« ئۆتەڭ مىھرى» تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
سىنارىست ۋە رىژىسۇر-ھۆرىيەت ئىسمايىلىۋا. ئاساسلىق روللاردا: سۇلتان-ئادىل مىجىت،رازىيە-پاشا ئۆمەر. گۇلەندەم-گۇلبەھرەم قادىر. قادىر-كامىل تۇرسۇن. سۈبىئى-قەيسەر ئەنىۋەر. ھەمىدە مۇخبىر- خۇرشىدە تۇردى. ئانا-زۇنۇنقىز ھىلاخۇن قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا ئانىلىق مىھرىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. بۇ فىلىمدە رازىيە، ھەمىدە، گۈلەندەم قاتارلىق ئۈچ ئانىنىڭ بالىغا تۇتقان مىھرى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىككى ئانا قېيىن تۇغۇتتىن بوشىنىدۇ. بىرى- سۈبىئىنىڭ ئۆز ئانىسى-رازىيە،يەنە بىرى-نەبىينىڭ بالىسىنى باقماي تاشلىۋەتكەن ئانىسى-ھەمىدە. تۇغۇتنى يۆتكەش جەريانىدا بۇ ئىككى بوۋاق بالا ئالمىشىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. نەتىجىدە سۈبىئىنى ھەمىدەنىڭ بۇرۇنقى ئېرى-سۇلتان، نەبىينى يولدىشى قاتناش ھادىسىسىدە ۋاپات بولغان رازىيە باقىدۇ. مەلۇم بىر كۈنى رازىيە باققان بالا نەبىيئى ئۆلۈپ كېتىدۇ.رازىيە بالىسىغا چىدىماي، ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. سۇلتان ئۇزۇن يوللۇق ماشىنى ھەيدىگەچكە ئۆيىدە تۇرالماي،بالىسى-سۈبىئىنى ئۆتەڭدىكى ئايال خوجايىنى گۈلەندەمگە بالىنى بېقىپ بېرىشكە بېرىدۇ. شۇ كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋىرىدۇ. رازىيە بالىسى ئۆلۈپ كېتىپ ئالتە ئايدىن كىيىن قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ،يۇرتى غۇلجىغا ماڭىدۇ. سەپەر ئۈستىدە توساتتىن رازىيە ئۆتەڭدىكى ئاشخانا ئالدىدا سۈبىئىنى كۆرۈپ،بۇ بالىغا ئۆز بالىسىنى تاپقاندەك يېپىشىۋالىدۇ. سۈبىيئىمۇ رازىيەنى ئۆزئانام دەپ تونۇپ،ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ جەرياندا قىزىقارلىق ھەم تەسىرلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ.رازىيەنى باشقىلار« نېرۋىسىدىن ئازغان ساراڭ» دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئىلاجىسىز قالغان رازىيە بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ،ھاڭدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ.بىراق سۈبىئى ئانىسى-رازىيەنى ئۆز ئانام دەپ ئىسپاتلاپ ئۇنى ھاڭ ئالدىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئىنتايىن كەسكىن زىددىيەتلەر ئارقىلىق، سۈبىئى ئۆزئانىسى-رازىيەنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ،رەسمى ئانا-بالا بولىشىدۇ. بالىسىنى باقماي تاشلىۋەتكەن مۇخبىر-ھەمىدە بالىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرشەلمەي، تۈگۈمەس پۇشايمان ئىچىدە قالىدۇ. كىيىن رازىيە بىلەن سۇلتان بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.رازىيە، سۇلتان، سۈبىئى قاتارلىقلار ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ،غۇلجىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى بەكمۇ تەسىرلىك بولۇپ، تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلالايدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
|