بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 A8 q/ y& _+ _+ P8 ]ياراشماس
(سۆز ئويۇنى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* G& ?$ d) ]; ~9 e3 J$ ]; r
مانتىغا چامغۇر ياراشماس،
قىشتا يامغۇر ياراشماس.
ئەسكىگە ياخشىلىق ياراشماس،
ياخشىغا ساختىلىق ياراشماس.
ئېشەككە ھەسەل ياراشماس،
كېسەلگە غەزەل ياراشماس.
يولسىزغا ھۆرمەت ياراشماس،
ھېچكىمگە كۈلپەت ياراشماس.
تار ھويلىغا كۆچەت ياراشماس،
قېرىغاندا سۆلەت ياراشماس.
تۆگىگە ھارۋا ياراشماس،
قوتازغا ھالۋا ياراشماس.
تەلۋىگە ئوڭ گەپ ياراشماس،
قەرزدارغا چوڭ گەپ ياراشماس.
******
ئاپتۇرى ۋە يوللۇغۇچى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي.
يېزىلغان ۋاختى:1989-يىل 8-ئاي.