مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2671|ئىنكاس: 36

بىر ئايالنىڭ ھېيلىسى قىرىق تۆگىگە يۈك ‹‹ئىزھار›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5585
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:11:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ئايالنىڭ ھېيلىسى قىرىق تۆگىگە يۈك
‹‹ئىزھار››


كۆرىنىشتە ھەممىسى ئاددى ئايالدەك كۆرىنىدۇ.ئەمما ئاشۇ ئاددىيلىق ئىچىدە مىڭبىر رەڭلىك ئالەم مۇجەسسەمدۇر.بەزىلەر ئۆزىنى قۇدرەتنىڭ چېكىگە يېتەلمىدىم دەپ ھەيراتلىنىدۇ. گاھىدا بولسا،ئەڭ ناتىۋان كىشىدەك تالاي خاتالارغا يول قويىدۇ. ئۆزىگە-ئۆزى سۇئال قويۇپ باقمايدۇ.قانداق خاتالىق يولىدا قەدەم ئېلۋاتقىننى دەڭسەپ باقمايدۇ،خاتا قەدەم بىلەن ماڭغان يولى ئاخىرلاشقاندا بولسا،ئاغىرنىش بىلەن ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولىدۇ.
بۇنداق دىسەم ‹‹يەنە قىزلارنى تىللايدىغان يازمىكەن››دىگەن شۇئارىڭلارنى كۆتۈرۈپ چىقماڭلار.
مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم؛
سىلەرنى چۈشىنىش يولىدا تىز پۈكمەي سەۋىر -ئىرادە بىلەن يۈرۋاتقان ئەركەكلەرنىمۇ ئاللاھ كەم -كۈتسىز ياراتقان ئەمەس، ئەمما  <<ھېيلىسى قىرىق تۆگىگە يۈك بولغىدەك ئاياللار>>غا ئاز تولا بىلجىرلاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى يىگىتلىرىمىزخېلى زېرەك. <<قىزىم ساڭا ئېيتاي،كېلىنىم سەن ئاڭلا>>دىگەندەك ،بۇ تېمىنى ئوقۇغانلار ئۈزلىرىنىڭمۇ ياشاش ئۇسۇلىنى ئاز تولا ئۆزگەرتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. تور ئارلاۋىتىپ- ئائىلىدىن، يولدىشىدىن، ئايالىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن،قىيناتا-قېينئانىسىدىن ھەتتا ئۆزىنىڭ باللىرىدىن زارلىنىپ، داتلىنىپ يېزىلغان يازمىلارنى ئۇچىرتىپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ ، ئۆزلىرى خالاپ تۇرمۇش قۇرىغان، كىيىن ئاسانلا ئاجىرشىپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى پاراڭلارنى بەكمۇ كۆپ ئاڭلايمىز. بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەم باسىدۇ. ئىككى ئوتتۇردا بالىلارنىڭ سەرسان بولۋاتقىنى بولسا ئېچىنىشلىق پاجىئە بولىدۇ.مۇشۇلارنى ئويلاپ بۇ تېمىنى يازغۇم كەلدى.
بۇرۇن بۇنداق تۇرمۇشنىڭ سەۋەپچىسىنى ئاتا-ئانىغا قوياتتىكەنتۇق. ئاتا-ئانىنىڭ زورى بىلەن بولغان، ئاتا- ئانام كەلتۈرۈپ چىقادى-دەپ دۆڭگەپ قويۇشاتتىكەنتۇق. ئەمدىچۇ؟ بۈگۈنگە كەلگەندە، دەۋىر ئوخشىمايدۇ. ئۆزەم خالىغان بىلەن تويلىشىمەن، ياخشى كۆرگىنىم بار، سۆيگىنىم بار، مۇھەببىتىم بار، شۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام بولمايدۇ-يەي.-ئەمدى كىمگە دۆڭگەيسىز؟ يەنە باھانىڭىز تۈگىمىدى. شوڭا <<ئالتۇن دىسەم-مىس چىقتى،ئالما دىسەم -چالمىكەن>>دەپ بارچە گۇناھنى جۈپتىڭىزگە قويدىڭىز. كۆنۈپمۇ كەتتىڭىز. بۇ گەپلەر يادا بولۇپ كەتتى. كىشى بىر يىل كىيىدىغان كىيىمنىمۇ ئوبدان كۆرۈپ، قانداق چىقىشىنى، يارىشامدۇ-يوق، دەڭسەپ بېقىپ ئالىدىغۇ!ئەجىبا سىز جۈپتىڭىزنى تاللىمىغانما؟تازا تاللىغان.مىنىڭچە بەزىلەر جۈپتىنى تۇتۇپ بېقىپ،پۇراپ بېقىپ،تېتىپ بېقىپ تاللايدىغان بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن-شەرەپسىزلەچە. جۈپ تاللاش كۆينەك تاللاش ئەمەسقۇ! ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىغا قەدەر بىرگە بارغۇچى، ئىككىنجى قەلبىڭ، ئىككىنجى قول ،ئىككىنچى كۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سىنىڭ باللىرىڭنىڭ ئاتىسى-ياكى ئانىسى
60،50،40،30،20...ھەتتا 100يېشىڭنىڭ يىگانە يەلكەندىشى ،ھامىيسى ئەمەسمۇ؟! سەن جۈپ تاللاشتا ئۇنىڭ قەددى-قامىتىگە، ئاتا- ئانىسىنىڭ مال -دۇنياسىغا، مىنىۋاغان ماشىنىسىنىڭ ماركىسىغا، ياكى قەسەم - ۋەدىسىگە باھا بەردىڭغۇ. سىنىڭ تاللىغىنىڭ تۇتۇپ،سىلاپ،تېتپ بېقىپ تاللاۋاتقىنىڭ تىللاردا داستان بولۋاتقان <<سۆيگۈ-مۇھەببەت>>شۇمىدى؟!

ئىنسانلار ئانىدىن مۇكەممەل، قۇيما يارالمايدۇ.بۇنىڭغا ھەممەيلەن قايىل.بەزىلەر كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ‹‹ئىنسان دىگەن خام سۈت ئەمگەن ››دىگەننى باھانە قىلىدۇ.
ئائىلە -ياشلار باغچىسى،ئىستىراھەت مېھمانخانىسى ئەمەس. ئۇنىڭدا ناخشىنى دۈڭ توۋلاپ، قولىدا گۈل كۆتۈرۈپ قولتۇقلىشىپ يۈگىلى بولمايدۇ. ئائىلە- بىر غار، سەن يولبويى ئۆزۈڭنى شام كەبى ياندۇرۇپ ئەتراپىڭنى يورۇتۇپ ماڭمىساڭ يولۇڭنى تاپالمايسەن. ئائىلە- ئەركەككىمۇ، ئايالغىمۇ،بىر بىرىگە مۇناسىپ بولۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆزىنى -ئۆزى تەربىيلەيدىغان مەيدان.سەن ئۆزۈڭنى تەربىيلىمەي ئاناڭنىڭ بەرگەن خام سۈتىگە باھانە كۆرسەتكۈڭ كەلدى،گۇناھنى ئانا سۈتىگە قويغۇڭ كەلدى.ئانا!ئانا!دەپ تىللادا داستان يازىسەن،ئانا سۈتىنى ئۇلۇغلاپ جار سالىسەن ئەمما باھانەڭگە نۆۋىتى كەلگەندە ئاشۇ ئانىنىڭ،ئانا سۈتىگە خائىنلىق قىلىسەن.
  
<< ئايال كىشىنىڭ ھېيلىسى قىرىق تۆگىگە يۈك بولىدۇ>> دىگەن گەپكە كەلسەك، بۇنى ئىجابىي چۈشىنىش كېرەك. ھېيلىنى ئەقلى بار ئادەم ئويلاپ تاپىدۇ. مۇشۇ گەپنىڭ ۋەزنىدە ئاشۇ ھېيلىگەر ئايالنىڭ قىرىق تۆگىگە يۈك بولغىدەك ئەقلى بار -ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئاشۇ ئەقىلنى ئەرزىگۈدەك ئىشقا ئىشلەتكەن بولسا، قانچىلىغان ئائىلە توزىمىغان ، قانچىلىغان نازۇك دىللار ئۆكسۈمىگەن بولار ئىدى-ھە! پاراكەندە ئائىلىنى قۇراشتۇرغانمۇ -سىزدەك ئادەم. بوش-بىكار ئەرلەرنى قاتارغا قوشقانمۇ-سىزدەك ئايال. چىقىشالمىغان ئاكا-ئىنىلەرنى بىرلەشتۈرگەنمۇ-يەنىلا سىز.
يۆلەنچۈگى تاغ بولغانمۇ-سىز. يايراتقۇچى باغ بولغانمۇ-سىزدەك ئاياللار. بۇلار سىزدىكى ياخشى مەنىدىكى<<ھېيلىگەر>>نىڭ شاراپىتى.
ئەمما، سىزنى دەپ، سىز تۈپەيلى چېكەرمەن بولۇپ كەتكەن، ئىچەرمەن بولۇپ كەتكەن، سىزنىڭ خەنجەر تىللىرىڭىزدا ئازار يېتىپ يامان يوللارغا مېڭىپ كېتىۋاتقانلار قانچىلىك ئويلاپ بېقىڭ.تىلىڭىزدا داستان بولغان ئانىنىڭ يۈرىكىنىڭ سىزنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك ۋەيرانىچىلىقىڭىزدا قان بولغىننى ئويلاپ بېقىڭ.
يىگىتلىرىم زىرەك دىسەم ماختانچاق دىگۈڭىز كەلدىغۇ دەيمەن.مۇلايىمراق، ياۋاشراق ئاياللارنى ئارزۇلايدىغانلار قانچىلىك؟ئەتىراپقا ئوبدان زەن سېلىپ قارىسىڭىز ، ئاياللارغا قارىغاندا يېگىتلىرىمىزنىڭ ئىشەنچچىلىكراق، سادىقراق ئىكەنلىكىنى كۆرۋالايمىز.
ئاشۇ ئەركەكلەرنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن چوڭ مۇكاپات دەپ بىلىشىنى، ياخشى ئىشلار ئۈچۈن يۈنەلدۈرۈشنى ئەسلا بىلمىدىڭىز،ئويلىمىدىڭىز،كاللىڭىزنى ئىشلەتمىدىڭىز.

كۆڭلىڭىز بىراۋدىن ئازار يىسە، ئائىلە تىنىچسىز بولسا، بوغۇلۇپ -سىقىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئىشلارغا ئۆزۈم سەۋەپچىمۇ -ئەمەسمۇ،
بىر قېتىم ئويلاپ باقمىدىڭىز. ئەكسىچە،مۇلايىملىقنى،ياۋاشلىقىنى،پەزىلەتنى تەشەببۇس قىلغان،ئىنتىلگەن جۈپتىىڭزدىن رەنجىدىڭىز، ئەيپىڭىزنى جۈپتىڭىزدىن ئىزلەپ تاپماقچى بولدىىڭز.
  
ناز-كەرەشمە، مۇلايىملىق، نەپىسلىكنى- ئاللاھ ئاياللارغا سېخىلىق بىلەن بەرگەن ئىدى. ئائىلىدە بىرىنجى زەربىنىى بېرىش،
چىگردىن بۆسۈپ چىقىپ كېتىش سىز ئايالغا ياراشمايتى، مۇناسىپ كەلمەيتى، ئاياللىق ئىقلىمىغا خاس ئەمەس ئىدى.شوڭا جۈپتىڭىز بىلەن ئازارلاشقاندا ئۇنى يېڭىۋىلىشنى ئويلاپ يۈرمەڭ. سىزدىكى نەپىسلىك ھەر دەقىقە يوقالمىسۇن.
  
كىشى ھاراقنى ھېچقانداق ياخشى نىيەتتە ئىچمەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا، مەسىتلىك باھانىسىدا كىمدۇر بىرىنى سۆكۈپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋىتىش مەخسىتىدە ئىچىدۇ. ھاراق ئىچىپ ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئايالى دۇنيادا بەخىتسىزلەرنىڭ ئەڭ بەخىتسىزىدۇر.شوڭا جۈپتىڭىزنى بۇ يولغا سېلىپ قويماڭ.مەن ھاراق ئىچمەيمەن ئەمما ھاراق ئىچكەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكى پاراكەندىچىلىك،ئايالنىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن ئىچكەنلىكىنى ئاڭلايمەن،بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئېيتامدىغاندۇ؟ھەممىسى ئايالىدىن ئاغىرنىش ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىۋالغانمىدۇ؟ھاراقكەشلەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشنى خالىمىساممۇ،ئائىلە پاراكەندىچىلىكى،ئايال زۇلۇمى دەپ ئۇلارنىڭ  ئاشۇنداق دېيىشنى،باھانە كۆرسىتىشىنى توغرا كۆرمىسەممۇ،
بۇ ئەركەكنىڭ  ئائىلىدىن كۆتۈرلىۋاتقان ئىللىقلىق، بەخىت ئالىدا ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا گۇناھكارلىقىنى بىلگەن بولساممۇ،سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز مەسئولى ئىكەنلىكىنى ئازراق ولسىمۇ ئېتىراپ قىلغۇم كېلىدۇ.
يولدىشىڭىز ھاراق سورۇنىغا كەتتى،سىز تاللاپ ئالغان كۆينىكىڭىزنى،تاللاپ ئالغان كۆزئەينىكىڭىزنى قايرىپ قويدىڭىز،ئائىلىدە
سىز ئىشتىياق قىلغان مۇھەببەت قالمىدى.شوڭا يەنە ئەپسۇس بولسۇنكى، بۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلغان بوۋاق ئەتىدىكى رەزىللىكتۇر. چۈنكى ئۇ مېھىر كۆرمەي ئۆسىدۇ، مۇھەببەت كۆرمەي ئۆسىدۇ،بىراۋغا مېھىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

ئائىلە-مۇقەددەس دەرگاھ. ئەر-خوتۇنلار بىر بىرىدىن كۆڭلى قالدىمۇ بولدى.تامام. سىناش باشلىنىدۇ، قۇسۇر ئىزلەش باشلىنىدۇ، ئەيپىنى ئىزلەش باشلىنىدۇ، يامانلىقنى كۈزىتىپ تېپىپ تاقابىل تۇرۇش باشلىنىدۇ...مانا بۇ ئامان-ئېسەنلىك،تىنىچلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.
تۇرمۇش قۇرىغاندىن كىيىنلا ئەر ئايالنى،ئايال ئەرنى ئەمدى مىنىڭ بولدى دەپ خاتىرجەملىك بۆشىكىگە بۆلىنىدۇ. بۇ خاتىرجەملىك يۆگىكىدە مەڭگۈ يۆگىنىش ئۈچۈن،بىر- بىرىدىن سوۋۇش بولماسلىقى كېرەك. ئۆز-ئارا قانچە يېقىنلاشقانسىرى، بىر بىرىدىكى كەمچىلىكلىرى سېزىلىشقا باشلايدۇ-، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئۆمۈر ئۆز كەم -كۇتلىرىنى تۈزىتىىپ تۇرىشى، جۈپتىگە يېقىش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەركەت قىلىش كېرەك.ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئايالغۇ تۇغۇلۇپ قالغان <<بالىسىنى>>دەپ چىشىنى چىشىغا بېسىپ، تاشتەك ئۈندىمەي ياشاپ ئۆتىدۇ.
ئەمما، ئايىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئەر بولسا، پۇرسەت، قولايلىق كۈتۈپ، تالاغا چىقىپ كەلگۈسى كېلىپلا تۇرىدۇ. ئەر تۇتۇش ۋە ئايال ئاسىراش ئوخشاشلا سەنئەت، مەدىنيەت، ئەخلاقتۇر. بۇ سەنئەتتىن خەۋەرسىز بولسا، بۇ ئائىلىدە يورۇقلۇق، ئېناقلىق، خوشاللىق بولمايدۇ.

تالاغا چىقىپ كىرىشنى ئويلايدىغان ئەركەكلەرگە خاتالىقنى قويۇشتىن بۇرۇن،ئەيىپنى ئاۋال ئاشۇ ئاشنىلارغا قويۇشنى توغرا دەپ ئويلايمەن.ئۇ گۈزەل ئاشىنىنىڭمۇ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزگە سېلىپ قويۇپ ئكتۈپ كېتەي.
ئەركەك ھەر قانچە سۇيۇق،ھەرقانچە ئىشتىياقى كۈچلۈك بولسۇن، ئايال كىشى ئىزىنى بەرمىسە، ئەركەك نىيىتىگە يىتەلمەيدۇ.
بىراۋنىڭ ئەرلىرىنى ئازدۇرغانلارنى تىللاپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار ھەر دەقىقە ئۆز-ئۆزىنى تىللاپ ، گەرچە سىرىتتا يالتىراپ،يايراپ يۈرگەندەك كۆرىنگىنى بىلەن، ئىچىدە ئۆزىنى رەنىگە قويۇپ بەرگەن ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇلار بىراۋنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ بەخىتلىك بولغانلارنىڭ بۇ دۇنيادا يوقلىقىنى، نە-ئۇ دۇنيادا، نە- بۇ دۇنيادا ئىززەتلەشكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

كەيپىياتى كوچىدىن تېپىۋالالمايدۇ،ئايال چىرايلىق ياكى پەزىلەتلىكلا بولۇپ قالماستىن ،يولىشىغا نىسپەتەن كۆڭۈلپەرەس بولىشى بەكمۇ موھىم. ئەڭ نازۇك مەسىلە ئۆيىدە، ئائىلىدە بولىشى كېرەك.
ئەي!ئەركەك!يۇقارقىلارنى ئاڭلاپ گۇناھنىڭ ھەممىسى ئاياللاردا،ئاياللار ھېيلىگەر،دەپ ئويلاپمۇ كەتمەڭ.ئۆزىمىزنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك.
ئاياللار مىللەتنىڭ كېلەچىكى دەپ چوقان سېلىشىمىز،چوكىغا مېڭىشتىن بۇرۇن،تالاغا قاراشتىن بۇرۇن،مىللىتمىز ئاياللىرى توغۇرسىدا توۋلىغان شۇئارلىرىمىزغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن مىللەتنىڭ،كېلەچىكىنىڭ كوچىدا ئەمەسلىكىنى ئويلىشىمىز كېرەك. بالىلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى-دېيىشىمىز. شۇ سەۋەپتىن مىللەت بالىسىنى كوچىدا ئەمەس ئائىلىدە تەييارلىشىمىزكېرەك. مىللەت بالىسىنى كوچىغا تاشلاپ قويماي ئائىلىمىزدە تەربىيلىشىمىز كېرەك.

ئەي!ئەر. ئاياللارنى تىللاپلا يۈرمەيلى. ئاغىرنىپلا يۈرمەيلى. سەۋىر ئاياللارغا خاس. كەچۈرۈش ئايالغا خاس. پەرزەنىت بېرىش ئايالغا خاس. تەربىيە ئايالغا خاس. ئائىلە ئىشى ئايالغا خاس.
مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئايالغا باغلىق دەپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتەرگەن ئەر!پەرزەنىت، جامائەت، دەۋىر ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ خىجالەت بولايلىى.  ئۆزىنىمۇ ئازراق سوتلاپ قويايلى.
مەن ئۆز ئانامغا، سىڭلىمغا، ئايالىمغا، مىللەتنىڭ ئانىسىغا نىمە بەردىم دىگەنلەرنى ئويلاپ كۆرەيلى، ئايالىنىڭ ئاياللىق قۇۋۋىتى،
مېغىزى دەريا ئەمەسقۇ دەپ ئويغا چۈمۈپ قويايلى.
ئايال بارىنى ئاناردەك سىقىپ باللىرىغا قۇيۇپ بولدى. ئۇنىڭ يىگىلەپ قالغان يىلىكىنى كىم تولدۇرىدۇ؟ ئايال جەمىئەتكە ۋۇجۇدىدا بارنى بېرىدۇ. يوقىنى قانداق بېرىدۇ؟ پولۇنىڭ ياخشىسىنى يەپ قۇۋۋەتلىك بولۇشنى ئويلىساق، كېتەرلىك نەرسىلەرنى تەييار قىلىشىمىز كېرەققۇ!
نىمىشقا بەر،بەر،بەر دەۋىرىمىز؟ ئۇلار بارىنى بەردى ،ئەمدى يوققا نەگە بارىدۇ؟ ئادەم ۋە ئالەم ئايالنىڭ مېھرى بىلەن كۆكىرىدۇ.
نىمىشقا ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئوزۇق، يېتەرلىك ئارام، يېتەرلىك ئىلىم ۋە مېھىر بىلەن تەمىن ئەتمەيمىز. ئايالى مۇنداق بولغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۇنداق،ئايالى بۇنداق بولغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۇنداق ....دەپ نەزمە ئېيتىسىز،نىمىشقائايالى ئورۇق يۇرىتنىڭ مىللىتى ئورۇق بولىدۇ دىگەننى ئەجەپ ئويلاپ باقمايسەنغۇ! ئاياللىرىمىز ئورۇق،بەقۇۋۋەت دەپ چەتتىن نىجاتكار ياللىمايلىمۇ؟ بېرىپ تۇرامۇ؟

مىللەتدىشىم،يۇرىتدىشىم،سەپەردىشىم،....مۇنبەردىشىم -مەن ئاياللارغا،ئانىلارغا قىزلارغا كۆيۈنۈپ تۇرۇپ شۇنداق دەيمەنكى،
قىز-ئاياللىرىمىزنى ئاسىېۋالايلى. سىيلىۋالايلى. سۆيىۋالايلى ئۇلار كۈتمىگەن ياخشىلىقلار بىلەن تارتۇقلىۋالايلى. ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن، كېلەچىكىمىزنى پارلاق، مەدىنىيەتلىك قىز، ساغلام ئوغۇل، ئېناق ئائىلىمىزنىڭ بولىشى ئۈچۈن!

ئىزھار 2013-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى( كېچە سائەت03:03)

ياختۇرسىڭىز: بۇ يەرنى    بېسىڭ

ياختۇرمىسىڭىز:بۇ يەرنى  بېسىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 03:13 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
SAWER316 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8572
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىيىشنى  بىلەلمىدىم....ئاستا چىقىپ  تاماق يەپ كىرەي ھە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92450
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھىجايغىنىمنى كۆرۈپ مېنى كۈلدى دېمە ، يۈرەكتىن كۈلەلىگەنلەرلا ھەقىقىي كۈلگەن ھېساپلىنىدۇ .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭلاشقا تارىختىكى نۇرغۇن ئىمپىراتور ، پادىشاھلار مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ قولىدا ھالاك بولغان ئەمەسمۇ

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4065 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلدۇ ..بارنىڭ قەدىرنى بۈلمەيدىغان ئايالار ،ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس ...يەنە بىرى ئانسى قىزنى ھالاك كىرداۋىغا ئاپرىپ قۇيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ...قىزىغا شۇ ئائلىگە سىڭىپ كەت دىمەي ..ئۇلارنىڭ ئىشنى قىلما ،ئىگلىمە ،ئامال بار ئۆزۈڭ ئىش قىلماي يولدىشڭىنى كۆندۈر دەيدىغان ئەڭ ئاخىردا قىزنى يېىنغا ئاپرۋلىپ تۇل قىلۋالدىغان ھەم بار گۇناھىنى ئەرگە ئارتدىغان بىراق كېيىن قارسا شۇ ئانسى بىلەن يەنە شۇ باشقا بىرنىڭ يېنغا بارسا يەنە شۇ كۈن

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5585
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tikanlik-gul يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 02:03 PM
ماڭا ئىككى گېپىڭىز بەك ياقتى ؛ بىرىنچىسى ، بىر ئايال ھە ...

سىزگىمۇ رەھمەت!
مەن بۇ يازمىنى يېزۋاتقىلى تەييارلاۋاتقىلى بىر يىل بولۇپ قالغاندۇ بەلكىم.دائىم ئۆزگەرتىپ،ئويلۇنۇم،خۇددى  ماتىماتىكا فورمىلاسىغا سالغاندەك تەھلىل قىلىپ كېتىمەن.
يەنىلا مۇكەممەل بولمىدى،ئەمما مەزمۇنىدىن ئاساسەن خەۋەردار بولۇپ،نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمىنى ئوقۇرمەن چۈشەندى دەپ ئويلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5585
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:52:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 02:33 PM
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلدۇ ..بارنىڭ قەدىرنى بۈلمەيدىغان ...

دىگەنلىرىڭىز ئەمىليەت.ئەتراپىمىزدا شۇنچىلىك كۆپ بۇ ئەھۋال.ئاجرىشىش ئىلتىماسى يېزىپ بېرىڭ دەپ يېنىمغا كىردىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئاجراشقانلىقىنى سورىسام نىمە دەيدىغىنى ھەممەيلەنگە ئايان.ئۆزۈمدىن چوڭلارغا نەسىھەت قىلىپ كېتىمەن بەزىدە.مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان بالىسىچۇ تېخى.
ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى يازدۇرۇپ،خۇددى يوغان ئىشتىن بىرنى مۇھەپپىقيەتلىك بىجىرۋالغاندىن كىيىن سېرىق خېتىنى ئىشخانامغا كۆتۈرۈپ كىرىدۇ.
كېلىشىمنامىنى ئوقۇيدىغان بولسىڭىز،
‹‹ئەر بالىنى ئايدا ئىككى قىتىم كۆرىدۇ،ھەر ئاينىڭ 10-،20- كۈنلىرى كۆرسە بولىدۇ،ئايتا تۇرمۇش پۇلى.................››
ئەر -ئايالنىڭ خاتالىقىنىڭ جازاسىنى بىر ئۆمۈر تارىتماقچى بولغان بىچارە نارسىدە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز،ئەتە مەكتەپكە بارىدۇ...
ساۋاغداشلىرى ‹‹سىنىڭ ئاپاڭ يوقما!،سىنىڭ داداڭ يوقما!››ئاتا -ئانىسىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلالمايدىغان كىچىك نارسىدە،ساۋاغدىشىنىڭ سۇئالىغا‹‹ئەتە دادام مىنى كۆرگىلى كېلىدۇ....››بولدى بەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5585
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 02:33 PM
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلدۇ ..بارنىڭ قەدىرنى بۈلمەيدىغان ...

ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلسا مەيلىتى
ئەمما سەۋەنلىكنىڭ جازاسى ئۆزى بىلەن كەتمەيدۇ.
بىچارە ئوماق.تەلەيسىز جۈپتى،بىچارە موماي،....بىرمۇنچە شەخىسكە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنى پاراكەندە قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ئويلىمايدۇ.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4065 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېزھار يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 02:54 PM
ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلسا مەيلىتى
ئەمما سەۋەنلىكنىڭ  ...

ئاللا ھەربىر ئاقكۆڭۈل ئىنسانىڭ بەختىنى يەردە قۇيمايدۇ ..ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنداق ئىپلاسلاردىن سۇ ئىچمسە ،يەنە باشقلاردىن ئىچىدۇ ...دۇنيادا شۇنداق ئىپلاسلار ساناقلىق ..ئۇلار پەقەت ئۆزىگە قىلدۇ ..قىلغىنىنڭ ،خارلغىنىڭ سورۇقىنى تارتىدۇ ..بىرنىڭ قەدرىنى قىلمغان بولسا ،ئىككىنچسىدىن كۆرىدۇ ..جەمىئيەتكە شۇنداق قارساق ھەممسى شۇنداق ..شۇڭا ھەركىم قىلسا ئۆزىگە.شۇنداق ياخشى ئەرلەرگە ئىپلاس خوتۇن ،ياخشى ئاياللارغا ئىپلاس ئەرلەر ئۇچراپ قالدىكەن ...بىراق ھەركىم ئۆز قىلغنىنڭ سۇرۇقىنى تارتىدىكەن .شۇ چاغدا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدىكەن ..بىراق كېچكىدىدە ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 03:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە تۇپاسىپەر كۆزىگە !!!!!!!!!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش