ئېھ! ئېزىزانە قەشقەر
-8ئاپرېل سەھەر.
ھېيتگاھ جامىسىدىن ياڭرىغان ئەزاننىڭ قەلىبلەرنى تىترېتىدىغان مۇڭلۇق ئاۋازى بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەرنىڭ بىپايان ئاسمىنىدا ياڭراپ،ھاياتلىقنىڭ يېڭى بىر تاڭغا ئۇلاشقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. بامدات نامىزىغا مېڭىۋاتىمەن. قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل سەلتەنەتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا.سۇلتان ساتۇق، مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۇپخاس ھاجىپ... قاتارلىق سەلتەنەتلىك ئەجدادلېرىمىز بىلەن بىرگە كىتىۋاتىمەن. ئۇلار بىلەن قانداقتۇ بىر ئىشلار توغرۇلۇق سوزلىشىۋاتىمەن...ماڭا چۈشۈنۈكسىز تەرەپلەرنى سوراۋاتىمەن... سەلتەنەتلىك ئۆتمىشىمىز بىلەن ھازىرقى رىئالنى ئەھۋالىمىزنىڭ قانداق سەۋەب- نەتىجىلك مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەكچى بولۇۋاتىمەن... ئۇلار ماڭا ۋەزنى ئېغىر تەنبىھ سۆزلىرى بىلەن كايىماقتا.... مەن ئۆزۈمنى ئاقلاشقا تىرىشتىم ئەمما ئۇلار ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس... ئۇلارچە ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ سەۋەبلېرىنى ئۇلاردىن كۆرۈۋاتقۇدەكمەن... خۇددى كېيىنكىلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى ،سەۋەنلىكى يوقتەك. توغرا پىرىنسىپاللىق مەسىللەردە باھانە كۆرسىتىشكە، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا يۈكلەپ چەتكە چىقىۋېلىپ بىخۇتلىشىپ كىتىشكە بولمايدۇ. ئۇلار بىلەن مۇڭداشقۇم تەلىم ئالغۇم بار ئىدى . ئەمما ئاچچىقى يانىدىغاندەك ئەمەس...بوپتۇلابامداتنى ئۆتۈۋالاي ھامان ئۇلار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ سەۋنلىكلېرىمىزنى تۈزۈتۈشكە ياردەم بېرىدۇ، بىزگە يول كۆرسىتىدۇ...
ناماز ئۆتەۋاتىمەن. يىگانە ئاللاغا سېغېنىپ ئوقۇۋاتىمەن،بەدەنلىرىم ئېرىمەكتە ئىچ ئىچىمدىن يىغا قىستاپ كۆزلىرىمىن تاراملاپ ياشتۈكۈلمەكتە...
كىشىلەر نامازدىن يېنىپ تارقىلشماقتا. مەن قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئىزدەۋاتىمەن، ھىدىنى ھىدلاۋاتىمەن ...ھېيتگاھنىڭ ساپنەمخوش ھاۋاسى كۆڭلۈمگە تەسەللى بەرگەندەك تىنىمنى يايراتماقتا...ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ ئۇپۇق يۇرۇقى ھېيتگاھنى يۇرۇتماقتا... قۇياش نۇرى ئىگىز،سوغۇق بىنالار ئارىسىدىن تەستە ئۈتۈپ سېخىي نۇرلىرىنى پاكار ئەمما ھەيۋەتلىك جەمە ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا چاچماقتا... ھېيتگاھ جامىسى نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نۇرغۇن تارىخىي قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ چارچاپ قەددى پۈكلەنگەندەك كۈرۈنسىمۇ ئەمما تارىخنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە يەنىلا ئابىدىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئۇ يېنىلا ئادەمگە بىرخىل ئىللىقلىق مىھرىبانلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كۆڭۈللەرگە تەسەللى بەرمەكتە...
مەيداننىڭ قارشىسىدىكى كەچلىك بازار ھەم يولنىڭ بۇيىدا نۇرغۇن ئادەم... ئۇلارنىڭ قوللىرىدا سومكا، ئەندۇۋا قاتارلىق قۇرۇلۇش سايمالېرى...ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئىش بېشى ئىزدەۋاتقان، ئىش سوراۋاتقان... چالاتەرجىمانلار ئارقىلىق ئىش بېشىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇۋاتقان،ئىش بېشى ئۇلارنى سىلكىۋاتقان، خۇددى مال بازىرىدىكىدەك خىللاۋاتقان... ئۇلاربۈگۈن شۇ ئىشنى قىلمىسا ئاچ قالىدۇ،تالادا قالىدۇ، بالىلىرى كەچتە قۇلىغا قارايدۇ،سەبى قارا كۆزلەر نا ئۈمۈتتە قالىدۇ... ئادەمنىڭ يۇرىكى ئېچىشىدۇ... يوقسۇللۇقئەقەللىي ئىستىمال ئىھتىياجىنى قامدىيالماسلىق، يار يۇلەكسىزلىك، باش پاناھسىزلىق،تۇيمىغان قۇساق، پاللىدە ئېچىلغۇدەك كىيىنمىگەن بەدەن.... ئېھ قېرىنداشلىرىم!...
سىلەرھۇرۇن ئەمەس، ھۇرۇن بولساڭلار بۇ يارگە كەلمەيتتىڭلار، سىلەر ئەقىلسىز نادان ئەمەسبۇنى دۇنيا ئېتراپ قىلغان، ئېتراپ قىلىۋاتىدۇ، باراۋەرسىزلىك، ھوقۇقسىزلىقتىنكىلىپ چىققان يوقسۇللۇق، تەربىيىسىزلىك قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي ھادىسىلەربۇ ھالىمىزنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بىز بولساققۇربانلېرى... بىر يۇرۇش رەسىم يوللىدىم كۈرۈپ ئۆزىڭىز ھىس قىلىڭ.