نۇر ئېلىپ پاك ۋۇجۇدۇم، تاپتىم چەكسىز ھىدايەت. تەشنالىققا قانىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن چاڭقاق دىل.
سۆيگۈ بەردى ئانا تىل چەككىنىمدە رىيازەت، تەسۋىرلەيدۇسۈرەتتەك بولسىمۇ قىلياكى پىل،
ئانا تىل ئۇ ئەسلىدە، بىزگە يۈكسەك ئىجازەت، شۇڭا دەيمەن ئەي خەلقىم ئانا تىلنىئۇلۇغ بىل،
ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت. ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇقھەم جىنايەت.
چۈچۈك تىلدا گۇڭۇرلاپ، ئانا دىدۇق ئەركىلەپ، مەھمۇد، يۈسۈپ بوۋىمىز،ئانا تىلدا نۇرچاچقان،
ئاق سۈت بەرگەن ئانىمىز ئەللەي ئەتكەن پەپىلەپ. بەيگىسىدە ھېكمەتنىڭ زەپەر قۇچۇپ يول ئاچقان.
‹‹دادا مىنى ھاپاش قىل ››دىدۇق يەنە ھەجىلەپ، تەۋپىق روھى شۇ تىلدا جاھالەتكە ئوق ئاتقان،
قېنىمىزغا شۇ تىلدىن مېھىر سىڭگەن ھەسسىلەپ، دېمەككى شۇ ئانا تىل، ئەسلىمىزگەتۇتاشقان،
ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت. ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.
بىز شۇ ئانا تىل بىلەن«نان» دىيىشنى ئۆگەنگەن، پەرھات شىرىن كۆڭلىنى ئانا تىلدا بىلدۈرگەن،
ئاتا- ئانا مىھرىنى، ئۇزۇق قىلغان چۈشەنگەن. پاك مۇھەببەت مەنزىلى، ۋىسالىغايەتكۈزگەن.
يېغلىغاندا ئانا تىل بۆشۈكىگە بۆلەنگەن، ئۇ بىزنى گاھ يىغلىتىپ،شاتلاندۇرۇپ كۈلدۈرگەن،
يىقىلغاندا «دادا» دەپ باغرىغا چىڭ يۆلەنگەن، ھىس تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر دېڭىزىغاچۆمدۈرگەن،
ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت. ئانا تىلغا خيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.
شۇ ھەقىقەت ھەممىمىز ئېلىپبەگە يۇلۇققان، كۆكتات دىمەي سەي دىدۇق، كەش ئورنىغا خەي دىدۇق،
ئۇنىڭ ئۆچمەس نۇرىدىن دىلىمىزنى يۇرۇتقان. قالدى چۇكا مۇڭسىراپ، كويزا بىلەن يەيدىدۇق.
ئۇ بىر خىزىر ئەمەسمۇ ئاق قارىنى تۇنۇتقان، گۈرجەك دىيىش تەسمىكىن، قېنى تېشاڭ ئال دىدۇق،
مۇناپىقلىق ئەمەسمۇ ئانا تىلنى ئۇنۇتقان! ئەبجەش بولدى تىلىمىز،زەيكەشلىككە باشلىدۇق،
ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت. ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.