مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 613|ئىنكاس: 4

ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى (تەرجىمە ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:20:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك چاغلىرىمدا ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش بولغانلىقتىن دائىملا بوۋامنىڭ ئۆيىدە تۇراتتىم.بوۋام ماڭاھەرخىل قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى.ئۇ ماڭا ئۆزى باققان ئەرمەك ئىتى،ھەربىيلىكتە تۇرغان چاغلىرىدىكى قىزىقارلىق ئىشلاردىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى،ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىگىچەئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى.بىراق مېنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى،ھەم ماڭا ئەڭ چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا بوۋامنىڭ ئاچقۇچلىرى ئېدى.
بوۋامنىڭ قىزىقىشى ھەرخىل ئاچقۇچلارنى يىغىپ ساقلاش ئېدى.ئۇ تۇرىدىغان ئۆيگە نۇرغۇنلىغان ئاچقۇچلار رەتمۇ-رەت ئېسۋىتىلگەن ئېدى.بىر قېتىم مېنىڭ يالۋۇرۇپ ئۆتۈنۈشۈم بىلەن بوۋام  ئاچقۇچلىرى ئارىسىدىن بىرتالنى ئېلىپ ماڭا بەردى.بوۋام بىر چەتتە تۇرۇپ ماڭا ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۈرەتتى:"سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بىز سېنىڭ ئاتا-ئانىلىرىڭ ھەممىمىز بىر ئۆيدە تۇراتتۇق،بۇ دەل ئۇلار تۇرغان ئۆينىڭ ئاچقۇچى.مانا بۇنىڭغا قارا بۇ مىس رەڭلىكى بولسا مېنىڭ ئانام يەنى سېنىڭ ئۇلۇغ موماڭ تۇرغان ئۆينىڭ ئاچقۇچى،ھەي،ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ ئۆي 25 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن.يەنە قارا مانا بۇ مەن ئىلگىرى ھەيدىگەن ماشىنامنىڭ ئاچقۇچى،مانا بۇ مېنىڭ غالتەكلىك ئايىغىمنىڭ ئاچقۇچى ،مەن بۇرۇن ماشىنا ھەيدەشتىن ئىلگىرى ۋىلىسپىت ھەيدىگەن،ۋىلىسپىت ھەيدەشتىن ئىلگىرى مېنىڭ بىردىنبىر قاتناش قۇرالىم دەل مېنىڭ غالتەكلىك ئايىغىم ئېدى ،غالتەكلىك ئايىغىم دەل مېنىڭ كىيىنكى ۋېلىسپىت ۋە ماشىنىلارنى ھەيدىشىمدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ،كىيىن مەن بۇ ئاچقۇچنى غالتەكلىك ئايىغىمنىڭ ئاچقۇچى دەپ ئاتىغان ئېدىم....  ".
بوۋام بۇ ئاچقۇچلارنىڭ ھىكايىسىنى ئەنە شۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن بىرمۇ-بىر سۆزلەيتتى.بىراق مېنىڭ دىققىتىم ئېسىقلىق تۇرغان يەنە بىر قاتار ئاچقۇچلارغا مەركەزلەشتى، بۇ ئاچقۇچلار باشقا ھەر قانداق ئاچقۇچلاردىن چوڭ بولۇپ ئۆينىڭ ئەڭ ئېگز ھەم كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە ئېسىلغان ئېدى. بوۋام شۇ ئان چۈشەندۈردى :"بۇ ئاچقۇچلارنىڭ ئۇيەرگە ئېسىپ قويۇلىشىدىكى سەۋەپ،ئۇلار مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك،بۇ ئاچقۇچلارنىڭ ھەربىرى 5ئېنگىلىز چى كىلىدۇ،ھەر برىنىڭ ئۈستىگە خەتلەر ئويۇلغان، سەن چوڭ بولغاندا بۇ ئاچقۇچلارنى قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە ساڭا قالدۇرىمەن. "
بوۋام ۋەدىسىدە تۇردى .مەن 18 ياشقا كىرگەن يىلى بوۋام ھېلىقى ئاچقۇچلارنى ماڭا بەردى،دەل شۇنىڭدىن كىيىن بوۋامنىڭ ئۇ ئاچقۇچلارنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قەدىرلىگەنلىكىنى بىلدىم.
بىرىنچى تال ئاچقۇچ ئالتۇن رەڭدە بولۇپ ئاچقۇچنىڭ بىر تەرىپىگە "سۆيگۈ"دىگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ يەنە بىر تەرىپىگە "تەڭرىنى سۆي،ئائىلەڭنى سۆي،ۋەتىنىڭنى،دوست ،يار،بۇرەدەرلىرىڭنى سۆي،ئۇلار مەڭگۇ چىن سۆيگۈڭنى ئاتا قىلىشقا ئەرزىيدۇ."دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
ئىككىنچى تال ئاچقۇچ باشقا ئاچقۇچلارغا ئوخشاش كۈمۈش رەڭدە بولۇپ،ئۇنىڭ بىر تەرىپىگە"ئەپۇچانلىق"دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ،يەنە بىر تەرىپىگە "دۈشمەنلىرىڭگە ئەپۇچان بول ،ساڭا ئازار بەرگەن ساڭا زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئەپۇ قىل،كەڭ قورساق بول "دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
ئۈچۈنچى تال ئاچقۇچقا بولسا"سەۋىرچانلىق"دىگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ،يەنە بىر تەرىپىگە "ياشانغانلارغا،بالىلارغا،مىيىپلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىل،ماشىنا ھەيدىگەندە،ئۆچرەت ساقلىغاندا،باشقىلار سەۋىرچانلىقىنى يوقاتقان ۋاقىتلاردا چوقۇم سەۋىرچان بول."دىگەن خەتلەر ئويۇلغان ئىدى.
تۆتىنچى تال ئاچقۇچقا بولسا "چۈشىنىش"دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ يەنە بىر تەرىپىگە" چوقۇم مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ تەڭ كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋال "دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
بەشىنچى تال ئاچقۇچقا بولسا"كەڭ قورساقلىق"دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ،يەنە بىر تەرىپىگە "ھەرقانچە قېيىن ئەھۋاللاردا قالساڭمۇ چوقۇم كەڭ قورساق بول،چۈنكى يامغۇردىن كېيىن ھامان قۇياش پارلاپ نۇر چاچىدۇ."دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
ئالتىنچىسىگە بولسا "مېھرى-شەپقەت"دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ،يەنەبىر تەرىپىگە بولسا"ئۆزۈڭدە بار بولغاننى قەدىرلە،يوقىغا تەلمۈرۈپ قايغۇرۇپ كەتمە،باشقىلارغا مېھرى-شەپقەتلىك بول."دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
يەتتىنچى تال ئاچقۇچقا بولسا"تىرىشچانلىق"دېگەن خەتلەر ئويۇلغان بولۇپ ،يەنە بىر تەرىپىگە بولسا"بىر ئىشنى قىلغان ئىكەنسەن چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن قىل،ئۆزۈڭنىڭ ئىككى قولىغا ،تېرىشچانلىقىڭغا تايىنىپ سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلە،ئىشلىرىڭدىن نەتىجە يارات."دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
سەككىزىنچى تال ئاچقۇچقا بولسا "پاكلىق"دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ،يەنە بىر تەرىپىگە بولسا"ھەرۋاقىت پاكلىقىڭنى ساقلا،پاكلىقنى ئېسىل پەزىلەت دەپ بىل."دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
توققۇزىنچى تال ئاچقۇچقا بولسا"ئۆگىنىش"دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ، يەنە بىر تەرىپىگە "ھەرۋاقىت ئۆگەنگىن،ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭنى كۈچلەندۈر،ئۆز قىممىتىڭنى يارات،قۇرۇق خام خىياللاردا بولما."دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئېدى.
مانا ھازىر مەنمۇ بىر بوۋا بولدۇم،گەرچە مەن بوۋامغا ئوخشاش ئۇنداق كۆپ ئاچقۇچلارنى ساقلىيالمىغان بولساممۇ بىراق ئۇ ماڭا قالدۇرغان ھېلىقى ئاچقۇچلارنى ئاۋالقىدەكلا ئۆيۈمنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە ئېسىپ قويدۇم.كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ نەۋرەممۇ 18ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە مەنمۇ ئۇ ئاچقۇچلارنى ئۇنىڭغا ئېسىل سوۋغا سۈپتىدە قالدۇرىمەن.ھەمدە ئۇنىڭمۇ داۋاملىق نەۋرىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭمۇ نەۋرىلىرىگە قالدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



بىۋاستە تەرجىمە قىلغۇچى:ئايىمنىسا تۇرسۇن.                       (چاڭچۈن)
                                                      2013-4-13


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇمرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 12:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83409
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىپسىز،  مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن. مەنمۇ تەرجىمانلىققا قىزىقىمەن، ئۆزۈمنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىم بار،بۇلسا مۇنبەردىكى تەرجىمانلار بىلەن ئورتاقلاشسام، ئۇلاردىن تەلىم ئالسام دىگەن ئۈمۈتتە.

yamgurluk بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pinhanboy يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 01:30 PM
ياخشى تەرجىمە قىپسىز،  مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن. مەنمۇ تەرجى ...

مەنمۇ بۇ ئەسەرنى تۇنۇگۈن كۈتۈپخانىدا ئۆگۈنۈش قىلىۋىتىپ كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،ئۆزۈمگىمۇ بەك يارىدى ،شۇڭا سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ باقتىم....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32191
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 05:34:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتىنچى تال ئاچقۇچقا بولسا"تىرىشچانلىق"

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. تىرىشقاندىلا بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش