مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 23373|ئىنكاس: 249

مېنىڭ مۇھەببىتىم خەنزۇۋان   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ مۇھەببىتىم خەنزۇۋان

مەمەتئابدۇللائۆزياش



    ئۇچىرايلىق قىز ئىدى.ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭغا بىرخىل قىزىقىش ھېسسىياتى پەيدا بولغانىدى. ئۇنى يەنە بىر نەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن قىزىقىش ياقتۇرۇشقا ئايلاندى.راست، مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيتتى،بىر جۈپ يوغان كۆزى، ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئۆزىگە ماسلاشقان قارا چېچى مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىدى.ئۇنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرەلمەيتتىم،چۈنكى بىز بىر يىللىقتا ئەمەس، پەقەت يولدا ئۇچراپ قالسا يىراقتىن تازا بىر قارىۋېلىپ، يېقىنلاشقانسىرى ئالدىمغا قاراپ كېتەتتىم.گەرچە ئۇ بۇ مەكتەپكە كەلگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىزنىڭ يىللىقتىكى خېلى كۆپ ئوغۇللارنىڭ نىشانىغا ئايلانغانىدى.
              ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم. يولدا ئۇچراتسام بۇرۇنقىدەك بىر قاراپلا بولدى قىلماستىن تاكى يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە كۆزۈمنى ئۈزمەي قارايدىغان بولدۇم.بەزىدە بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالاتتى ،بۇنداق چاغلاردا مەن دەرھاللا بىپەرۋا قىياپەتتە ئۆتۈپ كېتەتتىم. ئۇنىڭغا قىزغىن كۆيۈپ يۈرىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا كۆڭلۈمنى غەش قىلغان بىر ئىشقا يولۇقتۇم.بىزنىڭ ياتاقتىكى مېنىڭ يېقىن دوستۇم شىرزاتمۇ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەنىكەن. شىرزات خېلى كېلىشكەن بالا ئىدى،ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتىم، بىراق نېمىشقىدۇر شۇنچىلىك ئەنسىرەيتتىم.
                بىركۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ياتاققا كىردىم، ياتاقتىكى ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋاتاتتۇق، شىرزات تۇيۇقسىز:
              --بالىلار ،ماڭا قاراڭلار،سىلەرگە بىر ئىشنى ئېيتاي ماڭا ياردەم قىلىڭلار،-- دېدى.ياتاقتىكى ھەممىمىز ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدۇق،--مۇنداق ئىش،تەييارلىق سىنىپتا كۆزۈم چۈشۈپ قالغان بىر قىز بار ئىدى،ئىسمى گۈلرەبا، ئۆزى بەك چىرايلىق،لېكىنزە ھازىرغىچە ھېچ تېلىفۇن نۇمۇرىنى بىلەلمەي بەك ئاۋارە بۇلۇپ كېتىۋاتىمەن،سىلەرنىڭ بىرەر ئامالىڭلار بارمۇ؟
            ئۇنىڭ گېپى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا مەن ئۇنىڭدىن:
             --سەنمۇ شۇقىزنى قوغلىشىۋاتامسەن؟--دەپ سورىدىم.چۈنكى گۈلرەبا دەل مەن ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز ئىدى.ئۇ ھەيران قالغان ھالدا سورىدى:
              --نېمە؟سەن ئۇنى تونۇمسەن؟
              --ۋاي ياقەي،ئۇنى خېلى بالىلار قوغلىشىۋېتىپتۇ،شۇڭا مۇنداقلا دەپ قويدۇم.--ئامال يوق«مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم»دېگەن سۆزنى ئېغىزىمنىڭ ئۇچىدىنلا يۇتىۋەتتىم.چۈنكى مەندە ئۇنىڭدەك يۈرەك يوق.ئۇنداق ئوچۇق ئاشكارە سۆزلەپ يۈرەلمەيمەن.
             --ھە،باشقىلار بىلەن نېمە كارىم مېنىڭ،قاراپ تۇر،شۇلاردىن بۇرۇن قولغا كەلتۈرىۋالىمەن ئۇنى.
            ئۇنىڭ بۇ سۆزى قۇلىقىمغا ياقمىدى.ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم.
             --مېنىڭ يۇرتدېشىمغۇ ئۇ،--دېدى ئادەتتە كۆپ ئىشقا ئارىلاشمايدىغان ياتاقدېشىمىز ئوسمان،--ئالدىنىقى قېتىم يۇرتداشلار يېغىلىشىدا ھەممىمىز ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىمىزنى يېزىۋالغان.
             --ۋاھ!نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسەن ئادىشىم، قېنى تېز دېگىنە ئۇنىڭ نۇمۇرىنى،--خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتالمايلا قالغان شىرزات ئالدىراپ سورىدى.«مۇشۇ پۇرسەتتە مەنمۇ ئاڭلىۋالايچۇ،كىم يامان بولسا شۇ يېڭىپ چىقىدۇ ئاخىرىدا»دېگەن ئويدا دىققەت قىلىپ تۇردۇم.ئوسمان تېلىفۇننى ئاختۇرۇپ ئەمدى ئىككى خانىسىنى دېيىشىگە شىرزات ھەييار قىياپەتتە:
             --توختا،توختا، ما گۇيلار ئاڭلاپ قالسا ئىش بۇزۇلمىسۇن يەنە،ماڭىلا دەپ بەرگىن،--دېدى.
             «ھەي...»دەپ قالدىم ئىچىمدە،ئۇنىڭ بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ئەقلىگە ئازراق ھەيرانمۇ بولدۇم.مەنمۇ ئوسماندىن سوراپ بىلىۋالاي دەپمۇ ئويلىدىم،بىراق مېنىڭمۇ ئۇنى قوغلىشىۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تېزلا بۇ ئويۇمدىن ياندىم.شۇنىڭدىن باشلاپ شىرزاتقا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك نەزەر سالىدىغان بولدۇم، بىرەر يېڭى خەۋەر بارمۇ يوق ئاڭلىۋېلىشقا تىرىشاتتىم،لېكىن بىرەر كۆڭۈلدىكىدەك خەۋەر ئاڭلىيالمايتتىم.
            ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى،شەنبە كۈنلۈكى كەچلىك مۇزاكىرە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بالىلار ئاساسەن ياتاقتا ئىدى. بىزنىڭ ياتاقتا پەقەت شىرزاتلا يوق، چۈنكى ئۇ بۈگۈن گۈلرەباغا تەلەپ قويماقچىكەن،بۇ خەۋەرنى مەنمۇ تېخى بايىلا ئۇققانىدىم،شۇنىڭدىن باشلاپ ئولتۇرالمايلا قالغانىدىم،بىرەر ئىش قىلىش خوشياقماي كارىۋېتىمدا ھاڭۋاقتىدەك ئولتۇراتتىم.ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي شىرزات خاپا بولغاندەك ھالەتتە ياتاققا قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن كۆڭلۈم ئازراق ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى،بىراق ئەھۋال تېخى ئىنىق بولمىغاچقا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
           --ۋوي،نېمە بولدى ساڭا؟رەت قىلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
           --ماڭەۋاي،ئىككىمىز ئۆزئارا رەت قىلدۇق،--دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ سوغۇقلا.
          --ئۆز-ئارا رەت قىلدۇق؟بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
          --قىزىق نېمىكەن ئۇ، مېنى كۆرۈپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېمەي، «ياخشىمۇسىز» دەپ يۈرمەسمۇ، ھەيرانلا قاپتىمەن، ئەسلى خەنزۇۋانكەنغۇ. باشتىن ئاخىرى خەنزۇچىنىڭ ئارىسىغا ئۇيغۇرچە قېتىپ سۆزلىدى،بىزغۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئانا تىلىمزنىڭ ئارىسىغا خەنزۇچىنى قېتىپ سۆزلەپ سالىمىز،ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپىگە قاراپ سەل يالتايغانىدىم،مەن تېخى مەقسىتىمنى دېگۈچە «بۇ نىيتىڭىزدىن يېنىڭ،مېنىڭ كۆڭلۈمدە باشقا بىرسى بار،ئۇمۇ سىلەرنىڭ يىللىقتا،لېكىن سىز ئەمەس»دەيدۇ،توۋا دەپ قالدىم.قىز بالا دېگەنمۇ مۇشۇنداق بولىدىكەن،مەن خىجىل بولۇپ دىيەلمەي يۈرسەم مەندىن بۇرۇن ئېغىز ئاچىدىغان گەپ.



مېنىڭ ئەسلى داۋامى بار تېما يوللۇغۇم يوق ئىدى،بىراق مەندە كومپىيۇتېر يوق، بۈگۈن كومپىيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتى كەلگەنىدى،لېكىن ۋاقتى توشۇپ قالدى،ئامالسىزمەن،ئەسەرنى ھەممىنى يېزىپ بولغان ئىدىم،داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە تېلىفۇنۇمدا يوللايمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 08:49 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yoquk + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3644
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:00:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16945
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7901
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 2045 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:14:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى قىرىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم دىسە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئاداش    ‹ مەن›    تازا ماڭا ئوخشاش كۈنگە قاپتۇ دىسە،،،

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،،،،،،،،،،، مۇشۇ مەكتەپتلەردە بىرسىگە يۇشۇرۇن كۈيۈپ يۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپلىق ھەم شۇنداقلا مەنىلىك كۈنلەر بولمىسا كېرەك

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 822 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللار سىز ئەمسە؟

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:59:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي داۋامىنى كۆرگىچە دەملىشىمىز تۇشۇپ كېتىدۇ ئەمدى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 07:11:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akyda007 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 06:59 PM
ھەي داۋامىنى كۆرگىچە دەملىشىمىز تۇشۇپ كېتىدۇ ئەمدى!!!!

خاپا بولمايسىز،مەن ئامال بار تىز يوللايمەن

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 07:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
handanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 07:11 PM
خاپا بولمايسىز،مەن ئامال بار تىز يوللايمەن

ماقۇل ئەمسە!بەك ياخشى يېزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش