مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 20

سەمەت كاللەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 07:47:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەمەت كاللەك

(ھىكايە)

مەمەتنىيازقادىر

         مانا،ئاشۇ گەپ تاپمىسا تۇرالمايدىغان كوت كوت ژىپچى خوتۇنلارنىڭ غەيۋەت شىكايەتلىردىن زىرىككىنىڭدە، ئەگەر يەنىلا قىلغىلى ئىش تاپالمىساڭ مەھەللىنىڭ دوقمىشىغا چىقىپ ئۆستەڭ قىرىدىكى نەم قۇملارغا يۆلىنىپ تاماكىسىنى شورايدىغان بىكارچى ياشلارنىڭ ئاتقان پولىرنى ئاڭلاپ قوي ،ئۇلارنىڭ ئاتقان پولىرى ،قىلىشقان دۇنياۋى پاراڭلىرى،ۋە قىزىقچىلىق قىلىپ ئىيتىشقان چاقچاقلىرى  يەنە باشقىچە بىر دۇنيا .ئەنە  ئاشۇياشلارنىڭ ئارىسىدا چوڭغا چوڭ كىچىككە كىچىك بولىدىغان ،دۇنيادىكى كىتاپلاردا يوق پەلسەپىلەرنى سۆزلەيدىغان ئالاھىدە بىر شەخىىس بار ، مەن ئۇنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.ئۇنىڭ ئىسمى سەمەت كاللەك ،ھىلىقى <جىددى تەييارلىق >دىگەن ئىتوتتىكى ياسىن كاللەكنى بىلىسلەغۇ !؟ھەپبەللى،سەمەت كاللەك دەل ئاشۇ ياسىن كاللەكنىڭ يەتمىشپ ۇشتىنىڭ يەتمىش پۇشتى ،چوڭلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارغا كاللەك دىگەن بۇ لەقەم ئەجداد بوۋىلىردىن مىراس قالغانمىش ،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس ڧامىلىسى دىسەكمۇ بولىدۇ ،بۇنى دەپ كەلسەم يەنە ئىچكىرلەپ تونۇشتۇرۇشقا توغتاكىلىدۇ ،بىزنىڭ مەھەللىدە دەل كاللەك جەمەتىدىن بىر ئۆيلۇك بار ،ئەگەر خەنزۇلارنىڭ ڧامىلىسى ما بولسا لاۋما شىيامما ،داما دەپ ئاتايدۇغۇ !؟بىز ئەنە ئاشۇئائىلىدىكىلەرنى چوڭ كاللەك كىچىك كاللەك دەپ ئاتاۋىرمىز ،بۇ ئەلۋەتتە ئاشۇ كاللەكلەرنىڭ تەلىپى دەڭلا ،ئامال يوق ،تىرىكمەيدۇ ،دەۋەرسەك زىرىكمەيدۇ ،ئەنە  ئاۋۇ مۆرىسىگە كەتمەن ئىلىۋالغان شوپۇڭ پاچاق ئاۋاقنى كۆردۇڭلامۇ ،قىزىل مايكا كىيۋالغان ماڭقىنى دەيمەن ،بەكلا ئۇرۇق دەڭلا،بىز ئۇنى ئاۋاق كاللەك دەيمىز ،ئۇنىڭ سىڭلىسى بار ،بەك چىرايلىق ،چىرايىدىن قىزغىنىپ يۇزىگە بىركۇن قازان كۇيسنى بىركۇن ماڭقىسىنى  سۇۋاپ چىقىدۇ ،لىكىن بىز ئۇنى ئايكاللەك دەيمىز،ئانىسى ئۆتۇپ كەتكەن ئۇششۇق ،ئۇ كۆك كاللەك ،ئەمدى بىزنىڭ ما سەمەت كاللەككەكەلسەك پەيلاسوپ دەڭلا ،ئۆزى ئوتتۇز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ قورسقى خىلى بىر كىشلىك بار ،خام سىمىز ،بىز ئۇنى ئادەتتە پو كاللەك دەيمىز ،گەپكە دىگەن ئالەمەت ئۇستا،دۇنيادىكى ھەر بىر شەخىس ھەر بىر شەئىينى ،ھەتتا مەكتەپتە ئەمدى بۆلگىلى بولمايدۇ دەپ ئۇگەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئىچكىرلەپ تۇرگە بۆلىۋىتىدۇ ،بىراق ،بىر تۇرۇپ ساقتەك ،بىر تۇرۇپ كاللىسنىڭ تىتاڭ تومۇرى كەمدەكلا داڭقان پۇتى سۆزلەپ قويىدۇ ،لىكىن خەققە يامانلىقى يوق ،بىكا قالسىلا ئەنە ئاشۇ ئۆستەڭ بويىدىكى ئۆتەڭدە يىنىچىلاپ يىتىپ قىززىق پاراڭلارنى سىلىپ يىغىلغانلارنى دىگەن  كۇلدۇرۇپ ئاغزىنى يۇمغۇزمايدۇ .گاھى ئىشەكلىرگەچىقىپ مىھماندارچىلىققا ماڭغان كىشىلەر مىھماندارچىلىققا بارماي خوتۇن باللىرنى يولغا سەپقۇيۇپلا ھارۋىدىن چۇشىۋىلىپ پو كەللەكنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغانلارمۇ بار.گاھىلىرى كۇلۇپ بولالماي ئىشتاغا سىيىۋىتىدۇ تىخى .

        ئالدىنقى قىتىم دىمەيسىلەر ،پو كاللەكنىڭ نىمىسى نىم بولغان ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي پوقنى تۇرلەرگە بۆلۇپ يۇرمەمدۇ ،ئاغزىغا قاراپلا قىلىشتۇق .

- پوقنىڭ تۇرلىرى كۆپ – دەيتىتى ئۇ چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن،- كىچىك پوق چوڭ پوق  سۇيۇق پوق قاتىتىق پوق شاتىراق پوق ...ھەر خىل پوقلا با ،ھە مانا ،شاتىراق پوقنىڭ ئوغۇت مىقتارى ئەڭ كۆپ،ئىشەنمىسەڭ ھەر خىل پوقلاردىن يىغىپ پۇراپ كۆرەپ باق ،شاتىراق پوق ئەڭ پۇرۇيدۇ.ھە ،يەنە قارا ،توخا پوقى بەك پۇرايدۇ دەيدۇ ،ئەمىليەتتە بۇ خاتا ،قاغا پوقى بەك پۇرايدۇ .بىز ئادەملەرچۇ ئۆزىمىزنىڭ پوقىنى ياراتمايمىز ،كونىلاردا ئۆزىڭنىڭ يامىنىدىن قاچما ،كىشىنىڭ ياخشىسىغا كۆز ئاچما دەيدىغاب گەپ با ،ئىشەك مانا ئەڭ نوچى ،باشقا تۇردىكىلەرنىڭ پوقىنى ھەرگىز پۇرىمايدۇكى ئۆز جەمەتىنىڭ تىزەكلىرنى ھوزۇرلىنىپ پۇرايدۇ ،بۇ خىل خسلەت ئىشەكنىڭ ئۆزىنىڭ ھەر قانداق نەرسىلىرنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ ،لىكىن بىزچۇ ،ماياقلارنى تىرىپ ئوينىساق ئوينايمىزكى ئۆزىمىزنىڭ پوقىنى چىقىرىپ بولۇپلا پوقتىن قاچقاندەك قاچىمىز .

-خا خا خا... ھەي كاللەك  –دەپ گەپ ئارلاشتۇراتتى بىرسى چاقچاققا بۇراپ ،- ئەمدىزە بىز ئاشۇ ئىشەكتىن ئۇگۇنۇپ پوقلىرمىزنى پۇراپ يۇرسەك بولدىكەندە .

-ھەئە ،پۇراۋە ،ھىچكىم گەپ قىممايدۇ .

-ھە كاللەك ،سەن  پۇراپ باققانمائەمىسە ؟

-مەن ئەزەلدىن پوق پۇرىمايمەن .

- ھاجەتخانىغا كىرسەڭچۇ ؟پۇراپ قالدىغانسە بىلىپ بىلمەي .

-مەن ئەزەلدىن ھاجەتخانىغا كىرمەيمەن .-جاۋاپ بەردى پو كاللەك .

ئۇنىڭ گىپىگە قىززىقىپلا قالغان ئىدۇق .

-خا خا خا ....،ۋوي ،پوقلۇغۇڭ كەلسە قاندا قىلىسە !؟

-ئىچىدىلا قاتۇرۇپ كاللەك قىلىپ ،ماياقلاپلا قوي مايىقىنى ئوينىغاندەكئوينىمامدۇ .

-خا خا خا....

