مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 9

ئۆزۈڭنى ئاسرا . (غۇنچە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 01:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       تۈن نىسپى يەنە ئۇيقەدىن بىدار بولدۇم . نە سەۋەپ دەپ سورىمايلا قوي بولدى . ئەلۋەتتە سەن ئۈچۈن بولدى . سىنىڭ توردا بارلىقىڭنى تېخى ئۇخلىمىغانلىقىڭنى بايقىدىم . سەندىن ئەنسىرىدىم . ساڭا نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئويلۇدۇم ... بىراق ساڭا گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدىم ، نۇرغۇن سۇئاللىرىم جاۋاپ سىز قالغاندەك بۇ قېتىممۇ سۆزۈمنىڭ ھاۋادا لەيلەپ جاۋاپسىز قېلىشىدىن قورۇقتۇم . سىنىڭ ئارامىڭنى بۇزۇشتىن قورۇقتۇم ... مەندىكى غەيرەت ، جاسارەت ئۆلگەن ئوخشايدۇ ساڭا يۈتۇرانە تۇرۇپ يۈرەك سادالىرىمنى ئېيتىشتىن قورۇقتۇم . سەن مىنى چۈشىنىسەن << مەن سەندىن قورۇقمايمەن .>> دىگەن ئىدىم . چۈنكى ئۇ چاغلاردا سەن ماڭا تولىمۇ مېھرىبان ئىدىڭ . قاچاندىن باشلاپ سەندىن قورقۇپ گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالماس بولۇپ قالدىم ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم .
      كاللامدا نۇرغۇن چېگىش سۇئاللار بار بۇنىڭغا پەقەت سەنلا جاۋاپ بېرەلەيسەن . بىراق ئۇ سۇئاللىرىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇرمەن . چۈكى ئەمدى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرمەيدىغاندەك قىلىسەن . كېچىللىرى ئاشۇ چىگىش خىياللار ئىچىدە ئۇيقۇغا پاتقىنىمدا چۈشلۈرۈدە سىنى كۆرىمەن . سەن چۈشلۈرۈمدىمۇ مىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ كىتىپ قالىسەن . مەن بولسام ئاپىسىدىن ئەگەشكەن كىچىك بالىدەك ئارقىڭدىن توختىماي يۈگۈرىمەن . ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس سەن ماڭا قاراپمۇ قويماي مېڭىپ مېڭىپ غايىپ بولىسەن . چۈشلۈرۈمدىن چۆچۆپ ئويغۇنۇپلا خىيالىمغا يەنىلا سەن كىلىسەن . بىلىمەن ، ئەمدى يامان چۈش كۆرسەم يىغلاپ تۇرۇپ سەندىن << مىنى تاشلاپ كىتىپسەن ، ئەسكى ...>> دەپ سەندىن ئاغرىندىغان ھوقۇقۇممۇ يوق . سەنمۇ ھەم << قارا ، مەن باغۇ... نەگە كىتىپتىمەن؟ >> دەپ ماڭا تەسەللى بېرەلمەيسەن . ئېسىڭدىمۇ بۇرۇنمۇ سەندىن ئايرىلىپ قېلىپ چۈش كۆرگۈنۈمدە يىغلىغانلىرىم؟ سەندىن چۈشۈمدە ئايرىلىپ قالغاندا كۆزلۈرۈمدىن ئاققانلىرى ياشلار ئىدى . چۈشۈمدە ئايرىلغان بىلەن ئوڭۇمدا سەن قېشىمدا ئىدىڭ . مانا ئەمدىلىكتىچۇ ؟ سەن چۈشۈمدىلا ئەمەس ئوڭمدىمۇ مەۋجۇت ئەمەسسەن . ئەمدى كۆزلىرىملا ئەمەس يۈرەكلىرىممۇ يىغلاۋاتىدۇ . ياشلىرىمنى ساڭا كۆرسەتمەسلىككە شۇنچىلىك تىرشىۋاتىمەن . چۈنكى سىنى تەڭلىكتە قويغۇم يوق . سەن ئۆزۈڭ ئاقىلسەن ، سەن كۆڭلۈڭ تارتقاننى ، يۈرۈكۈڭ تاللىغاننى تاللايسەن .
     سىنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتىۋاتىمەن . بىراق ، سەندىن قاچان جاۋاپ كىلىدۇ بۇنى بىلمەيمەن . بەلكىم ، ئارقىڭغا يانماي چۈشۈمدىكىدەكلا غايىپ بولارسەن ۋە ياكى باشقىچە قاراردا بولارسەن . مەيلى قانداقلا بولسۇن سىنىڭ جاۋابىڭنى كۈتىمەن . ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن ، كۆڭلۈڭنى ئازادە تۇتقىن ، ھەممە ئىشلارنى ئىچىڭگە يۈتۈپ يۈرىۋەرمە . ئۆزۈڭنى چارچىتىۋالىسەن . ماڭا ئاچچىقىڭ بولسا خەممىنى چىقىرۋال ، مەن بىلىپ قالاي . بىراق سىنىڭ كېچىللىرى ئۆزۈڭنى ئاسرىماي تۈننى يورۇتۇشلۇرۇڭ مىنى تولىمۇ ئازاپلىدى . سەن ئۆزۈڭنى قېينىساڭ مەن ئۆزۈمنى تېخىم كەچۈرەلمەيدىكەنمەن .


    مەنبە : قەلبىم

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەسمەن
زەررە ئازار يەتسە قەلبىڭگە....

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان نەرسە مەيلى بۇرۇن بولسۇن مەيلى كىيىن بولسۇن ھامان يىنىمىزغا قايتىپ كىلىدۇ،قايتىپ كەلمىگەن تەقدىرىمۇ خۇدا ئۇنىڭ ئورنىنى بىزگە تولۇقلاپ بىرىدۇ، ئەگەر بىزگە مەنسۇپ بولمىسا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىلەنمۇ ئامال يوقتە، چوقۇم ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشاڭ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   太阳 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 12:33 PM  


قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 01:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تەقدىرنىڭ ئاچقۇچى ھېچكىمنىڭ قولىدا ئەمەس.قادىر مۇتلەق پەقەت ئاللادۇر.

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئېيتىپسىز.مەنمۇ ئۆۈمنى ئاسراي.رەھمەت شۇنچىلىك نەسىھەت قىلغىنىڭىزغا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 07:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈڭنى ئاسرا، مەن ساڭا پەقەت شۇنىلا دىيەلەيمەن!

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ساراڭغا شۇتا بەرسەڭ ئاسمانغا چ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42235
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5467
تۆھپە نۇمۇرى: 743
توردا: 4410 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 03:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېنى مىنىڭ ئەكىس سادالىرىم.....................................!ئەگەر مەن تۇپراق بولسام ئۆزەمنى باتۇر قەيسەر ئادەملەرنىڭ دەسسىشىگە ئاتايتىم..
پاتەم بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 02:06:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
horaz010 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 02:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش