مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15602|ئىنكاس: 177

ئابدۇكېرەم ئابلىزغا ئوچۇق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77816
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4453
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2013-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 06:04:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇكېرەم ئابلىزغا ئوچۇق خەت

ئاپتۇرى: ئابدۇكېرەم ئەمەت


ھۆرمەتلىك ئابدىكىرىم ئابلىز قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئوقۇدىڭىزمىكىن ؟قاچانلاردىن بىرى‹‹ مىللەتلەر ئىتتىپاقلقى›› كىيىن‹‹ جوڭگۇ مىللەتلىرى›› دىگەن نام بىلەن ئاتالغان مىنىڭ  20يشىمغا ياش 20ياش قۇشۇش بىلەن بىللە  ئىدىيەمنى ئىجابى زەرەتلەر بىلەن زەرەتلەپ  يېڭىچە تەپەككۇر كۆز  قاراش ئاتا قىلغان . مەزكۇر ژورنالنىڭ 2012-يىللىق6- ساننىنى قولۇمغا ئېلىپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكدىن پالتاجى توختىنىڭ ‹‹ئىتۇت ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز ›› دىگەن تىمىسىدىكى ‹‹كەلىمىسنى ››ئوقۇپ چىقتىم . دىگەندەك ئاپتۇر كەلىمىسىدە  ئىتۇتنىڭ كىلىپ چىقىشى،ئۇنىڭ  ھەر خىل سەنئەت كىچىلىلىرىدە  تۇتقان ئورنى ھەم خەلقىمىزنىڭ ئۇنى نىمە ئۇچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ھەمدە ئىتۇت سەنئىتىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىش كىرەكلىكى ھەققىدە  ئۆزىنىڭ قىسقىچە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا  بولۇپ ئىتۇتنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەقىياتىغا نىسبىتەن ئوموملاشتۇرغان چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرۇغا قويغان. ئاپتۇر ئىتۇتقا ئالاقىدار بۇرۇنقى، ھازىقى ئىشلارنى تەپسىلى يازغان ئەمما كەلگۈسى ھەققىدە  قۇللاققا ياققۇدەك گەپ يۇق . قىسقىسى  پىكىرىدا يىڭىلىق ۋە  ئۆزگىچىك يوق.  تەپەككۇردا  ڭەڭلىك ھەم چوڭقۇرلۇق كەمچىل بولۇپ ، ئىتۇتنى  سەنئىتىنى  زادى  قانداق قىلىپ  ياخشىلاش ھەققىدە ئىنىق بىر كۇنكىرىت بولغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. مىنىڭچە ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىتتۇتلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بولماستىن ئىتتۇتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىدۇر  .

ھۆرمەتلىك ئابدىكىرىم ئابلىز.مەن ھەر قېتىم 2004- يىلىدىن   تاكى 2013-يىل بىشىغىچە بولغان يىلدا بىر قېتىم چىقىرىلىۋاتقان‹‹ كۆپ قىسىملىق›› ياكى ئايرىم مەزمۇندىكى،  مەزمۇنى يېڭى ،تىلى يۇمۇرلۇق ۋە ئورۇنلاش ۋە  تىخنىكىسى سەۋيىسى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى شۇنداقلا   باشقا جەھەتتە يىلسىرى ياخشى ئورۇنلىنىپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىتوت كېچىلىك  پىلاستىكىلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈپ سېتىۋىلىپ، ئۇنى  ئۆزبىگىستان ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مىللىتىمىزگە   تونۇشلۇق بولغان ئارتىسلىرىدىن مەخمۇتجان دارايىف ،رەيھان ھەمرايىۋا، جەمىلە ساتتارىۋا... قاتارلىقلارنىڭ ساپ بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇنلانغان ،ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر تەرجىمانسىز كۆرەلەيدىغان نۇمۇرى  بىلەن سىزنىڭ بىر قىسىم ‹‹ ئەبجەش›› تىلدا ئورۇنلانغان نۇمۇرلىرىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ، ئەگەر بۇ نومۇرلارنى‹‹ ئەبجەش›› تىلدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان دېھقان مىللەت دەپ ئاتالغان مىللىتىمىز ئىچىدىكى كۆپ قىسىم دىھقان- چارۋىچىلار ،چوڭ ياشتىكىلەر ،ھۈنەرۋەنلەر، قىسمەن سودىگەرلەر، چەت ياقىدا ياشايدىغانلار قېرىنداشلىرىمىز  بۇ نومۇردىن قانچىلىك  ھوزۇرلىنار دەپ ئويلايمەن . مەن  مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن گەرچە سىز بىلەن كەسىپداش بولمىساممۇ لىكىن سىزگە بولغان ھۆرمىتىم، ئىتوتچىلىقىمىزنى تىخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش  تۈرۈتكىسىدە  كۆڭۈل سۆزلىرىمنى  ياق، خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى سىزگە  دىيىشنى لايىق تاپتىم.  

ئابدىكىرىم ئابلىز ،سىز خېلى بۇرۇنلا سەھنە- ئېكرانغا چىقىپ نۇرغۇن نومۇرلارنى ئورۇنلىغان بولسىڭىزمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز يازغان  ھەم  ئورۇنلىغان ‹‹مۇتىھەم سودىگەر ››،‹‹ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى ››دېگەن نومۇرلىرىڭىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە تونۇلۇشقا باشلاپ،‹‹ ئات تاپقىچە ئىشەك مىنىش ›› كە چىكىتتىن بىرنى قويۇپ ،‹‹كاج بىمار››غا ئوخشاش تەرجىمە قىلغان ياكى ئۆزلەشتۈرگەن نومۇرلارنى ئورۇنلىمايدىغان بولدىڭىز ھەم بۇ ساھەگە رەسمى قەدەم باستىڭىز ۋە مۇشۇ كەمگىچە توققۇز  قىتىملىق ئۆز نامىڭىزدىكى  ئىتۇت كىچىلىكىڭىزنى ئۆتكۈزدىڭىز ۋە  پىلاستىنكا قىلىپ بازارغا سالدىڭىز  ، ئۇلارمۇ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەچكە بازىرى ياخشى بولۇپ  ‹‹ گەز دىنمۇ، ئەندىنمۇ ›› پايدا ئالدىڭىز.  خۇددى ئىنسانلار ئۇچۇشنى قۇشلاردىن ئۆگىنىپ كېيىن قۇشلارنى ھەسەتتە قويغاندەك ،سىزمۇ كېيىن ئىش باشلاپ كەسىپداشلىڭىزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىڭىز. يەنى،‹‹ بۇرۇن  چىققان قۇلاقتىن ،كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كەتتى››. شۇڭا، خەلقىمىزمۇ ئەجرىڭىزگە لايىق سىرنى كۈلدۈرگە چولپىنى دەپ ئاتىدى . بۇ خەلقىمىزنىڭ سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزگە شۇنداقلا بۇ يولدا كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىڭىز، تالانتىڭىزغا  بەرگەن ئەڭ يۈكسەك باھاسى . مېنىڭچە، بىر سەنئەتكارغا نىسبىتەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شان - شەرەپ يوق.  شۇ  ۋەجىدىن  بۇ نامغا ھېچ كىشىنىڭ كۆزقىرارتىشىغا ھەققى يوق ھەم مۇمكىنمۇ ئەمەس . چۈنكى سىز بۇ نامغا ‹‹ئارقا ئىشىك ››  ئارقىلىق يول مېڭىپ  ياكى پۇل خەجلەپ ئېرىشمىدىڭىز. ئەكسىچە، خەلقىمىز ئۆزى پۇل خەجلەپ تۇرۇپ بەردى.

ئابدىكىرىم ئابلىز ، سىز‹‹ قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ يىتىشكەن ›› ئارتىس.چۈنكى، ئۆزىڭىز يازىسىز ھەم  ئورۇنلايسىز، رىژىسورلۇقمۇ ئۆزىڭىزدىن. كىنولاردا رولمۇ ئالىسىز ، ئاۋازمۇ بېرىسىز ،ئىلان ماركىدىمۇ بار  شۇڭا سىز‹‹ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئەمەس ››بەلكى، ‹‹كۆپكە قادىر ،كۆپكە ماھىر ››تالانتلىق سەنئەتكار. ياخشى ئىجادىيەت - بىر خىل يېڭىچە تەپەككۇز ھەم ئۇسۇل  بىلەن ياراتقان  جاپالىق مەنىۋى ئەمگەكنىڭ شىرىن مېۋىسى ھەم  قەلەم ئىگىسىنىڭ ھالال قان- تەرى ئارقىلىق  ياراتقان ئۆزىگە خاس ھۆسنى جامالى، ئۆزگىچە خاس خۇشبۇي پۇرىقى بىلەن  سەنئەت ئەھلىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈل - غۇنچىلەردىن تىزىلغان، خەلقنىڭ قەلبىگە گۈزەللىك نۇرىنى چاچىدىغان ئەڭ يېڭى مەنىۋى گۈلدەستە . شۇنداقلا، يېڭىچە روھ تارقىتىدىغان  روھى مەشئىلى، يەنى- دانكونىڭ قولىدىكى ئوت .ئون يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بىرى يازغان ھەم ئورۇنلىغان  50دىن ئارتۇق ئەسەر  ئۇنىڭ ئىجتىمائى ئۈنۈمى ۋە تەسرى  بۇنىڭ دەلىلى. سەنئەتنىڭ ئالاھىدىلىگى مەڭگۈ يېڭى بولۇش نۇقتىسىدىن يېڭى ھەم ئىجتىمائى ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان نومۇرلاردىن ‹‹بۇزۇق تېلىۋىزور››دېگەن نۇمۇرلىرىڭىز ئارقىلىق، بىر مەزگىل خەلقىمىزنىڭ ئۆرىپ- ئادىتىگە قىلچە ھۆرمەت قىلىنمىغان ئاشكارا  ۋە ياكى  يوشۇرۇن شەھۋانى مەزمۇندىكى (گەرچە پۈتۈنلەي ئۇنداق دىگىلى بولمىسىمۇ ) رادىيۇ-تېلىۋىزورلارنى قاپلاپ كەتكەن، راست يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈلمەي ئاقچىنىڭ قۇدرىتى بىلەن تارقىتىلىۋاتقان داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان بولسىڭىز ، ‹‹يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام ›› ئارقىلىق،  ‹‹گۆش كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىش ›› كە ئوخشاش  بىر قىسىم يېزا- قىشلاقلاردىكى تۆۋەننى بېسىپ،  يۇقىرىنى ئالداپ ، بۆكىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىسا ،  بۆكنىڭ ئىچىدىكىنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ  كېلىدىغان، ئەمەل -ھوقوق تاماسىدا كېچىسىلا ئەمەس ھەتتا كۈندۈزدىمۈ ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغان  رەڭۋازلىق قىلمىشلىرى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە  ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدىغان<< مىتە>>لەرنىڭ ئەدىپىنى بەردىڭىز ، ‹‹يىراقتىكى موللام دا موللام ›› ،‹‹بەش مىليۇنلۇق خىيال ›› ئارقىلىق ئۆز سەنئتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزگىلەرنىڭكىدىن چوڭ بىلىدىغان ناچار خائىشلارنى  قامچىلىدىڭىز  ھەم باشقا مەزمۇندىكى ساغلام دورامچىلىقلاردىن مۇستەسنا نومۇرلىرىڭىزدا تەسۋىرلىگەن مەسىلىلەر ئىچىدە قانداقتۇر ئىددىيىسى ۋاقتىدا ئەملەنمەي، ئېغىر دەرىجىدە ۋېرۇسلانغان ياكى ئالىقاچان ئىدىيىسى يۇقۇملىنىپ كۈچلۈك ئانتىبئوكىتلارمۇ تەسىر قىلمايدىغان قۇشلار ئېلىپ كىلىپ ،جەمئىيەتنىڭ چاڭقىغان ياكى نەملىكى ئېشىپ كەتكە تۇپرىقىغا چۈشۈپ، خۇددى  بۆلدۈرگەن مايسىلىرىدەك ئەتراپقا  يامراۋاتقان يېڭى شەيئى ھادىسلەردىن تارتىپ  تاكى ئوخشىغان مېۋىزارلقتا ئۈنگەن يۇلۇپ تۇرسىمۇ ئۈزلۈكسىز يامراۋاتقان شۇمبۇيا ياكى خوخا - يانتاقلاردەك  خاتىمە بەرمىسە بولمايدىغان  كونا ھادىسلەرگىچە بولۇپ ، سىز بۇ نومۇرلىرىڭىزدا بۇ ھادىسلەرگە يوشۇرۇنغان ماھىيەت ۋە ئاقىۋەتلەرنى راۋان، ئۆتكۈر ،يۇمۇرىستىك تىل  ۋە ھەركەت چىرايىڭىز بىلەن ئىپادىلەپ كىشىلەرنى ياخشىلىققا، توغرا يولغا ئۈندەش بىلەن بىللە ئۇلارغا زوق ئاتا قىلدىڭىز . ‹‹ جىددى تەييارلىق›› دىگەن ئىتۇت ئارقىلىق رول ئېلىشىتىكى تالانتىڭىزنى  نامايان قىلدىڭىز  ۋە باشقىلار . خۇلاسە كالام شۇكى ،سىز خەلقىمىزنى بەزىدە ئاچچىق كۈلكە بىلەن، بەزىدە تاتلىق كۈلكە بىلەن تەربىيىلەپ، بۇ ساھەگە تۆھپە قوشتىڭىز . سىز بۇ جەھەتتە تامامەن باش بارماققا لايىق .ئەمما ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەش جەھەتتە سىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىڭىزنى  ئۇيغۇر تىلى تارازىسىدا  ئۆلچەپ  تۇرۇپ باھا بەرسەك باش بارمىقىمىزنىڭ سىزنى كۆتىرىشكە يۈزى قىزىرىدۇ.  يەنى، ھازىرىچە سىز يېزىپ ئورۇنلىغان 50دىن ئارتۇق نومۇر ئىچىدىكى  بىر قىسىم كۈلكە نۇقتىلىرىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تەرجىماندىن بىرسى لازىم . ‹‹ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ ›› ناملىق ئىتوتتىكى دىئالوگ: ‹‹ئەگەر جىنايىتىڭىزنى تاپشۇرسىڭىز خوگو بىلەن ، شىرىكلىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز موگو بىلەن مېھمان قىلىمەن ››...‹‹ ئىقرار قىلىپ بەرسىلە يانچۇقچى ئاكا، ئەممو قىلىپ قويىمەن ›› ...‹‹  دىققەت قىلىڭ  ، بۇ يەردە جاۋتۇڭ بار. كەچۈرۈڭ ، دۆڭنىڭ كەينىدە  چاۋسۇنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن ››  ... دېگەندەك .باشقا نۇمۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بار. سەھىپە ئىھتىياجى بىلەن كۆپ تۇختالماي  ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا  بۇ خىل <<ئەبجەش>> تىلدا سۆزلەيدىغان خاتا ئىللەت ناھايىتى قويۇق . بۇلۇپمۇ زىيالىيلاردا ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىل بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ باشقىلار زورلىمىسىمۇ ‹‹ قىستۇرۇپ›› سۆزلەپ كېتىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنى چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىكى بىلەن ھېساپلاشمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قىسمەن ناخشا  ۋە ئەسەرلەدىمۇ بار، ئەمما سىز تۇرمۇشنى تەسۋىرلىدىم دەپ ئەسىرىڭىزدە بۇلارنى  يازماسلىقىڭىز كىرەك ئىدى . گەرچە سىز ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇرلىرىدا مۇنداق سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلمىسىڭىزمۇ لېكىن سىز شۇنداق قىلدىڭىز. ئامما‹‹  چۈشۈنمىدىم››دىگەن نۇمۇر ئارقىلىق  ئىتۇتى ئارقىلىق  ‹‹ ئەبجەش ››  سۆزلەشنىڭ خاتالىقىنى تەنقىتلىدىڭىز.  ئۇندىن باشقا‹‹ خالاجاي ››دىگەن ئىتۇتىكى قىسمەن سۆزلەرنى  سەھنىدە دىيىشكە،بىر قىسىم  ھەركەتلەرنى سەھنىدە قىلىشقا  تازا مۇۋاپىق ئەمەس. سىز بۇ نۇمۇرىڭىزدا تازىلىقنى ياخشىلاش  كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولسىڭىزمۇ جالا جاينى يىزىش ، ئېلىپ چىقىش مەنچە بىھاجەت. بۇ سىزنىڭ نامىڭىزغا قىلچە ماس كەلمەيلا قالماستىن ئەكسىچە،  ئوبرازىڭىزغا ئېغىر نۇقسان كەلتۈرىدىغان ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ھاۋالەنكى، شۇنداق تۇرسىمۇ سىزنىڭ نۇمۇرلىرىڭىزنىڭ بازىرى ياخشى .10-15 قىسىملىق  كىنو پىلاستىنكىلىرىنى بازاردىن بەش يىۋەنگە ئۈستەك بىرىپ ساتسىمۇ ئالىدىغانلار كۆپ ئەمەس ،ئەمما سىزنىڭ نۇمۇرلىرىڭىزنى خەلقىمىز يەنىلا ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدۇ  . بۇنى دىسەم ‹‹ئۆچكىنىڭ ئېچىلىپ قالسا ھېچ گەپ يوق ، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت-ھويت››مۇ  دېگەن تەمسىلىنى ئېسىڭىزگە ئېلىۋالماڭ.  بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىق بىلىپ تۇرۇپ ئىچكەن زەھەرگە ئوخشايدۇ . چۈنكى، مىللىتىمىز ئىچىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ  ئىدىيىسىدىكى قارىغۇلارچە شەخىسكە چوقۇنۇش ئىدىيىدىسى تېخىچە مەۋجۇت. قىسمەنلىرى بولسا  پىكىرنىڭ توغرا- خاتاسىنى ئايرىشتا شۇ پىكىرنى كىمنىڭ دېگەنلىكىگە قاراپ باھا بېرىدىغان بولغاچقا  شۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە  دەيدىغان ياكى قىلغىنى بويىچە قوبۇل قىلىۋىرىدۇ . خۇددى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى خاتادەك . شۇڭا ئالدىنقىسىنىڭ خاراكتىرى شاتۇتنىڭ بولسا ،كېيىنكىسىنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن  چىشى موزاينىڭ خاراكتىرىدۇر.

ئابدىكىرىم ئابلىز ،مۇشۇ كەمگىچە ئەدىپلەرنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى ياكى سەنئەتكارلارنىڭ مەخسۇس سەنئەت كىچىلىكى ئۆتكۈزگەنلىرى .ئابلىكىم كەلكۈن ، ئادىل مىجىت ، خەيرىگۇل ھەسەن، خاسىيەت قۇربان ... قاتارلىقلار بۇلۇپ  يالغۇز سىزلا ئەمەس، ئەمما رەسىمىنى  ئۆزى ئاران كۆتىرەلىگىدەك  گىرانىت تاشقا ئويۇلۇپ تەقدىم قىلىنغانلىرى پەقەت ۋە پەقەت سىز .كەسىپداشلىرىڭىزنىڭ  ئىچىدە ناخشىغا قېتىلغانلىرىمۇ پەقەت سىز.  بۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ سىزگە بولغان ھۈرمىتىنىڭ ماڭا ئوخشاشلا  يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەيسىز . گەپنى قىسقارتسام ، سىز پىشقان ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ  بۇرۇن ئىكران كەينىدە ئىدىڭىز ، ھازىر ئىكران ئالدىغا چىقتىڭىز. بۇ بىر ياخشى ئىش، ئەمما    سىزنىڭ ئاۋاز بەرگەن كىنودىكى ئاۋازىڭىز بىلەن سەھنىدىكى ئاۋازىڭىز، يەنى - تىلىڭىز ئوخشىمايدۇ. لىكىن سىز ھامان ئوخشاشلا  ئارتىس پەقەت سورۇن ئوخشىمايدۇ، خالاس  . ئانداقتا نىمە ئۈچۈن ئىكران ئالدىدىكى تىلىڭىز  بىلەن كەيىنىدىكى تىلىڭىز ئوخشىمايدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز ؟ چۈنكى سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىز،ئوننەچچە يىللىق خىزمەت  تەجىربىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز  بىلەن ‹‹ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرىت ھەر مۇقامغا يورغىلار ››ياكى ‹‹يېڭى توغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس ›› دېگەن تەمسىلنى سىزگە تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ .

ئابدىكىرىم ئابلىز، بىز ھەر يىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك بايراملاردىن قۇربان ھېيىت ، روزا ھېيىت ياكى نورۇز بايرىمى كىچىلىكلىرىدە سىزنىڭ نۇمۇرلىرىڭىزنىڭ بولىشىنى ۋە بايرام خۇشاللىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىشىڭىزنى  بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز ، ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن نومۇرلىرىڭىز يوق .شۇنمۇ  سىلىشتۇرۇپ كۆرمەي بولمايدۇكى ؛ ھەر يىللىق باھار بايراملىق  سەنئەت كىچىلىلىرىدە خەنزۇلارنىڭ داڭلىق ئىتۇت ئارتىسلىرىدىن؛ جاۋبىنشەن ، سۇڭ دەندەن ، خۇۋاڭ خۇڭ، گودا، سەي مىڭ، فەن  ۋىي،  فىن گوڭ...قاتارلقلار بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.   ئەپسۇسكى ، بۇ چاغدا كەسىپداشلىڭىزنىڭ نۇمۇرلىرى بايرام خوشاللىقىنى يۇقىرى پەللگە كۆتىرىدۇ.(قىسمەن چاغدا خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن نومۇرلامۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ ) بىلمىدىم، سىز يازغان نۇمۇرلىڭىزنى بۇلارغا ماس كەلمەيدۇ دەپ  بەرمەمسىز ياكى پۇل تۆلىمەي كۆرىدىغان نۇمۇرلارغا ئوشۇق كېتىدۇ  دەپ بەرمەمسىز ؟  بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئۆزىڭىزگە ئاياندۇر. لىللا گەپ قىلىغاندا  مۇتەخەسسىلەر سىزنىڭ نۇمۇرىڭىزغا يۇقىرى باھا بەرمەيدۇ. مەن سىزنىڭ نومۇرلىرىڭىز تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ دەپ قارايمەن.سىز ئەسەرلىرىڭىزنى ‹‹ خامانغا دۆۋلەپ›› ئۇنىڭ سۆزلىرىنى  مۇتەخەسىسىلىك غەلۋىردە  تاسقاڭ .ئاندىن لىلالىق تۈگمىنىگە ئاپىرىپ  ئۈن تارتىڭ .قانىچىلىك ئۈن چىقار قانچىلىك كىپەك. شۇنداق بۇ يەردە ئالقىش سادالىرىمۇ يوق ئەمەس .بىلىشىڭىز كىرەككى ؛  ئاممىنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە باھاسى پەقەت مەسىلىنىڭ  بىرلا  تەرىپى. چۈنكى ئادەم چاڭقاپ كەتكەندە قىسمەن چاغدا  سۇنىڭ پاكىز ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماسلىقى مۇمكىن .ئېغىلدا باققان چارۋىلارنىڭ يەيدىغان ئىچىدىغانلىرىنى  تاللاش  ھوقوقى ھەم ئىمكانىيىتى يۇق. چۈنكى ئۇلار تۈرمىدىكى گۇناھسىزلار بولۇپ ئىگىسى بەرگەننى يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ . شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بىر مۇتەخەسىس . بىر مىللەتنىڭ يازغۇچى- شائىر ۋە سەنئەتكارلىرى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەركىلىرى، سىز يۇقىرقىدەك سۈپەتلىڭىز بىلەن جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشۇنداق خاتا خائىشلارنى خۇددى ئىتۇتلىرىڭىزدا توسىغاندەك   توسۇشتا ئاكتىپ‹‹كاتالىزاتۇر›› بولىشىڭىز كىرەك ئىدى .لىكىن ، سىز ئەكسىچە قىلدىڭىز. بۇ ئەلۋەتتە سىز ئويلاپ باقمىغان بىر مەسىلە .

‹‹قەشقەر›› ژورنىلىنىڭ2006 - يىللىق 6-سانىغا بېسىلغان ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ ‹‹روزى سايىت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىگى›› ناملىق ماقالىسىدا  شائىرنىڭ تىل ئالاھىدىلىگى ھەققىدە توختىلىپ ،ئۇنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى مۇئەييەلەشتۈرۈش بىلەن بىللە شېئىر مىسرالىرىدىن پاكىت كۆرسىتىش ئاساسىدا شائىرنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ، تىلدىكى بۇلغىنىشنى توسۇش ،ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى تەكىتلەپ  مۇنداق دېگەن: ‹‹تىلنى بۇزۇش ئاسىيلقتىن دېرەك بىرىدۇ . چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قېنىمىز ھەم جېنىمىز ،ئۇنى قوغداشتا شائىرلارنىڭلا ئەمەس ھەمىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار ، بولۇپمۇ يازغۇچى شائىرلىرىمىز تىل ئۇستىسى بولغانكەنمىز ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى جان كۆيەرلىك بىلەن قوغداپ ئۇنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز كېرەككى ،ھەرگىز پىكىرنىڭ ئىپادىلىنىشى ،رېتىم ،تۇراق، قاپىيىنى دەپ ئۇنى بۇزماسلىقىمىز لازىم ››. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ‹‹ شائىر روزى سايىت  قىسمەن ۋاقىتتا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا تىلىمىزنى بوغۇم ئېھتىياجى بىلەن كەمتۈك ئىشلىتىدىغان، ئاخبارات تىلىنى ئىشلىتىدىغان، ئەرەپ- پارىس تىلىنى قارا - قويۇق قوبۇل قىلىدىغان ، تىلىمىزنى بۇزىدىغان ئەھۋاللاردىن خالى بولالمىدى ، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى قاپىيىگە سۆرەپ كىرىپ ‹‹ئەبجەش›› تىل ھاسىل قىلدى . بۇلار گەرچە مىڭدىن بىر بولسىمۇ بىز ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي تۇرالمايمىز ››. مېنىڭچە ، يۇقارقى بايانلاردىن سىز ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق تەرەپلەرنى تاپالايسىز .  ئابدىكىرىم ئابلىز ، ھەر كەسىپ ئەھلىگە نىسبىتەن ئۆزى سۆيگەن كەسىپ ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر . بىر ئارتىسقا نىسبىتەن خەلقنىڭ قوللىشى، مەدىتى، ھۆرمىتىدىن شۇنداقلا ئۇلارغا ياڭراتقان ئالقىشتىن  ئارتۇق ئىش يوق . سەھنە- سەنئەتكارلارنىڭ جەڭ مەيدانى. جەڭ مەيدانىدا قانداق قىلساق قىلىپ دۈشمىنىمىز ئۈستىدىن غالىپ كەلسەك بولىدۇ ،ئەمما سىز جەڭچى ئەمەس نېمە دېسىڭىز دەپ ‹‹غەلبە ›› قىلىدىغان. ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى››ژورنىلىنىڭ 2005- يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان مەمەت باغراشنىڭ ‹‹ئۇلار بولمىسا بولمايدۇ››سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا سەھنە، ئېكران  تىلى مەسىلىسىدە مولاھىزە قىلىپ : ‹‹ ھازىرقى تىل  ئىستېىمالدا ئانا تىلىمىزنىڭ بۇلغىنىشى - بۇزۇلۇش ھادىسسسى بىر قەدەر ئېغىر ، تېلۋىزىيە خادىملىرى ناھايىتى پاساھەتلىك تىل ئۇستىلىرى بولۇشقا تىگىشلىك بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقى ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەر مىنۇت ئەستىن چىقارماسلىقى، جەمئىيەتتىكى بولغانغان ، بۇزۇلغان تىللارنى ئېكرانغا سۆرەپ كىرمەسلىكى  ، ئەكسىچە ئانا تىلنىڭ ئىززىتى ۋە ساپلىقىنى قۇغداشقا ئاڭلىق تۆھپە قوشۇشلىرى ، ئۆز ئاغزىدىن چىقىۋاتقان تىلنىڭ توغرىلىق ئېنىقلىق دەرجىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ›› دېگەن . بەر ھەق ، تىل سىزنىڭ ياكى مېنىڭ ئەمەس ھەممىمىزنىڭ تىلى .كۆپ تىللىق بولۇش ئەلۋەتتە  ياخشى ، ئەمما مۇھىمى ئۇنى سۇرۇنغا قاراپ ئىشلىتىش ئۇنى بىلىشتىنمۇ ئەلادۇر .  شۇڭا تىلنى گاھىدا ئەمەس ئۆز ‹‹جايىدا ›› ئىشلىتىش كىرەك . چۈنكى ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلغاندا ئاندىن ھەقىقى باھار بولىدۇ .مەن يۇقارقى قۇرلار ئۈچۈن ئات چاپتۇرىۋاتقان چىغىمدا  ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› ژورنىلىنىڭ 2005- يللىق 1- سانىغا بېسىلغان خەلچەم رىشىتنىڭ ‹‹ ئەدەبىياتىمىزنىڭ قوينى ئىللىق بولسا ›› ناملىق ماقالىسىدىكى : ‹‹بىز قاچانغىچە خەقنىڭ سالىرىنى ئۆزىمىزنىڭ لاچىنلىرىغا تەڭ قىلمايمىز ، بۈگۈنكى  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان، جاھانغا تونىتىدىغان كىشىلەر دەل بۈگۈنكى كۈندە ھاردىم- تالدىم دىمەي ئۆگىنىۋاتقان ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقان ، توختىماي يېزىۋاتقان ، ئەدەبى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېىشلىغان كىشىلەردۇر ، ناۋادا بىز ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى پۇتلاپ يىقىتىش بەدىلىگە خۇشھاللىنىپ يۈرسەك ، ئۇ ھالدا ، ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىن ،كەلگۈسىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈدەك بىرەر يازغۇچىمىزنىڭ چىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ ؟›› دېگەن قۇرلىرى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ ئېتىمنى  توختىتاي دېگەن بولساممۇ لېكىن ئانا تىلىمىزغا بولغان موھاببىتىم، تىل ئۇقۇتقۇچىسى بولۇش سالاھىتىم ،  مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا بولغان ئارزۇيۇمنىڭ تۈرىتكىسىدە   ئىتىمنى  دىۋىتىپ چىپىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم . ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يازىدىغان بىر دوستۇم بۇ يازمامنى كۆرۈپ سەن بۇ ئىشتا : ‹‹   ‹ھالىمغا باقماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن ›  دېگەندەك ئىش قىلىۋاتامسەن قانداق؟ › ››دېدى ماڭا. مەن ئۇنىڭغا ‹‹  ‹ دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›ئەمەسمۇ ؟›› دېدىم جاۋابەن . ئەلۋەتتە، يۇقارقىلارنى ‹‹دىمىسەم دىلىم كۆيىدۇ ، دىسەم  تىلىم كۆيىدۇ ››. دەرۋەقە ،دۇنيادا نۇقسانسىز نەرسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى،  نۇقسانسىز بۇ ياسالما سۈپەت ياراتقۇچىغا خاس سۈپەتتۇر. لېكىن ، نۇقسان قانچىكى ئاز بولسا شۈنچە ياخشى . چۈنكى، شەيئىلەرنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز نوقسانلىرىنى تۈگىتىش ئۆز- ئۆزىنى ئەلالاشتۇرۇش جەريانىدۇر.  

ئابدىكرىم ئابلىز، ھەمىمىزگە مەلۇمكى سەنئەتنىڭ بازارغا يۈزلىنىشى، ئۈن - سىن ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى، كومپىيۇتىر تېخنىكىسىنىڭ ئوموملىشىشى ، مەۋھۇم دۇنيا ئىنتىرنىت تورىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاپلىنشى  بىلەن  سەنئەتنىڭ قىسمەن تىل توسقۇقلىقى بولمىغان تۈرلىرىدىن ئۇسسۇل، مۇزىكا ، رەسىم ۋە باشقا ساھەلىرىدە ناھايىتى زور جانلىنىش، يەنى : دەۋىرگە ماسلىسىش ھەم ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىششنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە يۈكسىلىش ئېلىپ كىلىش بىلەن  بىللە تىلنى ۋاستە قىلغان چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى ۋە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى . ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت يۇقارقىلا  بولماسلىقى مۇمكىن .

ئابدىكىرىم ئابلىز ،مەن ئىتوت دېگەن ئاتالغۇنىڭ  ئەسلى مەنىسىنىڭ نىمىلىگى ، تىلىمىزغا قايسى تىل ئارقىلىق سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇر لۇغەت تەركىۋى بىلەن سەھنە سەنئەت تۈرلىرىنى بېيىتقانلىقىنى دەپ بىرەلمىسەممۇ، لىكىن بۇ خىل سەنئەت شەكلىگە خەلقىمىزگە ئوخشاشلا ئامراق . نۆۋەتتە ئەلنەغمە، ئىتۇت ئىجادىيەتچىلىرنى تاسقاپراق سانايدىغان بولساق، بەش بارمىقىمىز ئېشىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن  ئۇرۇنلىغۇچىلارمۇ خۇددى بۇ خىل سەنئەتنى ئورۇنلاشنى كۆتىرە ئېلىۋالغاندەكلا ئاز  .  ئەمما، بىزنىڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەرنى قوللايدىغان خەلقىمىز بار . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ ھەتتا بەزەنلىرى پۈتۈن دەسمايىسىنى دوغا تىكىپ تاپقان مىڭلاپ- تۈمەنلەپ پۇللىرىنى ‹‹مەشرەپ››كە سەنئەتكە قانداق مەخسەت بىلەن بولمىسۇن سەرىپ ئەتتى . ئۇندىن باشقا خەلقىمىز ئۆزى توختىماي ئىشلەۋاتقان ھەرخىل سەنئەت پىراگىراممىلىرى، كىنو ،تىلفىلىملىرى، ھەرقايسى مەتبۇئات ، گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ھەرخىل شەكىل ۋە  مەزمۇندىكى ئەسەرلەر يېزىلىپ تۇرىلىۋاتقان نەشىر قىلىنىۋاتقان توم- توم رومانلار زور ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىلى . ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر قوشۇنىمىزمۇ سەرخىل ھەم  سانىمۇ ئاز ئەمەس.  ئەمما ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى،  بۇ ساھەدە شۇنداق ئاز ئىجادىيەتچىلەر . ‹‹مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق ›› دەپ خەلقىمىزنىڭ  بۇ خىل سەنئەت شەكلىگە ئامراق بولىشىغا قارىماي بۇ خىل سەنئەت شەكلىنىڭ شىرەم تۇققانلىرىدىن بولغان چاخچاق  ، ئىيتىشش، سۆز ئويۇنى، لەپەر ۋە باشقا تۈرلىرىنى  سەھنىدە كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق. يازمايۋاتامدۇ ياكى ئورۇنلىمايۋاتامدۇ ؟ قوشۇن بارغانچە ئازلاپ كەتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟  بىز ئامىرىكىلىق  كومىدىيە پىشىۋاسى چارلىز  چاپلىدەك يۇمۇرلۇق ھەركەتلىرى بىلەن خەلقىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن  ئورۇن ئالغان  مەرھۇملاردىن ئۇيغۇر  كومىدىيە ئۇستازى ئەمەت ئۆمەر،  ئۇيغۇر ھازىرقى زامان كومىدىيە - لەپەر سەنئىتىنىڭ پىشىۋاسى  يولۋاسخان ئىمىن ، ھەسەن يۈسۈپ ، ئابدۇقادىر ھاجىم،ئوسمان ئابدۇۋاھىت ...ھاياتلاردىن  خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك دىلكىشى، تەڭداشسىز قىزىقچىسى، قانچە قېتىم شۈمسەكمۇ، تاتلىقى تۈگۈمەيدىغان ھەم كىچىكلەپ تۈگەپ  كەتمەيدىغان ئاجايىپ كەمپۇتتەك تاتلىق گەپ قىلىدىغان چاخچاقچى ، زامانىمىزنىڭ ھايان نەسىردىن ئەپەندىسى ھېسام قۇربان ئاكا،  پىشقەدەملەردىن  يۈسۈپ سالى، توختى قۇربان سايىت ، ئابدۇقىيۇم يۈسۈپ، ... قاتارلىق پىشقەدەم سەنئەتكارلارنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدۇق. يەنە قانداقتۇر بىز بىلەن ئىسمى ئانچە  تونۇش ئەمەس. ئەمما، سەھنىدىكى ئوبرازى  ۋە چىرايى  تونۇش سەنئەتكارلار، بىر مەزگىل كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكا- ئۇكىلار ۋە خۇددى ئاچا- سىڭىللاردەك بىر جۈپلەر ۋە بۇ  ساھەدە ئەمدىلا‹‹ ئايىغى چىققان›› ،‹‹  بۇرۇتى خەت  تارتقان›› ۋ ە‹‹شاپىقى تۇرلاشقان››لارنى  سەھنىدە كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق، شۇڭا سىز يازغان ‹‹تىلنىڭ سۆڭىكى يۇق ››دېگەن نۇمۇرلىرىڭىزدە ئېيىتقاندەك بىز ئۇلاردىن ئەنسىرەپ قالدۇق. مۇھىمى ، سەنئەتلىرىمىزدىن ئەنسىرىدۇق . چۈنكى، مۇشۇ كەمگىچە 100 نەچچە سان‹‹ مەشرەپ››  شۇنىڭ بىلەن تەڭ ياش دىگۈدەك ھەر خىل ۋە سەر خىل  كېچىلىك  ئىشلەندى . ئىتوتلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولىشىغا قارىماي لەپەر ۋە  ئەلنەغمىنىڭ باشقا تۈرلىردىن ئېتىشىش، كومىدىيىلىك سۆزلەش: ھەر خىل  سۆز ئويۇنلىرى، مەسىلەن ؛غىزا ھەققىدە لەتپە ، تارازىنى تەڭپۇڭ تۇتۇڭ ،تاققۇ- تۇقۇ ...  قۇشاقچىلىق: راۋاپ ۋە دۇتتارلىق  قوشاق مەسلەن ؛ بەش مىنىۇت  ...  ھەجۋى كومىدىيە، مەسىلەن: ئىگىز- پەس ئاشىق- مەشىق... دوراش ماھارەتلىرى، مەشرەپ ئويۇنلىرى   ۋە باشقا  ئىجادى قىزىقچىلىقلار  يوق دىيەرلىك .  ئەكسىچە، ناخشا- ئۇسسۇل مۇزىكا  كۆپ .

ئابدىكىرىم ، ئابلىز ئۇيغۇر  خەلق مەشرەپلىرىنى دۇنيا مىراسىغا  كىرگۈزۈش  مۇناسىۋىتى بىلەن يەرلىك  خەلق مەشرەپلەر  قېزىلىش بىلەن بىللە نۇرغۇن ئەلنەغمە ۋە  قىزىقچىلىق  نۇمۇرلارمۇ قېزىلدى .  مېنىڭچە،  مەشرەپتە  قىزىلغان خەلق سەنئىتى نۇمۇرلىرىنى ئارتىسلالا  سەھنىگە ئېلىپ چىقىش  شەرت ئەمەس.  چۈنكى، قېزىشتىكى مەخسەت ئۇنىڭ ئىگىسىنى تىپىش ۋە  ساقلاپ يېتىش بولماستىن   كىڭەيتىش ئارقىلىق ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟  بۇ جەھەتتە خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئورۇن بىرىش يىتەرسىز. بۇ جەھەتتە بىز باشقىلاردىن كەينىدە قالدۇق.  پىكرىمنىڭ توغرا خاتالىقنى باشقا تىلدىكى مۇشۇ تۈرگە كىرىدىغان پىراگىراممىلارغا قاراپ باقساق بىلەلەيمىز .

بىلىسىز، گەرچە يۇقىرقى كەم بولغان  سەنئەت شەكلى  مىكرو بولسىمۇ  ئوخشاشلا سەنئەتنىڭ باشقا ماكرو  تۈرلىرىگە ئوخشاش ئۆز-ئارا بىر- بىرىنى قوللاش، ياردەملىشىش، بىرلىكتە ئىجات قىلىش ۋە باش قاتۇرۇش،  قاتارلقلاردىن ئايرىلالمايدۇ . ‹‹جىددى تەييارلىق››دىگەن نۇمۇردىكى ئورۇنلاش، كىرىشتۇرۇش، ئىكران ئارقا كۆرىنىشى ۋە باشقىلار دەل  ئۆز-ئارا بىر- بىرىنى قوللاش  ، ياردەملىشىش ، بىرلىكتە ئىجات قىلىشتۇر . ئويلاپ باقايلى‹‹ ياخشىمۇ سىز نەسىردىن ئەپەندى››نى قانداقمۇ يالغۇز سىرىكلا دىگىلى بولسۇن.ئۇندىن باشقا ، جوڭگۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى موقامىنىڭ ،CD ،  VCD، DVD  قىلىپ تۆت خىل تىلدا نەشىر قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ دۇنياغا تونۇلۇپ، ئىنسانلار غەيرى ئاغزاكى ماددى مىراس قاتارىغا كىرگۈزىلىشى، شۇنىڭ بىلەن چەتئەللەكلەرنىڭ گەرچە ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسىمۇ مۇقامنىڭ ئورۇنلىنىشىغا، خاسلىقىغا مۇزىكا ئەسۋاپلىرىغا ،كىيىم - كېچەك، ئۇسسۇل ھەركىتى، مۇزىكا، ئۆرىپ- ئادەتلىرىگە ھەيران قېلىشى، مۇقام توغرىلىق  خەلقئارالىق ئىلمى يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشى، مۇقام نەزىريىسىنىڭ قېلىپلىششقا قاراپ يۈزلىنىشى، ئۇنى  تەرەققى قىلدۇرۇش، قوغداش، بوغۇنلارنى  تەربىيىلەش پىلاننى ئېنىق  ئېلان قىلىشى، ئاڭلايدىغانلارنىڭ بارا- بارا كۆپىيىشى، ئوتتورا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىدە مۇقام  دەرسىنى تەھسىس قىلىشىنى ئويلىشىشى، دولان مۇقاملىرىنىڭ تەمىنىڭ دۆلەت ھالقىپ  بىرقانچە دۆلەتكە تونۇلىشى، ئۇنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرىنىڭ تېخىمۇ يىراققا تارقىلىشى ، مەشرەپنىڭ خەلق ئىچىدىكى سەنئەتتىن رەسمى سەنئەت شەكلىدە ئېكرانغا چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشى ، تېخىمۇ چوڭقۇر قىزىلىشى، نەتىجىدە ئۇيغۇر خەلق  مەشرەپىلىرىنىڭ دونيا غەيرى ماددى مىراس قاتارغا كىرگۈزۇلىشى مۇشۇ  خىل مەدەنىيەت ۋە  سەنئىتىمىزنى تەتقىق قىلغۇچى، قازغۇچى، رەتلىگۇچى  خادىملارنىڭ تىرىشىپ ، بەش بارماقتەك ئۇيۇشۇپ، دۇربۇندەك نەزەر بىلەن كەلگۈسىنى كۆزلەپ ،  شەخسىيەتسىز ھالدا قان- تەر تۆككەنلىكىنىڭ شىرىن مېۋىسىدۇر . قىسقىسى ،ئۆزەم ئۈچۈننى، خەلق ئۈچۈنگە. ‹‹مەن››نى ،‹‹بىز››گە ئۆزگەرتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى . ئانداقتا كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان سەنئەت كەسپىدە مەزكۇر كەسىپنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن قاتلىمىدا يۈرەك قېنىنى ھارماي- تالماي سەرىپ قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ئىدىيىسىدىكى، قوساقتىكى بەسلىشىشىنى‹‹ مەرىتىنى، مەيداندا سىنا››يدىغان سەھنىدە ، ماھارەتتە ۋە  ئىجادىيەتتە بەسلىششكە ئايلاندۇرۇش ،‹‹مەن ››ئۈچۈننى ،‹‹بىز ›› ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈنگە ئايلاندۇرۇش سىزچە مۇمكىنمۇ ؟   ئاڭلىسام   شىنجاڭ ئەدەبيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ،  يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، رەسساملار جەمئىيىتى  جەمئىيىتى سىرىكچىلەر،، تىياتىرچلار جەمئىيىتى ، ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى...،. قاتارلىق 11جەمئىيەت بار ئىكەن. ئانداقتا، سەھنە جابدۇقلىرى ئاز، كېتىدىغان ئادەم ئاز ، سەرىپ ئىتىدىغان ۋاقىت ئاز، ئەمما ئىجتىمائى ئۈنۈمى يۇقىرى ، ئىقتىزادى قىممىتى يۇقىرى بولغان يۇقىرقىدەك سەنئەتنڭ تەرەققىياتىنى قەرەرلىك ھالدا كۆرەك قىلىش، كەڭ كۆلەمدە جەمئىيەتتىن  ناخشا  قوبۇل قىلىغاندەك ئەسەر  قوبۇل قىلىپ،خۇددى  مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى قەرەرلىك ئەلنەغمە -  ئىتۇت مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغاندەك مۇسابىقە ئېلىپ بىرىش، مەخسۇس ئەلنەغمە- ئىتۇتچىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بىرىش ۋە ياكى ‹‹ ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى››،‹‹تەڭرىتاغ مۇڭاپاتى››غا ئوخشاش مۇكاپات تەھسىس قىلىش،  ‹‹تەڭرىتاغ››،‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ››،‹‹كىروران ›› قاتارلىق ژورناللار مەخسۇس تەھسىس قىلغان بىر نەچچە  ئەدەبىيات مۇكاپاتى،‹‹قەشقەر›› ژورنىلى ۋە  يەكەن ناھيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە  مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ھەمكارلىششى بىلەن تەھسىس قىلىنغان‹‹ نەفىسە›› گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى ، قەشقەر قۇتادغۇ بىلىگ كىتاپخانىسىنىڭ ماقالە ئوبزۇر مۇكاپاتى، يەنە شۇ ژورنالدىكى قەشقەر‹‹ جەۋلان ›› ئادۇۋكلار ئورنىنىڭ ئادۇۋكاتى ئابدۇرھىم غازىنىڭ قوللىشى بىلەن  تەھسس قىلىنغان ‹‹ غازى ئوغلى›› نامىدىكى نەسرى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئوخشاش مەخسۇس ئىتۇت ئىجادىيەت مۇكاپاتى، ئىتۇت  ئۇرۇنلاش مۇكاپاتى، مىنەۋۋەر ئىتۇت مۇكاپاتى  قاتارلقلارغا ئوخشاش  مۇكاپات تەسىسى قىلىش،  ئۇندىن باشقا ئىتۇتچىلار جەمئىيىتى ، ئەلنەغمە جەمئىيىتى قۇرۇش  ۋە ئەزالارنى تەرەققى قىلدۇرۇش  ياكى‹‹ شىنجاڭ سەنئىتى››ژورنىلىنىڭ  2009-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغان  راخمانجان ئاۋۇتنىڭ ‹‹ سەنئەت ھەپتىلىكى ›› ھەققىدە ئويلىغانلىرىم دېگەن ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئېتۇت، ئەلنەغمە  ھەپتىلىكى ئېلىپ بېرش   ئارقىلىق، ئىجاد قىلىنغان ياكى  قېزىپ رەتلەپ چىققانلارنى ئىمكان بار سەھنە- ئېكراندا خەلققە  نامايەن قىلىش ئارقىلىق سەنئىتىمىزنىڭ  بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى شۇنداقلا، ئەتىسىنىڭمۇ ئەتىسىنى ئويلايدىغان ، بۇ ئارقىلىق سەنئەت بېغىدا رەڭمۇ رەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ ،جۇلالىنىپ تۇردىغان دەستە- دەستە گۈلچەمبىرەكلەرنى تەييارلاپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشتا، بۇ خىل سەنئەت شەكلىنى سۇلىرى داۋاملىق كۈۋەجەپ توختىماي  ئاقىدىغان ، سۇلىرى سۈزۈك  ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ياكى سۇلىرى بولدۇقلاپ تۇرىدىغان بۇلاققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇردىغان ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى بارمۇ يوق، بار بولسا ئۇلار نېمە ئىش قىلدۇ ؟ ئەگەر بولمىسا قۇرۇش مۇمكىنمۇ  ؟  شۇڭا سىز بۇ ساھەدە يولباشچى بايراقدار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئىتۇت - ئەلنەغمە  ئىجادىيەتچىلەر قوشونى  ۋە ئورۇنلىغۇچىلار  قوشونىنى زورايتىش، تەرەققى قىلدۇرۇش قىسقىسى ، بۇ خىل  سەنئەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىغان ياخشى تەكلىپلەرنى بەرسىڭىز، مەنچە سىزدە  ئون يىلدىن بۇيانقى ئورۇنلاش ۋە  ئىجادىيەت قىلىش ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق مۇشۇ ساھەدە بىرەر  تەجرىبە ۋە خۇلاسىگە كەلدىڭىز ھەم كىلىشكە تىگىشلىك. شۇڭا سىز بۇ  قاراشلىرىڭىز ئارقىلىق  ئىتۇتچىلىقىمىزنى يېڭىچە يولغا باشلاشنى ئۆزىڭىزنىڭ نۇپۇز نۇقتىسدىن  ئويلىنىشىڭىز كىرەك . چۈنكى ،‹‹يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى  چىقماس ، دېڭى چىقسىمۇ، چېڭى چىقماس ››تۇر. مېنىڭچە،دىيارىمىزدا  شىنجاڭ سەنئەت  يۇرتىدەك باشلامچىلىرى تالانتلىق، خادىملىرى ساپالىق ۋە ئىناق –ئىتتىپاق ھەم ئەسلىھەلىرى تولۇق،  بەش قوشۇننىڭ خۇددى بەش بارماقتەك قايتىدىن بېرىكىشى، دەل مۇشۇ خەيىرلىك قەدەمنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنىڭ مۇقەدىمىسىدۇر .  مەن سەنئەت سۆيەر خەلقىمگە ئوخشاشلا،  پات يېقىندا دىيارىمىزنىڭ  بۇ خىل سەنئەت شەكلىدە خۇددى بايام دىيىلگەندەك ناخشا ئۇسۇل ۋە   باشقا سەنئەت شەكلىگە ئوخشاشلا،  يېپ -  يېڭى سەنئەت گۈلدەستىلەرنى  تەقدىم ئېتىدىغانلىقىغا خەلقىمىزگە ئوخشاشلا ئىشەنچىم  كامىل . سىزچىچۇ ؟  ئاتلار ئورۇق ، يول يىراق ، چولتا قەلەم بىلەن كاللامغا كەلگىنىنى سىلاپ- سىپىماي تۈزلا ئوتتورغا قويدۇم .‹‹چۆيۈن››دەك  كەتكەن  بولسا، سىزدىن ئەپۇ سورايمەن . بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت ، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك، تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار بولغاي دەپ ئىسىمدىشىڭىز، يۇرتدىشىڭىز ،  مەكتەپدىشىڭىزدىن .

2009  -يىلى11-ئاي  يىزىلدى.  2013-يىلى 1-ئايدا تۈزىتىپ تولۇقلاندى .

قەشقەر شەھەر شامالباغ بازار يالغۇز تېرەك باشلانغۇچ مەكتەپتىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 09:35 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
قەدىر + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
parixta-kiz + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
چېچەك + 220 ئېسىل
Tuzturahk + 50 بارىكاللا، يارايسىز!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 580   باھا خاتىرىسى

دەيمۇ - دىمەيمۇ ؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78710
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2457
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇكىرەمكام  نۇرۇز  ۋە  قۇربان ھىيىت  ۋە روزا ھىيىت  سەنئەت  كىچىلىكلىرىگىمۇ  قاتناشسا  ياخشى  بولىتى  لىكىن  بۇنىڭدا  قانداق  سەۋەپ  بار؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pinhan1122 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 08:57 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94457
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىسىت سېنىڭ ئۆمرۈڭگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92147
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئابدۇكىرىم ئابلىزغا شەك كەلتۈرۈشنى  پەقەت خالىمايمەن، ئويلىغۇممۇ يوق

[color=DarkGreen]ئانا رازى ئاتا رازى، دىل ئازار خۇدا بىزار. [/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14359
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2526 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:20:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى تەپسىلىنى ئوقۇپ چىقتىم مۇئەللىپ، گەرچە قۇرۇلمىدا قىسمەن كەمتۈكلەر ساقلانغان بولسىمۇ مەزمۇن-ئوي پىكىر خېلى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇلغان...
بەلكىم ئابدىكىرىماخۇن تۇمىقىنى ئالدىدىكى كونا ياغاچ ئۈستەلگە ئاستا قويۇپ روقىيەخاننىڭ ئىلمان چىيىدىن بىر پىيالە ئوتلىغاچ ئويلۇنۇپ ئاندىن سىزنى جاۋاپسىز قويمايدۇ.
  
  ئەپسۇسكى مۇنبەردە دەرھال ئىككى قۇتۇپتىكىلەر مارشى ئوقۇلۇپ چاۋشەن بىلەن كۇرىيە ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ قالمىسا مەيلىغۇ...

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92626
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur010 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 09:06 PM
مەن ئابدۇكىرىم ئابلىزغا شەك كەلتۈرۈشنى  پەق ...

خاتالىق بولسا خاتا بولدى دىيىش كىرەك . ئابدۇكىرىم ئابلىز خۇدا بولمىسا شەك كەلتۇرگىلى ، قىلىغان ھەربىر سۆزىنى توغرا دەيدىغان.بىز تاماشىبىنلار خاتا جايلارنى كۆرسىتىپ ، ئىلمىي پىكىر بىلەن سەنەتكارلارنى قايىل قىلساق سەنئىتىمىزنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7548
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەھلىل قىلىپسىز،

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5657
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:34:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوڭىنى بەك كولىۋەتتڭمۇ نىمە؟

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94457
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىسىت سېنىڭ ئۆمرۈڭگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2571
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10697
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 5721 سائەت
تىزىم: 2010-6-12
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئەگەر جىنايىتىڭىزنى تاپشۇرسىڭىز خوگو بىلەن ، شىرىكلىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز موگو بىلەن مېھمان قىلىمەن ››...‹‹ ئىقرار قىلىپ بەرسىلە يانچۇقچى ئاكا، ئەممو قىلىپ قويىمەن ›› ...‹‹  دىققەت قىلىڭ  ، بۇ يەردە جاۋتۇڭ بار. كەچۈرۈڭ ، دۆڭنىڭ كەينىدە  چاۋسۇنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن ››  ... دېگەندەك .باشقا نۇمۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بار.

دەل مۇشۇنداق سۆزلىگەچكە سىز بىلەن بىز كۈلدۇق قېرىندىشىم، ئادەتتە ئېغىز تىلىمىزدا مۇشۇنداق ئەبجەش سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىمىزغۇ؟ ‹‹ئەگەر جىنايىتىڭىزنى تاپشۇرسىڭىز خوگو بىلەن ، شىرىكلىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز موگو بىلەن مېھمان قىلىمەن ›› نى ‹‹ئەگەر جىنايىتىڭىزنى تاپشۇرسىڭىز ساماۋەر شورپىسى بىلەن ، شىرىكلىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز يەر قالپىقى بىلەن مېھمان قىلىمەن ›› دېسە كۈلىدىغانلار ئەمەس، نېمە دەۋاتقىنىنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن!
گەپكە قايتساق تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى! شۇڭا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى پىكرىڭىزنى قوللايمەن، لېكىن ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭمۇ يۇقۇرىقىدەك ئېغىز تىلى بىلەن ئورۇنلىغان ئېتوتلىرىنىمۇ خاتا دەپ ئېيتالمايمەن، چۈنكى ئۇمۇ بىزنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئېتوتلىرىدىكى ئوبرازلارنىڭ چىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دەپ ئويلايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش