مۇئەللىممەن _ مەرتىۋىلىكمەن
( سۆز ئويۇنى)
مۇئەللىملىك مىنىڭ مەرتىۋەم. مۇشۇ مەرتىۋەمدىن مەغرۇرمەن.
مەن مائارىپقا مۇۋاپىقلىقىمدىن مەكتەپكە ماكانلاشتىم.مەزكۇر مەكتەپ مەھەللەمدىكى مەكتەپكەن،مەنزىرە_مۇھىتى مۇكەممەلكەن ،مەيلىم مايىللاشتى.مۇدىرىمىزمۇ ماھارەتتە،مۇئامىلىدە ، مەردلىكتە،مۇلايىملىقتا،مەرىپەتپەرۋەرلىكتە
مەلۇماتلىقكەن . ماختاشقا مۇناسىپكەن.
مەكتىپىمىز مىڭخادا مەكتەپكەن، مەكتىپىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىمۇ ، مەنىۋىي_مەدىنىيلىكتىمۇ، مۇقۇملۇقتىمۇ، مەسۈم مايسىلارنى ماھارەتلەندۈرۈشتىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرلۈپتۇ،مۇكاپاتلىنىپتۇ.مۇئەللىملارنىڭ مەلۇماتى موللىشىپتۇ،مۇتەخەسسىسلىشىپتۇ، مىھرىبانلىشىپتۇ. مىنىڭ مۇشۇنداق مەرىپەت ماكانىغا مىھىر_مۇھەببىتىمنى مۇقىملاشتۇرماسلىقىم مۇمكىنمۇ!؟
مەن مەرتىۋەمدىن مىننەتتارمەن،مەمنۇنمەن. مۇقەررەركى،مەكتەپلەر مۇقەددەس مەرىپەت كانىدۇر. مۇئەللىملىك مېننەتسىز مېھنەتتۇر. مۇئەللىملىكنىڭ مېھنىتى مۇشەققەتلىك، مىۋىسى مەئىشەتلىكتۇر، مىليونلىغان مەلۇماتلىقلار،مۆتىۋەرلەر،مويسىپىتلار مەكتەپنىڭ مەيدانلىرىدىن،مۇئەللىملەرنىڭ مۇھاپىزەتلىرىدىن مۇستەسنا ماڭالمىغان.مۇئەللىمسىز مەغرۇرلىنالمىغان . مەدىھلەرگە مۇششەرەپلەندۈرەلمىگەن.
《 مەقسەتسىز مائارىپ مەغلۇبىيەتكە،مەقسەتلىك مائارىپ مۇۋاپىقىيەتكە ماڭىدۇ،مەكتەپسىزلىك مەدىكارچىىلىق،مىشچانلىقنى موللاشتۇرىدۇ》 مەلۇماتلاردا ، مەلۇم مەزگىللەردە مۇئەللىملەر مۇڭلىنىپتىكەن،ماغدۇرسىزلىنىپتىكەن.مانا،مەركەزدىن مائارىپ، مائارىپچىلارغا ماددىي مۇمكىنچىلىك،مەخسۇس مىھىرـمۇھەببەتلەر ماڭدۇرۋىتىلدى.مەنىيۋىتىنىزدە مەيۈسلىنىش،ماغدۇرسىزلىنىش مۇڭلىنىشلار مۈگدىدى.مانا مۇشۇنداق مەدەنىيەت مەدەتلىرىدىن مەدەتلىنىپ مەشرەپ،مۇسابىقەـمەرىكىلەردە مەيدەمگە مۇشلىدىم.مۇشۇ مەنىدىن مۇئەللىملىك مەرتىۋەمدىن مەغرۇرلىنىمەن.
ئاپتورى: مارالبىشى ناھىيە يىڭئۆستەڭ يىزا جاغدا باشلانغۇچ مەكتەپتىن،
مۇھەممەت ئابلىمىت ئات چاپا
(ئاغىنەم مۇھەممەت ئابلىمىت ئات چاپا نىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللۇدۇم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 01:06 AM