مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1462|ئىنكاس: 27

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىلىم ھەققىدە دۇردانىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89447
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 08:42:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كىشىلەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ۋە مال ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سوئال سورىغان، ئۇنىڭ ئۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋاب دۇردانىلىرى مۇنداق بولغان:  

٭ئىلىم - مالدىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ، سەن مېلىڭنى قوغدايسەن.

٭ ئىلىم - سەرپ قىلغىنىڭچە كۆپىيىدۇ ، ئەمما مال سەرپ قىلغانسېرى ئازىيىدۇ.

٭ ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى بىلەن دۈشمەنلىرىڭ ساڭا دوست بولسا، مېلىڭنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلىرىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.  

٭ ئىلىم - ئىنساننى دۇنياۋىي ھەۋەسلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاخىرەت ھاياتىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما مال سېنى ئاخىرەت غېمىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

٭ ئىلىم - ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئىلكىدىن چىققىپ كەتمەيدۇ، ئەمما مال ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولمايدۇ.  

٭ ئىلىم - ئۇنىڭ ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرىدىغان نۇردۇر، مال بولسا ئۇنىڭ ساھابىنى ھەقىقىي مەرتىۋىدىن چۈشىرىدۇ.  

٭ ئىلىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئەمما مالنىڭ كېلىش مەنبەسى تۇپراقتۇر.  

٭ ئىلىم- پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر، ئەمما مال ، نەمرۇد، فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر.  

٭ ئىلىم - باشقىلار تەرىپىدىن خىزمەت قىلىنغۇچىدۇر، مال باشقىلارغا خىزمەت قىلغۇچىدۇر.  

٭ ئىلىم - روھنىڭ غىزاسىدۇر، مال تەننىڭ غىزاسىدۇر.  

قورقۇنچلۇق پەيتلەردە ئىلىم ئىنسانغا دوستتۇر، مال بولسا سېنىڭ قورقۇشنى ئارتۇرىدىغان نەرسىدۇر.  

٭ ئىلىم- سەپەردە ساڭا ھەمراھدۇر، مال بولسا سەپەردە ساڭا خەتەردۇر.  

٭ ئىلىم - سېنىڭ ھەر بالادىن قۇتۇلۇشىڭغا سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما مال سېنىڭ يامانلار تەرىپىدىن تۇتۇلىشىڭغا سەۋەب بولىدۇ.  

٭ ئىلىم- پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىدۇر ، مال يۇلۇپ يىغقۇچىلارنىڭ مىراسىدۇر.  

٭ قىيامەتتە ئىلىمگە ھېساب كەلمەيدۇ، ئەمما مال ھالال يولدا ئىشلىتىلسە ھېسابى ، ھارام يولدا ئىشلىتىلسە ئازابىغا تارتىلىدۇ.  

٭ ئىلىم - ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ ئىزىن بېرىشى بىلەن باشقىلارغا شاپائەت قىلالايدۇ، ئەمما مال ئىگىلىرى شاپائەت قىلىنىشتىن ئۈمىد قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ.

٭ ئىلىم - بولسا كۆڭۈلنى نۇرلاندۇرىدۇ، مال بولسا كۆڭۈلنى قارايتىپ قاتتىقلاشتۇرىدۇ.  

٭ ئىلىم - بولسا ئەھلىنى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلدۇرىدۇ، مال بولسا ئەھلىنى ئاللاھقا يوغانچىلىق قىلدۇرىدۇ.   

ئىمام شافىئىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن:  

٭ ئىلىم- ئۆگىتىشكە لايىق بولمىغانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش ئىلىمگە زۇلۇم قىلغانلىق بولسا ، ئۆگىتىشكە لايىق ئادەملەرگە ئۆگەتمەسلىك ئۇ ئادەمگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.  

٭ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلماق تەستۇر، ھەممە ئادەمگە يارىغىدەك بىر ئادەم بولماق بولسا مۇمكىن ئەمەستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا تىرىشىش ئەڭ توغرا ۋە ئاسان يولدۇر.  

* ئۇستازىمغا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاخشاپ بەرسەم ئۇستازىم مېنى گۇناھ ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشقا بويرىدى ۋە : ئىلىم دېگەن بىر نۇردۇر، ئاللاھنىڭ نۇرى ئاسىي ئىسيانكار كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ، دېدى

مەنبە:مەرىفەت تورى

مەسئۇلىيەت ئۈزىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94537
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ياخشى تېما يوللاپسىز! ھارمىغايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 991 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تىمىدا ئاران  بىر ئىنكاسلىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا ، ياخشى تېما يوللاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10371
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10005 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 04:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللەتەئالارەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 661 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 05:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم   رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 661 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 05:19:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم   رەھمەت

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5739
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 05:56:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرەفەت تورىنىڭ ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89447
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:29:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jewher يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 01:20 PM
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ياخشى تېما يوللاپسىز! ھارمىغايس ...

ئىشا ئاللاھ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم!

مەسئۇلىيەت ئۈزىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89447
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 06:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awran يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 04:14 PM
بارىكاللا ، ياخشى تېما يوللاپسىز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم

مەسئۇلىيەت ئۈزىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش