|
|
|
|
QQنى قۇرغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ماخۇاتېڭ(马化腾)،تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى،مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى.قۇشۇمچە شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى،تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرى ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل.1999-يىلدىن باشلاپ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇ 1971-يىل10-ئاينىڭ29-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ چاۋشەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان،1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان.1993-يىلى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ،رۇنشۈن خەۋەرلىشىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ،چاقىرغۇ يۇمشاق دېتالى ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىنژېنېر ۋە ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان.1998-يىلى تېڭشۈن كومپىيوتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.
جاڭ جىدۇڭ،1972-يىلى تۇغۇلغان،گۇاڭدۇڭ دۇڭۆۇەندىن.1989-يىلدىن 1993-يىلىغىچە شېنجېن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان.1999-يىلدىن باشلاپ تېڭشۈن شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ،ھازىر تېڭشۈن شىركىتىنڭ ئىجرائىيە مۇدىرى،قۇشۇمچە باش تېخنىكى،مەخسۇس تېخنىكلارنى ئېچىش،پەيتلىك خەۋەرلىشىش سۇپىسى ۋە چوڭ كىچىك توردا قوللىنىلغان سىستېمىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا مەسئول،1998-يىلدىن2009-يىلى8-ئايغىچە QQنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى نەچچە يۈزمىليون ئابونچىغا يەتكەن بولسىمۇ ،قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ،2011-يىلى 2مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكى بىلەن فوبوس ئېلان قىلغان دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 595-ئورۇندا،جۇڭگولۇق بايلار تىزىملىكىدە46-ئورۇندا تۇرغان.
تېڭشۈن شىركىتى 1998-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ،نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتىرنېت تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ بىرى،شۇنداقلا ئابونىچى ئەڭ كۆپ بولغان ئىنتېرنېت تورى كارخانىسىنىڭ بىرى.شىركەت قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ‹ئابونىچىلارنى ئاساس قىلىش›تىن ئىبارەت تىجارەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ،باشتىن-ئاخىر مۇقىم،ساغلام،تېز تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.2004-يىل6-ئاينىڭ16-كۈنى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ پاي چېكى شىياڭگاڭ بىرلەشمە پاي بازىرىدا بازارغا سېلىندى.تېڭشۈن شىركىتىنىڭ 2010-يىللىق ئومومىي كىرىمى 19مىليارد646مىليون بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%57.9ئاشتى.
1988-يىل11-ئاينىڭ12-كۈنى ماخۇاتېڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى جاڭ جىدۇڭ بىلەن بىرلىكتە ‹شېنجېن شەھەرلىك تېڭشۈن كومپىيوتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى›نى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇردى.ئەينى چاغدا شىركەتنىڭ ئاساسلىق كەسپى سىمسىز تور چاقىرغۇ سىستېمىسىنى ئېچىش ئىدى.شىركەت قۇرۇلغاندىن دەسلەپكى چاغدا ئاساسلىقى چاقىرغۇ ئىستانسىلىرىغا توردا چاقىرىش سىستېمىسى ياساپ بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى.بۇ خىل كەسىپ بارلىق ئوتتۇرا-كىچىك تور مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى دېيىشكە بولاتتى.بۇ ھازىرقىQQ نىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى.1999-يىلى 2-ئايدا تېڭشۈن شىركىتى ئىنتىرنېتنى ئاساس قىلغان پەيتلىك خەۋەرلىشىش تور قۇرالى تېڭشۈن پەيتلىك خەۋەرلىشىش دېتالى Tencent Instant Messenger(قىسقارتىپ TMياكىQQدېيلىدۇ )نى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.ئۇ لايىھەلىنىشنىڭ مۇۋاپىقلىقى،ئىشىلتىشكە قۇلايلىقى،ئىقتىدارىنڭ كۈچلۈكلىكى ۋە سىستېمىسىنىڭ مۇقىم،ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى بىلەن كەڭ ئابونىچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى .(ۋە پۈتكۈل جۇڭگونى پۈركىدى)
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى ۋە بەيدۇ تورى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-12 09:45 PM
|
|
|
|
|
|