2013-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10دىن 22مىنۇت ئۆتكەندىن بۈگۈن ئەتتىگەنگىچە خوتەن شەھىرى(كونا لوپ بېكەت ئەتراپى)دىكى بىر نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ئائىلە جابدۇقلىرى بازىرىغا ئوت كەتكەن ۋە بازار يېنىغا جايلاشقان بىنا ئۆيلەرگە بۇ زور ئوت يالقۇنلىرى تۇتىشىپ ئاھالىلىكلەر بىناسى كۈلگە ئايلىنىشقا باشلىغان.ئوت كىتىش سەۋەبى،ئۈلۈش-يارىلىنىش مەلۇماتى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،
مانا ھازىر خوتەن دىيارىمىزدا دەھشەتلىك ئوت ئاپىتى ئالدىغا كەلگەنلا نەرسىنى يالماپ، بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىر بازاردىكى ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە يېنىدىكى بىنا ئۆيلەر كۈلگە ئايلانماقتا.
شۇ تاپتا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ھىس قىلىۋاتقان ئىبرەتلىك بىر كۆرۈنۈشنىڭ شاھىدلىرى بوپ تۇرۇپتىمىز.
دەھشەتلىك ئوت يالقۇنلىرى كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مال مۈلۈكلەرنىلا ئەمەس، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەچچە يىللىق قان- تەرىنى، ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىنى، زارىقىپ كۈتكەن گۈزەل ئىستىقبالىنى كۆيدۈرمەكتە.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خۇددى بىر تەندىكى جەسەتكە ئوخشايدىغانلىقىنى، بىر ئەزاسى ئاغرىسا، بارلىق ئەزالىرىنىڭ شۇ ئەزاسى ئۈچۈن بىللە دەرت تارتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، بىزنى ئېغىر كۈنلەردە بىر- بىرىمىزنىڭ غېمىدە بولۇشقا، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشقا بۇيرۇيدۇ.
دېمەك بىزنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا: ۋاي ئىسىت، دەپ ئىچ ئاغرىتىپ قويۇشىمىز ياكى ئاللاھ ئاسان قىلسۇن، دەپ دۇئا قىپ قويۇشىمىزلا كۇپايە قىلمايدۇ. خوتەن شەھرىدىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس 600 مىڭ مۇسۇلمانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەربىرىمىز شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زىيىنى ئۈچۈن 10 كويدىن پۇل چىقىرالىساق 6 مىليون كوي يېغىلدى، دېگەن گەپ. بۇ پۇل شۇ قېرىداشلىرىمىزنىڭ قەلب زىدىسىنى ساقايتالمىسىمۇ، شۇ زىيانغا قىلغان سەبىر تاقىتى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلاردىن ئېرىشكەن ئازغىنا تەسەللى بولالىسا، بۇ بىزنىڭ بەختىمىزدۇر.
شۇ مەقسەت بىلەن خوتەندىكى ئەھلى ئۆلىما، جامائەت ئەربابى قاتارلىق ئەلنىڭ غېمىدە پەرۋانە بوپ يۈرگەن ئۇستازلىرىمىزنىڭ جىددى پۇرسەتتە كەڭ كۆلەملىك خەير ساخاۋەت، ئىئانە يېغىش پائالىيىتى تەشكىللەپ، مۈلكىلا ئەمەس، يۈرىكى كۆيىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلبىنى مىھىر- مۇھەببەت تامچىلىرى بىلەن سۇغۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاللاھ ھەممىمىزنى تاقىتىمىز چېكىدە ياردەم قولىمىزنى سونۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن
مەنبە: http://bbs.alkuyi.com/forum.php?mod=viewthread&tid=36413