ساقلىۋالغان بۇ ھېكمەتلەرنىمۇ تورداش
ataullah
نىڭ تېمىسىغا قوشۇپ قىرىنداشلارغا سۇنغۇم كەلدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھىكمەتلىرى
1. ئۈزى دۇرۇس بولمىغان ئادەمنىڭ يۇرۈش-تۇرۇشىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ؛
2.ئۇيات_ ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى كۆركى-زىننىتى، ئادەمنىڭ ياخشى بولۇشىنىڭ ئاساسىدۇر؛
3. تاماگەر كىشى _ كىشلەر ئارىسىدىكى ئەڭ پەسكەش كىشىدۇر؛
4. ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا؛
5. ھەۋەس-نەپسىڭگە بوي ئەگمە! ئۇنى ئەقىل بىلەن ئۇجۇقتۇر؛
6. ئۈزىنى نوقسانسىز دەپ ھىساپلاش_ ئېزىپ كىتىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر؛
7. مەن خالىماس نەرسىنىڭ بىرى يالغانچىلىقتۇر، ئۇنىڭدىن قالسا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرى ئاچكۆز ۋە تويمىغۇر، يەنە بىرى تەرسالىق ۋە ئۇياتسىزلىقتۇر؛
8. ئەلگە خىيانەت قىلما، بېشىڭنى يىمە، ئاۋام-ئەلگە خىيانەت قىلسا بېشى كىتىدۇ؛
9.بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك؛
10.خىيانەت قەدەم باسقانلىكى يەردىن بەركەت قاچىدۇ؛
11.ئاچكۆز كىشى دۇنيانى يىسىمۇ تويمايدۇ؛
12. ۋاپاسىزلىق قىلىش ۋە جاپا سېلىش_ دىيانەتسىز كىشلەرنىڭ خۇيىدۇر؛
13سەمىمى سادىق كىشىلا ساڭا ئەينەك بولالايدۇ، ئۇنىڭغا قارىساڭ قىلىق ئادەتلىرىڭ تۈزىلىدۇ؛
14.گېلىڭنى پاك ۋە ھالال تۇت، ھەقىقى تەقۋادار بولىمەن دىسەڭ يىمەك-ئىچمىكىڭ ۋە كىيىم كىچىكىڭنى ھالالدىن قىل؛
15. مال-دۇنيانى دەپ ئۈزۈڭنى ئوتقا ئۇرما،زورلۇق زۇلۇم بىلەن كىشلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالما؛
16. ھەممىگە ئىشەنگىن يۇ ئۈزۈڭگە ھېزى بول؛
17. گالنىڭ قۇلى بولما، گېلىڭنىڭ قۇلى بولساڭ قۇتۇلالمايسەن؛
18. ھەرقانچە باي بولسىمۇ ئاچكۆز بولسا ئۇ گادايدۇر؛
19. باشقىلارغا ھەسەت قىلما، كۆپ يەپ ئىچمە، ھەسەتخور ۋە كۆپ يەپ ئىچىغانلار كۈپىنچە دەرتمەنلەردۇر؛
20. بەخت-سائادەتمەن كىشى ناھايتى سەگەك ئىھتىياتچان بولۇشى، بارلىق نالايىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى، ئۈزىنى پاكىز تۇتۇشى، دۇرۇس،توغرا يۈرۈشى كىرەك؛
21.نەپسىڭنى يىغىپ، گېلىڭغا ئاز ۋە ھالال يىگىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 10:49 AM