-ۋاي ھەقاسىڭ پوقنى بىلىشەمسە  ھەي،-دىدى ئۇ سوغۇق بىرنى كۇلۇپ قويۇپ .-ئەنە ئاۋۇ ئىتىزلىقلارنى كۆردۇڭمۇ ،ئەنە ئاشۇئەڭ ھوزورى ھالاۋەت ھاجەتخانىدۇر ،ھاجىتىڭ قىستىغاندا ئاق يەرنىڭ ئوتتۇرغا بىرىپ بىر يۆگەم چەككەچ ئىنجىقلاپ ئولتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلساڭ ھوزۇر دىگىنە ،ئىشڭ تۇگىگەندە كىلىشتۇرۇپ بىرنى ئوسۇرۋىتىپ كۆمۇپ قۇيۇپ يىنىپ كەلسەڭ نىمىدىگەن ئۇلۇغ ئىش ،چىقاغان ئوقۇتۇڭ يەرگە ئوغۇت بولىدۇ ،پۇراپ بوغۇچە ئىشنى ھەل قىپ بولسە،ھاجەتخانىغا كىرىپ جاننى قىژناپ نىمە كەپتۇ .شۇ بانادا پوقۇڭنىڭمۇ قەدرى بولىدۇ دىگىنە .

- خا خا خا ....شۇنداق قىلىپ مۇشۇ مەھەللىنىڭ يەرلىرنى  قىغلاپ بولدۇم،دە .

-ھەي ،دەپ خۇرسىنىپ قوياتتى ئۇ ،-مۇشۇ شەھەرلىكلەرگە بەكلا ئىچىم ئاغىردۇجۇمۇ ،بىچارە بايقۇشلار خالادا قولىغا قەغەزنى يۆگەپ ئىنجىقلاپ ئولتۇرۇپ نىمە خىياللارنى سۇرىدىغاندۇ ھە !؟

-خا خا خا ...ھەي كاللەك ،نىمە بولدۇڭ ھەي ،بۇگۇن ھەجەپ پوق تۇغۇرلۇق سۆلەپ قاپسەنغۇ !؟

-ۋاي ئاۋۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىكىس ئىگىرىكلىردىن ياخشى دەيمە،ئەمەليەتكە يىقىن ،سەن پوقنى بىلەمسە !؟- ئانچە مۇنچە تىرىكىپ قوياتتى ئۇ .

-ھەي كاللەك ،ئانام دائىم <خىتاينىڭ چىچمىقى تەس دەپ سىنىڭ بىر ئىش قىممىقىڭ تەس >دەپ تىىلايدۇ ،دىگىنە قىنى ،ئاشۇ ختايلارنىڭ چىچمىقى راس تەسمىدۇ!؟

-ۋاي مەن نەدىن بىلەي ،خەقنىڭ قوڭىغا قالاپ ئولتامىسام مەن .

-خا خا خا ....

-...

    كۇنلەرنىڭ ئەڭ مەنىسىز چاغلادائەنە ئاشۇ دۇقمۇشقا بىرىپ ئولتۇراتتۇق ،گاھى پو كاللاكنىڭ ئىشى چىقىپ قاسا كەلمەي قوياتتى ،مۇشۇنداق چاغلاردا ھىچ گەپنىڭ باش ئايىغىنى تاپالماي يىنىپ كىلەتتۇق .بىركۇنى چۇشتىن كىيىن يەنە شۇ يەردە پاراڭ بولۇپ قالدى ،پو كاللەك موچەنگە بىرنى دەسسەپ يىتىپ كەلدىدە ئەسسالاممۇ دىمەستىن موككىدە ئولتۇردى ،

-ھە كاللەك ،نىمىلەرنى قىپ يۇردۇڭ ،يوقاپ كەتتىڭغۇ !؟

-ۋاي بولدى گەپقىمماڭلا ،مۇشۇ مەلىنىڭ ئىشلىرى بولمامدۇ .

-ھە ھە ..نىمە ئىشلا بولاۋاتىدۇ ؟

ئۇنىڭدىن گەپ كوچىلاپ قالغان ئىدۇق .ئۇ گىزىتتىن  تاماكا يۆگەپ چىكىش ئۇچۇن تەييارلىۋالغان قەغەزنى ئالدىدە ئازراق تاماكا قۇيۇپ يۆگەپ ،تۇپۇركى بىلەن چاپلىدىدە بىر تەرپىنى ئاغزىغا سىلىپ ،سۇغا مىلىنىپ ھۆل بولۇپ ئاپتاپتا قۇرۇپ قالغان گۇگۇتنى ئالدى،بەش ئالتىنى سۇركەپ ئوت تۇتاشتۇردى،ۋە پۇر پۇر ئىس چىقىرۋەتكەندىن كىيىن گەپ باشلاپ قالدى .

- بىزنىڭ مەھەللىدى قىز خوتۇنلانىڭ ئىسمى نىمامداق غەلىتە ھەي !؟

-ھە ھە ھە !؟-ھەممەيلەن ئۇنى يەنە نىمە دەركىن دەپ ئاغزىغا قاراپ قىلىشتۇق.

-نىمانداق ئادەمنىڭ ئىسمىنى قويۇشماي مىۋە چىۋە ئۇچار  قانات ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇشۇپ .

-ھە ھە ھە ،قاندا دەيسە ؟-تىخمۇ گەپ كوچىلىغانتى ئارىمىزدىن بىرسى .

-كۆرمەمسەن ،بىرسىنىڭ ئىسمى قەلەمخان ،يەنە بىرسىنىڭ ئالمىخان ،بىرسى قوپاپ  غۇنچىخان تىخى ،يەنە جىققۇ،چاۋارئاخۇن ،سۇپۇرگە، پاشاخان ،ئانارخان ،ئاشىخان

-ھەي ھەي كاللەك ،ئاشىخان دىگىنى نەدە مىۋە چىۋە نەرسە كىرەكنىڭ ئىسمى !؟

-ۋاي ۋاي ،ئا قاپاق كاللاڭنىڭ قىتىقىغا پوق ئىلىشىپ قاممىغاندۇ ھە،<ئاش >قا خاننى قوشۇپ ئوساڭ ئاشىخان بومماي نىمە .

-خا خا خا ...يەنە چۇ ؟پاشاخان دىگىنىڭ چۇ؟

-ۋاي دۆت،<پاشا>قوشىمىز خان ،پاشاخان بوممىدىمۇ!؟

-خا خا خا..يەنىچۇ كاللەك؟

يەنە جىق دەيمە.شاپتۇلخان،توختاشخان ،پالتاخۇن ،تۆمۇرخان ،ھەي توۋا ،ئەتە ئۆگۇن ئاسمان دىڭىز خامان قوناقلىق دەپ ئىسىم قويۇشقىلى تۇردۇ بۇ خەق ،ماندا ئەدەمنىڭ ئىچى كۆيگىدەك ئىسىملانى قويمامدۇ دەيمە

-مەسىلەن قاندا ئىسىملانى دەيسە ؟

- شەمشىنۇر ،دىلبەر ،دىدار،دىلنۇر  يەنە يەنە ئىشقىلپ مۇندا ئوماق  ئوماق ئىسملانى قويسا ئەنىكىن بوممامدۇ .

--خا خا خا ...ھەي كاللەك ،سەن نىمىنىڭ ئوماقلىقىنى بىلەمسەن !؟

-خە ،ئەننەڭنى بىلمەمدۇ ،-ئۇنىڭمۇشۇنداق تىل ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەشلىرى ئادەت ئىدى ،بىزمۇ ئاڭلاپ كۆنۇپ قالدۇق،تىللىغىنى بىلەن ،ئازراق مەجۇن بولغىنى بىلەن خەققە ياخشىلىق قىلسا قىلاتىتىكى قىلچىلىك يامانلىق قىلمايتتى ،شوڭا بىز ئۇنى ئىلىپ كەتمەيتتۇق ،-سەن بىلمەيدىغان كۆپ ئىشلانى بىلىمەن جۇمۇ .

-...گەپنىڭ ئاخرى ھەر خىل تىمىلاردا گەپ بولۇشتى ،قىزلارنىڭ مەخپىيەتلىكى توغۇرلۇق بولامدۇ ،ئوغۇللارنىڭ ئانچە مۇنچە كىلىپ كىتىدىغان ھەۋەسلىرى توغۇرلۇق بولامدۇ ئىشقىلىپ ئەڭ نازۇك تىمىلادىكى پاراڭلار بولۇشتى .سەمەت كاللەك ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ تىخچە ئويلەنمىگەن بولغاچقا گەپنىڭ ئاخىردا ئۇنىڭ بويتاقلىقى توغۇرلۇق پاراڭ بوپ قالدى .

-ھە كاللەك ،قاچانغىچە مۇشۇنداق بويتاق يۇرىيسەن !؟خوتۇن ئاممامسەن .

-مىنىڭ ھازىر خوتۇن ئىلىپ ئۆزۇمنى نابۇت قىلغۇم يوق .

-ھە ؟ئوتتۇزغا كىرەي دەپ قالدىڭ،خوتۇن ئامماي ژۇسەڭ تىخىمۇ نابۇت بوپكەتمەمسەن ؟يا سىنىڭ خەققە  دىگىلى بوممايدىغان بىرە ئەيىبىڭ بامۇ يا ؟

-ھەي باللا ،كاللەكجاننىڭ قىزچوكانلاغا ھەۋىسى يوق جۇما <

بۇ گەپتىن ئۇ سەل قىزىرىپ قالدىدە،تۇگەي دەپ قالغان موخۇركىسىنى ئىككى شورىۋىتىپ يەرگە تاشلىدى ،پۇتى بىلەن مىجىپ ئوتىنى ئۆچۇرۋەتىىدە ،بىرنى تۇكۇرۋىتىپ گەپ باشلاپ قالدى .

-نىمىسىنى دەيسەن ،كىمنىڭ ھەۋىسى يوق دەيسەن ،مىنىڭمۇ  قىزلاغا ئاشىق بىقارابولۇپ ژۇگەن چاغلىرىم بولغان .

-خا خا خا ...ھە ھە !؟

-ئاجايىپ سەتەڭ بىرنىمىدى دەڭلاكاساپەت ،چاچ دىگەن تىقىمدا ،ياغلىقنى ئاتىپ كەپتىكەن دىيىشكىنە .

-ھە كىمنى دەيسە ،قاچان ؟

-ۋاي توت بەش يىلنىڭ ئالدىدادەيمەن .

-ھە ھە ؟

-ھىلىقى يىلى جاڭگالنىڭ قوملىرنى ياسايمىز دەپ يىزى بويىچە ھاشا چۇشتىغۇ !؟

-ھە راسىت ،ھە ھە !؟قاندا  بوغان .

-شۇنىڭ بىلەن ئۇچاغدا ھاشاغا تازا ئىشلەپ تە دىگەن ئىقىپ كەتتى ،بى چاغدا تۇسام شودىجاڭ مەكە دەپ شىيەتلەيدۇ قولنى پۇلاڭلىتىپ ،باسام <كاللەكجان ،ئەزالا ئەھۋالنى ئۇقماي سۇنى ئاز ئەكەپتىكەن ئۇسساپ قاپتۇ ،ھاشانى قوياپ بىرە چىلەك سۇ تەپكەڭلا >دەيدۇ ،چىڭ چۇش دەڭلا،ماڭىمۇ تازا خوشياقتى ،ماقۇل دەپ يولغا چىقىپ خىلى ماڭدىم ،بىر چاغدا بى مەلىگەكەپ قالدىم دەڭلا

-ۋوي سەن چۆچەك سۆزلەۋاتامسەنقانداق !؟

-ۋاي ھە دەپ تۇرە گىپىنى بولمەي،ھە ھە ،قىنى دىگىنە كاللەك ،كىيىنچۇ !؟

-كىيىن شۇندا قىلىپ ئۇدۇل بىرىپلا بىژ ئۆينىڭ ئىشكىنى قاقتىم ،كىم دەپ ئالدىمغا دوڭغاقلاپ قىغان خوتۇندىن بىرسى چىقتى ،كىم سىلى نىمە گەپ دەيدۇ ،ماشتا ماشتا ئىش دەپ سۇ لازىمتى دىدىم ،ئۆگە كىشىڭ دىدى ،ماقۇل دەپ كىشتىم ،نەق ئاشنىڭ ئۇستىگىلا چۇپتىمەن دەڭلا .

-خا خا خا ،تەلەيىڭ با كاللەكتە سەن ،سەتەڭ دىگىنىڭ ھىلىقى موماي ئەمەستۇ .!؟

-ۋاي پوقاڭنى سىكەۋە ،توختاپ تۇمامسەن ،ئۇنداق سەتەڭ پەيزىۋا قىزدىگەن ئالدىرماي چىقمامدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىژدەم ئولتودۇم ،ھىچ بىرسى سۇ ئاچقاي دىمەيدۇ ،قالاپ خىلى ئولتادىم ،بى چاغدا تۇسام بىسى بىژ قاچا لەغمەن كۆتۇرۇپ چىقىپتۇ ،رەخمەت دەپ قولۇمغا ئىلىپ بىشىمنى كۆتۇرەپ قالىسام ئالدىمدا ئايدەكلە بىژ قىزۋالا تۇمامدا ،قىتىپلا قاپتىمەن ،تولغاپ كىشكەتتى،ئاقىسىدىن قالاپ قاپتىمەن ،ھەي سەتەڭ دەپ قويسام شاللاق قىزۋالا ئوخشايدۇ دەپقىلىشما ،شۇنداق ئىمانى كۇچلۇكتەك قىلىدۇ ،ئىشقىلىپ كۆيۇپلا قالدىم .

-خا خا خا ...ھە ھە ھە !؟

-شۇنىڭ بىلەن خىلى ئوتكەندەچىلەكنى كەچتە تاشلاپ بىيەي دەپ قوياپ بىژ چىلەك سۇنى كۆتۇرۇپلا ماڭدىم ،خلى ماڭدىم ھىچ كىلەي دىمەيمەن ،بىژ چاغدا تۇسام بىسى كاللەكجان دەپ تولايدۇ ،كەينىمگە قالىسام شودىجاڭ ،ھاشاچىلار ئويگە كىتىپتىمىش ،شۇنىڭ بىلەن سۇنى تۆكۇۋىتىپ شودىجاڭنىڭ موتوسىغا مۇندۇق ،ھىلقى قىز بالىنىڭ ئۆيگە بادۇق ،دەرۋازىنى قاقسام كىچىك بىژ شۇم چىقتى ،ئاچاڭ بامۇ دىسەم ئۆت ئاغىلى چىكەتتى دەيدۇ ،ئەپسۇس دەپ چىلەكنى قوياپ قويۇپ يىنىپ كەلدۇق .

-تۇگىدىما ھىكايەڭ !؟

-پوقنى تۇگەمدۇ  ،شۇ كۇنى ئاخشامدىن باشلاپ قىززىپ ئۇيقۇ كەممىدى،كاللامدا ئاشۇ قىز دەڭلا .پەقەت بولاممىدىم .شۇنىڭ بىلەن دادامغا دادا خوتۇن ئالىمەن دىدىم،كىمنى دەپتى ھىلىقى قىزبالىنىڭ گىپىنى قىلدىم ،دادام باشقا گەپمۇ قىمماي ھەپتە ئوتكۇزۇپ بىر پەيشەمبە كۇنلىكى بادۇق ،باساق ئۇنىڭ ئۆيى داقۇ دۇمباق قىززىپ كىتىپتۇ،نىمى ئىش دەپ بىژ گاچىدىن سودۇم ،ھىلىقى قىزنىڭ توي بولاۋىتىپتىمىش ،ئەننەڭنى،مىنى نەچچە كۇن ئۇخلاتمىغان قىز خەقنىڭ خوتۇنى بوپ كەتتى دەڭلا .

-خا خا خا ...ۋاي بىچارە،مۇرادىڭغا يىتەلمەپسەندە .

-ئىسمى نىمىكەنتۇق ھەي كاللەك .

-ئاناڭ بىلەمدۇ ئىسمىنى ،نەدىن بىلمە مەن سوراپ باقمىسام .

-شوڭا خوتۇن ئامماي ژۇدۇم دە كاللەك.

-ماڭىمۇ خۇدايىم با ،خۇدايىم ئۇنىڭدىنمۇ پەيزى بىرسىنى بىرىدۇ ماڭا .

-خا خا خا ...پوچىلىقىنى .

-ھەي كاللەك ،بىز بىر نەچچەيلەن مەھەللىدىكى بىرەسىگە ئويلەپ قويايلى ،قاندا دەيسەن .

-ۋاي ماڭە ۋە مەھەللىنىڭ شۇملىرنى،ئۇندا شۇملانى ئاممايمەن مەن .

-خا خا خا ...ئوھ ما گەپنى،ئوقۇرۇم ئۇستۇن دە ،ياراتمايسە تىخى ،قانداراق بۇسا ئالاتتىڭ !؟

-ماڭىچۇ چىرايلىق ،زىلۋا كىلىشكەن ئوبدان قىز بالا بوسا بولدۇ .

-ۋاي ماڭە ۋە ، دىۋىدەك يوغان تۇساڭ ،زىلۋا قىزۋاللا قاندا تىگىدۇ ساڭا .

-تىگىدۇ تىگىدۇ ،ئاللاتالاچۇ بەندىلىرنى جۇپتى بىلەن قوشۇپ ياراتقان ،خۇدايىم تىلىگەنلەرگە تىلىگىنىدىنمۇ ئارتۇغراق بىرىدۇ .

- ۋاي ۋاي ۋاي ،ئاغزىڭدىن تاماكا چۇشمەيدۇ ،خۇدا دەپ تىلەيسەن<

-پوقنى يەپسە ،خۇدادىن بى بۇيرۇق قىل تەۋىرمەيدۇ ،مىنىڭ چەككۇم با دەمسە ،خۇدا نىسىپ قىپتۇ چىكىپتىمەن ،تاشلاي دىدىم تاشلىيالمىدىم ،خۇدايىم تىخى تاماكا تاشلاشقا بۇيرۇمىغان ئوخشايدۇ ،ئامال يوق دىگىنە .

-كاللەكجان ،دىگىنىڭلىغۇ بىريىساپتا داۋلىسى با ،لىكىن خۇدا بۇيرۇماپتۇ دەپ تاشلىمىساڭلا بوممايدۇ بۇنى .

-ھەشۇ مەنمۇ تاشلاي دەۋاتىمەن،خۇدايىم بۇيرۇسا تاماكىنى تاشلاپ خۇدادىن تىلەپ تازا زىلۋا خوتۇندىن بىژنى ئالىمەن .

-خا خا خا ....

ئۇنىڭ كىچىك باللىلارچە سۆزىگەكۇلۇپ كتىشتۇق .

-كاللەككا ،-دەپ گەپ سوراپ قويدى ئارىمىزدىكى كىچىك پوچىلاردىن بىرسى ،-قانداقسىگە زىلۋا قىزۋالا ئىلىشنى ئويلاپ قالدىڭ ،ئۆزۇڭگە ئوخشاش سىمىزرەك بىرسىنى ئاساڭ راخەت ئەمەسمۇ !؟

-ھەي ئۇكا ،-دىدى ئۇ سەل خۇرسىنىپ،-سەن تىخى كىچىك ،بىلمەيسەن ،مەن ئۇرۇق بوغان بوسام سىمىزرەكنى ئالاتتىم ،ئەمدى ئەدەم دىگەن توققۇزى تەل ئەمەسكەنمىز دىگىنە ،بىزدە يوق نەرسىلەرنىڭ جۇپتىمىزدەبولۇشىنى ئۆمۇد قىلدىكەنمىز دىگىنە ،مەن دۆت بولسام خۇتۇن ئۇششاراق بوسا ،مەن پوكاللاك بوسام خوتۇن زىلۋاراق بۇسا ،ماشدا بىر بىرىمىزنى تولۇقلاپ تۇساق نىمىدىگەن ياخشى ،ھەي ئۇكا ،دىسەم گەپ جىق ،گاھى قىز چوكانلا قانداق خياللانى سۇرىدىغاندۇ دەپ خىياللانى قىپ قالىمەن ،ئەمىليەتتە ئۇلامۇ ئوخشاش ،سەترەك قىزۋالا سۇمباتلىقراق بىرەسىگە تەگسەم دەپ ئارزۇ قىلىدۇ ،ساڭا دىسەم چىرايلىق قىزلا گاداڭراق ئەگە تەگسە،ئىگىز قىزۋالا ئۆزىدىن پاكاراق ئەگە تەگسە  بەخىتلىكرەك بولىدۇ جۇمۇ ،نىمىشقا دىسەڭ ئىنسان دىگەن مەيلى قاندالا قىممىسۇن ئۆزىدىن چىرايلىق خوتۇننىڭ خۇتۇنلا ئەنىڭ قەدرىنى قىلىدۇ ،ئىرىمۇ سۇمباتلىق ،خوتنىمۇ چىرايلىق بوسا ئەگە ھىچ گەپ يوق خۇتۇن خەققەئۇۋال ،سۇمباتلىق ئەر دىگەن تالاغا چىقسا مىڭنىڭ دىگىنە ،لىكىن خوتۇنلا ئۇنداق ئەمەس ،شوڭا چىرايلىق قىزۋالا مۇنداراق ئەگە تەگسە پايدا ئالىدۇ ،ئىرى قەدرىگە يىتىدۇ ،بەلكىم بەزىلىرىڭ كۇلۇپ زاڭلى قىلىشىۋاتىسەن ،لىكىن مانا بۇنى بىز ھايات دەيمىز ،شوڭا ئۇكا ،زىلۋاراق قىز ئالاي دەپ قالدىمغۇ !؟

-ياراتماي قويسا قانداق قىلسەكاللەككە!؟

-تۆۋە دە ئۇكا ،دۇنيادا ھەممەئادەم ئوخشاش ،خەق مىنى ياراتمىسا خۇدايىم ئۇنىمۇ خەقنىڭ ئالدىدا خار قىلىدۇ،مۇشۇ قائىدىنى چۇشىنىدىغان بىرەر زىلۋا قىزۋالا چوقۇم چىقىدۇ ئۇكا ،ياراتمىسا مەيلى،خۇدايىم بەندىسىنى يالغۇز قويمىغان ،شۇكرى جۇما .

  قىلساق دىگەن گەپ ھىچ تۇگىمەيتى ،ئۇنىڭ بەزى گەپلىرگە كۇلۇپ بەزى گەپلىرگەچاقچاق ئارلاشتۇراتتۇق .ئۇ خىلى خىلى موللاملار دىمىگەن گەپلەرنى قىلاتتى .قايىل بولماي تۇرالمايتۇق .دىمىسىمۇ راستقۇ !؟قەدىرلىگىن قەدرىڭنى بىلگەنلەرنى دىگەن گەپ بار ،ئاللا مۇشۇ سەمەت كاللەككىمۇ بەختىنى بىرە .

-خەنزۇلارنى تىللايمىز باللا،-دەيتتى ئۇ ،-لىكىن بۇ خاتا ،مەيلى خەنزۇ بوسۇن ياكى بىز خەق بوللى ھەممەيلەن ئاللانىڭ مەخلۇقاتى ،ئاللا ھىدايەت قىلغان كىشنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ ،ئاللائازدۇردىما بولدى ،ھىچكىم ھىدايەت قىلاممايدۇ ،بەزى شەكىلۋازلىق قىلىپ ئۇ كاپىر بۇكاپىر دەپ كىتىمىز ،ئەمىليەتتە خەقنىڭ كاپىر ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۇم قىلىشقائاللادىن باشقا ھىچكىمنىڭ ھوقوقى يوق ،ئاللا كىمنى ياخشىلىققا بۇيرىدى ،كىمنى يامانلىققا بۇيرۇدى ئۆزى بىلىدۇ .شوڭا قوڭىمىزنى قىسىپ توۋىنى جىقراق دەپ شۇكرى قىلىپ ژۇمىسەك بوممايدۇ جۇما .

ئۇنىڭغا قايىل بومماي تۇرالمايتۇق،بىچارىگىمۇ خۇدا ئەشۇنچىلىك ئەقىل بىرىپتۇ ،شۇكرى .

بەزىلىرمىز مىيقىمىزدا كۇلۇپ ،بەزىلىرمىزئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىپ يەنە بەزىلىرمىز ئامراغلىقىمىز كىلىپ ئازراق ئازراقتىن گەپكە سىلىپ قويدۇقتە  تارقاپ كىتىشتۇق .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 08:12 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yoquk + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94554
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:59:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىقىپ كىرگەن ئىدىم  خەت نۇسخىسى بەكلا  غەلىتە  ئوقۇيالمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yamgurluk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 01:10 PM
قىززىقىپ كىرگەن ئىدىم  خەت نۇسخىسى بەكلا  غەلىتە  ئوقۇي ...

ئۇنداق ئەمەستۇ !؟مەن قايتا قاراپ باقتىم ،خەت نۇسخىسى ھىچقانداق ئەمەسقۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mm19910203 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 01:22 PM
ئۇنداق ئەمەستۇ !؟مەن قايتا قاراپ باقتىم ،خەت نۇسخىسى  ...



مۇشۇنداق  چىقىۋالدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yamgurluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 01:32 PM  


}TT7BB~XVM5WC1YHOU26FSU.jpg

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3877
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق خەت نۇسخىسى بۇ؟تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلا بۇلامدۇ؟

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرۇڭلار ،مەن مۇنبەرگە يوللىغان ۋاقىتتا توغرا يوللانغان ئىدى ،ھازىر ئىچىپ قارىساممۇ خەت شەكلى ھىچقانداق ئەمەس بولمىسا ،سىلەرگە نىمىشقا غەلىتە كۆرىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم .
   
ھۆرمەتلىك مۇنبەر باشقۇرغۇچى (مۇھەررىر)،خاپا بولماي تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن !
رەخمەت !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yamgurluk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 01:10 PM
قىززىقىپ كىرگەن ئىدىم  خەت نۇسخىسى بەكلا  غەلىتە  ئوقۇي ...

  بۇ ھىكايە دىھقانلارنىڭ زاغرا تىلى بىلەن يىزىلغان ھىكايە ئىكەن . شۇڭا چۇشۇنەلمەپسىز . بىراق ماڭا بەك يارىدى . تىما ئىگىسىگە رەھمەت  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 02:40 PM
بۇ ھىكايە دىھقانلارنىڭ زاغرا تىلى بىلەن يىزىلغان ھى ...

چۈشەنمىدىم ئەمەس  ،ماۋۇ مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا خەت نۇسخسى  غەلىتىلا چىقىپ  ئوقىيالمىدىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94554
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:47:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش