مۇشۇ تىمام ئارقىلق ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۈتەي
بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى ئىچكىرنىڭ مەلۇم بىر شەھىردە تۇرغان ئىدىم،ئاشۇ شەھەرنىڭ پويىز ئىستانسىغا يېقىن جايدا (رىستىران شەكىللك )ئىسمى xxx بولغان ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر ئاشخانا بار ئىدىرازۋىچىكلار ئىكەنتۇق (ئۇمۇ ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىسىدىن)، مەن مەكتەپتە ئىشلىگەچكە ئۇنىڭ خوجاينى بىلەنمۇ شۇنداق چىقىشىپ قالغان ئىدىم، تۇنۇشقىنىمىزغىمۇ ئۈچ يىلدىن ئېشىپ قالغان ئىدى، تاماق يىگىلى بارسام ھەقسىز مىھمان قىلاتتى ھەم شۇنداق ياخشى كۈتۋالاتتى،ئۇنىڭ بىر ئوغلى بۇلۇپ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ئۇقۇيتتى ئۇ ئۇغۇلمۇ 17 ياش ئەتراپىدا بار ئىدى، دۇكان خوجايىننڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئالدىنقى ئايالىدىن بولغان بالىسى ئىكەنتۇق ھازىر قىسى بولسا باشقا ئايالى ئىكەن،شۇنداق كۈنلەر ئۈتۈپ مەلۇم بىركۈنى بازار ئايلىنىپ كىتىۋاتسام كىينىشتە خېلى پۇختا بىجرىم كىيىنگەن ئەر ئايال بۇلۇپ تۆت بەش ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ( ئىچكىردە ئۆزمىللىتمىزدىكى ئادەملەر ئاز ھەم بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ شۇڭا ئۇيغۇر دەپ ئالدىم توغرا چۈشەنگەيسىلەر) بىز سالاملاشقاندىن كىيىن ئۇلار مەندىن تاماق يەيدىغان مىللىچە، ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخاننى سۇرىدى مەن ئاشۇ تۇنۇشۇم ئاچقان ئاشخاننىڭ ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەردىم ،يېنىدىكى ئايال يەنە باشقىسى بارمۇ دەپ سۇرىغانتى تېگى ئۈرۈمچىلىك بولغان تۇڭگاننىڭ ئاچقان كۆلمى چوڭ كەلگەن رىستۇران بار ئىدى ئۇنڭمۇ ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەردىم،شۇنداق قىلىپ بىز خوشلاشتۇق، مەنمۇ ئۇلاردىن ئارتۇقچە گەپ سۇرىماپتىمەن، چۈنكى مەن تۇرغان شەھەر داڭلىق ساياھەت شەھرى ئىدى، كۆڭلىمدە ئۇلارنى ساياھەتچى دەپ چۈشەنگەن ئىدىم،
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئادىتىم بويچە زىركىپ ھېلىقى دوستۇم بولغان ئاشخانا خوجاينى بىلەن مۇڭداشقاچ تاماق يەپ كىلەي دەپ بارسام ئەپسۇس دۇكىنى پىچەتلىنىپتۇ.
كېيىن باشقا دوسلىرىمدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم تاماقخانا ئىزدەپ كىتۋېتىپ يولدا ماڭا ئۇچراپ قالغانلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلىرىدىن كەلگەن رازۋىچىكلار ئىكەنتۇق، ئۇلار ئەشۇ ئاشخانا خوجايىنى xxx نىڭ ئىزىغا چۈشكىلى بىرنەچچە يىل بۇپتىكەنتۇق،ئۇنىڭ قىلمىشى ئاق تاماكا،كەندىر سېتىش،باللارنى ئالداپ ئىچكىرگە ئېلىپ چىقىپ ئۇغۇرلۇق بۇلاڭچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلاش، خارلاش، قورقۇتۇش تەھدىت سېلىش يەنە ئاشخانىسدا ئىشلەيدىغان بىر يۇرتۇلقى بولغان ئىشلەمچى بالىنىڭ بىگۇناھ ئۆزنى بىنادىن سەكرىۋېلىشىدەك سەۋەپلەر، ئەمما شۇ خوجايىن بولغان ئادەمنىڭ ئۆلىگىچنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھىچقانداق تۈلەم بەرمەستىن پەرۋا قىلماي يۈرشى،دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئەرىزقىلنىپ شىنجاڭدىن بىۋاستە شۇلارنى تەشكىللەپ تۇتۇپ كىتىپتۇدەك....
بىلسەم شۇ شەھەرگە شۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھىچقانداق بىرئۇيغۇر يانجۇقچۇلۇق قىلغىلى كىرەلمەيدىكەن ئەگەر كىرىپ قالسا شۇنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئىشلەيدىكەن ...
ھازىرقى ئايالىنى بولسا شۇنداق جەميەتتىن تۇتۋېلىپ نىكاھ بىلەن خۇتۇنلىققا ئاپتىكەن، ئىشەنچىسز بولغان ئۈسەك سۆزلەردىن ئاڭلىسام خۇتۇنىمۇ بەزىدە لوبەنياڭلىقنى يولدىشىغا قۇيۇپ قۇيۇپ مەخسۇس ئايفۇن بار يانجۇقلانى كولارمىش
مەن ئۇنىڭ بۇھاياتىغا شۇنچىلىك ئېچىندىم ئاشخانا سودىسىمۇ يامان ئەمەس تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن ئادەم تەشكىللەپ شۇ شەھەردە قانۇنسىز ئىشلارنى قىلدۇ، ئەشۇ باللىرنىڭ كىيىلىكى ئۈچۈن تىرىشتىمۇ دەيلى ،شۇنداقتىمۇ ھالال ئىش بىلەن شۇ ئاشخانا تىجارىتى بىلەن كۈن ئۆتكۈزسە بولماسمىدى دەپ ئۇھسىنىپ قالدىم، ئاخىردا ئۈرۈمچىدىن بىرسى كەپ ئاشخانىسىنى سېتىۋېلىپ ئېچىپتۇ ئەمما مەن شۇنىڭدىن كىيىن قەدەم باسقۇممۇ كەلمىدى ..
تۈگدى