مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1124|ئىنكاس: 19

نومۇس نەدىن باشلىنىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:57:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نومۇس نەدىن باشلىنىدۇ؟
- ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت -

ئەلى تەنتاۋى (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن ) مۇنداق دەيدۇ:
ئەي قىزىم، مەن ھازىرغىچە ئەللىك يىل ياشىدىم، نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى كەزدىم، نۇرغۇن ياخشى -يامان ئىشلارنى كۆردۈم ، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. بۇ گەپلىرىمنى ئەللىك يىللىق تەجىرىبەمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم ساڭا نەسھەت قىلىۋاتىمەن . ئادەملەرنى ئىسلاھ قىلىمىز ، تۈزىتىمىز دەپ كۆپ كۈچىدۇق، ھەتتا تۇلا سۆزلەپ ئاغزىمىز تالدى .نۇرغۇن كىتابلارنى يازدۇق، قوللىرىمىز تالدى ، قەلەملىرىمىز ئۇپرىدى. بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ كۈچىگەنسىرى ئادەملەردە ئەكسىچە بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. پىتنە-پاسات كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا شەھەردىن شەھەرگە ئېقىۋاتىدۇ ، ئاللاھ قىلما دەپ چەكلىگەن ئىشلار ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئادەملەر جەننەتنىڭ ئىشىكىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەكسىچە دوزاخ چۇقۇرىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. يالاڭباشتاقلىق، يالىڭاچلىق، بىھايالىق شەھەردىن شەھەرگە يامرىماقتا. ھەتتا باشىدىن ئايىغىغىچە پەرەنجە بىلەن پۈركىنىپ يۈرىدىغان شام (سۈرىيە)دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىمۇ كۆكرىكى ئوچۇق ھالدا كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ . بىز شۇنچە سۆزلەپ نىجات تاپالمىدۇق، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمىز دېيەلمەيمەن. نېمىشقا، بۇنى بىلەمسەن؟ بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ شۇنچە نەسىھەت قىلىپ، شۇنچە دەۋەتلەرنى قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدۇق، ئەسلى بىز ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنى تاپالمىغان ئىكەنمىز، كىرىدىغان ئىشىكنى تاپالمىغان ئىكەنمىز . بىز ئىشىكتىن كىرمەي دەرىزىسىدىن كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇق. ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يول قەيەردە؟ ئۇنىڭ دەرۋازىسى نەدە؟ ئاچقۇچى كىمنىڭ قولىدا، بىلمەي يۈرۈپتۇق. ئاخىرى بىلدۇقكى ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا ئىكەن، ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنىڭ بېشى ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ئەمدى قايىل بولدۇم. بىراق بۇنى ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالغاندا ھېس قىلدىم .
گۇناھ يولى ناھايىتى ئېغىر يول ، بۇ يولغا كۆپ ھاللاردا ئەر كىشى باشتا قەدەم قويىدۇ، چۈنكى ئايال كىشى ئەر كىشى بولمىسا بۇزۇلالمايدۇ، بۇ قەدەمنى باسالمايدۇ. ئەي قىزىم، ئەگەر سېنىڭ رازىلىقىڭ بولمىسا ئەركىشى بۇ قەدەمنى باسالمايدۇ ، سەن لايدەك يۇمشاق بولساڭ، ئەر ساڭا پاسكىنا سۇدەك قېتىلىدۇ؛ سەن ناز قىلساڭ ئەر ساڭا ئېتىلىدۇ. سەن ئوغرى قاراقچىغا ئىشىكىڭنى ئېچىپ بېرىپ:” ئۆيگە كىرىڭ “دەپ، مال-مۈلكۈڭنى ئوغرى ئېلىپ قاچقاندىن كېيىن كوچىغا چىقىپ :”ۋاي داد ، ئوغرى مېلىمنى ئېلىپ قاچتى“ ۋارقىرىغان ئەخمەقسەن . ئوغرى مېلىڭنى ئېلىپ قاچقاندىن كېيىن كوچىغا چىقىپ داد -پەرياد، چۇقان سالساڭ ئوغرىنى تۇتۇشۇڭ مۇمكىن، ئوغرى ئۇ مېلىڭنى يەپ ، سېتىپ تۈگەتمىگەن بولسا ئۇنى قايتۇرۇۋالالىشىڭ مۇمكىن، پاكلىقىڭ -ئىپپىتىڭ، ئار-نۇمۇسۇڭ ئوغۇرلانغاندىن كېيىن ئوغرىنى تاپالىشىڭ مۇمكىن، بىراق پاكلىقىڭنى، ئار-نۇمۇسۇڭنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ كېلەلمەيسەن. بۆرىگە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان قوينىڭ چىرايلىق تېرىسى لازىم ئەمەس، چىرايلىق تۇرقى ھەم لازىم ئەمەس، ئۇنىڭغا پەقەت قوينىڭ بىر-ئىككى كىلو لەززەتلىك گۆشى كېرەك. سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرغان ياتۋاش ئەركەك ئۈچۈن سېنىڭ چىرايلىق خۇلقىڭ، لاتاپىتىڭ، نازىڭ كېرەك ئەمەس، ياراشقان كىيىم -كېچىكىڭمۇ لازىم ئەمەس، ئۇ ئەر سېنىڭ ئىززەت-شەرىپىڭ، زىننىتىڭ ۋە پەخرىڭ بۇلۇپ تۇرغان پاكلىقىڭنى، نومۇسۇڭنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ساڭا كۈتۈلمىگەندە بۆرە قوينىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتىن ئېغىر مۇسبەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. سېنىڭ ئار -نۇمۇسۇڭ بىر -ئىككى كىلو قوي گۆشىنىڭ قىممىتىدىكى نەرسە ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلار تەرىپىدىن پايمال قىلىنسا تاكى قىيامەتكىچە نەسەب-نەسلىڭگە تەسىر قىلىدىغان (قارا سۇۋايدىغان، نەسلىك ۋە پەسلىك كەلتۈرىدىغان) نەرسىدۇر.
سەن ئەتراپىڭدىكى لالما ئەرلەرنىڭ ساڭا ”مەن سىزگە ئاشىقمەن، ھۆسنىڭىزگە مەپتۇنمەن ، خۇلقىڭىزغا ئەسرامەن “ دىگەن سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ يۈرەمسەن؟ ئاشۇ شېرىن -شىكەر گەپلەرگە ئالىدىنىۋاتامسەن؟ ئەي كەم ئەقىل قىزىم، ئاللاھقا قەسەمكى، ناكەس ئەر يالغۇز ئايالنى كۆرگەندە ئۇ ئايالنىڭ كىيىم -كېچىكىنى يىرتىپ تاشلاش ھەققىدە بىھايا خىياللارنى قىلمايدىغان بولسا كېلىپ مېنىڭ يۈزۈمگە تۈكۈر!
لالما ئەرلەرنىڭ ساڭا دوستانە ھالدا، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن ساختا گەپلىرىگە ئالداندىڭمۇ؟ ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كەلگەندە ئۆز ئارا قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ قايسى ئايالنىڭ ئار-نۇمۇسىنى قانداق پايمال قىلغانلىقى، قايسى بىھايا ئايال بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى تۇيغان بولساڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە تۈكۈرۈپ كەلگەن بۇلار ئىدىڭ.
ئەي قىزىم! بۇ جەمئىيەت شۇنداق جەمئىيەتكى، بۇ ئادەملەر شۇنداق ئادەملەركى، شۇ گۇناھلار، شۇ يالىڭاچلىنىشلار، زىنا -ھاراملار شۇنداق داغ بولۇپ چۈشىدۇكى، سېنى گۇناھقا چاقىرغان ئەركەك شۇ گۇناھلارنى قىلىپ بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپ يۈرگەندە ساڭا ئېلىپ كەلگەن رەسۋالىقلار يۈزۈڭگە ئۆچمەس داغ چۈشۈرىدۇ. بۇ جەمئىيەت شۇنداق جەمئىيەتكى ئوغول بالىنىڭ گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ، ئوغۇل بالىكەن، ئېزىپ قاپتۇ دەيدۇ، بىراق سېنىڭ گۇناھىڭنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ ، سەن ئاللاھقا چىن دىلىڭدىن تەۋبە قىلغان، ھەتتا رەھىم ھەم رەھمان بولغان ئاللاھ سېنىڭ گۇناھىڭنى كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئادەملەرسېنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ ،”ئۇ شۇنداق بۇزۇق ئايال ئىدى، چاتىقى بار ئىدى“دەيدۇ، بۇ داغ پېشانەڭدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، ئايال كىشىنىڭ ئار-نۇمۇسى ئۇنىڭ نەسلى-نەسەبىگە مەڭگۈ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەن ئاياللارغا نەسىھەت قىلغىنىمدا، ئاۋۋال < خۇدادىن قورقۇڭلار>دىگەن سۆزدىن باشلايمەن. چۈنكى ھەممە رەزىللىك ، پەسكەشلىك ، رەسۋاچىلىق ئاللاھتىن قورقماسلىقتىن چىقىدۇ. ئاللاھتىن قورققان ئادەم ھەممىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ زاتتىن چىن يۈرىكىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھېچ كىشى كۆرمەيدىغان قاراڭغۇ خىلۋەتتە بولسىمۇ زىنادىن يىراق تۇرىدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن گۇناھتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھاراق ئىچمەيدۇ ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پەرز قىلغان ئەمەللىرىنى جان دىلى بىلەن ئۇرۇندايدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى ئاداقىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ. شۇڭا مەن قىزلارغا نەسىھەت قىلغىنىمدىمۇ ”ئەي قىزلىرىم، ئاللاھتىن قورقۇڭلار“ دەپ سۆزۈمنى باشلايمەن. ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداقكى، ئۇلارغا ئا خىرەتتىن سۆز قىلسا ئاخىرەتنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن تەسىرلەنمەيدۇ، كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەردىن تەسىرلىنىدۇ، يەنە ئۇلارغا ئىككىنچى دەيدىغىنىم . تۈرلۈك گۇناھلار سەۋەبىدىن ھەرخىل قورقۇنچلۇق، ئازاپلىق، ئەجەللىك كېسەللەر بار دەيمەن . ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ پىسەنت قىلمىسا ئۇلارغا ئېيتىمەنكى: ئەي قىزىم ، دۇنيادا ھېچبىر نەرسە ئەبەدىي تۇرمىغان ھەم تۇرمايدۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ بۇ گۈزەللىكلىرىڭمۇ ئەبەدىي تۇرمايدۇ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇرغان شۇ چىرايلار بىر كۈنلەر كېلىپ بىر سىقىم بۇغداينى چېچىپ قويسا ئۈنمەيدىغان شور توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەرگە كۆز _كۆز قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل رەڭلەردە بويۇۋالغان چاچلار چىرىپ تۈگەيدۇ. ھېچبىر نەرسىدە كامالەت ئەبەدىي قالمايدۇ، قۇياش نۇرىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆچىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ زاۋالى بار. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىنىڭ گۈزەل ھۆسىن -جامالىڭنىڭمۇ زاۋالى بار. ھۆسىن-جامالىڭغا ئاشىق بولغان كىشىلەر چىرايىڭدىن كەتكەن ھامان سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. قېرىپ موماي بولغىنىڭدا غەم -تەشۋىشىڭنى كىم يەيدۇ ؟ يېنىمدا پەرۋانە بولغانلار غېمىمنى يەيدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ياق، قېرىغان ئايالنىڭ غېمىنى بالىسى يەيدۇ، نەۋرىسى يەيدۇ . ئەۋلادلىرىڭ غېمىڭنى يەپ سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا ، خۇددى تاج كىيگەن مەلىكىگە ئوخشاش بەخت ئىلكىدە مەستخۇش بولىسەن. لېكىن ياشلىقىدا ھارام بىلەن ،گۇناھ بىلەن يۈرگەن ئايالنىڭ ھالىتى بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، ھۆرمەت -ئىززىتى يوقىلىدۇ، يەيدىغان-كىيىدىغىنى تەل بولمايدۇ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق ئازاب تارتىدۇ .
بۇ يەرگە كەلگەندە ئەلى تەنتاۋى سۈزىنى مۇنۇ ھىكايەت بىلەن تامام قىلىدۇ. مەن بىريۇسېل شەھىرىگە بېرىپ بىر يىغىنغا قاتنىشىپ ، يىغىندىن كىيىن نەدىم دىگەن بۇرادىرىم شاگىرتلىرى بىلەن مىنى شەھەر ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلدى . بىر چوڭ كوچىدىن قارشى تەرەپكە ئۆتىدىغان يەرگە كەلگەندە ماشىنا توختىغاندا ھەممە ئادەم يۈگۈرۈشۈپ ئالدىراپ يولدىن ئۆتۈۋاتىدۇ، پەقەت بىر قېرى مۇماي پۇتلىرى تىترىگەن ھالدا تەمتىرەپ يولدىن ئۈتۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ، بىراق ھەممە ئادەم ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ قۇيۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرىۋاتىدۇ، ھەتتا ماشىنا شوپۇرلىرىمۇ ماشىنىسىنى ئۇنىڭدىن يىراق توختىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. مەن بۇرادىرىمگە: ھەي بۇرادەر، تالىپلىرىڭدىن بىرسى ئۇ موماينى قولىدىن يېتىلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويسا بولمامدۇ ، دىدىم . ئۇ :
ھەي ئەلى، مەن بۇ شەھەرگە كەلگىلى قىرىق يىل بولدى ، ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا چىرايلىق قىز ئىدى ، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ شەھەرگە شۇنداق بىر فىتنە، ئىمتىھان قىلىپ بەرگەن ئىدىكى، ئادەملەر ئۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن بىرەر يېقىملىق سۆز ئاڭلاش ، بىر قېتىم ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن مال-دۇنياسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈشكەن ئىدى ، ھەتتا ئايالىغا، ئۆز ئانىسىغا ئېيىتمىغان شېرىن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىشار ئىدى . مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھارام ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇنى شۇنداق خار قىلدىكى، ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇشتى. مەيلى زىنا بولسۇن ، مەيلى ھاراق ئىچىش بولسۇن ، نېمىلا بولسۇن خۇدا چەكلىگەن ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ . خۇدا قىلما دىگەن ئىشنى قىلغانلارنىڭ قالتىس، ئالامەت ياشاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا: يات ئەرلەرگە يۇمشاق ئاۋازدا گەپ قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئەرنىڭ قەلبىدە ۋەسۋەسە ئويغىنىدۇ، ئەگەر قەلبىدە فاسىقلىق، ئىپلاسلىق بولسا ئارتۇقچە گۇماندا، تەمەدە بۇلۇپ قالىدۇ، دىدى. ھەتتا پۇتۇڭلارنى يەرگە ئۇرۇپ تاۋۇش چىقارماڭلار، سىلەرنىڭ گۈزەل ھۆسىن جامالىڭلارئەمەس، بەلكى ئاياغىڭلاردىن چىققان تاۋۇش فىتنىگە سەۋەپ بولىدۇ، دەيدۇ ھەق سۇبھانە ۋەتائالا.
ھەي قىزلىرىم ،مەن سىلەرگە دەرھال كىيىپ ئۇرۇنۇڭلار دىسەم، بۇنى قىلالمايسىلەر، چۈنكى سىلەرنىڭ كىيىمىڭلار بىر غېرىچ ، بىر سانتىدىن قىسقىراپ ئەۋرەتلىرىڭلار ئېچىلىپ بولدى . شۇنداقتىمۇ كىيىمىڭلارنى بىر غېرىچ ، ئىككى غېرىچتىن ئۇزارتىپ، ئىپپەتلىك سىياققا كەلتۈرۈپ، پاكلىق، ياخشىلىق تەرەپكە قايتىڭلار دېگۈم كېلىدۇ.
( ئەرتۈرك ماقاللىردىن تاللانما )
                                                                    مەنبە: ئەۋلاد ئىسلام مۇنبىرى ئېلىندى.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tikanlik-gul + 39
SAWER316 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92710
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 02:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۈلۇم قورقۇقۇچلۇق ئەمەس ،بەلكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن ئايرىلىپ قلىش ئەڭ قورقۇنۇچلۇقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 03:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن قېرىندىشىم . ياخشى ئەسەر يوللاپسىز !  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !!!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92450
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 03:22:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھىجايغىنىمنى كۆرۈپ مېنى كۈلدى دېمە ، يۈرەكتىن كۈلەلىگەنلەرلا ھەقىقىي كۈلگەن ھېساپلىنىدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94706
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 03:56:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مۇساپىرچىلىق يامانكەن بىر كۈن بولسىمۇ،
قەرزدارچىلىق يامانكەن بىر پۇڭ بولسىمۇ،
كونا يولنى تاشلىماڭ ئەگرى بولسىمۇ،
قەدىناسىڭىزنى تاشلىماڭ قېرى بولسىمۇ!

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19529
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1948 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 04:25:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نۇمۇسسىزلىقنىڭ ئىپادىللىرى قىزلىرىمىزنىڭ كوپتىسى تۆۋەنگە،يوپكىسى يۇقۇرىغا قىسقارسا،ئەرلەرنىڭ چېچى ئۇزراۋاتىدۇ.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3393
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1722 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 05:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەگەر نومۇسۇڭغا زىيان يەتمىسۇن دېسەڭ، باشقىلارنىڭ نومۇسىغا قىيا كۆز بىلەن قارىما. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulqinay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 05:23 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6867
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 05:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ئىنسان تۇغۇلما ئاق كۆڭۈل كىلىدۇ ، تەرەققىيات ۋە ساختا ئىمان ئىنسان قەلبىنى قارا قىلىۋېتىدۇ .

ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92875
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 06:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 06:45:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ياخشى تىمىڭىزغا رەھمەت!،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش