|
|
|
|
قاۋۇل ساۋۇر تۇتسىڭىز تۈزۈك تۇتۇڭ ، تۇتالمىسىڭىز قويۇۋىتىڭ (فېليەتون) «مۇئاۋىن» ۋەزىپىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر يېقىن - يورۇقلىرىغا يولاپلا قالسا ، مەيلى ئوچۇق ياكى يوپۇتۇپ بولسۇن، ھامان بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئۈستىدىن قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىشىدۇ. ئىلگىرى بەزى «مۇئاۋىن» بۇرادەرلىرىمنىڭ بۇنداق ھال-دادلىرىغا ھېسداشلىق قىلغان ئىكەنمەن، خاتالاشقانلىقىمنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن . ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ زىيان تارتىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . بىراق ، بۇنداقلارنىڭ سالمىقى چاغلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە ، تارتىدىغان زىيىنىنىڭمۇ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق . ئۇلار ناھايتى بولسا ئاشۇ «مۇئاۋىن»لىقتىن قالىدۇ ياكى بالدۇرراق ئارام ئالىدۇ . پەقەت ئەمىلىنىلا ساقلاپ كېلىۋاتقان «مۇئاۋىن»لارنىڭ بولسا، بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئۈستىدىن دادلاشقا زادىلا ئاساسى يوق . چۈنكى، مۇنۇ بىر پاكىت ئۇلارغا ئايان : ھەر قانداق بىر مەمۇرى ئورگاننىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىپى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شۇ كوللىكتىپتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ئېنىق بېكىتىلىدۇ ۋە مەخسۇس قىزىل باشلىق ھۆججەت تەسىس قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئاشكارە ئېلان قىلىندۇ. پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تاكى يەنە بىر قېتىم رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئالماشقانغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ جەرياندا، رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەر قانداق ئىشلارنى ئالاقىدار سىياسەت - بەلگىلىمىلەر ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە دادىل بىر تەرەپ قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە . زور پىرىنسىپال مەسىللەردە بىرىنچى قول رەھبەر ياكى رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن سىرت، باشقا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا بىرياقلىق قىلىش «مۇئاۋىن» رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇقىلا ئەمەس، بەلكى ئەقەللىي بۇرچى. بەزى «مۇئاۋىن»لار ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت دائىرسى ئېنىق ئايرىپ بېرىلگەن تۇرۇقلۇق، ھە دېسىلا ھېچ بىر تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار ئۈستىدە يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش بىلەنلا يېقىنچىلىق ئىزدەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنداق زىغىر سۆزلۈك ئادەملەر قول ئاستىدىكىلەرنىمۇ ، بىرىنچى قول رەھبەرنىمۇ بىزار قىلىدۇ . چۈنكى، ھەممىگە چات كېرىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، خىزمەت ئىشلەشتىن كۆرە ئۆزىگە يېقىنچىلىق قىلىشنى ئەۋزەل بىلىدىغان بىرىنچى قول رەھبەرلەر يەنىلا ئاز سانلىق. كۆپچىلىكى ئادەم ئىشلىتىشنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىدىكى ئەڭ نازۇك سەنئەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىشنىڭ ئۆزىگە يارشا سالمىقى، قەرەلى ۋە سورۇنى بولىدۇ. بىرىنچى قول رەھبەرنى توخۇ تۈكى ، پىياز شۆپۈكى ئىشلاردىمۇ دوكلات ئاڭلاش ، يوليورۇق بېرىشكە ئۆزىڭىز كۆندۈرۈپ قويۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ يوليورۇقىسىز قىلنىمۇ تەۋرىتەلمەس ھالغا چۈشۈپ قالغىنىڭىزدا دادلىغىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى؟! «مۇئاۋىن» رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تېرىشسىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان، ۋاقىت، نىشان، قەدەم - باسقۇچ ۋە تەدبىرلەر ئىنچىكە ئويلۇشۇلغان يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشىغا ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىپ ، بۇ «بالا پىلان»لار ئاساسىدا ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە ياكى تارماقنىڭ ئومۇمى خىزمەت پىلانىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يىل بويى پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. مۇلازىمەت قىلىش «رەھبەرلىك قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا قويۇلغان يېڭى دەۋىر ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە ياكى تارماقنىڭ تۈرلۈك خىزمەت پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەرنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىش دېگەنلىك. خىزمەت پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان مەلۇم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئاساسى قاتلام ئورۇنلىرىمۇ ، شۇ تارماققا مەسئۇل «مۇئاۋىن» رەھبەرمۇ ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن دوكلات قىلىش، يوليورۇق سوراش زۆرۈرىيتى تۇغۇلىدۇ. دەل مۇشۇ ھالقىلىق پەيىتتە بىرىنچى قول رەھبەرگە ئەھۋالنى سەمىمىيلىك ۋە راسىتچىللىق بىلەن دوكلات قىلىپ «يوليورۇق» بېرىشنى ئىلتىجا قىلسىڭىز، ھەتتا دىققەت-ئىتبارى قوزغالغانغا قەدەر «بىزەڭ»لىك بىلەن كۆزىگە كىرىۋالسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا سىز ئۆز قارمىقىڭىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جىددى سىنىقىغا دۇچ كەلگەن بولىسىز. بۇ سىناقتىن ئۆتسىڭىز گېپىڭىز ئاقىدىغان بولىدۇ، ئۆتەلمىسىڭىز « لاتا پىچاق»، «ئۈستەل مۇئەككىلى»، «كاۋاك چالمىسى» دېگەندەك بەتناملارغا قالىسىز . شۇ تەرزدىمۇ نەچچە قېتىم لېتىڭىزگە يەپ، ئىشلىرىڭىز سۇغا چىلىشىۋەرسە، «ئۇنداقتا، مەن نېمىش قىلىمەن؟» دەپ ئۈنلۈكرەك ئاۋازدا سوراپ باقسىڭىزمۇ، ھەتتا چىڭىغا چىقىپ قالسا، بۇنداق ئاقماس «مۇئاۋىن»لىقتىن ئىستىپاغا يۈزلەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئۆز ئەمىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى قوغداشتەك كاتتا مەردانىلىق بولۇش بىلەن بىللە، ئاق چاپاننى قارا كۆتۈرۈپ ، مەسخىرىگە كۆمۈلۈپ يۈرگەندىن جىق شەرەپلىك ئەمەسمۇ. قىسقىسى، ئەمەل ئىشقىدا پايخان بولغاندىن، ئەل ئىشقىدا گۈلخان بولغىنىڭىز ئەۋزەل. چۈنكى، گۈلخاننى چەيلىگۈچىنىڭ ھامان پۇتى كۆيىدۇ . 2011 - يىلى ئاۋغۇسىت
|
|
|
|
|
|