مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3205|ئىنكاس: 40

سىرلىق ئاۋرورا ۋەقەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3173
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31880
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2708 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزدىنىش  ۋە  بايقاش -8


1-قىسىم:ئاۋرورا ۋەقەسى


       كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە: 1897-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە  ئامېرىكا تېكساس   شىتاتىنىڭ  ئاۋرورا  بازىرىدا  كىشىلەر  بىر  سېگارت شەكىللىك كۆمۈش رەڭلىك  ئوچار جىسىمنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېلىپ،پىلوكھىت   دېھقانچىلىق  مەيدانىدىكى بىر شامال چاقپىلىكىگە سوقۇلۇپ پارتىلاپ كەتكەن.

001.jpg


كىشلەر دەرھال بۇجايغا يېتىپ كېلىپ،نەق  مەيداندا  پارتىلاشتا پاچاقلىنىپ كەتكەن بۇ نامەلۇم  ئۇچار جىسىمنىڭ  سۇنۇق-پارچىلىرىنى  ۋە  پارتىلاشتا كۆيۈپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر نامەلۇم جەسەتنى  كۆرگەن،كىشىلەر تەپسىلى تەكشۈرۈش ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ جەسەتنىڭ بىز ياشاۋاتقان يەرشارىغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىگىنى بايقىغان.ۋەقەدىن كېيىن  كىشىلەر ئۇچار  جىسىم  پارچىلىرىنى  شۇ جايدىكى بىر كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن، نامەلۇم جەسەتنى بولسا خىرىستىيان دىننى قائىدىسى بويىچە شۇجايغا دەپنە قىلغان،قەبرە تېشىغا  بۇ  نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە تاشقى پىلانت  ئادىمىنىڭ تەقلىدى  تەسەۋۋۇر شەكلىنى ئۇيۇپ قالدۇرغان.

      15.jpg

       17.jpg


16.jpg

       08.jpg



ئەتىسى ئامىرىكا ‹‹داللاس گېزىتى›› بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان،شۇندىن ئېتبارەن كىشىلەرنىڭ دىققەت – نەزىرى چۈشمەي كەلگەن بۇ كىچىككىنە بازار پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىزىقىش نوقتىسىغا ئايلانغان،ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ-خىيالىدا تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى  ئۇقۇمى پەيدا بولغان (ئىلگىرى تار دائىرىلىك تاشقى پىلانت ئادىمى نەزىرىسى مەۋجۈت ئىدى) .

      ئارىدىن نۇرغۇن  يىللار  ئۆتكەندە  يەنى 1973 - يىلى  خەلقئارا   UFO  تەشكىلاتى  مەخسۇس  گۇرۇپپا  تەشكىللەپ   بۇجايغا كەلگەن،  ۋە ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولغان،بىراق يەرلىكلەرنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا ئۇچرىغان،يەرلىك خەلق قەبرىنى ئېچىش دىننى  ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ  دەپ  ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغان ھەم قەبرە تېشىنى يۆتكىۋەتكەن،شۇ سەۋەپتىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىچكىرلەپ   تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغان.  شۇنداقتىمۇ ئۇلار شۇ يەردىكى ئەينى چاغدىكى  شۇۋەقەنى   كۆرگۈچىلەرنى ئىزدەپ   زىيارەت  قىلغان، لېكىن  ئارىدىن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتكەچكە  ئېنىق  بىلىدىغانلىرى ئاساسەن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ پەقەت ئۈچ كىشىلا بۇۋەقەنى ئەسلىيەلىگەن.

    مارى ئىۋاننىس ئىسىملىك بىر ئايال مۇنداق دېگەن: شۇچاغدا مەن سەككىز ياشتا ئىدىم،بىزنىڭ ئۆيىمىز دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ  يېقىن ئەتراپىدا ئىدى،ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنى مەن ئۆيدە ئاپام بىلەن ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز  قاتتىق پارتىلغان  ئاۋازىنى  ئاڭلىدۇق ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاپام بىلەن  شۇ جايغا باردىم،قارىسام ھەقىقەتەن بىر نەرسىنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كەتكەن پارچىلىرى تۇراتتى،ئەتراپنى قۇيۇق ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن ئىكەن،ئوزۇن ئۆتمەي ئاپام مىنى ئۇجايدىن كەتكۈزىۋەتتى، ئەتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دەپنە قىلغانلىغىنى ئاڭلىدىم دېگەن.   

21.jpg

           

     چارلىز ستېۋىنس   ئىسىملىك بىر كىشى :  شۇ چاغدا مەن  ئون ئىككى ياشلاردا  ئىدىم، بىز  دېھقانچىلىق مەيدانىغا  يېقىن  جايدا  ئەمگەك قىلىۋاتاتتۇق،تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ قاتتىق پارتىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق،ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن قۇيۇق ئىس – تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىگىنى كۆردۇق، بىز بىللە شۇجايغا بارساق ھەقىقەتەن بىر كۆمۈش رەڭلىك بىر جىسىمنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كەتكەن پارچىلىرىنى كۆردۇق، چوڭلار پارچىلارنى كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتتى،ئەتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دەپنە قىلغانلىغىنى ئاڭلىدۇق دېگەن.

20.jpg


روبى ھاننىس ئىسىملىك بىر كىشى تەكشۈرگۈچى  خادىمغا : شۇيىلى بازار دا شۇنداق بىر غۇلغۇلا بولغىنى راست،مەن سەككىز - توققۇز ياشلاردا ئىدىم،ئېنىق ئىسىمدە بار ،لېكىن قانداقتۇر تاشقى پىلانت ئادىمى،ئۇچار جىسىم دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق گەپ،بۇ دېگەن شۇ جايدىكىلەرنىڭ (ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ) ئويدۇرمىسى دېگەن.

    بۇ كېشىنىڭ بايانىنىڭ ئاساسى شۇكى ئەينى چاغدا  ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ بازارنى سىرتتقا تۇنۇتۇش،  ۋە  سىرت بىلەن  بولغان ئىجتىمائى  ئالاقىنى كۈچەيتىپ  ئونۋېرسال تەرەققىياتىنى  ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن  بۇ ۋەقەنى  ئويدۇرۇپ چىققان. شۇ ئارقىلىق بۇ بازارنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرغان.( كېيىن بۇ ئاساس نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن)كىشىلەر بۇخىل كۆزقاراشنىمۇ  نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ،ۋە بۇۋەقەنى چوڭ ئالدامچىلىق دەپ تەشۋىق قىلغان.

         لېكىن شۇجايدىكى % 80 كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشىنىدۇ.  بەزى ئانالىزچىلار بۇ   نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى  ئەينى چاغدا  ياسالغان ئايرۇپىلان ياكى دېرژابىل  بولۇشى  مۇمكىن دېگەن، بىراق  ئېنىق  مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا  ئاكا - ئۇكا  رايىتلار  ياسىغان تۇنجى  ئايرۇپىلانمۇ بۇ ۋەقەدىن 6 يىل كېيىن يەنى 1903-يىلى ئۇچۇرۇلغان،دېرژابىلنىڭ كىشىلەر بايان قىلغىنىدەك  ئۇنداق  تېز سۈرئەتتە ئۇچالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن  بۇ  ئۇچار جىسىمنىڭ  ئايرۇپىلان ياكى دېرژابىل بولۇشى  ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى :ئەگەربۇ ۋەقە ھەقىقەتەن راست يۈز بەرگەن بولسا ئۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە ئادەمنىڭ يەر شارى سىرتىدىن كەلگەنلىكى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.

    تەكشۈرگۈچى خادىملار يەنە بۇ جايدىن  بىرپارچە  مېتال پارچىسى  تېپىۋالغان بولۇپ،  تەكشۈرۈش  ئارقىلىق  بۇ ماددىنىڭ تۆمۈر ئىكەنلىگىنى، بىراق ئېغىرلىقىنىڭ تۆمۈرنىڭ 2\1 گە توغرا كېلىدىغانلىقىنى،ماگىنىت تۇتمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

   بىروللى ئوۋىز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ئو ھېلىقى كونا قۇدۇقنىڭ يېقىن  ئەتراپىدىن بىر باسما قۇدۇق ئورناتقان ھەم  سۈيىنى  ئىچكەندىن  كېيىن قولى ئېغىر دەرىجىدە قاپارتما ئۆرلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان،نۇرغۇنلىغان دوختۇرلارغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ تىپى ۋە پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى ئىنىقلاپ چىقالمىغان.


11.jpg

             شۇنداق قىلىپ بۇۋەقە ئۇزاق تارىخى جەرياندا كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن  كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن   ياكى بۇرمىلىنىپ   راست   بىلەن يالغاننىڭ   ئوتتۇرىسىدا  قېلىپ بارغانسىرى سىرلىقلىشىپ كەتكەن.بىراق  شۇندىن ئېتبارەن شۇنىڭغا ئوخشاش  نامەلۇم   ئۇچار جىسىم   ۋە   تاشقى پىلانت ئادىمى  ھادىسىلىرى  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرغان. كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە  ھۆكۈمەتلەر  مۇشۇنىڭغا  مۇناسىۋەتلىك  ئۇچۇر – ئاخبارات   ۋە   ئارخىپ   ھۆججەتلەرنى  مۇتلەق مەخپى تۇتقاچقا  كىشىلەرنىڭ  بۇ توغۇرلۇق   ھەقىقى   ئەھۋالنى   بىلىش   دائىرىسى كېڭىيەلمىگەن ۋە ھەقىقى  ئەھۋالنى بىلىشى   قىيىنچىلىققا   ئۇچرىغاچقا  تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى   بىز ئىنسانلارنىڭ  ئىزدىنىشى  ۋە  تىرىشىشى  كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى يېشىشكە تۈرتكە بۇلالايدۇ.

         سۆيۈملۈك  قېرىنداشلار،  ئۆزىمىز  ياشاۋاتقان  ياكى  بىز  بىلىش  مۇمكىن  بولمايۋاتقان  دۇنيا ،   شەيئى   ئۈستىدە ئىزدىنىش   ۋە   پىكىر  يۈرگۈزۈش  بىزنى  تۈرلۈك  بايقاش  ۋە  بىلىمگە  ئىگە  قىلىدۇ، بىلىم  تۇنۇش  دائىرىمىزنى  ئۆستۈرۈپ  تەپەككۈر ئىقتىدارىمىزنى كېڭەيتىدۇ،  شۇنداقلا   دىنى ھەم ئەخلاققا  مىزانلىرىغا  مۇخالىپ  كەلمەيدۇ  دەپ  قاراپ، قىزىقىش، ئىزدىنىش جەريانىدا  توپلىغان  نەتىجىلىرىمنى   ھوزۇرۇڭلارغا  سۇنۇپ ،  مۇنبەر  تۇرمۇشىمىزنى   بېيىتىش ئۈچۈن  قەلەم  تەۋرەتتىم،  شۇڭا باشقىلارنىڭ   ئەمگىكىگە   ھۆرمەت قىلغان  ئاساستا  ئىلمۇ  مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى ،تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمەن.  


      دەپ  ھۆرمەت بىلەن : ھېكمەت - ئۇيغۇر

  مەنبە:  مەركىزى  تېلىۋېزىيە ئىستانىسى 10-  قانىلى  CCTV - 10

           ئىزدەنگن ۋە يىغىپ  ساقلىغان ماتىرياللىرىم   


  يازغان  خەت شەكلىم  بىنورمال  چىقىۋېلىپ  ئۆزگەرتەلمىدىم، تەستىقلىغۇچى  ۋە باشقۇرغۇچى  قېرىنداشلارنىڭ  تۈزىتىپ  بېرىشىنى  سورايمەن.رەھمەت         


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 03:41 PM  


22.jpg
18.jpg
10.jpg
04.jpg
02.jpg
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35815
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7068 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇقسزىدا ئوقۇغاندا بەك قىزىقاتتىم مۇشۇنداق ئىشلارغا.

باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22361
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 9137 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەرنىڭ كۆرىنىشى نورمال ئەمەسقۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3840
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەن باشتىراق ئورۇن ئالاي
1

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ يالغانكەن دەڭلا

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:03:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا خەتلەر بىر قىسما كۆرىنىدىيا،،كۆزۇمدە مەسىلە يوقتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91419
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:05:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹سىرلىق تەبىئەت›› دىگەن كىتاپتا ،مۇشۇنداق سىرلىق ھادىسلەر سۆزلەنگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستنىلا تاشقى پىلانىت ئادىمى مەۋجۇتىمۇ؟ ئەگەر مەۋجۇت بولسا قۇرئاندا تېلغا ئېلىندۇ،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:06:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تازا ئىشەنمەيمەن بۇنداق گەپلەرگە ،،دېسە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش