|
|
|
|
ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يېڭىدا نەشر قىلىنغان ‹‹سالچىلار››ناملىق ئىككى توملۇق رومانى نەشردىن چىقىپ جەمىيئەتتە قىزغىن ئىنكاسلارغا سەۋەب بولدى ،ئوخشىمىغان كۆز-قاراش،پىكىرلەر خېلىدىن بېرى جىمىپ قېلىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىنى قوزغىدى،2013-يىلى 13-ئاپرىل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى خەلقئارا بىناسىدا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹سالچىلار››رومانىنى مەركەز قىلىپ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى ماگىستېر ئاسپرانتلىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى بۇ سۆھبەتكە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇردىن سىرت يەنە پروفېسسور،دوكتور يىتەكچىسى ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان؛شائىر، ‹‹يازغۇچىلار تورى››نىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلدى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى ۋەشىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىرى، ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كەلگەن ئەدەبىيات ئاشنالىرىدىن بولۇپ60 تىن ئوشۇق ئادەم سۆھبەتكە قاتناشتى ،ئىشتراكچىلار ئوقۇرمەن،ئەدەبىي تەنقىدچى، باھالىغۇچى،تەتقىقاتچى قاتارلىق سالاھىيەتلەردىن چىقىپ تۇرۇپ ‹‹سالچىلار›› رومانى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشتى ،ئاخىرىدا روماننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى،يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ يازغۇچىغا تون كەيدۈرۈلدى.
ئاتاقلىق يازغۇچى -مەمتىمىن ھوشۇر.
يازغۇچىنىڭ نەشر قىلىنغان كىتاپلىرى.
يازغۇچىنىڭ سېلىشتۇرۇلغان ئىككى رومانى.
پروفىسسور ئازات سۇلتان سۆز قىلماقتا.
يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى،تەجرىبىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
ماگىستېر ئاسپرانتلار سوئال سورىماقتا.
يازغۇچى سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە.
باشقىلار ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا.
شائىر ئەيبۇ ياقۇپمۇ پىكىر قاتناشتۇردى.
يازغۇچى ئىجادىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ھەمدە تون كىيگۈزۈلدى.
ئەلۋەتتە ،ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار ئاپپارات كۆزىدىنمۇ پىنھان قالمىدى.
تورداشلار سەمىگە:بۇ يازما پەقەت ئۇچۇر خاراكتىرى بىلەن چەكلىنىدۇ،سۆھبەت ھەققىدىكى سىن،ئۈن ۋە باشقا يازما ،سۈرەتلىك ماتىرىياللار داۋاملىق رەتلىنىدۇ ،تورداشلار بىلەن تىزلىكتە ئورتاقلىنىشى مۇمكىن، سۆھبەتنىڭ تىزخاتىرەپۈتۈكىنىڭ بىر قىسمى ‹‹ئەپەندىم ››تورىغا يوللاندى ،نەزىرىڭىزلاردا بولغاي.
http://bbs.apandim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3790
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 01:17 AM
|
|
|
|
|
|