تىرىشچان ئەزا
ئۆزۈم تەنھا يانجىلار ئىدىم
قەلەندەر
دەردىڭنى تەڭ تارتقىلى بولسا، تارتار ئىدىم بارچە دەردىڭنى. ئاسمىنىڭدا قۇياشىڭ بولۇپ ، زەبۇن قىلماس ئىدىم رەڭگىڭنى. غېرىبسىنغان جىمجىت كېچىلەر، يۇلتۇز كەبى چېچىلالىسام ئىدى. تاڭ ئاتقاندا سۈبھى رەڭگىدە، رەيھان كەبى ئېچىلالىسام ئىدى... شەبنەم بولۇپ ئانار مەڭزىڭدە، زەپ ياراشقاندەك ئۈنچىلەر تۆكۈلۈپ-تۆكۈلۈپ ئېتەكلىرىڭگە بولسام دەيمەن ئۇز غۇنچىلەر. چاچلىرىڭىغا ئىلىنىپ مەھكەم، جىگدىلەرنىڭ چېچىكى بولسام. پىلى غوزىكىدەك غاجىلىپ دەردتە، يۈرىكىڭنىڭ يىپىكى بولسام... نېتەي ،تەقدىر بىر بولماي قالدى، لېكىن دىل دىلغا يانداشقان. قۇربىم يەتمەس تەقدىر پۈتۈشكە، كەچمىشلەردە مەنلا ئاداشقان... گۈل تىككەن تەشتەك مىسالى، سۆيگۈمىز قالدى ئۆتمىشكە پېتىپ. يۇلۇپ-يۇلۇپ ئالىمەن گاھ-گاھ... "ئاھ"لىرىمدا ياشلىرىمغا قېتىپ. ئۇسسۇلىقىڭغا قانمىغان دەقىق، يامغۇر بولۇپ تامچىلار ئىدىم. ئىككى تاش ئارىدىن ئېلىپ سېىنى، ئۆزۈم تەنھا يانجىلار ئىدىم!
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ھەرقانچە كوڭلىڭ
xabnam00 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 02:47 AM خەنجەر بولۇپ قارا يۈرەككە، زەرىپ بىلەن سانچىلار ئىدىم. ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