ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر.كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام. يەنە بىر ئەرزىمەس تېمام ئۈچۈن سىلەرنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن خىجىلمەن.
بۇ تېمىنى ئۈزۈم ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغاچقا يوللىدىم.قېنى ئىشتىراق قىلغايسىلەر.
ھەممىزگە مەلۇملۇق ھازىرقى دەۋىر رىقابەت ئۇچۇر دەۋرى. ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئويغۇنۇپ ئۆزمىللىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈرش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنمەكتە.نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ئىلىم-پەن ئاسمانىدا قانات قاقماقتا.كىشىلەرنى نادانلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى كىتابخانا مەدەيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەممىدىن مۇھىم.
كىشىنى خۇشال قىلدىغىنى ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇر كۈتۈپخانلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى روھىيىتىنى كۈندىن-كۈنگە بېيىتماقتا.بۇ ھەممىزىنى خۇشال قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
ھەتتە كىتابخانا مەدەنىيتى تور دۇنيارىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن تەرەققى قىلماقتا.گەرچە بۇلار شۇنچىلىك كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما قوللاش يەنىلا بىرقەدەر ئاز ھەتتە يوق دىيەرلىك بۇلۇپ قالماقتا.شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر تور كىتابخانلىرى باشقا تور بەتلىرىدەك ئاۋات بولماي،بۇيۇن قىسىپ قالماقتا.كىشىلەر ئاقماس ناخشا،كىنو ئۇيۇن تور بىلەتلىرىگە تالاي پۇل خەجلەشكە رازىكى ئۇيغۇر تور كىتابخانىسى بىكىتىگە كىرىشكە ۋاقتى ئەسلا چىقمايۋاتىدۇ.بۇ ھەممە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بىلىپ قۇيۇڭ مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسنى ئۆلچەشتە شۇ مىللەت كىشىللىرىنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ سانى ئاساس قىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ:<كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى > ناملىق ئەسىرىدە مۇھىم مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان،
شۇڭا مەن بۇ ئاددى تېمىنى يوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇر تور كىتابخانىللىرىنى قوللاشقا ھەر بىر كىشنىڭ ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى،ئۇيغۇر مىللىتنىڭ كۈتۈپخانىسىنى قوغداپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.بۇنى ھەر بىر ئۇيغۇر پۇخراسىنىڭ باش تارۇتقۇسىز مەسئۇليىتى دەپ قاريمەن.
گۈللىنىۋاتقان تور كىتابخانىلىىرى
1. ئوزقۇت تور كىتابخانىسى
www.ozqutbook.com/main.asp
2.ياخشى تور كىتابخانىسى
http://yaxshi.net/forum.php
3.كىتاب يۇرتى تور كىتابخانىسى
http://www.kitapyurti.com/
4.ئىبرەت تور كىتابخانىسى
http://www.ibret.cn
5.كىتابپۇرۇش تور كىتابخانىسى
http://kitabpurux.com
6.كىتابىم تور كىتابخانىسى
http://www.kitapim.com/
7.پاراسەت تور كىتابخانىسى
http://paraset.taobao.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 11:49 AM