مورىندا چاتقىلىنىڭ رولى
ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نونىنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمىدىكى نامىنىڭ مورىندا چاتقىلى بولۇپ، رويان ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. مورىندا چاتقىلى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان پاكار غوللۇق دەرەخ بولۇپ، شاخلىرى تۆت قىرلىق، يىلتىزى سىلىق ھەم تۈكسىز. يوپۇرمىقى قىسقا، قېلىن، سوقىچاق، پۈتۈن گەۋدىلىك، ئۇزۇنلۇقى 10~15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5~8 سانتىمېتىر، چوڭلىرىنىڭ ئوزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر كېلىدۇ، رەڭگى ئالىچىپار بولىدۇ.
مورىندا چاتقىلى ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ رايونى، ئاۋسترالىيە ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئادەتتە دېڭىز ساھىلى ئورمانلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ. مورىندا چاتقىلىنىڭ يىلتىزى بىلەن غولىدىن سېرىق بوياق ماتېرىيالى چىقارغىلى، مېۋىسىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. ئېلىمىز ئەل ئارىسىدا ئۇنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ قانلىق تولغاقنى داۋالايدىغان ئادەت بار. جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا نونىنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى، قوۋزىقى ئارقىلىق كېسەل داۋالايدۇ.
مورىندا چاتقىلى بىلەن ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈكلەر دۇنيادا 80 خىلدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان، ئېلىمىزدە ئۇنىڭ سەككىز خىلى بار. مورىندا چاتقىلى يىلتىزىنىڭ باھنى كۈچەيتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار؛ چوڭ مېۋىلىك مورىندا چاتقىلى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىلاردا ۋە ھىندى تاقىم ئارىلىدا كۆپرەك ئۆسىدۇ؛ كىچىك يوپۇرماقلىق مورىندا چاتقىلى جەنۇبىي جۇڭگو، شەرىقى جەنۇبىي جۇڭگودا كۆپرەك ئۆسىدۇ؛ مورىندا پېلىكى غەربىي جەنۇبىي جۇڭگو ۋە شەرىقى جەنۇبىي جۇڭگودا، شۇنداقلا ھىندىستان ۋە فىلىپپىندە كۆپرەك ئۆسىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئالىملىرى مورىندا چاتقىلى يىلتىزىنى خىمىيەلىك ۋە فارماكولوگىيەلىك تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ باھنى كۈچەيتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مۇسكۇلنى چىڭىتىش، يەل ۋە نەملىكىنى يوقىتىش، شۇنداقلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقىنى ئېنىقلىدى.

نونى ئەڭ ياخشى دورا ناملىق كىتابتىن ئېلىندى،
www.xjlilla.com