|
|
|
|
ئەي جاھان ياشاپتىمەن سىنىڭدە شۈكرى قىلىپ ھەممىگە ،
ماڭا بەرگەن تىگىشلىك رىسقىڭ شۇمۇ ئەي جاھان .
مەن بولمىدىم نارازى قىلچىلىكمۇ سىنىڭدىن ،
لىكىن مىنى قاراتقان مىھرىڭ شۇمۇ ئەي جاھان .
غاپىللىقتىن بىر قەدەم ئاتلىغاندا سىلكىنىپ ،
ئىرادەمگە قول قويۇپ يول بەردىڭمۇ ئەي جاھان .
بىر سۆيۈنۈپ سىنىڭدىن كۈلسەم قاراپ قوينۇڭغا
مىنىڭ ئەجىر ھەققىمگە گۈل تەردىڭمۇ ئەي جاھان
سەھەر قۇياش نۇرىغا تەلپۈنىمەن تۈنلەردە ،
بەزى مەندىن قىزغىنىپ يۇشۇردۇڭمۇ ئەي جاھان ،
توڭلىغاندا جۇتلاردا تۇرۇپ قېلىپ ماڭالماي ،
بىر چىدامچان روھ قىلىپ پۇشۇردۇڭمۇ ئەي جاھان .
قانات قاقسام ئىرىشىپ نەتىجىگە - ئىلھامغا ،
قۇرۇق خىيال ئىشقىنى يوللىمىغىن ئەي جاھان .
تامايىم يوق راھەتتىن ، ئايان بولسۇن بۇ ساڭا ،
بەرمىسەڭمۇ مۇكاپات گوللىمىغىن ئەي جاھان .
سەندە ئۆسۈپ يىتىلدىم ، شاڭا شۈنچە ئىنتىلدىم ،
مەندىن ھەرگىز ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن ئەي جاھان .
ئەقىدەم بار ئۆمۈرلۈك چۈنكى نامەرت ئەمەسمەن ،
ۋىجدانىمدىن پىغاننى ئاشۇرمىغىن ئەي جاھان .
ئۆتۈپ كەتتى سىنىڭدە خاپىلىق ھەم خوشلۇقلار ،
دەرت تارىتقاندا ئۆكسۈنۈپ يىغلىمىدىم ئەي جاھان .
ماڭار يولۇم مۇشۇ دەپ قارار قىلدىم شۇڭىمۇ ،
سەندە ياشاش يولۇمنى خللىمىدىم ئەي جاھان .
ئەجەپ كۆپكەن سىرلىرىڭ ئويلانسىمۇ تۈگىمەس ،
سىرلىرىڭنى بەزىدە يىشەلمەيمەن ئەي جاھان .
ئالماي مىنى قوينۇڭغا سەرھان قىلىپ قويساڭمۇ ،
مەن يەنىلا سىنىڭدىن كىچەلمەيمەن ئەي جاھان .
2009 - يىل 12- ئاينىڭ 7 -كۈنى ( يەكەن )
بىر كۆرەي قەشقەر سىنى
ئەزىز دەيدۇ قەشقەر سىنى بىراۋلار ،
ئەزىز بولساڭ بىر بېرىپ كۆرەي سىنى .
زىمىستاندا توڭلىغاندا باھاردەك ،
شۇمۇ سىنى شۇنداق بىلىندۈرگىنى .
سىھرىڭ بارمۇ ياكى مەپتۇن قىلغىلى ،
كەڭ قوينۇڭدا يېيىلغانمۇ داستىخان ؟
ھەيرانلىقتا قالسا سىنى كۆرگەنلەر ،
تىلەك ئېيتىپ تەبرىكلەمدۇ بۇ جاھان .
بىلسەم مەن يازىڭدىن باھارىڭغىچە ،
تاپتىڭ ھەر كۆڭۈلدىن ئالەمچە ئىززەت .
بىر كۆرگۈم بار قەشقەر سىنى قانغۇچە ،
چۈنكى باردۇر ساڭا مەندە مۇھەببەت .
تەرىپ ئىتىپ سىنىڭ ئىللىق ھىدىڭنى ،
مىڭ كۆڭۈللەر مىڭلاپ كۈيگە قاتامدۇ ؟
قۇياش چىقسا ئەتتىگەندە شەرىقتىن ،
ساڭا قاراپ چىدىماستىن پاتامدۇ
سەندە قالغان ئۇلۇغلارنىڭ كۆپ ئىزى ،
باغرىڭغا سۆيۈپ مەن ئىز سالسام دەيمەن .
ئەجداتلار قالدۇرغان شۇ ئۇلۇغ روھنى ،
ئىزدىنىش ئىچىدە سەندىن ئىزدەيمەن .
ئاھ قەشقەر قوينۇڭغا ئاتاي ئۆزۈمنى ،
ئوغلۇڭنى يار قىلىپ سەنمۇ كۈتىۋال .
< ئەزىز > دەپ نام بەردى ساڭا بۇ تارىخ ،
ھەر كىمنى ئەزىزلەپ كۆڭۈل ئۇتىۋال .
2010 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ( يەكەن )
ئەر دىمە
< ساقال > دەيدۇ ئەركەكنىڭ بەلگىسىنى بەزىلەر ،
ساقىلى بار ، ئەدەپ يوق ھاياسىزنى ئەر دىمە .
مال دۇنيانى يار قىلىپ بېسىپ يېتىپ پاتمانلاپ ،
يوقسۇل ، غېرىپ - ئاجىزغا پاناھسىزنى ئەر دىمە .
ئىش ئەمگەكتۇر راھەتنىڭ ئالدىدىكى ئەلچىسى ،
ئۇندىن قاچقان تەييارتاپ ، غەم يىمەسنى ئەر دىمە .
ھەق سۆزلەشنى خالىماي توقۇپ يالغان - ياۋداقنى ،
ۋىجدان ئۈچۈن بىر ئېغىز < ھەق > دىمەسنى ئەر دىمە .
يامان گەپ سۆز ئەزەلدىن ياراشمايدۇ خۇلقىغا ،
گەر بىراۋنىڭ كەينىدىن سۆزلىگەننى ئەر دىمە .
سەت غادىيىپ كەينىدىن ، كىلىپ قالسا ئالدىڭغا ،
كۆڭۈل ياساپ < ئاقچى > دەپ ئۆزلىگەننى ئەر دىمە .
قىلغان ئىشى ئىش ئەمەس ، ئىشى قالسا ئىگىسىز ،
باشقىلارغا تاشلىغان تۆھمەتخورنى ئەر دىمە .
نىمىلەرنى تەمە قىپ ئوڭ كەلمىسە تەلىيى ،
ئۆزگىلەرگە ھال ئېيىتقان مىننەتخورنى ئەر دىمە .
2009 - يىل 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ( يەكەن )
ئانىلار ئۈچۈن ...
سەۋەپ كەتمەس ئانىلارغا گۈل تۇتساڭمۇ ئەرزىيدۇ ،
يۈدۈپ ئۇنى سەپەردە كۆڭۈل ئۇتساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
ئانا ئاچچىق ئەلەملەردە تۆكسە تامچە يېشىنى ،
مىڭ تەسەللى ھىسابىدا ئۆزۈڭ يۇتساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
ساڭا بەخت تىلەپ دائىم كۈتەر سەندىن ئىپتىخار ،
ئۇنىڭ ئاقلاپ ئۈمىدىنى زەپەر قۇچساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
غېرىپلىقتىن تىنەپ قالسا مۇڭداش بولۇپ كۈنلەردە ،
لىۋىدىكى كۈلكە ئۈچۈن شۇنداق تۇرساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
دىمەيلا قوي ئەجرى ئۇنىڭ گۈزەل قىلغان بۇ ھاياتنى ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن ئوردا سېلىپ قۇرساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
ئورۇن بەرگىن يۈرىكىڭدىن رەنجىتمىگىن دىلىنى ،
خاپىسىغا مىڭ كاچات يۈزۈڭ ئۇرساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ( يەكەن )
ئاتام قالدى ئاشۇ سەھرادا
گۈزەل يۇرتۇم ئانا دىيارىم ،
قارلىغاچلار ئوينار ھاۋادا .
ماڭا چوڭقۇر تىلەكلەر تىلەپ ،
ئاتام قالدى ئاشۇ سەھرادا .
تۇيدى كۆڭلۈم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ،
قويدۇم شۇڭا ئۇنى قۇچاغلاپ .
ئۇنىڭ ئاشۇ قوللاشلىرىدا ،
يۈرۈپ كەتتىم بېلىمنى باغلاپ .
قول ئۇزاتتى ئاق يوللار تىلەپ ،
دۇئا قىلدى ئارقىدىن تىزلا .
كۆز ئۈزمىدى شۇ پېتى تۇرۇپ ،
قېلىپ قالدى ھەمدە ئۈنسىزلا .
دىدىم مەنمۇ كۆڭلۈمدە ئۈنسىز ،
ئۈمۈدىڭنى ئاقلايمەن ئاتا .
ئىرادەمدىن يىڭى چىقىمەن ،
مىڭ مۇھەققەت بولسىمۇ جاپا .
2009 - يىل 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ( يەكەن )
ھارام بولسۇن يىگىتكە كۆز ياش
مۇڭلاشتۇرما جاھاننى بۇنچە ،
گەر كەتسىمۇ ياندىن قەلەم قاش .
مەغرۇر ياشا ئەلەم ئالدىدا ،
ھارام بولسۇن يىگىتكە كۆز ياش .
سەن تۇغۇلغان ئۈمۈتلەر بىلەن ،
يار قىلمىغىن غەم تەشۋىشلەرنى .
ئۆتكىزىسەن بېشىڭدىن تېخى ،
ياخشى يامان كەچۈرمىشلەرنى .
مەغرۇرلانما بەخىت ئالدىدا ،
بىر ياخشىغا بىر يامان باردۇر .
تاشلىمىغىن ئۆزۈڭنى يىگىت ،
تۇرمۇش يولى شۈنچىلىك تاردۇر .
ياشىغىنكى شۇنداق بىر ئىسىل ،
كۆز قىزارىتسۇن تاڭدىكى قۇشمۇ .
سەن يۈرگەندە ئازاپ چۆلىدە ،
ھەمرا بولماس ھەتتا تەڭتۇشمۇ .
جۈپ كۆزىڭدىن ئاقتۇرمىغىن ياش ،
راۋا كۆرمەس بۇنى ۋىجدانىڭ .
ئىلتجادىن تاپقىن بەختىڭنى ،
ساغلام بولسا دىلدا ئىمانىڭ .
جاھان دىگەن مۇشۇنداق يىگىت ،
ئۆرە تۇتقىن بېشىڭنى ھەر چاغ .
كۈلۈپ باققىن دۇنيا ئەسلىدە ،
ئۈمىد بىلەن بولۇر گۈزەل باغ .
2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى
( يەكەن )
جان سىڭلىم
سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن ساڭا ئېيتاي جان سىڭلىم ،
باشقۇردى دەپ ھەم مىنى مەندىن ئەسلا رەنجىمە .
بەخىت كامال تاپارسەن ئىنساپ بىلەن ياشىساڭ ،
دەرمان تاپاي سەن ئۈچۈن ئارمىنىڭدىن غەم يىمە .
كىيىۋالما نەدىكى يېرىم ئوچۇق كىيىمنى ،
سەندىن رەنجىپ قالىمەن شۇ تۇرقۇڭنى كۆرسەملا .
مەپتۇن بولۇپ يۈرمىگىن ئۆزگىلەرگە بىر قاراپ ،
ھايارىڭنى - نۇمۇسنى قايرىمىغىن ئاسانلا .
يەنە دىسەم يەنە شۇ شەرمىي ھايا مۇقەددەس ،
قەلبىڭدىكى ۋاراققا چاپاق خەتنى يازمىغىن .
تۆۋەن تۇتقىن يۈزۈڭنى بۇ تۇرمۇشنىڭ ئالدىدا ،
كوچا كىزىپ كەچ - سەھەر ئىمانىڭدىن ئازمىغىن !
سۆزلىرىمنى ئىسىڭدە مەھكەم تۇتقىن جان سىڭلىم ،
ساڭا تەككەن شۇم كۆزنىڭ قوزغالمىسۇن گۇمانى .
شادلىقىم سەن ئالەمدە ، بەخىت تاپقىن ئالەمچە ،
گۇگۇم سەھەر سەن ئۈچۈن كۆپلەپ قىلاي دۇئانى ...
2009 – يىل 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ( يەكەن ) .
ماڭارىم بار
بۇ ھاياتقا ھەيراندۇرمەن كۆز قاراشتا قارارىم بار ،
ھايات ئۈچۈن قىلىپ كۆرەش ئاتەش بولۇپ يانارىم بار .
جۇدۇنلارغا كىلىپ قېلىپ قاپلىسا گەر دىلنى غەشلىك ،
مەدەت بولۇپ ئالغا ئۈندەپ كۈچ قوشارغا ناۋارىم بار .
بەلنى باغلاپ ئىش ئەمگەككە تۇتۇش قىلسام ھوسۇل ئۈچۈن ،
جاۋابىغا مىۋە بەرگەن زەپ قىزارغان ئانارىم بار .
يىڭىپ جەۋرۇ - جاپالارنى خۇشال تەبەسسۇم ئەيلىسەم ،
خوشلىقى ھەم ھاردۇقىغا چۈشىدىغان سامارىم بار .
كۆرەلمەستىن بوپتۇ دىمەي مىنىڭ رىسقىمغا چاڭ سالسا ،
بەزىلەرگە ۋىجدان ئۈچۈن قىلىدىغان داۋارىم بار .
يەنە جەسۇر روھنى تىكلەپ ئىنتىلىمەن كەلگۈسۈمگە ،
بىر نەتىجە ئۈچۈن مەيلى دەشتى - چۆلگە بارارىم بار .
مۇشۇ باياننى تۇغ قىلىمەن بېسىپ ھايات يولۇمنى مەن ،
ماڭار يولۇم شۇدۇر دەيمەن ، يەنە شۇنداق ماڭارىم بار .
2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ( يەكەن )
تۈندىكى خىيالىم
كۆز يۇمغاندا تاتلىق ئۇيقىغا ،
يۇلتۇزلارلا ماڭا قارايدۇ .
شۇ مىنۇتتا شىرىن خىيالىم ،
ھەمراھ بولۇپ كۆككە تارايدۇ .
يۇلتۇزلارغا ئېيتىمەن تازا ،
كىچىدىكى خىياللىرىمنى .
كۆرسىتىمەن ئۇلارغا يەنە ،
كۆڭۈل - كۆكسۈم قىيانلىرىمنى .
تەنھالىقتىن زىرىكتىم دىسەم ،
< بىر ھەمرايىڭ يوقمىتى دەيدۇ > .
مەن دىدىمكى < پەرىشان كۆڭلۈم ،
ھەرچاغ ھەمراھ غېمىنى يەيدۇ > .
بىرسى ئېيتار < كۆرمىدىم ھىچبىر ،
لىۋىڭدىكى تەبەسسۇم قېنى > ؟
مەن دىدىمكى < بەك يامان بولدى ،
مەن غېرىپنىڭ يالغۇز يۈرگىنى > .
يەنە بىرسى گەپكە ئارلاشتى ،
دەيدۇ تېخى مىنى بىچارە .
مەن دىدىمكى < مازاق قىلمىغىن ،
ماڭا يوقتۇر سىرداش ، دىلدارە > .
مىنىڭ مىسكىن ھالىمنى كۆرۈپ ،
سۆزلەپ كەتتى ئۇلار بەس - بەستە .
قۇلاق سالدىم سۆزلىرىگە ھەم ،
ماڭا خىيال بىلىندۈرمەستە .
مۇڭداش بولدى ماڭا ھەممىسى ،
سۇئالىمغا چىقاردى جاۋاپ .
كۆڭلۈمدىكى مۇجمەل سۇئالغا ،
تارتىپ قويدى ئۆزىچە تاناپ .
< يۈرەكلىك بول ياشىغىن قەيسەر ،
بۇلبۇل رازى چىمەن باغىدىن > .
دەپ قويۇشۇپ كىتىپ قېلىشتى ،
ماڭا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن .
ئۆز ئئۆزۈمنى چۈشەندىم ئازراق ،
يۇلتۇزلارغا ھەمسۆھبەت بولۇپ .
پەيدا بولدى ئۈمۈد ئۇچقۇنى ،
بۇ ھۇجۇدۇم كەتتى ھەم تولۇپ .
خىيال كىزىپ شۈنچىكى بىردەم ،
ئۇلار بىلەن تىزلا خۇشلاشتىم .
كۆڭۈلدىكى پىكىرلىرىمنى ،
بايان قىلىپ تۈندە يوللاشتىم .
توغرا دەيدۇ ئاشۇ يۇلتۇزلار ،
ئاتا قىلدى ماڭا بىر ھىممەت .
شۈنچە ئۈمۈد ئىچىدە چاقنار ،
نۇر چىقىرىپ بىر يۇلتۇز دىمەت .
ئويلاپ قالدىم تۇرىمەن ئەمدى ،
يوللىرىمنى مەغرۇر بېسىشقا .
بىر نەتىجە قازانسام تەييار ،
ئۈمۈدلەردىن داۋان ئېشىشقا .
2009 - يىك 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ( يەكەن )
بۇ كۆزلەر نىمە دەيدۇ ؟
( 1 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار سۆيگۈگە تەشنا ،
نە سۆيگۈ ئۇنىڭغا ئەجەپ غەم يەيدۇ .
سەپسېلىپ قارىساڭ تاپىسەن جاۋاپ ،
ئېيىتقىنا بۇ كۆزلەر ھەم نىمە دەيدۇ ؟
دۇنيا گۈزەلدۇر مۇھەببەت بىلەن ،
مۇھەببەت سۆيگۈگە ئەزەلدىنلا توق .
سۆيگۈدىن نۇرلىنار مۇشۇ جۈپ كۆزلەر ،
نە سۆيگۈ مۇھەببەت بۇ كۆزلەردە يوق .
ئاھ ھەسرەت چەكمىگىن ئۈمۈتسىز كۆزلەر ،
ياش تۆكۈپ قالمىغىن ئەمەسسەن تەنھا .
دەرت ئەلەم ئازاپتا قالساڭ ئۆرتىنىپ ،
غەم قىلما جۈپتىڭ بار ئۇ ساڭا ھەمراھ .
( 2 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار تۇرمشقا تەشنا ،
ئۆزدە جاسارەت نۇرى قاينايدۇ .
غېرىپلىق غۇربەتلىك تولىمۇ يامان ،
ئېيىتقىنا بۇ كۆزلەر ھەم نىمە دەيدۇ .
بۇ كۆزگە بىر كۆزنى سېلىشتۇرمىغىن ،
ئوخشىماس ھىچكىمنىڭ تۇرمۇش يولىمۇ .
ھىس قىلساڭ بۇ كۆزدىن غۇۋا بىر نۇرنى ،
تەڭ كۆرمە ، تەڭ ئەمەس ئادەم قولىمۇ .
يوقسۇلنىڭ غېرىپنىڭ بېشىنى سىيلا ،
پۈتۈنگە يېرىمى بولسىمۇ يانداش .
بۇ كۆزگە ئاش تولا ئۈمىد نۇرى بەر ،
چۈنكى ئۇ بولىدۇ ساڭا زامانداش .
( 3 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار ئانىغا تەشنا ،
دادىنىڭ مىھرىنى ئەسلا بىلمەيدۇ .
ئانىغا دادىغا قانمىسا پەقەت ،
ئېيىتقىنا بۇ كۆزلەر ھەم نىمە دەيدۇ .
بۇ كۆزلەر تەلمۈرۈپ بولدى بىچارە ،
سېغىنىش ھەۋەسنىڭ ئورنىنى ئالغان .
بىر ئىللىق ئائىلە نىسىپ بولمىسا ،
يىقىملىق كۈلكىدىن قالغىنى قالغان .
تاپمىسا بۇ كۆزلەر ئالەمدىن مىھىر ،
ئۆتەمدۇ تەشنالىق ئىچىدە قاراپ .
ئەي ئاتا - ئانىلار ئىگە بولۇپ قوي ،
سەبىيلەر بەختىنى قالمىسۇن ماراپ .
( 4 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار ياشاقا تەشنا ،
ھاايتنىڭ دولقۇنى ئۇنى ئۈندەيدۇ .
ئۇ بىركۈن چاقنىسا شۇنىڭغا رازى ،
ئېيىتقىنا بۇ كۆلزەر ھەم نىمە دەيدۇ ؟
بۇ جاننىڭ ئوزۇقى سالامەتچىلىك ،
كىسەللىك كارۋىتى بەرمەيدۇ راھەت .
ئەتىنى بىر كۆرۈش ئىستىكى بىلەن ،
ئويلىغىن بۇ كۆزلەر قانچە بىتاقەت .
زىرىكتى بۇ كۆزلەر ئۈمۈتسىلىكتىن ،
شۇڭىمۇ ھاياتنىڭ قەدرىنى بىلەر .
ئەتىكى سۈبھىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن ،
كىچىلەپ ياش تۆكۈپ گاھىدا كۈلەر .
( 5 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار بىلىمگە تەشنا ،
جاپانىڭ ئالدىدا ئۇ ئىگىلمەيدۇ .
كىچىنى ئۇلىسا ئەتىكى تاڭغا ،
ئېيىتقىنا بۇزلەر ھەم نىمە دەيدۇ ؟
ئىرادە بولغاچقا بۇ كۆزدە ھەرچاغ ،
تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆرلەيدۇ پەللە .
ئەي بىلىم ئىگىسى شۇ كۆزلەر ئۈچۈن ،
ئالەمچە تەشەككۈر ، رەھمەتنى تەللە .
بۇ كۆزلەر ئاشۇنداق تۈزگەندەك مىزان ،
ئەڭ ياخشى ھەمراھسى بىلىمدۇر پەقەت .
ئىزدىنىپ ئۇ تاپار مەنزىل يولىنى ،
تاپسىمۇ يەنىلا توختىماس ئەبەت .
( 6 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار بالىغا تەشنا ،
بالا دەپ ئۇنىڭدا غەم تۈگىمەيدۇ .
غەمسىز ، خىيالسىز يۈرگىسى يوقمۇ ،
ئېيىتقىنا بۇ كۆزلەر ھەم نىمە دەيدۇ ؟
بالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشتى ،
ۋە لىكىن ئۆتىدۇ بالىغا بېقىپ .
بالىنىڭ شادلىقى دەردىمۇ بولغاچ ،
گاھ كۈلۈپ گاھىدا ياشلىرى ئېقىپ .
ئويلىساڭ بۇ كۆزلەر شۈنچە ئۇلۇغدۇر ،
مىھىرلىك تەپتىدە قارايدۇ ھەرچاغ .
سەن ئۇنىڭ ئىچىدە بىر گۈلى بولساڭ ،
ئۇ بولسا سەن ئۈچۈن ئالەمچە بىر باغ .
( 7 )
شۇنداق بىر كۆزلەر بار دوستلۇققا تەشنا ،
ئۆزگىدىن ئەڭ يىقىن سىرداش ئىزدەيدۇ .
بۇ كۆزدە چاقنايدۇ بىر ھەققانىيەت ،
ئېيىتقىنا بۇ كۆزلەر ھەم نىمە دەيدۇ ؟
كۆڭۈلدە بار بولسا غەم ، قايغۇ ، ئەلەم ،
ئۇنى بىر تاشقۇچە ئېيىتقۇسى كىلەر .
تاپىدۇ كۆڭۈلمۇ شۇنداق تەسەللى ،
دوسىتلۇقنىڭ قەدرىنى دوسىتۇڭلا بىلەر .
ئەي كۆزلەر نامەرىتنى تونۇپ سالمىغىن ،
چىن دوسىتلۇق كۆڭۈلگە باشقىچە زىننەت .
كىلىدۇ ۋە لىكىن تالاي سىناقلار ،
كىتىدۇ ئۇنىڭغا چىن سەمىمىيەت .
( 8 )
خۇلاسە ...
ئەي كۆزلەر ، ئەي كۆزلەر باققىن ھەممىگە ،
بولىدۇ ساڭا جۆر - بەھوزۇر ئادەم .
تولغانكى شادلىققا ھەمدە قايغۇغا ،
سەپ سالساڭ كۆرەرسەن كەڭرى بۇ ئالەم ...
2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ( يەكەن ) 2009 - يىللاردىكى خاتىرەمدىن ئېلىندى ، باشقا مۇنبەر توربەت ۋە مەتبۇئاتلارغا يۆتكەشكە بولمايدۇ .
|
|
|
|
|
|