مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 82364|ئىنكاس: 360

جانغا زامىن يانفۇن (ۋەھىمىلىك ئەسەر)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جانغا زامىن يانفۇن

تەرجىمە ئەسەر

بۇ ئەسەر خەن مۇنبىرىدىكى شۇ ناملىق ئەسەر بولۇپ تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. ئاپتورى نامەلۇم. ئەسەر ۋەقەلىكى نىسبەتەن ۋەھىمىلىك. شۇڭا مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەرگە قىزىققۇچىلار كۆرسە بولىدۇ. ۋەقەلىكىمۇ مېنىڭچە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ماڭا ياققانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىككە سۇندۇم. ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۈندىدار سالونى ئىلتىماس قىلىپ ئەسەرلەر بۆلەك بويىنچە يوللاپ قويۇلدى.

سالون ئىزدەش نومۇرى alvasti  بۇنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن  1نى ئەۋەتسىڭىز  ئەسەرلەرنىڭ مۇندەرىجىسى چىقىدۇ.

ئىزدەش كودى:

                qrcode_for_gh_b24338a9a65e_430.jpg

1-بۆلەك

ئاخىرقى ئاپتوبوس

”خانقىز،قايسى تىپلىقنى ياقتۇردىڭىز؟“مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا ئادەم تولىمۇ كۆپ بولۇپ،چىرايلىققىنە بىر مال ساتقۇچى قىزچاق پوكەي ئالدىدىكى يانفۇن كۆرىۋاتقان ئادىلەدىن قىزغىنلىق بىلەن سورىدى.

     ئادىلە يۈزىگە چۈشىۋالغان چېچىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىستۇرغاندىن كېيىن،ئېڭىشىپ پوكەيدىكى بىر-بىرىدىن نەپىس يانفۇنلارغا ھەۋەس بىلەن قاراشقا باشلىدى،ئۇنىڭ كۆزى ئاق رەڭلىك ئالما يانفۇنغا كېلىپ توختىدى،”قىزچاق،بۇ يانفۇننى كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن“.

     مال ساتقۇچى قىز يانفۇننى ئادىلەگە سۇندى،ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بويىچە،يانفۇننىڭ ئىقتىدارلىرىنى يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئادىلەنىڭ قۇلىقىغا ئەسلا كىرمەيتتى،ئۇ پۈتۈن ئەس-يادى قولىدىكى ئالما يانفۇنىدا ئىدى،نېمىدىگەن نەپىس!خۇددى مەن ئۈچۈنلا ياسالغاندەكلا،مېنىڭ ئېلىشىمنى ساقلاۋاتقاندەكلا!

”    بۇ يانفۇن قانچە پۇل؟“ئادىلە ئۆزىنى ئازراق تۇتىۋېلىپ،تەمكىنلىك بىلەن سورىدى.

”  بۇ ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى  نۇسخىدىكى يانفۇنى،ھازىر پائالىيەت ئۆتكۈزىۋاتىمىز،ئېتىۋار باھاسى4999  يۇەن“.

      ئادىلە دولىسىنىڭ غۇژژىدە مۇزلىغىنىنى ھېس قىلدى،يانفۇننى يەنە بىر ئاز ئوينىغاندىن كېيىن، تەسلىكتە قىزغا قايتۇرۇپ بەردى.

     مال ساتقۇچى قىز ئۇنڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ”:بىزنىڭ دۇكاندا يانفۇن سېتىۋالسىڭىز پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسىڭزمۇ بولىدۇ،ئالدىن2000يۇەن تۆلىسىڭزلا يانفۇننى ئېلىپ كېتەلەيسىز“!

”     رەھمەت،مەن يەنە قاراپ باقاي“.

”يەنە توختاملىق سېتىۋېلىش پائالىيىتىمۇ بار“!

    ئادىلە بېشىنى چايقىغنىچە،ئوڭايسىز بىر ھالەتتە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.ھازىر ئۇنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى قوشقاندىمۇ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلغا ئاران چىقىشقۇدەك.ئۇ مەيۈس ھالدا ئېلىكترون بازىرىدىن قايتىپ چىقىپ،كوچىدا مەقسەتسىز ئايلىنىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا بايىقى ئاق ئالما يانفۇندىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى.

”   نېمىدىگەن قىممەت،قانداق قىلسام ئۇنى ئالالارمەن؟ئۆيىمىزنىڭ ھال-كۈنى بىر ياخشىراق بولۇپ قالغان بولسىمۇ،يا مەنمۇ ھازىرقى مودا بولغاندەك بۆرىكىمنى ساتايمۇ؟توۋا دەي جۇمۇ!نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم.لېكىن ئويلاپ باقسام يېنىمدا بار ھەممە نەرسىنى ساتساممۇ 5000يۇەنگە چىقىشمىغۇدەك“

     ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۈستى-بېشىغا سەپسېلىشقا باشلىدى.كۆزى بارمىقىدىكى ئۈزۈككە چۈشكەندە ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى.بۇ بىر ئاددىيلا كۈمۈش ئۈزۈك،ھىچقانچە پۇلغا يارىمايدۇ،لېكىن ئۇنى سوۋغا قىلغان كىشىنى ئويلىغىنىدا،ئادىلەنىڭ قەلبى تاتلىق ھەم ئاچچىق بىر تۇيغۇغا چۆمىدۇ.

     بۈگۈن يەكشەنبە،دەرس يوق،ئەسلى ئادىلە ياتاقدىشى ئاينۇر بىلەن بازار ئايلىنىشقا چىققان،لېكىن يېرىم يولدا ئاينۇرنىڭ ئوغۇل دوستى جىددىي ئىش بار دەپ تېلفۇن قىلغاچقا ئاينۇر كېتىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئادىلە يالغۇز بازار چۆگلەشكە مەجبۇر بولدى.مانا چۈشتىن كېيىن بولۇپ كۈن قايرىلىشقا باشلىدى،ئادىلەنىڭ يانچۇقىدا كۆپ پۇلمۇ بولمىغاچقا بىر قىسىم تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن نەچچە خالتا ئۇششاق يېمەكلىكلا سېتىۋالدى،ئاتا-ئانىسى ئىشتىن قالغان،ئىنىسى توللۇق ئوتتۇرىدائوقۇۋاتقان ئادىلە ئۈچۈن بۇنىڭدىن بەكرەك بەتخەجىلك قىلىشقىمۇ ئىمكان يوق ئىدى.

      ئادىلە قەدەملىرىنى توختىتىپ،قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ كۈنگە قارىدى،ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بارغاندى،  بىر يەردىن ئادىلەنىڭ بۇرنىغا مەززلىك بىر ھىد ئۇرۇلدى،كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىۋىدى،يېقىنلا يەردە  خېمىر كاۋاپ سېتىۋېتىپتۇ،ئۇ ئىككى زىخ كاۋاپنى يېگەچ مەكتەپكە قايتىدىغان ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ  ماڭدى.ئۇ ئادەم شالاڭ بىر كوچىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى،لېكىن ئادىلە بويلىرى پەتەك،تىۋىش چىقارماي ماڭىدىغان بىر ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى بايقىمىغاندى،ئارلىق قىسقىراپ بەش-ئالتە قەدەملا ئارلىق قالغاندا  ئادىلە ئاندىن بۇ ئادەمنىڭ تولىمۇ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى سەزدە،چۈنكى ئۇنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىسىق كۆزلىرى ئادىلەگە تىكىلىپ قاراۋاتاتتى.

”     بۇنچە پالاكەت ئەمەستۇرمەن؟  كۈپكۈندۈزدە لۈكچەككە ئۇچىراپ قالمىغاندىمەن؟“ئادىلەنىڭ يۈرىگى ئەنسىزسوقۇشقا باشلىدى،قەدىمىنى تېزلىتىپ ،دىققىتىنى يىغدى،ئەگەر بۇ لۈكچەك ئۆزىگە يامان نىيەتتە بولسىلا جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ قېچىپ كېتىشنى ئويلاپ ئۈلگۈردى.

”    قىزچاق،توختاڭە“ئىككەيلەن روبىرو كەلگەن شۇ دەقىقىدە بۇ ئادەم دەرۋەقە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى.

”    مەنما؟نېمە...نېمەئىش“ئادىلەنىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى.

”   يانفۇن ئالامسىز؟“ئوتتۇرا ياش ئەر سۆزلەۋاتقاندا قولىداراستىنلا بىر يانفۇن تۇراتتى،لېكىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك يەنە بىر يەرلەرگە يوشۇرۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

”   يانفۇن؟ياق،ياق،ئالمايمەن“ئادىلە ئۇنىڭ پەقەت يانفۇن ساتماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ،يۈرىكى ئورنىغا چۈشتى ۋە يولىغا ماڭماقچى بولدى.

     ئوتتۇرا ياش ئەر ئەتىراپقا بىر قارىۋىتىپ ئادىلەنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ كەلدى ۋە ئاستاغىنە”:ئاۋۋال يانفۇننى كۆرۈپ بېقىڭ دەيمە،ئەڭ يېڭى ئالما يانفۇنى،ئەرزان بېرىمەن“

”   ئالما يانفۇنى؟“ئادىلەنىڭ قەدىمى ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدىن قىززىقىش ۋە ھاياجان ئۇنى كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھېلقى ئادەمنىڭ قولىغا قارىدى”:راستمۇ يالغانمۇ؟قانچە پۇل“

”   قىزچاق،قارىسام ئوقۇغۇچىدەك قىلىسىز،راستىنى دېسەم بۇنى مەن بىرسىدىن سوراپ ئەكەلگەن،جىڭ مال،ئەگەر يالغان بولسا بېشىمنى ئۇرۇپ يېرىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى،ئەگەر راست ئالغۇڭىز بولسا سىزگە ئەرزان بېرەي،2000يۇەن بېرىڭ،قانداق؟“

     ئادىلە يانفۇننى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى،خېلى يېڭى ،ئېكرانىمۇ سۈزۈك،ئىنكاسىمۇ تېز،تاغتۇرا تېلفۇندەك قلىمايدۇ.لېكىن2000يۇەنگە ...يەنە كېلىپ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،ئوغرىلاپ كەلدىمۇ تېخى،ئەڭ ياخشىسى***قىساي جۇمۇ”:مەندە ئۇنچە كۆپ پۇل يوق،ئالالمىغۇدەكمەن“.

”    توختاڭ دەيمە،باھا دېگەننى كېلىشىۋالغىلى بولىدۇ،دەڭە،قانچە پۇل چىقىرالايسىز؟“

      ئادىلە يانچۇقىنى سىلىدى،يانچۇقىدا200يۇەنلا بار ئىدى،كارتىدىغۇ پۇل بار،لېكىن ھەرگىز بىر ناتونۇش ئادەم بىلەن بىللە بېرىپ پۇل ئېلىشقا بولمايدىغىنىنى ئادىلە بىلەتتى،بۇ بەكلا خەتەرلىك ئىش.

     مۇشۇلارنى ئويلاپ،بولدى قىلىپ كېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادىلە تۈزۈت قىلمايلا دەۋەردى”:يېنىمدا 200يۇەنلا باركەن“.

”  خانقىز،چاقچاق قىلىۋاتامسىز يا؟200يۇەنگە يانفۇن كەممەيدۇ،يەنە ئازراق قېتىڭە،كېلىشىپ قالىمىز“.ئوتتۇرا ياشلىق ئەر كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئادىلەگە قارىغاچ شۇنداق دېدى.

”   مەنمۇ بىلىمەن200يۇەنگە يانفۇن كەلمەيدىغىنىنى،لېكىن مەندە بارى شۇكەن،سىزمۇ ساتمايسىز بەرىبىر“.ئادىلە مېڭىشقا تەمشەلدى.

     ئۇنىڭ مېڭىشقا تەمشەلگىنىنى كۆرۈپ ئەر لېۋىنى چىشلىگىنىچە بىر ئاز تۇرۋىتىپ”:ئېلىڭە بولدى،200يۈەنگە“

”   ھە؟200يۇەنگىمۇ ساتامسىز؟“ھەيرانلىقتىن ئادىلەنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى.

”   ھەي...قانداق قىلىمە ئەمدى،پۇل لازىم بولمىسا،پايدىنى سىزلا ئالدىڭىز“.ئۇ يانفۇننى ئادىلەگە سۇنغاچ

    ئادىلە ئىككىلىنىۋاتاتتى،كونىلار ئېيتقان:بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا.تەلەي دېگەنگە ئۇ ئانچە ئىشەنمەيتتى،لېكىن گەپ ئېغىزدىن چىقىپ كېتىپ بولغان،ئەمدى يېنىۋالسا بەلكىم بۇ ئادەم ئېنىقلا ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشىدۇ.يەنە كېلىپ ئۆزى چۈشىدىمۇ ئويلاپ يۈرگەن يانفۇننى بىرسى شاپاق نەرقىدە بېرەي دەۋاتسا،ھەتتا بۇ يانفۇن ساختا بولغان تەقدىردىمۇ 200يۇەنگە يارىغۇچىلىكى بار،بوپتۇلا ئالاي،بەك بولمىسا باش-كۆزۈمنىڭ سەدىقىسى بولار.

     ئادىلە 200يۇەننى ئۇ كىشىگە سۇندى،ئۇ ئادەم باشلىرىنى چايقىغىنىچە ”:پايدىنى سىزلا ئالدىڭىز قىزچاق،ھازىر200يۇنگە چۈشىڭىزدىمۇ يانفۇن ئالالمايسىز“.

    ئادىلە كۈلۈپ قويدى،دېمىسىمۇ ئۆزىنى تولىمۇ پايدا ئالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى،ئەگەر يېنىمدا يەنە بىرەر يۈز يۇەن بولغان بولسا ئۇنىڭغا بېرىۋىتەركەنمەن،بىردەم تۇرۋىتىپ”:ئەمسە مەن ماۋۇ بىر زىخ كاۋىپىمنى سىزگە بېرەي،زىيىنىڭىزنى تولدۇرغىنىم بولۇپ قالسۇن“.شۇنداق دېگىنىچە ئۇ كاۋاپنى ھېلقى كىشىگە سۇندى.

ئۇ ئەر نېمە دىيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى،لېكىن يەنىلا كاۋاپنى ئالدى،ۋە ”:كۆڭلىڭىز ياخشىكەن،بىر گەپ بارتى ،ئەسلى سىزگە دېمەي دېگەن،بوپتۇلا...دەپ بېرەي،ئەگەر بۇ يانفۇننى ئىشلىتىپ بىئارام بولسىڭىز،ۋاختىدا ئۇنى سېتىۋىتىڭ،لېكىن ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ،گېپىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ“!شۇلارنى دەپ بولۇپ ئەر بۇرۇلغىنىچە دوقمۇشتىن قايرىلىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.

     ئادىلە ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قالدى،يانفۇننى ئىشلىتىپ بىئارام بولسىڭىز دېگەن قانداق گەپ؟يەنە تېخى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ دەيدۇ،ساپساق يانفۇننى تاشلىۋىتىپ ساراڭ بولمىسام يا.ئەجىبا بۇ يانفۇننىڭ سۈپىتىدە مەسلە بارمىدۇ؟بەلكىم جۇمۇ،200يۇەنگە ساتقاندىكىن زادە بىر چاتىقى بار.بوپتۇلا،ئالما يانفۇن دېگەن ئۆلۈگىمۇ پۇل،دوس-دۈشمەننىڭ ئالدىدا پوچى يۈرمەمدىم.

      ئادىلە خوشال ھالدا ئاپتوبۇسقا چىقتى،بۇ ئادىلەنىڭ مەكتىپىگە قاتنايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوبۇس بولۇپ،ئاپتوبۇستا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى،ئادىلە كەينىدىنراق بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ يېڭى ئالغان ئالمىسىنى چىقىرىپ ئويناشقا باشلىدى.

      ئاپتوبۇس مەكتەپكە بارغۇچە بىر سائەتلىك يول بولۇپ،يېنىك تەۋرەنگىنىچە كېتىپ باراتتى.ئادىلە بولسا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مېۋە توغراش ئويۇنىنى ئوينىماقتا،ئويناپ تازا جىددي يېرىگە كەلگەندە،يانفۇن باتاريىسى يېتىشمىگەنلىك بەلگىسى كۆرۈنۈپلا ئۆچۈپ قالدى.ئادىلە كەيپى ئۇچقان ھالدا بىر تىنىپ قويۇپ،دېرىزە سىرتىغا قارىدى.يول چىراقلىرى يېنىپ بولغان بولۇپ،كۈز شامىلى دېرىزىدىن غۇيۇلداپ كىرىپ ئادىلەنىڭ بوينىغا ئۇرۇلاتتى،ئادىلە بىر ئاز توڭلىغاندەك بولۇپ دېرىزىنى يېپىۋەتتى،ئاندىن ئەستايدىللىق بىلەن يانفۇن ئىكرانىدىكى بارماق ئىزلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.

      لېكىن نەق شۇ چاغدا يانفۇن ئېكرانىدا بىر سىما كۆرۈندى،چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يۈزلىرىنى توسۇۋالغان، نورمال ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ھەتتاكى بىر خىل ۋەھىمىلىك  كۆرۈنىدىغان بىر ئايالنىڭ سىماسى ناھايتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

     ئادىلەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى،توۋا،بۇ كىم؟ئۇ جىددىي ھالدا بېشىنى بۇراپ كەينىگە قارىدى،ئەسلىدە راستىنلا يانفۇندا ئەكسى كۆرۈنگەندەك چاچلىرى چۇۋۇق بىر ئايال  ئۇنىڭ كەينىدە ئولتۇراتتى.تېخى خىيالىم ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن دېسە،ئۇھ،ھەجەپ قورقتىمما!

    ئادىلە يېنىك بىر تىنىۋىتىپ قولىنى مەيدىسىگە قويدى،تېخىچە جىددىي سوقۇۋاتقان يۈرىكى ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشتى.لېكىن ئۇ يەنە ئەجەبلەندى،توغرا ئەمەسقۇ،ماشىنىغا چىققاندا كەينى تەرەپتە بىرمۇ ئادەم يوقتىغۇ؟بۇ ئايالنىڭ چىققىنىنىمۇ كۆرمىگەندىم،قارىغاندا يانفۇن ئويناپ بەك بېرىلىپ كېتىپتىمەن.

    ئادىلە شۇنداق دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ،ماشىنىنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ قالغىنىنى سەزدى.

     ماشىنا بېكەتكە كېلىپ ئاستا توختىدى،ئىشىك”پۇشش“قىلىپ ئېچىلدى،ئادىلە ئىككى خالتا سودىلىقنى كۆتۈرگىنىچە ماشىندىن چۈشتى.ئاپتوبۇسمۇ قوزغالدى،لېكىن دەل شۇ پەيىتتە،ئادىلە ئىختىيارسىز ئاپتوبۇسنىڭ كەينىگە قارىدى،قارىدىيۇ،چۆچۈپ كەتتى،ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا دېرىزىسىدىن بىرسى ئۆزىگە قاراپ  تۇراتتى،يەنە كېلىپ ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس،دەل بايا ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان چاچلىرى چۇۋۇق ھېلقى ئايال!!!قولى ۋە يۈزىنى ئەينەككە چاپلاپ تۇراتتى،كوچا چىرىقىنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ ئېنىق ،تولىمۇ سۈرلۈك،چۇۋۇق چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان  تاتارغان يۈزلىرى،گوياكى ئۆزىگە قاراپ كۈلىۋاتقاندەك...

    ئادىلە پۈتۈن ئەس-ھوشىنى يوقاتقاندى،نە جىددىي سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى نە ئېغىزىنى ئېتىۋالغان قولىنى سەزمەيتتى،شۇ تۇرغىنىچە بىر مىنۇتتىن ئارتۇق جىمجىت تۇردى.ئۇ ئۆمرىگە كېلىپ بۇنداق قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىنى كۆرمىگەندى،ئۇ ئايال زادى كىم؟ئۇ نېمىشقا مېنىڭ كەينىمدە ئولتۇرىدۇ؟نېمىشقا ماڭا تىكىلىپ قارايدۇ؟يەنە نېمىشقا ماڭا قاراپ قورقۇنۇچلۇق كۈلىدۇ؟  

    بىر قاتار سوئاللار ئۇنىڭ مېڭىسىنى پارتىلتىۋىتەي دەپ قالدى،تاكى پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ،سوغوق شامال گەۋدىسىنى قورىغاندا ئۇ ئاندىن ئېسىگە كەلدى،ئادىلە بېشىنى سىلكىۋىتىپ ئەتىراپتا بىرمۇ ئادەمنىڭ يوق گۆرىستان جىمجىتلىقىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ ۋارقىرىغىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.


2-بۆلەك

دوختۇرخانىدىكى ئەرۋاھ


      ئادىلە -4قەۋەتتىكى ياتىقىغا قايتىپ كىرگەندىن كېيىنلا،يۈرىكى ئاندىن ئورنىغا چۈشتى،ئۈچ ياتاقدىشى كىتاب كۆرۈۋاتقان بولۇپ،ئادىلەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپلا ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىدى.ئادىلەمۇ سېتىۋالغان ئۇششا-چۈششەكلىرىنى كۆپچىلىككە بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى.ئادىلە باياتتىنقى ئاپتوبۇستا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى،ئۈچى قورىققىنىدىن تۈگۈلۈپلا قېلىشتى.تازا سۆزلەپ قورقۇنۇچلۇق يېرىگە كەلگەندە ئادىلەنىڭ يانچۇقىدىن مۇزدەك سوغوق بىر ئاۋاز كەلدى:ھازىرقى ۋاقىت سائەت يەتتە.

      ئادىلە ئەجەبلىنىپ يانچۇقىدىن بايا سېتىۋالغان يانفۇننى چىقاردى.يانفۇننىڭ ئېكرانى ئۆچۈك ئىدى.باياتتىن ئېنىقلا توكى تۈگەپ ئۆچۈپ قالغان تۇرسا،قانداقسىگە ۋاقىت مەلۇم قىلىدىكىنە؟ئادىلە ئويلىنىپ تۇراتتى،ئۈچ قىز تەڭلا چۇرقىرىشىپ كەتتى”.ۋاھ!ئالما يانفۇنى؟ئادىلە قولۇڭدىكىسى راست ئالما يانفۇنىما؟“

”     ئادىلە،سەن جۇۋاينىمەك قاچان يانفۇن سېتىۋالدىڭ؟تېپىۋالمىغانسەن؟يەنە كېلىپ تېخى ئالما يانفۇنى،ئاھ بولدى مەن ياشىمايمەن“

”    قاراڭلا،قاراڭلا،نېمىدىگەن چىرايلىق“.ئۈچەيلەن يانفۇننى تالىشىپ ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ كۆرۈشكە باشلىدى.

”     ۋاي بولدى،توكى يوق،بەرىبىر كۆرەرمەيسىلە،ھە راست،قايسىڭلاردا توكلىغۇچ بار؟“ئادىلە سورىدى.

”    ھە،ئادىلەخان،يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىل،بۇ يانفۇن زادى قانداق كەلگەن؟بىزنى ئالدايمەن دېمە،ئۆيەڭنىڭ شارائىتى ھەممىمىزگە ئايان،سەن ھەرگىزمۇ ئالما يانفۇن سېتىۋالالمايسەن.دېگىنە!ئوغۇللار سوۋغا قىلدىما؟“ئەمدى ھەممەيلەن ئۇنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى.

”    مېڭىشە،مېڭىشە،مەن بى خەقنىڭ ئاشنىسى ئەمەس،ماڭا يانفۇن سوۋغا قىلىدىغان،ھە راست،دېسەم سىلەر چوقۇم ئىشەنمەيسىلەر،بۇنىچۇ يولدا بىر ئادەم ماڭا سېتىپ بەردى.تېپىپ بېقىڭلا،قانچە پۇلغا ئالغاندىمەن؟“

“4000”   

    ئادىلە بېشىنى چايقاپ ئىككى بارمىقىنى چىقاردى.

“2000”   

    ئادىلە يەنە بېشىنى چايقىدى”:ئىككى يۈز يۇەن“!

”      نېمە؟راستمۇ يالغانمۇ؟“ھەممەيلەن تەڭلا سوراشتى.

”      ۋاي راست،سىلەرنى ئالداپ نىمە قىلىمەن“.ئادىلە ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

”    بىزنىڭ دېگىنىمىز،بۇ راست ئالمىمۇ ياكى تاغتۇرا يانفۇنمۇ دېگەنگەپ،ھەددىدىن زىيادە ئەرزانكەن ئەمەسمۇ“!دېدى پاتىمە ھەيرانلىق بىلەن.

”    بۇنى مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمىدىم،مەن قارىسامۇ راستتەك كۆرۈندى.بىردەمدىن كېيىن توك قاچىلاپ بولغاندا ئۆزۈڭلار ئويناپ باقساڭلارلا بىلىسىلەر.ھە راست،ئاينۇرچۇ؟ئۇ تېخى قايتىپ كەلمىدىما؟“

”    ئاينۇر ئەتتىگەن سەن بىلەن بىللە چىقىپ كەتمىدىمۇ،بىز تېخى سەندىن سورىماقچىدۇق،سەن ھەجەپ يالغۇز قايتىپ كەپسەنغۇ؟“

”    ئۇنىڭ يېرىم يولدا ئىشى چىقىپ قېلىپ كېتىپ قالغان،مەن تېخى ئۇنى بۇ چاققا كېلىپ بولغان چېغى دەپتىمەن“.

”   مەنچەباغۇ،ئۇ يەنە شۇ ئوغۇل دوستى ئەلقەم بىلەن رومانتىكىلىق ئولتۇرغان ئوخشايدۇ،ھېلىغىچە كىرىدۇ ھەقىچان،بۇ جۇۋاينىمەكنىمۇزە،كېلىشكەن يىگىت بىلەن يۈرۋالدىم دەپ ئەتىدىن-كەچكىچە شۇنىڭ كەينىدىنلا يۈرگەن،مابەتنى كۆرسە دوستىنى ئۇنتۇيدىغان دەيۈز“.ماھىرە چاقچاق ئارلاش شۇنداق دېدى.

”     ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس جۇمۇ،ئالدىنقى سۆيگىنى ئۇنى تاشلىۋىتىپ ئۇنىڭغا بەك ئەلەم بولدى.مانا ئاخىرى ئەلقەمدەك ياخشى بالا بىلەن يۈرىۋالدى،شۇ بولسىمۇ بەختىنى تاپسۇنچۇ،ئۇنىڭ كەينىدىن سۆزلىمەيلى“!ئادىلە ھەقىقەتەن ئاينۇرنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

”    ماقۇل...سەنلا ياخشى،بولدىمۇ،ئۆزەڭ ئىشق-مۇھەببەت تورىدىن قۇتۇلۇپ چىقالماي تۇرۇپ خەقنىڭ غېمىنى يېگۈدەك ۋاقتىڭ باركەن ھە تېخى!مەنچىچۇ ئادىلە،سېنىڭ كۆڭلۈڭ بەك ياخشى،كەلگۈسىدە چوقۇم مەرداندىن ياخشى يىگىتلەرگە ئۇچىرايسەن،بەل قويىۋەتمە“!ماھىرە ئەمدى ئادىلەگە تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى.

      مەرداننىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەنلا،ئادىلە جىمىپ قالدى،ئايرىلىپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئاشتى،ئۇ بىرەر قېتىممۇ كېلىپ ئۆزىنى ئىزدەپ قويمىدى.مەكتەپتە ئۇچىرشىپ قالسىمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى،خۇددى ھەممە ئىشلار ئاياقلاشقاندەك،راست،ھەممە ئىشلار ئاياقلاشقان،ئۇ ھەممىنى ئۇنۇتقان،ئەرلەر ۋاز كەچسە نېمىدىگەن كەسكىن،نېمىدىگەنتاش يۈرەك بولۇپ كەتكەن ھە؟ئۇنىڭ مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ بەزىدە ھەتتا بۇرۇنقى چاغلىرىمىز مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈممۇ قانداق دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن...

       ئادىلە روھسىز ھالدا كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى.كاللىسىغا كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەر كېلىۋېلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى،چاناقلىرى نەملەشتى.تېنىمۇ،قەلبىمۇ چارچىغان بىچارە قىز ياستۇقنى نەملىگەن پېتى ئۇيقۇغا كەتتى.

       ئۇ ئويغانغاندا،كېچە سائەت11دىن ئاشقان بولۇپ،پاتىمە بىلەن ماھىرە ئۇيقۇغا كەتكەن،ياتاقنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلمىگەن بولۇپ،ئاينۇرنىڭ ئورنى قۇرۇق تۇراتتى.ئادىلە بىر خىل ئەنسىزچىلىكتە غودۇرىدى:بۇ قىز كېچىدە نەلەردە يۈرگەندۇ؟مۇشۇ كەچتىمۇ قايتىپ كەلمىگىنىنى قارا!ئۇ ئورنىدىن چۈشۈپ پاتىمەنى ئويغاتتى”:ئاينۇر ھەجەپ كىرمەيدىغۇ؟بىرە ئىش بولمىغاندۇ ھە؟“

      پاتىمە كۆزىنى ئۇۋلىغىنىچە”:شۇنى دېگىنە،ئويۇننىمۇ بەك چېكىدىن ئاشۇرۋەتتىمۇ بۇ قىز،بولمىسا تېلفۇن قىلىپ باقە“!

      ئادىلە تېلفۇنىنى ئېلىپ ئاينۇرغا تېلفۇن قىلدى”:ئاينۇر،سەن نەدە؟يېرىم كېچە بولدە،تېخىچە ياتاققا كىرمەيسەنغۇ؟ھەممىمىز ئەنسىرەپ ئولتادۇق“!

”     تېلفۇندىن بىر ھازاغىچە سادا چىقمىدى،ئاندىن كېيىن بىرسىنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى”:ئادىلە،ئازراق ئىش چىقتى،ئەگەر قولايلىق بولسا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بىر كەلسەڭ“!

     دوختۇرخانىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ كاللىسىغا ئاللىقانداق خىياللار كىرىۋالدى،ۋە دەرھاللا”:بولىدۇ مەن ھازىرلا باراي“.دېگىنىچە كىيىملىرىنى كىيىپ مېڭىشقا تەمشەلدى.پاتىمە سورىۋىدى،ھېچ ئىش يوق،بېرىپ قاراپ باقاي دەپ قويۇپ ئىشىكتىن چىقتى.

     دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن تېلفۇن قىلىپ قايسى بىنا قايسى ياتاق سورىۋالدى،ۋە لېپىتكە چىقتى.دوختۇرخانىدا تۈزۈك ئادەم يوق بولۇپ،بىر نەچچە سېستىرا كارىدوردا ئالدىراش مېڭىپ يۈرەتتى،ئادىلە كارىدورنىڭ ئەگىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە تونۇش بىر گەۋدە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى،ئۇ گەۋدە مېڭىۋاتاتتى،لېكىن سۈرئىتى خېلىلا تېز ئىدى،ئادىلە دىققىتىنى يىغىپ قارىغاندا يەتتە-سەككىز مېتىر نېرىغا بېرىپ بولغان ئىدى.

”    ھەجەپ قوشنا سىنىپتىكى تۇرسىنايغا ئوخشايدىكىنا؟“ئادىلە ئىچىدە شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ كىيىنىشى ۋە چېچى گەۋدىسى نەق شۇ تۇرسىئاينىڭ ئۆزى شۇغۇ؟ئادىلە بىرقانچە قېتىم ئاشخانىدىن تاماق ئالغۇچە ئۇنڭ بىلەن بىللە تۇرغان،ئۇچرىشىپ قالغاندا سالاملىشىپ قوياتتى،لېكىن بۇنچە كەچتە ئۇ دوختۇرخانىدا نېمىش قىلىدىغاندۇ؟ئادىلە بىر خىل گۇماندا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

”     تۇرسىئاي،تۇرسىئاي.....توختاڭە“!ئۇ قوغلىغاچ ۋارقىرىدى،لېكىن ئۇ يۈگۈرۈپ قوغلاپمۇ ئالدىدا مېڭىپ كېتىۋاتقان تۇرسىئايغا يېتىشەلمەيۋاتاتتى.تۇرسىئاي مېڭىپ كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئادىلەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يەنە يەتتە-سەككىز مېتىر ئارلىق بار ئىدى،تۇرسىنئاي ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ،ئاستاغىنە بۇرۇلۇپ ئادىلەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ،قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە كىرىپ كەتتى.

”    تۇرسىئاي،سىز نەگە بارىسىز؟“ئادىلە يۈگرۈپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى،ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتىنى كۈچەپ تارتتى،ئىشىك ئېچىلدى،لېكىن كۆرگىنىدىن ئادىلە ھاڭۋېقىپ قالدى،ئىشىكىنى ئىچى يەنە بىر ئۇزۇن كەتكەن بىر كارىدور بولۇپ،تېخى ھازىر كىرىپ كەتكەن تۇرسىئاي بولسا گويا غايىپ بولۇپ كەتكەندەك ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى.،بۇ...بۇ زادى نېمە ئىش؟

      ئادىلە بىر ئاز تۇرۇپ كېتىپ چۈشىنىكسىز خىياللار بىلەن ئاينۇر ئېيتقان جىددى قۇتقۇزۇش رايونىغا مېڭىپ كەتتى.

     ئادىلە ICUئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى،بىر توپ ئادەم بىر ئىسىمنى چاقىرىپ يىغا-زارە قىلىۋاتاتتى--:تۇرسىنئاي!!!

”    تۇرسىنئاي قىزىم،سەن نېمىشقا بۇنچە ھاماقەتلىك قىلدىڭ دەيمەن!نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن،سەن كەتسەڭ،داداڭ ئىككىمىز قانداق قىلىمىز؟ھۇھۇھۇ“<...بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تۇرسىنئاينىڭ تېخى سوۋۇمىغان جەسسىتى ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاۋاتاتتى،يەنە بىر قانچە ياشقا چوڭ كىشىمۇ كارۋات ئالدىدا تىزلانغىنىچە ياش تۆكۈۋاتاتتى.

      ئادىلە مەڭدەپ قالدى،تۇرسىنئاي؟تۇرسىنئاي باياتتىن كارىدوردا ئەمەسمىدى؟قانداقسىگە بىردەمدە كارۋاتتا ياتىدۇ؟ئۇنڭغا نېمە بولدى؟بۇ كىشىلەرنىڭ يىغا-زارىسىگە قارىغاندا تۇرسىنئاي ئۆلۈپ كەتتىما؟ئادىلە بايىقى كارىدوردىكى كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلىدى،بىر خىل ۋەھىمە ئۇنى چىرمىۋالدى،ئادىلە قوشۇمىسىنى تۈردى،ياق!ھازىر قورقىدىغان ۋاقىت ئەمەس،بۇ زادى قانداق ئىش،نېمىشقا ئاينۇر بىلەن ئەلقەممۇ بۇ يەردە تۇرىدۇ؟

      ئادىلەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ كۆزلىرى يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئاينۇر كىلىپلا ئۇنڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى،ئەلقەم ئىككى قىزنى تارتىپ كارىدورغا چىقتى.

ئادىلە ئەلقەمدىن سورىدى”:بۇ زادى نىمە ئىش؟تۇرسىنئايغا نىمە بولدى؟“

      باياتتىن بېرى پەرىشان تۇرغان ئەلقەم بىردىنلا چېچىلدى،كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا ئاينۇرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ”:ئۇنڭدىن سوراڭ،ھەممىسى ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى“!

     ئادىلە چۈشەنمەي ئاينۇرغا قارىدى،ئاينۇر بولسا تېخىچە تىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.ئادىلە ئەلقەمنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ ،بولغان ئىشنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندى،ئەلقەم بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرغاچ،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بولغان ئىشنى سۆزلەشكە باشلىدى:

      ئەسلىدە ئىشنىڭ بېشى تۇرسىنئاينىڭ بويىدا قېلىشىدىن باشلانغان بولۇپ،ئوغۇل دوستى ئەمەتتىن ھامىلدار بولۇپ قالغان،ئەمەت بولسا بىكار تەلەپ بولۇپ،تۇرسىنئاينىڭ بويىدا قالغانلىقىنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق خاپا بولغان ۋە 500يۇەننى تاشلاپ بېرىپ ئۆزەڭ بېرىپ ئالدۇرۋېتىپ كەل دېگەن.تۇرسىنئاي بىللە بېرىشنى ئۆتۈنگەندە،ئەمەت قەتتىي قوشۇلمىغان،تۇرسىنئاي غەززىپىدە”:سەندە ئەرلىك غورور بارمۇ-يوق؟ئەگەر بىللە بارمىساڭ،ئايرىلىپ كېتەيلى“.دېگەن.

ئەمەت بولسا ئايرىلساڭ ئايرىلدۇ دېگىنىچە كېتىپ قالغان.

      كۈنلەر ئۆتىۋەرگەن،تۇرسىناينىڭ قورسىقى كۈندىن كۈنگە يوغىنغان،ئىككى كۈن بۇرۇن،تۇرسىنئاي ئاىىرى غەيرەتكە كېلىپ سىنپ باشلىقى بىر يۇرتلۇق ئەلقەمگە بولغان ئىشنى ئېيتىپ،ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە دوىتۇرخانىغا بېرىشىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن،ئەلقەم گەرچە تازا خالاپ كەتمىسىمۇ بى قىزغا ئىچى ئاغرىپ بىللە بېرىشقا قوشۇلغان،ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئىمزا قويىدىغان جايغا ئاكىسى دەپ يېزىپ ئىمزا قويغان،ئەشۇ ئىمزا قويغان تالوننى يانچۇقىغا سالغىنىچە ئۇنتۇلۇپ قالغان،ئاينۇر ئۇنىڭ كىيمىنى يۇيۇپ بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىنى ئاقتۇرغاندا ئۇ تالوننى بايقاپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئەلقەم مەندىن يوشۇرۇن تۇرسىنئاي بىلەن ئىش چىقارغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلانغان،ئاچچىقىدا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن ئاينۇر تۇرسىنئاينىڭ دادىسىغا تېلفۇن قىلغان،ئاقىۋەت تۇرسىنئاينىڭ دادىسى مەكتەپكە كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا قىزىنى تىللىغان،ۋە نەچچە كاچات ئۇرىۋەتكەن.

       ئوغۇل دوستى تاشلىۋېتىپ تېخى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان تۇرسىنئايغا بۇ ئەلەم قوشۇلۇپ،ئازابلىنىپ مەكتەپنىڭ تەجىربە بىناسىنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان.دەرەخكە ئىلمىشىپ قالغاچقا باشقىلار ئۇنى بايقىغاندا تېخى ھاياتكەندۇق،تېخى بايىلا ئادىلە كىرىشتىن بۇرۇن جان ئۈزۈپتۇ.

     ئەلقەمنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئادىلە خۇرسىنىپ قويدى”:بولىدىغان ئىش بوپتۇ،سىزمۇ ئەمدى بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ئاينۇرمۇ بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان،ئۇمۇ خاتالىقنى تونىدى،سىزمۇ ئۇنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ“!

     كىم بىلسۇن،ئەلقەم ئۇنىڭ تەسەللىيسىنى ئاڭلىماقتا يوق تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى”:مەن ئاينۇرنىڭ بۇنداق كۆرەلمەس،ئىچى تارلىقىغا جاق تويدۇم،مەن ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ يەنە مەندىن گۇمانلىنىدۇ،بۇ بىر ئىككى قېتىم بولغان ئىش ئەمەس،خوتۇن-خەق دېگەنغۇ زادى مۇشۇنداق،ئەرلەرنى ئىتتەك بوينىدىن باغلاپ يۈرسەم دەيدۇ،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمىدە ئاينۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار،ئەگەر ئۇ  بۇ خاتالىقىنى تۈزەتمىسە،بىزمۇ مۇشۇ يەردە توختاپ قالساق بولىدۇ“.مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ ئەلقەم  بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

     ئادىلە بولسا يىغلاپ تۈگىشىپ كەتكەن ئاينۇرغا تەسەللىي بىرىۋاتاتتى.

     ئەتىسى تۇرسىنئاينىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغانلىق خەۋىرى بومبا پارتىلىغاندەك پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتتى.بەزىلەر ھېسابلاپ كۆرىۋىدى،مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇشۇنىڭ بىلەن 11ئادەم بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋاپتۇ،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمى ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان بۇ مەكتەپكە تېخىمۇ سۈر قوشتى،بەزىلەرنىڭ ئېغىزىدا بۇ مەكتەپ ھازىر ئالۋاستىلار ئۇۋىسى،ئەرۋاھلار ماكانىغا ئايلىنىپ قالدى،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمى بولسا ناھەق كەتكەن ئەرۋاھنىڭ جان سورىشىغا ئايلاندى.

ئاينۇر بولسا روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۈگەشكەن بولۇپ،ئەتىسى ياتاقتا يوتقانغا پۈركىنىپ پۈتۈن بىر كۈننى ئۆتكۈزدى،يېمىدى-ئىچمىدى،ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئادىلەمۇ پۈتۈن بىر كۈن دەرس تاشلىدى،ئۇنىڭغا تاماق ئەكىرىپ بەردى،ئۇششاق يېمەكلىك ئەكىردى،قىززىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈردى،چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئاينۇرنىڭ كەيپىياتى ئازرق ياخشىلاندى،ئادىلەدىن تۆنۈگۈن بولغان ئىشلارنى سورىدى،شۇ قاتاردا ئادىلەنىڭ ئالما يانفۇنىنىمۇ سورىدى.

       ئادىلە كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاينۇرغا سۆزلەپ بەردى،يەنە كەچتە تۇرسىنئاينى كۆرگىنىنىمۇ سۆزلەپ بەردى،بۇنى ئاڭلاپ ئازراق ياخشى بولغان ئاينۇر ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.ئاينۇر ئادىلەنىڭ يانفۇنىنىڭ راستىنلا ئازراق غەلىتىلىكىنى بايقىدى،چۈنكى ئاخشام ئادىلە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغاندا چىققان نومۇر186****4444بولۇپ،كەينى بىر قاتار4تىن تۈزۈلگەن،كىشىگە بىر خىل شۇملۇقتەك تۇيۇلاتتى.

     ئاينۇر ئادىلەنى بۇ نومۇرنى ئالماشتۇرىۋىتىشنى ئېيتتى،بۇنى ئاڭلاپ ئادىلەمۇ بۇ نومۇرنى ئالماشتۇرۋەتسەم بولغۇدەك دەپ ئويلىدى،شۇنىڭ بىلەن چۈشتىن كېيىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شەھەردىكى تىجارەت زالىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرىۋىدى،ئەسلى بۇ مۇشۇ تېلفۇنغا باغلىۋىتىلگەن نومۇر بولۇپ نومۇر ئالماشتۇرۇلسىلا يانفۇن قۇلۇپلىنىپ قېلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.بۇنى ئاڭلاپ ئادىلە نومۇر ئالماشتۇرۇش خىيالىدىن ۋازكەچتى.

      قالدۇقىنى سۈرۈشتە قىلىۋىدى،نەچچە يۇەنلا پۇل قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن 50يۇەن قاچىلاپ،ئاندىن يەنە توكلىغۇچ سېتىۋېلىپ،ئالدىراش-تېنەش ئاپتوبۇسقا چىقتى،بۇ قېتىم ئۇ ئاپتوبۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنىدا ئولتۇردى،بۇنداق بولغاندا تۆنۈگۈنكىدەك ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئادەمدىن قورقۇپ يۈرمەيتتى.بۈگۈن ھاۋا ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى،ھاۋانى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان،ھازىرلا يامغۇر تۆكۈۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.سائەت ئەمدى بەش بولۇشىغا بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى.ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى دىمىق بولۇپ كەتتى،ئادىلە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دېرىزىنى ئېچىپ يىراقتىكى تاغلارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى،ئۇ يىراقلارغا قاراۋېتىپ ماشىنىنڭ ئالى تەرەپتە يولدا بىر قارا نەرسىنى،ياق،بىر قارا كىيىملىك ئايالنى كۆردى،ئۇ ئايال يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قولىدىكى يوغان بىر پارچە تاش بىلەن ئالدىدىكى قونچاقنى ئۇرىۋاتاتتى،ئۇرغاندىمۇ،خۇددى ئاشۇ قونچاقتا ئۆچى باردەك غەززەپ بىلەن ھەر بىر ئۇرۇشىدا پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ قونچاقنىڭ بېشىغا ئۇراتتى،ماشىنا بارغانسىرى ئۇ ئايالغا يېقىنلاشتى،ئادىلەمۇ ئۇ ئايالنى ئېنىق كۆردى،چۇۋۇق چاچلىرى يۈزىنى توسۇۋالغان،قىياپىتىدىن بىر خىل سۈر ۋە ۋەھىمە يېغىپ تۇرىدۇ،ماشىنا نەق ئۇنىڭ ئۇتتۇرىغا كەلگەندە ئۇ ئايال توساتتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئادىلەگە غەززەپ بىلەن ھومايدى.

”     ئا“...ئادىلە قورققىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ماشىنا سۈرئىتى تېز بولغاچقا ئۇنىڭ تۆنۈگۈنكى ئايال شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىدى،ئۇنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاپتوبۇستىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى،ئادىلە خىجىللىقتىن بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىم ئولتۇرۋالدى.چەكسىز بىر خىل ۋەھىمە گوياكى ئالۋاستىنىڭ قانلىق قولىدەك ئۇنىڭ ئاجىز يۈرىكىنى مۇجۇشقا باشلىدى.







3-بۆلەك

ئۆچۈرۈلمەس ھۆججەت


      بۈگۈنكى چۈشتىن بۇرۇنقى -3سائەتلىك دەرىستە،ئاناتومىيە مۇئەللىمى ئالىم پىروپىسور كۆپچىلىككە”:ساۋاقداشلار مەكتىپىمىزگە يېڭى بىر تۈركۈم ئادەم بەدىنى  ئەۋرىشكىسى كەلتۈرۈلدى،جەمىي10دانە،ئەگەر دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا باشقا ئۆزگىرىش كۆرۈلمىسە،ئۈچ كۈندىن كېيىن ئادەم بەدىنىنى ئەمەلىي يېرىپ تەكشۈرۈش تەجىربىسىنى ئىشلەيمىز،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن“.

      بۇنى ئاڭلاپ،سىنىپ قايناپ كەتتى،ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ -1يىللىقىدىكى بۇ ئوقۇغۇچىلار تېخى ھەقىقىي جەسەتنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى،بولۇپمۇ قىزلار قېتىپ كەتكەن جەسەتكە قاراشقىمۇ قۈرئەت قىلالمايتتى،قولىغا پىچاق ئېلىپ جەسەتنى يېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.

ئالىم پىروپىسور ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،كېيىنكى قېتىملىق تەجىربە پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى،ئادىلە بىردەم كىتاپ كۆرۈۋىدى،كاللىسى ئىغىرلاشقاندەك بولۇپ،ئىككى قولىدا چېكىسىنى ئۇۋلاشقا باشلىدى،بۇ ئىككى كۈننىڭياقى ئۇ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالمىدى،كۆزىنى يۇمسىلا ھېلقى چاچلىرى چۇۋۇق ئايال كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ،ئۇخلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قالغاندى.

      ئادىلە كىتابنى قويۇپ،يانفۇنىنى ئېلىپ ئىقتىدارلىرىنى خالىغانچە ئېچىپ-يېپىشقا باشلىدى،تۇيۇقسىز ئۇ ئالبومغا كىرىپ قالدى،ئالبومدا ئۈچ پارچىلا رەسىم تۇراتتى،بىرىنجىسى بىر ياش قىزنىڭ رەسىمى بولۇپ،23،24ياشلار چامىسىدا،قاپقارا ئۇزۇن چاچلىق،سوزۇنچاق يۈزلۈك،كۆزلىرى چوڭ-چوڭ،بەش ئەزاسى جايىدا تولىمۇ چىرايلىق،زىناقلىرىنى چىقىرىپ،ئوماققىنە تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى.

      ئىككىنجىسى20ياشلار چۆرىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ رەسىمى بولۇپ،چىرايىدىن بىر خىل سالاپەت چىقىپ تۇراتتى،تېرىسى قارامتۇل بولۇپ،قىسقا چاچ،قوشۇما قاش،كۆزلىرى چوڭ،ئوڭ جاۋغىيىدا روشەن پىچاق يارىسى بار بولۇپ،سىنچىلاپ قارىسا كىشىنى ئازراق سۈر باساتتى.

     ئۈچىنجىسى...ئۈچىنجىسى يانفۇن سېتىپ بەرگەن ھېلقى ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ رەسىمى بولۇپ،چىرايىدىن بىر خىل ئوغرى كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى.قانداقسىگە بۇ رەسىملەر ساقلىنىپ قالغاندۇ؟بەلكىم ئۆچۈرۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك،ئادىلە شۇلارنى ئويلىغاچ،بۇ رەسىملەرنى ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولدى،ئاۋۋال ھېلقى ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ رەسىمىنى تاللاپ ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋىدى”دۇڭ“قىلغان ئەسكەرتىشئۇچۇرى چىقىپ”ئۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى“دېگەن خەت كۆرۈندى.نېمە ئىش بۇ؟!قانداقسىگە ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ؟قايتا سىناپ بېقىۋىدى،يەنە ئوخشاش ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقتى،ئۈچ پارچە رەسىمنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆچۈرگىلى بولمىدى،زادى ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دېگەن راستكەن،ھېلىتىن چاتىقى چىققىلى تۇرى،ئادىلە ئازراق تېرىكتى،لېكىن بىر قانچە پارچە رەسىمگە تارتىپ ئۆچۈرىۋىدى،مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆچۈرۈلدى.

      جىنغا يولۇقتۇممۇ نېمە؟ئادىلە ئالبومدىن چېكىنىپ ئالاقە خاتىرسىگە كىرىۋىدى،ئۈچلا تېلفۇن نۇمۇرى تۇراتتى،بىرسىگە تېلفۇن قىلىپ سىناپ باقماقچى بولۇپ،يەنە توختاپ قالدى،خەقنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرسىدىكى كىشىلەرگە تېلفۇن قىلسام تازا قاملاشمىغۇدەك،بولدىلا،ئۆچۈرۋىتەي.لېكىن ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغىنى،بۇ ئۈچ نومۇرنىمۇ ئۆچۈرگىلى بولمىدى،نېمىدىگەن ئەبجەق يانفۇن بۇ!ئادىلە ئاچچىغىدا يانفۇننى ئۈستەلگە قاتتىق تاشلىدى،تاراق قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتتى.

        قاراشتىلا ھازازۇل كۆرۈنىدىغان،ئۆزىگە  ياراشمىغان قېنىڭ گىرىم قىلىۋالغان ئالدىنقى رەتتىكى بىر قىز ئادىلەنىڭ ئالدىدىكى ئالما يانفۇننى كۆرۈپ ،يەنە تېخى مۇشۇنداق يۇقىرى ئاۋاز چىقارغىنىنى كۆرۈپ،تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ،ئىنىچكە ئاۋازدا”:بەزىلەر ئالامەتقۇ،ئالما يانفۇننى ئاتقۇدەك بوپ كېتىپتۇ،ئۆي شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ،چىراي بولسىلا بولىدىكەن جۇمۇ،يېمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەكتىن غەم يوق،ئىشلىتىشى ئالما يانفۇنلىرى،بىزمۇ بەگزادە،بايۋەتچىلىدىن بىرەنى تېپۋالساق بولغۇدەك جۇمۇ“!

       بۇنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،يانفۇننى ئاتمىسام بوپتىكەن...بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىمىپ قالدى،جىم ئولتارمايمۇ نىم ئامال،بۇ چىشى يولۋاس بىلەن ئۇرۇشۇپ پايدا ئالغىلى بولاتتىمۇ؟لېكىن ئادىلەنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئاينۇر بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىدى،ئۈستەلگە مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى”:ئايشەم دېگەن بىرمە،ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل،خەق يانفۇننى ئۆزى پۇل خەجلەپ ئالسا،سەن نىمە خەققە تۆھمەت قىلىسەن؟“

”      تۈپىي،ئاينۇر ،سەن تېخى نومۇس قىلماي ماڭا گەپ قىلىۋاتامسەن،ھىم،بىزنى بىلمەيدۇ دەپ قالما!تۇرسىنئاينى ئۆلتۈرگەن دەل سەن،ئىچى زەھەر جادىگەر،ئەزەلدىن كۆزۈمگە سىغمايتتىڭ،ئەسلى سەن ئۆلسەڭ توغرا بولاتتى،سەن چوقۇم تۇرسىنئايدىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆلىسەن،ھاھاھا“!ئايشەم زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى.

بۇ بىر ئېغىز گەپ ئاينۇرنىڭ يۈرىكىنى تىلىم-تىلىم قىلىپ ئېچىشتۇردى،چىرايى تاتىرىپ،بەدىنى تىتىرەشكە باشلىدى،مۇشتلىرىنى تۈگكىنىچە ئايشەمگە ئېتىلدى،تېخىچە كۈلىۋاتقان ئايشەم بىردەمدە ئۆزىنى ئاينۇرنىڭ ئاستىدا كۆردى”:ئايشەم دېگەن قانجۇق،بۈگۈن ساڭا جېنىمنى تىكتىم“!!!ئاينۇر ئايشەمنى تېگىگە بېسىۋېلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىنى چىمدىماقتا ئىدى...

      ئادىلە ئۆزىنى جېدەل ئارىغىلى ئاتتى،بىردىنلا سىنىپ ئىچى ئۆرىتۆپە بولۇپ كەتتى...

      چۈشلۈك ئارام ۋاقتى،ئادىلە تېخىچە جېدەلدىن ئېسىگە كېلەلمىگەن ئاينۇرنى ئېلىپ مەكتەپ تەتەربىيە سارىيىغا كەلدى،زالدا بىرىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋاسكىتبول تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولۇپ،ئاينۇرنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن ئۈچۈن ئادىلە ئۇنى ئېلىپ مۇسابىقە كۆرگىلى ئولتۇردى،تاماشىبىنلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.ئىككەيلەن ئىچىملىك ئىچكەچ تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتاردى،ئەمەلىيەتتە ئادىلەلا گەپ قىلىۋاتاتتى،ئاينۇر بەكمۇ ئاز سۆزلەيتتى.

”      ياخشى توپ“مەرداننىڭ چىرايلىق ئاتقان بىر توپى ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

      ئا گۇرۇپپا68كە قارشى70نومۇر بىلەن ب گۇرۇپنى يېڭىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى،ئا گۇرۇپپنىڭ ئەزالىرى مەرداننى ئورىۋالدى،ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەتىرەت باشلىقى بولغان مەردان بولمىغان بولسا ئا گۇرۇپ چوقۇم ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتكەن بولاتتى.

مەردان كۆپچىلىك بىلەن خوشلىشىپ قايتماقچى بولۇپ مېڭىپ ئولتۇرۇپ توپ كۆرىۋاتقان ئادىلە بىلەن ئاينۇرنى كۆرۈپ قالدى،ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتى”:سىلەرمۇ توپ كۆرگىلى كەپسىلەردە؟“

”     ھە“ئىككى قىز تەڭلا باش لىڭشىتىشتى،لېكىن ھېچىكىم ئارتۇق گەپ قىلمىدى،مەردان ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىچىملىكنى كۆرۈپ”:ھەجەپ ئۇسساپ كەتتىم،ئىچىملىكىڭلارنى ئىچسەم بولامدۇ؟“ئۇ كىمنىڭكىنى ئىچىدىغىنىنى ئېيتمىدى،شۇڭا ئىككى قىز تەڭلا قولىدىكى ئىچىملىكنى سۇندى،ئادىلەنىڭ قولىدا كۆك چاي،ئاينۇرنىڭ قولىدا سۈت چاي بار ئىدى.

       مەردان بىر ئاز تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن،ئادىلەنىڭ قولىدىكى بوتۇلكىنى ئالدى،ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ”:مەن كۆك چاي ئىچىپ كۆنۈپ قاپتىمەن“بوتولكىنى كۆتۈرۈپلا غورتۇلدىتىپ بوتۇلكىنى قۇرۇقداپ قويدى.بۇرۇن ئادىلە بىلەن يۈرگەندە مەردان  دائىم ئىككى بوتۇلكا كۆك چاي ئالاتتى،بىرسىنى ئۆزىگە،يەنە بىرسىنى ئادىلەگە.ئادىلە ئەسلى كۆك چاي بىلەن خۇشى يوق ئىدى،لېكىن بىلىپ-بىلمەي چاينىڭ تەمىگە كۆنۈپ قالدى،بەلكىم مەردان مۇشۇ كۆك چايغا ئوخشاش راھەت،ھەم ھوزۇرلۇق لېكىن بەك قېنىق ئەمەسلىكىدىن بولسا كېرەك.بەلكىم بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشمۇ ئىچىملىك ئىچكەنگە ئوخشىسا كېرەك،سىزنىڭ ئەسلىي قايسى ئىچىملىكنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىز ئەمەس،بەلكى سىزنىڭ قايسى ئىچىملىككە كۆنۈپ قالغىنىڭىز مۇھىم بولغىنىدەك.ئادىلەمۇ ھازىر بىر ئاز گاڭگىراپ قالغاندى،مەردان گەرچە ئاللىقاچان ئۆزىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچىپ قويغان ئىچىملىكىنى ئويلانماستىن ئىچىۋەتكەندى.

       ئاينۇرمۇ مەرداننىڭ ئۆز قولىدىكى بوتۇلكىنى ئالمىغىنىدىن رەنجىپ كەتمىدى،ئەكسىچە ئىچىدە ئادىلە ئۈچۈن خۇش بولىۋاتاتتى.قارىغاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا يەنە مېھىر بار ئوخشايدۇ،مۇشۇ باھانىدە يارىشىپ قالامدۇ تېخى”.ۋۇجۇ،تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاغرىپ كەتتى،مەن بېرىپلا كېلەي،ئىككىڭلا پاراڭلىشىڭلا“مېڭىش ئالدىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇت دېگەندەك ئادىلەنىڭ جەينىكىنى چىمداپ قويدى.

       ئاينۇر كەتكەندىن كېيىن ئادىلە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چاپىنىنىڭ پېشىنى ئويناپ تۇراتتى،مەردان بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىپ”:بۇ يەر بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭكەن،سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەمدۇق“دېدى

       ئىككەيلەن ماڭغىنىچە زالنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك دەرەخلىقكە كېلىپ توختىدى،شىپاڭغا كېلىپ ئولتۇرۇشقان بولسىمۇ،ئارىدا بىر خىل سوغۇقلۇق بار ئىدى،بەلىكم ئۇزۇنغىچە ئالاقىلەشمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك.

”    سىز“...

”    سىز“...ئىككەيلەن تەڭلا ئېغىز ئېچىشتى.

”    سىزئاۋۋال سۆزلەڭ!“ئادىلە يۈزلىرى قىزارغىنىچە شۇنداق دېدى.

”   ياخشى تۇرۋاتامسىز؟“مەردان ئادىلەنىڭ روھى كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەس   ھالىتىگە قاراپ سورىدى.

”    ھەئە،ياخشى،ئۆزىڭىزچۇ؟“

”   يېقىندىن بۇيان شۇ كوماندىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،شۇڭا“...

”   ئاپاراتىڭىزنى ئوڭشىيالىدىڭىزمۇ؟“

”   بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ،ئوڭشالمىدى“دېدى مەردان خورسىنىپ.

”   كەچۈرۈڭ،مەن...مەن ئاپاراتىڭىزنى دەرياغا چۈشۈپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن“.

”  ئەمەلىيەتتە مەندىن ئۆتكەن يەرلىرىمۇ بار،ئاپاراتتا ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ بارلىقىنى دېمىگەن گۇناھ مەندە،بىلسە سىزنى خاپا بولارمىكىن دەپ ئېيتمىغان.گەرچە ئۇنڭ بىلەن بۇرۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن بولساممۇ،ئۇ ئاپپاراتنى ئۇ سوۋغا قىلغان،مەن بەك قەدىرلەيتتىم،شۇڭا“...

”    شۇڭا سىز ئاپپاراتنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھېچنىمىنى ئويلاشماستىن ئوننەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىن دەرياغا سەكرىدىڭىز،شۇڭا ئۇنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقرىلىقىنى كۆرۈۋالدىم“.

”    سىز كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز،قەلبىمدە سىز ھەممىدىن مۇھىم“!

” ئىشەنمەيمەن،ئالدىنقى قېتىم سۇ ئۈزگىلى بارغىنىمىز يادىڭىزدىدۇ؟مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە قانداق قىلدىڭىز؟دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ مېنى قۇتقازماقتا يوق،ئۈستىدە تۇرۇپ مېنى مازاق قىلىپ كۈلدىڭىز،مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بىر ئاپپاراتچىلىكمۇ ئورنۇم يوقكەن،شۇنداق ئەمەسمۇ؟“ئادىلە سۆزلىگەنسىرى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىشقا باشلىدى.

”   ئادىلە،خاتا چۈشەنمەڭ دەيمە!سىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە راستلا بەك قىززىق بولغان،شۇڭا ئۆزەمنى تۇتالماي كۈلۈپ كېتىپتىمەن،يەنە كېلىپ ئۇ دېگەن سۇ ئۈزۈش سارىيى تۇرسا،يا خەتەرلىك جاي بولمىسا،ئەگەر راستىنلا بىرەر خەتەرلىك ئىش بولسا،مېنىڭ سىزنى قۇتقۇزماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟“

”  لېكىن سىز بىلمەيسىز،مەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە سىزنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۇشىڭىزنى نەقەدەر ئۈمد قىلغاندىم،لېكىن سىز قىرغاقتا تۇرۇپ مېنى مازاق قىلىپ كۈلدىڭىز،يەنە تېخى بەك قىززىق بوپتىمىش“!ئادىلەنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كەلگەندى.

”    ئۇنداق ئەمەس،مەن راستىنلا“...

”   بولدى چۈشەندۈرمەڭ!بىر ئاپپارات ئۈچۈن مېنى بىر ئايغىچە ئىزدىمىدىڭىز،دېمەك قەلبىڭىزدە مەن ئەمەس ئۇ باركەن،بولدىلا،بىر ئايدىن بۇيان مەنمۇ يالغۇز يۈرۈپ كۆنۈپ قالدىم،ئىككىلىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى،خوش“سۆزىنى تۈگىتىپلا،ئادىلە پېشىنى قاققىنىچە كېتىپ قالدى.

”   ئادىلە“...يىراقلاپ كېتىپ قالغان ئادىلەنى كۆرۈپ مەردان غەززەپ بىلەن تۈۋرۈكنى بىرنى مۇشتلىدى...

   ياتاقتا ھېچكىم يوق،ئادىلەلا كارۋىتىدا ھاڭۋاققىنىچە ياتاتتى.

   ھازىرقى ۋاقىت سائەت توققۇز.ئالما يانفۇننىڭ مۇزدەك ئاۋازى ئاڭلاندى،ئادىلە بولسا تېخىچە مەردان بىلەن سۆزلەشكەن مەنزىرىنى ئويلاۋاتاتتى.

”  ئادىلە،خېلى دىتىڭ بار ئىدىغۇ؟قاراپ تۇرۇپ بىر ئوبدان پۇرسەتنى يوق قىلدىڭ،باياتتىن چېچىلمىغان،ئاچچىقلانمىغان بولساڭ بەلكىم مەردان بىلەن يارىشىۋالغان بولاتتىڭ،ئېشەكچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوقكەن“!ئادىلە ئۆزىنى ئەيىپلەۋاتاتتى،ئۇ راست پۇشايمان قىلغاندى،مەردان قارىماققا بەستلىك كېلىشكەن كۆرۈنگەن بىلەن،كاللىسى ئاددىي،ئاسانلا باشقىلارنىڭ گېپىنى راست دەپ قالىدۇ،ئەگەر ئۇ راستىنلا مېنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۈسى بار دەپ ئويلاپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟“

    ئادىلە مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا،ياستۇقىنىڭ يېنىدىكى يانفۇن تىتىرەشكە باشلىدى،ئادىلە ھەيران بولۇپ قارىۋىدى،ئېكراندا مەرداننىڭ نومۇرى تۇراتتى،ئادىلە پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ تېلفۇننى ئالدى:

-    ۋەي؟

-   ۋەي،ئادىلە، بۇ مەن-نەق شۇ مەرداننىڭ ئاۋازى ئىدى

-   نومۇرۇمنى قانداق بىلدىڭىز؟-ئادىلە سورىدى.

-   ئاينۇردىن سورىدىم،تېخىچە ماڭا قېيداۋاتامسىز؟

   ئادىلە مەرداننىڭ گېپىدىن ئۇنىڭ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدى،بىلىنەر -بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ،تەلەپپۇزۇنى قاتتىق قىلىپ:سىز شۇ قاچانلا بولسا ئاچىىقىمنى كەلتۈرسىڭىز،قىيدىماي قانداق قىلىمەن؟

-  بولدى،مېنىڭ خاتا،مەن ناماقۇل،گۇناھمىنى يۇسام بولا؟سىز ھازىر بىكامۇ؟

-  نىمىش قىلىسىز؟

- بىزنىڭ كوماندا غەلبىمىزنى تەبرىكلەپ ئولتۇرماقچىتۇق،سىزنىمۇ كېلىپ بىز بىلەن ئولتۇرشىپ بىرەمدىكىن دەپ...

-  بارغۇم يوق-!ئادىلە ئېغىزىدا شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى.

-كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بار،سىزمۇ كېلىڭە،بىز ھازىر***يولىدىكى***مېھمانخانىدا،سىزنى ساقلايمەن-!مەردان سۆزىنى تۈگىتىپ ئادىلەگە گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەي تېلفۇننى قويىۋەتتى.

    ئادىلەنىڭ شۇ تاپتا بېشى كۆككە تاقاشقان ئىدى،ئۇ ھاپلا-شاپلا يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ،سۇس گىرىم قىلىپ،سومكىسى بىلەن يانفۇنىنى ئېلىپ مېڭىپ كەتتى.









4-بۆلەك

ۋەھىمىلىك يىغىلىش

    ئادىلە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ بىر تاكسىنى توستى،شوپۇرغا بارىدىغان يېرىنى ئېيتىپ ماشىنىغا چىقتى،شوپۇر بولسا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماشىنىنى قوزغىدى.

    غەلىتە ئىش،ھەر كۈنلىرى يوپيۇرۇق تۇرىدىغان كوچا چىراقلىرى بۈگۈن بىرسىمۇ يانمىغان،ئەتىراپ قاپقاراڭغۇ،ئادىلە جىددىيلەشكىنىدىن ھېلىدىن-ھېلىغا يانفۇنىنى چىقىرىپ سائەتكە قارايتتى،ماڭغىلى يېرىم سائەت بولدى،نېمانداق بېرىپ بولالمايدۇ؟

ئۇستام ماشىنىنى سەل تېزرەك ھەيدىگەن بولسىڭىز!ئادىلە جىددىيلىشىپ شوپۇرنى سۈيلىدى.

    قارا كۆزەينەك تاقىغان شوپۇر بولسا يەنىلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن،جىمجىتلا ماشىنىنى تېزلەشتۈردى.

-   ھەجەپ غەلىتە ئادەمكىنا!كەچتىمۇ قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بارمۇ؟يولنى ئېنىق كۆرەلەمدىكىنە؟-ئادىلە ئىچىدە غودوڭشىدى.

    كۆپ ئۆتمەي ماشىنا مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.ئادىلە پۇلنى بېرىپ ،ماشىندىن چۈشتى،ۋە ئالدىدىكى مېھمانخانىغا كىردى،لېكىن ئۇنى ئەجەبلەندۈرگىنى،شۇنچە چوڭ مېھمانخانىنىڭ كارىدورىدا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى!قاپقاراڭغۇ كارىدوردا بىر نەچچە تام چىرىقىلا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى.

    ئادىلە ئەتىراپىغا ھەيرانلىق بىلەن قارىغىنچە ئاستا مېڭىۋاتاتتى.ھازىرغىچە بىرەر ئادەم ئۇچىرمايۋاتاتتى،ئادەم ئەمەس ئىت-مۈشۈكمۇ ئۇچىرمايۋاتاتتى.ئەتىراپ تىپتىنىچ،پەقەت ئادىلەنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنىڭ سىلىق يەر يۈزىگە تەگكەندىكى تاك--تاك--تاك قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق،ئادىلە قورقۇشقا باشلىدى،جىددىيلىشىپ ۋارقىرىدى”:ئادەم بارمۇ؟“

    ئۇنىڭغا ئاڭلانغىنى پەقەت قايتىپ كەلگەن ئەكىس سادالا بولدى”،نېمە ئىش بۇ؟مېھمانخانا دېگەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئادەم جىق بولمامدۇ؟بۇ يەردىكىلەر قېنى؟“

    ئادىلە تامدىكى يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى بويىچە بىر ئوڭغا،بىر سولغا مېڭىۋەردى،لېكىن يەنىلا بىرمۇ ئادەم ئۇچىراي دېمەيتتى،ئۇ ئەمدى ئازراق بىنورماللىقنى سەزگەندەك بولدى.ئەجىبا مەن خاتا كەپ قالدىممۇ؟ئاخىرى يوق بۇ كارىدورلارغا قاراپ ئادىلەنى سۈر بېسىشقا باشلىدى.ئۇ بۇيەردىن چىقىپ كەتمەكچى،يورۇق يەردە تۇرماقچى بولدى.دەل شۇ چاغدا،گۇڭگا چىراق يورۇقىدا كارىدورنىڭ ئۇ بېشىدىن بىر قارا نەرسىنى بايقىدى،ئۇ قارا نەرسە يەردە ئاستاغىنە ئۆزى تەرەپكە قاراپ سۈرۈلۈپ كەلمەكتە ئىدى.ئادىلەنىڭ چېكىسىدىن سوغوق تەر قۇيۇلدى،بۇ...بۇ زادى نېمە؟

     ئادىلە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ،قورقۇمسىرىغان ھالدا يەردە ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ نەرسىگە سەپ سالدى،بۇ قېتىم ئۇ نەرسە چىراقنىڭ ئاستىغا كەلگەندە ئادىلە ئۇ نەرسىنى ئېنىق كۆردى!ئۇ...ئۇ قانداقتۇر نەرسە ئەمەس بەلىكى بىر ئادەمكەن !بېشىنى ئاسمانغا قىلىپ،چاچلىرى بىلەن يەر سۈپۈرۈپ كېلىۋاتقان،كۆزلىرىدىن شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان بىر خوتۇنكەن!ئادىلە يەنە ئۇ خوتۇننىڭ كۆزلىنىڭ بىر خىل چۈشىنىكسىز ئىپادىدە ئۆزىگە قاراۋاتقىننى كۆردى!

-   ئا-...ئادىلە ۋارقىرىۋەتتى،كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدى،لېكىن پۇتلىرى مىخلاپ قويغاندەك ھېچ مىدىرىمايتتى،ئۇ پۇتىغا قارىدى،ئەسلى،ئەسلى ئىككى پۇتىنى چىرىپ كەتكەن ئىككى قول چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى!ئادىلە قورىققىنىدىن سەكرەپ كەتكىلى تاس قالدى،ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا،ھېلقى ئۆزىگە قاراپ ئۆمىلەپ كېلىۋاتقان ئايال غايىپ بولغاندى،پۇتىغا قارىۋىدى پۇتىنى تۇتىۋالغان ھېلقى قولمۇ كۆرۈنمىدى.

    نېمە ئىش بۇ؟كۆزۈم تورلىشىپ قالمىغاندۇ؟خيالىي تۇيغۇممۇ يا؟ئادىلە تېڭىرقاپ قالدى،لېكىن بۇ يەر بەكلا غەلىتىكەن،ئەڭ ياخشىسى ئىتتىكراق كېتىۋالاي،ئادىلە شۇلارنى ئويلىغاچ كەينىگە بۇرۇلۇپلا ماڭدى،لېكىن نەچچە قەدەم مېڭىپلا،ئوننەچە مېتىر نېرىدا بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى،ئۇ ئادەم ئاق خالات كىيگەن،ئاق ماسكا تاقىۋالغان،ئاقساپ ماڭاتتى.قولىدا تېخى بىر چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ كېلىۋاتاتتى،چاقلىق ئورۇندۇق بولسا قۇرۇق ئىدى!ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقنى نېمە قىلىدىغاندۇ؟بۇ يەر يا دوختۇرخانا بولمىسا؟

    ئادىلە قورققىنىدىن مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى،ئۇ جايىدا جىمجىت تۇرۇپ ھېلقى ئادەمنىڭ ئاقسىغىنىچە ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىغا قاراپ تۇراتتى،يېقىنلاشقانسىرى بىر خىل ئادەمنى ئەندىكتۈرىدىغان،گوياكى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا ئۇرۇلغان سوغوق ھاۋادەك بىر خىل ھاۋا ئۇنىڭغا ئۇرۇلدى.

    ئادىلە ئۆزىنىڭ خەتەرگە يولۇققىنىنى سەزدى،بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدى،ھېلقى ئادەممۇ قەدىمىنى تېزلىتىپ كېلىشكە باشلىدى،يەنە تېخى چاقلىق ھارۋىنىڭ چاقىدىن چىققان قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز بارغانسىرى ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى.

    ئادىلە ئادەتتە ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كۆپ كىيمەيتتى،ھازىر جىددىيلەشكىنىدىن نەچچە قەدەم ماڭمايلا يىقىلىپ چۈشتى،تىزلىرى ئاغرىق دەستىدىن ئورنىدىن تۇرالمىدى،ھېلقى سىرلىق ئادەم بولسا ئۇنڭىغا يېتىشىۋالدى،ئادىلە گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا،ئۇ ئادىلەنىڭ گېلىنى سىقىشقا باشلىدى.

”    سەن...سەن نېمە قىلماقچى؟“ئادىلە خىقىراپ تۇرۇپ شۇنى دىيەلىدى.

    ئۇ ئادەم ھېچنىمە دېمەستىن بىر قارا رەخىتنى چىقىرىپ ئادىلەنىڭ كۆزىنى ئەتتى،بىرلا تارتىپ ئادىلەنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى،ئاندىن چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ مېڭىپ كەتتى.

”   ئا...قۇتقۇزۇڭلا!ئادەم بارمۇ؟“ئادىلە جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرايتتى،قوللىرىنى شىلتىيتتى،لېكىن كۈچلۈك بىر قول ئۇنىڭ گەۋدىسىنى بىسىپ تۇرغاچقا ئۇ تۇرالمايتتى.

ئادەمنىڭ كۆزى كۆرمىگەندە قەلبىدىكى ۋەھىمە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.ئادىلە ۋارقىرايتتى،ئۆزىنىڭ قەيەرگە ئېلىپ مېڭىلغىنىنى بىلمەيتتى،قانداق پاجىئەنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىمۇ بىلمەيتتى.تۇيۇقسىز ئادىلە بىر ئىشىكىنڭ ئېچىلغىنىنى ھېس قىلدى،ئۆزى بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى،تۇيۇقسىز بىر توپ ئادەم ۋارقىرىشىپ كەتتى.كېيىنكى بىر سىكۇنىتتا ئۇنىڭ كۆزىدىكى لاتا ئېلىۋىتىلدى،ئۇ بىر توپ كىشىنىڭ كۈلۈپ تەنتەنە قىلۋاتقىنىنى كۆردى،ئەسلىدە بۇ زالدا لىققىدە ئادەم بار بولۇپ،ھەممە ئادەم ئۇنڭغا قاراپ كۈلۈشىۋاتاتتى.

    بايىقى خالات كىيگەن ئادەممۇ ماسكىسىنى ئېلىۋەتتى،ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس دەل مەردان ئىدى!

”   سىلەر...سىلەر بەك ئاشۇرىۋەتتىڭلار!ئادەمگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلغان بارمۇ؟“ئادىلە چاقلىڭ ئورۇندۇقتىن سەكرەپ تۇرۇپ مەرداننىڭ مۈرىسىنى قاتتىق چىمدىۋالدى.

    مەردان ئاغرىق دەستىدىن چىرايى پۇرۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ تېخىچە كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتىۋالالمايۋاتاتتى،بايىقى قورقۇنىچ،ۋەھىمە بىردەمدە تارقاپ،يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ھەممەيلەن ئۇسۇلغا چۈشتى.

    ھەر نېمە بولسا بۇ بىر چاقچاقكەن،قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالدى دېسە.ئادىلە ئاستا-ئاستائۆزىگە قايتتى،بۈگۈن كەلگەنلەر ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ!ئاينۇر،پاتىمە،ماھىرە،گۈلقىز بىزنىڭ ياتاقتىكى ھەممىمىز باركەنمىزغۇ،يەنە تېخى ئەلقەم،ھەتتا ھازازۇل ئايشەممۇ باركەن.

-   ئادىلە،بەك قورقۇپ كەتتىڭ ھە؟-ئاينۇر كېلىپ ئادىلەنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلىدى.

-  كىم تاپقان ئەقىل بۇ؟بىر ئوبدان يىغىلىشنى تۈزۈك قىلماي،ئادەمنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالدىغۇ-ئادىلە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىدى.

-  يەنە كىم بولاتتى،سېنىڭ سۆيۈملۈگۈڭ تاپقان ئەقىل بۇ-گۈلقىز ۋە باشقىلارمۇ ئولاشتى.

    مەردان كۈلۈپ تۇرۇپ”ئادىلە خاپا بولماڭ،سىزنى بەك قورقىتىۋەتتىم،يەنە تېخى يىقىلىپ كەتتىڭىز،پۇتىڭىزغا ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟بايا...مەن راستلا ئازراق ئاشۇرىۋەتتىم“.

-    مەردان دېگەن سولتەك،سېنىڭ تېخى ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقتىڭمۇ بولىدىكەن ھە؟بىر ئاي باشقۇردىغان ئادەم يوق يۈرىكىڭ يوغىناپ قاپتۇدە سېنىڭ،ماڭا مۇشۇنداق چاقچاق قىلغۇدەك بولدۇڭما؟خەپ قاراپتۇ،سېنى قانداق قىلىۋىتىمەنكى.سەن بىلەن ئالدىرىماي ھېسابلىشىمەن.

-   بولدى،خانئاچا،مەن خاتالىقىمنى تونىدىم،ئەمسە مەن ھاراق ئىچىپ گۇناھىمنى يۇياي،قانداق؟

-    بوپتۇ،بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم-ئادىلە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىدى.

    كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى.ئادىلەمۇ بىر رومكا پىۋىنى قولىغا ئالدى،بىر ئوتلاپلا ئادىلەنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى”:نېمە ھاراق بۇ؟نېمانداق قاپقارا؟تەمىمۇ بىر قىسىما تۇرىدىغۇ؟“

-    نېمە بولدى؟قانداق بىر قىسىما تۇرىدۇ؟-ئاينۇر سورىدى.

-    ماڭا خۇددى خۇددىي پورمالىنى ئىچكەندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ،كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتىدۇ.

-   زادى سەھرالىق دېگەن يەنىلا سەھرالىق جۇمۇ،بۇ دېگەنچۇ ھەقىقىي گېرمانىيە قارا پىۋىسى!

    ئادىلە ئىشەنمىگەندەك ئەتىراپىغا قارىدى،دېگەندەك ھەممەيلەن ئىچىۋاتاتتى،ئادىلەمۇ جىق ئويلانماي ئىچىۋەردى.

    قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم،ئادىلە بېشىنىڭ ئازراق قېيىۋاتقانلىقىنى سەزدى،ئۇ مەس بولغاندى.بۇ چاغدا مۇزىكا ئالمىشىپ تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ مۇزىكىسى ياڭرىدى،زال ئىچى بىردىنلا رومانتىكىغا تولدى.مەردان ئادىلەنىڭ قولىنى تارتىپ”كېلىڭ ئۇسۇل ئوينايمىز “دېگىنىچە ئوتتۇرغا چۈشتى.

    ئادىلەمۇ تارتىشمايلا ئەگىشىپ چىقتى،جۈپ-جۈپ قىز يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا مەردان ئادىلەنى يېنىك قۇچاقلاپ تانسىغا چۈشتى.

-    ئادىلە!

-    نېمە؟

-   كۆڭلىڭىزدە مەنلا بار،ھەرگىز مەندىن ئايرىلىپ كەتمەيسىز،شۇنداقمۇ؟-مەردان كۆزلىرىنى ئادىلەگە تىكىپ سورىدى.

-    بىز نۇرغۇن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدۇق،ئەلۋەتتە ئايرىلىپ كەتمەيمەن،بىز ئەمدى ئۇرۇشمايلى،مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەيلى،ماقۇلمۇ؟

-    ماقۇل،ئەمدى مەن سىزنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن،ئىككىمىز بىللە ئۆتىدىغانلا ئىش بولسا مەن ھەممىگە رازى

     ئادىلە شېرىن سۆزلەرنى مەستخۇش بولۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى،ئاشىقىنىڭ لەۋلىرىنىڭ لەۋلىرىگە بېسىلىشىنى كۈتتى،لېكىن شۇنچە ساقلاپمۇ ئويلىغىنىغا ئېرىشەلمىدى،دۆت ئېشەك!ئادىلە كەيپى ئۇچقان ھەم بىر ئاز ئوڭايسىزلانغان ھالدا نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇراتتى،يانفۇنى سايرىدى.

    ئادىلە تېلفۇننى ئالغان بولۇپ مەرداننىڭ قولىنى قويىۋېتىپ تېلفۇنغا قارىۋىدى،ئاينۇرنىڭ نومۇرى تۇراتتى.ئادىلە ئەجەپلەندى،بىر يەردە تۇرۇپ تېلفۇن قىلغىنى نېمىسى؟يېقىنلا يەردە تۇرغان ئاينۇرغا قاراپ ۋارقىرىدى”:ئاينۇر،نېمە گەپتى،تېلفۇن قىلماي ئۇدۇللا دەۋەرسەڭ بولمامدۇ؟“

-    مەن ساڭا تېلفۇن قىلمىدىمغۇ؟-ئولتۇرغان ئاينۇر قوللىرىنى شىلتىدى.

-   سەن ئەمەسما؟لېكىن سېنىڭ نومۇرۇڭ چىقىۋاتىدىغۇ؟-ئەجىبا باشقىلار ئاينۇرنىڭ يانفۇنىدا تېلفۇن قىلغانمىدۇ؟

    ئادىلە بىر خىل گۇمانسىراش ئىچىدە تېلفۇننى ئالدى”:ۋەي،كىمۇ؟ۋي..ۋەي،چىڭراق سۆزلەڭ،ئاڭلىيالمىدىم“....مۇزىكا بەك يۇقىرى بولغاچقا ئادىلە ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدى،ئامالسىز قىستىلپ يۈرۈپ زالنىڭ سىرتىغا چىقتى،كارىدوردا تۇرۇپ”:ۋەي،كىمۇ؟“

-    ئادىلە،بۇ مەن،ئاينۇر-...قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى بىرئاز جىددى چىقىۋاتاتتى.

-   ئاينۇر؟ئۇنداق ئەمەستۇ؟-ئادىلەنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىكەتتى،ئاينۇر ئىچىدە ئولتۇرسا،بۇ ئەمدە كىمنىڭ قىلغان چاقچىقىدۇ؟

-   نېمە ئۇنداق ئەمەستۇ؟مېنىڭ ئاۋازىمنىمۇ تونۇمىدىڭما؟-ئاينۇر خاپا بولغان بولسا كېرەك ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كەتتى.

    توغرا،نەق ئاينۇرنىڭ ئاۋازى،بۇ ھەرگىز يالغان ئەمەس،لېكىن بايا ئاينۇر تېخى...ئەجىبا ئىككى ئاينۇر بولۇپ قالدىمۇ؟ئادىلە قايمۇقۇپلا كەتتى.لېكىن ھازىر بۇنى ئويلىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس”!ئاينۇر مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەندىڭ“

-   ئادىلە،تېز ئېيتە،سەن ھازىر قەيەردە؟مەن،گۈلقىز،پاتىمە ھىچقايسىمىز سېنى تاپالمىدۇق،سېنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دېدۇق،ھە راست،مەردان تېلفۇن قىلىپ سېنى سورىدى،مەن مېھمانخانىدا ساقلاۋاتقىلى يېرىم كۈن بولدى،ئادىلە تېخىچە كەلمىدى دەيدۇ،ئادىلە سەن زادى نەدە؟

-   نېمە؟-!ئادىلە گاڭگىراپ قالدى،دۇدۇقلىغىنىچە-:سىلەر...سىلەر چاقچاق قىلىۋاتامسىلەر نېمە؟باياتتىن تېخى ھەممىڭلار مۇشۇ يەردە مېھمانخانىدا ئىدىڭلارغۇ؟يەنە تېخى بىز بىللە ھاراق ئىچىپ،ئۇسۇل ئوينىمىدۇقمۇ؟

-    ھە؟!چۈش كۆرۈۋاتمايدىغانسەن؟بىز بۈگۈن كەچتە سېنى كۆرمىسەك!بولدى،سەن گەپ توقىماي تېز ئېيتە!سەن ھازىر زادى نەدە؟بىز ئالغىلى بارايلى-.ئاينۇر جىددىيلىشىپ سورىدى.

    شۇندىلا ئادىلە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن غەلىتە بىر ئىشقا يولۇققىنىنى سەزدى.ئۇ ئالدىراشلا بۇرۇلۇپ بايىقى زالغا كىرى،ئۇ قايتىدىن بۇ زالغا نەزەر سالغىنىدا قورققىنىدىن كۆزلىرى چاچىراپ چىكەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇ ھازىر جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ئىدى!!!

    تىپتىنىچ جەسەت ساقلاش ئۆيىدە،ئازراقمۇ تىۋىش يوق،بايىقى قاينام-تاشقىنلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان،مۇزىكا،چىراقلار غايىپ بولغان،بايىقى دوستلىرىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.ھازىر ئادىلەنىڭ ئاڭلاۋاتقىنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ مىنۇتىغا200قېتىم سوقۇۋاتقان يۈرەك سوقۇشىلا.

”    مەن ھازىر جەسەت ساقلاش ئۆيىدە“مۇشۇ گەپنى دەپ بولۇپلا يانفۇن ئۇنىڭ قولىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى،پۇتلىرى بوشاپ،بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ مۇزدەك سوغوق يەردە ئولتۇرۇپ قالدى!بايىقى >>دوستلىرى<<جانسىز جەسەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ،مۇزدەك سوغوق تۆمۈر كارۋاتلاردا جىمجىت ياتاتتى.ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئاق رەخىت يېپىلغان بولۇپ،گەرچە ئادىلە ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ كۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلۋاتاتتى.




5-بۆلەك

جەسەت ساقلاش ئۆيى




    ئادىلە خاتا ئاڭلىمىغاندى،ئۇلار راستىنلا كۈلۈۋاتاتتى،پەقەتلا ئۇلارنىڭ كۈلكىسى شۇنچىلىك جىمجىت،شۇنچىلىك غەلىتە،خۇددى يىراق-يىراقلاردىن كېلىۋاتقاندەك.
    قورققىنىدىن ئادىلەنىڭ ئىككى پۇتىدا ماڭغۇدەك ماغدۇر قالمىغان،شۇڭا ئۇ ئامالسىز ئۆمىلەشكە باشلىدى،ئۇ شۇ تاپتا پەقەت تېزراق بۇ قورقۇنۇچلۇق جەسەت ساقلاش ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشنىلا ئويلايتتى.لېكىن ئۇ بۇرۇلۇشىغىلا ئىشىك خۇددى شامالدا ئىتتىرىلگەندەك ئاستاغىنە ھەركەتلىنىپ،ئاخىرى جالاققدە قىلىپ يېپىلىپ قالدى،ئادىلە تىتىرىگىنىچە ئۆمىلەپ بېرىپ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشىك ھالقىسىنى تارتتى،لېكىن ئۇ قانداقلا تارتىشىدىن قەتئىنەزەر،ئىششىك خۇددى قۇلۇپلىنىپ قالغاندەك،ئېچىلاي دېمەيتتى،ئادىلە ئەمدى قورقۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
    بۇ چاغدا،ئوچۇق دېرىزىدىن كىرگەن شامال دېرىزە قاناتلىرىنى جالاقشىتىپ سوقۇشقا باشلىدى،جاراڭ-جۇرۇڭ قىلپ دېرىزە ئەينەكلىرى چېقىلىپ چۈشتى،تورۇستىكى ئاسما چىراقلارمۇ شامالغا ئەگىشىپ لەپەڭشىشكە،چىراق يورۇقىمۇ ۋەھىمىلىك رېتىمدا ئۇ يەر-بۇ يەرنى يورۇتۇشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز،بىردە يورۇق،بىردە خىرە يېنىۋاتقان چىراق يورۇقىدا،ئادىلە ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايالنىڭ ئۇدۇلدىكى تۈۋرۈكنىڭ ئارقىسىدىن بەدىنىنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ تۇرغىنىنى،بىر كۆزىنىڭ قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈردەك ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆردى،ئەمما چىراق يەنە بىر يورۇغىچە كۆزدىن غايىپ بولدى،ئارقىدىنلا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى.
    ئادىلە شۇنى كۆردىكى،رەتلىك قويۇلغان جەسەت كارۋاتلىرى مىدىراۋاتاتتى،يەنە كېلىپ بارغانسىرى روشەن،بارغانسىرى تېز ھەركەتلىنىۋاتاتتى،چاقى يوق تۆمۈر كارۋاتلارنىڭ پۇتى چاقچۇق يەرگە سۈركىلىپ ئىنتايىن زىل،قۇلاق مېڭىنى يېگۈدەك ئاۋاز چىقىرىۋاتاتتى،بۇ كارۋاتلار خۇددى جان كىرگەندەك ھەر تەرەپتىن ئادىلەگە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى.سانسىزلىغان كارۋات پۇتلىرىدىن چىققان ئاۋاز ئادىلەنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلىپ قوياي دېگەندى.
”    ئا.....!ئا.....!ئا“......!ھازىر ۋارقىراشتىن باشقا ئادىلە ئۆزىدىكى ۋەھىمىنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۇقمايتتى،سوغوق تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن دۈمبىسى تامغا مەھكەم چاپلاشقان بولۇپ،پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىتىرەيتتى.
    جەسەت كارۋاتلىرى ئۇنى قورشىۋالدى،تۇيۇقسىز چىققان يەنە بىر شامال كارۋاتتىكى جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە يېپىلغان رەخىتلەرنى ئۇچۇرۇپ ئېچىۋەتتى،مۇزدەك سوغوق جەسەتلەرنىڭ چىرايى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ،ھەممە جەسەتنىڭ چىرايىدا قورقۇنۇچلۇق سوغوق كۈلكە تۇراتتى،يەنە كېلىپ ئەمدى جەسەتلەرمۇ مىدىراشقا باشلىدى،7،8ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى،بەدىنى بىرلا قىيسىيىپ كارۋاتتىن چۈشۈپ كەتتى،ئاندىن بىر خىل قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە ئادىلەگە قاراپ ئۆمىلەپ كېلىشكە باشلىدى.تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئاستى يوق ئىدى!!!
    ئەگىشىپلا،تېخىمۇ نۇرغۇن جەسەتلەر قان دىدارى يوق ئاپپاق پۇتلىرىنى رۇسلاپ بىر-بىرلەپ ئورنىدىن تۇرۇشتى،بەزىلىرىنىڭ كۆزى يوق،بەزىلىرىنىڭ ئېڭىكى يوق،پەقەت ئۈستۈنكى بىر رەت ئاپپاق چىشلىرى  ھىڭگىيىپ تۇراتتى.يەنە بەزىلىرىنىڭ بېشى ياندا ساڭگىلاپ قالغان،شۇنداقتىمۇ يەنە چىرايىدىن ھېلقى قورقۇنۇچلۇق كۈلكە كەتمەيتتى.ھەممە جەسەتلەر ھېلقى ئوغۇل بالىغا ئەگىشىپ ئادىلەنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىدى،ئادىلە ھازىر قاتمۇقات قورشاۋدا قالغان بولۇپ،قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشى تېخىمۇ تۈگۈلۈپ،كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ئۆلۈمنى كۈتۈش ئىدى.
”   قۇتقۇزۇڭلا!قۇتقۇزۇڭلا“!ئادىلە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم توۋلىدى،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا،ئىشىك كۈچەپ تېپىلگەن زەربىدىن ئېچىلىپ كەتتى،بىردەمنىڭ ئىچىدە بارلىق قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈش كۆزدىن غايىپ بولدى،جەسەت كارۋاتلىرى جايىدا رەتلىك تىزىقلىق تۇراتتى،دېرىزىلەرمۇ ساق،چىراقلارمۇ يوپيورۇق،ھەممە نەرسە ئۆز پېتى،گوياكى ھىچقانداق بىر ئىش يۈز بەرمىگەندەك.
-    ئادىلە،ئادىلە-!ئاينۇر ئىشىكنىڭ كەينىدە تۈگۈلۈپ تىتىرەپ ئولتۇرغان ئادىلەنى كۆرۈپلا ئۇنى قۇچاقلىدى،ئادىلە قورقۇپ ئېسىنى يوقاتقان بولۇپ،چىرايى ئىپادىسىزلا ئىدى،بىر ھازادىن كېيىنلا ئۆزىنى قۇتقۇزغىلى كەلگەنلەرنى كۆرۈپ ئاندىن ئازراق ئېسىنى يىغدى ۋە ئاينۇرنىڭ مۈرىسگە بېشىنى قويغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ يەنە باشقىلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆردى،پاتىمە،گۈلقىز،ماھىرە ۋە ئەلقەملەر تۇراتتى،ئادىلە مەردان دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى:مەردان مەن قورقىۋاتىمەن،بۇ يەردە جىن باركەن
     ئەلقەم نېمىش قىلىشنى بىلمەي قالدى،ئۇ ئادىلەنىڭ تۇرۇپلا ئۆزىنى قۇچاقلىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى،گەرچە دوست بولسىمۇ،قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدا بۇنداق قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەستە،يەنە كېلىپ ئەلقەمنىڭ قىز دوستى ئادىلەنىڭ يېقىن دوستى ئاينۇرمۇ يېنىدا قاراپ تۇرسا،ئەلقەم قولىنى نەگە قويۇشنى بىلمەي ھودۇقتى،ھەر قانچە بولسىمۇ ئاينۇرنىڭ يۈزىچىلا ئۇنى قۇچاقلاپ يۈرسەم قاملاشماس
    ئۇ ئاستا ئادىلەنىڭ دولىسىغا يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ:بولدى،قورقماڭ،ئادىلە،ھېچ ئىش يوق-دېدى
     ياندا تۇرغان ئاينۇرنىڭ قەلبىدە ئاللىقاچان ھەسەت ئوتى لاۋۇلداپ يېنىۋاتاتتى.ھەر قانچە يېقىن دوستۇم بولسىمۇ مېنىڭ ئوغۇل دوستۇمنى قۇچاقلىسا قانداق بولىدۇ؟يەنە تېخى نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىدا،ئۇنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇشقا باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن ئارقىغا بۇرۇلۇپلا يۈگرەپ چىقىپ كەتتى.
    ئەلقەم ئادىلەنى يېتلىگىنىچە جەسەت ساقلاش ئۆيىدىن قايتىپ چىقتى،ئاينۇر ۋە باشقىلارمۇ ئادىلە بىلەن ياتاققا قايتىپ كەلدى.مەردان بولغان ئىشنى تېلفۇندا ئاڭلاپلا ماشىنا توسۇپ مېھمانخانىدىن قايتىپ كەلدى ۋە خېلى ئۇزۇنغىچە ئادىلەگە تەسەللىي بېرىپ ياخشى گەپلەرنى قىلىپ  ياتاق تاقايدىغان ۋاقىت بولغاندىلا ئادىلەنى كۆزى قىيمىغان ھالدا ياتىقىغا ئۇزىتىپ قويدى.يەنە تېخى ئاينۇرغا جېكىلەپ ئادىلەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشىنى،ھەرگىز ئۇنى يالغۇز قويماسلىقىنى ئۆتۈندى.
     بۇ كېچە ئادىلەنى توختىماي قارا بېسىپ چىقتى.ئۇ تۇرۇپلا چۆچۈپ كارۋاتتىن تۇرۇپ كېتەتتى.تۇرۇپلا چىرقىراپ ئويغىنىپ كېتەتتى.ياتاقتىكى قىزلارمۇ بىر كېچە ئۇخلىيالماي ئادىلەگە قارىدى.
     ئەتىسى ھەممەيلەن قاپاقلىرى ئىششىغان،روھسىز ھالدا ئورنىدىن تۇرۇشتى.ئاينۇر تۇرۇپ ئادىلەنى ئويغاتتى،نەچچە قېتىم چاقىرسىمۇ جىمجىت ياتقىنىنى كۆرۈپ،ئاينۇر قولىنى ئۇنىڭ پىشانىسىگە ئاپىرىۋىدى،ئادىلە ئوتتەك قىززىپ كەتكەندى،ئۇلار دەرھال مەكتەپ دوختۇرىنى چاقىرىشتى،ئادىلەنىڭ قىززىتمىسى39قا چىققاندى،دوختۇر ئادىلگە قىززىتما قايتۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇپ قويدى،يەنە بىر قانچە خىل دورىنى بېرىپ ئۇنىڭغا ئوبدان قاراڭلار دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
     چۈشتىن كېيىن ئادىلەنىڭ قىززىتمىسى ئاستا-ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى،لېكىن ئۇ يەنىلا يېرىم ھوشسىز ياتاتتى،كۈپكۈندۈزدىمۇ چىراقنى ئۆچۈرگىلى قويمىدى.ئاينۇر خاتىرجەم بولالماي چۈشتىن كېيىنمۇ دەرىسكە چىقماي ئۇنىڭغا قارىدى.
-     ئادىلە،يېقىندىن بۇيان ساڭا زادى نىمە بولدى،غەلىتىلا بولۇپ قالدىڭ،ئاخشام قانداقلارچە جەسەت ساقلاش ئۆيىگە بېرىپ قالغانسەن دەيمەن،بىزنىڭ سېنى ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى-.ئاينۇر ئادىلەنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قولىنى ئىسسىتقاچ سورىدى.
     ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئاخشام ئەسلى ئېنىقلا يىغىلىشقا بارغانتىم،لېكىن مېھمانخانا تۇرۇپلا جەسەت ساقلاش ئۆيىگە ئۆزگىرىپ قالدى،بۇلى،بۇلارنى دىيىشمەيلىچۇ،مەن يەنە قورقىۋاتىمەن-.ئادىلە يىغلامسىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
-     ماقۇل،دېيىشمەيلى،ئىشقىلىپ ئەمدى قالايمىقان خىياللارنى قىلما،بەلكىم بەزى ئىشلار سېنىڭ بەك جىق ئويلاپ كەتكىنىڭدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن،ئادەم قورققاندا كۆزىگە يوق نەرسىلەر كۆرۈنۈپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ.
-     ئاينۇر،رەھمەت ئاداش،ئەگەر ئاخشام سەن كېلىپ قۇتۇلدۇرىۋالمىغان بولساڭ بەلكىم مەن...
-    ماڭىمۇ مۇشۇنداق دەپ يۈرەمسەن،سەنچۇ باشقا نەرسىنى خىيال قىلماي،ياخشى ئارام ئېلىپ،تېزراق ساقىيىپ كەت،سەن يىقىلىپ قالساڭ ھەرگىز بولمايدۇ جۇمۇ!
-    ماقۇل-ئادىلە ئۆزىنى تولىمۇ بىچارە ھېس قىلدى،دېمسىمۇ ئۇ راستىنلا بىچارە ئىدى،ئۇ ئاينۇرنڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى.
     ئەتىسى،ئادەتتە ھەممىدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرىدىغان ئادىلە بالدۇرلا تۇرۇپ كەتتى،لېكىن باشقىلارمۇ دېيىشىۋالغاندەك تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇشتى،ئادىلە ھەيران بۇلۇپ:نېمە ھەممىڭلا تۇرۇپ كەتتىڭلارغۇ؟
     ماھىرە كىيمىنى كىيگەچ:ئادىلە،ئۇنتۇپ قالدىڭما؟بۈگۈن ئاناتومىيە دەرىسىدە تەجىربە ئىشلەيمىز ئەمەسمۇ،كېچىكىپ قالساق نومۇر تۇتىدۇ.
-     ئاناتومىيە-بۇنى ئاڭلاپ ئادىلە تىتىرەپ كەتتى،لېكىن بۇنداق مۇھىم دەرىسكە بارماي بولمايدۇ،بۇنداق ئەمەلىي تەجىربە ئىشلەيدىغان پۇرسەت كۈندە كېلىۋەرمەيدۇدە!شۇلارنى ئويلىغاچ ئادىلە پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىز بولسىمۇ ئاستا كىيىنىشكە باشلىدى.
-     ئادىلە،سەن ئەڭ ياخشىسى بارمىغىن!تېنىڭ ئاجىز بولغاندىكىن ياتاقتا ئارام ئال-ئاينۇر ئادىلەگە نەسىھەت قىلدى.
-   ياق،بولمايدۇ،بۈگۈن ئۆتۈپ كەتسە،كېيىنكى قېتىملىق تەجىربىنىڭ قاچان كېلىدىغىنىنى كىم بىلىدۇ؟مەن چوقۇم بارىمەن-ئادىلە چىڭ تۇرىۋالدى.
-     راست چاتاق يوقما؟ئەگەر ياخشى بوپ بولالمىغان بولساڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭنى زورلىما-ئاينۇر يۈزىنى يۇغاچ دېدى.
-     خاتىرجەم بول،ۇاخشى بوپ قالدىم-ئادىلەمۇ كىيىنىپ بولۇپ سۇخانىغا كىردى.

-    ساۋاقداشلار،بۇ سىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم تەجىربىخانىغا كېلىشىڭلار،بۇنچە كۆپ جەسەتنى كۆرۈپ بەلكىم جىددىيلىشىۋاتقانسىلەر،بىراق ،بىز دىگەن تىببىي خادىملار،ماتىريالىزىملىق قاراشتا تۇرۇپ،كەيپىياتىڭلارنى توغىرلاپ،ئۆزۈڭلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغۇچى ئاق خالاتلىق پەرىشتە ئىكەنلىكىڭلارنى ئېسىڭلاردىن چىقارمىساڭلارلا،ئۆزۈڭلاردىكى قورقۇنۇچنى يېڭەلەيسىلەر.بۈگۈن تۇنجى سائەت دەرس،بۈگۈنكى مەقسەت ئادەم ئورگانىزىملىرىنىڭ جايلىشىشى بىلەن تونۇشۇش،ئۈچ ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇڭلار،بىر گۇرۇپپا بىر جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرىسىلەر،مەن ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ مەشغۇلاتىنى تەكشۈرىمەن ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن نومۇر قويىمەن.بولدى،ئارتۇق گەپنى قويۇپ،كۆپچىلىك تەجىربە سايمانلىرىنى تەييارلاڭلار،ئۇندىن كېيىن باشلايمىز-شۇلارنى دەپ بولۇپ ئالىم پىروفىسور ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈشكە باشلىدى.
      ئادىلە،گۈلقىز،ئەلقەم بىر گۇرۇپپا بولدى،پاتىمە ئاينۇر،ماھىرەلەر بىر گۇرۇپ بولدى،ھەممەيلەن تەق بولۇپ،قورقۇنۇچلۇق يېرىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلاندى.
      قىزلار ئوغۇللارنىڭ كەينىدە تۇرۇۋالغان،ئوغۇللار ئاستا ئاق لاتىنى قايرىدى.باياتتىن بېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان زال بىردىنلا جىمجىت بولۇپ قالدى.ھەممەيلەن نەپەس ئالماستىن ئاق لاتىغا تىكىلىپ تۇراتتى.ئەلقەم لاتىنى تارتىپ ئېلىۋەتتى،شۇ ھامان قىپيالىڭاچ بىر ياش ئايالنىڭ جەسىتى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.
      بۇ ئايالنىڭ چاچلىرى ئوتتۇرھال،كوزلىرى چوڭ،قاڭشارلىق ئىدى،لېكىن سول يۈزى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ مەڭىز سۆڭىكى ئىككى-ئۈچ سانتىمىترسۈرۈلۈپ كەتكەندى،سول يۈزى تونۇغۇسىز بولۇپ،سۆڭەكلىرى تېرىسىنى تېشىپ چىقىپ قالغاندى.قارىماققا ئىغىر بىر ھادىسىدە قازا قىلغاندەك كۆرۈنەتتى.بەدىنى بولسا ئازراق سېمىز بولۇپ،ئىككى كۆكسى تىككىدە،ھايات چېغىدا قاملاشقان ئايالدەك قىلاتتى.
      ئالىم پروفىسور جىمجىتلا ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ كەينىگە بىردىن ئەخلەت چېلىكى قويۇپ قويغان بولۇپ،دەرۋەقە ھازىر ئەسقاتتى،ئادىلە جەسەتنىڭ يۈزىنى كۆرۈپلا ،ئىچ-باغرى قوچۇلغاندەك بولۇپ،بۇرۇلۇپلا ئەخلەت چېلىكىگە ھۆ قىدى.
      گۈلىقىزغا ئەسلى ھېچقانداق تۇيۇلمىغان،ئادىلەنىڭ ھۆ قىلغىننى كۆرۈپلا ئۇمۇ چېلەككە ئېڭىشتى.
     ئون گۇرۇپپىدىن ئالتە-يەتتە گۇرۇپپىنىڭ چېلىكى قۇرۇق قالمىدى.
     ئالىم پروفىسور ھېچ ئىش بولمىغاندەك تەمكىن ھالدا:ئەمدىغۇ كۆپچىلىكنى ناشتا قىلماي كېلىشكە بۇيرۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەنسىلەر،لېكىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلا،تىرىشىپ ماسلىشىشىنى ئۆگىنىۋېلىڭلا،قېنى داۋاملاشتۇرۇڭلا.
     ئەلقەم ئادىلەنىڭ توختىماسىتىن ھۆ قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ،يانچۇقىدىن قەغەز قولياغلىقنى ئېلىپ ئۇنڭىغا سۇندى:باشقا چاتاق يوقتۇ؟
     ئادىلە:ھېچ ئىش يوق دېگىنىچە قەغەزنى ئېلىپ ئېغىزىنى سۈرىتىۋېتىپ،جەسەتنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.
     باياتتىن بېرى بۇياققا دىققەت قىلىپ تۇرغان ئاينۇر بۇنى كۆرۈپ،قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
     ئەلقەم ئوپىراتسىيە پىچىقىنى قولىغا ئېلىپ پىچاقنى جەسەتنىڭ كۆكرىكى ئۈستىگە توغىرلىدى،لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ قول سالالمىدى،ئالىم پروفىسور كېلىپ قاپىقىنى تۈرۈپ:نېمىشقا كەسمەيسە؟ئىش قىلغاندا كەسكىن بولغۇلۇق،بولۇپمۇ ئوپىراتسىيە قىلغاندا،ھەرگىز ئارسالدى بولۇشقا بولمايدۇ،بولمىسا،ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ،بىمار ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن،چۈشەندىڭمۇ؟بولە،تېز باشلا،سەن قىلىپ بولغاندىن كېين ئادىلە قىلسۇن!
     ئەلقەمنىڭ پىشانىسىدىن تەر قۇيۇلدى،چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ پىچاقنى جەسەتنىڭ بەدىنىگە پاتۇردى،گارت قىلغان ئاۋاز بىلەن پىچاق بىسى توسالغۇسىزلا ئايالنىڭ كۆكرىكىگە كىرىپ كەتتى،ئەلقەم تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن پىچاقنى تۆۋەنگە سىيرىدى،پىچاق كېسىپ ئۆتكەن جايدىن قاپقارا قان ئېقىپ چىقىپ جەسەتنىڭ ئاپپاق تېرىسىنى بويلاپ تۆۋەنگە ئېقىشقا باشلىدى.
     ئادىلە قورقۇپ تۇرسىمۇ،ئۆزىنى قورساقنى يارغاندىكى مەنزىرىنى تەپسىلىي كۆرۈشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى،چوقۇم ئۆزۈمدىكى قورقۇنۇچنى يېڭىشىم كېرەك،مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىر لاياقەتلىك تاشقى كېسەل دوختۇرى بولالايمەن.لېكىن ئادەمنىڭ ئىددىيىسىنى قانداقمۇ كونترول قىلغىلى بولسۇن،سەزمەستىنلا ئادىلەنىڭ كاللىسىغا مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن قورقۇنۇچكۇق مەنزىرىلەر كېلىۋالدى.ھېلىقى تۈۋرۈكنىڭ كەينىدىكى ئايال،ھېلقى بېلىنىڭ تۆۋىنى يوق بالا،مېھمانخانىنىڭ كارىدورىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن موماي،ئاپتوبۇستىكى غەلىتە ئايال...
     بۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈشلەر چۈمۈلىدەك ئۇنىڭ مېڭىسىنى غاجىلىماقتا،ئۆزىگە قاراپ ھىجايماقتا،زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۆزىگە قاراپ كەلمەكتە،ۋەھىمىلىك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكمەكتە،قوللىرىنى ئۇنىڭ چاچلىرى ئارىسىغا تىقىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇڭدىماقتا.ئۇنى ئازاپلىماقتا.
-     سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟-ئالىم پروفىسور قولى بىلەن ئادىلەنىڭ پىشانىسىنى چىڭ بېسىپ تۇردى،ئۇ مۇشۇنداق قىلسا قورقۇپ كەتكەن ئادەمنى تىنىچلاندۇرغىلى بولىدىغىنىنى بىلەتتى.چۈنكى مېڭە ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسى،بىرەب نەرسە مېڭىنى توسۇپ تۇرغاندا ئادەم ئاڭسىز ھالدا ئۆزىنى قوغداشقا ئېرىشتىم دەپ قارايدۇ.دېگەندەك ئادىلە ئاستا-ئاستا تىنىچلىنىپ قالدى،نەپەس ئېلىشىمۇ نورماللاشتى-رەھمەت ياخشى بولۇپ قالدىم-دېدى ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ.




6-بۆلەك

ئاناتومىيە دەرسى




ئەلقەمنىڭ پىچاق تۇتقان قوللىرى تىتىرەيتتى،ئەلقەمنىڭ چىرايى جىددىي تۈسكە كىرگەن بولۇپ،ئىچىدىكى قورقۇنۇچ ۋە يىرگىنىشنى زورىغا بېسىپ تۇرىۋاتاتتى.ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ پىچاقنى تۆۋەنگە قارىتىپ سىيرىشقا باشلىدى،كېسىلگەن جايلاردىن تېخىمۇ كۆپ قان ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى،ئايالنىڭ بەدىنىمۇخۇددى سېيرتمىسى ئېچىۋېتىلگەن كىيىمگە ئوخشاش،كۆكسى ئىككى تەرەپكە ساڭگىلاپ قالدى،قورساقنىڭ ئىچىدىكى بىر يېرى ئاق،بىر يېرى قىزىل گۆشمۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.
     ئادىلە سۇدىن سۈزۈۋېلىنغان قۇشتەك توختىماي لاغىلداپ تىتىرەيتتى،شۇنداقتىمۇ كۆزىنى ئۈزمەي ئەلقەمنىڭ قىلغىنىغا قاراپ تۇراتتى،ئايال جەسەتنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئاستا-ئاستا كۆرۈنمەكتە ئىدى،ئالدى بىلەن جىگەر،ئۇنىڭدىن كېيىن يۈرەك،ئاشقازان...
-    ئەگەر ئۇنىڭ سېزىمى بولسا چوقۇم بەك ئاغرىيدىغاندۇ ھە؟بۇ ئايال ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بىر كۈنلىرى قىپيالىڭاچ ھالدا بىر توپ ئادەمنىڭ ئالدىدا قورسىقىنىڭ يېرىپ تاشلىنىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتى!ھەي...نېمىدىگەن بىچارە-ئادىلە مۇشۇلارنى ئويلىغاچ بۇ جەسەتكە ئازراق ئىچى ئاغرىپ قالدى،قەلبىدە ئازاپقا ئوخشاش بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى.
-    ئەلقەم،سەن باتۇرلۇق بىلەن تۇنجى قەدەمنى باستىڭ،يارايسەن!ئەمدى ئادىلە جەسەتنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئالسۇن-ئالىم پروفىسور بىر ياندا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.
-    مۇئەللىم...مەن-...ئادىلە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي تۇرۇپ قالدى،ئۇنىڭچە قورساقنىڭ يېرىلغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇشمۇ ناھايتى چوڭ ئىش ئىدى،ھەتتاكى ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىگە چىققاندى،ئەمدىلىكتە ئۇنى جەسەتنىڭ ئۈچەي-بېغىرلىرىنى ئال دېسە بۇ ئۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتى.
-    ئادىلە سىزنىڭ نەزەرىيە دەرىسىدىكى نەتىجىڭىزئىزچىل ناھايتى ياخشى بولۇپ كەلدى،لېكىن،ئەمەلىي تەجىربە نەزەرىيەدىن مۇھىم،سىز چوقۇم قەلبىڭىزدىكى توسالغۇنى يېڭىپ،ئەمەلىيەتكە ماسلىشىشىڭىز كېرەك،بۇ سىزنىڭ بىر لاياقەتلىك تاشقى كېسەل دوختۇرى بولۇپ چىقىشىڭىزدىكى تۇنجى قەدەم،يەنە كېلىپ ئەڭ مۇھىم بىر قەدەم!ئەگەر سىز بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا،يېرىم مۇۋەپەققىيەت قازاندىىڭز دېگەن سۆز،مەن سىزگە ئىشىنىمەن،سىز چوقۇم بۇنى قىلالايسىز،باتۇرراق بولۇڭ،قېنى باشلاڭ-!ئالىم پروفىسور ئادىلەنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويدى.
    ئادىلە مەجبۇرىي قونداققا چىقىرىپ قويۇلغان ئۆردەكتەك،تىتىرەپ تۇرۇپ ئەلقەمنىڭ قولىدىكى ئوپىراتسىيە پىچىقىنى ئېلىپ،قورسىقى يېرىلغان جەسەتنىڭ ئالدىغا كەلدى،جەسەتكە بىرلا قارىدىيۇ،قارا،سېرىق،قىزىل،ئاق رەڭگارەڭ ئىچكى ئەزالارنى كۆرۈپ،يەنە كۆڭلى ئاينىدى،لېكىن پروفىسورنىڭ دېگىنى توغرا،ئەگەر مۇشۇ تۇنجى قېتىم جۈئەر قىلالمىسام،بەلكىم ئەمدى بىر ئۆمۈر جۈئەت قىلالماسلىقىم مۇمكىن.شۇلارنى ئويلاپلا،ئادىلە لېۋىنى چىشلىگىنىچە قولىنى جەسەتنىڭ قورساق بوشلۇقىغا تىقتى،قولى تېگىشى بىلەنلا،مۇزدەك بىر سېزىم ئۇنىڭ قولىدىن ۋۇجۇدىغا تارقالدى،ئۇ گويا قولىنى مۇزدەك لايغا تىققانغا ئوخشايتتى،ئۇنىڭ ۋۇجۇدى مۇزلاشقا باشلىدى.
-    ئالدى بىلەن جىگەرنى ئېلىڭ-ئالىم پروفىسور ياندا تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى.
    ئادىلەنىڭ كاللىسدا ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى پەيدا بولدى،خاتىرسىگە ئاساسەن ئۇ جىگەرنىڭ ئورنىنى ئىزدەۋاتاتتى،بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن،ئۇ پىچاقنى يېنىكلا سۈردى،قان تېمىپ تۇرغان جىگەر جەسەتنىڭ قورساق بوشلۇقىدىن ئايرىلدى،ئادىلە جىگەرنى ئالدى،كۆزلىرى ۋەھىمە بىلەن قولىدىكى جىگەرگە قارىدى،ئاندىن ئۇنى ئاۋايلاپ ياندىكى ئوپىراتسىيە تەخسىسىگە سالدى.
-    ئەمدى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېلىڭ-ئالىم پروفىسور ئۇنىڭغا دەم ئالغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەي يەنە بۇيرۇق چۈشۈردى.
    ئادىلە ئىختىيارسىز جەسەتنىڭ چىرايىغا قارىدى،جەسەت ھىچقانداق ئىپادىسىز جىمجىت ياتاتتى،خۇددى ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك.
    ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا......
    تۇيۇقسىز،ئادىلە ئۇنىڭ قاشلىرىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرىغىنىنى كۆردى.لېكىن ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ قايتا قارىغىنىدا،ھەممە ئۆز ئەسلىگە قايتتى.ئادىلە يەنە خىيالىم ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغىنىچە قان ۋە ماي يۇقى قولىنى ئايالنىڭ قورسىقىغا تىقتى.بۇ قېتىم ئۇ يۈرەكنى ئېلىشى كېرەك.نېمىدىگەن ۋەھشى.
-    ئاچا،ھەرگىز مەندىن ئاغرىنماڭ،مېنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇم يوقتى،ھەرگىز مەندىن ئاغرىنماڭ،ھازىر يۈرىكىڭىزنى ئالغان بىلەن،بىردەمدىن كېيىنلا جايىغا سېلىپ قويىمەن،ماقۇلمۇ؟-ئادىلە ئىچىدە شۇلارنى دېگەچ قولىنى يۈرەككە ئۇزارتتى.لېكىن ئۇنىڭ قولى مۇزدەك يۈرەككە تېگىشى بىلەن،ئىشەنگۈسىز بىر ئىشنى بايقىدى،قولىنىڭ ئالقىنى يېنىك تەۋرىنىشنى ھېس قىلدى،توغرا،ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇۋاتاتتى!!!
-   ئا-!!!ئادىلە جېنىنىڭ بېرىچە ۋارقىرىغىنىچە،قولىنى تارتتى،لېكىن تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى،ئۇنىڭ قولى خۇددى چاپلىشىپ قالغاندەك،ھەر قانچە تارتىپمۇ چىقىرالمىدى!
    ئادىلەنىڭ چىقىرىغىنىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن ئۇنڭىغا قارىدى،ئالىم پروفىسور:-جىددىيلەشمەڭ،ئۆزىڭىزنى تۇتۋېلىڭ!ئادىلە تىنىچلىنىڭ!
    ئادىلە ھازىر قانداقمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالىسۇن،ئۇ ساراڭلاردەك قولىنى كەينىگە تارتاتتى،سەكرەيتتى،لېكىن قولى خۇددى ئاشۇ يۈرەك بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك قانچە قىلىپمۇ تارتىپ چىقىرالمايتتى،ئەجىبا بۇ ئايال باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قەستەن ئۇنى قورقۇتىۋاتامدىغاندۇ؟
      ئادىلە توك سوققاندەك،ۋارقىرايتتى،سەكرەيتتى،جىددىيلىشىپ كەتكىنىدىن،بارماقلىرى جەسەتنىڭ يۈرىكىگە چوڭقۇر پېتىپ كەتكەندى.
    ئادىلە ۋارقىراپ يىغلاۋاتاتتى-مەن قولۇمنى چىقىرالمىدىم!قولۇمنى تارتالمىدىم-ئەلقەم ئەھۋالنىڭ جىددىيلىگىنى كۆرۈپ بىر قولىدا ئادىلەنىڭ قولىنى تۇتۇپ،بىر قولىدا جەسەتنىڭ مەيدىسىنى بېسىپ تۇرۇپ،ئادىلەنىڭ قولىنى كۈچەپ تارتتى،ئۇف،ئادىلەنىڭ قولى ئاخىرى تارتىپ چىقىرىلدى،لېكىن،جەسەتمۇ مەلۇم كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدى.قورسىقىدىكى ئۈچەي-باغرىنىڭ يېرىمى سىرتقا ساڭگىلاپ چىقىپ قالدى،يېرىلغان قورسىقى دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتىدەك ئېچىلىپ قالدى،ئىچكى ئەزالىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.تېخىمۇ غەلىتە يېرى،جەسەتنىڭ ئەسلى يۇمۇق تۇرغان كۆزلىرىمۇ تۇيۇقسىز لاپپىدە ئېچىلدى،قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرىدىن ۋەھىمە ياغاتتى.
    بۇنى كۆرۈپ ئەزەلدىن ئېغىر-بېسىق ئالىم پروفىسورمۇ قورققىنىدىن كەينىگە نەچچە قەدەم چېكىندى.
-   ئا-!!!بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قىز-ئوغۇل ھەممە ئوقۇغۇچىلار تەڭلا ۋارقىرىشىپ كەينىگە قېچىشقا باشلىدى.لېكىن پەقەت بىرلا ئادەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىپادىسىز تۇراتتى،ئۇ دەل ئاينۇر ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىدا باشقا بىر ئىشنى ئويلاۋاتقان بولۇپ،بۇ يەردە بولىۋاتقان ئىشلار ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى.
     ئادىلە قورققىنىدىن كەينىگە يانغىنىچە يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى،لېكىن مۇشۇ ۋاقىتتا،ئۇ ئۆزىنىڭ قولىدا بارماقلىرى پېتىپ كەتكەن بىر يۈرەكنى كۆردى!بەش بارمىقى يۈرەكنى تېشىپ كىرگەن بولۇپ،مىلچلاپ تۇراتتى،ئۇ قولىنى تارتقىچە جەسەتنىڭ يۈرىگىنىمۇ يۇلۇپ چىققاندى،ئادىلە جېنىنىڭ بارىچە قولىنى شىلتىدى،يۈرەك ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ يۇمىلىغىنىچە ئاينۇرنىڭ پۇتىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى.
-    جىددىيلەشمەڭلار!جىددىيلەشمەڭلار!بۇ بىر تاساددىبىيلىق-ئالىم پروفىسور قورقۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى تىنىچلاندۇرغاچ،يەردە ئولتۇرغان ئادىلەنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.
-    ئادىلە،سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟-ياندا تۇرغان ئەلقەم سورىدى.
-    قولۇم...مېنىڭ قولۇم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ-دېدى ئادىلە بۇرنىنى تارتىقىنىچە.
    ئەلقەم قارىۋىدى،ئادىلەنىڭ سول قولىنىڭ دۈمبىسنى بايا تارتىپ چىقارغۇچە جەسەتنىڭ ئۇچلۇق سۆڭىكى تىلىۋەتكەن بولۇپ،ئېچىلىپ قالغان يارا ئېغىزىدىن قان ئېقىۋاتاتتى.ئەلقەم جىددىيلەشكىنىچە يانچۇقىدىن پىلاستىر چىقىرىپ،ئادىلەنىڭ قولىنى سۈرۈتىۋېتىپ،ئەستايىدىللىق بىلەن تېڭىپ قويدى.
    بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئاينۇر ئوغۇل دوستىنىڭ ئادىلەگە بۇ قەدەر كۆيۈنۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ چىشلىرى كىرىشتى،ئۇ ھەممەيلەننى ھەيرانلىق ئىچىدە قالدۇرۇپ،ئېڭىشىپ ئايىقى ئاستىدىكى ھېلقى يۈرەكنى تېرىپ ئالدى،ئاندىن ئۇنى ئوپىراتسىيە تەخسىسىگە قويدى،ئاندىن،ئاندىن ئۇ كىشىنى ساراڭ قىلىۋەتكۈدەك بىر ئىشنى قىلدى،ئاينۇر ئوپىراتسىيە پىچىقىنى يۈرەككە تىقىپ ئۇنى ئىككى پارچە قىلدى،ئاندىن بىر پارچىسىنى بېسىپ تۇرۇپ توغراشقا باشلىدى!
-   ئاينۇر،نېمىش قىلىۋاتىسىز-ئالىم پروفىسورئاينۇرنىڭ بۇ غەلىتە قىلىقىنى كۆرۈپ،تەئەججۈپلىنىپ سورىدى.
-    ھېچنىمە قىلمىدىم،يۈرەك توغراۋاتىمەن شۇ،بىز ئۆيدە تاماق ئەتكەندە دائىم قوينىڭ يۈرىكىنى مۇشۇنداق بىر پارچە-بىر پارچە قىلىپ توغرىۋېلىپ،ئاندىن مايدا قورۇيتتۇق،ئاندىن ئۈستىگە ئازراق تۇز،دورا-دەرمەك سېلىۋېتىمىز،شۇنداق قىلغاندا ئىنتايىن مەززلىك بولىدۇ،سىلەر بىلمەيسىلە،مەن يۈرەككە بەك ئامراق،بەك مەززلىك،سىلەرمۇ يەمسىلەر-ئاينۇر ئىپادىسىزلا شۇنداق دەۋەتاتتى.
-    قولىڭىزنى تارتىڭ!بۇ دېگەن ئادەمنىڭ يۈرىكى،سىز جەسەتنى بۇنداق خارلىسىڭىز بولمايدۇ-!ئالىم پروفىسور غەززەپلىنىپ ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالدى،بۇنى كۆرۈپ ئاينۇر ئوپراتسىيە تەخسىسىنى قولىغا ئېلىپ،توغرالغان يۈرەكنى يەرگە چېچىۋەتتى،ئاندىن پروفىسور ۋە ئەلقەمگە ئالىيىپ قويۇپ،دىمىقىنى قاققىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ يۈگرەپ چىقىپ كەتتى.
-    ئاينۇر،ئاينۇر-ئەلقەممۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
    ئالىم پروفسور بېشىنى چايقىغىنىچە ئېغىر تىنىپ قويدى،ئوننەچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئۇ بۇنداق ئىشقا ئەزەلدىن ئۇچىراپ باقمىغان ئىدى.بولۇپمۇ ئاينۇرنىڭ قىلغان قىلىقى،ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا مەسلە بارمۇ قانداق؟ئالىم پروفىسور ئولتۇرۇپ قالغان جەسەتنى ئاستا تۈزلەپ ياتقۇزۇپ قويدى.ئۇنڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويدى.
-    نېمىدىگەن قوقۇنۇچلۇق،ئۆلۈكنىڭ كۆزى قانداقسىگە ئېچىلىپ قالىدۇ؟-بىر توپ قورقۇپ كەتكەن قىزلار ئىچىدە گۇدۇڭشىۋاتاتى.
    ھەممەيلەننىڭ قورقۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ،ئالىم پروفىسور چۈشەندۈردى-:كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن قورقۇپ كەتمەڭلار،ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بەدەندە مەلۇم مىقداردا ئېلىكتىر ئېقىمى ساقلىنىدۇ،سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاندا بۇ ئېلىكتىر ئېقىمى نېرىۋىنى غىدىقلاپ،بايىقىدەك ئىنكاس پەيدا بولىدۇ،قارىماققا قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىلىم-پەندىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ،شۇڭا كۆپچىلىك ئالاقزادە بولماي،داۋاملىق تەجىربە ئىشلەڭلار.
-    ئاينۇر،توختاڭ،سىزگە زادى نېمە بولدى؟-تەجىربە بىناسىنىڭ ئالدىدا ئەلقەم ئاخىر ئاينۇرغا يېتىشىۋالدى ۋە ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ توختاتتى.
-     قويىۋەت-!ئاينۇر ۋارقىراپ،قولىنى شىلتىدى.
-   سىزگە نېمە بولدى؟بايا نىمانداق غەلىتە قىلىقلارنى قىلىسىز؟ئۆلۈككە ئۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بولمايدۇ،بىلەمسىز؟
-    مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،بېرىپ ئادىلەگە كۆڭۈل بۆلىۋېلىڭ!
-   نېمە دەۋاتىسىز؟يەنە كونا كېسىلىڭىز تۇتقان ئوخشىمامدۇ؟ئادىلە دېگەن سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىز،شۇنداقلا مېنىڭمۇ دوستۇم،ئۇنىڭ قولى يارلىنىپتۇ،مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تېڭىپ قويدۇم،بۇ ناھايتى نورمال ئىشقۇ؟
-   شۇنداق،مېنىڭ كېسىلىم تۇتتى،مېنىڭ ئىچىم تار،مەن يوق يەردىن جېدەل چىقىرىۋاتىمەن،مەن بىنورمال،مەن ساراڭ،بولدىمۇ؟
-   ئاينۇر،سوغوققان بولسىڭىز قانداق؟ئارتۇقچە ھاياجانلانماڭ،سىز نېمىشقا دائىم مەندىن گۇمانلىنىسىز دەيمە؟ئالدىنقى قېتىم تۇرسىنئاينىڭ ئىشىغىمۇ تېخى ئۇزاق بولمىدى،سىز يەنە...ھەي،بولدىلا،سىزگە گەپ قىلساممۇ پايدىسى يوق-ئەلقەم قولىنى بېشىغا قويۇپ چېچىنى يۇلدى.
-    ئەلقەم،تېخى سىز دېمىسىڭىز مەن ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن،سىزدىن سوراي،نېمىشقا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇرسىنئاينىڭ مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلپ كەتتى؟بۇ ئىشنى سىز مەن ۋە ئادىلەلا بىلىدىغان تۇرسا،ئادىلە ئالدىراپ باشقىلارغا گەپ توشۇمايدۇ،مېنىمۇ ھەرگىز سېتىۋەتمەيدۇ،شۇنداق تۇرۇپ ھەجەپ باشقىلا بۇ ئىشنى بىلىپ كېتىپتا؟
-    نېمە دەۋاتىسىز؟سىزنىڭچە مەن بۇ ئىشنى خەققە يېيىۋېتىپتىمەندە؟ھەي ئاينۇر،ھەي ئاينۇر،كاللىڭىزدىن ئاداشقىلى تۇردىڭىزمۇ قانداق؟ئەمدى قوپۇپ مەندىن گۇمانلانغىلى تۇردىڭىزما؟مەن ئەلقەم ئەمدى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۆز مۇھەببىتىنى سېتىۋېتىدىغان دەرىجىدە رەزىللىشىپ كېتىپتىمەندە؟
-    ھەر كىمنىڭ قىلغىنى كۆڭلىگە ئايان،سىز ھازىر ئادىلە ئادىلەلا دەيدىغان بولدىڭىز،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ماڭا شۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇۋالدىڭىز،مەنمۇ ئادەم،مەندىمۇ كاللا بار،ھېسىييات بار،كۈندە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرسەم ھېچنىمىنى بىلمەمدىكىن دەپ قالماڭ،ماڭا بولغان مۇئامىلىڭىزنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن
-    سىز ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىز،مەندىن قالايمىقان گۇمانلانماڭ بولامدۇ؟
-   مەن ئارتۇق ئويلاپ كېتىپتىمەنما؟ئېيتىڭە،سىزنىڭچە مەن ساراڭما؟توغرا،تۇرسىنئاي مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۆلۈپ كەتتى،لېكىن مەنمۇ ئازاپلاندىم،ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كەلدىم،سىزدىنمۇ ئەپۇ سورىدىم،سىز نېمىشقا بۇ ئىشنى بولدى قىلمايسىز،سىز ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن بىئارام بولسىڭىز مەن بەك خوشال بولغان ئوخشىمامدىمەن؟ھازىر ھەممىسى بۇ ئىشنى بىلىپ كەتتى،ھەممەيلەن كەينىمدىن مېنى ئىچى زەھەر دەپ تىللاۋاتىدۇ،ھېچكىم ماڭا گەپ قىلمايدۇ،مېنى كۆرسە قاچىدۇ،سىزنىڭچە مەن ئازاپلانماپتىمەنما؟مەن مۇشۇنداق كۈندە يۈسەم سىز ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ باقتىڭىزمۇ؟لېكىن ئادىلەنىڭ قولى كىچىككىنە زەخمىلەنگەنگە سىز جىددىيلىشىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالدىڭىز،سىزنىڭچە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ئېيتىڭە مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرسەم،شۇنچە سۆيسەم،سىز نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟نېمىشقا؟-سۆزلىگەنسىرى ئاينۇرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ،كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلدى.
-    سىزنڭچە.......سىزنىڭچە مەن ئادىلە بىلەن يۈرىۋېلىش ئۈچۈن قەستەن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى خەققە دەپتىمەندە؟قەستەن سىزنىڭ ئابرويىڭىزنى تۆكۈپتىمەندە؟
-    ئۇنى مەن بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ،دېگەن دېمىگىنىڭىز ئۆزىڭىزگە ئايان
-   ماقۇل،ئاينۇر،سىز يامانكەنسىز،مەيلى،سىز مۇشۇنداق جېدەل قىلىۋېرىڭ،ئاخىرغا بېرىپ ئاسماننى ئۆرۈۋېتەرسىز يامان بولسىڭىز-ئۆزىنى باسالمىغان ئەلقەم ئىچىدىكىنى دەۋېتىپ،ئاينۇرنى قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
     بۇ يەردە ئاينۇرلا قالدى،ئۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ،تىرناقلىرى بىلەن يەرنى تاتلايتتى،بىردەمدىلا يەر قانغا بويالدى،ئاينۇر بولسا ھېچنىمىنى سەزمەستىن يىغلاۋاتاتتى.




7-بۆلەك

ئەرۋاھ كۈتۈپخانىسى



بۈگۈن پۈتۈن  كەچلىك مۇزاكىرىدە ئاينۇرنىڭ خىيالى زادىلا جايىدا بولمىدى،ھېلىدىن-ھېلىغا دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرغان ئەلقەمگە قارايتتى،ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇسى كېلەتتى،لېكىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىشنى خالىمايتتى،بۇرۇنلاردا ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ چوقۇم ئالدىن كېلىپ ئاينۇردىن ئەپۇ سورايتتى،تۇيۇقسىزلا ئۆزى ئېغىز ئاچاي دېسە،ئۇنىڭ يۈزى يول قويمايتتى.
     ئاخىرى بولماي،مۇزاكىرىدىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ئاينۇر يوللىيالماي تۇتۇپ ئولتۇرغان ئۇچۇرنى ئەلقەمگە يوللىۋەتتى-:ئەلقەم،مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ماڭماي تۇرۇڭ،بىز پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
     لېكىن ئەلقەم،نەرسىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ،دوستلىرى بىلەن چىقىپ كەتتى،ئاينۇرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە،ھەتتا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى.ئاينۇرنىڭ تۇرۇپلا غەززىپ ئۆرلىدى،ئىچىدە:مەن يۈزۈمنى قايرىپ قويۇپ ساڭا يالۋۇرسام،مېنى قېتىڭغا ئىلىپمۇ قويمايسىنا،ئۆزۈڭچە مەن بەك قاملاشقان،مەن نېمە دېسەم شۇ بولىدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسەن!
    سىنىپتىلەر چىقىپ كېتىشتى،پەقەت ئادىلەلا ئارقىدا ئولتۇراتتى،ئۇ ئاينۇرنىڭ جىمجىت ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ:ئاداش،ياتاققا قايتمامسەن؟ماڭە بىللە چىقىپ كېتىلى-دېدى.
    ھازىر ئاينۇر ئادىلەدىنمۇ بىزارلىق ھېس قىلىشقا باشلىدى ۋە سوغوقلا:مەن يەنە بىردەم ئولتۇرىمەن،سەن ئۆزۈڭ چىكىتىۋەر!
    ئادىلە ئۇنىڭ كەيپىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ:نېمە بولدى؟تېخىچە ئالىم پروفىسوردىن خاپا بولۇۋاتامسەن؟-دەپ سورىدى.
-   ياق،ئۇنىڭغا ئەمەس،بولدى سوراۋەرمىگىنە،سەن مېڭىۋېرە-ئاينۇرنىڭ چىشى قېيىشىپ قوشۇمىسىنى تۈردى،لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ باشقا گەپ قىلمىدى.
      ئاينۇر بۇنداق دېگەندىن كېيىن،ئادىلەمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي قايتىپ ماڭدى،ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا:سەنمۇ بەك كەچ قالماي ياتاققا بالدۇراق قايت-دەپ جېكىلەپ قويدى.
     ئادىلەمۇ چىقىپ كەتتى،چوڭ سىنىپتا يالغۇز ئاينۇرلا قالدى،ئاينۇر ئۆيلىغانسىرى ئاچچىقى كېلەتتى،ئۇ پۈتۈن بىر كەچلىك مۇزاكىرىدە ئەلقەمگە قاراپ ئولتۇردى ئەلقەم بولسا بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي مەشىق دەپتىرىگە بىر نېمىلەرنى يېزىپ ئولتۇردى،ئۇ زادى نېمىلەرنى يازدىكىنە؟
     قىززىقىشىغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن،ئۇ ئەلقەمنىڭ ئورنىغا بېرىپ،ئۇنىڭ تارتمىسىدىن ھېلقى مەشىق دەپتىرىنى ئالدى،ئېچىپ قارىۋىدى،ئۇنىڭدا توشقىچە ئىسىملا يېزىلغان ئىدى:ئادىلە،ئاينۇر،ئادىلە،ئاينۇر......
     ئاينۇر غەززىپىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۇپ ئىسىملارنى ساناپ چىقتى،ئادىلە دېگەن ئىسىم52قېتىم،ئاينۇر50قېتىم يېزىلغاندى.ئاينۇر ئۆزىنى ئۇتتۇرىۋەتكەندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى،ئۇنىڭ ئىسمى ئىككى قېتىم كام يېزىلغان ئىدى.
-     ئەلقەم،مەن تېخى ئۆزۈمنى جىق ئويلاپ كەتكەن ئوخشايمەن دەپ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن،مانا پاكىت،ئەسلى مەن قارىسىغا گۇمانلانماپتىمەن،بەلكى سەن ئادىلەنى مەن بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپسەن،تېخى ئۇنى ئورنى مېنىڭكىدن يۇقىرىكەن.
      ئۇنىڭ كۆزى يەنە نەملەشتى،ئۇ ئۈستەلگە غەززەپ بىلەن مۇشتلىدى ۋە كۆز يېشىنى زورىغا بېسىۋېلىپ:ياق!بۇنداقلا ئۇتتۇرغىنىمغا تەن بەرمەيمەن،يىغلىمايمەن-دەپ ئويلىدى.
      ئاينۇر بىر خىل غەززەپ،خىيال بىلەن سىنىپتىن چىقتى،كاللىسىدا بايىقى ئىسىم يېزىلغان دەپتەرلا بار ئىدى،ئۇ ھەتتا ئەلقەمنىڭ ئادىلەنىڭ ئىسمىنى يازغاندىكى كۈلكىسىنى ئويلاپ ئۈلگۈردى.ماڭغىنىچە ئۇ ياتاققا قايتىدىغان چىغىر يولغا كەلدى،كېچە قاپقاراڭغۇ بولۇپ،تۇرۇپ تۇرۇپ چېقىلغان چاقماق ئەتىراپنى يورۇتاتتى،يىراقتىن گۈلدۈرماما ئاۋازى كېلەتتى.ئاينۇر ئەمدى خىيالدىن ئۆزىگە قايتتى.
     يامغۇر ياغاي دەۋەتاتتى،ئاينۇر قەدىمىنى تېزلەتتى،ئالدىدىكى كۇتۇپخانا بىناسىدىن ئۆتسىلا ياتاققا قايتاتتى،لېكىن ئۇ نەچچە قەدەم ماڭمايلا يامۇر چۈشۈشكە باشلىدى،چۈشكەندىمۇ چېلەكلەپ قۇيغاندەك چۈشۈشكە باشلىدى.
      ئاينۇر ئامالسىزدالدىلىنىش ئۈچۈن  ياندىكى كۇتۇپخانا بىناسىغا قاراپ يۈگۈردى.كۇتۇپخانا ئادەتتە كەچتە ئېچىلمايتتى،ھازىر پۈتۈن بىنا قاپقاراڭغۇ ئىدى.
ئاينۇر ئادەمسىز بۇ جايدا ئوننەچچە مىنۇت تۇردى،لېكىن قارا يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس.يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ ئاينۇرنىڭ ئىچى سىقىلدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە توڭلىغاندەك بولدى،يەنىلا بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.لېكىن بىناغا قارايدىغانلارمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ،بىرەرسى ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن بولسا ھە!
     تۇيۇقسىز ئاينۇر ئۆتكەندە ئىشىككە قارايدىغان پاتىگۈل ئاچاشنىڭ ئۆزىگە بىر كاللەك ئاچقۇچنى بەرگىنى يادىغا كەچتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ سومكىسىدىن ئاچقۇچنى ئىزدەپ تېپىپ سۈرلۈك تۇرغان چوڭ تۆمۈر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى.
     غارىت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلدى،ئاينۇر ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئىشىكنى يەنە قۇلۇپلاپ قويدى.
    ئاينۇر قاپقاراڭغۇ پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرغا چىقىشقا باشلىدى،يامغۇر ئازراق پەسلەپ قالغان،ئاينۇر يانفۇننىڭ يورۇقىدا مېڭىۋاتاتتى،لېكىن ئىككىنجى قەۋەتكە چىقىشىغا يانفۇننىڭ توكى قالماي ئۆچۈپ قالدى.
-    خەپ نەق مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆچۈپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان-!ئاينۇر يانفۇننى تىللىغىنىچە يانچۇقىغا سېلىۋەتتى.دېرىزىدىن كىرگەن شامال قېلىن پەردىلەرنى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى،پەردىلەر خۇددى بىرسى باشقۇرىۋاتقاندەك توختىماستىن ھەر خىل قىياپەتتە پۇلاڭششىيتتى.ئاينۇر چېكىسى ئازراق تارتىشقاندەك بولدى.پەلەمپەي بەكمۇ قاراڭغۇ بولغاچقا ئاينۇر پەلەمپەي شۇتىسىنى سىيلاپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدى.ياغاچتىن ياسالغان پەلەمپەي ھەر بىر دەسسىگەندە غىچ غىچ قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى،بۇ ئاۋازلار يىراقلارغا تارقىلىپ يەنە ئەكىس سادا بولۇپ قايتىپ كېلەتتى.
     ئاينۇرنىڭ قولى قېلىن بىر قەۋەت توپا بولدى،قارىغاندا ئادەتتە ھېچكم پەلەمپەي شوتىسىنى تۇتۇپ ماڭمىسا كېرەك.ئاينۇر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئامال بار ئەتىراپنى ئېنىق كۆرۈشكە تىرىشاتتى.لېكىن تۇرۇپ تۇرۇپ دېرىزىدىن كىرگەن چاقماق يورۇقىدىن بۆلەك ھىچقانداق يورۇقلۇق يوق،بەش بارماقنى كۆرمىگۈدەك قاراڭغۇ ئىدى.
     بۇ بىنا جەمئىي بەش قەۋەت بولۇپ،بىرىنجى،ئىككىنجى قەۋەتلىرى مۇزىكا زالى ۋە ئۇسۇل مەشىق زالى ئىدى.ئۈچىنجى قەۋەت بولسا مەكتەپنىڭ ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ زال ئىدى.تۆتىنجى قەۋەت كۇتۇپخانا،بەشىنجى قەۋەت ئامبار ئىدى.ئامباردا ئاساسلىقى تەنتەربىيە ۋە سەنئەتتە ئىشلىتىلدىغان جابدۇقلار بار ئىدى.
     ئاينۇر ئۈچىنجى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىگە چىققىنىدا تۇيۇقسىز قەيەرلەردىندۇر كەلگەن غىچ-غىچ قىلغان ياغاچنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.چاقماق يەنە بىر قېتىم ئەتىراپنى يورۇتقاندا ئاينۇر پەلەمپەينىڭ قايرىلىدىغان يېرىدە بىر قۇپقۇرۇق ياتما ئورۇندۇقنىڭ ئۆزىچىلا مىدىراۋاتقىنىنى كۆردى!خۇددى ئۈستىدە بىر ئادەم ئۇنى لىڭشىتىۋاتقاندەك!
      بىردىنلا ئاينۇر شۈركىنىپ كەتتى،پۇتلىرى ئېغىرلىشىپ ماڭالماي قالدى.قورقماي،قورىقماي!ناھايتى شۇ شامالدا مىدىراۋاتقان قوتا ئورۇندۇقكەنغۇ،ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىگە مەدەت بېرىپ قەدىمىنى تېزلەتتى.پەلەمپەينىڭ شۇتىسىغا ئېسىلغىنىچە يۇقىرغا ماڭدى،ھېلقى قورقۇنۇچلۇق ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە،ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئورۇندۇققا قاراپ ماڭدى.لېكىن ئۇ ئورۇندۇققا قاراپ مېڭىۋاتقاندا پەلەمپەي شوتىسىغا ئېسىلغان قوللىرى تۇيۇقسىز يۇمشاق بىر نەرسىگە ئۇرۇندى،خۇددى ئادەمنىڭ چېچىدەك بىر نەرسىگە ئۇرۇلدى!
-     ئا-.....ئاينۇر قورققىنىدىن ۋارقىرىغىنىچە پەلەمپەيدىن دومىلاپ كەتكىلى تاسلا قالدى.يەنە بىر قېتىملىق چاقماق يورۇقىدا ئاينۇر بايىقى نەرسىنى ئېنىق كۆردى،ئەسلىدە ئۇ بىر بېشىنى يۇقىرغا قىلىپ پەلەمپەيگە يۆلەپ قويغان پول سۈرۈتكۈچ ئىكەن-تاس قالدا بۇ نەرسە قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالغىلى-ئاينۇر غودۇڭشىدى.
     ئاينۇر يۈرەكلىرى سۇ يۇقىرغا چىقىپ كېتىپ باراتتى.ئۇ ھازىر جېنىنىڭ بارىچە تۆتىنجى قەۋەتكە قاراپ ئىلگرلىمەكتە.ئۇ تۆتىنجى قەۋەتتىكى ئۈچىنجى ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.جىددىلىك بىلەن ئاچقۇچنى چىقىرىپ تۆشۈككە توغىرلىدى،لېكىن جىددىيلەشكىنىدىن قانچە قىلىپمۇ ئاچقۇچنى جايىغا سالالمايۋاتاتتى،ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كارىدورنىڭ ئۇ بېشىغا قارىدى،يەنە بىر قېتىملىق چاقماق يورۇقىدا ئۇ يامغۇرلۇق كىيگەن بىرسىنىڭ ئۇ يەردە تۇرغىنىنى ،يامغۇرلۇقنىڭ بۆكىنى چوڭقۇر كىيگىنىچە قىمىر قىلماي ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى كۆردى.
     ئاينۇرنىڭ قورققىنىدىن بېشىدىن كىرگەن سوغوق تاپىنىدىن چىقىپ كەتتى،لېكىن يەنە بىر قېتىم چاقماق چېقىلغاندا ھېلقى ئادەم كۆزدىن غايىپ بولغاندى.ئاينۇر ئەمدى ئۇ ئادەمنىڭ جىن ياكى ئادەملىكى بىلەن ھېساپلاشماي ئاچقۇچنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ئاستا-ئاستا تۆشۈككە توغىرلىدى،بۇ قېتىم ئۇ ئاچقۇچنى جايىغا سالالىدى،قۇلۇپ تىرىق قىلپ ئېچىلدى،كىتاپنىڭ ھىدى گۈپپىدە دىماغقا ئۇرۇلدى،ئاينۇر سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۇزچاتنى تېپىپ چىراقنى ياندۇردى،شۇ زامان قىرائەت ئۆيى يوپيۇرۇق بولۇپ كەتتى.
       يورۇقلۇق ئاينۇرنىڭ قەلبىدىكى ۋەھىمىنى پاكپاكىز سۈپۈرۈپ كەتتى،يۈرىكى ئىزىغا چۈشكەن ئاينۇر ئۇف دەپ يېنىك تىندى.
      قىرائەت ئۆيى خېلى چوڭ بولۇپ،قاتار قاتار كىتاپ جاھازىلىرى رەتلىك تىزىلغان،ياندا بولسا ئورۇندۇق -ئۈستەللەر قويۇلغان.ئاينۇر كىتابتىن بىرنى ئېلىپ كەينىدىكىراق بىر قاتار ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى.يامغۇر توختاي دېمەيتتى،سىرتتىكى قاتار دەرەخلەر شامالدا توختىماي تەۋرىنەتتى.
      ئاينۇر كىتابنى ئوقۇغىنىچە ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى،ئۇقۇغىنىچە ۋاقتنىڭ قانچە بولغىنىنىمۇ بىلمىدى،ئاخىرى ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ توختىدى،كىتابنى تۈگىتىپ قوللىرىنى سوزۇپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن بوينىنى ئۇۋىلىدى.بېلىنى ھەركەتلەندۈردى.ئاندىن قول سائىتىگە قارىدى.سائەت ئون ئىككى يېرىم بولغان بولۇپ،ئۇ بىر ئولتۇرغىنىچە ئۈچ سائەت كىتاب ئوقۇۋەتكەندى.يامغۇرمۇ ئاللىقاچان توختاپ بولغان ئىدى.
      ئاينۇر قايتماقچى بولدى،ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندا،قاچان كىرگىنى نامەلۇم بىر ئاق كىيىملىك قىزنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆردى.كەينىدىن پەقەت ئۇنىڭ دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرىنىلا كۆرگىلى بولاتتى.ئۇ قىز جايىدا قىمىر قىلماي ئولتۇراتتى.بۇنچە كەچتىمۇ كېلىپ كىتاب كۆرىدىغانلار باركەن دېسە!
     ئاينۇر گاڭگىراپ تۇراتتى،ئالدىدىكى قىز ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى:
-    ھۇ،ھۇ،ھۇ......ھۇ،ھۇ،ھۇ......
-    قى....قىزچاق.....سىزگە نىمە بولدى؟
-  ھۇ،ھۇ،ھۇ......ھۇ،ھۇ،ھۇ......ئۇ قىز جاۋاب بەرمەستىن تۆۋەن ئاۋازدا يىغلاۋاتاتتى.
-    بۇنچە كەچتە نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىپ يىغلايسىز؟-ئاينۇر قىززىقىپ سورىدى،ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ يېنىغا ماڭدى،ئۇ بۇ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەكچى ئىدى.
ئاينۇر نەچچە قەدەم ماڭمايلا ئۇ قىز جىمجىتلا ئورنىدىن تۇرۇپ،ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئىشىك تەرەپكە مېڭىپ كەتتى.
-    ساۋاقداش،نەگە بارىسىز؟-ئاينۇر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۇتۇپخانىدىن چىقتى،ئاينۇر ئۇنىڭ پەلەمپەي تەرەپكە مېڭىپ كۆزدىن غايىپ بولغىنىنى كۆردى.
     ئاينۇر قىززىقىشنىڭ تۈرىتكىسىدە ئەگىشىپ پەلەمپەي تۈۋىگە كەلدى،ئۇ قىزنىڭ بەشىنجى قەۋەتكە چىقىپ كېتىپ بارغان سايىسىنى غىل-پال كۆرۈپ قالدى.ئاينۇرمۇ ھېچنىمىنى ئويلاشماستىن ئەگىشىپ بەشىنجى قەۋەتكە يۈگۈردى.
     پەلەمپەيدىن چىقىشى،ئاينۇر ئۇ قىزنىڭ بىر ئامبار ئۆيگە كىرىپ كەتكىنىنى كۆردى.توغرا،ئۇ تۆتىنجى ئامبارغا كىرىپ كەتكەندى.بۇ چاغدا ئاينۇر قورقۇنۇچنى ئۇنۇتقان بولۇپ،ئەگىشىپلا كېلىپ تۆتىنجى ئامبارنىڭ ئىشىكىنى ئىتتەردى.ئىشىكنى ئېچىشى بىلەنلا چاڭ-توزان ۋە ئېچىغان بىر خىل پۇراق بۇرنىغا ئۇرۇلدى.
      ئاينۇر تامنى بىر ھازا سىيلاشتۇرۇپ يۈرۈپ چىراقنى ياندۇردى،چىراق يورۇقىدا ئۇ ئۆيگە نەزەر سالدى،ئامبار ھەر خىل جاھازىلار ۋە قالايمىقان جابدۇقلاربىلەن تولغان بولۇپ،ئۇ يەر بۇ يەرگە دۆۋلەپ قويۇلغان،ھەممە نەرسە قارا لاتا بىلەن يېپىپ قويۇلغان،لېكىن بايا كىرىپ كەتكەن قىز كۆرۈنمەيتتى.
-     ساۋاقداش،ساۋاقداش......سىز قەيەردە؟تېز چىقىڭ-ئاينۇر ۋارقىرىغاچ ئەتىراپنى ئىزدەشكە باشلىدى،لېكىن ئىزدىگەنسىرى قورقۇشقا باشلىدى،چۈنكى چوپچوڭ بىر ئادەم ئاتمىش كىۋادرات مېتىر كەلمەيدىغان بىر ئۆيدە يوشۇرۇنغۇدەك جاي يوق ئىدى.لېكىن ئۇ راستىنلا كۆرۈنمەيتتى.
-     ئەجىبا ئۇ......ئۇ جىنمىدۇ يا؟-مۇشۇنى ئويلىشى بىلەنلا ئاينۇرنىڭ يۈرىكىگە يەنە قورقۇنۇچ چۈشتى.بۇنچە كەچتە،بىر قىز كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ يىغلىسا،ئۇ قانداق قىلىپ كۇتۇپخانىغا كىرگەندۇ؟كۇتۇپخانىغا قارايدىغان پاتىگۈل ئاچاش ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ سىزنى يېقىن كۆرگەچكە بۇ ئاچقۇچنى سىزگە بەردىم دېگەن تۇرسا،ئەجىبا يەنە باشقىلارغىمۇ بەرگەنمىدۇ؟مۇمكىن ئەمەس،ئۇ ئاچقۇچنى بەرگەن چاغدا ئېنىقلا ئىككى يۈرۈش ئاچقۇچ تۇرسا!پاتىگۈل ئاچاش يەنە قاتتىق جېكىلەپ باشقىلارغا ياسىتىپ بەرمەڭ دېگەن تۇرسا.يەنە كېلىپ بۇ قىز يۈزىنى كۆرسەتمىدى،بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى.ھەركىتىمۇ غەلىتىلا،نورمال بىر ئادەم بۇنداق  قىلماس؟
      ئاينۇر ئۆزىنىڭ خاتا جايغا كېلىپ قالغىنىنى ھېس قىلدى ۋە بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى.لېكىن ئۇ ئەمدى ئارقىسىغا بۇرۇلۇشىغا قورقۇنۇشلۇق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى.



8بۆلەك

يامغۇرلۇق چاپان كىيگەن ئادەم




ئاينۇر بىر ئاق  كۆڭلەك ئاق كوپتا  كىيگەن قىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا تۇرغىنىنى كۆردى،ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا يېيىلغان بىر قىز ئۆزىگە ئارقىسىنى قىلىپ تۇراتتى.كۆزگە ھەممىدىن بەك چېلىقىدىغىنى ئۇنىڭ پۇتىدىكى قىپقىزىل ئېگىز پاشنىلىق ئايىقى ئىدى.
-    ساۋاقداش،سىز...سىز نېمىشقا بۇيەردە تۇرىسىز؟-ئاينۇر ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى،لېكىن ئۇ ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك جايىدا قىمىر قىلماي تۇراتتى.ئاينۇر ئۇنىڭ كەينىگە كېلىپ قولىنى ئاستا ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدى،قويدىيۇ دەرھال تارتىۋالدى،چۈنكى ئۇنىڭ مۈرىسى مۇزدەك بولۇپ،ھايات ئادەمدەك قىلمايتتى.
      ئاينۇرنىڭ يۈرىكى جىددىي سوقۇشقا باشلىدى-سىز زادى كىم؟-ئاينۇر قولىنى قايتا ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ كۈچەپ تارتىپ ئۇنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى،لېكىن ئۇ قىزنىڭ گەۋدىسى ئۆرۈلگەن شۇ دەمدە،ئۇنىڭ بېشى بوينىدىن ئاجىراپ توروككدە يەرگە دوملاپ چۈشتى.دومىلىغىنىچە تامنىڭ تۈۋىگە بېرىپ توختىدى.ئىپادىسىز چىرايىنى قورقۇپ جېنى چىققان ئاينۇرغا تىككىنىچە توختىدى.
-      ئا-......!ئاينۇر ۋارقىرىغىنىچە پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى،ئاندىن قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۈزۈلۈپ چۈشكەن باشقا قارىدى،سىنچىلاپ قارىۋىدى،ئەسلى بۇ قانداقتۇر ئادەمنىڭ بېشى بولماستىن،سۇلياۋدىن ياسالغان يالغان باشكەن.ئاينۇر تەستلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا بېرىپ ھېلقى باشنى خۇددى پارتىلىماي قالغان بومبىنى تەرگەندەك تېرىپ ئالدى،ئاندىن ئۇنى سۇلىياۋ ھەيكەلنىڭ بوينىغا ئەسلىدىكىدەك قىلىپ ئورنىتىپ قويدى.ئەمدىلىكتە بۇ ھەيكەل بۇرۇنقىدەك راست ئادەمدىن پەرىقلەنمىگۈدەك چىرايلىق مودىلغا ئوخشاپ تۇراتتى.
-      ئۆزۈمنى ئۆزۈم قورقۇتۇپ يۈرۈپتىمەن دېسە-دېدى ئاينۇر مەيدىسىگە مۇشتلىغاچ.
ئاينۇر بۇ چىرايلىق مودىلغا قارىغىنىچە قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىنى رەتلەپ قويۇشقا باشلىدى.لېكىن غەلىتە يېرى ئۇنىڭ چاچلىرى شۇنچىلىك يۇشاق،خۇددى راست ئادەمنىڭ چېچىدەكلا،چىرايىمۇ شۇ قەدەر ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ،دىققەت قىلىپ قارىمىغان كىشى ئۇنى راستىنلا تىرىك ئادەم دەپ قالاتتى.
      ئاينۇر ئۆينىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇنىڭ-بۇنىڭغا سەپ سېلىشقا باشلىدى.ئوڭ تەرەپتىكى تام ناھايتى چوڭ قارا رەخىت بىلەن يېپىپ قويۇلغاندى،ئۇ قىززىقىپ بېرىپ ئۇ تامدا نېمە بارلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.قولىنى ئۇزىتىپ لاتىنى تارتاي دەپ تۇراتتى،لاتا ئۆزلۈكىدىنلا شار قىلىپ چۈشۈپ كەتتى.ئاينۇر قورققىنىدىن كەينىگە بىر قەدەم چېكىندى،ئەمدى ئۇ تامدىكى نەرسىنى ئېنىق كۆرەلىدى.ئەسلىدە تامغا بىر قاتار ماي بوياق رەسىملەر ئېسىلغان بولۇپ،جەمىئي 13پارچە ئىدى.رەسىمدە سىزىلغاننىڭ ھەممىسى بولسابىر قىزنىڭ ئوخشىمىغان چىراي ئىپادىسى ئىدى.رەسىمدىكىسى بەدىنى ئەۋرىشىم،يۈزلىرى ئاپپاق چىرايلىق بىر قىز بولۇپ،رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ياندىن سىزىلغان،ئاينۇر ئاستا ماڭغاچ رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدى.لېكىن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە رەسىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ نەپسى توختاپ قالغىلى تاسلا قالدى.
      ئەڭ ئاخىرقىسى ئۇدۇلدىن سىزىلغان بولۇپ،رەسىمدىكى قىز بايىقى مودىلغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى،توۋا!بۇ نېمە ئىش؟كىم بىكارچىلىقتىن بىر يالغان مودىلنى سىزىپ يۈرگەندۇ؟توغرا ئەمەسقۇ؟بۇ رەسىملەرنىڭ ھەمىسىدە بۇ قىزنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇنچىلىك ئېنىق،مودىلدەك قىلمايدۇ،ئاينۇر مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇراتتى،ئاينۇرنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھېلقى ئۇدۇلدىن سىزىلغان رەسىمدىكى ئەسلى كۈلۈپ تۇرغان قىزنىڭ چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلىدى،ئاستا-ئاستا ئۇ سۈرلۈك بىر چىرايغا ئۆزگىرىپ توختىدى.تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ چانىقىدىن قىپقىزىل قان رەڭلىك ياش ئېقىپ چۈشتى.
-     ئا-......!ئاينۇر يەنە ۋارقىراپ كەتتى ۋە قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى،بۇ جىن چاپلاشقان يەر بەك قوقۇنۇچلۇقكەن،ئەگەر تېز قېچىپ چىقىپ كەتمىسەم ئۆلۈگۈم مۇشۇ يەردە قالىدىغان ئوخشايدۇ،ئەلقەم،جېنىم سەن نەدە؟تېز مېنى قۇتقاز!
     ھازىر ئەلقەم ئۇنىڭ بىردىنبىر روھىي تۈۋرۈكىگە ئايلانغاندى،ئۇ كۈچكە تولغاندەك بولۇپ،ئىشىكتىن يۈگرەپ چىقتىدە بېشىنىمۇ بۇرىماستىن پەلەمپەيگە قاراپ يۈگۈردى،لېكىن ئەمدى پەلەمپەيگە پۇتىنى ئېلىپلا ئۇ يەنە ئارقىسىغا ياندى،چۈنكى ئۇ ئۈچىنجى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىدىن غىچ غىچ غىچ قىلىپ بىرنىڭ ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىقىپ كېلىۋاتقان .ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدى.ئاۋاز بارغانسىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى،ئۇ ئەمدى قارا يامغۇرلۇق كىيگەن بىر ئادەمنى كۆردى.
     بۇ ئاينۇرغا بايا تۆتىنجى قەۋەتتە كۆرۈنۈپلا يوقاپ كەتكەن ھېلقى سايىنى ئەسلەتتى.ئۇ ئەمدى تېخىمۇ قورققىنىچە كەينىگە ياندى،ئۇ ئەسلى باشقا ئۆيگە يوشۇرنىۋېلىشنى ئويلىغاندى،لېكىن ھەممە ئامبارنىڭ ئىشىكى ئېتىك بولۇپ چىقتى،ئامالسىز ئۇ قايتا ھېلىقى قورقۇنۇچلۇق ئامبارغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى.كىرىپ بولۇپ ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويدى،چىراقلارنىمۇ ئۆچۈرىۋەتتى.ئاندىن بۇلۇڭدىراق تۇرغان بىر ئۈستەلنىڭ ئاستىغا مۆكۈندى.ئاينۇر ھازىر بۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ تېزرەك ئاياقلىشىشىنىلا تىلەيتتى-ئەگەر بۇ يەردىن تىرىك چىقىپ كېتەلىسەم بۇ جىن چاپلاشقان جايغا ئىككىنجى ئاياق باسمايمەن-ئاينۇر شۇلارنى ئويلىدى.
     لېكىن قورقۇنۇچلۇق ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشمىدى.ھېلقى يامغۇرلۇق كىيگەن ئادەم ئېزىقماي-تېنىمەي ئۇددۇل مۇشۇ ئامبارغا كەلدى،ئاۋۋال ئاچقۇچنىڭ شاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى،ئاندىن ئىشىك ئېچىلدى،بىرسى چىراقنى ياندۇرۇپ ئىشىكنى ئەتتى ۋە ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قاراپ كېلىشكە باشلىدى.
      ئاينۇر ئۈستەلنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ قورققىنىدىن تىتىرىمەكتە،ئۈستەلنىڭ ئاراچلىرىدىن ئۇ بىر جۈپ پارقىراپ تۇرغان خۇرۇم ئاياقنى كۆردى.ئاندىن يامغۇرلۇق چاپاننىڭ سېلىنغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.ئاندىن ھېلقى خۇرۇم ئاياق ئىشىك كەينىدىكى قىزىل ئېگىز پاشنىلىق ئاياق تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
      بۇ چاغدا ئاينۇر ئاىىرى بۇ سىرلىق ئادەمنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىدى-:گۈلنار،مەن سېنى كۆرگىلى كەلدىم،ساڭا نېمە بولدى؟يىغلاپسەنغۇ؟-بۇ بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى بولۇپ،ئاينۇر بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قالدى،چۈنكى بۇ ئاۋاز بەكلا تونۇش ئىدى.ئەجىبا،شۇ،راستلا شۇنىڭ ئاۋازى!لېكىن ئۇ ھازىر گۈلنار دېگەن بىر ئايال بىلەن گەپلىشىۋاتاتتى.
      لېكىن بۇ ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم بولمىسا،ئۇ زادى كىمگە گەپ قىلىۋاتىدۇ؟ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتمايدىغاندۇ؟ياكى بولمىسا......ئۇ جىنغا گەپ قىلىۋاتامدۇ يا؟ئاينۇر شۈركۈندى،ھازىر ئۇنىڭ توخۇ ئەتلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەندى.ئاينۇر نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالماي،جىمجىت تۇرۇپ بولغان ئىشنى كۆزىتىۋاتاتتى.
-     خاپا بولدۇڭما؟مېنى بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتىڭمۇ؟بولدى،بولدى،قوزام،خاپا بولمىغىنە،مانا مەن كەلدىمۇ،مېنى سېغىنغىنىڭنى بىلدىم،مەنمۇ سېنى بەكلا سېغىندىم.نېمە دەيدەن؟مېنى سېغىنىپ ساراڭ بولاي دېدىڭمۇ؟ھا ھاھا،مەمنۇ چۈشۈمدىمۇ سەن بىلەن بىللە بولسام دەيمەن،بولدى گۈلنار،قاپىقىڭنى بۇنچە تۈرۈۋالمىغىنە!بىرنى كۈلىۋېتە!كىلە،كېلە ئىككىمىز بىر قول تانسا ئويايلى.سەن ئۇسسۇل ئويناشقا بەك ئامراقتىڭغۇ؟مەن سېنى دەپ ئاتايتەن يېڭى ئۇسسۇل ئۆگەندىم.كىلە،مەن ساڭا ئۆگىتىپ قوياي.
      ئاينۇر،ھېلقى ئادەمنىڭ ھېلقى سۇلياۋ مودىلنى قۇچاقلىغىنچە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆردى،تېخى توختىماي-مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىسەن شۇنداقمۇ؟نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟قارا قوللىرىڭنىڭ مۇزلاپ كەتكىنىنى،ئېيتە ،مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈسەن شۇنداقمۇ؟نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟نېمىشقا دائىم مەن سوئال سورىساملا جاۋاپ بەرمەي تۇرىۋالىسەن؟.....دەۋاتاتتى.
-     ئۇ ساراڭ بولۇپ قالمىغاندۇ؟بىر قونچاق بىلەن ئېسىلىشىپ تانسا ئويناپ تېخى پاراڭلىشىپ كەتكىنىنى،راسلا كاللىسى جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ،لېكىن ئۇ ئادەتتە ساپساقتىغۇ؟بۇ نېم بولغىنى؟.....ئاينۇر شۇلارنى ئويلىغاچ قارا خۇرۇم ئاياق بىلەن قىزىل ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ لەرزان چۆرگىلەپ ئۇسسۇل ئوينىغىنىغا قاراپ تۇراتتى.
تانسىمۇ تۈگىدى.ئۇمۇ توختىدى.بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ كەتتى-:سەن نېمىشقا كۈلمەيسەن؟نېمىشقا قاپىقىڭنى تۈرۈپ،يۈزلىرىڭنى ئۈمچەيتىپلا تۇرىسەن؟سەن بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولمىغىنىما مۇشۇنداق قىلىۋاتامسەن؟مۇشۇنىڭ ئۈچۈنما؟سەن نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟قورسىقىڭنى بېقىۋاتىمەن،كىيىم ئېلىپ بېرىۋاتىمەن،نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىپ بېرىۋاتىمەن،سەن نېمىشقا يەنە رازى بولمايسەن؟نېمىشقا مېنى قىستايسەن؟سەن مېنى مەجبۇرلىمىغان بولساڭ ئىككىمىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالامتۇق؟ھۇ ھۇ ھۇ......
      سۆزلەپ-سۆزلەپ ئۇ ئەر تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى،لېكىن تېزلا يىغىسىنى توختىتىپ،مودىلنىڭ چېچىدىن قاماللىغىنىچە ئۇنى تىللاشقا باشلىدى-:سەن پاسكىنا،بۇزۇق،ھەممىنى قىلغان سەن قانجۇق!يەنە مېنى ئازدۇرە،يەنە ماڭا قاش-كۆزۈڭنى ئوينىتە...!ئۇ تىللىغىنىچە مودىلنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى تارتىپ يىرتىشقا باشلىدى.ئاندىن ئۇنى ئاينۇر مۆكۈپ ياتقان ئۈستەلگە سۆرەپ كېلىپ،ئۈستەلگە يۆلىگىنىچە يالغان مودىلغا تاشلاندى.
      ئاينۇرنىڭ جېنى چىقاي دىدى،ئۇ ئەرنىڭ تاسمىسىنى يەشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى،ئاندىن سېيرتمىسى ئېچىلدى،ئاندىن قايتىدىن مودىلنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ ھايۋانلارچە قىلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى.ئۈستەل لەپەڭشىشكە باشلىدى.ئاينۇر بولسا ئاستىدا تۇرۇپ قاتتىق دەككى-دۈككىدە ئىدى،لېكىن ئۇ مودىلنىڭ بۇ ھايۋان تەرىپىدىن دەپدەندە قىلىنغانلىقىغا ئەمەس بەلكى قاچان ماۋۇ ئۈستەلنىڭ ئۆرۈلۈپ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى،بۇ كېلەڭسىز ئۈستەل ئۆرۈلۈپ چۈشسە ئاينۇر ئېنىقلا بېسىلىپ ئۆلەتتى.
      ئاينۇر ئۈستەلنىڭ ئاستىدا ئۆزىنى زورىغا بېسىپ ئولتۇراتتى.ئۈستىدىكى مەلئۇننىڭ ئىپلاسلىقىدىن يىرگىنەتتى.كۈندۈزى سالاپەتلىك،ئېغىر-بېسىق يۈرگەن بۇ ئادىمىي ھايۋانىڭ بۇ قەدەر يىرگىنىچلىكلىكىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغاندى.
     قانچىلىك ئۆتكىنى نامەلۇم،ئۈستىدىكى ئاۋاز توختىدى،ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ>>گۈلنار<<نىڭ كىيىملىرىنىمۇ كىيگۈزۈپ  ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ قويدى.ئاندىن بىر خىل پۇشايمان قىلغان ئاھاڭدا:گۈلنار،مېنى كەچۈر،بايا مەن...ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ...مەن ئازراق ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن،مەن ساڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىم،مېنى كەچۈرىۋەت بولامدۇ،مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلىسەن شۇنداقمۇ؟،مەن...مەن بۇنداق قىلمىسام بولاتتى....مەن ئادەم ئەمەس،مەن ھايۋان...ئەم ئۆلۈمگە لايىق....ئۇ شۇنداق دېگىنىچە  چاڭ-چۇڭ قىلىپلا ئۆزىنى ئىككى تەستەك ئۇرىۋەتتى.
-     گۈلنار،سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر،مەن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كېلىپ يەنە ساڭا ھەمراھ بولىمەن،گەپ ئاڭلا،بولامدۇ؟ئەمسە مەن ماڭدىم،خەيرىخوش......ئۇ ئەر ئۈستەلدىكى يامغۇرلۇق چاپىنىنى كىيگىنىچە مېڭىشقا تەمشەلدى.
      ئۈستەلنىڭ ئاستىدىكى ئاينۇر ساراڭ بولاي دېگەندى.ئەمدى ئۇ ئەبلەخ كەتسە،مەنمۇ ئەركىنلىككە چىقىدىغان بولدۇم.ئۇف...
      ئەر تارس قىلىپلا چىراقنى ئۆچۈردى،لېكىن ئارقىدىنلا ھىي...دېگىنىچە چىراقنى قايتا ياندۇردى،ۋە >>گۈلنار<<نىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىلىرىگە قاراشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز،ئۇ بىر نەرسىنى بايقىدى،گۈلنارنىڭ قاپىقى يېرىلىپ كەتكەن ئىدى!
-      گۈلنار،قاپىقىڭغا نېمە بولدى؟كىم قىلدى؟زادى كىم؟-ئەر غەززەپلىنىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.لېكىن يەنە جىمىپ قالدى،ئۇ گۇمانلىق نەزىرىدە ئۆينىڭ ئىچىگە سەپ سېلىشقا باشلىدى،چۈنكى مودىلنىڭ قاپىقى ئۆزىچىلا يېرىلىپ كەتمەيتتى.بۇ ئۆيدە چوقۇم باشقا ئادەم بار!!!
       ئاينۇر ئۈستۈلنىڭ يورۇقىدىن  ئۇنىڭ بىر دۆۋە نەرسە-كېرەكلەر ئارىسىدىن ئۇچىغا مىخ قېقىلغان بىر تال كالتەكنى قولىغا ئالغىنىنى كۆردى.ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىپ گۈلنارنىڭ پىشانىسىنى يېرىۋەتكەن ئادەمنى ئىزدەشكە باشلىدى.ئاينۇر قۇرققىنىدىن قولىدا ئېغىزىنى ئېتىۋالدى،بولمىسا ئۇ ئۆزىنىڭ قورققىنىدىن ۋارقىراپ سېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
-      تېز چىقە،مەن سېنى كۆرۈپ قالدىم-!ئۇ بىر تەرەپتىن يالغاندىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن بىر يوغان ساندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ قولىدىكى مىخلىق كالتەكنى غەززەپ بىلەن ساندۇقنىڭ ئارقىسىغا شىلتىدى.تاق قىلىپلا قولىدىكى كالتەك ساندۇققا تەگدى،لېكىن ساندۇقنىڭ كەينى قۇرۇق بولۇپ چىقتى،ئۇ ساندۇققا سانجىلىپ قالغان مىخنى سۇغارغاچ ئەتىراپقا قاراشقا باشلىدى.
     ئۇ مېڭىپ ھېلقى رەسىم بار تامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قورقۇنۇچلۇق بىر مەنزىرىنى كۆردى!
-     ئا...گۈلنا يېقىن كەلمە،يېقىن كەلمە!ئا........!
-     گۈلۈپ....
-    پالاق-پۇلۇق....
-     تارق-تۇرۇق....
     بىردەم قالايمىقانچىلىقتىن ،نەرسىلەرنىڭ ئۆرۈلگەن،جىدىي ماڭغان ئاياق ئاۋازىدىن كېيىن،ئەتىراپ جىمىپ قالدى،ئاينۇر ئۇ بىرەر قورقۇنۇچلۇق نەرسىنى كۆرگەندىن كېيىن،كەينىگە قاچىمەن دەپ بىرنەرسىلەرگە پۇتلىشىپ بىرنەرسە-كېرەكلەرنى ئۆرۈۋەتكەندىن كېيىن،ئۆمىلىگىنىچە قوپۇپ ۋارقىراپ قېچىپ چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدى.
      ئون مىنۇتلارچە ۋاقىت ئۆتتى،ئۆينىڭ ئىچى  جىمجىت،ھىچقانداق تىۋىش يوق،ئاينۇرنىڭ پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ قالغان،ئاينۇرمۇ پۇتىنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇپ ياكى قورققىنىدىن ئۇيۇشۇپ قالغىنىنى بىلمىدى.ئۇ ئېڭىشكىنىچە ئۈستەلنىڭ ئاستىدىن چىقتى.ئۈستىدىكى چاڭ-توزانلارنى قېقىشتۇرۇپ،ۋەھىمىلىك ھالدا ئەتىراپقا بىر نەزەر تاشلىدى،ھازىر بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا بىر چۈشتەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى،توغرا بۇ بىر چۈش،لېكىن ئاينۇر بىر ئۇنتالمايدىغان قورقۇنۇچلۇق چۈش.
     ئاينۇرنىڭ بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق تۇرغۇسى كەلمەي،چىراقنى ئۆچۈرۈپ،ئىشىكنى ياپقىنىچە جېنىنىڭ بارىچە پەسكە قاراپ يۈگۈردى.



9ـ بۆلەك تۆشۈك مازار



  ئەتىسى ئەتتىگەندە ئاينۇر بۇرۇنقىدەكلا دەرىسكە باردى،لېكىن ئورنىدا ئولتۇرىۋىدى،ئوقۇتۇش بۆلۈمىدىكى تۇرغۇن مۇدىر ئۇنى چاقىرتتى،ئاينۇر بۆلۈم ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،مەكتەپ مۇدىرى ئىمىن پروفسور بىلەن مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئاناتومىيە مۇئەللىمى ئالىم پروفسورنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.ئىككەيلەننىڭ چىرايى جىددىي بولۇپ،بىر نەرسىلەرنى خاتىرلەۋاتاتتى.ئاينۇر ئىچىدە ئاخشام بولغان ئىشلارنى مەكتەپ بىلىپ سۈرۈشتۈرگىلى تۇرۇپتۇدە-دەپ ئويلىدى.
      ئاينۇرنىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز سېلىشقا باشلىدى،ئۇنىڭ كۆزى ئالىم پروفسورنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچىراشقاندا،ئاينۇرنىڭ چىرايى ئۆزگەردى،دەرھال بېشىنى تۆۋەن سېلىۋېلىپ،قايتا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
-     كىرىڭ ئولتۇرۇڭ-دېدى،ئالىم پروفىسور خوشياقا-خوشياقماسلىق بىلەن.
     ئاينۇر ئاستا ئولتۇردى.
-   ئاينۇر ئاخشام ياتاق تەكشۈرگەندە ياتاقتا يوقكەنسىز،ئېيتىڭە كېچىدە قەيەرگە باردىڭىز؟-ئالىم پروفىسور ئۇدۇللا سورىدى.
-    مەن...ئاخشام ئۆزۈم يالغۇز مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى خىلۋەت كۆلگە باردىم-.ئاينۇر ئۈستەلگە قارىغىنىچە جاۋاب بەردى.
-    خىلۋەت كۆلگە؟-ئالىم پروفىسور بۇنى ئاڭلاپ چىرايى بىلىنەر-بىلىنمەس ئۆزگەردى.بىر يەرلىرىدىن قورقۇۋاتقاندەك،يەنە بىر يەرلىرىدىن گۇمانلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
-     بىر قىزبالا يېرىم كېچىدەيالغۇز خىلۋەت كۆلگە باردىم دەڭ؟ئەڭ ياخشىسى يالغان سۆزلىمەڭ!
-     مەن يالغان سۆزلىمىدىم.ئاخشام دوستۇم بىلەن سوقۇشۇپ قالغان،كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس ئىدى،شۇڭا بېرىپ چۆگلەپ كەيپىياتىمنى تەڭشەپ كەلدىم.بۇنى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.ئالىم پروفىسور سىزمۇ بىلىسىزغۇ؟شۇنداققۇ؟-ئاينۇر ئاناتومىيە دەرىسىدىكى ئىشلارنى ئالىم پروفىسورنىڭ ئېسىگە سالدى.
-     ئۇنداقتا،سائەت قانچىدە ياتاققا قايتىپ كەلدىڭىز؟-ئالىم پروفىسور قوشۇمىسىنى تۈرۈپ خاتىرلەۋاتاتتى.
-     ئون ئىككى يېرىملەر ئەتىراپىدىغۇ دەيمەن...
     سوراق ئون مىنۇتلار ئەتىراپىدا داۋاملاشتى،ئاينۇرنىڭ ئىپادىسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولدى.ئىككى مۇدىر ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭدىن گۇمانلانغۇدەك بىرەر نۇقتىنى تاپالمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۇنى چىقىرىۋەتتى.لېكىن ئاينۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئالىم پروفسورنىڭ چىرايى سۈرلۈك بولۇپ كەتتى.
      ئىشخانىدىن چىقىۋېتىپ ئاينۇر كىرىپ كېتىۋاتقان ئادىلەگە ئۇچىرىدى.
-     ئادىلە سەنمۇ ئاخشام ياتاقتا ئەمەسمىدىڭ؟-ئاينۇر ئەجەپلىنىپ سورىدى.
-   ھەئە،ئاخشام سۇخانىغا كىرگەن،بەك ئۇزۇن ئولتۇرىۋەتتىمۇ بىلمىدىم،ئورنۇمدىن تۇرغاندا بېشىم قايغاندەك بولۇپ يىقىلىپ قاپتىمەن،ئېسىمگە كەلسەم نەچچە سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ....ئادىلە سۆزلەۋاتقاندا چىرايى كەيپىياتىغا ماس كەلمىگەندەك غەلىتىلا كۆرۈنەتتى.
-    ھە...باشقا ئىش يوقتۇ؟يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭ ياخشى ئەمەس،كۆپرەك دېققەت قىلغىن!ھازىر ئىشخانىغا كىرىپ جىددىيلەشمە،بۇ بىر رەسمىيەت.ھېچنىم بولمايدۇ.
-     ماقۇل،بىلدىم،ئەمسە مەن كىرىپ كەتتىم-ئادىلە ئىشىكنى ئېچىپلا كىرىپ كەتتى.

     بۈگۈن شەنبە،كەچلىك مۇزاكىرە يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئەلقەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،ئەلقەم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ،مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى رېستۇراندا ئولتۇرۇش قىلغاندى.
     بۈگۈن رېستۇرانغا كەلگەنلەر كۆپ بولۇپ،ئادىلە،پاتىمە،ئاينۇر،ماھىرە،يەنە مەردان،تېخى ئاينۇرنىڭ ئەڭ خۇشى يوق ئايشەممۇ كەلگەندى.بۇلارنىڭ بەزىلىرى چاغىرىلغان،بەزىلىرى بولسا دوست تارتىشىپ،يەنە بەزىلىرى قىززىقچىلىقتا چاقىرىلمىغان مېھمان بولۇپ كەلگەندى،ئايشەم نەق شۇ چاقىرىلمىغان مېھمان ئىدى.
     ئىچىملىك بىلەن مۇزىكا ياشلارنىڭ سورۇنىنى قىززىتىدىغان ئىىككى مۇھىم تېما.ھېچكىمنىڭ ئېغىزى بىكار ئەمەس ئىدى.كىملەردۇر يەۋاتقان،كىملەردۇر ئىچىۋاتقان،يەنە بەزىلىرى غەيۋەت قىلىۋاتقان،تېخىمۇ كۆپ ئېغىزلار كىملەرگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈش،كىملەرنىدۇر كەلتۈرۈش ئۈچۈن يالغاندىن كۈلۈۋاتقان...
     ئادىلە بۈگۈن كورىيە پاسونىدىكى راھەت ئاق كوپتا،بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ماشرەڭ پادىچىلار شىمى كىيگەن بولۇپ،جەزبىدار ھەم پاكىز كۆرۈنەتتى.
     ئۇنىڭ بەدىنى ئەسلىدىنلا ئۆلچەملىك بولۇپ،كىيمى ئۇنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشقان،سورۇندىكى نۇرغۇن ئوغۇللارنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى.
     ھاراق ئىچىلىپ ھەممەيلەن تەڭشەلگەندە،قوشنا ئۈستەلدە ئولتۇرغان ناتونۇش بىرسى ئادىلەنىڭ ئالدىغا دەلدەڭشىپ كېلىپ ئۇنى تانسىغا تارتتى.ئادىلە قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.لېكىن بۇ مەست كەتمەكتە يوق ئادىلەگە تېخىمۇ چاپلاشتى.يەنە ئەگەر تانسا ئويناشنى خالىمىسا ئۆزى بىلەن بىر رومكىدىن ئىچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېزەڭلىك قىلىپ تۇرىۋالدى.ياندا ئولتۇرغان ئەلقەم ئورنىدىن تۇرۇپلا ھېلقى مەستنى قوغلىدى،ئۇ دەلتى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئادىلەنىڭ قولىنى تارتقىنىچە-ئاكاڭ قارغاي زادى بۈگۈن مۇشۇ تومۇچۇق بىلەن ھاراق ئىچكىنى ئىچكەن -دېگىنىچە ئادىلەنى ئېلىپ ماڭماقچى بولدى.
     چىداپ تۇرالمىغان ئەلقەم ھاراملىق دەپ تىللىغىنىچە قوپۇپلا ئۇ گۇينىڭ تۇمشۇقىغا بىرنى سالدى.ئۇ مەست يەرگە ئوڭدىسىغا چۈشتى.ئورنىدىن تۇرۇپ تۈكۈرىۋىدى بىر چىشى قان ئارلاش يەرگە چۈشتى.ئۇ ئاچچىقىدا ھاراق بوتولكىسىنى ئېلىپ ئەلقەمنى ئۇرماقچى بولۇۋىدى،ئۆزىنى ئوشاپ بولغۇچە ئەلقەم قورساققا بىرنى تېپىپ يۇمىتىۋەتتى.ئۇ مەست ئازراق يېشىلدىمۇ،ئۆزىنىڭ تەڭ كىلەلمەيدىغنىنى سېزىپ قورسىقىنى قاماللىغىنىچە كېتىپ قالدى.
     ئۇرۇش تۈگىگەن بولسىمۇ جىددىيچىلىك تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى.ئەزەلدىن ئەلقەم بىلەن چىقىشالمايدىغان مەردان ئورنىدىن تۇرۇپ،بىر بوتولكا پىۋىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ مەردانغا تەڭلىدى:-ئەلقەم،ئالىي مەكتەپكە چىقىپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مىجەزڭنى ئۆزگەرتمەپسەن،لېكىن بۈگۈن قىز دوستۇمنى دەپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقتىڭ،بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئوبدان رەھمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ.
     ئەلقەم ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئورامىنى چۈشىنىپ،سوغوق كۈلۈپ قويۇپ-:رەھمەت دېگۈدەك ئىش يوق،دوستۇمنى خەق بوزەك قىلسا مەن ياندا قاراپ تۇرسام قاملاشماس.
      مەردان مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ-:بوپتۇ،گەرچە بۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشى بولسىمۇ،يەنلا ساڭا رەھمەت،كېلە ئىككىمىز بىر ئىچىشەيلى.
-    ھىم!چاتاق يوق،لېكىن ئاران بىر بوتولكىنى ئىچسەك نېمە قىززىقى،ھەر بىرىمىز ئۈچ بوتولكىدىن ئىچىشمەمدۇق.
     مەردان ئارتۇق گەپ قىلماي يەنە ئىككى بوتولكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ،بىرنى كۆتۈرۈپلا غورتۇلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى.
      ئەلقەممۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.گەرچە ئىككىسى گەپ قىلماي ھاراق ئىچىۋاتقان بولسىمۇ،ئارىدىكى جىددىيلىك ئىككىسىنىڭ چاپاننى سېلىپ مۇشتلاشقىنىدىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى.ئىككىسى بىر-بىرىگە ىىرىسى قىلىشىپ تىنماي ھاراق ئىچىشىۋاتاتتى.ئەتىراپتىكىلەر بولسا ئۇلارغا مەدەت بېرىپ قىززىتىۋاتاتتى.
      لېكىن بەزىلەر خۇش بولغان بىلەن بەزىلەرنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن.ئاينۇر ئۆز يىگىتىنىڭ باشقا قىزلار ئۈچۈن چۈجە-خورازدەك سوقۇشقا چۈشقىنىنى كۆرۈپ ھەسەتتىن يېرىلاي دېگەن ئىدى،نېمە دېگەن قاملاشمىغان،ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن زادى بارمۇ يوق؟ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلەتتى،بىر تەرەپتىن كۆڭلى يېرىم بولاتى.ئۇ ئالدىدىكى پىۋىنى كۆتۈرۈپلا غورتۇلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى.
      ئادىلە بۇ ئىككىسىنىڭ جىن سوققاندەك بەشتلىشىپ ھاراق ئىچىشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى:سىلەر زادى نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟بۇنداق ئىچىشكەننىڭ نېمە پايدىسى؟خۇددى ئۇتىۋالسا مۇكاپات بېرىدىغاندەك.
     لېكىن ھەممىنىڭ دىققىتى ئۇ ئىككىسىدە،ئۇ ئىككىسىنىڭ دېققىتى بولسا ھاراقتا،ھېچكىم ئادىلەنىڭ سۆزىنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى.
-    بوپتۇ،سىلەر قانچىلىك ئىچكىڭلاربولسا شۇنچىلىك ئىچىڭلار،مەن كېتىمەن-ئادىلە تېرىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ تازلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.لېكىن ئۇ ئالدىراپ چىقىپ كېتىۋېتىپ ئىشىكتىن قايرىلغاندا ئۇدۇلدىن تېلفۇن سۆزلىشىپ كېلىۋاتقان بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتى.سوقۇلغاندىمۇ خېلى قاتتىق سوقۇلدى،ئادىلە كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كەچۈرۈڭ دېگىنىچە قايرىلدى.ھېلقى ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ خۇرۇم چاپىنىنى قېقىپ قويۇپ،تېلفۇن سۆزلىشىۋەردى.لېكىن مۇشۇ بىر قاراشتا ئادىلە ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆردى-ھەجەپ تونۇشلا چىرايغۇ؟نەدە كۆرگەن بولغىيتتىم؟
-     توغرا،مېنىڭ يانفۇنۇمدىكى ھېلقى سۈرەت دەل مۇشۇ ئادەم شۇغۇ!ئادىلە دەررۇر يانفۇنىنى چىقىرىپ ھېلقى ئۆچۈرۈلمەس رەسىمگە قارىدى.نەق ئۆزى،ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى تاتۇقىمۇ شۇ،پەقەت ھازىر ساقال قويىۋاپتۇ.
     ئادىلە بېشىنى قاشلىدى-ھەجەپ توغرا كەپ قالدا،بولدىلا يولۇمغا ماڭايچۇ-ئادىلە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ بىر خانىنى ئىگەلەپ زوڭزايدى.ياندىكى خانىدا بىرسىنىڭ يانفۇنى سايرىدى.ئاندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى-:تۇرسۇن،قانداق بولدى؟قارماققا ئىلىندىمۇ؟بولدىما؟ماقۇل،ماقۇل،ئىككى خالتا ئېلىۋالسام يېتەمدۇ؟ماقۇل،بولىدۇ،خاتىرجەم بول،يولنى بىلىمەن،ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈشەيلى.
-   ھىي،بۇ ئاۋاز ھەجەپ گۈلقىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كەتتا؟-ئادىلە ئەجەپلەندى-ئوخشاپ كەتتى ئەمەس نەق شۇ گۈلقىزنىڭ ئاۋازى.باياتتىن ئۇ تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتكەن،چوقۇم شۇ،ئۇ كىم بىلەن پاراڭلاشقاندۇ؟نىمانداق سىرلىق؟
      ياندىن سۇنىڭ چۈشۈرۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى،ئاندىن ئىشىك ئېچىلىپ ئۇ چىقىپ كەتتى.
     ئادىلە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تازلىق ئۆيىدىن چىقتى.گۈلقىز مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ:-خانقىز ماڭا ئىككى خالتا مۇز بېرىڭ-دېدى.
-   ياق،بولدى،چېلەككە سالماڭ،خالتىغا قاچىلاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.-مۇلازىمەتچى مۇزنى قاچىلاپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزىنىڭ چوڭ سومكىسىغا قاچىلاپ،ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى.
     ئادىلەمۇ ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئەگىشىپ چىقتى-:ئۇ مۇزنى ئېلىپ زادى قەيەرگە بارىدىغاندۇ؟نېمانچە سىرلىق؟-گۈلقىز چوڭ يولغا چىقىپ تاكسىي توسۇپ مېڭىپ كەتتى،ئادىلەمۇ ئالدىراشلا بىر تاكسىنى توسۇپ ئالدىدىكى ماشىنىنى قوغلاشنى بۇيرىدى.ئادىلە ماشنىدا ئولتۇرۇپ ئويلىغانسىرى ھەيرانلىق ھېس قىلدى،گۈلقىز دېگەن بۇ قىز ئادەتتە تولىمۇ يۇۋاش يۈرەتتى.بۈگۈن ھەجەپ باشقىچىلا بولۇپ قاپتۇغۇ؟ئۇ خەققە دېيەلمەيدىغان بىرەر ئىش قىلىپ قويمىغاندۇ؟
     ماشىنا ئوننەچچە مىنۇت مېڭىپ،ئادەم يوق بىر تۆپىلىككە كەلدى،يول بويىدا بىر تاختا ئېسىلغان بولۇپ،ئۈستىگە تۆشۈك مازار دېگەن خەت يېزىلغاندى.بۇ يەرنى ئادىلە ئاڭلىغان،يەر شەكلى غەلىتە،يوللىرى ئېگىز-پەس بولغاچقا دائىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرەتتى،يېڭىندىلا تېخى ئوننەچچە ئادەم بىراقلا قازا قىلغاندى،خۇددى يول بويىدىكى قەبرىستانلىق كىشىلەرنى تېگى يوق ھاڭغا تارتىپ كېتىۋاتقاندەك،شۇڭا كىشىلەر بۇ جايغا تۆشۈك مازار دەپ نام قويۇشقاندى.يىراقتىن قارىسىمۇ كىشىنى سۈر باساتتى،لېكىن گۈلقىز يېرىم كېچىدە بۇ يەرگە كېلىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ئۇ زادى نىمىش قىلماقچىدۇ؟ئەجىبا ئۇ قورقىمىغانمىدۇ؟
     يىراقتىكى يول بويىدا بىر ماشىنا توختىدى،ماشىندىن بىر ئەر بىر ئايال ئكىكى ئادەم چۈشتى،ئايال قارىماققا مەست بولۇپ قالغان بولسا كېرەك ئەر ئۇنى يۆلىۋالغاندى،ئىككىسى يۆلىشىپ دۆڭلۈكتىكى بىر چىغىر يولغا كىرىپ كەتتى.كەينىدىنلا گۈلقىز ئولتۇرغان ماشىنىمۇ شۇ يەرگە كەلگەندە توختىدى،گۈلقىزمۇ ماشىندىن چۈشۈپ بايىقى ئىككىسى كەتكەن چىغىر يولغا كىرى.ئادىلە گۈلقىزنىڭ توختىغىنىنى كۆرۈپ شوپۇرغا ماشىنىنى توختىتىشقا بۇيرىدى،ئاندىن ماشىنىدىن چۈشۈپ گۈلقىزنىڭ كەينىدىن شەپە چىقارماي ئەگىشىپ ماڭدى.
      ھازىر سائەت ئوندىن ئاشقان،كېچىنىڭ شامىلىمۇ كىشىگە سۈرلۈك تۇيۇلاتتى،بەدەننى قورۇيتتى،بولۇپمۇ ئادەمسىز مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق دۆڭدە،ئاپپاق يورۇپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىمۇ شۇنچىلىك سۈرلۈك،يورۇق چۈشمىگەن جايلاردا ئەرۋاھلار مۆكۈپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى.
     لېكىن ئادىلە گۈلقىزنىڭ نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھېچنىمىگە قارىماستىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.ئالدىدىكى ئۈچەيلەن ئالدى-كەينى بولۇپ بىر تاشلىۋېتىلگەن تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئاستىغا كەلدى،ئادىلە بىر دەرەخنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ باشتىكى بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئالدىدىكى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە چاقچاقلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردى.يەنە تۇرۇپ تۇرۇپ سۆيۈشەتتى،بۇ ئايالنىڭ كۈلەەن ئاۋازىمۇ ئادىلەگە شۇنچىلىك تونۇش،بۇ ھازازۇل ئايشەم ئەمەسمۇ!!!
     توۋا،بۇ قىزلار بۈگۈن كېچە ساراڭ بولۇپ قالمىغاندۇ؟بىر ئوبدان ئولتۇرۇشتا ئوينىماي بۇ مازارغا كېلىۋالغىنى نېمىسى؟بوپتۇ ئايشەمنىغۇ ئوغۇللا بىلەن كۆڭۈل ئاچقىلى كەلدىمۇ دەيلى،لېكىن گۈلقىز ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىپ نېمە قىلىدۇ؟تاماشا كۆرگىلى كەلدىمۇ؟ھېلقى ئىككى خالتا مۇزنى ئۆزىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتەمدۇ؟
     ۋاي توۋا،نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن،تېخى ئۆزەمنىڭمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغىنىمنى كۆرمەمدىغان،چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمەن ھە؟
     ئادىلە ئۆزىنى چىمدىپ باقتى،ئاغرىۋاتاتتى.دېمەك چۈش ئەمەسكەن.شۇلارنى ئويلاپ تۇرىۋېدى،گۈلقىز تۇيۇقسىز ھېلقى ئىككىسىنىڭ كەينىدىن بېرىپ بىر لۆڭگە بىلەن ئايشەمنىڭ ئېغىزىنى ئەتتى.
     مەستلىكتىن خۇدىنى بىلمىگۈدەك بولۇپ كەتكەن ئايشەم ئىككى تىپپىرلاپلا جىمىپ قالدى،ئادىلە قورىققىنىدىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى،دەرھاللا ئۆزىنىڭ ئېغىزىنى توسۇۋالدى.ئۇ ئادەتتە مۇلايىم يۈرگەن گۈلقىزنىڭ بۇ قەدەر رەزىللىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى،گۈلقىزنىڭ تازلىق ئۆيىدە تېلفۇندا دېيىشكەن سۆزلىرىنى ئويلاپ،ئۇنىڭ مۇشۇ ئەر بىلەن بىر سۈيقەسىت پىلانلىغىنىنى ،ھازىر بولسائاشۇ سۈيقەسىتنى ئىجرا قىلىۋاتقىنىنى بىلدى،لېكىن ئۇلار ئايشەمنى قانداق قىلماقچىدۇ؟
-    تۇرسۇن سەن قىلە،ئۇ نىمە دېگەن بىلەن مېنىڭ ساۋاقدېشىم،مەن قول سالالمايۋاتىمەن-.گۈلقىز شۇنداق دېدى.
-    كارغا كەلمەس نېمىكەنسەن،ئۆتە بۇياققا،ئۆزەم قىلاي،سەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇر-دېدى ئەر كىشى.
     ئادىلە ھەيران قالدى،گەپ قىلغان بۇ ئەر كىشى باياتتىن ئىشىكتىن چىققۇچە ئۆزىگە سوقۇلۇپ كەتكەن ھېلقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە بۇ ئىككىسى بۇرۇنلا تونۇشىدىكەندە؟
     بىردەمدە گۈلقىز ئايشەمنىڭ سىرتقى كىيىملىرىنى سالدۇردىدە،ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ ياتقۇزدى.
-    بۇلار زادى نېمىش قىلماقچىدۇ؟ئايشەمنىڭ گەرچە ئېغىزى بىزەپ بولسىمۇ،بۇنداق جازالاشنىڭ ئورنى يوققۇ؟
-   بولمىدى،ئەمدى ئۇنى قۇتقۇزمسام،بىرەر خەتەر چىقىپ قالغۇدەك...!ئادىلە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئورنىدىن تۇراي دېۋىدى،تۇيۇقسىز ھېلقى تۇرسۇن دېگەن ئەرنىڭ يانچۇقىدىن ئوپىراتسىيە پىچىقىنى چىقارغىنىنى كۆرۈپ قالدى.




10ــ بۆلەك  

ئېسىلــغـــان جــــــەســـــەت


-    توۋا-!ئادىلەنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى،ئەمدى ۋارقىراي دەپ تۇراتتى،لېكىن ئۇ كېچىككەندى،تۇرسۇن قولىدىكى ئوپىراتسىيە پىچىقىنى شارتلا قىلىپ ئايشەمنىڭ بېلىگە تىقتى!ئۇنىڭدىن كېيىن يانغا سۈرگىنىچە ئايشەمنىڭ ئاپپاق بېلىدە ئوننەچە سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر ئېغىز ئاچتى.قىپقىزىل قانلار بىردىنلا كېسىلگەن جاينى بويلاپ ئېقىپ چىقتى.
-     بولە،مۇزنى ئالغىن-_ئەر گۈلقىزغا قاراپ ۋارقىرىدى.
     گۈلقىز تىتىرىگىنىچە مۇزنى يەنە بىر ساقلاش ساندۇقىنى سومكىسىدىن چىقىرىپ ئەرگە سۇندى.تۇرسۇن بىردەمدىلا ئايشەمنىڭ بىر بۆرىكىنى كېسىپ ئالدى.ۋە ئايشەمنىڭ بېلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كېسىشكە باشلىدى.
-    سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟بىر بۆرىكىنىلا ئالىمىز دېيىشمىدۇقمۇ؟-گۈلقىز چۆچۈگىنىچە سورىدى.
-    كاللاڭ جايىدىدۇ؟سەنزە ئۇنى مۇشۇنداقلا قويىۋەتسەك،بىزنى بوش قويىۋېتىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ئۇ ئۇتتۇر بېرىپلا ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.ئۆتە بىر چەتكە پۇتلاشماي-!تۇرسۇن گۈلقىزنى بىر يانغا ئىتتىرىۋېتىپ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.
-    لېكىن،بۇنداق قىلساق ئۇ ئۆلۈپ كەتمەمدۇ؟بىز قاتىل بولۇپ قالمامدۇق؟-گۈلقىز راستىنلا قورىققاندى،گەپلىرىمۇ يىغلامسىراپ چىقتى.
-    ھېي،ئۆزەڭنى بەك پاك چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈپ باقمىغاندەك سۆزلەيسەنغۇ؟-تۇرسۇن ۋارقىرىدى.
-    مەن...مەن...سېنىڭ كەينىڭگە كىرىپ ...ئەمدى بۇ پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ كەتتىم،مەن قورقۇۋاتىمەن.
-     ساڭا دەپ قوياي گۈلقىز،ھازىر ئىككىمىز بىر قېيىقتىكى ئادەملەر،ئېغىزىڭنى يۇمۇپ يۈر!بولمىسا سەنمۇ ...تۇرسۇن شۇنداق دېگىنىچە قولىنى بوينىغا ئاپىرىپ يانغا سۈردى.
-    تۇرسۇن،سەن نېمە دەۋاتىسەن؟ماڭا ھەرگىز ئۇنداق قىلما،مەن...مەن ھەرگىز باشقىلارغا دېمەيمەن.مېنىڭ ئۆلگۈم يوق،مەن ھېچكىمگە ئېيىتمايمەن،ھۇ ھۇ ھۇ...
-     بىلسەڭلا بولدى.ھازىر زۇۋانىڭنى يىغىپ ماڭا ياردەملەش،بولە،مانى قاچىلا!
     شۇنى دېگەچ تۇرسۇن ئايشەمنىڭ يەنە بىر بۆرىكىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ گۈلقىزغا سۇندى.گۈلقىز يىغلاپ تۇرۇپ بۆرەكنى ئېلىپ ساقلاش ساندۇقىغا سېلىپ ئۈستىنى مۇز بىلەن تولدۇرۇپ ئېغىزىنى ئەتتى.
     يىراقتىن بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئادىلە ئىچىدە يىغلاۋاتتى.باياتتىن تېخى كۈلۈپ تۇرغان ئايشەم ھازىر جەسەتكە ئايلانغان.ئادىلەنىڭ قەلبىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بىر خىل تۇيغۇ چىرمىۋالدى.
-     ئايشەمنى قانداق قىلىمىز؟-گۈلقىز بوغۇلۇپ تۇرۇپ سورىدى.
-   قانداق قىلىمىز دەيسەنغۇ،ئۇ ھازىر ئايشەم-پايشەم ئەمەس ئۇ دېگەن بىر ئۆلۈك،ياندىكى ئاۋۇ قۇدۇقنى كۆردۈڭمۇ؟ئۇنى ئاشۇ قۇدۇققا تاشلىۋېتىمىز!بولە-تۇرسۇن ۋارقىرىغىنىچە گۈلقىزغا بۇيرۇق چۈشۈردى.
     ئىككىسى تېخى نەپسى توختىمىغان ئايشەمنى سۆرىگىنىچە ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان سانائەت قۇدۇقىغا تاشلىۋەتتى.بۇ قاباھەتلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ئادىلەنىڭ بەدىنىگە تىتىرەك ئولاشتى،ھەم ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرغىنىنى ھېس قىلدى.ئەگەر بۇ ئىككى قانخور ئۆزىنى بايقاپ قالىدىغان بولسا ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئايشەمدەك بولاتتى.ئادىلە ئاستا كەينىگە چېكىندى.ئەمدى نەچچە قەدەم مېڭىۋېدى،يانچۇقىدىكى يانفۇن بىمەھەل سايراپ كەتتى،ئەسلى مەردان ئادىلەنىڭ تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كىرمىگىنىدىن ئەنسىرەپ تېلفۇن ئۇرغاندى.
     لېكىن بۇ تېلفۇن ئادىلەگە ئاپەت بولدى.گەرچە ئادىلە تېزلىكتىن يانفۇننى ئېتىۋەتكەن بولسىم،لېكىن يەنىلا كېچىككەندى،ئادەمسىز تۆپىلىكتە تۇيۇقسىز سايرىغان يانفۇن تۇرسۇن بىلەن گۈلقىزنىڭ دېققىتىنى تارتتى.
-    كىم؟ئۇ يەردە كىم بار؟-تۇرسۇن ۋارقىرىغىنىچە ئوپىراتسىيە پىچىقىنى كۆتۈرۈپ يۈگرەپ كەلدى.گۈلقىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
-    چاتاق بولدى-!ئادىلە ئۆزىنىڭ سېزىلىپ قالغىنىنى سېزىپ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،ئارقىغا بۇرۇلۇپلا جېنىنىڭ بارىچە قېچىشقا باشلىدى.
-    توختا!قاچما-!تۇرسۇن خۇددى توشقانغا ئېتىلغان قاپلاندەك ئادىلەنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى.
      ئادىلە مۈدۈرۈلۈپ-سوقۇلۇپ تەسلىكتە قېچىپ باراتتى،گەرچە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا30-40مېتىر ئارىلىق بولسىمۇ بۇ ئارلىق بارغانسىرى قىسقىراۋاتاتتى،يول بىلمەيدىغان،قاراڭغۇدا ئەتىراپنى پەرىق قىلالمىغان ئادىلە چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇدۇل كەلگىنىچە قېچىۋاتاتتى،ئوچۇق بىلەكلىرىنى چاتقاللار سۈرۈپ سانسىز يارىغا توشقۇزغان،لېكىن جېنى تومشۇقىغا كېلىپ قالغان ئادىلەنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلغۇدەك ھەپسىلىسى يوق،كەينىدىن قوغلاۋاتقان ئاياق تىۋىشى بارغانچە يېقىنلىشىشىقا باشلىدى.مۇشۇنداق بولسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ئادىلەنى قوغلاپ تۇتىۋالاتتىدە پاكىتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادىلەنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايتتى،ئويلىغانسىرى ئادىلەنىڭ قورقۇنۇچى چېكىگە يەتتى.
      قېچىپ كېلىۋاتقان ئادىلە قەدىمىنى شۇنداق ئېلىشى پۇتى شارتلا قىلىپ تېيىلىپ ئالدىدىكى تىك دۆڭدىن دومىلاپ چۈشتى،لېكىن نەچچە دومىلاپلا پۇتى دەرەخنىڭ ئاچىسىدەك بىر يەرگە قىسىلىپ قېلىپ،بېشى تۆۋەنگە پۇتى ئاسمانغا ھالدا بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى.
-  ئۇ قېنى؟ئۇ نەگە كەتتى؟ئاناڭنى،يامان بولساڭ چىقە،مەن سېنى بوغۇزلىۋېتىمەن-.تۇرسۇن ئادىلە تېيىلىپ چۈشكەن تىك دۆڭنىڭ قىرىغا كېلىپ،ئەتىراپقا قارىغىنىچە ئېغىزىنى بۇزۇشقا باشلىدى.
-     تۇرسۇن،تۇرسۇن مېنى ساقلاپ تۇر-...گۈلقىز ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە يېتىشىپ كەلدى.لېكىن ئەمدى تۇرسۇننىڭ يېنىغا كېلىۋېدى چاڭ قىلىپلا تەستەكتىن بىرنى يېدى،ئاندىن تۇرسۇن غەززىپىنى باسالماي ئۇنى تىللاشقا باشلىدى-يېيىشىڭگە پوق يەپ چوڭ بولغان نېمىكەنسەن،مەن ساڭا ئېھتىيات قىلغىن دەپ نەچچە ئېيتتىم،ئاقىۋەت يەنە ئارقاڭغا ئادەم چۈشۈپتۇ.ئەگەر بۈگۈن بىز بۇ پايلاقچىنى تاپالمايدىغان بولساق ئىككىمىز ئۆلۈمنى  كۈتۈپ ياتساق بولىدۇ.
-    مەن......مەن شۇنداق ئېھتىيات قىلغان،لېكىن كەينىمگە ئادەم چۈشۋالغىنىنى نەدىن بىلەي؟-گۈلقىز ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ ئېچىشىۋاتقان يۈزىنى سىيلىدى.
-    بولدى كاسىلدىماي ئۇنى ئىزدە-تۇرسۇن ۋارقىرىدى.ئىككىسى ئەتىراپنى ئىزدەشكە باشلىدى.
     ھازىر ئادىلەنىڭ ھالى ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر بولۇپ،بىر پۇتى دەرەخ شېخىغا ئېسىلغان،ئاستى بولسا قاپقاراڭغۇ ھاڭ.ئۈستىدە بولسا ئىككى قانخور،قورققىنىدىن ھازىر ئۇ نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايتتى.
    لېكىن نەچچە مىنۇت ئۆتۈپلا ئادىلە <<ئا>>دەپ ۋارقىرىغان ئەنسىز بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى،بۇ ئۈستىدىكى تۇرسۇن بىلەن گۈلقىزنىڭ تەڭلا چىرقىرىغان ئاۋازى ئىدى.ئىككىسى خۇددى ئالۋاستىغا يولۇققاندەك ئېچىنىشلىق ۋارقىرىماقتا ئىدى،ئەجىبا ئۇلار راستىنلا بىرەر قورقۇنۇچلۇق نەرسىگە يولۇققانمىدۇ؟
     ئادىلە قۇرققىنىدىن كۆز ياشلىرى پىشانىسىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئۈستىدىكى ۋارقىرىغان ئاۋازنىڭ بارغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ،بىر ئاز يېنىكلەپ قالدى،ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىككى مەلئۇن كەتكەنكەن،مېنىڭ جېنىممۇ ئامان قالدى دېگەن گەپ.
     لىكىن ئادىلەنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى،ئۇ ئېسىقلىق تۇرىۋېرىپ ئۈگىلىرى چىدىغۇسىز ئاغرىشقا باشلىغان،باياتتىن بېرى ياندىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرىۋالغان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قارىغىنىدا،ئادىلە ئۆلسىمۇ كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر مەنزىرە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدىكى دەرەخكە بىر ئاپپاق كىيىملىك ئادەم ئېسىقلىق تۇراتتى.چاچلىرى ئۆسۈپ ھوشۇقىغا كەلگەن،چېچى پۈتۈن بەدىنىنى يېپىۋالغان،چىرايىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ئادەم ،قارىماققا ئاللىقاچان ئۆلگەندەك قىلاتتى،چۈنكى بوينى توم بىر ئارغامچا بىلەن دەرەخكە ئېسىلغان ئىدى.
    ئادىلە ۋارقىرىمىدى،چۈنكى ئۇ ھازىر قورىققىنىدىن ھەممىنى ئۇنۇتقان،ئاشۇ ئېسىلغان جەسەتكە ھاڭۋاققىنىچە تىكىلىپ تۇراتتى.جەسەت شامالدا لىڭشىيتتى،جەسەت ئېسىلغان شاخ  جەسەت ھەر لىڭشىغاندا  غاچ-غاچ قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى،خۇددى ھەر ۋاقىت سۇنۇپ كېتىدىغاندەك.ئەگەر ئۇ شاخ سۇنسا جەسەت ئۇدۇللا ئادىلەنىڭ ئۈستىگە چۈشەتتى!
     ئادىلە بېشىنى يانغا بۇرىۋالدى،ئۇنىڭ بۇ يىرگىنىچلىك مەنزىرىنى كۆرگۈسى يوق ئىدى.لېكىن ئۇ بېشىنى بۇرىدىيۇ بۇياققا قارىغانغا پۇشايمان قىلدى،چۈنكى ئۇ تېخىمۇ كۆپ جەسەتنى كۆردى،ئەتىراپتىكى ھەر بىر تۈپ دەرەختە بىر جەسەت ئېسىقلىق تۇراتتى.ھەممىسى ئاپپاق كىيىملىك،ھەممە دەرەختىن توختىماي غاچ-غاچ قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى.
    جىن!
   ئېسىلىپ ئۆلگەن جىن!
   پۈتۈن دۆڭلۈك ئېسلىپ ئۆلگەن جىنلار بىلەن تولغاندى.
-   قۇتقۇزۇڭلا......!قۇتقۇزۇڭلا........!
-    ئا!!!!!!!!ئادىلە ئېسىگە كېلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.ھازىر قۇرقۇش دېگەن سۆز بىلەن ئادىلەنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگىلى بولمايتتى،بەلىكى چەكسىز ۋەھىمە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىغان.ئۇ ئەركىن تۇرغان پۇتى بىلەن ئۆزى ئىلمىشىپ قالغان ھېلقى شاخنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېپىشكە باشلىدى.بايا بۇ شاخ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولسا ئەمدىلىكتە ئۇنى ئۇ ئالەمگە سۆرەۋاتقان ئالۋاستىنىڭ قولىدەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى.
     ئالۋاستىنىڭ قولى؟ئادىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ ھېلقى شاخقا قارىۋېدى،دەرۋەقە چىرىپ سارغىيىپ كەتكەن،ئۈستىدە قۇرىتلار مىغىلدىشىپ يۈرگەن بىر قول ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتىۋالغاندى.ئۇنىڭ ئۇزۇن تىرناقلىرى ئادىلەنىڭ پۇتىغا چوڭقۇر سانچىلغان،ئاغرىقى ئۇدۇل ئادىلەنىڭ نېرىۋىسىغا ئۇرۇلماقتا.
-      ئا-......!ئادىلە قانچىلىك كۈچەپ تېپىشىدىن قەتئىينەزەر،ئۇ قول ئۇنىڭ پۇتىنى چىڭ قاماللاپ تۇراتتى.تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى،ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدىكى جەسەت راستىنلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى،بوينىغا باغلانغان ئارمچىنىڭ ئۇچى دەرەخ شېخىنى بارغانسىرى ئېگىشكە باشلىدى،قارىسلا قىلىپ ھېلىقى شاخ سۇندى،جەسەت تۈۋەنگە چۈشۈشكە باشلىدى،لېكىن ئازراقلا چۈشۈپ ئۇچىسىدىكى كىيمى تۆۋەندىكى بىر شاخقا ئىلمىشىپ توختاپ قالدى.
-   ۋايجان!ئاپا.......مېنى قۇتقۇزۇڭلا،ئاپا.......ھۇ ھۇ ھۇ.......ئادىلە ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى،جارىت،جەسەتنىڭ شاخقا ئىلمىشىپ قالغان كىيمى يىرتىلىشقا باشلىدى،ئۇ ھازىر ئادىلەگە بىر مېتىرلا كېلىدىغان يەردە ئېسىلىپ تۇراتتى.
غىرىس ...ئەمدى ھېلقى شاخمۇ ئېگىلىشكە باشلىدى،جەسەت تۆۋەنگە ساڭگىلىدى،
-    ۋاي خۇدا ،ئادەم بارمۇ ،مېنى قۇتقۇزۇڭلا-ئۈستىدىكى جەسەت ئادىلەگە يېرىم مېتىرلا قالدى.جەسەتنىڭ ئىككى پۇتى ئادىلەنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭشىپ تۇراتتى.جەسەتنىڭ چىرىگەن ھىدى ئادىلەنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتتى.
     ئادىلە جىمىپ قالدى،ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ جىم تۇراتتى،ئۇ تەقدىرگە تەن بەرگەن ئىدى،تۇيۇقسىز دۆڭلۈكنىڭ ئۈستىدىن دوككىدە قىلىپ بىر نەرسىنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى،كۆزىنى ئېچىۋېدى،يۇمىلاق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدىن دومىلاپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى،ئۇ نەرسە ئۇددۇل ئادىلەنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى.ئادىلە تازا سىنچىلاپ قارىۋېدى....ئا.........
     ئۇ بىر قان تېمىپ تۇرغان ئادەمنىڭ بېشى ئىدى.كۆزلىرى ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن،بۇرنىنى غەلىتە قۇرۇتلار يەۋاتاتتى،ئۇزۇن ئىككى سەكسەنپۇت ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئادىلەگە قارىدى.پۈتۈنلەي چىرىپ كەتكەن بۇ باشتىن بايىقىدىنمۇ چىدىغۇسىز سېسىق پۇراق كىلەتتى.
     ئادىلە بېشىنى كۆتۈرىۋالدى ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ تۇراتتى.لېكىن ئەمدى يۈز بەرگەن ئىشتىن ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغىلى تاسلا قالدى.دۆڭلۈكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن دۈك دۈك قلغان ئاۋازلار توختىماي كېلىشكە باشلىدى،خۇددى پويىز ماڭغاندەك،ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا تۈمەنلىگەن باشلار توپتەك قاڭقىغىنىچە كەلكۈندەك ئادىلەگە قاراپ يامىراپ كېلىشكە باشلىدى.ئادىلەنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھېچقانداق تەييارلىقسىز تۇرغان ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىپ كېتىلگىنىگە ئوخشايتتى.
     دۈكۈر دۈكۈر دۈكۈر باشلارنىڭ ئاخىرى تۈگەي دېمەيتتى،ھەممىسى پەسكە قاراپ دومىلاۋاتاتتى،توختىماي ئادىلەگە سوقۇلاتتى،ئادىلە يۈزىنى توسۇۋالدى،بولمىغاندا بۇ باشلار ئۆزىنى سۆيۈۋېلىشى مۇمكىن ئىدى،بىرەر مىنۇتتەك ۋاقىتتىن كېيىن كەلكۈندەك يامرىغان باشلار دومىلاپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى.ئەتىراپمۇ تىنجىپ قالدى،ئادىلەنىڭ ئۈستى-بېشى باياتتىن سوقۇلغان باشلاردىن يۇققان قان-يىرىڭلار بىلەن بۇلغانغان،ھېلىمۇ يۈزىنى توسۇۋالغىنى،بولمىسا يۈزلىرىمۇ تونۇغۇسىز بولۇپ كېتەتتى.
ئادىلە ئەمدى بىر يېنىك تىنىپ يۇقرىغا قارىۋېدى،ئۆزىنىڭ بالدۇر خۇش بوپ كەتكىنىنى،باياتتىنقىسىنىڭ پەقەتلا بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بايقىدى،بېشى ئۈزۈلگەن جەسەتلەر دەرەخلەردىن يەرگە چۈشۈپ،ئاستا ئورنىدىن تۇرغىنىچە دۆڭدىن پەسكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى،قارىغاندا ئۆزىنىڭ بېشىنى ئىزدەپ ماڭغاندەك قىلاتتى.
     ئاپپاق كىيىملىك باشسىز جەسەتلەر توپ توپ بولۇپ ئالغا سىلجىماقتا ئىدى.ئەگەر ئەمدى قاچمىسا ئاينۇرمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەزاغا ئايلىنىپ قالاتتى.......
     جان قايغۇسىدا ئادىلە ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ئۆزىنى ئالدىغا بىرلا سىلكىپ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرغان جەسەتنىڭ پۇتىنى تۇتىۋالدى.ئاندىن جەسەتكە ئېسىلىپ يۇقىرغا يامىشىشىقا باشلىدى.
     ئادىلە يامىشىپ ئۆزىنى رۇستلىۋالدى،لېكىن بۇ چاغدا،ھېلقى باشسىز جەسەتلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىغىلا كېلىپ قالغان ئىدى،بىر قانچىسى ئادىلەنىڭ كىيمىگە ئېسىلدى،يەنە بىر چىرىپ كەتكەن جەسەت بولسا ئىككى قولى بىلەن ئادىلەنىڭ پۇتىغا چىڭ ئېسىلىۋالغاندى،
     ئادىلە قاتتىق بىر يۇلقۇنۇپلا ئۆزىگە ئېسىلماقچى بولغان جەسەتلەرنى ئىتتىرۋەتتى،شۇ يۇلقۇنىشىدا پۇتىنى قىسىپ تۇرغان ھېلقى شاخمۇ ئاجىرىدى،پۇتى قىسىلىپ قالغان جايىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادىلە تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ كەينىگە يىقىلدى ۋە پەسكە يۇمىلاشقا باشلىدى،ئۇ ئېسىلىپ تۇرغان ئۈستىدىكى جەسەتمۇ ئۇنڭ بىلەن قوشۇلۇپلا شاختىن ئاجىراپ ئادىلە بىلەن تەڭ پەسكە دومىلىدى.
     ئادىلە خۇددى بىر پارچە كۆتەكتەك پەسكە قاراپ دومىلاۋاتاتتى.ئۇ ئۈستىگە قارىۋېدى ھېلقى باشسىز جەسەتلەر ئۆزىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە كەينىدىن دوملاپ كېلىۋاتاتتى.بەزىلىرى ھەتتا چېكەتكىدەك بىر تاقلىشىدا تۆت-بەش مېتىر يېراققا سەكرەپ يېقىنلىشىۋاتاتتى.
     ئادىلە بېشىنىڭ قايغىنىنى ھېس قىلىۋاتاتتى،ئۆزىنىڭ قاچانغىچە مۇشۇنداق دومىلايدىغىننى بىلمەيتتى،ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك،ئۈستىدىن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان جەسەتلەر ئۆزىنى كۆمۈپ تاشلايدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى.ئەگەر شۇنداق بولسا ئادىلەمۇ ئاشۇنداق يىرگىنىچلىك جەسەتكە ئايلىنىپ قالاتتى.ئۇنىڭ ئېسىگە مومىسى كەلدى،ئۇ مومىسىغا ھەممىدىن ئامراق ئىدى،مومىسىنىڭ يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن چىرايى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى،ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆردى،بىر توپ كىشىلەر،ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى،دوست-ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ نامىزىدا كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى.
     ئادىلە بۇ دۆڭنىڭ ئاستىنىڭ ھېلقى يول بەلگىسى ئېسىلغان ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغان ھېلقى تاشيولنىڭ بويى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى.ئۇ گۈپپىدە بىر دۆۋە ئۆلۈكنىڭ بېشى ئۈستىگە چۈشتى.ئاندىن يەنە ئىككى دومىلاپ تاشيولنىڭ ئوتتۇرسىدا توختىدى.ئۇ ئورنىدىن ئەمدىلا تۇرىۋېدى،ئۇدۇلدىن چوڭ بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ سىگىنال ئۇرغىنىچە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى.ماشىنا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا بولۇپ،ماشىنىنىڭ كۈچلۈك چىراق نۇرى ئادىلەنى چوڭقۇر چۈش ئالىمىگە باشلاپ كىردى.
     ئاسمان بېلىق قارنىدەك ئاقارغان،سەھەر سائەت تۆتتە ،مازارنىڭ ئۈستىدە بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرەتتى.يىراقتىكى تاغلار،يېقىندىكى دەرەخلەر،ھەممىسى بىر قەۋەت سۇس تۇمان بىلەن ئورالغان،ھەتتا يول بويىدىكى ئىنسى-جىن يوق كوچا چىراقلىرىمۇ شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنمەكتە.
     ئادىلەنىڭ چاچلىرى تاڭ شەبنىمىدە نەمدەلگەن،تاتارغان يۈزلىرىدە قان يۇقى،تىتىلغان ئىشتانلىرىدىن يوتىلىرىدىكى ساناقسىز يارىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،يارا شامالدا قېتىپ قالغان بولۇپ ھېچقانداق سېزىم يوق.
-     ئۆھۆ،ئۆھۆ-!ئادىلە ھۆتەلگىنىچە چۈشىدىن ئويغاندى،ئېغىزىدىن ئۇيۇپ قالغان بىر كاللەك قان چۈشتى.ئاستا  ئويغىنىپ پۈتۈن بەدىنىنىڭ مىڭلىغان مىخ سانچىلغاندەك ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدى،ئۇ بەدىنىنى ئاستا ھەركەتلەندۈرگەچ  ئەتىراپقا سەپ سالدى.بىلىكىگە قارىۋىدى،بىر قانچە چوڭقۇر تىلىنغان يارا ئىزىدا قان كاللەك بولۇپ قالغان بولۇپ،تۇز سەپكەندەك ئېچىشىۋاتاتتى.
     ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى،لېكىن تۇرۇپلا جايىدا قېتىپ قالدى.چۈنكى ئەتىراپ چېچىلغان جەسەتلەر بىلەن تولغان بولۇپ،بەزىلىرى ھەتتا بىلىكى ئۈزۈلگەن،پۇتلىرى ئاجىرىغان ھالەتتە،ئاپپاق كېپەنلەر شامالدا ئۇچۇپ يۈرەتتى،تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى يېقىنلا يەردىكى ئوننەچچە قەبرە خۇددى بىرسى كولىۋەتكەندەك ئۈستى ھاڭدەك ئوچۇق تۇراتتى.چېچىلىپ ياتقان جەسەتلەر دەل شۇ قەبرىلەردىن چىققاندى.
تاشيول پۈتۈنلەي جەسەتلەر بىلەن تولغان بولۇپ،چېچىلغان قانلار،چىرىگەن جەسەتنىڭ پۇرىقى قوشۇلۇپ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتاتتى.
    سەل يىراقتا بىر چوڭ يۈك ماشىنىسى ئۆرۈلگەن پېتى ياتاتتى،ماشىنا بىر تۈپ دەرەخكە ئۈسۈپ توختىغان بولۇپ،ماشىنىنىڭ ئالدى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان،دېرىزىلىرى قان بىلەن بويالغان،قارىغاندا شوپۇر ھايات قالمىغاندەك قىلاتتى.
      بۇ قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىنى ئادەتتىكى نورمال ۋاقتىدا كۆرگەن بولسا ئادىلە چوقۇم جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ،ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماي قېچىپ كېتەر ئىدى،لېكىن باشتا كۆرگەن ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشنىڭ ئالدىدا بۇ ھىچقانچە بىلىنمىدى.ئادىلە پەرۋاسىز ھالدا يۈزىگە چۈشىۋالغان چېچىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىستۇرىۋېتىپ،پۇتىغا پۇتلاشقان جەسەتلەرنى تەپكىنىچە،ئاستا قەدەملەر بىلەن دۆڭدىن پەسكە چۈشىدىغان يولنى بويلاپ مېڭىپ كەتتى.



تەھرىردىن: ئەسەر ئاخىرى جىددى رەتلىنىۋاتىدۇ...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 10:50 AM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kvkbvra + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
hasratjan + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
بەرگى + 200 ماختاشقا تېگىشلىك، تى.
yoquk + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 610   باھا خاتىرىسى

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

11-بۆلەك

ئارقاڭدا ئادەم بار



ئادىلە پۈتۈن بەدىنى يارا،ئۈستىبېشى قان-يىرىڭ ھالدا ئېغىرلاشقان پۇتلىرىنى سۆرەپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.بۇ چاغدا سائەت بەش بولغان ئىدى.
تاڭ ئەمدىلەتتىن سۈزۈلۈشكە باشلىغان،بىر كېچە تېلۋىزور كۆرۈپ چىققان ياتاق ئىشىكىگە قارايدىغان ھاشىم بوۋاي،سەھەردە ھاجىتى قىستاپ قوروغا چىقىپ بىر بۇلۇڭغا كېلىپ ئەسنىگىنىچە تاسمىسىنى يېشىۋاتاتتى،تۇيۇقسىز مۇزدەك سوغوق بىر قول ئۇنىڭ دولىسىغا قويۇلدى.ئاندىن يەر تېگىدىن چىققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:ھاشىم بوۋا......ھاشىم بوۋا......
ھاشىم بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى.ئاستا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىۋېدى،چاچلىرى پاخپايغان،پۈتۈن ئەزايى قان بىر ئاق كىيىملىك جىننى كۆردى!
-جى....جىن....جىىىىىىىىن-ھاشىم بوۋاي ئىشتىنىنى كۆتۈرگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى،لېكىن نەچچە قەدەم مېڭىپ بولۇپ تۇرۇپ قالدى،توغرا ئەمەسقۇ،مەن يا خەققە يۈز كېلەلمەيدىغان بىرەر ئىش قىلمىسام،جىن مېنى بىكاردىن ئىزدەپ كېلەمدۇ؟ئەڭ ياخشىسى ئوبدان قاراپ باقاي جۇمۇ-ھاشىم بوۋاي شۇلارنى ئويلىغاچ كەينىگە بۇرۇلۇپ قولىدىكى قول چىراقنى ھېلقى جىننىڭ يۈزىگە توغىرلىدى،بۇ...بۇ ئادەتتە  ھەر قېتىم مېنى كۆرگەندە سالام بېرىپ تىنچلىق سوراپ ئۆتىدىغان ئادىلەقىز ئەمەسمۇ؟
بۇ چاغدا ماغدۇرسىزلانغان ئادىلەنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ،جايىغىلا يىقىلدى،ئۇ ھوشىدىن كەتكەندى.ھاشىم بوۋاي ئۇنى يۆلەپ دىجورنىخانىغا ئېلىپ كىردى،ئاندىن تېلفۇن قىلىپ مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىگە تېلفۇن قىلدى،كۆپ ئۆتمەي مەكتەپ ماشىنىسى كېلىپ ئادىلەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.
بېشى قاتتىق سوقۇلغانلىقتىنمۇ ياكى ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ،ئادىلە ئۇ كۈنى كەچتە بولغان ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئەسلىيەلمىدى.دوختۇر-سېستىرا،ياكى دوستلىرى نېمىلا گەپ سورىسۇن ئوخشاشلا بېشىنى چايقايتتى.ئەگەر يەنە بولدى قىلماي سوراۋەرسە ئىككى قولىدا بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە چاچلىرىنى يۇلۇپ ۋارقىرايتتى.دوختۇر ئۇنى تاللاش خارەكتىرلىك خاتىرسىنى يوقىتىش ھالىتىدە بولسا كېرەك دەپ دېئاگىنوز قويدى.دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بىمارنىڭ روھىي-ھالىتى نورماللاشقاندىن كېيىن خاتىرسىمۇ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدىكەن.
ئادىلە دوختۇرخانىدا ياتقان بىر قانچە كۈندە نۇرغۇن دوست-بۇرادەر ساۋاقداشلىرى ئۇنى يوقلاپ كەلدى.يەنە بىر قانچە قېتىم ساقچىلار كېلىپ ئايشەمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدى،لېكىن ئادىلەنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ھېچنىمىنى ئىگەلىيەلمەي قايتىپ كېتىشتى.
لېكىن بىر ئادەم ئادىلەگە بۇنداق قارىمايتتى.ئۇ دەل ۋەسۋەسسىگە چۈشكەن گۈلقىز ئىدى.ئادىلەنىڭ كېلىپلا مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشى،ۋاقىتنىڭ توغرا كېلىشى،گۈلقىز قانداقلا ئويلىمىسۇن ئادىلە تولىمۇ گۇمانلىق ئىدى.گەرچە ھازىر ئادىلە خاتىرسىنى يوقىتىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ،لېكىن تەھدىت يەنىلا مەۋجۇت ئىدى،ئەگەر قايسى بىر كۈنى ئۇ بولغان ئىشلارنى ئېسىگە ئېلىپ بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلسا،ئۆزىنىڭ بىر پاي ئوقتا جېنىنىڭ ئېلىنىشى ئېنىقلا ئىدى.
گۈلقىزنىڭ نۇ نەچچە كۈندە ئىشتىھاسى تۇتۇلدى،ئۇيقۇسى قاچتى،ئۇ قانداق قىلىشنى بىلمەي تىت-تىت بولاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلار ھازىر پۈتۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئايشەمنىڭ دېرىكىنى قىلىشقا چۈشكەن،بۇنىڭدىن سىرت كوچا خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ساقچىلار تۇرسۇنئاينىڭ ئۆلۈمىدە يېڭى يىپ ئۇچى تېپىپ چىققان،ئەگەر ئۇ ئۆزىنى تاشلىۋالغان بولسا نورمال ئەھۋالدا يەرگە چۈشكەن ئارلىق بەك يىراق بولماسلىقى كېرەك،لېكىن نەق مەيداندا تۇرسۇنئاينىڭ چۈشكەن يېرى بىنادىن خېلىلا يىراقتىكى دەرەخكە سوقۇلۇپ ئاندىن يەرگە چۈشكەن،ھەممە پاكىتلار تۇرسىنئاينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بولماستىن باشقىلار تەرىپىدىن بىنادىن ئىتتىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.دېمەك ئۇ قەستكە ئۇچىرىغاندى.
يارىسى ئانچە ئېغىر بولمىغانلىقتىن،ئادىلە دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپلا ياتاققا قايتىپ چىقتى.
ئاينۇر كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە ئادىلە ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىنى تارتىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىمۇ،لېكىن ئۇ يېقىن دوستى بولغانلىقتىن بۇ توغۇرلۇق جىق ئويلاپ كەتمىدى،ئادىلەنىڭ ساق-سالامەت دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ خوشال بولدى.لېكىن ئادىلە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ يۈرمەيدىغان،كەمسۆز بولۇپ قالدى،ئاينۇر ھېلقى كۈنىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولۇپ گەپنىڭ ئۇچىنى چىقارسىلا ئادىلە ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى.چىرايىدىن خۇددى نېمىلەردىندۇر قورقىۋاتقاندەك قىلاتتى.
يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ20يىللىق خاتىرىسى بولاتتى،ھەممە سىنىپلار جددىي ھالدا نومۇر تەييارلاشقا چۈشكەن،بۈگۈن كەچتە ئاينۇر،پاتىمە،ماھىرە،ئادىلە ۋە گۈلقىزلار رېپىتىس زالىدا ياۋروپانىڭ كىلاسسىك بىر دىراممىسىنى رېپىتىس قىلىۋاتاتتى.
دىراممىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق بولۇپ:دېھقان قىزى سۇسان)ئاينۇر(مال بېقىۋاتقاندا بۆرىگە ئۇچىراپ قالىدۇ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا شاھزادە روگ)ماھىرە(ئاق ئات مىنىپ مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ،بۆرىنى ئۆلتۈرۈپ سۇساننى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ،سۇسان شاھزادىگە ئاشىق بولىدۇ،لېكىن شاھزادە سۇساننىڭ سىڭلىسى ئېلىس)ئادىلە(نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.شاھزادە ئېلىسنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ،لېكىن ئاچىسى سۇسان غەززەپ ۋە ھەسەتتىن توي ئاخشىمى سىڭلىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.
پاتىمە بىلەن گۈلقىز ھەققانىيەت ۋە رەزىللىك ئىلاھىنىڭ رولىنى ئېلىپ سۇساننىڭ قەلبىدە كەسكىن ئېلىشىدۇ.ئاخىرىدا رەزىللىك يېڭىپ چىقىپ سۇسان بىر قانخورغا ئايلىنىدۇ،ئاندىن ئۆتكۈر خەنجەرنى ئېلىسنىڭ كۆكرىكىگە سانجىيدۇ.سۆيگىنىنىڭ جان ئۈزگىنىنى كۆرگەن شاھزادىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.بىراقلا قېرىندىشىدىن ۋە سۆيگىنىدىن ئايرىلغان سۇسانمۇ ئاخىرى ساراڭ بولۇپ قالىدۇ.
رېپىتىس ياخشى داۋاملىشىۋاتاتتى.ئاينۇرنىڭ خەنجەرنى كۆتۈرۈپ ئادىلەنىڭ كۆكرىكىگە سانجىيدىغان يېرىگە كەلگەندە،ئادىلە قورقۇپ ۋارقىراپ تاشلىدى،ئاندىن جايىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
ھەممەيلەن كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى.
ئاينۇر-:ئادىلە قورىقما،بۇ پەقەت بىر دىرامما،ھەممىسى يالغان.
-لېكىن ماڭا خۇددى سەن راستلا مېنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى-دېدى ئادىلە يىغلامسىراپ تۇرۇپ.
-نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ،بىز دىگەن يېقىن دوستلاردىن تۇرساق،قورىقمىغىن ھە-كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز-بۇ بىر ئېغىزدىن تەسسەللىي بېرىشكە باشلىدى.
بۇ چاغدا گۈلقىزنىڭ يانفۇنى سايرىدى،ئۇ تېلفۇننى ئېلىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇچە يانفۇننىڭ توكى تۈگەپ قالدى،گۈلقىز ئادىلەنىڭ يانفۇنىنى سوراپ ئېلىپ تېلفۇن ئۇرغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتى.
ئاينۇر ئادىلەگە مەدەت بېرىۋاتاتتى-:ئادىلە سېنىڭ قورقۇپ كەتكىنىڭ بىزنىڭ دىراممىنى ناھايتى ئوخشىتىپ ئوينىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ،بۇ قېتىم بىز چوقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمىز،تۇرە،داۋاملىق مەشىق قىلايلى-ئاينۇر شۇنداق دېگىنىچە ئادىلەنىڭ قولىنى تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ،يەنە رېپىتىس قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى.
رېپىتىس قىلىپ رەزىللىك ئىلاھىنىڭ سەھنىگە چىقىدىغان يېرىگە كەلدى،لېكىن گۈلقىز تېخىچە قايتىپ كىرمەيۋاتاتتى-گۈلقىز نىمانداق قىلىدىغاندۇ؟يىگىرمە مىنۇتمۇ پاراڭلاشقان بارمۇ،بولدى بىزمۇ بىر ئاز ئارام ئالايلى-شۇنداق دېگىنىچە ئاينۇر بېرىپ ئۇسسۇلۇق ئىچىش ئۈچۈن سۇدىنىنى قولىغا ئالدى.
گۈلقىزنىڭ تېخىچە قايتىپ كىرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئادىلە ئۇنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ چىقتى.سىرتتا تۇرغانلاردىن سورىۋېدى،ئۇنىڭ بىنانىڭ ئۆگىزىسىگە چىقىپ كەتكىنىنى بىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئادىلە پەلەمپەينى بويلاپ ئۆگىزىگە چىقتى،ئۈستىدە شامال چىقىۋاتاتتى،ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ يۇلتۇزلارمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئادىلە قاراڭغۇدا بىرسىنىڭ يەردە زوڭزايغىنىچە ئۆزىگە كەينىنى قىلىپ تېلفۇن پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆردى.ئادىلە كۆڭلىدە-:گۈلقىزمۇ قىززىقكەنغۇ،ئاتايىن بۇ يەرگە چىقىپ كىم بىلەن پاراڭلىشىپ كەتكەندۇ؟-دەپ ئويلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئادىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېقىنلاشتى،لېكىن ئۇ يېقىن كېلىپ گۈلقىزنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا بىر نەرسىلەرنى دەۋاتقىنىنى ئاڭلىدى.ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى  بىلگىلى بولمايتتى،لېكىن ئۇنىڭ ئېغىزى توختىماي بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى،خۇددىي دۇرۇت ئوقۇۋاتقاندەك.
-گۈلقىز!
ئادىلە پەس ئاۋازدا ئۇنى چاقىردى،لېكىن ئۇ جاۋاپ قايتۇرمىدى،ئېغىزىدا يەنىلا توختىماستىن بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى،ئادىلە ئۇنى بەلكىم بېرىلىپ پاراڭلىشىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ گەپ قىلماستىن ئۇنىڭ پاراڭلىشىپ بولۇشىنى كۈتتى.لېكىن ئەمدىكى ئىشلار ئادىلەنى چۆچۈتتى.ئادىلە بىر قانچە مىنۇت ساقلىغان بولسىمۇ ئادىلە توختىماي بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى،ئادەتتە تېلفۇن پاراڭلاشقاندا بىردەم سۆزلەپ بىردەم ئاڭلايدۇ،لېكىن گۈلقىز دەممۇ ئالماستىن قارشى تەرەپكە گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەستىن توختىماي گۇدۇڭشىۋاتاتتى.توۋا!بۇ قانداق تېلفۇن پاراڭلىشىش؟
-گۈلقىز-!ئادىلە يەنە چاقىردى،لېكىن گۈلقىز ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك،توختىماستىن سۆزلەۋاتاتتى.توغرا ئەمەسقۇ؟ئۇ ھېچبىر سۆزلەۋاتقاندەك ئەمەس،بولمىسا نېمىشقا بىر ئېغىز گېپىنىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ؟يەنە كېلىپ چىرايى ھېچ بىر ئىپادىسىز،ئادىلە ئازراق قورقۇپ گۈلقىزنىڭ مۈرىسىگە يېنىك نوقۇپ سورىدى:
-گۈلقىز،نېمىش قىلىۋاتىسەن؟
تۇيۇقسىز گۈلقىز -ئا-...دەپ ۋارقىرىۋەتتى،قولىدىكى يانفۇنمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى،ئاندىن ئۆزىنى تاشلاپلا يەردە ئوڭدىسىغا يېتىپ قالدى.ئۇنىڭ ۋارقىرىغىنىنى كۆرۈپ ئادىلەمۇ چۆچۈپ كەررى،ئاندىن ئېڭىشىپ گۈلقىزنى يۆلىگىنىچە ئۇنىڭ بېشىنى لىڭشىتتى.
-گۈلقىز،ساڭا نېمە بولدى؟بىرەر ئىش يوقتۇ؟
بىر ھازادىن كېيىن گۈلقىز ئاستا كۆزىنى ئاچتى،ئاندىن قورقۇمسىراپ تۇرۇپ-:ئادىلە بۇ سەنمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ھە ئە مەن ئادىلە،ساڭا نېمە بولدى؟بايا كىم بىلەن تېلفۇن سۆزلىشىۋاتاتتىڭ؟
-مەن...مەن دېيەلمەيمەن،دېسەم سەن قورقۇپ كېتىسەن-گۈلقىز يىغلاۋاتاتتى.
-بايا مەن...مەن باياتتىن تۇرسۇنئاي بىلەن سۆزلەشتىم!ھۇ ھۇ ھۇ....گۈلقىز ئادىلەنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپ كەتتى.
-ھە؟!تۇرسىنئاي؟ئۇ...ئۇ ئاللىقاچان....بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟-ئادىلە تىتىرەپ كەتتى.
-ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ ئاڭلاپ باق،ئۇ تېخىچە سۆزلەۋاتىدۇ....
ئادىلە ئىشىنىپ-ئىشەنمەي يانفۇننى يەردىن ئالدى،ئېكران تېخىچە يورۇق بولۇپ،تېلفۇن قىلغۇچىنىڭ ئىسمى تۇرسىنئاي دەپ تۇراتتى!ئادىلەنىڭ قوللىرى تىتىرىدى،ئۇ يانفۇننى ئاستا قۇلىقىغا تۇتتى-:ۋەي...كىمۇ؟
-ھا ھا ھا،چۈشە،مەن سېنى پەستە ساقلايمەن،چۈشە مەن سېنى ساقلاۋاتىمەن،تېز بول...تۇرسىنئاي توختىماي بىر جۈملە سۆزنى تەكرارلاۋاتاتتى.لېكىن بۇ ئېنىقلا تۇرسىنئاينىڭ ئاۋازى ئىدى.
ئەجىبا راستىنلا جىن بارمىدۇ؟ئادىلە ساراڭ بولاي دېدى،گۈلقىز يىغلاپ تۇرۇپ-:ئادىلە،مەن تۇرسىنئاينى كۆردۈم،ئۇ......ئۇ بىنانىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ،ئۇ پەستە تۇرىدۇ،ھۇ ھۇ ھۇ......
ئادىلە ئاستا بىنانىڭ قىرىغا كەلدى،يانفۇندىن توختىماستىن-:چۈشە،مەن سېنى ساقلاۋاتىمەن،تېز چۈشە-دېگەن ئاۋاز چىقىۋاتاتتى.
ئادىلە بىنانىڭ قىرىغا يېرىم مېتىرلا كېلىدىغان جايغا كېلىپ بوينىنى سوزۇپ پەسكە قارىدى،لېكىن بەك قاراڭغۇ بولغاچقا ئۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمىدى.دەل مۇشۇ چاغدا گۈلقىز ئورنىدىن تۇرۇپ،بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئادىلەگە ئاستا يېقىنلاشتى،ئادىلەگە بىر مېتىتلا ئارلىق قالغاندائۇ قولىنى سوزدى،قاراڭغۇدا ئۇنىڭ چىرايىدا زەھەرخەندە كۈلكە پەيدا بولدى.
-سىلەر ئىككىڭلار بۇيەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟-ھايات-مامات قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا قالغان مۇشۇ خەتەرلىك پەيىتتە پەلەمپەي تەرەپتىن ئاينۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئادىلە،خەتەرلىك-!ئىشنىڭ قاملاشمىغىنىنى كۆرگەن گۈلقىز دەررۇر ئادىلەنى تارتىۋالدى.قارىماققا ئۇ ئادىلەنى قوغداۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئاينۇر قاتتىڭ چۆچۈگەن،كۆڭلىدە-:بىر قەدەم كېچىككەن بولسام گۈلىقز ئادىلەگە زەھەرلىق قولىنى سۇناتتى،گۈلقىزنىڭ بۇ قەدەر قورقۇنۇچلىقىنى ھەجەپ بۇرۇن ھېس قىلماپتىكەنمەن دېسە،لېكى ن ئۇ نېمىشقا ئادىلەنى قەستلەيدىغاندۇ؟ئەجىبا...بۇ ئالدىنقى قېتىملىق ئادىلەنىڭ يوقاپ كەتكەن كۈنىدىكى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟
كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىسىمۇ،ئاينۇر يەنىلا تېشىغا چىقارمىدى-:ئىككىڭلا زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟تېلفۇن پاراڭلىشىپ بولدۇڭلارمۇ يوق؟
تېخىچە ئېسىگە كېلىپ بولالمىغان ئادىلە بولسا تىتىرەپ تۇرۇپ:ئاينۇر،مەن بايا تۇرسىنئاينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم،ئۇ تېلفۇندا گەپ قىلىۋاتىدۇ-شۇنداق دېگىنىچە يانفۇننى ئاينۇرغا سۇندى،لېكىن تېلفۇن ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.
ئاينۇر ئەسلىدىنلا ھەيران بولىۋاتاتتى،لېكىن يەنىلا پەرۋاسىز قىياپەتتە-:قاراڭلا ئىككىڭلارنىڭ تۇرقىغا،نەدىكى تۇرسىنئايكەن ئۇ؟ئەجىبا راست جىن كۆرگەن ئوخشىمامسىلەر؟ئىشقىلىپ مەن ئىشەنمەيمەن،ئىككىڭلا زادى رېپىتىس قىلامسىلەر-يوق؟ئەگەر يەنە  جىننىڭ گېپنى قىلىدىغان بولساڭلار مەن راست ساراڭ بولۇپ قالىمەن جۇمۇ!
-ئۇنداق ئەمەس،مەن راست ئاڭلىدىم-ئادىلە ئۆزىنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىۋاتاتتى.
-بولدى-بولدى،تالاشمايلى،ئىتتىكراق چۈشۈپ مەشىق قىلايلى،ھەممەيلەن بىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ،تېز،تېز-!شۇنداق دېگىنىچە ئاينۇر ئىككىسىنى گەپ قىلغىلىمۇ قويماي تارتىپ ئېلىپ چۈشۈپ كەتتى.


12ـ بۆلەك

قانلىق سەھنە



قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاينۇر ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى،گۈلقىز نېمىشقا ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئادىلەنى قەستلەيدۇ؟ئادىلە يوقاپ كەتكەن شۇ ئاخشىمى گۈلقىزمۇ بىرەر سائەتتەك يوقاپ كەتكەن،قايتىپ كەلگەندىمۇ روھىي كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەس كۆرۈنگەن،سەۋەبىنى سورىسام دوستۇمغا ئازراق بىر ئىش بوپتىكەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ كەلدىم دەپ جاۋاپ بەرگەن.ئەجىبا شۇ كۈنى كەچتە ئىككىسى بىللە بولغىمىدى؟ئۇنداقتا ئايشەمنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ بۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟ئادىلە نېمىشقا بىكاردىنلا يارلىنىدۇ؟
ئاينۇر ئويلىغانسىرى بۇنىڭ قىيىن بىر تېپىشماق ئىكەنلىكىنى سەزدى،ئۇ چپقۇم بۇ تېپىشماقنى يېشىپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى،چۈنكى سىرتلاردا ئايشەمنىڭ ئۆلۈمىنى ئاينۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى،چۈنكى ئالدىنقى قېتىم ئاينۇر ئايشەم بىلەن سوقۇشقاندا مەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان،مانا ئەمدى،ئايشەم راستىنلا يوقاپ كەتتى،شۇڭا ھازىر ھەممىسى ئۇنى راستىنلا ئايشەمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىشماقتا،ئەگەر بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقمىسا ئاينۇر خەقنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇپ قالاتتى.گەرچە بۇنىڭ ھەممىسى ئۆسەك سۆز بولسىمۇ،ۋاقتى كەلسە خەق شۇ ئۆسەك سۆزگە ئاساسلىنىپ سېنى قارلاشتىن يانمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ئاينۇر بىكار يۈرمىگەندى،ئالدىنقى قېتىم كۇتۇپخانىنىڭ ئىچىدىكى ئامباردا ھېلقى ئىشلارغا يولۇققاندىن  كېيىن ئۇ ئاستىرىتتىن ھېلقى گۈلنار دىگەن ئايالنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاۋاتاتتى.ئۇنىڭ قارىشىچە ئالىم پروفسورنىڭ غەلىتە ئادەتلىرى،ھايۋان كەبىي قىلىقلىرىدىن يەنە ئۇنىڭ ھېلقى مودىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن قارىغاندا،ئۇ ھېلقى ئايالنى ئۆلتۈرىۋەتكەندەك قىلاتتى.
شۇ كۈنىنىڭ ئەتىسىدىكى سوراقتىمۇ،گەرچە ئالىم پروفسور ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرسىمۇ،ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىغاندىكى ھالىتىدىن قارىغاندا ئالىم پروفسور ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ بولغاندەك قىلاتتى،ئەگەردە تېزدىن بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقمىغاندا،بەلكىم ئالىم پروفسور ئۆزىگە تەھدىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تېلۋىزوردا دائىم چىقىدىغان بىر سۆز ئاينۇرنىڭ ئېسىگە كەلدى-:بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى بەك جىق بىلىپ كەتسەڭ ئۆزۈڭگە پايدىسى يوق-!ئاينۇر ھازىر گۈلقىز ۋە ئالىم پروفىسور ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىنى بىلىپ قالغان،ھازىر ئۇنىڭ قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشى يالغاندىن ھېچنىمىنى بىلمەس بولىۋېلىش،بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويسا ئۆزىگە تېخىمۇ پايدىسىز بولاتتى.ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىشنىمۇ ئويلاشتى،لېكىن ئۆزىدە قولغا چىققۇدەك پاكىت يوق،ھازىر ساقچىغا مەلۇم قىلسا ھېچبىر پايدىسى بولمايلا قالماي جىم ياتقان يىلاننى ئۈركۈتۈپ قويغان بولۇپ،قارشى تەرەپ تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى ئۆزىنىڭ بۇنى ئېنىقلىشى تېخىمۇ قىيىنغا چۈشىشى مۇمكىن.
ھەر تۈرلۈك ئۆزىگە پايدىسىز ئامىللارغا قارىتا،ئاينۇر شەپىسىزلا تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.ئاخشام ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ،بىر باھانە توقۇپ ماتىريال ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا چۈشۈردى.ئاندىن ئۆزى يالغۇز تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن ماتىرياللار ئارىسىدىن ئالىم پروفسور بىلەن گۈلنارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزدەشكە باشلىدى.نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ئاخىرى كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر ئارخىپنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئىزدەۋاتقان گۈلنارنىڭ ماتىريالىنى تاپتى،ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىكى،ئارخىپقا چاپلانغان بىر سۇڭلۇق رەسىمدىكى قىز ،دەل ئاينۇر ئامباردا كۆرگەن تامدىكى رەسىمدە سىزىلغان ھېلقى چىرايلىق قىزنىڭ ئۆزى ئىدى.
گۈلنار ئالدىنقى قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەن سېستىرالار سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ،ئوقۇش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى،ناخشا ئېيتىش،ئۇسسۇل ئويناشتا ئالاھىدىلىكى بار دەپ يېزىلغاندى،ئەڭ ئاخىرىدا قىسقىچە قىلىپلا**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى نامەلۇم سەۋەپ بىلەن يوقاپ كەتكەن،ساقچىلار دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى دەپ يېزىلغاندى.ئاينۇر كەينى بەتنى ئېچىۋېدى،ئاخىرىغا ھېچنىمە يېزىلمىغان ئىدى.
دەرۋەقە،پاكىتلار گۈلنارنىڭ ئالىم پروفسور بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.بەلكىم ئالىم پروفىسور ئاللىقاچان ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەندەك قىلاتتى.ھازىرقى مەسلە،قانداق قىلىپ ئالىم پروفىسورنىڭ گۈلنارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئىدى.بۇ ئىشقا ئاللىقاچان ئىككى يىل بولغان،قەيەردىن باشلاپ تەكشۈرۈش كېرەك؟ئاينۇر دەمالىققا نېمە قىلىشىنى بىلەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن گۈلنارنىڭ ماتىريالىنى يانچۇقىغا سېلىپ،ماتىريال ئۆيىدىن قايتىپ چىقتى.
بۈگۈن،مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېگۈچە ئاينۇر ئادىلەنى چەتتىكى ئۈستەلگە تارتىپ ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا جېككىلىدى-:ئادىلە،يېقىندىن بۇيان توختىماي غەلىتە ئىشلارغا ئۇچىراۋاتىسەن،شۇڭا سېنى ئەسكەرتىپ قوياي،ئېھتىيات قىلىپ يۈرگىن،بولۇپمۇ گۈلقىزغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمە،بىلدىڭمۇ؟
ئادىلە ئازراق تەشۋىشلىنىپ سورىدى:-قانداق دەيسەن؟سېنىڭچە گۈلقىز مېنى...
-ھۈش...بوشراق گەپ قىل!ھەرگىز جىددىيلەشمە،گېپىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت،ئىككىمىز يېقىن بولغاچقا سېنى ئەسكەرتىۋاتىمەن،كۆڭلۈڭدە سان بولۇپ قالسۇن.
دەل مۇشۇ چاغدا گۈلقىز تامىقىنى كۆتۈرگىنىچە كۈلۈمسىرەپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى-:ئىككىڭلار ھەجەپ بۇلۇڭغا كېلىپ ئولتۇرىۋاپسىلەرغۇ؟نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟
-ھېچنىمە...ئادىلە دۇدۇقلىدى.
-ئادىلە سەن تۇخۇمغا بەك ئامراققۇ،مېنىڭ تازا خوشۇم يوق،مېنىڭ تۇخۇمۇمنى ساڭا بېرەي-.شۇنداق دېگىنىچە قاچىسىدىكى تۇخۇمنى قىسىپ ئېلىپ ئادىلەنىڭ قاچىسىغا سالدى.ئاينۇر ئادىلەگە كۆز ئىشارىسى قىلىۋېدى،ئادىلە دەررۇ-:بولدە ئاداش،ئۆزۈڭ يېگىن،نەچچە كۈندىن بۇيان ئاشقازىنىم پەقەت ياخشى ئەمەس،ئېغىر تاماقلارنى يېيەلمىدىم-دەپلا تۇخۇمنى گۈلقىزنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدى.
گۈلقىز ئادىلەگە قارىدى،ئاندىن يەنە بېشىنى كۆتۈرمەي تاماق يەۋاتقان ئاينۇرغا قارىدى،بىر نەرسىنى بايقىغاندەك ھېس قىلدىيۇ يەنە چاندۇرمايلا:دېگىنىڭمۇغۇ راست،لېكىن ئەتە سەھنىگە چىقىمىز،سالامەتلىكىڭدە چاتاق يوقتۇ ھە؟
-خاتىرجەم بول،چاتاق يوق،كەچتە يەنە بىر رېپىتىس قىلىۋەتسەكلا ئەتە رەسمىي سەھنىگە چىقىپ ئورۇنلايمىز،لېكىن شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئالدىدا نومۇر ئورۇنلاشنى ئويلىساملا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن جۇمۇ...
-نېمىگە جىددىيلىشەتتىڭ،ھەممىسى بىزگە ئوخشاش بىر بۇرۇن ئىككى كۆزى بار ئادەملەر-گۈلقىز بىر قېزىنى چىشلىگىنىچە سۆزلەۋاتاتتى،ئادىلە ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپلا دەرھال يانفۇنىنى چىقىرىپ ئۇنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدى.ئاندىن ئۇنى زاڭلىق قىلىپ:ئەسلىدە قېزىغا ئامراقكەنسەندە،ھەجەپ بىلمەي يۈرۈپتۇق،ھا ھا ھا...
-ھەي،سەن نېمانداق ئەسكى،مۇشۇنداقمۇ رەسىمگە تارتامسەن؟بولە تېز ئۆچۈرىۋەت-!گۈلقىزنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ ئادىلەنىڭ قولىدىن يانفۇننى تارتىپ ئېلىپلا رەسىمنى ئۆچۈرمەكچى بولدى،لېكىن ئېكراندا:ئۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى،قايتا سىناڭ!دېگەن خەت چىقىپ تۇرىۋالدى.نەچچە قېتىم سىنىۋىدى يەنە ئوخشاش بولدىگۈلقىز ئاچچىقلانغان بولۇپ ئادىلەنى چارىس قىلىپلا بىر پارچە رەسىمگە تارتتى،ئادىلە كۈلۈپ تۇرۇپ-:مېنى تارتىپ نېمە قىلىسەن؟يېقىننڭياقى سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس،ھازىر سەتلىشىپ ئىسكەتىم قالمىدى،بولە ئۆچۈرىۋەت!
گۈلقىز-:يانفۇنىڭنىڭ چاتىقى بارمۇ نېمە؟تارتقان رەسىمنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىكەن دېسە!ئۆزەڭ قاراپ باقە-...ئادىلە يانفۇننى قولىغا ئېلىپ سىناپ بېقىۋېدى راستىلا ئۆچۈرۈلمىدى،ئادىلە كۈلۈپ تۇرۇپ-:ئۆچۈرگىلى بولمىسا تېخى ياخشى ئەمەسمۇ؟خاتا ئۆچۈرۈپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايمەن،ھى ھى ھى...بىزنىڭ ئاينۇرنىمۇ بىر پارچە تارتىپ قوياي-شۇنداق دېگىنىچە يانفۇننى ئاينۇرغا توغىرلىدى،لېكىن رەسىمنى تارتىپ بولمايلا يانفۇننىڭ توكى تۈگەپ ئۆچۈپ قالدى.
ئاينۇر ئوڭايسىزلىنىپ كۈلۈپ قويۇپ:قارىغاندا ماڭا ئېسىل تېلفۇن يارشمىسا كېرەك،ماڭا توغىرلاپ بولغىچە ئۆچۈپ قالدى-دېدى.
ئەتىسى چۈشتىن كېيىن مەكتەپنىڭ20يىللىق مەرىكىسى كۇتۇپخانىنىڭ ئۈچىنجى قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا باشلاندى.زالغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار لىققىدە ئولتۇرغان بولۇپ،ھەمە ئادەم دىققەت بىلەن ئېسىل نومۇرلاردىن ھوزۇر ئالماقتا،ھېلىدىن-ھېلىغا گۈلدۈرراس ئالقىش سادالىرى ياڭرايتتى.
بىر ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاىىرلاشقاندىن كېيىن رىياسەتچى چىقىپ سۆزلىدى-:مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما،قەدىمدىن ھازىرغىچە مىڭلىغان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە.مۇھەببەت قايغۇ ھەم خوشاللىق،كۈلكە ھەم يىغىغا تويۇنغان بولغاچقا شۇنچىلىك گۈزەل،شۇنچىلىك مۇكەممەل،جاھاندا مۇھەببەتسىز ئۆتكەن كىم بار......
ئادىلە باشلىق بىر نەچچەيلەن ھازىر سەھنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ،ھەممە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ سەھنىگە چىقىشنى كۈتۈپ تۇرىشاتتى.بۇ چاغدا ئالىم پروفىسور ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ،كېپىنەكتەك ياسانغان قىزلارنى كۆرۈپ-:قىزلا بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىلەرغۇ،سىنىپىمىزنىڭ شان-شۆھرىتى سىلەرگە قاراشلىق بولۇپ قالدى،تىرىشىڭلار،چوقۇم بىرىنجى بولۇڭلار-دەپ مەدەت بەردى.
-خاتىرجەم بولۇڭ پروفىسور،بىز چوقۇم تىرىشىمىز-كۈلدى ئادىلە.
ئالىم پروفىسور كۈلۈپ تۇرۇپ-:كېلىڭلار سىلەرنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قوياي-دېگىنىچە قىممەت باھالىق فوتو ئاپپاراتىنى قىزلارغا توغۇرلىدى.
ئادىلە-:پروفىسور سىزمۇ بەك كېلىشكەنغۇ،مەنمۇ سىزنى بىر پارچە تارتىۋالاي-دېگىنىچە يانفۇنىنى چىقىرىپ ئالىم پروفىسورنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان يانفۇنىدا رەسىمگە تارتىۋالدى.
-تۆۋەندە كىلىنكا بىرىنجى يىللىق3-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا دىرامما قانغا بويالغان توي كۆڭلىكى-رىياسەتچى نومۇرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئادىلە باشلىق ئارتىسلار سەھنىگە چىقىپ نومۇرنى باشلىدى.ئوتتۇرا ئەسەر ياۋروپا كىيىملىرى ئادىلەگە تولىمۇ ياراشقان بولۇپ،تۆۋەندىكىلەر توختىماي ئالقىشلاۋاتاتتى.
ئوتتۇردىراق ئولتۇرۇپ نومۇر كۆرىۋاتقان مەردان ئۆز قىز دوستىنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكىنىنى كۆرۈپ،بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا توختىماي چاۋاك چالاتتى.
دىرامما ناھايتى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشماقتا،ۋەقەلىكمۇ بارغانسىرى جىددىي داۋاملاشماقتا،ئاچىسىنىڭ سىڭلىسىنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغان كۆرۈنۈشىگە ئازلا قالغاندى،ئاينۇر رول ئالغان سۇسان سۆزلىمەكتە-:سىڭلىم،مېنىڭ سۆيۈملۈك ئېلىسىم،سەن ئەسلى ماڭا تەئەللۇق توي كىيمىنى كىيىۋالساڭ قانداق بولىدۇ؟بۇلار ھەممىسى مېنىڭ،شاھزادە ماڭا مەنسۇپ!!!سەن ئۇنى مەندىن تارتىۋالىمەن دەپ ئويلىما!مەن بىلەن قارىشلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ.مەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن.....ھا ھا ھا.....بېرىپ ئۆل!!!
دىرامما ۋەقەلىكى بويىچە ئاينۇر يۇقارقى سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن،يېنىدىن پارقىراپ تۇرغان ئۆتكۈر خەنجەرنى چىقىرىپ ئادىلەنىڭ مەيدىسىگە سانجىيتتى.
سەھنىدە ئىشلىتىلدىغىنى ئەلۋەتتە سۇلىياۋدىن ئىشلەنگەن يالغان خەنجەر بولاتتى،لېكىن ئاينۇر شارت لا قىلىپ خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئالغاندا ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى،خەنجەر سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ بولغۇچە ئاينۇرنىڭ بېلىگە ئېسىلغان تاسمىنى كېسىپ تاشلىدى!سۇلىياۋ پىچاق قانداقمۇ تاسمىنى كېسەلىسۇن؟بۇ ئېنىقلا راست خەنجەر ئىدى.
شاھزادىنىڭ رولىنى ئالغان ماھىرە ئۇنىڭ راست خەنجەر ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىدە كېچىككەندى،ئاينۇرنىڭ قولىدىكى خەنجەر ماھىرەنىڭ يېنىدىكى ئادىلەگە يېرىم مېتىرلا كېلىدىغان يەردە ھاۋادا ئەگىلىپ كېلىۋاتاتتى.
-ئۇنداق قىلما-ماھىرە قاتتىق ۋارقىرىدى.ئۇنڭدىن كېيىن شارتلا قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مۇزدەك بىر نەرسىنىڭ بەدىنىگە تەگكەنلىكىنى ھېس قىلدى،ئاينۇرنىڭ قولىدىكى پىچاق ماھىرەنىڭ قورسىقىغا سانجىلغاندى.
ھېلىمۇ ماھىرە ئاينۇرنىڭ قولىدىكى پىچاقنى چىڭ تۇتىۋالغاندى،شۇڭا پىچاق ئانچە چوڭقۇر كىرمىگەن،لېكىن ئۇنىڭ بارماقلىرى سۆڭىكىگىچە تىلىنىپ كەتكەندى.قىززىق قابلار بىردىنلا شاررىلداپ ئېقىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كىيمى بىردىنلا قىپقىزىل رەڭگە كىرى.ئۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق ئاغرىقتىن تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان ماھىرە كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ قان ئىچىگە يىقىلدى.
-ئا-......!قاننى كۆرگەن ئادىلە ۋارقىرىۋەتتى.سەھنىدىكى باشقا قىزلارمۇ تەڭلا ۋارقىراشقا باشلىدى.ئاينۇر بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى،ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قوللىرى تىتىرەيتتى.
تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارمۇ چۆچۈپ كېتىشتى.ھەر قانچە راستقا ئوخشىتىمىز دېگەندىمۇ،بۇنچە قانلىق كۆرۈنۈش ياساپ چىقمىسىمۇ بولاتتىغۇ؟بۇ يا كىنو بولمىسا،مۇنداقلا قىلىپ قويسا بولاتتى ئەمەسمۇ.لېكىن كۆپ قىسىم ئادەم بۇنى ۋەقەلىك بويىچە ئوينالغان ئويۇن دەپ قالدى.
ياندا تۇرغان سەھنە باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىملار دەررۇر پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى.مەكتەپ رەھبەرلىكى ئارقا سەپ بۆلۈمىگە دەرھال بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رىياسەتچى ئوتتۇرغا چىقىپ ،گەرچە چىرايىدا قان قالمىغان بولسىمۇ تىتىرەپ تۇرغان ئاۋازدا:كۆپچىلىك بايىقى نومۇر تولىمۇ ھەقىقىي ئورۇنلاندى،ئۇلار ۋەقەلىكنى ئوخشىتىش ئۈچۈن قىزىل بوياقلارنى ئىشلىتىپتۇ،كۆپچىلىك بايىقى ساۋاقداشلار ئۈچۈن يەنە بىر ئالقىش ياڭراتساق قانداق؟
رىياسەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇشتى،ۋە قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىشتى.كېيىنكى نومۇرلارمۇ نورمال داۋاملىشىۋەردى.
لېكىن مەردانغا بۇ ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەستەك تۇيۇلدى.ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ،سەھنىنىڭ ئارقىسىغا كەلدى.
مەردان گىرىم ئۆيىگە كىرىپلا بىر توپ كىشىلەرنىڭ يارلانغان ماھىرەنى جىددىي قۇتقۇزىۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئادىلە يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يارلانغان قولىنى تېڭىۋاتاتتى.يېرىم ھوشسىز ھالەتتە يەتقان ماھىرە ئادىلەگە قارىغىنىچە:ئا...دىلە...سەن ...نېمىشقا...
-كەچۈرگىن،مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن،سەن نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟نېمىشقا بەدىنىڭ بىلەن پىچاقنى توسۇيسەن؟
-مەن...مەن...ماھىرە ئاغرىقتىن گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىدى.
-ماھىرە،بولدى گەپ قىلما،سەن ياخشى بولۇپ كېتىسەن،چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن-ئادىلە تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئادىلە،سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟-مەردان ئادىلەنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى.
ئادىلە بېشىنى چايقىغىنىچە بۇلۇڭدا ئولتۇرغان ئاينۇرغا غەززەپ بىلەن تىكىلدى.
مەردان يۈگرۈپ بارغىنىچە ئاينۇرنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىگىنچە سورىدى-:ئاينۇر،سىز ساراڭ بولمىغانسىز؟سىز زادى نېمىش قىلماقچى؟سىز ئادىلەنى ئۆلتۈرمەكچىمىدىڭىز؟ئۇ سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىزغۇ؟سىزنىڭ قانداق قولىڭىز باردى؟
ئاينۇر خۇددى ياغاچتەك جىمجىت تۇراتتى.كۆزلىرىدە ياش،بىز ھازادىن كېيىن ئۇ قولىدىكى خەنجەرنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى.ئەسلى سۇلياۋ پىچاق قانداق قىلىپ راستقا ئايلىنىپ قالدى؟ئەەەر بايا ماھىرە توسۇۋالمىغان بولسا بۇ چاغقا ئادىلە مېنىڭ قولۇمدا ئۆلۈپ كېتەر بولغىيمىدى؟
-سىز نىمىش قىلماقچى؟-مەردان ئۇنىڭ خەنجەرنى يەنە كۆتۈرگىنىنى كۆرۈپ دەرھال خەنجەرنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى،ئاندىن ئۇنى نېرىغا تاشلىۋەتتى.
بۇ چاغدا مەكتەپ سېستىرالىرى يېتىپ كېلىپ نوسۇلكا بىلەن ماھىرەنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىرىپ دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى.ئالىم پروفىسور مەكتەپ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنى باشلاپ كەلگەندى-:ئاينۇر،يۈرىگىڭىز قاپتەك باركەن ھە سىزنىڭ.شۇنچە كۆو ئادەمنىڭ ئالدىدىلا باشقىلارغا پىچاق تىقتىڭىز،قارىسام نېرىۋېڭىز جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ،ئۇنى تۇتۇپ قوغداش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىڭلار!
بىردەمدىلا تۆت ئامانلىق قوغدىغۇچى ئاينۇرنىڭ قولىنى كەينىگە قايرىپ ئېڭىشتۈردى.ئاينۇر قولىنىڭ ئاغىرغىنىنى ھېس قىلىپ چۈشتىن ئويغانغاندەك ۋارقىراشقا باشلىدى-:مېنى قويىۋەت،مەن قىلمىدىم،مەن ئادىلەگە قەست قىلمىدىم،باشقە ئادەم قىلدى،خەق ماڭا قەست قىلدى،مەن قىلمىدىم،مېنى قويۇۋەت!
بۇ چاغدا ئەلقەممۇ يېتىپ كەلگەندى،ئاينۇرنىڭ قولىنىڭ كەينىگە قايرىلىپ تۇرغىننى كۆرۈپ ئۇ ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى توسۇپ ۋارقىراشقا باشلىدى:سىلەر نېمىشقا ئاق-قارىنى ئايرىماستىن قالايمىقان ئادەىم تۇتىسىلەر؟
ئالىم پروفىسڭر كېلىپ ئەلقەمنى ئىتتىرىۋەتتى،ئاندىن ئۇنىڭغا-:ئەلقەم،بۇ دېگەن ئادەمنىڭ ھاياتىغا تاقىشىدىغان چوڭ ئىش،سەن بىزگە ئۇنى بۇنى دېمىسەڭمۇ بولىدۇ.ئەگەر يەنە توسساڭ سېنىمۇ قوشۇپ تۇتىمىز-دېدى.
گەرچە ئەلقەمنىڭ ئاينۇرغا بولۇشقىسى بولسىمۇ،ئۇنىڭ خەققە پىچاق سالغىنىنى ھەممە ئادەم كۆرگەن ئىدى،شۇڭا ئۇمۇ جىمىپ قالدى.
دېمىسىمۇ،ھازىر كىممۇ ئاينۇرغا ئىشەنسۇن؟مۇشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاينۇرنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلىشىۋاتاتتى.ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ ئۆلۈكنىڭ يۈرىكىنى توغرىۋەتكىنى مەكتەپكە پۇر كەتكەن،ساق ئادەم بولسا ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ-دە.يېنىكراق دېسە ئۇنىڭ نېرۋېسىدىن مەسلە چىققان،گەپنىڭ سەتىنى دېگەندە ئۇ ساراڭ بولغاندى.
ئالىم پروفىسور دەرھاللا ئاينۇرنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ مەكتەپكە بىر كېلىپ كېتىشىنى ئېيتتى.ئاندىن ئۇلارغا ئاينۇرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى نورمالسىزلىقىنى بىردىن بىردىن سۆزلەپ بەدى.ئاخىردا يەنە-:ھېلىمۇ ياخشى ماھىرەنىڭ يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس،بۇلمىسا ساقچىغا مەلۇم قىلساق،ئاينۇر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ قولغا ئېلىنىپ بولاتتى-دېدى.
ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى ئاڭلاپ قورىققىنىدىن پۇت-قولىدا قان قالمىدى.ئاندىن توختىماي ئالىم پروفىسورغا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى.ئۇنىڭدىن يەن ھەرگىز ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلماسلىقنى ئۆتۈندى.ئالىم پروفىسور بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى.ئاندىن يەنە-:ئاينۇرنىڭ روھىي ھالتى نورمال ئەمەس،ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ روھىي جەھەتتىن ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك،سىلەرنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالىم پروفىسورنىڭ دېلو مەلۇم قىلمىغىنىدىن خوشال ئىدى،شۇڭا بۇنىڭغا دەرھال قوشۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئاينۇر روھىي كېسەل قاتارىدا شەھەردىكى روھىي كېسەلنى بېكىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلدى.


13-بۆلەك

يامغۇرلۇق كېچىسىكى قاتىللىق



ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى تەكشۈرۈش ئۆينىڭ سىرتىدا جىددىيلىشپ  تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاپ تۇراتتى.ئالىم پروفىسور ئىچىدىن پەرىشان ھالدا چىقىپ كەلدى،ۋە ئۇلارغا قاراپ بېشىنى چايقىدى.
بۇنى كۆرۈپ ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ جىددىيلەشتى.چۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئويلىغاندەك ياخشى چىقمىغاندەك تۇراتتى.
-قىزىم قانداقراق؟زادى...زادىي نېرىۋىسىدا مەسلە بارمىكەن-يوقمىكەن؟-ئاينۇرنىڭ ئانىسى جىددىيلىشىپ سورىدى.
-ھەي...بۇنى يەنىلا مەسئۇل دوختۇردىن سوراڭلار-ئالىم پروفىسور شۇنداق دېگىنىچە ئىشىككە قارىدى.
بۇ چاغدا ئىشىك قايتا ئېچىلىپ،ئىچىدىن ئاينۇر ۋە يەنە بىر قانچە دوختۇر چىقىپ كەلدى.ئاينۇر بىچارىلەرچە ئاتا-ئانىسىغا قارىدى-:ئاپا،دادا!مەن سىلەرنىڭ ئۆز بالاڭلارغۇ؟سىلەر مېنىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىمنى بىلىسىلەر شۇنداقمۇ؟سىلەر ھەرگىز بۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەڭلار،ئۇلار سىلەرنى ئالدايدۇ،ئاپا-دادا،مېنى تېزراق بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار،مەن بۇ يەردە بەك قورقىدىكەنمەن،ئۇلار مېنى قەستلەيدۇ،ئۇلار مېنى قەستلەيدۇ!!!ھۇ ھۇ ھۇ....ئاينۇر سۆزلىگەنسىرى ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىشقا باشلىدى،ئۇ ئاپىسىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيۋاتاتتى.
-ئاينۇر،ھاياجانلانماڭ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سىز ناھايتى نورمال چىقتىڭىز،سىز ھازىر پەقەت بىزگە ماسلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك سىناقنى ئىشلىشىپ بەرسىڭىزلا ئۆيىڭىزگە قايتسىڭىز بولىدۇ-مەسئۇل دوختۇر ئاينۇرغا شۇنداق دېدى.
-گېپىڭىز راستمۇ؟ماقۇل ئەمسە،ئەمسە مېنى ئىتتىكراق تەكشۈرۈشكە ئېلىپ بېرىڭلار،مېنىڭ بۇ يەردىن تېزراق كەتكۈم بار-ئاينۇر يۈزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرىتىپ،كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى،ئۇ ھازىر قايتىدىن ئۈمىدلەنگەندى.
-ماقۇل،سىز ھازىر بۇ سېستىرا ھەدىڭىزگە ئەگىشىپ مېڭىڭ-مەسئۇل دوختۇر سېستىراغا كۆزىنى قىسىپ قويدى.ئوتتۇز ياشلارچامىسىدىكى ئۇستىخانلىق سېستىرا ئاينۇرنى يېتلەپ ئېلىپ كەتتى.
-ئاينۇر،گەپ ئاڭلا قىزىم،دوختۇر نېمە دېسە شۇنى قىلغىن-ئاينۇرنىڭ ئاپىسى مىچچىلداپ يىغلىغىنىچە ئاينۇرنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى.ئاينۇرنىڭ دادىسىمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغىدىن ئۆزىنى تەستلىكتە توسۇپ تۇراتتى.
مەسئۇل دوختۇر يىراقلاپ كەتكەن ئاينۇرغا قاراپ قويۇپ،ئاندىن يەنە ئالىم پروفىسورغا قاراپ قويۇپ ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قاراپ ئۇھسىنغىنىچە-:سىلەرمۇ كۆردۈڭلار،قىزىڭلارنىڭ ئەھۋالى بەكلا تۇراقسىز،گەپلىرىمۇ قالايمىقان،بۇ روھىي بۆلۈنۈشنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى،يەنە كېلىپ...ئۇنىڭدا ئېغىر دەرىجىدە خىيالىي ۋەھىمە بار.
-دوختۇر،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،قىزىمنى داۋالاپ ساقايتىڭ،قانچە پۇل كەتسىمۇ مەيلى،ئاينۇر ئەسلى بەك ئەقىللىق،گەپ ئاڭلايدىغان بالىتى.بىزنىڭ مۇشۇ بىرلا قىزىمىز بار،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالايلى......ئاينۇرنىڭ ئاپىسى ئۆپكىدەپ يىغلاشقا باشلىدى.
-سىلەر بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭلار،ھازىرچە ئۇنى روھىي كېسەللەر بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،بىر تەرەپتىن كۆزىتىپ،بىر تەرەپتىن داۋالايمىز،ھازىر ئۇنىڭدا زوراۋانلىق خاھىشى مەۋجۇد،ئۇنى ئايرىپ داۋالىمىغاندا بەلكىم باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ ياكى....سىلەر بۇ ياققا كېلىپ ماۋۇ جەدىۋەلنى توشقۇزىۋەتسەڭلار-سۆزلىگىنىچە مەسئۇل دوختۇر ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىشخانىغا باشلاپ كىردى.
كارىدوردا قالغان ئالىم پروفىسور سىرتقا قاراپ مېڭىپ كەتتى.ئۇنىڭ زەھەرخەندە يۈزلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلكە پەيدا بولدى.
ئاينۇر بەشىنجى قەۋەتتىكى قاراڭغۇ كارىدورغا باشلاپ كېلىندى،سېستىرا ئېغىر تۆمۈر ئىشكىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ئاينۇرنى ئىچىگە ئېلىپ كىردى.ئاينۇر ئۆينىڭ ئىچىگە سەپ سېلىۋاتاتتى،سېستىرا ئۇنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ غىپپىدە تېشىغا چىقىپلا ئىشىكنى سىرتىدىن تاقىۋالدى.
-سىز...بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز؟-ئاينۇر گۇمانلىنىپ سورىدى.
-قىزچاق،بىزمۇ ئامالسىز مۇشۇنداق قىلىۋاتىمىز،روھىي كېسىلىڭىز ساقايغاندىن كېيىن بىز سىزنى چىقىرىۋېتىمىز،ھازىرچە خاتىرجەم ھالدا ئىچىدە يېتىپ داۋالىنىڭ ھە!
-نېمە؟روھىي كېسەل؟خاتالىشىپ قالمىغانسىلەر؟مېنىڭ كېسىلىم يوق،مېنىڭ روھىي كېسىلىم يوق،سىلەر...سىلەر بەك ئەسكىكەنسىلەر،نېمىشقا ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟زادىي نېمىشقا؟مېنى چىقىرىۋېتىڭلا،مېنى چىقىرىۋېتىڭلا-ئاينۇر ئەسەبىيلەشكىنىچە تۆمۈر ئىشىكنى مۇشتلاشقا باشلىدى.
بىراق ھېلقى سېستىرا كۈلۈپ قويۇپ-:بۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كېسىلىم يوق دەپ ۋارقىرىشىدۇ،بولدى ۋارقىرىماڭ،ۋارقىرىسىڭىزمۇ پايدىسى يوق-شۇنداق دېگىنىچە بىرنى ئالىيىپ قويۇپ كاسىسىنى تولغىغىنىچە كېتىپ قالدى.
ئاينۇر ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ توختىماي ئىشىكنى مۇشتلايتتى،تېپەتتى،تۇيۇقسىز ئۇتتۇردىكى ئىشىكتىن قورۇلۇپ ياغاچتەك بولۇپ قالغان بىر قول سوزۇلۇپ چىقتى.ئاينۇر بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەينىگە داجىدى.
-يەنە ۋارقىرىساڭ،مەن سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن.ئۇتتۇردىكى ئىشىكنىڭ ئىچىدىن چىرايى تامدەك تاتارغان،قېرىلىقىدىن نەچچە ياشلاردا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان بىر موماينىڭ چىرايى پەيدا بولدى،ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇق،قارچۇقى يوق ئىككى كۆزى ئاينۇرغا مىختەك قادىلىپ تۇراتتى.ئەسلىدە ئۇ بىر قارىغۇ ئىدى،لېكىن ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق چىرايى خۇددى ھازىرلا كېلىپ ئادەمنى بوغۇپ تاشلايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
بۇ ۋاقىتتا كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۆمۈر ئىشىكلەردىنبىردىنلا نۇرغۇنلىغان قوللار سوزۇلۇپ چىقتى،بۇ يەرگە سولانغان بارلىق روھىي كېسەللەر قوللىرىنى تەڭلا سىرتقا سوزۇشۇپ ۋارقىرىشىۋاتاتتى:
-مېنى چىقىرىۋېتىڭلار!
-مەن دېگەن پادىشاھ،قايسى قاپ يۈرەك مېنى سولاشقا پېتىندى؟
-ئادەم بارمۇ؟جىن كەلدى...
......
ئاينۇر بۇ ئالىتاغىل ۋارقىراشلارنى ئاڭلاپ ئەقلىدىن ئادىشايلا دېدى.قورققىنىدىن كارۋىتىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تىتىرەشكە باشلىدى.
يېرىم كېچە،سىرتتا ھېلىدىن-ھېلىغا چاققان چاقماق قاراڭغۇ كامىرنى يورۇتۇپ تۇراتتى.ئىشىك تۈۋىدىكى تاماققا چوكا تەگمىگەن،ئاينۇر سېسىق پۇراپ تۇرغان كارۋاتتا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ بارچە ئىشلارنى ئويلاۋاتاتتى.
-زادى كىم ئاستىرىتتىن ھىيلە ئىشلىتىۋاتقاندۇ؟نېمىشقا مېنى قەستلەپ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغاندۇ؟ھېلقى پىچاقنى كىم ئالماشتۇرىۋەتكەندۇ؟پىچاقنى ئالماشتۇرىۋەتسە ئىككى خىل نەتىجە چىقىدۇ،بىرسى مېنىڭ قولۇم بىلەن ئادىلەنى ئۆلتۈرۈش،يەنە بىرسى،جىنايەتنى ماڭا دۆڭگەپ قويۇش،ئاندىن مېنى ساراڭغا چىقىرىپ بۇ يەرگە سولاپ قويۇش.ئۇنداقتا،پاكىتنى يوقىتىپ،مېنى قەسىتلەش ئېھتىماللىقى بار ئادەمدىن ئىككىسى بار،بىرسى ئالىم پروفىسور،يەنەبىرسى،گۈلقىز،ھازىر زادى قايسىسى ماڭا قەست قىلىۋاتقاندۇ؟مەن ھازىر قانداق قىلىشىم كېرەك؟ئەجىبا مۇشۇ جايدا كۈن كۆرمەي يېتىۋىرەمدىم؟-مۇشۇلارنى ئويلار،غەززىپى ئىچىگە پاتمىغان ئاينۇر تامنى بىرنى مۇشتلىدى.
-ياق،مەن ئامال قىلىپ بۇ يەردىن قېچىشىم كېرەك،بولمىسا مۇشۇ يەردە بىر ئۆمۈر ياتىدىغان ئوخشايمەن-ئاينۇر كاللىسىدا قانداق قېچىش توغۇرلۇق پىلان تۈزەشكە باشلىدى.
ئاينۇر ئۆزى تۇرغان ئۆينى بىر ئايلىنىپ چىقتى،ئۇ كارغا كەلگۈدەك بىرەر نەرسە ئىزدەۋاتاتتى.لېكىن ئۆيدە تۆمۈر كارۋات بىلەن قۇرۇق ئۈستەلدىن بۆلەك ھېچنىمە يوق ئىدى.ئۇ ئاخىرى بۇلۇڭدىكى ھاجەت تۇڭىنىڭ سۇ چۈشۈرۈش ساندۇقىنىڭ ئېغىزىنىڭ ئېلىپ يېپىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساپال ئېغىزنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ئۈستەلنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى.ئاندىن يانچۇقىدىكى 500يۇئەن پۇلنى چىقىرىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
-ھا ھا ھا،ھا ھا ھا،مەن دېگەن مېلىيونىر،مەن دېگەن ئايال پادىشاھ،مەن دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال.قاراڭلا مېنىڭ پۇللىرىمغا،نېمىدىگەن كۆپ!كېلىڭلا كېلىڭلا،بىر مىلىيۇن،ئىككى مىلىيۇن،ئۈچ مىلىيۇن،نېمىدىگەن جىق....ئۇ بارغانسىرى قاتتىق ۋارقىراشقا باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن ئەمدى ياتاي دەپ تۇرغان كۆزەتچى بوۋاي ئۇنىڭ ۋارقىرىشىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلدى.
كۆزەتچى بوۋاي بىر جۇۋىنى يېپىنچاقلىغىنىچە،قولىدا بىر كاللەك ئاچقۇچنى كۆتۈرۈپ ئاينۇرنىڭ كامىرى ئالدىغا كەلدى-:ھېي ساراڭ،يېرىم كېچىدە نېمىگە ۋارقىرايسەن؟باشقىلارنى ئۇخلىتامسەن،ئۇخلاتمامسەن؟
-ھى ھى ھى،مەن دېگەن مىلىيونىر،قارا،مېنىڭ پۇللىرىمنىڭ جىقلىقىغا،ساڭا بېرەيمۇ،ئالە ساڭا بېرەي-......ئاينۇر قەستەن ساراڭنىڭ قىلىقلىرىنى قىلىپ قولىدىكى پۇللارنى يەرگە ئېتىپ ئويناۋاتاتتى.
كۆزەتچە بوۋاي كۆزۈم تورلاشقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ كۆزئەينىكىنى تاقاپ قارىۋېدى،راستىنلا پۇلكەن ئەمەسمۇ!بۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچىگە جىن كىردى.ئۇ جاپا تارتىپ بىر كېچە كۆزەتتە تۇرسا ئاران50يۇەنگە ئىشلەيتتى.كۆز ئالدىدا بولسا100يۇەنلىكتىن بەشى تۇراتتى.بىكارغا كەلگەن بۇ پۇلنى ئالمىسا قانداق بولىدۇ؟يەنە كېلىپ بۇ دېگەن بىر ساراڭ...ئويلىغىنىچە بوۋاينىڭ كۆزلىرى قىزاردى.
-سىڭىلچاق،نېمىشقا پۇللارنى يەرگە تاشلايسىز؟بۇنداق قىلسىڭز بولمايدۇ،تاغىڭىز پۇللىرىڭىزنى ساقلاپ بەرسۇن،قانداق؟-ئۇ ئاينۇرنى سىناشقا باشلىدى.
-ھى ھى ھى،مەيلى،ئىشقىلىپ مەن دېگەن بەك باي،پۇلۇم بەك جىق،بۇ پۇللارنىڭ ماڭا لازىمى يوق،سىزگەبېرىۋېتەي،ھەي پۇللا سىلەر بېرىم ماۋۇ تاغام بىلەن ئويناڭلا،ماقۇلمۇ؟ئاينۇر يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئالدىدىكى پۇللارغا سۆزلەۋاتاتتى.
بوۋاي ئاينۇرنىڭ خېلى ئېغىر ساراڭ ئىكەنلىكىنى،يەنە تېخى پۇللارنى ئۆزىگە سۇنغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشىكنى ئاچتى.شىرىق قىلىپ ئىشىك ئېچىلدى.بوۋاي ئالدىرىغىنىچە كىرىپ كەلدى.ئاندىن ئېڭىشىپلا يەردىكى پۇللارنى تېرىشكە باشلىدى.تېخى ھىجايغىنىچە-:تاغىڭىز بۇ پۇللارنى ساقلاپ بەرسۇن ھە-دەۋاتاتتى.
-ماقۇلە-شۇنداق دېگىنىچە ئاينۇر ئۈستەلنىڭ ئاستىدىن ساپال قاپقاقنى چىقىرىپ بوۋاينىڭ ئارقا مېڭىسىگە غەززەپ بىلەن بىرنى سالدى،بوۋاي ئېم دېەىنىچە جايىدىنلا ھوشىدىن كەتتى.ئاينۇر ئۇنى تېپىپ بېقىپ،ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن،ئۇنى ئىشىكتىن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلۇڭغا تارتىپ ئاپىرىۋەتتى.
ئاينۇر ئىچىدە-:قېرى ئوغرى،مېنى قاتتىق ئۇردى دەپ ئاغرىنماي ئۆزۈڭنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن كۆر-دەپ تىللىغىنىچە ئۇنىڭ قولىدىن پۇلنى ئېلىۋالماقچى بولدى،لېكىن بۇ قېرى ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ پۇلنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ياتاتتى.
ئاينۇر كۈچەپ تارتىپ پۇلنى ئېلىۋالدە،ئاندىن پۇلنى بوۋاينىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى-:بوۋايغىمۇ ئاسان ئەمەسكەن،بۇ پۇلغا يارىسىنى تاڭدۇرسۇنچۇ-شۇنداق دېەىنىچە بوۋاينىڭ يېنىدىكى ئاچقۇچلارنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ ئىككى يانغا بىر قارىۋېتىپ يۈگرەپ كەتتى.
قاراڭغۇ كارىدوردا بىرلا چىراق غۇۋا يېنىپ تۇراتتى.ئاينۇر قاياققا مېڭىشنىمۇ بىلەلمىدى،ئەتتىگەن ئېسىدە قالغىنى بويىچە بىردە ئوغا،بىردە سولغا ماڭاتتى.ئۇنىڭ ئاۋازى جىمجىت كارىدوردا ئەكىس سادا بولۇپ ياناتتى.
ئاينۇر بىر ئىشىكنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشىگە ئىشىكنىڭ ئىچىدىن بىر جۈپ قول چىقىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تۇتىۋالدى.ئاينۇر قورقۇپ ۋارغىرىغىنىچە ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى،لېكىن ھېلقى قول كىيىمنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتقىنىچە بىردىنلا ئاينۇرنىڭ بوينىنى سىقىشقا باشلىدى.-مېنى چىقىرىۋەت،بولمىسا سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن...مېنى چىقىرىۋەت.....ھىم!بىر موماينىڭ خىرىلدىغىنىچە ئېيتقان سۆزلىرى ئاينۇرنىڭ قۇلىقىغا كىردى.ھېلقى ئىككى قول جان-جەھلى بىلەن ئاينۇرنىڭ بوينىنى سىقاتتى،ئۇزۇن تىرناقلىرى ئاينۇرنىڭ بويۇنلىرىغا چوڭقۇر پېتىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
-خىق،قىخ...مې...نى قو...يۇ...ۋەت...ئاينۇر نەپەس ئالالماي قالدى،كۆز ئالدىدا ئۇششاق ھاشارەتلەر كۆرۈنگەندەك بولدى،ئەجىبا مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟ئاينۇر پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ بوينىنى سىقىپ تۇرغان قولنى پەسكە قايرىدى.قارىس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا موماي ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ كەتتى.بوينىدىكى قول بوشىشىغىلا ئاينۇر دەرھال ئۆزىنى تارتىۋالدى.بىردىنلا ئىككى تەرەپتىكى ئىشىكلەردىن قوللار سوزۇلۇپ چىقىپ كارىدور ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى.ئاينۇر ئىككى تەرەپتىن ئۆزىگە ئېسىلىۋاتقان قوللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ جېنىنىڭ بارىچە قېچىشقا باشلىدى.
مىڭبىر جاپادا بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ ئككى پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ئاينۇر ئۈچىنجى قەۋەتكە كەلدى.ئۇ داۋاملىق پەسكە قاراپ مېڭىۋېدى،ئالدىدا تۆمۈر ئىشىك يولنى توسۇپ تۇراتتى.ئۇ قولىدىكى ئاچقۇچلارنى بىردىن-بىردىن ئىشىككە سېلىپ سىناشقا باشلىدى،لېكىن جىددىيلەشكەنسىرى قولى تىتىرەپ ھېچ قاملاشمايۋاتاتتى.ئاينۇر ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ،چوڭقۇر بىرنى تىنىۋېلىپ،ئاچقۇچنى سالدى،تىرىس قىلىپلا چوڭ ئىشىكنىڭ قۇلۇپى ئېچىلدى.ئاينۇر ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچقىنىچە پەسكە ماڭماقچى بولدى.
سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ،چاقماق يورۇقى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆينى يورۇتاتتى.ئۇ ئەمدەلا پەلەمپەيگە پۇتىنى ئېلىۋېدى،چاقماق يورۇقىدا پەلەمپەينىڭ تۆۋىنىدە تۇرغان بىر نەرسىنى،بىر سايىنى بايقىدى!ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇ سايىنىڭ ئېگىسىگە قارىدى،قارىدىيۇ،نەپسى توختاپ قالغىلى تاسلا قالدى.تۆۋەندە قارا يامغۇرلۇق كىيەەن بىرسى جىمجىت تۇراتتى.يامغۇرلۇقنىڭ بۆكى چىرايىنى توسىۋالغان،خۇددى ئەرۋاھتەك ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندى.ئاينۇر ئالدىنقى قېتىم كۇتۇپخانىدىكى ئىشلارنى ئېسىگە ئالدى،ئالىم پروفىسور!
-سىز....ئالىم پروفىسورما؟سىز نېمە قىلماقچى؟-ئاينۇر قورققىنىدىن كەينىگە چېكىندى.
لېكىن قارسى تەرەپ سۆز قىلماستىن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۈستىگە چىقىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاق چاقماق يورۇقىدا يالىت قىلىپ كۆرۈندى.
-ئا-......!ئاينۇر چىرقىراپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچتى.يامغۇرلۇق كىيگەن ئادەممۇ قەدەملىرىنى تېزلىتىپ ئاينۇرنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا باشلىدى
ئاينۇر جان قايغۇسىدا ئۇدۇل كەلەگن تەرەپكە قېچىۋاتاتتى.بىردەمدە قېچىپ كارىدورنىڭ بېشىغا كەلدى،ئەمدى ئالدىدا يول يوق بولۇپ تازلىق ئۆيىلا بار ئىدى.ئاينۇرنىڭ باشقا تاللىشى يوق ئىدى،شۇڭا قېچىپلا ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ،ئەڭ ئىچىدىكى بىر خانىسىگە يوشۇرۇندى.
گۈلدۈرماما ئاۋازى بۇ قورقۇنۇچلۇق كېچىگە تېخىمۇ سۈر قوشقاندى،ھازىر ئاينۇرغا ئاڭلىنىۋاتقىنى سىرتتىكى گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشىمۇ بار ئىدى.
گۈپ قىلىپلا ھاجەتخانىنىڭ چوڭ ئىشىكى زەرىپ بىلەن تېپىپ ئېچىلدى،يامغۇرلۇق كىيگەن ئادەم ھاجەتخانىنىڭ توكىنى ياندۇردى،سىم يولىدا مەسلە بولغاچقا چىراق بىردە يورۇق بىردە غۇۋا ياناتتى،چىراق يورۇقىدا ئۇ ئادەم بىردىن بىردىن ئىشىكلەرنى ئېچىپ ئاينۇرنى ئىزدەشكە باشلىدى.
ھازىر ئاينۇرنىڭ قورقۇپ جېنى چىققاندى.ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ يېپىلغان ئاۋازى بارغانسىرى يېقىنلاشقا باشلىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟قارىماققا ئەمدى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى،ئاينۇر بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئالىم پروفىسورنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندى.
جالاق  قىلىپ ئاينۇر تۇرغان ئىشىك تېپىپ ئېچىلدى.
-ئا-!!!ئاينۇر جېنىنىڭ ببارىچە ۋارقىراشقا باشلىدى،ھېلقى يامغۇرلۇق كىيگەن ئادەم ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى،ئاندىن ئۇ يامغۇرلۇقنىڭ بۆكىنى سېلىۋەتتى،ئۇ دەل شۇ ئالىم پروفىسور ئىدى.
-ئا.....ئالىم،پروفىسور.....ئاينۇر كېكەچلىگىنىچە ئالىم پروفىسورغا قاراپ تۇراتتى.
-توغرا،مەن شۇ،ھىم،ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتىڭ؟ياق،سەن ئاللىقاچان بىلىپ بولغان،لېكىن تولىمۇ كېچىكتىڭ.
ئالىم پروفىسور بىر تەرەپتىن پىچاقنى كۆتۈرگەچ،بىر تەرەپتىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۆزلەۋاتاتتى.قارىماققا ئۇ ھازىر پارتىلاش ئالدىدا تۇرغان يانار تاغقا ئوخشاش تېگىپ كەتسىلا پارتىلايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
-نېمىش....نېمى....نېمىشقا؟
-نېمىشقا دەمسەن؟ئەمسە مەن سەندىن سوراي،نېمىشقا كۇتۇپخانىغا بېرىپ مېنى پايلايسەن؟سەن بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى بىلىپ قالدىڭ،شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ،بۇنى مەندىن ئاغرىنما.
-مەن...مەن قەسەم قىلاي...مەن ھېچكىمگە ئېتيمايمەن.
-ھا ھا ھا،قىززىق گەپ بولدى،بىر گەپ بارغۇ،ئادەم ئۆلگەندىلا ھەقىقىي سىز ساقلىيالايدۇ دەپ.
-مېنى ئۆلتۈرسەڭ...سەنمۇ قاتىل بولۇپ ئۆلىسەن.
-ئەخمەق،مەن قانداقسىگە قاتىل بولغۇدەكمەن،ئۇنتۇپ قالما،سەن ھازىر بىر ساراڭ،بىر ساراڭ ھاجەتخانىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا،ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ،ھا ھا ھا
-ئىپلاس!سەن ئەسلى قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان بۆرىكەنسەن
-بۇ ئوخشىتىشىڭ مۇۋاپىق بولدى،مەن ياقتۇردۇم،ھا ھا،ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولىدۇ،ئاپتاپ چىققاندا ھېچكىم قارڭغۇلۇقنى كۆرەلمەيدۇ،كۈن پاتقاندابولسا...ھا ھا ھا،مۇتلەق ياخشى ئادەم بولمايدۇ،چۈشەندىڭمۇ؟
-تولا ئۆزۈڭنى ئاقلىما!مېنى قەستلەش ئۈچۈن قىلمىغىنىڭ قالمىدى،بۈگۈن بەرىبىر قولۇڭغا چۈشتۈم،ساڭا يالۋۇرۇپمۇ يۈرمەيمەن،ئۆلۈش ئالدىدا بىر سوئالىمغا جاۋاب بەر،ھېلقى پىچاقنى سەن ئالماشتۇرىۋەتتىڭمۇ؟
-پىچاق؟ھە  ھېلىقى پىچاقمۇ؟بوپتۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئاڭلىۋال،راستىنى دېسەم ئۇ پىچاقنى مەن ئالماشتۇرمىغان،نېمە ئىشلىقىنى مەنمۇ بىلمىدىم،قارىغاندا سېنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلايدىغان مەنلا بولمىسام كېرەك.ھا ھا ھا
-ئالىم پروفىسور،مېنى قويىۋەتسىڭىز،مېنى ئۆلتۈرمىسىڭىزمۇ مەن بەرىبىر مۇشۇ جايدا بىر ئۆمۈر ياتىمەن،سىزگە ھىچقانداق تەسىرى بولمايدىغۇ؟-ئاينۇر يالغاندىن ئالىم پروفىسورغا يېلىنىشقا باشلىدى،چۈنكە ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ ۋاقىتنى كەينىەە سوزماقچى ئىدى.
ئالىم پروفىسور قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:كاللاڭ ئىشلەيدىكەن ھە،سېنى ئۆلتۈرمەمدىم؟مۇشۇ يەرگە تاشلاپ قويامدىم؟سەنزە مۇشۇ يەردە جىم ياتارسەنمۇ؟مانا بىر كۈن بولار-بولماي قېچىپ چىقىپسەن،سېنى ئۆلتۈرۋەتمىسەم،بىر كۈنى بولمىسا-بىر كۈنى بېشىمغا بالا بولىسەن.
ئاينۇر پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغىنىنى كۆرۈپ،دەرھال ۋارقىرىدى-:ئالىم پروفىسور،كەينىڭىزگە قاراڭ-!ئالىم پروفىسور ئىختىيارسىزلا كەينىگە بۇرۇلدى،لېكىن كەينىدە ھېچنىمە يوق ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغىنىنى بىلدى.مۇشۇ ۋاقىتتا ئاينۇر ئورنىدىن تۇرۇپ ئالىم پروفىسورنى كۈچىنىڭ بارىچە سوققىنىچە قېچىپ كەتمەكچى بولدى،لېكىن تەمبەل پروفىسور ئۇنىڭ بوينىدىن تۇتىۋالدى.
-سەن تېخى مېنىڭ قولۇمدىن قاچماقچىما؟ئۇنداق ئاسان ئىش يوق،ۋەسىيەتلىرىڭنىمۇ ئېيتىپ بولدۇڭ.ئەمدى سېنى ئۇزىتىپ قوياي!ھاھاھا-ئالىم پروفىسور پىچاقنى ئاينۇرنىڭ بوينىغا يېقىن ئەكىلىشكە باشلىدى.ئۇ ئاينۇرنىڭ بوينىنى ئۈزىۋەتمەكچى ئىدى.
بۇ چاڭدا ئاينۇر بولسا قورققىنىدىن ئالىم پروفىسورنىڭ كەينىگە تىكىلىپ قالغان-:ئا...ئالىم...پروفىسور...سىزنىڭ كەينىڭىزدە....
ئالىم پروفىسور بۇ قېتىم كەينىگە قارىمىدى،زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ-:كەينىمدە جىن بارمىكەن؟ھا ھا ھا،بىردەمدىن كېيىنلا سەن جىنغا ئايلىنىسەن،بېرىپ ئۆل-!شۇنداق دېگىنىچە پىچاقنى ئاينۇرنىڭ گېلىغا ئەكەلدى.
لېكىن ئۇ پىچاقنى ئاينۇرنىڭ گېلىغا سۈرەلمىدى،ئەكسىچە ئۆز بوغۇزىغا مۇزدەك بىر نەرسىنىڭ ئۇرۇلغىنىنى سەزدى،ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋاپ ئۇنىڭ بوينىنى تىلىۋەتكەندى،بىردىنلا قىززىق قانلار ئۇنڭ بوينىدىن چاچىراپ چىقىپ ئۇدۇلدىكى تامغا چاچىرىدى.
ئۇنىڭ قولى بوشاپ ئاستاغىنە يەرگە يىقىلدى.ئاندىن كەينىدە چاچلىرى چۇۋۇق،ئاق كىيىملىك بىرسى تۇراتتى،چاچلىرى يۈزىنى توسۇۋالغان بولۇپ،تولىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.ئالىم پروفىسور بىر نېمىلەرنى دېگىنىچەجان ئۈزدى-:گۈ...ل...گۈلنار،سەن....گۈ....
ئۇنىڭ ئوچۇق تۇرغان كۆزلىرى ئالدىدىكى قىپقىزىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياققا تىكىلگەندى.....



14-بۆلەك

خىلۋەتتىكى ئۇچرىشىش




ئاينۇر ئۇنىڭ ئوچۇق تۇرغان كۆزلىرىدىن قورققىنىچە پۇتلىرى بوشاپ ئولتۇرۇپ قالدى،گېلىنى سىلىغىنىچە توختىماي يۆتىلەتتى.بايا ئالىن پروفىسور ئۇنىڭ گېلىنى بەك قاتتىق سىقىۋەتكەچكە،ئېغىر تىناتتى.تاكى ھېلقى ئاق كىيىملىق جىن يوقالغاندا ئۇ ئاستا ئېسىگە كەلدى-:ئالىم پروفىسور ئۆلدى!ئۇنى جىن ئۆلتۈردى؟ياق،بۇ مۇنكىن ئەمەس!جىن قانداقمۇ پىچاق كۆتۈرۈپ قاتللىق قىلسۇن؟ئادەم،چوقۇم ئادەم!پروفىسور ئۆلۈش ئالدىدا گۈلنار دېگەندەك قىلدى،ئەجىبا گۈلنار تېخى ئۆلمىگەنمىدۇ؟
مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاينۇر ھاجەتخانىدىن يۈگرەپ چىقىپ ھېلقى سىرلىق ئايالنىڭ كىملىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى،لېكىن كارىدور قۇپقۇرۇق بولۇپ،گۈلنارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
-ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ھازىر پروفىسور ئۆلدى.گەرچە ئۇنى مەن ئۆلتۈرمىگەن بولساممۇ باشقىلار قانداق ئويلا؟ھېچكىم مېنىڭ گۇناھسىزلىقىمغا ئىشەنمەيدۇ،خۇددى بۈگۈن مېنى ساراڭ دېگەندەك يەنە مېنى قاتىل دېيىشىدۇ.ئەڭ ياخشىسى قاچسام بولغۇدەك-شۇلارنى ئويلاپلا ئاينۇر يۈگۈرگىنىچە بىنادىن قېچىپ چىقتى.ئاندىن دوختۇرخانىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چىقىپ كەتتى.
ئاينۇر شۇ قاچقىنىچە قېچىۋەردى ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت دوختۇرخانىدىن يىراققا قېچىشلا بار ئىدى.نەگە قېچىشنىمۇ ئويلاشمىدى.ئۇ ساقچىغا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقاتتى.شۇڭا مېھمانخانىغا بېرىپ ياتاق ئېچىشتىنمۇ قورىقتى.مېڭىپ-مېڭىپ تاشلاندۇق قۇرلۇش  مەيدانىغا كەپ قالدى،پۈتۈن بەدىنى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن،بىر كېچە يول مېڭىپ قاتتىق چارچىغان،قورققىنىدىن يىغلىغۇسى كەلگەن،لېكىن يىغلاشتىنمۇ قورقىۋاتقان ئاينۇر بىر كونا بىنانىڭ بۇلۇڭىغا كىرىپ دالدىلاندى،سەھەر سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا،ئاخىرى چىدىيالماي شۇ جايدا ئۇخلاپ قالدى.
سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا،تاڭ ئەمدى سۈزۈلۈشكە باشلىغاندى.ئاينۇر ئىزغىرىن شامالدا توڭلاپ ئويغىنىپ كەتتى.ئويغىنىپلا بىر قانچىنى چۈشكۈرىۋېتىپ تامغا يۆلىنىپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇنىڭ بېشى قېيىۋاتاتتى.پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىز بولۇپ،ئۆزىنى خۇددىي ھازىرلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدى.لېكىن جان تۇمشۇققا كەلگەندە،چوقۇم بەرداشلىق بېرىش كېرەك ئىدى.
بىر كېچە ئويلانغان ئاينۇر كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىشنى ئويلىنىپ بولغان.ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن يوشۇرۇنغان جايىدىن چىقىپ خىلۋەتتىكى بىر بازاردىن بىر بوتكىنى تېپىپ،ئاممىۋىي تېلفۇندا ئادىلەگە تېلفۇن قىلدى.
-ۋوججو،كىمدۇ بۇ قاق سەھەردە تېلفۇن قىلغان...ئادىلە چۈشىنى بۇزغان تېلفۇندىن ئاغرىنىپ ئويانغىنىچە تېلفۇننى ئالدى:
-ئادىلە،بۇ مەن-ئاينۇرنىڭ ئاۋازى پەس چىقىۋاتاتتى.
-ھە؟ئاينۇر؟سەن قانداق؟-ئادىلەنىڭ ئۇيقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كەتكەندى.
-ئادىلە،كەچۈرگىن،تۆنۈگۈنكى ئىشتا...سەن چوقۇم ماڭا ئىشەن،ماڭا باشقىلار قەست قىلدى،مەن قانداقمۇ ساڭا پىچاق تىقاي...
-مەن بىلىمەن،سەندىن خاپا بولمىدىم،ھە رست،سەن ھازىر نەدە؟
-ھۈش...مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرما!مېنىڭ ساڭا تېلفۇن قىلغىنىمنى ھېچكىم بىلمىسۇن.مەن ھازىر پەقەت ساڭىلا ئىشىنىمەن.باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنى ساراڭ دەپ قارايدۇ،بەلكىم مېنىڭ ساقلىقىمغا ئىشىنىدىغان پەقەت سەنلا بولساڭ كېرەك.
-ھەئە،گەرچە شۇ ۋاقىتت امەن ساڭا خاپا بولغان بولساممۇ،كېيىن ئويلاپ باقسام،سەن بىكاردىن-بىكارلا مېنى ئۆلتۈرمەيسەندە،چوقۇم باشقىلار ساڭا ئۇۋال قىلدى.ئاينۇر،پۈتۈن دۇنيا ساڭا ئىشەنمىسىمۇ،مەن يەنىلا سېنىڭ گۇناھسىزلىقىڭغا  ئىشىنىمەن.
تۇرۇپكىدىن تەسىرلىنىپ يىغلىغان ئاۋاز كەلدى.بىر ئازدىن كېيىن ئاينۇر ئېغىز ئاچتى-:ئادىلە،رەھمەت ساڭا،مەن...دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقتىم،ئاخشام بەك كۆپ ئىشلار بولدى.ئىشقىلىپ....سەن ھازىر بىر كېلىپ كەتسەڭ بولاتتى.قالغىنىنى كۆرۈشكەندە سۆزلەپ بېرەي.
-بولىدۇ،مەن ماڭدىم،سەن مېنى قەيەردە ساقلايسەن؟
-مۇنداق بولسۇن،مەن ***بازىرىدىكى تورخانىدا سېنى ساقلاي.
-بولىدۇ،شۇنداق بولسۇن،قويىۋەتتىم-ئادىلە تېلفۇننى قويۇپ،ئالدىراشلا يۈزلىرىنى يۇيۇپ كىيىنىپ ياتاقتىن چىقتى.مەكتەپ قوروسىدا تۈزۈك ئادەم يوق ئىدى.يولدا ئۇ ناشتىلىق سېتىۋاتقان يايمىدىن مانتا ۋە سۈت سېتىۋالدى.ئاندىن ***بازىرىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى.
***بازىرى دەريا بويىدا بولۇپ،ئادىلە ھېلقى تورخانىنى ئاسانلا تاپتى،ئىككىسى تورخانىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى ئايرىمخانىدا كۆرۈشتى.ئاينۇر ئادىلەنى كۆرۈپلا-ئادىلە-دېگىنىچە ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا ئېتىپ خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەندەك ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.بوغۇزىغا بىر نەرسە قاپلىشىۋالغاندەك بولۇپ،گەپمۇ قىلالمىدى.
-ئاينۇر،ساڭا نېمە بولدى؟جىددىيلەشمە،ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى-ئادىلە ئاينۇرنى تارتىپ ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى.ئاندىن ئۇنى بىر نەرسە يېيىشكە بۇيرىدى.ئاينۇر ناشتىلىقنى كۆرۈپلا يالماپ-يالماپ يېيىشكە باشلىدى،بىر تەرەپتىن يېگەچ بىر تەرەپتىن يىغلايتتى.
بىز ئازدىن كېيىن ئاينۇرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتى.ئاندىن روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا كۆرگەنلىرىنى ئادىلەگە سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى.ئاخىرىدا يەنە ئالىم پروفىسورنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ ئادىلەگە ئېيتىپ بەردى.بۇنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
-راست ئېتيىۋاتامسەن يا؟ئالىم پروفىسور نېمىشقا سېنى ئۆلتۈرىدۇ؟-ئادىلە چۈشەنمەي سورىدى.
-راست،قەسەم قىلىپ بېرەي،ئەجىبا سەنمۇ مېنى نېرىۋىسىدىن ئاداشقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاۋاتمايدىغانسەن؟
-نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ،مەن ئەلۋەتتە ساڭا ئىشىنىمەن،تېز دېگىنە،بۇ زادى نېمە ئىش؟
-ئەسلى ئىش مۇنداق......
ئۆزىنىڭ جۆيلۈمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،ئاينۇر ھېلقى كۈنى كۇتۇپخانىدا كۆرگەنلىرىنى توللۇقى بويىچە ئادىلەگە سۆزلەپ بەردى،يەنە تەھلىل قىلىپ،ئالىم پروفىسور ئۆزىنىڭ سەتچىلىكىنى يېپىش ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دېدى.
ئادىلە ئاڭلاپ بولۇپ قوشۇلغاندەك بېشىنى لىڭشىتتى.لېكىن ئۇ بىر ئىشنى چۈشەنمىگەندى-:سەن ئېيتقان ھېلقى گۈلنار...ئۇ زادى ئادەممۇ جىنمۇ؟سېنىڭچە گۈلنار ئالىم پروفىسورنى ئۆلتۈرگەنمىدۇ؟
-ئالىم پروفىسورنى ئۆلتۈرگەن ھەرگىز جىن ئەمەس،چوقۇم ئادەم،ئۇ پىچاقنى بىر تىقىپلا ئالىم پروفىسورنىڭ گۈرەن تومۇرىنى ئۈزۈۋېتىپتۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇمۇ چوقۇم دوختۇرلۇقتىن خەۋىرى بار ئادەم،يەنە كېلىپ تەجىربىلىككەن،ئالىم پروفىسورمۇ ئۆلۈش ئالدىدا گۈلنار دېگەندەك قىلدى،قارىغاندا شۇ بولسا كېرەك،مەن ئۇنىڭ ئارخىبىنى تەكشۈرگەندە ئۇنى ئىككى يىل بۇرۇن يوقاپ كەتكەن دەپ يېزىپتىكەن،شۇڭا مەن گۈلنارنى ئۆلگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىغاندىم،ھازىر قارىغاندا ئۇ ئۆلمەپتۇ،يوقاپ كەتكەن دېگەن نامدا ھەركەت قىلىپ يۈرۈپتۇ.
-لېكىن ئۇ نېمىشقا تۆنۈگۈن ئاخشام قول سالىدۇ؟ئەگەر ئۇنىڭ ئالىم پروفىسورنى ئۆلتۈرۈش نىيتى بولسا،ئىككى يىلدىن بۇيان پۇرسەت دېگەن جىق ئىدىغۇ؟-ئادىلە چۈشەنمەي سورىدى.
-شۇنى دېگىنە،مەنمۇ چۈشىنەلمەي...مۇشۇلارنى دەۋېتىپ ئاينۇر ئوتتۇردىكى باغلىنىشنى تېپىپ چىقتى.-ئەسلىدە ئۇ بۇنى ماڭا ئارتىپ قويماقچى بوپتىكەن!چۈنكى مەن دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىققان،يەنە كېلىپ ئالىم پروفىسورمۇ نەق مۇشۇ چاغدا ئۆلدى،ھەر قانداق ئادەم بولسا مېنى قاتىل دەپ قارايدۇ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟
-ھىم،دېگىنىڭ ئورۇنلۇق،بۇنداق بولغاندا،ھازىر ۋەزىيەت ساڭا پايدىسىز بولغۇدەك،ئالىم پروفىسورنىڭ ئۆلۈمى چوقۇم ساقچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھەممە يەردىن سېنى ئىزدەيدۇ،يەنە كېلىپ سېنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىڭ بىر روھىي كېسەل،شۇڭا ساقچىلار چوقۇم تۇتۇس بۇيرۇقى چىقىرىدۇ-شۇنداق،مەنمۇ  ھازىر ئۆزۈمنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغىنىمنى بىلىمەن،لېكىن ئەمدى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ئاينۇر سۆزلىگىنىچە يەنە يىغلىغىلى تۇردى.
-يىغلىمىغىن،مېنىڭچە،سەن ھازىر ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلغىن،ئەگەر سەن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساڭ،يەنە داۋاملىق ساراڭ بولىۋالغىن.ساراڭغا سوت يوق ئەمەسمۇ،شۇنداق بولغاندا سەن ۋاقىتلىق قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالايسەن،يەنە بىرسى سەن تۇتۇلۇپ قېلىشتىن بۇرۇن،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ گۈلنارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغىن،ئۇنى تېپىپ چىقساڭ ئۆزۈڭنى ئاقلىيالايسەن.خاتىرجەم بول،مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ساڭا ياردەملىشىمەن.يەنە بىرسى،ھېلقى دوختۇرخانىنىڭ سېنى روھىي كېسىلى بار دەپ بېكىتىشىمۇ ئالىم پروفىسورنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولغاندەك قىلىدۇ،چۈنكى ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سېنى ئۆلتۈرىۋەتسە،ھەممە ئادەم سېنى كېسىلى تۇتۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ دەپ ئويلايدۇ،ھېچكىم ئالىم پروفىسوردىن گۇمانلانمايدۇ.
-ھىي،ئادىلە،مەن ھەجەپ بايقىماپتىكەنمەن،ئادەتتە كىتاپتىن باشقىنى بىلمەيتتىڭ،بۈگۈن بۇنى ھەجەپ ئەتىراپلىق تەھلىل قىلىۋەتتىڭ دېسە،سەن بەك ئەقىللىق جۇمۇ،مېنىڭ كىچىككىنە ئىش بولسىلا كاللام ئىشلىمەي قالىدۇ.
-ئۇنداق ئەمەس،مەنمۇ تۇيۇقسىزلا ئويلاپ قالدىم،ھە راست،سەن ئەمدى نەدە تۇرىسەن؟
-مەنمۇ بىلمىدىم،ھازىر پۈتۈن شەھەر بويىچە مېنى ئىزدەۋاتىدۇ،ماڭا ھېچقانداق يەر بىخەتەر ئەمەس-ئاينۇرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
ئادىلە بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرىۋېتىپ-:يا بولمىسا سەن بېرىپ تۇرسۇنئاينىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ تۇرغىن.
-ھە؟!تۇر...تۇسىنئاينىڭ....سەن مېنى...ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇر دەۋاتامسەن؟بۇ....مەن قورقىمەن.....ئاينۇرنىڭ تىللىرى قولاشمىدى.
-ئەجىبا سەن راستىنلا جىنغا ئىشىنەمسەن؟ھازىر جىندىن قورقۇپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس جۇمۇ!ئۆزەڭ ئولاپ باق،سەن يا ئۆيۈڭگە قايتالمايسەن،چۈنكى قايتىپ باساڭ ئاتا-ئاناڭ سېنى يەنە روھىي كرسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇشى مۇمكىن.يا مەكتەپكە قايتالمايسەن،چۈنكى قايتىپ بارساڭلا،مەكتەپ سېنى تۇتۇپ بېرىدۇ،يا سىرىتتا يۈرەلمەيسەن،چۈنكى بۇ تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق،يەنە كېلىپ ھەر قانداق ئادەمگە تۇرغان ئورنۇڭنى ئېيىتساڭ بولمايدۇ.ھەتتا ئەلقەمگىمۇ ئېيتىساڭ بولمايدۇ،سېنىڭ ھازىر بىردىنبىر بارالايدىغان جايىڭ تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيى،چۈنكى ھېچكىم ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە سېنى ئىزدەپ بارمايدۇ،يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيى شەھەر سىرتىدا.مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باققان،ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قەيەرگە قويىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن،شۇڭا سەن مېنىڭ سۆزۈمگە كىرىپ،شۇ يەرگە بارغىن،ھازىر جان ساقلاش مۇھىم،توغرىدۇ؟
بۇنى ئاڭلاپ،ئاينۇر بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرىۋېتىپ،ئامالسىز قوشۇلدى،دېمىسىمۇ ئۇنىڭ بارغۇدەك باشقا جايى يوق ئىدى.لېكىن تۇرسۇنئاي ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى،قانداقمۇ قورقمايمەن دېگىلى بولىدۇ.ئۇ يەرگە بېرىشمۇ ھېچقانداق يولنىڭ قالمىغىنىدىن بولىۋاتقان ئىش ئىدى.
ئىككەيلەن تورخانىدىن چىقىپ،دەريانى بويلاپ مېڭپ كەتتى،يولدا ئادەم شالاڭ ئىدى،ئارقا كوچا،كىچىك يوللاردىن مېڭىپ ئىككىسى يېرىم سائەتتە تۇرسۇنئاينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تۇرالغۇسىغا كەلدى ،بۇ بىر ئىككى قەۋەتلىك كىچىك قورو بولۇپ،ئىشىك ئالدىدا بىر قانچە تۈپ تېرەك ئۆسكەن،ئۆي ئېگىسى سىرىتتا سودا قىلغىلى چىقىپ كەتكەن بولۇپ ھەر ئۈچ ئايدا بىر كېلىپ ئۆي ئىجارىسىنى ئېلىپ كېتەتتى.
ئادىلە بىلەن ئاينۇر ياغاچ پەلەمپەيگە دەسسەپ ئىكىنجى قەۋەتكە چىقتى.تۇرسۇنئاينىڭ ئىجارە ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىكى بىر تال خىشنىڭ ئاستىدىن ئادىلە ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تېپىپ ئىشىكنى ئاچتى.ئۆي ئىچى بىر ئاز قالايمىقان بولۇپ تاملارغا چولپانلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان،ئۈستەل ئۈستىدە تۇرسىنئاينىڭ كىتاپلىرى تۇراتتى.بىر كارۋات،ئىككى ئورۇندۇقتىن باشقا نەرسە يوق بولۇپ،ئۆي بىر ئاز قاراڭغۇ ئىدى.
-ئۆي كونا بولسىمۇ خېلى پاكىزكەن،ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرغىن،ئىش بولمىسا سىرتقا چىقما-ئادىلە جېكىلىدى.
-ماقۇل،ئادىلە،رەھمەت ساڭا!
نېمىگە تۈزۈت قىلىسەن،سەن قىيىنچىلىقتا قالساڭ مەن قاراپ تۇرسام بولمايدۇدە.
-سەن بولمىغان بولساڭ.....
-بولدى قىلە...
ئىككەيلەن بىردەم تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتاردى،ئادىلە سائىتىگە قارىۋېتىپ-:باشقا ئىش بولمىسا مەن مەكتەپكە قايتاي،بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويمايلى،تاماقنى مەن ساڭا مەكتەپتىن ئەكىلىپ بېرەي.
-بولىدۇ،سەن قايتىپ كەت،مەنمۇ بىر كىچە ئۇخلىمىدىم،ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ.
-ئەمسە ئىشىكنى چىڭ تاقىۋال،مەندىن باشقىلارغا ئىشىك ئاچما،مەن كەتتىم،خوش
ئادىلە ئۆيدىن چىقىپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مەكتەپكە مېڭىپ كەتتى.
بۇ ۋەھىمە چىقىپ تۇرغان ئۆيدە ئاينۇر ئۆزى يالغۇر قالدى،ئۇ كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى،يوتقان ئازراق نەملىشىپ قالغان ئىدى،ئۇ كۆڭلىدە-:تۇرسۇنئاي،مېنى كەچۈرگىن،سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ تۇراي،سەن ھەرگىز چىقىپ مېنى قورقۇتمىغىن!بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن چوقۇم تۇپراق بېشىڭغا چىقىپ ساڭا دۇئا قىلىمەن...

15-بۆلەك جىن چاپلاشقان ئۆي


بەكلا چارچىغىنىدىن بولسا كېرەك،ئاينۇر كارۋاتقا چىقىپلا،قاپاقلىرى ساڭگىلاپ،كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىدى.بۇنىڭ ئۆلگەن ئادەمنىڭ كارۋىتى ئىكەنلىكى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي،بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى.
      قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم،ئاينۇر خىرە-شىرە چۈش كۆردى.چۈشىدە نۇرغۇن ساقچىلار ئۆزىنى قوغلاۋاتقۇدەك،ئۇ قاچقىنىچە بىر يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قاچىدىغان يول يوق ئۆزىنى ياردىن تاشلىۋالغۇدەك،ئۇ ياردىن بىر ئورمانلىققا چۈشكۈدەك،قويۇق تۇمانلار بىلەن تولغان بۇ ئورماندا بىر ئادەم پەيدا بولغۇدەك،يېڭىنلاپ بېرىپ قارىغۇدەك بولسا،پۈتۈن بەدىنى قان بىلەن بويالغان تۇرسۇنئاي تۇرغۇدەك،تۇرسۇنئاي قوللىرىنى سوزغىنىچە ئېتىلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ گېلىنى سىقىپ كەتكۈدەك.
-     ئا-!!!ئاينۇر پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈلگەن ھالەتتە ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتتى،لېكىن ئۇ دەرھاللا نورمالسىزلىقنى ھېس قىلىدى،ئۇ قولىنى كۆتۈرەي دېۋىدى پۇت-قولىنىڭ كارۋات قىرىغا مەھكەم باغلانغانلىقىنى ھېس قىلدى،ئۇ ھازىر ھەركەت ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغاندى،ئۇ قۇرقۇنۇچ ئىچىدا شۇنى بايقىدىكى،ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۈزۈك يالتىراق سۇلىياۋ بىلەن مەھكەم ئورالغان،ئۇ ئۆزىنىڭ نەپەس ئېلىشىنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى،ئۇنىڭ بېشى مەھكەم ئورىۋېتىلگەن،ئىككى كۆزى سۈزۈك سولىياۋدىن ئۈستىنى غۇۋا كۆرەلەيتتى،لېكىن تۇيۇقسىز ئەسلى ئاپئاق تورۇستا قاپقارا بىر نەرسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى سەزدى،يەنە كېلىپ بۇ نەرسە مىدىراۋاتاتتى.
-    ھىم...ھۇ...ئېم...قۇت...قۇ....زۇڭ...لا...ئاينۇر توۋلىماقچى بولاتتى،لېكىن ئاۋازى سىرتىغا چىقمايتتى.بۇ ۋاقىتتا ئاينۇر ھېلقى تورۇستىكى نەرسىنىڭ ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىغىنىنى كۆردى،ئۇ نەرسە بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى،ئۆزىگە بىر مېتىرچە ئارلىق قالغاندا ئاينۇر ئۇنىڭبىر ئادەم ئىكەنلىكىنى،چاچلىرى ۋە پۇت-قولى تۆۋەنگە ساڭگىلىغان،قان بىلەن بويالغان غەززەپلىك چىرايى ئۆزىگە مىختەك قادالغان،ئۇ دەل تۇرسىنئاي ئىدى!
-     ھىم...ئاينۇر جېنىنىڭ بېرىچە يۇلقۇنۇشقا باشلىدى،لېكىن ئۇ قانچىلىك كۈچىشىدىن قەتئىينەزەر باغلاقتىن يېشىنەلمەيۋاتاتتى.
      ئەمدى ئاينۇرغا تۇرسىنئاينىڭ يىغىسى ئاڭلىنىشقا باشلىدى-:ھۇ ھۇ ھۇ...ئاينۇۇۇۇۇۇۇر،مەن بەك ئېچىنىشلىق ئۆلدۈمممممم،مېنىڭ چىرايىم بۇزۇلۇپ كەتتى.....مېڭەم چاچىراپ كەتتى.....قانلىرىم ئېقىپ تۈگىدى.....ھۇ ھۇ ھۇ...

      لېكىن ئۇ تۇرۇپلا يىغىسىنى توختىتىپ،غەززەپلىك سۆزلەشكە باشلىدى-:ھەممىنى قىلغان سەن!مېنى سەن ئۆلتۈردۈڭ!مېنى سەن ئۆلتۈردۈڭ!مەن سېنىڭ قېنىڭنى ئىچىمەن،يۈز تېرەڭنى سويىۋېلىپ.....ئۆز يۈزۈمگە چاپلايمەن،يۈزۈمنى تۆلە،يۈزۈمنى تۆلەپ بەر!مەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن-!!!شۇنداق ۋارقىرىغىنىچە ئۇ قان تېمىپ تۇرغان ئېغىزلىرىنى ئېچىپ يېقىنلاپ كەلدى.
-   ھىم...ھىم...ئاينۇر قورىققىنىدىن كۆزلىرى چۆچەكتەك ئېچىلغاندى،تۇرسىنئاينىڭ قاپقارا سايىسى ئۆزى ئۈستىگە تاشلانغان شۇ دەقىقىدە ئىشىك گۇپ قىلىپ تېپىپ ئېچىلدى،ئادىلە كەلگەن ئىدى،ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن باياتتىنقى قۇرقۇنۇچلۇق مەنزىرىلەر كۆزدىن غايىپ بولدى.
-   ئادىلە...ئاينۇر سۇلياۋ بىلەن ئورالغان ئېغىزىدا تەسىتلىكتە ئادىلەنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.
    ئادىلە دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەيران بولۇپ سورىدى-:ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟قارا بېسىپ قالدىمۇ؟نېمىگە بۇنداق بولۇپ قالدىڭ؟
-  بىلمەيمەن،بۇ يەردە جىن باركەن،جىن...دەرھال مېنى يېشىۋەت...ئاينۇر جىددىيلەشكىنىدىن ئېلىشىپ قالاي دېگەن،جېنىنىڭ بارىچە بەدىنىنى مىدىرلىتاتتى.
-   ماقۇل،مەن سېنى ئالدىرىماي يېشىپ قوياي ھە!ئالدىرىما...مەن چوقۇم يېشىپ قويىمەن...ئادىلە شۇنداق دەپ غەلىتە كۈلگىنىچە ئۇنىڭ پۇت قولىنى يېشىۋەتتى،ئاينۇر ئەمدى قۇتۇلدۇم دەپ تۇراتتى،تۇيۇقسىز ئادىلە ئوپىراتسىيە پىچىقىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆزىگە قاراپ يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى.
-    ئادىلە،سەن...سەن نېمىش قىلماقچى؟
-   ھى ھى ھى،ماڭا ئوبدانراق قاراپ باقە،مەن كىمكەنمەن؟-شۇنداق دېگىنىچە ئادىلە قولىنى بوينىغا ئاپىرىپ،بارماقلىرىنى تېرىسىنىڭ ئىچىگە تىقىپ يۈز تېرىسىنى سويۇپ ئېلىشقا باشلىدى.يۈز تېرىسىنى پۈتۈن يۇلۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تېرىسىز گۆش ھالەتتىكى يۈز ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى،ئۇنىڭ گۆشلىرى چىرىپ كەتكەن بولۇپ،ئۈستىدە مىڭلىغان قۇرۇتلار لۆمۈلدىشىپ يۈرەتتى.قۇرۇتلار توختىماستىن يەرگە تۆكۈلەتتى.ئاپئاق كۆز قارچۇقى بولسا تىنىمسىز ھەركەتلىنەتتى.ئۇنىڭ چىراي تۇرقىدىن ئۇنىڭ تۇرسىنئاي ئىكەنلىكىنى پەرىق ئەتكىلى بولاتتى.
-    يۈزۈمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر،مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى سويۇۋالىمەن!ھاھاھا...شۇنداق دېگىنىچە ئۇ قولىدىكى پىچاقنى ئاينۇرنىڭ يۈزىگە سانجىدى.
-     ئا-!!!ئاينۇر قاتتىق بىر ۋارقىرىدى،ئۇنىڭدىن كېيىن كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ھېچنىمىنى سەزمىدى.ئۇ يەنە بىر قېتىم كۆزىنى ئاچقاندا،ئۆي ئىچى جىمجىت بولۇپ،شامال قۇرۇق كىيىم ئاسقۇلارنى توختىماي لەپەڭشىتەتتى.باياتتىن يۈز بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى غايىپ بولغان بولۇپ،ئۇ كارۋاتتىن ئۆمىلەپ تۇردى،ئۇنىڭ پۇت-قولىنى باغلىغان ئارغامچا،سۇلىياۋ يالتىراق،تۇرسۇنئاي،ئوپىراتسىيە پىچىقى ھەممىسى غايىپ بولغاندى.
    ئۇ يۈزىدىكى تەرنى سۈرىتتى.ئۇدۇلدىكى تامدا قاپقارا بىر كىيىم ئېسىقلىق تۇراتتى.ئۇ مۇنداقلا قاراشقا ئادەمنىڭ سايىسىدەك كۆرۈنەتتى،ئەسلىدە ئۇ بايا چۈشىدە ئۇدۇلدىكى ئاشۇ كىيىمنى ئادەم دەپ ئويلاپ ئاخىرىدا قارا باسقان ئىدى.
     ئادەم ھەددىدىن زىيادە چارچاش ياكى ئاچلىق تۇرغاندا،ئاسانلا يېرىم ئۇيقۇ يېرىم ئويغاق ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ،ئەتىراپتىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىيۇ،پۇت-قولىنى مىدىرلىتالمايدۇ،ئاۋازىمۇ چىقمايدۇ،بۇنداق چاغدا ئاسانلا ئەتىراپتىكى نەرسىلەرنى ئۆز خىيالى بىلەن ئارلاشتۇرىۋېتىپ،قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.ئەسلىدە ئاينۇر باياتتىن چۈشنىڭ ئىچىدە چۈش كۆرگەن بولۇپ قايسىنىڭ چۈش قايسىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرەلمىگەن ئىدى.
     ئۇ ئۆزىنىڭ تېخىچە چۈش ئىچىدە تۇرغان-تۇرمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىلىكىنى چىمداپ باقتى،چىممىدە قىلىپ ئاغرىق ئۇنىڭ نېرىۋېسىغا بارىدى،دېمەك بۇ چۈش ئەمەسكەن ئۇ ئويغىنىپ بوپتۇ.ئاينۇر يېنىك بىر تىنىۋېتىپ دېرىزىدىن سىرىتقا قارىدى،ئۇپۇق كۈلىرەڭ ھالەتتە بولۇپ،ھازىر سەھەر ياكى كەچلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.ئۇ ئۈستەل ئۈستىدىكى قوڭغۇراقلىق سائەتكە قارىۋېدى،ھازىر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن چارەك ئۆتۈپتۇ.
     بايىقى چۈشتىن ئاينۇرنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيقۇسى قاچقاندى،ئۇ ئاستا بېرىپ تۇرسۇنئاينىڭ يېزىڭ ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئۈستەلدە ئۆزىگە تونۇش تاماق قاچىسى تۇراتتى.دېمەك ئادىلە چۈشتە ئۆزىگە تاماق ئەكەلگەن،لېكىن ئويغىتىشقا قىيماي تاماقنى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ كېتىپ قالغاندى.
-     ئادىلە نېمىدىگەن ياخشى-ئاينۇرنىڭ كۆڭلى بىردىنلا ئىللىپ قالدى.قاچىنى ئېچىۋېدى،ئۆزىگە تونۇش مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقى ئىدى.بۇ ئاددىيغىنە تاماققا قاراپ،ئادىلەنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ،كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى.ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ،قاچىنى يېپىپ قويدى.
     ئۈستەلدە مىدىتسىناغا ئائىت نۇرغۇن كىتاپلار تۇراتتى.چۈشىدە كۆرگەن تۇرسۇنئاينى ئەسكە ئېلىپ ئاينۇر بىر ئاز قورقتى.
-    ھەي...تۇرسۇنئاي ئوقۇشىنى تۈگەتمەيلا....
    ئاينۇر تۇرسۇنئاي ئىشلەتكەن كىتابلارنى بىرەر قۇر قولىغا ئېلىپ چىقتى،ئۇنىڭ ئۇدۇل تامدىكى بىر پارچە جاھازىغا ئېلىنغان سۈرەتكە كۆزى چۈشتى.ئۇ تۇرسۇنئاينىڭ رەسىمى بولۇپ،گەرچە چىرايى بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ،كۈلگەندە تولىمۇ ئوماقلىشىپ كېتەتتى.ئاينۇر بۇرۇن تۇرسۇنئاي بىلەن خېلى يېقىن ئۆتكەن،مانا ئەمدىلىكتە،بىرسى باقىي ئالەمدە،بىرسى پانىي ئالەمدە تۇرۇپتۇ.
    ئاينۇر تۇرۇپ رەسىم جاھازىسىنى قولىغا ئالدى.تۇرسىنئاينىڭ رەسىمدىكى كۈلۈپ تۇرغان چىرايىغا ئۇزاققىچە قارىدى،ئۇنىڭ ئېسىگە تۇرسۇنئاينىڭ دوختۇرخانىدا جان تالىشىۋاتقان ھالىتى كەلدى،ئاينۇرنىڭ يەنە كۆڭلى بۇزۇلدى،كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش رەسىمگە ئېقىپ چۈشتى.تۇيۇقسىز رەسىمدىكى تۇرسۇنئاينىڭ چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.ئوماققىنە ئېغىزى بارغانسىرى يوغىناپ قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئايلاندى،ئاندىن ئۇ رەسىم ئىچىدىن چىقىشقا باشلىدى.
-    ئا-!ئاينۇر كەينىگە داجىدى،قولىدىكى رەسىم جازىسى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى。
   جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپلا جازىنىڭ ئەينەك رامكىسى چېقىلىپ كەتتى.ئاينۇر بۇنى كۆرۈپ روھىي چىقىپ كەتكەندەك جايىدا تۇرۇپلا قالدى،خۇداغا شۈكۈر،بۇ قېتىم رەسىم باشقىچە كۆرۈنمىدى،تۇرسۇنئاي يەنىلا ئوماققىنە كۈلۈپ تۇراتتى.ئاينۇر رەسىمگە قارىغىنىچە-:تۇرسۇنئاي،مېنى كەچۈر مەن قەستەن قىلمىدىم،مەن قورقۇپ كېتىپتىمەن-دېگىنىچە رەسىمگە قاراپ كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى.
     ئاينۇر ئېڭىشىپ چېقىلغان ئەينەكلەر ئارىسىدىن رەسىمنى ئالدى،ئۇ رەسىمگە قونغان چاڭ-توزاننى سۈرۈتۈپ قويماقچى بولۇپ تۇيۇقسىز رەسىمنىڭ كەينى تەرىپىگە يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ قالدى.پوچۇركىسىدىن قارىغاندا تۇرسۇنئاينىڭ خېتىدەك قىلاتتى.

     ئەمەتنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە ئۇنىڭ گۈلنار بىلەن بولغان ئىشلىرىنى تاسادىبي بايقاپ قالدىم،ئەمەت بۇنى بىلىپ ماڭا قاتتىق تەگدى،ئۆزۈمنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن مەن مەخپىيەتلىكنى بارماق دېسكىغا كۆچۈرۈپ،ئەلقەمنىڭ ساقلىشىغا بېرىپ قويدۇم.ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ كېلىشمەسلىككە يولۇقسام،ئەشۇ دېسكا ھەممە ئىشنى ئاشكارلايدۇ.

     بۇ بىر قانچە قۇر خەت خۇددىي ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ئاينۇرنى تاڭ قالدۇردى.
-   گۈلنار؟!
   توۋا خۇدايىم،ئەجىبا بۇ يوقاپ كەتكەن گۈلنار شۇمىدۇ؟بۇنى تۇرسۇنئاي قانداق بىلىدىغاندۇ؟ئەمەت دېگەن تۇرسۇنئاينىڭ ئوغۇل دوستى شۇغۇ؟ئۇنىڭ نېمە مەخپىيەتلىكى بولغىيدى؟ئەجىبا ئەمەت گۈلنارنى تونۇمدىغاندۇ؟ئۇ ئىككىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى باردۇر؟خەتتە دىيلگىنى بويىچە بولغاندا بۇ مەخپىيەتلىك ھازىر ئەلقەمنىڭ قولىدا دېگەن گەپ.
    بىر قاتار يىپ ئۇچى سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىققاندى.
-   ھەجەپ ياخشى،كۈتۈلمىگەن نەتىجە بولدى.
   ئاينۇر ئۆينىڭ ئىچىدە سەكرەپ كەتتى،ئۇ خۇددى چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ تۇيۇقسىز يورۇقلۇقنى كۆرگەندەك بولغاندى.ئۈمىد ئۇنىڭ قەلبىدە قايتا يېلىنجاشقا باشلىدى.مۇشۇ يىپ ئۇچى بويىچە پىلەكنى بويلاپ ماڭسام چوقۇم خەمەكنى تاپالايمەن،شۇ چاغدا پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولمۇ ئايدىڭ بولىدۇ.مەنمۇ گۇناھسىز دەپ ئاقلىنىمەن.
     ئۇ يەنە بىرىر يىپ ئۇچى چىقىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتتە،ئۈستەلدىكى كىتاپلارنى ۋاراقلاشقا باشلىدى،لېكىن خېلى ئاقتۇرۇپمۇ باشقا نەرسىنى بايقىمىدى.ئۇ ئېغىر تىنىپ قويۇپ تۇرسۇنئاينىڭ رەسىمىنى قولىغا ئالدى-:تۇرسۇنئاي،سېنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكىنىڭنى بىلدىم،ماڭا ئىشەنگىن،مەن چوقۇم ساڭا قەسىت قىلغان ئادەمنى تېپىپ چىقىپ،سېنىڭ روھىڭنى خاتىرجەم قىلىمەن.شۇڭا ئەمدى كېلىپ مېنى قورقۇتمىغىن،ماقۇلمۇ؟
    دۇڭ دۇڭ دۇڭ-ئاينۇر خىيال قىلىپ تۇراتتى،ئىشىك چىكىلدى.
-    كىم؟ئاينۇر جىددىيلىشىپ سورىدى.
-   مەن-ئادىلەنىڭ ئاۋازى ئىدى.
   ئاينۇر بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى،ئادىلە تاماق قاچىسى ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
-    ئاينۇر،ساڭا تاماق ئېلىپ كەلدىم.
    ئادىلە ئەتىراپقا قارىۋىتىپ ئۆيگە كىردى،ئاندىن ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويدى.چۈشتىكى تاماقنىڭ شۇ پېتى تۇرغىنىنى كۆرۈپ-:ئاينۇر نېمىشقا تاماق يېمىدىڭ-دەپ سورىدى.
-   مەن تېخى بايا ئويغاندىم،شۇڭا...ئادىلە،ساڭا كۆرسىتىدىغان مۇھىم نەرسە بار،بۇنىڭغا قارا-!ئاينۇر ھېلقى رەسىمنى ئۆرۈپ ئادىلەگە كۆرسەتتى.
    ئادىلە ئۇنى كۆرۈپ-:ئەمەت؟گۈلنار؟توۋا،بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇر ئەمدى؟
-    مەنمۇ مۇشۇنى بىلەلمەي ئولتۇرغان.
-   سەن بۇ خەتنى قانداق بايقىدىڭ؟-ئادىلە قىززىقىپ سورىدى.
   بايا ئىھتىياتسىزلىقتىن تۇرسۇنئاينىڭ رەسىمىنى چېقىپ قويغاندىم،شۇنىڭ بىلەن قارىسام بۇ خەت يېزىقلىق تۇرىدۇ.قارىغاندا تۇرسۇنئاي ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغىنىنى سېزىپ،بۇ يىپ ئۇچىنى قالدۇرغان بولسا كېرەك.قارىغاندا تۇرسۇنئاينىڭ قەسىتكە ئۇچىراپ ئۆلگىنى راست ئوخشايدۇ،ئۇنى ئەمەت ئۆلتۈرىۋەتمىگەندۇ؟
-    سەنمۇ بۇنى ئاڭلاپسەندە،ھازىر ساقچىلار مەكتەپكە كېلىپ تۇرسۇنئاينىڭ دېلوسىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ.ھازىر ھەممە ئادەم دەككە-دۈككىدە...تۇرسۇنئاينى زادى كىم ئۆلتۈرگەندۇ؟يەنە ھېلىقى گۈلنارنىڭ ئىشى زادى نېمە ئىش؟قارىغاندا ئەلقەمنىڭ قولىدىكى بارماق دېسكىنى ئالساقلا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولغۇدەك-ئادىلە شۇنداق دېدى.
-    راست دەيسەن ئادىلە،ئەڭ ياخشىسى ئىشنى كېچىكتۈرمەيلى،مەن سېنىڭ تېلفۇنىڭدا ئەلقەمگە تېلفۇن قىلاي،ئەلقەم بارماق دېسكىنى بىزگە ئەكىلىپ بەرسىلا،ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ-ئاينۇر ئىچىدىكى ھاياجىنىنى يوشۇرالمىغاندى.
-    ئالدىرمايلى،بىز ئاۋۋال ئىشنى ئوبدان ئويلىشايلى-ئادىلە ئاينۇرنى توختىتىپ قويدى.
-    قانداق دەيسەن؟
-  سەن ھازىر خەتەرلىك ھالەتتە تۇرىۋاتىسەن،خالىغانچە تېلفۇن قىلساڭ بولمايدۇ.ساقچىلار سۆزلىشىش خاتىرسىنى تەكشۈرۈپ بىردەمدىلا سېنى ئىزدەپ كېلىدۇ.يەنە تېخى ھىچكىمگە ئۆزۈڭنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنىنى بىلدۈرۈپ قويساڭ بولمايدۇ،ئەلقەممۇ ھەم شۇنداق.ئۇنتۇپ قالما،ئالدىرىغان يولدا قالار.
-     توغرا دەيسەن،مەن ھاياجانلىنىپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن،ئۇنداق بولسا سېنىڭچە قانداق قىلساق بولار؟
    ئادىلە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىر ئاز ئويلاندى-:مۇنداق قىلايلى،سەن بىر پارچە خەت ياز،مەن ئۇنى ئەلقەمگە ئاپىرىپ بېرەي.سەن خەتتە ئۇنى بۈگۈن كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن چىقىپ سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيىت.ئۇ بارماق دېسكىنى ئېلىۋالسۇن.نەدە كۆرۈشسەڭلار بولا....خىلۋەت كۆلدە كۆرۈشۈڭلار،كۆلدىكى قولۋاقتا بولدۇن.ۋاقتى كەلسە ئىككىڭلار قولۋاقنى ھەيدەپ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا كەتسەڭلار ھېچكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالمايدۇ.
-    بەك ئەتىراپلىق ئويلاپسەن،ئەمسە شۇنداق بولسۇن-ئاينۇر قەلەم-قەغەز ئېلىپ خەت يېزىشقا باشلىدى.ئاندىن خەتنى قاتلاپ كونۋېرتقا سېلىپ ئادىلەگە تۇتقۇزدى.
    ئادىلە خەتنى ئېلىپ ،ئاينۇر بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئاينۇرنى تاماقنى ۋاقتىدا يېيىشكە جىكىلەپ قويۇپ كەچلىك مۇزاكىرىگە ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپكە قايتتى.



16-بۆلەك

خىلۋەتتىكى ئورمانلىق


ئادىلە سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا مەكتەپكە قايتىپ كەلدى،ئوغۇللار ياتىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەلقەمنى ئىزدىدى.ياتاقداشلىرى ئۇنىڭ توپ ئوينىغىلى چىقىپ كەتكىنىنى ئېيتىپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن ئادىلە ۋاسكىتبول مەيدانىغا بېرىپ ئەلقەمنى توپ ئويناۋاتقان يېرىدىن چاقىردى.
-    نېمە ئىشتى ئادىلە؟-ئەلقەم ئادىلەنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگىنىدىن ھەيران بولۇپ كەلگەچ سورىدى.ياندا تۇرغان دوستلىرى چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئەلقەمنى ئىزدەپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئىسقىرتقىلى تۇردى،ئەلقەم ئۇلار بىلەن كارى بولماي ئادىلەنى باشلاپ ۋاسكىتبول مەيدانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك دەرەخلىققە كەلدى.
     كۈز شامىلى بۇ كىچىك دەرەخلىقنى سىپاپ ئۆتمەكتە،كىچىك يوپۇرماقلار شامالغا ئەگىشىپ كېپىنەكلەردەك ئۇچۇشۇپ يۈرمەكتە،بۇ يەر خۇددى سېھىرلىك باغچىدەك گۈزەل كۆرۈنەتتى.
     ئادىلە بۈگۈن تاسمىلىق قارا يوپكا،ئۆرە ياقىلىق ئاق كوپتا كىيگەن،كوپتىسىنىڭ ئالدىدا كېپىنەك شەكلىدە چېگىلگەن لېنتىسى بار ئىدى.كىچىك دەرەخلىك ئارىسىدىكى يولدا شامال ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئۇچۇرماقتا.ئادىلە يەردىن قىزارغان بىر تال يوپۇرماقنى تېرىپ ئېلىپ ئويناشقا باشلىدى،ۋە ياندىكى ئەلقەمگە كۈلۈپ تۇرۇپ-:سىزنى ئىزدەپ كەلگىنىمدىن بەك ھەيران قالدىڭىزغۇ دەيمەن-دەپ سورىدى.
-   ھەئە،مېنى ئىزلەپ كەلگىنىڭىزگە قارىغاندا،ئاينۇرنىڭ خەۋىرى بولغان ئوخشىمامدۇ؟ئۇ قانداقراق؟-ئوتتۇردىكى ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەلقەم شۇنداق دېدى.
-    قارىغاندا،ئاينۇرغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز ھە؟گەپنى باشلىمايلا ئۇنى سوراشقا چۈشتىڭىز-ئاينۇر چاقچاق ئارلاش سورىدى.
-    ئۇنداق ئەمەس،يېقىندىن بۇيان ئۇ نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقتى،ئۇنىڭ ھازىر زادى نېمە ئويلاۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيمەن.-ھازىر ئاينۇرنىڭ گېپىنى قىلىپ ئەلقەمنىڭ يەنە بېشى ئاغىردى.
-   شۇنداق،ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى تازا ياخشى ئەمەس،لېكىن ئۇنىڭ بەزى ئىشلارنى بەك ئاشۇرىۋىتىشىمۇ مېنىڭچە سىزگە ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك.ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىدۇ.
-    باشقا ئىشلار بولسىمۇ مەيلىدى،مەن دەل ئۇنىڭ ئەشۇ تەرىپىنى قەتئي قوبۇل قىلالمايمەن-ئەلقەم ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئېيىتتى.
-    ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس،سىزمۇ كۆڭلىڭىزنى كەڭراق تۇتۇڭ،نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككىڭلارغا يېرىم يىلدىن ئاشتى.
-    بىزگە ياخشى بولسۇن دەۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن،لېكىن ئەمدى ماڭا نەسىھەت قىلماڭ،كۆڭۈلنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدىكەن،مېنىڭ ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتتى.
-    نېمىشقا؟مۇشۇ ئىشنى دەپلىما؟ئۇنداق ئەمەستۇ؟
-   پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس،جىق سەۋەپلەر بار،بۇمۇ بىر ئىككى كۈندىلا بولغان ئىش ئەمەس....ئادىلە،سىزگە بىر گەپنى قىلسام،بۇ گەپنى بۇرۇنلا دېيىشنى ئويلاشقان،لېكىن...
-    نېمە ئىشتى؟دەڭە!
    ئەلقەم بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇرىۋىتىپ،ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ دېدى-:مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم...مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
     ئادىلە بۇنى ئاڭلاپ،چۆچۈپ ياندۇرۇپ سورىدى-:ھە؟!چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز؟.....بۇ گېپىڭىز قاملاشمىدى،بىز دېگەن ياخشى دوستلاردىن تۇرساق،بەزى گەپلەرنى قالايمىقان قىلسىڭىز بولمايدۇ،يەنە كېلىپ مەن مەردان بىلەن بىر ئوبدان يۈرىۋاتسام.
     ئەلقەم تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئادىلەنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى-:قانچىلىك ئوغۇللارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى بىلەن كارىم يوق،ئىشقىلىپ سىز تېخى توي قىلمىغاندىن كېيىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىزنى قوغلىشىش ھوقۇقى بار شۇنداققۇ؟
     ئادىلە قولىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن سىلكىگەن بولىسۇ،لېكىن ئاجىرتالمىدى،ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزاردى-:ئەلقەم،تولا غەلۋە قىلماڭ،ئاينۇر دېگەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم،ئەقىبا مېنى يېقىن دوستۇڭغا ساتقىنلىق قىل دېمەكچىمۇسىز؟
-    بۇنى مەنمۇ بىلىمەن،لېكىن ئاينۇر ھازىر بۇرۇنقى ئاينۇر ئەمەس،ئۇ باشتا تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدى،ئارقىدىن ئايشەم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى،تۆنۈگۈن تېخى سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى،ھازىر كۈندەشلىك ئۇنى ئەقلىدىن ئېزىقتۇردى،ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالاي دەپ ئويلىغان،لېكىن ھازىر ئۇ مۇشۇنداق تۇرسا،كېيىن يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟سىزنىڭچە مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ئۆتەلەمدىم؟
-    لېكىن بۇ ئىشلارنى ئاينۇرنىڭ قىلغىنىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق،بەلكىن ئاينۇرنىڭمۇ ئېيتالمايدىغان دەردى باردۇر،يەنە كېلىپ سىزمۇ يېڭىسىنى كۆرۈپلا كونىسىنى تاشلىسىڭىز قاملاشمايدۇ،سىز بۈگۈن تۇرۇپلا بۇ گەپلەرنى قىلىپ....مەن دەمالىققا،قوبۇل قىلالمىدىم-ئادىلە قولىنى تارتىۋالماقچى بولىۋىدى،ئەلقەم تېىىمۇ ئويلىمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدى.
      ئەلقەم ئادىلەنىڭ قولىنى قويىۋەتمەكتە يوق،ئەكسىچە ئادىلەنىڭ قولىنى بىرلا تارتىپ ئۇنى ئۆزىگە يېقىن ئەكەلدى،ئاندىن ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ قۇچاقلىغىنىچە ئادىلەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.
-     سىز...سىز نېمە ئىش قىلماقچى؟-ئادىلەنىڭ يۈزلىرى تېىىمۇ قىزىرىپ ئەلقەمنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقىنىپ چىقىش ئۈچۈن تىپىرلاشقا باشلىدى.
     ئەلقەم ئادىلەنى قويىۋەتمەستىن ئۇنىڭ قاشلىرىغا قارىغىنىچە-:ئادىلە،سىز مېنىڭ ھېلقىدەك شاللاق ئوغۇللاردىن ئەمەسلىكىمنى بىلىسىز،مەن ئەزەلدىن خالىغانچە كۆيدۈم-پىشتىم دېمەيمەن،لېكىن ھازىر مەن سىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتتىم.
-    بۇنداق قىلماڭ،باشقىلار كۆيۈپ قالىدۇ-ئادىلە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنسىمۇ،بىر جۈپ كۈچلۈك بىلەك ئۇنى مىدىرلاتمايتتى.
-     مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇڭ ماقۇلمۇ؟مەن سىزنى ھەر قانداق ئادەمدىن بەكراق قەدىرلەيمەن-ئەلقەم بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن بېشىنى ئېگىپ ئادىلەنى سۆيمەكچى بولدى.
-     بولمايدۇ،مەن ھەرگىز ئاينۇرنىڭ يىگىتىنى تارتىۋالمايمەن،ئۇ دېگەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم،يەنە كېلىپ ئۇ سزنى شۇنچىلىك سۆيىدىغان تۇرسا...ئادىلە يۈزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتاتتى.
-     مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن-ئەلقەم بېشىنى كۆتۈرۈپ تولىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئېيىتتى.ئادىلەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ھازىر ئاينۇردىن كېچىش قارارىغا كەلگەندى.
-      نېمە؟-ئادىلە ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدى.
-  مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن،مەن ئۇنىڭ ساراڭدەك قىلىقلىرىغا كۆنەلمىدىم،مەن ئايرىلىپ كېتىمەن-ئەلقەم گېپىنى تەكرارلىدى.
-    ئادىلە بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن،ئىشەنمىەەندەك بېشىنى چايقاپ-:سىز...سىز بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ،ئۇ سىزدىن ئايرىلسا چىدىيالمايدۇ...
-      لېكىن ئۇ ھازىر دېگەن بىر ساراڭ-ئەلقەم ئويلانمايلا دەپ سالدى.
-  ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ!مەن سىزنىڭ ئاينۇرنى بۇنداق دېيىشىڭىزگە قاراپ تۇرالمايمەن،ئۇ ساراڭ ئەمەس-!ئادىلە ئاچچىقىدا ۋارقىرىۋەتتى،ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىككى قوللاپ ئەلقەمنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتەردى،ئۇ ئاينۇرغا ئىچى ئاغىرغانلىقتىنمۇ ياكى ئەلقەمنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلغىنىدىنمۇ،ئىشقىلىپ كۆزلىرى نەملەشتى،ئاندىن كەينىگە قارىۋالدى.
-   ماقۇل،مەن ئۇنى بۇنداق دېمەسلىكىم كېرەك ئىدى.لېكىن مەن ئەمدى ئۇنى سۆيەلمەيمەن.ھازىر مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سىزلا بار....
     ئادىلە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى-:بولدى سۆزلىمەڭ،نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم.لېكىن ھازىر بۇ گەپلەرنى دېيىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس...
-     مەن سىزنى ساقلايمەن،قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ ساقلايمەن.
-  بۇنى كېيىن دېيىشەيلى،بۈگۈن سىزنى باشقا ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەندىم-ئادىلە ئۆزىنى بۇ گەپتىن ئېلىپ قېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
     ئەلقەم ئۈمىدسىزلىنىپ ئاسمانغا  قاراپ بىرھازا تۇرىۋىتىپ:دەڭە،نېمە ئىشتى؟
-    بۇ ئاينۇرنىڭ سىزگە يازغان خېتى،كۆرۈپ بېقىڭ-ئادىلە خەتنى ئەلقەمگە بەردى.
-  ئاينۇرنىڭ خېتى؟-ئەلقەم ھەيران بولۇپ خەتنى ئالدى،خەتنى ئاچقاچ چۈشىنەلمەي-:ئاينۇر دوختۇرخانىدا ئەمەسمىدى،قانداقسىگە...
-  بۇنى سىز ئۇنى كۆرگەندە ئۇ ئۆزى سىزگە تەپسىلى سۆزلەپ بەرسۇن،ھە راست،خەتتە دېگەن نەرسە يېنىڭىزدىمۇ؟
-    بارماق دېسكىما؟ھە راست،تۇرسىنئاي ماڭا بىر بارماق دېسكا بەرگەن،لېكىن ئۇ ماڭا ئۇنى ئوبدان ساقلاشنى ئېيىتقان،ئىچىدە نېمە بارلىقىنىمۇ ئېيىتمىغان،كېيىن مەن ئۇنى كومپيوتىرغا چاتسام،مەخپى نومۇرى باركەن.مەخپى نومۇر بولمىسا ئېچىلمايدىكەن.
-    مەخپى نومۇر؟
-   تۇرسىنئاي ماڭا پەقەت بارماق دېسكىنىلا بەردى،باشقا ھېچنىمە دېمىگەن.
-  ھە...ئىشقىلىپ  بارماق دېسكىنى ئاينۇرغا بەرسىڭىزلا بولىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر ئاينۇر ئۈچۈن بەك مۇھىم،خەتنى ئوقۇپ بولدىڭىزمۇ؟
-     ئوقۇپ بولدۇم؟
-     ئەمسە ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ،ئېسىڭىزدە بولسۇن،بۇ ئىش بەك مەخپىي،مەن خەتنى ئاپىرىپ كۆيدۈرىۋىتىمەن.
-     چۈشەندىم.
-    ئەمسە ۋاقىت توشۇپتۇ،مەن مۇزاكىرىگە كىرىپ كەتتىم.
-    بىللە ماڭايلى.
-   ياق،مەن خەقنىڭ كەينىمدىن گەپ تېپىشىنى خالىمايمەن-ئادىلە شۇنداق دېگىنىچە ماڭماقچى بولدى،ئۇ ئىككى قەدەم ئېلىپلا توختاپ قالدى-:ئەلقەم،سىزنى بىر پارچە رەسىمگە تارتىۋالسام بولامدۇ؟
-     رەسىمگە؟تۇرۇپلا بۇنى ئويلاپ قاپسىزغۇ؟-ئەلقەم چۈشەنمەي سورىدى.
-    بولامدۇ بولمامدۇ؟
-    تارتسىڭىز تارتىڭ،لېكىن ھازىرقى بۇھالىتىم-ئەلقەم ئوڭايسىزلاندى.
-  ۋاي شۇنداق كېلىشكەن تۇرمامسىز،كۈلىڭە-ئادىلە ئالما يانفۇنىنى ئەلقەمگە توغىرلىدى.چارىس قىلىپلا ئۇ ئەلقەمنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.
-     ھەي...توكى قالمىدى،تازا بىر،يانفۇنىڭىزنى بېرىپ تۇرىڭە.
-   چاتاق يوق-ئەلقەم يانفۇنىنى چىقىرىپ ئەلقەمگە سۇندى.ئادىلە يانفۇننى ئېلىپ ئەلقەمنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتتى،ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ-:تېلفۇنىڭىزنى بىردەم ئىشلىتىپ كەچتىراق قايتۇرۇپ بەرسەم بولامدۇ؟
-    ئەلۋەتتە بولىدۇ،ئاپىرىپ ئىشلىتىۋىرىڭ-ئەلقەم ھازىر ئادىلە ماڭا نىسپەتەن خېلى ياخشى كۆز قاراشتا ئىكەن،بولمىسا يانفۇنىمنى سورىماستى دەپ ئويلىدى.
-   رەھمەت،ئەمسە مەن مېڭىۋېرەي،ھېلى كۆرۈشىلى-ئادىلە ھاڭۋاققىنىچە تۇرغان ئەلقەمنى يالغۇز قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.
     يەتتە يېرىمدا،كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى،ئادىلە باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ سەككىزدە ئاران سىنىپقا كىردى.ئەلقەم ئادىلەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلدى،ئادىلە ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىلا ئاندىن ئالدىغا قاراپ ئولتۇردى.
     توققۇز يېرىمدا كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى،ئەلقەم ئادىلەگە كۆز ئىشارىسى قىلىپ قويۇپ،بارماق دېسكىنى ئالغىنىچە مەكتەپنىڭ كەينىدىكى خىلۋەت كۆلگە قاراپ مېڭىپ كەتتى.
      مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ئادىلەبىرىنجى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيگە كېلىپ ئەلقەمنىڭ يانفۇنى بىلەن مەردانغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتى،ئۇزۇن ئۆتمەي مەردان كىشىلەر توپىنىڭ ئارىسىدىن كېلىپ ئادىلەنى چاقىردى،ئىككەيلەن مېڭىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى شىپاڭغا كەلدى-:ئادىلە سىز ھەجەپ ئەلقەمنىڭ يانفۇنىدا تېلفۇن قىلىپسىزغۇ؟-مەرداننىڭ گېپىدىن ھەم ھەيرانلىقى ھەم نارازىلىقى چىقىپ تۇراتتى.
-    تېلفۇنۇمنىڭ توكى قالمىدى شۇ،شۇڭا ئۇنىڭ تېلفۇنىنى سورىدىم،نېمە بولدى؟قاپىقىڭىز تۈرۈلۈپ كېتىپتىغۇ؟-ئادىلە مەرداننىڭ كۈنلەۋاتقىنىنى بىلىپ بولغاندى.
-      ھېچنىمە،مۇنداقلا سوراپ قويدۇم-مەردان زورىغا كۈلۈپ قويدى.
     ئاينۇر بېرىپ شىپاڭدا ئولتۇردى،ئۇنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى،بىردەم تۇرىۋېتىپ ئالدىدا ئۆرە تۇرغان مەردانغا قاراپ-:بۈگۈن كەچتە سىزنى ئىزدىشىم،سىزدىن بىر ئىشنى سورىماقچىدىم.
-      نېمە ئىشتى؟
-     مەردان،مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
-    ھەجەپ تۇيۇقسىز بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟
-     تېز جاۋاب بېرىڭە-ئادىلە بىر ئاز چېچىلدى.
-   مەن ئەلۋەتتە سىزنى ياخشى كۆرىمەن،بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىزغۇ؟-مەردان قولىدىكى سومكىنى شىپاڭغا قويۇپ،كېلىپ ئادىلەنىڭ يۈزىنى چىمداپ قويدى.
-   ھىم،گەپنى بۇنداق قىلغان بىلەن،كۆڭلىڭىزدە ھازىرغىچە باشقىلارنى ئويلاپ كەلدىڭىز-ئادىلە خاپا بولدى.
-    سىز گۈلمىرەنى دەۋاتامسىز؟سىزگە قانچە قېتىم ئېيىتتىم،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى نى زامان،نېمىشقا ماڭا ئىشەنمەيسىز؟
-    ئايرىلىپ كەتكەن بولسىڭىز يەنە ئۇنى ئىزدەپسىزغۇ؟ئالدىنقى قېتىم ئاپپاراتنى دەپ مەن بىلەن سوقۇشقاندىن كېيىن سىز ئۇنى يەنە ئىزدەپ بېرىپسىزغۇ؟
     مەردان ھودۇقتى،ئاندىن ئاۋازىنى توغىرلاپ-:نەدە،بىر قېتىم يولدا ئۇچىراپ قالغان شۇ،بېرىپ قەھۋە ئىچىپ كەلدۇق،باشقا ھېچقانداق ئىش يوق.سىز كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز.
-    تەن ئالمايسىز شۇنداقمۇ؟ئەمسە مەن سىزگە دەپ بېرەي،گۈلقىز گۈلمىرەنىڭ دوستىنىڭ دوستىكەن،ئىككىڭلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى گۈلقىز ماڭا دەپ بەردى-ئادىلە سوغوقلا سۆزلىدى.
     مەرداننىڭ ئېغىزى تۇتۇلدى،ئۇ نېمە دىيىشنى بىلەلمەي قالغاندى.
-   مەردان،سىزنىڭ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭزنى بىلىمەن،شۇنداقلا سىزنىڭ مەندىن ھېچنىمىنى يوشۇرماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ھېسىيات دېگەن ئىككى ئادەمنىڭ ئىشەنچىسى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ،شۇڭا سىز يوشۇرماي ھەممىنى ماڭا ئېيتىڭ.خاتىرجەم بولۇڭ،مەن خاپا بولمايمەن-ئادىلە زورىغا كۈلۈپ قويدى.
      ئادىلەنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ مەردانمۇ يوشۇرماستىنلا-:ئادىلە،مەن راست خاتا قىلدىم،ھېلقى بىر ئايدا مەن بېرىپ گۈلمىرەنى ئىزدىگەندىم.
     بۇنى ئاڭلاپ ئادىلە تىتىرىدى،ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ-:ئەمسە يەنە نېمىشقا يەنە قايتىپ كېلىپ مېنى ئىزدىدىڭىز؟
-    مەن...مەن قارىسام ئۇ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قاپتۇ.
-    ئۆزگىرىپتۇ؟شۇنداق،مەنمۇ ئاڭلىدىم،ئۇ ھېلقى بايۋەتتە بىلەن يۈرگەندىن باشلاپ پۇل-مالغا بېرىلىپتۇ،سىز بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئەتىدىن-كەچكىچە سىزگە يېپىشىپ،قىممەت كىيىم-كېچەك،گىرىم بويۇملىرى،ئېسىل تېلفۇنلارنى ئالغۇزۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن سىز چىدىماي بىر تال ئۈزۈكنى كۆرسە بىر ھەپتىگىچە ھىجىيىپ يۈرىدىغان مەن ئەخمەقنى ئىزدەپ كەلدىڭىز شۇنداقمۇ؟
-    ئادىلە،خاپا بولماڭ،مەن...مەن ئادەمنى خاتا تونۇپ قاپتىمەن.بۇرۇن سىزنى ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋالىدۇ،ئۇنىڭدەك چوڭ سۈپەت بولسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم،ئەمدى ئويلاپ باقسام ھەقىقىي مېنى قەدىرلەيدىغان ئادىمىم يېنىمدا ئىكەن،سىزلا ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنىدىكەنسىز.ئەسلى سىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قىز ئىكەنسىز.لېكىن مەن بەك دۆت بولغاچقا بۇنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن،ئادىلە سىز خاتىرجەم بولۇڭ،بۇنىڭدىن كېيىن مەن باشقا ھەرقانداق قىزغا قارىمايمەن،بىر ئۆمۈر سىزنىلا سۆيىمەن.
      بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئادىلە ئالدىدىكى تاش ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ يىغلاشقا باشلىدى،ئۇنىڭ تەسىرلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقى ياكى قايغۇرىۋاتقانلىقىنى نىلگىلى بولمايتتى.
-     ئەخمەق قىزبالا،يىغلىماڭ ماقۇلمۇ؟ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ،مەن سىزگە قەسەم بېرەي،بىر ئۆمۈر سىزنىلا سۆيىمەن،يىغلىماڭ بولامدۇ؟-مەردان ئاستا ئادىلەنىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلىدى،ئادىلە كۆز يېشىنى توختىتىپ،يۈزلىرىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىنى يۇمدى...
       ئىككەيلەن شىپاڭدا بىر سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ،ياتاق تاقىلىشقا ئازلا قالغاندا قىيالماستىن ئايرىلىشتى.كىرىپ كېتىش ئالدىدا ئادىلە غەلىتە گەپتىن بىرنى قىلدى-:مەردان،سىزنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان رومانتىك ئەسلىمىلىرىڭىزگە رەھمەت،سۆيۈشلىرىڭىز،كۈلۈشلىرىڭىز،يۈرىگىڭىز مەن ھەممىسىنى يۈرىگىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلايمەن.سىزنىڭمۇ مېنى،بىر قىزنىڭ سىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.خەيرىخوش.
       مەردان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،تېڭىرقاپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى،بۇ گەپلەر خۇددى مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىۋاتقاندەك ئاڭلىنىۋاتاتتى.
-     ئادىلە...مەردان بۇنى سورىماقى بولۇپ قارىغاندا ئادىلە كىرىپ كېتىپ بولغاندى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 04:53 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Esil1748 + 10 بۇ ئەسەنىڭ ئۇيغۇرچە ئ.
sultannur + 68 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 78   باھا خاتىرىسى

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85241
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:13:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممىسى چىقاندا بىراقلا ئوقاي جۇمۇ

yamgurluk بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 750
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:34:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمانداق ئادەمنى قورقىتقدۇ،ئۇففف

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزۈمنى چەكچەيىتىپ،نەپەس  ئېلىشقىمۇ پېتىنالماي ،ئولتۇرۇپ ئوقۇدۇم...

‹‹تەرجىمە ئەسەر››دەپسىز،پېرسۇناژلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇركەنغۇ،ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەنسىز....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5687
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8381
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئوقۇپ بولدۇم ،بۇنىڭدەك  ھىكايە ،كىنولارنى  بەك ياختۇرمەن ،......ئاخىرنى ئالدىرماي تەرجىمە قىلىپ ئىتتىگرەك  يولىۋىتەرسىز.

كەچمىش بولسۇن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82602
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3779
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قېلىپسىز.مەن مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامىراق.:14:}

بۇ ھاياتتا پەقەت ئىرادىلا بىزنى تاۋلاپ چىقىدۇ روھىمىز بولسا ھاياتىمىز ئۈچۈن بىر قەسىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ۋەھىمىلىك ئەسەركەن ، داۋامىنى  كورۈشكە ۋاقىت چىقارمىكىن  ھە ، ئاللا نىسىپ قىلسا داۋامىنى كۆرەرمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش