان يىرىتقۇچلۇق، ياۋۇزلۇق، ۋەھشىيىلىك خالاس. بۇلار ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق تىزگىنلىنىپ تۇرۇلمىسا ئىنسانىيەت جەمىئىيتى قايسى ھالغا چۈشۈپ قالار ھە؟

       ئاخىرىدا مۇئەللىپ قايغۇ ۋە ھەسرەتتىن بېلى پۈكۈلۈپ، چاچلىرى ۋاقىتسىز ئاقارغان، يۈرىكىدە ساقايماس جاراھەت قالغان ئەشۇ بىچارە ئابلا ئاكا ۋە گۈلپىيە ئانىلارغا سەۋر-چىدام تىلەيدۇ.

2013-يىل 10-ئاپرىل

(ماقالىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى.)

مەنبەسى ئۆزەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 07:25 PM  


ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6763
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىستىقباللىق    بىر ياش بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپتۇ.. ساۋۇتمۇ بۇ ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ..ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپتۇ.. يۈرۈگۈم بەكلا ئېچىشتى..

‹مۇھەببەت كۈشەندىسى› دىگەن بۆلەكتە رەنا دىگەن ئىسىم ئاينۇر بولۇپ قاپتۇ،، تەھرىرلەپ قويارسىز



مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:16:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتنى قەدىرلىيەلمىسە،ئەنە ئاشۇنداق قاباھەتكە ئايلىنىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش