老太婆 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:30 AM
... ئىنكاسىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم...
مېنىڭچە بىز قىسمەن ئىشلاردا تېخى خەلقئارالىق پەتىۋالارغا ئۇيغۇنلىشالمايمىز،چۈنكى پەتىۋا قىلغۇچىلار بولسا ئىسلامى شەرئىنىڭ شاھانە ھۆكۈمى بىلەن ياشىغۇچىلاردۇر،
شۇڭا بىزنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ئىسلام ئۈچۈن قىلىۋاتقان شۇئارىمىز-دۇنيا ئالىملىرىنىڭ قارىشى بىلەن بىردەك چىقماسلىقى مۇمكىن.
بىز قاچان دۇنيا ئىسلامىيىتى بىلەن تەڭ ئورۇن تەڭ ئىمتىيازغا ئېرىشكىنىمىزدىلا ئاندىن خەلىقئارالىق پاتىۋالارغا يۈزلىنىشىمىز ئاندىن توغرا بولىشى مۇمكىن، بولمىسا ئۆزىمىزنى -ئۆزىمىز چۈشەپ دۈشمەننىڭ كۈتكىنىگە ئۆزىمىز ئازاپ بىلەن دسسەپ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىشىمىز مۇمكىن......
‹‹ئىنسان تۈغۈلۈشتا ھەق ئۈستىگە تۈغۈلۈپ، تەربىيلىگۈچىسىنىڭ نەتىجىسىدە كافىر، ناسارا مۇسۇلمان بولۇپ چىقىدۇ››
يۇقارقى مەشھۇر ھەدىس روھى بويىچە تەھلىل قىلساق بىز گۇمراھ- ئەمىلىيىتىمىزنى رىئاللىقىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىسلام ئاغامچىسىغا مەھلەم يېپىشقان ھالدا رىئاللىقىمىزدىكى ئىسلامنىڭ ئېھتىياجنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ماس بولغان رىئال تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاخىردا دۇنيا ئىسلامىيىتى بىلەن بىردەكلىشىش چاقىرقىنى توۋلىساقمۇ كېچىكمەسلىكىمىز مۇمكىن....
چۈنكى ئىسلام شۇئار ئەمەس بەلكى ئەمىلى ئىجرا جەريانىدۇر....
شۇڭا ئاساسى مەخسەت ئۈچۈن قىسمەنلىكنى تەرىك قىلىشىمىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن....
چۈنكى بىر ئادەمنىڭ يۈرەك كېلى ۋە تېرە كېسىلى بولسا ئاۋۋال يۈرەك كېسىلىنى داۋالىماي تېرە كېسىلى بىلەن قېلىنسا بىمارنىڭ ھاياتى نىمە بولغاي؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 11:50 AM