مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 26

يانفۇنۇم يوقاپ كەتتى__ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:33:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يانفۇنۇم يوقاپ كەتتى


ئەپچىلەم(ھېكايە)


-توۋا ، بۈگۈن ئەجەپ يانفۇنۇم سايرىمايدىغۇ، ئەجىبا توكى تۈگەپ كەتتىمۇيا؟ياق ئۇنداق بولىشى پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس، تېخى ئاخشام لىققىدە توك قاچىلاپ قويغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، تېلفۇن كەلمىسىغۇ مەيلى، قىسقا ئۇچۇر بولسىمۇ ....بولدىلا كىم ئىشلىتىدۇ قىسقا ئۇچۇر دېگەننى ھازىر ھىچ بولمىغاندا  ئۈندىدار بىر قېتىم سايراپ قويىشى كېرەكتىغۇ دەيمەن .
شۇلارنى خىىيال قىلغاچ قولۇمنى ئىختىيارسىز يانچۇقۇمغا سالدىم ۋە چۆچۈپ
-تېلفۇن!
دېگىنىمچە جايىمدىلا ئىككىنى پىرقىراپ يەنە يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇشقا كىرىشتىم ، ئەپسۇز يانفۇنۇم يەنىلا يوق ،كىچىككىنە ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە يول بويىدىكى بىر ماگزىنغا كىرىپ يانفۇننى بىر سايرىتىپ باقماقچى بولدۇم
-كەچۈرۈڭ...
ئاچچىقىمدا كەينىدىكى گەپنى ئاڭلىمايلا بېشىمنى سالپايتقان پېتى ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، شۇ تاپتىكى مىسكىنلىكىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش تەس ئىدى، بەلكىم بىر تال يانفۇنغىمۇ ئاشۇنداق قىلىش كېتەمدۇ، ياكى ئۇ يانفۇن ئايفۇن بولغىيمىتى دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ياق ئۇنىڭ ئايفۇن ياكى يانفۇن بولىشى بەرىبىر لېكىن مېنىڭ كاللامدا يېڭىدىن كۆكلەپ چىقىۋاتقان بىر مەسىلە بار ئىدى ، ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس ،بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق بىر خىل ئەنسىرەش بولغان تاس قالغان تېخى ئۇ ئەنسىرەشلىرىم جاننى ئېلىپ تالادا قويغىلى .ئۇ ئەنسىرەشلەر ئەسەرلىرىمنىڭ كېيىنكى قۇرلىرىدا بايان قىلىنغۇسى .
گۇناھكار مەھبۇستەك بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ياتاققا كىرىپ  ئۆزەمنى كارۋاتقا بەخىرامان قۇيىۋەتتىم ، ئەس -يادىم يەنىلا شۇ يوقاپ كەتكەن يانفۇنۇمدا ئىدى، گەرچە ئەمدى يانفۇنۇمنىڭ  قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرغان بولساممۇ بىراق يەنىلا بىر خىل سېغىنىش ئىچىدە تۇرۇسقا قاراپ ياتقىنىمچە يانفۇن ئىشلەتكەندىن بۇيانقى بەزى بىر كومىدىيىلىك ۋە ئاچچىق كەچمىشلىرىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم .
يېڭىدىن يانفۇن ئىشلەتكەن چاغلىرىم ئىدى، شۇ چاغدىكى خۇشلۇقۇمنى دېمەيلا قۇياي، دادامغا شۇنچە قەغىشلىك قىلىپ بىرتال يانفۇن ئالغۇزغان ئىدىم ، ئەمما شۇ چاغدىمۇ سەل كەم ئەقىللىق قىلىپتىكلەنمەن ،كېلەڭسىز بىر نېمىنى يانفۇن  دەپ ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ لېكىن يەنىلا كۆڭلۈم خۇش ئىدى، ھېلىمۇ ئېسىمدە مەكتەپكە ئاپارغاندا ھەممە ساۋاقداشلىرىم ھەۋەسلىنىپ قالغان ،  شۇ چاغلاردا سىنىپىمىزدا پەقەت بەش بالىدىلا يانفۇن بار بولۇپ يانفۇنى بار بالىلار ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ نۇمۇرلىرىنى كىرگۈزىۋېلىپ دەرىس ۋاقتىدا سايرىتىپ ئوينايتۇق ، بەلكىم سىز مۇئەللىملەر يانفۇن  ئىشلەتسەڭلار قارشى تۇرمامدۇ دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئەلۋەتتە قارشى تۇرىدۇ ، كۆرۈپلا قالسا ئېلىۋالغان يېرىدە ئېگىز پاشنىلىق ئايىغى بىلەن دەسسەپلا چېقىۋىتىدىغان يامان خۇيى بار ئىدى ، مەندىن باشقا ئىككى ساۋاقدىشىمنىڭكىنى نەچچە قېتىم ساۋاقداشلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا چېقىۋەتكەن ، شۇنىڭدىن كېيىن بىز تېلفۇن ئىشلىتىشتە تېخىمۇ ھۇشىيار بولۇپ كەتكەنىدۇق، شۇ ھۇشىيارلىقىمىزنى دەرسكە بەرگەن بولساقچۇ كاشكى بەلكىم جەمىيەتتىكى بۇنداق قۇلاق كەستىلەردىن بولۇپ قالماس ئىدۇق . راست گەپنى ئېيىتقاندا ئۇ چاغلاردا كىم بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۇقمايتۇق ، پەقەت ئاتا ئانىمىزلا بار ئىدى خالاس،سىنىپتىكى بالىلار بىلەن بولسا  ئون مېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ تېلفۇن سايرىتىپ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن پاراڭلىشىپ كېتەتتۇق ، شۇ چاغلاردا مېنىڭ يانفۇندىن  ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىم ئىمتاھان ۋاقتىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولغانىدى، توۋا دەيمەن ، سېنىپىمىز بويىچە ئەڭ قاپاق بالا ئىمتاھان جاۋابىنى ئەۋەتىپ بەرسە  كەلگەن ئۇچۇر بويىچە كۆچۈرۈپ يېزىپلا قۇياتتۇق ، ئەمما بىز دوستىمىزنىڭ بۇ ياخشىلىقىدىن خۇشال بولۇپ ئاقىۋېتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا يېزىۋېرەتتۇق، كېيىن نەتىجىمىز چىققاندا بولسا مۇئەللىم شۇ 4~5بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش چىققانلىقىنى كۆرۈپ سەل شۈبىھلىنىپ قالاتتى ، لېكىن  بىزنى كۆچۈردى دېيىشىگە ئىسپات يوق ئىدى ، چۈنكى مەن بىر بۇلۇڭدا ، ئۇ بىر بۇلۇڭدا ...كۆچۈرۈشكە قانداقمۇ ئىمكان بولسۇن .ئەگەر ھەممە بالىلار  ياخشى نەتىجە ئېلىپ بىر بالا  مۇنداقراق نۇمۇر ئېلىپ قويغان بولسا شۇ بىر بالىغا ئەلەمنىڭ كەلگىنى شۇ ئىدى ، سېسىق گەپ، تاپا-تەنە  دېگەنگە غىققىدە تۇيۇپ نەچچە كۈنگىچە تاماقمۇ گېلىدىن ئۆتمەيتى .مەنمۇ نەچچە قېتىم  ئاشۇنداق دېشۋارچىلىققا دۇچار بولۇپ ئۇقۇتقۇچى دېگەنگە شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدىم  ، ئەمما مۇشۇ يانفۇننى ئىشلەتكەندىن بۇيان يېڭىچە ئامال تېپىۋالدۇق ، بىراقلا نەچچىمىز ئوخشاش نۇمۇر ئالغاچقا نۇئەللىم بىزنى قانداق جازالاشنى بىلەلمەي قالاتتى، پەقەت شۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بالىلارنى رەئىس سەھنىسىگە چاقىرتىپ (دەرس مۇنبىرى) تەسىرات سۆزلەش جازاسى بېرەتتى، بىزشۇ كىچىمىكىمزدىن  سۆزلەپ يادقا بولۇپ كەتكەن  سۆزلەر بىلەن  كىيىنكى ئۇقۇش مەۋسۇمىدىكى نەتىجىلىرىمىز بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمىز دېگەندەك سۇئاللار بىلەن جازانى ئۆتەيتۇق، كىيىنچە مۇئەللىم بۇنىڭ سىرىنى بىلىپ قالدى بولغاي ، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچۈيتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ  يانفۇن ئارقىلىق كۆچۈرۈش ئۇسۇلىمىزغا خاتىمە بېرىلدى ، ئەمما شۇنىڭغا ماس ھالدا يەنە يېڭى كۆچۈرۈش ئۇسۇللىرى  روياپقا چىقىشقا باشلىدى .
شۇنداق تېلفۇنۇم بار دەپ كۆرەڭلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە يەنە يېڭى بىر خىل ئىدىيە شەكىللىنىشكە باشلىدى، كىچىنى كىچىگە ئۇلاپ مۇڭ -مۇڭ پاراڭلىشىشلار ، ئايىغى چىقمايدىان غايىبانە ياخشى كۆرۈشلەر ، دوقمۇش دوقمۇشلاردا  سائەت-سائەتلەپ كۈتۈشلەر مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنىشقا باشلىدى ، بەلكىم  گەپنىڭ ئۇرانىدىن  بۇ يېڭى ئىدىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بوپلغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما بۇنىڭ نەقەدەر ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يانفۇنغا مۇزىكىلىق قوڭغىراق چۈشۈرۈش مودا بولۇپ كەتتى، يانفۇن ئىشلەتكەن ساۋاقداشلىرىم پەچچەت-پەچچەت ناخشا مۇزىكىلاردىن بەش-ئالتىنى يانفۇنىغا چۈشۈرىۋالدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ سەندىن قالامتىم دەپ ئۆزەمگە ياققان ناخشىلاردىن بىر نەچچىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم ،يەنە بىر قېتىملىق جىدەل مۇشۇ قوڭغۇراق مۇزىكىسىدىن باشلاندى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا غايىپتىن بىر تىلفۇن كېلىپ قالدى ۋەي دەپ ئالسام جىمجىتلا ياكى شاپپىدە بېسىۋېتىدۇ، دەسلەپتە مەن تېخى ماڭا كۆيۈپ يۈرگەن بىرەرسى ئوخشايدۇ دەپ ئۆزەمگە روھى تەسەلىي بېرىپ كېتىپتىمەن ،كىيىنچە ماڭا تىلفۇن بىرىدىغان قېتىم سانى جىقىيىپ قالدى ، گەرچە ھەر قىتىم ۋەي دېگەن سۇئالىمغا جاۋاپ قايتمىسىمۇ لېكىن ماڭا كۈندە نەچچە رەت تېلفۇن قىلغانلىقىدىن ئۆزەمچە شاتلىنىپ ئۆزەممۇ ئۇقماي ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم. گەرچە  قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن ئۇنىڭ چۇقۇم بىر قىز بالا ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتىم .ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدىممۇ يا ؟ئۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى  ،دەسلىپىدە بىرلا نۇمۇردىن تىلفۇن كەلگەن بىلەن كېيىنچە ماڭا كېلىدىغان نۇمۇلار ھەسسىلەپ كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ،كۈندە ماڭا كېلىدىغان تېلفۇننىڭ  ھىسابى يوق دېيەرلىك ئىدى ، دەرس ۋاقتىلىرىدا تېلفۇنۇمنى تىتتىرەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسام  بەزى چاغلاردا سىنىپ ئىچى شۇنداق بىر تىمتاسلىق ئىچىگە چۆمسە  تىتتىرەش ساداسى سىنىپ ئىچىدە بوشقىنا ئاڭلىنىپ قالاتتى، بۇنداق چاغلاردا خانىمىم ئېلىۋالمىغىيتى دەپ تەشۋىش ئىچىدىلا يۈرەتتىم،خۇداغا شۈكرى مەن بەك تەلەيلىك بالا بولغاچقىمىكىن شۇنداق كۈنلەردىمۇ تېلفۇنۇمنى تارتقۇزۇپ قويمىدىم .دەرستىن چۈشكەن چاغدىغۇ بولدى يانفۇنۇمنىڭ ئاۋازىنى ئېچىۋەتسەم  تېلفۇن دېگەن سايراپ زادى توختىمايدۇ، لېكىن ۋەي دەپ ئالسام ھىچبىر سادا يوق .كىيىنچە  كەلگەن تىلفۇنىڭ تولىلىقىغا گەپ توشىمىدى، يانفۇنۇمغا توكنى لىققىدە قاچىلاپ دەرسكە كىرىپ كەتسەم ئاشۇ سايراشلار دەستىدىن  دەرستىن چۈشكەندە يانفۇنۇمنى ئېچىپ قارىسام بىچارە يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆچۈپ قالغان ،شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر باتارىيەنى سېلىپ تۇرۇشۇمغا ئۆلمىگۈر تىلفۇن سايراپ يەنە كىشىنى ئارامىدا قويمىغان .
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، كىيىنچە ئۆزەممۇ ئۇقمايلا ئۇ غايىبانە ئاشىقىمغا شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىمكى ،ئادەمنى جىلى قىلىپ تىلفۇن قىلىۋەرگەن ، دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ بىرسى بولغان بولسا مەيلى دەي، بىرە يۈزمىڭچە نۇمۇر يانفۇنۇمدا پارقىراپ تۇرسا قايسىغا ئاۋال كۆڭۈل بېرىش كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن تەتىل ۋاقتىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يانفۇندىكى ماڭا تېلفۇن سايراتقان لېكىن ئالسام گەپمۇ قىلمىغان كىشىلەرگە تېلفۇن قىلىشقا باشلىدىم ، تىلفۇن  قىلىمەن گەپ قىلماي جىملا تۇرىۋالىدۇ، شۇ چاغلاردا تېلفۇنغا پاتىدىغان نۇمۇرلارنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا مەن كىيىنچە ئەسقاتىدۇ دەپ كەلگەن نۇمۇرلارنى ئىرىنمەي يېزىۋالاتتىم ، كېيىنچە ئۇ نۇمۇرلار نەخ بىر خاتىرە بولۇپ پۈتۈپ چىقىپتۇ،بىر ئايدىن ئۇشۇق ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ   ئاران خاتىرىدىكى نۇمۇرلارنى تۈگەتتىم ، لېكىن ماڭا كېلىدىغان يېڭى نۇمۇرلار ھىچبىر تۈگەي دېمەيتى .يەنە توختىماي  تېلفۇن قىلىۋەردىم ، كىيىنچە شۇنى بىلدىمكى بەك گالۋاڭلىق قىلىپتىمەن ، تىلفۇن ھەققىنىڭ سوممىسىنى دېمەيلا قۇياي بولدى ، ئاشۇ تېلفۇن قىلغانلار مېنى دەششەت ئەخمەق قىلىپتۇ ئەمەسمۇ؟مەن تېلفۇن قىلغاندا ئالغۇسى كەلمىسە  ئۈزۈۋەتسە بولىدىغان چېغى ، لېكىن ھەممىسى دېگۈدەك تېلفۇننى ئۇلاپ قۇيۇپ گەپ قىلماي جىملا تۇرۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن مەن تازا قايناپ قايناپ سۆزلەپ كەتسەممۇ سادا چىقمىغانكىن ئاچچىغىمدا يەنە باشقىسىغا تېلفۇن قىلغان، نەچچە قېتىم  تېلفۇن ئۇلاپ قۇيۇپ چارچاشنىڭ دەستىدىن ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن ،شۇنداق چاغلاردىمۇ تېلفۇنۇم يەنىلا قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالەتتە ، ئاھ خۇدا نېمە كەلگۈلۈك بۇ ماڭا ، ئويلاپ بېقىڭلار يۈزمىڭ ئادەم دەپ پەرەز قىلساقمۇ بىر قېتىم تىلفۇن ئۇرساق بىر مودىن ئالىدىغان گەپ ،بۇ پۇلنى يەنە شۇ چوڭلار ئاچچورت قىلىپ بەرمىسە بولمىغان ، راست گەپنى قىلسام كىيىنچە ئۆزەممۇ خىجىل بولدۇم ، تېلفۇن ھەققىنى ئازايتىشنىڭ ئاماللىرىنى تېپىپ چىقتىم ، شۇ چاغدىكى ئەڭ ياخشى ئامالىم  يانفۇنۇمنىڭ رەڭلىق قوڭغۇراق كەسىپىنى بىكار قىلىش ئىدى . ئەمما  ئۈچ-تۆت  مۇزىكا بىلەن قانچىلىق تېلفۇن ھەققىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ دەيسىز ، يەنە كېلىپ ماڭا كېلىدىغان تېلفۇنلار ھىچبىر توختاپ قالاي دېمىسە .
ئاشۇنداق ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە توساتتىن يانفۇنۇمغا كېلىدىغان تىلفۇنلارنىڭ سانىنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى بىلدىم ، باشتا سەل شۈبىھلەندىم، كېيىن شۇنى ئۇقتۇمكى ئۇلار ئاشىقكەن ئەمەسمۇ؟نېمىگە دەمسىز،ئەسلىدە مېنىڭ يانفۇنۇمدىن سايراۋاتقان  رەڭلىق قوڭغۇراقلار ئۆزگىچە بولغاندىن كېيىن كىشىلەر بىر ئۇرۇپلا قۇڭغۇراق مۇزىكىسىغا رام بولۇپ قالىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتەي ئاشۇ ناخشىى ئاڭلاش ئۈچۈن ماڭا تىنىمسىز تېلفۇن قىلىدىكەن ، ئەمما ئامال قانچە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئۇلارنىڭ ناخشا خۇمارىنى بىسىقتۇرۇشقا يەتمەيدۇدە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرىكمەي ئۇرىدىكەن ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يانفۇنۇمنىڭ رەڭلىق قوڭغۇراق مۇزىكىسىغا ئاشنا بولغانلار كۆپىيىپ ئاقىۋەت مۇشۇنداق قىزىقارلىق بىر مەيدان كومىدىيەنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بوپتۇ .
پاھ!دەۋەتتىم، دۇنيا راستىنلا ئاجايىپ دېسە ، رەڭلىك قوڭغۇراق كەسپىنى ئېتىۋەتكەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ نەدە ئۇنچە كۆپ يانفۇن سايراشلار دەيسىز ، يەنە شۇ كونا تۇنۇش -بىلىشلەردىن كېلىدىغان گەپ ، شۇ تەرىقىدە يانفۇن ئىشلىتىپ يېشىمىزمۇ چوڭىيىشقا باشلىدى. دەۋىرنىڭ تەققەزاسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن مودىدىن قالماسلىق كېرەكتە؟ شۇنى بىلەن يانفۇنمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى، ئەلۋەتتە بۇنداق چاغلاردا يانفۇنۇمنى ئۆزگەرتىپ بەرگۈچىلەر شۇ ئاتا- ئانام بولاتتى ، ئەمما ئادەمنى شۇنداق جىلى قىلىدىغان يېرى ، يۇقىرى يىللىققا چىققانچە يانفۇنغا بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمى چىڭىيىپ كەتتى ،ئەگەر پالانىدا يانفۇن بار ئىكەن دېگەن گەپ ئاڭلىنىپ قالسىلا مۇئەللىم ئەتىسىلا ئۇ كىشىنىڭ يانفۇنىنى ئېلىۋالاتتى ۋە مەڭگۈلۈك نەزەربەنىت قىلاتتى، ھېلىمۇ شۈكىرى مۇشۇ چاغقىچە يانفۇن ئىشلىتىپ بىرە قېتىممۇ يانفۇنۇم مۇئەللمنىڭ نەزەربەنتى ئاستىغا چۈشۈپ قالماپتۇ،ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ بىر قېتىم مۇئەللىم دەرس ئۆتىۋاتقاندا توساتتىنلا يانفۇنۇم سايراپ كەتمەسمۇ، ئاپلا دەپ قالدىم ئىچىمدە ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى،دەقىقە ئىچىدە تېلفۇنۇمنى مۇئەللىمنىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىنىڭ ئاستىدا كۆرىدىغان بولدۇم دەپ  ئويلاپ جملا بولۇپ قالدىم ، ھەممىنىڭ كۆزى مەندە  ئىدى سىنىپ جىمجىتلىققا چۆمگەن، بالىلار خۇددى يېڭى بىر مەيدان مۇسابىقە كۆرىدىغاندەك مەن تەرەپكە قاراپ بى نېمىلەرنىدۇر كۇسۇرلىشاتتى .تاق-تاق...قىغان قەدەم ئاۋازى بىلەن تەڭ مۇئەللىم مېنىڭ يېنىمدا پەيدا بولدى .
-چىقىرە تېلفۇننى
سەل تەئەججۇپ ئىلكىدە مۇئەللىمگە يالت قىلىپ قاراپ قويدۇم ، چۇنكى مۇئەللىمنىڭ كۆزى ماڭا ئەمەس بەلكى مېنىڭ پارتىدىشىمغا چۈشكەن ئىدى ، مەن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم .
-تېز چىقىرە ، يانچۇقۇڭغا مەن قول سېلىپ قالماي بىكار...
مۇئەللىمنىڭ پەرۋاسىز چىرايىغا قاراپ چۇقۇم ماڭا تەنە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىمدە يۇۋاشلىق بىلەن يانفۇنۇمنى شۇنداق يانچۇقۇمدىن ئالاي دەپ تۇرۇشۇمغا  پارتىدىشىم  ئۆزىنىڭ يانفۇنىنى مۇئەللىمگە تۇتقۇزماسما، شاپپىدە يانفۇنۇمنى يانچۇقۇمغا سالدىمدە جىممىدە ئولتۇرىۋالدىم ، ئەسلىدە  ئۇمۇ يانفۇن مۇزىكىسىنى مېنىڭكىگە  ئوخشاش قىلىپ قويۇپتىكەن ،بايا سايرىغىنى ئۇنىڭ يانفۇنىكەن ئەمەسمۇ .ئۇف ..دېدىم ، ئۆزەمنىڭ تەلەيلىكلىكىمدىن يەنە بىر قېتىم مەمنۇن بولۇپ .كۆزۈم توستتىن ئۇ پارتىدىشىمنىڭ چىرايىغا چۈشتى ، بىچارىنىڭ كۆز چاناقلىرى كىچىككىنە شەبنەم بىلەن نەمدەلگەنىدى .دېمىسىمۇ ئۇ بىچارىگە بەك زۇلۇم بولدى جەمئىي ئالتە قېتىم تاتقۇزۇپ قويدى ، ھەر قېتىم تاتقۇزۇپ قويسا ئەتىسىلا يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالاتتى،لېكىن  يانفۇنىنى بىر ئۇقۇش مەۋسۇمى ئىشلىتىپ بولغىچە مۇئەللىم قانداق بىلىپ قالاركىن ئەيتاۋۇر بىردەمدىلا مۇسادىرە قىلاتتى ، شۇڭا بىر ئۇنى مەۋسۇمدە بىر دەپمۇ چاقىرىپ قوياتتۇق. ئەمما بۈگۈن  باشقا كۈنىدىكىسىگە ئوخشىمايتى تېخى تۈنۈگۈنلا بىر يانفۇنىدىن ئايرىلىپ مانا بايىلا تېخى ئۆزىنىڭ يېڭى ئالغان يانفۇنىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرەتتى ، بۇ قېتىم ئۇ خېلى داڭلىق ماركىلىق يانفۇن ئالغان ئىدى بىزمۇ كۆرۈپلا ئوھوھوي !دېيىشىپ قالغان ئىدۇق ، ئەمما قىسقىغىنە 40مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ...
-قارس !
ھەممىمىزنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتكەنىدى ،بىچارە يانفۇن مۇئەللىمنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا مىجىلىپ ياتاتتى ئەمدى ئۇ راستىنلا يىغلىۋەتكەنىدى ، مۇئەللىمگە شۇنداق بىر يىرگىنىشلىك بىر قارىغاندىن كېيىن  ئورنىدىن تۇرغان پېتى يۈگرىگىنىچە سىنىپتىن چىكەتتى .....مۇئەللىمنىڭ ئۇنى چاقارغان ئاۋازى سىنىپ ئىچىدىن ئاتلىيالمىدى.ھەممىمىز مۇئەللىمنىڭ بۇ قىلىقىدىن نارازى بولۇپ قالدۇق ، لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ئازدە ، تۈنۈگۈن بىر قېتىم تاتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە بۈگۈن چاندۇرماي ئىشلەتسىمۇ بولاتتىغۇ؟
ئەتىسى ئۇ مەكتەپتىن چىكىنىش ئىلتىماسىنى كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ ، مۇئەللىم ھىچبىر گەپ قىلمايلا تارتمىسىدىن تۆت دانە يانفۇننى ئەچىقىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ، دېمەك ئىككى يانفۇن  مۇئەللىمنىڭ ئاياغ ئاستىدا قەبرىسىنى قاتقۇزغان ئىدى.
ئەتىسىمۇ يېڭى قۇياشنىڭ پارلىشى بىلەن پارلاق ئەتىنى كۈتىۋالدۇق ،لېكىن سېنىپقا كىرسەكلا قەلبىمىزنى نەچچە مىنۇتلۇق زۇلمەت قاپلايتى، شۇ كۈندىن كېيىن مۇئەللىم ئارلاپ -ئارلاپ بىزنى ئاختۇرىدىغان بولىۋالدى، بىزمۇ بۇنداق ئاختۇرۇشلارنىڭ زادى قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتۇق،شۇ كۈنلەردە كۈندە يانفۇنۇم بار دەپ يۈرگىنىمىز بىلەن سىنىپ ئىچىدە يانفۇن ساقلاشنىڭ ئەلىمىنى ئۆزىمىز بىلەتتۇق .ئاشۇنداق ۋەس-ۋەسىلەر ئىچىدە تالاي كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۇق ، بەزى چاغلاردا يانفۇن ئىشلەتمىگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالاتتىم ،ئاشۇنداق بىر چاغلىرىم بولىدىغان دەرس خۇش ياقمىغان چاغلاردا ئارقىغا بېرىپ موككىدە ئۇخلىۋالاتتىم ، گەرچە مۇئەللىمنىڭ بەزىبىر تاپا تەنىسىنى ئاڭلاپ يۈرسەممۇ لېكىن كۈندە ھازىرقىدەك بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدە يۈرمەيتىم ،ئەمما ھازىرچۇ شۇنداق بىر مۇگىدىۋالاي دەيمەنيۇ لېكىن يانفۇنۇمنىڭ توساتتىن سايراپ كېتىشىدىن ، ئۇخلاپ قالغان تەغدىردىمۇ مۇئەللىمنىڭ يانفۇنۇمنى تارتېۋىلىپ چۈشۈمدە ئۇنى دەسسەپ پارچاقلىۋەتكەن مەنزىرسىنى كۆرۈشنى خالىمايتىم ....
قىزىق ئىش باياتىن بېرى يانفۇنۇم سايراپ قويمايدائاشۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئاستا يانچۇقۇمنى تۇتۇپ قويدۇم .
-...
مۇئەللىمنىڭ توۋلىشىدىن چۆچۈپ مۇئەللىمگە قارىدىن ،شۇ تاپتا پۈتكۈل ئەس -يادىم شۇ يانفۇنۇمدا ئىدى مۇئەللىممۇ چىرايىمنىڭ بىر قىسمىلا بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بىر نېمىنى سەزگەن بولسا كېرەك
-نېمە بولدۇڭ، نېمىگە جىددىيلىشىسەن ،ئەجىبا...
-ئەجىبا نېمە مۇئەللىم !
مۇئەللىمنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ مەنمۇ شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم،
-ھازىر ئاكاڭ تېلفۇن قىپتۇ، داداڭنىڭ كېسىلى توساتتىن قوزغىلىپ قېلىپ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىۋېتىلىپتۇ
-نېمە؟
-بولدى قايغۇرما ، ماڭ بېرىپ يوقلاپ كەل ،ئەتە كەلسەڭمۇ بولىدۇ.
مۇئەللىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدىم ،يانفۇنۇمنىڭ  يوقاپ كەتكەنلىكىمۇ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتى .بىراق نېمىلا بولمىسۇن يۈرۈگۈم ئازراق قارتتىدە قىلىپ قالدى.
- مېنىڭ نەدە ئاكام بولسۇن ، تېخى چۈشتە بىر ئوبدان تۇرسا دادام، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام شۇنداق تېمەن، توساتتىنلا جىددىي كېسەلگە  مۇپتىلا بولۇپ ھاياتىنىڭ خەۋىپ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟بوپتۇلا بىر بېرىپ باقمايمەنمۇ؟
شۇلارنى ئويلاپ مۇئەللىم دەپ بەرگەن ئادرىس بويىچە دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتىم، دوختۇرخانا ئىشىكىدىن شۇنداق ئاتلاپ ئۆتۈشۈمگە يۈرۈكۈمنىڭ قاتتىق سېلىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ،توساتتىن ئۆزەممۇ ئۇقماي دادا دەپ توۋلىغىنىمچە بالنىس رايۇنىدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگرەپ ئادرىسنى ئاران تاپتىم .ئىشىكنىڭ دېرىزىسىدىن شۇنداق بىر قارىغىنىمنى ئۇقىمەن  كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ جايىمدا موككىدە ئولتۇرۇپ قالدىم ،نەچچە مىنۇتلا ئۆتكەندىن كېيىن ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ كارۋتنىڭ ئالدىغا كەلدىم، دادامنىڭ بوي بەستى بىلەن ئوخشاش كەلگەن بىر قامەت يىنىككىنە پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى.
ئۇف! دېدىم ئىچىمدە ، لېكىن قەلبىمدىكى ئەنسىرەش ئالامەتلىرى ھىچبىر بېسىقاي دېمەيتى ،يۈگرەپ سىرىتقا چىقتىمدە دادامغا تېلفۇن قىلىشقا باشلىدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم....ۋەي....
كۆڭلۈم ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى، شۇ تاپتا ئۆزەمنى چەكسىز خوشاللىققا چۆمگەندەك ھىس قىلاتتىم
-ۋەي ،دادا ،مەن ئوغلۇڭ
-نىم بولدى بالام يانفۇنۇڭ قېنى
-شۇ ئۆيدە ئۇنتۇپ قالدىمىكى دەپ ساڭا تېلفۇن قىلغانتىم قارىسام يېنىمدا يوق تۇرىدۇ.
-باياتىن يانفۇننى كۆتۈرگىنىڭچە مەكتەپكە ماڭدىم دەپ چىكەتكەنتىڭغۇ؟مەن بازاردا ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ باقاي ، ئاناڭ بىلەمدىكىن يا؟
- بولدى   خوش.
شۇنداق دېگىنىمچە تېلفۇننى بېسىۋەتتىم ، يانفۇنۇم ئۆيدىمۇ يوق ، ئەجىبا ، راست، باياتىن دوسلار بىلەن مەكتەپ چىملىقىدا بىردەم يېرىمدەم گىتتار چېلىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىدۇق شۇ چاغدا يانچۇقۇمدىن يېنىپ قالدىمۇ يا؟
تاكسىدىن بىرنى توستۇمدە مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم ، ئۇلار تېخى دەرىستىن چۈشمەپتۇ ، شاپپىدە مەكتەپنىڭ ئارقا مەيدانىغا ئوتۈپ يانفۇنۇمنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھىچ يەردىن تاپالماي ، بىشىمنى سالپايىتقان پېتى سىنىپقا ماڭدىم ،ئەمدى كىرەي دەپ تۇرۇشۇمغا دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى، سىنىپقىمۇ كىرىش خوش ياقماي كارىدورنىڭ ئەينىكىدىن سىرىتقا قاراپ تۇدۇم ،
-...
تۇنۇش بىر ئاۋازنىڭ چاقىرغىنىدىن  ئېسىمگە كېلىپ شاپپىدە ئارقامغا قارىدىم
-بولدى سەۋىر قىل ، داداڭنىڭ كېسىلى چۇقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ،ئاكاڭ ھەممىنى دېدى ،داداڭنىڭ ئارزۇسى بولغانىكەن ، بوپتۇ چوڭ شەھەرگە سەن داداڭ بىلەن بىرگە بېرىپ ھەمرا بولساڭ بولىدۇ، دېمىسىمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى، خاتىرجەىم تەييارلىقىڭنى قىىل يەتتە كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ قويدۇم .
توساتتىن باياتىن دوىتۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئىشلار قەلىپ ئېكرانىمدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى .ئاچچىغىم غۇييىدە تۇتتى.
ئادەم ئاخماق قىلىڭ دېسە مۇشۇنداقمۇ قىلامدۇ، ...
-  نېمە بولدۇڭ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بولدى، ماڭ ھازىرلا ئۆيۈڭگە قايتىپ تەييارلىق قىل .
-خانىم، تىشلىقتۇ ، نىمانداق ئادەمنى ...
-ۋوي نېمە بولدى ساڭا
-مېنىڭ نەدە ئاكام بار ، نەدە دادام بالنىسقا كىرىپ قالدى ،تېخى ھازىر بالنىسقا بېرىپ كەلدىم ، دادام ئەمەسكەن، دادامغا تېلفۇن قىلسام ئەھۋالى شۇنداق ياخشى ، دەسلەپ ئاخماق قىلغىنىڭىز يەتمىگەندەك،يەنە....
-توۋا نېمىكلەرنى دەيدىغاندۇ ما بالا ، مانا يانفۇنغا قارا، تېخى 20مىنۇت بۇرۇن تېلفۇن قىلغانتى.
ئېكراندىكى نۇمۇرغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم.
-بۇ..بۇ،مېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇمغۇ
-باياتىن بېرى ماڭا مۇشۇ نۇمۇردىن تېلفۇن كەلگەچكە ساڭا دېدىم، نېمە مېنىڭ نۇمۇرۇم؟
مۇئەللىم ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى، مېنىڭ نۇمۇرۇم دېگەن گەپ خانىمنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى.
-قانچىلىك بولدى ساڭا يانفۇن ئىشلىتىۋاتقىلى
دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى ئۇف دېگىنىمچە ئاستا سىنىپقا كىرىپ كەتتىم ، شۇ كۇنلەردىن باشلاپ خانىمنىڭ كۆزىتىش ئوبىيكتى پەقەت مەنلا بولۇپ قالدىم ،توساتتىنلا ئاختۇرۇپ قالاتتى ، شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن نەچچە تېلفۇننى خانىمغا تاتقۇزۇپ قويدۇم، بەشىنچى قېتىملىق تاتقۇزۇپ قۇيۇشتىن كېيىن بولدى پەندىياد ئەمدى مەكتەپ تەۋەسىدە يانفۇن ئىشلەتمەيمەن دەپ قەسەم بېرىۋەتتىم ،مانا كېيىن جەمىيەتكىمۇ چىقتىم ھازىرغىچە بىرمۇ يانفۇن يوقىتىپ قويمىدىم ، لېكىن نېمىشقىكىن مۇشۇ يانفۇن دېگەن نەرسىگە بەك ئىچەكىشىپ قاپتىمەن ، مانا يانا يانفۇنۇم يوق قانداق قىسمەتلەر مېنى كۈتىۋاتىدىكىن تېخى ،شۇلارنى ئويلاپ باياتىنقى يانفۇن ھەققىدىكى ئاچچىق ئەسلىرىمىنى بېسىقتۇرۇپ قۇيۇپ كارۋاتتىن سەكرەپ قوپتۇمدە ،يانفۇن بازىرىغا قاراپ يول ئالدىم ، راست گەپنى قىلسام يەنە بىر كىشىنىڭ مېنى  ئەخمەق قىلىشىدىن قورقاتتىم .
  

مەنبەسى: ئەپچىلەم

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا سىزنىڭ مۇشۇ ھىكايە يىزىش ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇرمەن،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:59:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتەرەپتە خانىملا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفۇنىنى ئېلىۋالسا ئۆزى ئىشلىتىدىكەن   چېقىۋەتمەي  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80019
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مان تۈنۈگۈن بىر تېلفۇن تېپۋالغانتىم سىزنىڭمۇ يا ....

مۇھاببەت ئىرادىگە باقمايدۇ ، ھايات ئادەمگە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:15:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aksukizi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 04:06 PM
مان تۈنۈگۈن بىر تېلفۇن تېپۋالغانتىم سىزنىڭمۇ يا ....  ...

مىنىڭمۇ يە؟مەن يۈتتۈرۈپ قويغان ،،،،ئالما تېلفۇن ئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:15:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ يا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7469
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1040 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت !             ئاخىرى چىقىپتۇ-دە  بۇ ھېكايەڭلا !  ئوقۇسا بىر خىل ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسىنى كەلتۈرۈپ !
       ئىجادىيىتڭلارغا  ئۇتۇق تيىلەيمەن !

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 05:20:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيييييي مۇشۇ ئەپچىلەمنىڭ،يازمىللىرى ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10261
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھازىرغۇ كەڭ كۇشادە  ئىشلىتىمىز ئالىي مەكتەپتە ... سىز قايسى مەكتەپتە  ئوقۇغان بولغىيتىڭىز دەيمىنە !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 ھاجىم نەچچە يىلنىڭ ئا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7291
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:43:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپچىلەم قارى ياخشى يېزىپسىلە.

مۇھەببەت دىمەك ،قارشى تەرەپكە ئۆزىنى ئازاپلاشنىڭ ھۇقۇقىنى بەرگەنلىكتۇر..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش