مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14422|ئىنكاس: 152

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4986
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر

بەگزات

ئەگەر بىرسى مەندىن ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگۇدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر كىملەر؟ دەپ سورىسا مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇيغۇرلار دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەلكىم بۇ جاۋابىم بەزىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ بۇ جاۋابىم ئەلۋەتتە ئاساسسىز ئەمەس.

سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تولىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. رەسمى ھۆججەت ۋە  تارىخى ماتىرىياللاردا جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭغا كىرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقى، ئۇلارنى نەچچە كۈنگىچە نەچچە چاقىرىم يىراقلىققىچە چىقىپ كۈتىۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. تاكى جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرىپ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەشكىلى ئاپپاراتى قۇرۇلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بارلىق پارتىيە - گورۇھ ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىكىدىن ئەمەلدىن قىلىپ بارلىق تەشكىلى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا پەقەت ۋە پەقەت جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان. لېكىن ئىچكىرى جۇڭگۇدا ئىنقىلاب دەۋرىدە قۇرۇلغان پارتىيە – گورۇھلار يەنىلا ئۆز تەشكىلىنى ساقلاپ قالغان. دېمەك ئۇيغۇرلار جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك جۇڭگۇغا شۇ قەدەر سادىق بولغانكى، پۈتۈن تەقدىرىنى، تەشكىلى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلارنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە تاپشۇرغان. جۇڭگۇدا قېنى قايسى مىللەت مۇشۇنداق قىلالىغان؟ قايسى مىللەت ئۇيغۇرلاردەك جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە مۇشۇنداق ساداقەتمەنلىك كۆرسىتەلىگەن؟ چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنى بۈيۈك جۇڭگۇنىڭ پۇقراسى، شىنجاڭنى 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ تونۇپ كەلگەن. دەل مۇشۇ ساداقىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ كۆزى بىلەن كۆرۈپمۇ باقمىغان بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.

گەرچە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بىر قىسىم بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زىمىنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بىر قىسىملىرى چەتئەللەردە مىللىي بۆلگۈچىلىكنى قۇترىتىۋاتقىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرلار مىللىي بۆلگۈچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۆلگۈچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى غەلبىلىك ھالدا تارمار قىلدى ۋە ئۇيغۇر تەرىپىدىن «ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلىندى. لېكىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە مەركەزدىكى قارا نىيەتلەر بىر قاتار ھوقۇق تارتىۋېلىش ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەتتا ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سادىق پەرزەنتى، ئازاتلىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى باتۇر گېنرال،جۇڭگۇدىكى ئون مارشالنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ ئىز باسارى، ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىەسىنىڭ ماۋجۇشىدىن كېيىنكىلا رەھبىرى لىن بىياۋ ئەكسىيەتچىل گورۇھ تەشكىللەپ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋ جۇشىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، ھەتتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئەگەر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشمىسا جۇڭگۇنى ئىككىكىگە پارچىلاشتەك ئەكسىيەتچىل ۋەتەن ساتقۇچلۇق بىلەن شۇغۇللاندى. مانا بۇ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك رەھبىرى ۋە جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېتىشتۈرۈپ چىققان پارتىيەنىڭ ئوغلىنىڭ قىلغان بۆلگۈچىلىكى. ئۇيغۇرلار بولسا ئەنە شۇ مەزگىللەردە لىن بىياۋ ئەكسىيەتچىل گورۇھىغا مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرغان.

ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەتكە شۇ قەدەر سادىق بولغانكى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كوپراتسىيە دەپ ئاتالغان كوپراتىپ مەزگىلىدە بىرەر قېتىم ئىشلەپ چىقىرىش ئەمگىكىگە كېچىكىپ قالسا ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرى بىرەر ھاجىتى بولسا ئاللاھنى قويۇپ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىدىن ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىشنى تىلىگەن. شۇ مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان سىنىپىي كۈرەشلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئۈزگەن. جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلغان، ئانىلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچ ۋە ئاتىلىرىنىڭ ساقاللىرىنى كەسكەن. ئىش قىلىپ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ھۆكۈم ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلغانكى، بۇنداق ساداقەتمەنلىكتە جۇڭگۇدىكى ھېچقانداق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. مانا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان سادىقلىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ!؟

مەن ئەقلىمگە كەلگىنىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەقىقەتەنمۇ سادىقلىقىنى، ئەگەر دەرىجىگە تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم. ئالايلۇق، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپىمىزدىكى پىيونىر بولغان ئون ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلەنگەن ۋە مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان (لېكىن ھازىر بىلىمەن) ئىنقىلابىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىپقىزىل قىنى بىلەن بويالغان گالاستۇكنى نەچچە كۈنگىچە بوينۇمدىن ئالماي تاقىغان ئىدىم.

مەن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن سادىقلىقىغا شاھىت بولۇپ كەلدىم. تۆۋەندە مەن شاھىت بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەرگە دەپ بىرەي.

بىرىنچى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەر بىر ئائىلىدىن بىردىن ئەمگەك كۈچى ھاشارغا چىقىدۇ!

مانا بۇ 1999 – يىلى كۈز مەزگىلىدە كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سىكىرتارىنىڭ كەنتتىكى بارلىق دىھقانلارغا بەرگەن بۇيرۇقى. بۇ بۇيرۇق باش شۇجى جىياڭ زىمىن قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېرىلگەن. مۇشۇ كەنتتە ياش ۋاقىتلىرىدا ئەترەت باشلىقى بولۇپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان، ئەمدىلىكتە بولسا 70 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىككى بوۋايمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كەتمىنى دولىسىغا سېلىپ ھاشارچىلارغا قوشۇلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە مومىيى ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا ھاشارغا چىققۇدەك ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا سىكىرتارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى شىپى كەلتۈرپ چۈشۈرگەن بۇيرۇقى ئۇلارنى ئاياپمۇ قويمىغان. لېكىن ھاشارچىلار ئولتۇرغان تىراكتۇر يىرىم يولدا ئۆڭتۈرلۈپ كېتىپ باشقا ياش ھاشارچىلار تىراكتۇردىن سەكرەپ قۇتۇلغان بولسىمۇ بۇ ئىككى بوۋاي قاچالماي تىراكتۇرنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئېغىر يارىلانغان.

ئىككىنچى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئورۇلمىغان بۇغدايلارغا سۆرەم سېلىۋېتىمىز!

مانا بۇ 2000 – يىلى بۇغداي ئورمىسى مەزگىلىدە يېزىلىق پارتىكومنىڭ داڭ فامىلىلىك شۇجىسىنىڭ چۈشۈرگەن بۇيرۇقى. تىخى بۇغدايلار سۈت ھالەتتە تۇرغان مەزگىلدە «چوقۇم بەش كۈن ئىچىدە بارلىق بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولۇش كېرەك» دېگەن بۇيرۇق دىھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان. تىخى دىنى تولۇق قېتىپ بولالمىغان، غولىمۇ كۆپكۈك تۇرغان بۇغدايلارنى ئورۇشقا دىھقانلارنىڭ قولى بارمىغان. گويا دىھقانلار بۇغدايلىرىنى ئورۇمايدىغاندەك بارلىق يىزا ۋە كەنت رەھبەرلىرى ئىتىزمۇ ئىتىز يۈرۈپ پىشمىغان بۇغدايلارنى مەجبۇرىي ئوردۇرۇش ئۈچۈن ئورۇشقا دىھقانلارغا بېسىم ئىشلەتكەن. لېكىن بىر يىل يەيدىغان ئاشنىڭ بۇنداق نابۇت بولۇپ كېتىشىنى خالىمىغان دىھقانلار كادىرلارغا يىلىنىپ يالۋۇرۇپ يەنە بىر ھەپتە، ھېچ بولمىغاندا بەش كۈن ۋاقىت بېرىشى ئۆتۈنگەن. لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى دىھقانلارنىڭ ئۆتۈنىشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان. دىھقانلار كادىرلارنىڭ بۇنچىۋېلا رەھىمسىزلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرغاندا يېزىلىق پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى بىر توپ كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ پىشمىغان بۇغدايلارنى ئوررۇشقا پىتىنالمىغان دىھقانلارغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: « پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئورۇلمىغان بۇغدايلارغا سۆرەم سېلىۋېتىمىز!» دەپ جاكارلىغان. بىچارە دىھقانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان سادىقلىقى تۈپەيلىدىن ئۈندىمەستىن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ پىشمىغان بۇغدايلارنى ئورۇشقا تۇتۇنغان. شۇنداقتىمۇ ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئورۇپ بولالمىغان بۇغدايلارغا تىراكتۇر بىلەن سۆرەپ سېلىپ يەرگە چاپلىۋەتكەن.

ئۈچىنچى: ئۆلچەمسىز يېپىلغان سۇلياۋ يوپۇقلار بۇزىۋېتىلسۇن، بۇ دېگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى!

2004 – يىلى ئەتىيازلىق تىرىم مەزگىلىدە تولىمۇ ئالدىراش كىۋەز تىرىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دىھقانلارنىڭ ئىتىزلىرىدىكى سۇلياۋ يوپۇقلىرى يېزا ۋە كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ قىلمىشتىن تىڭىرقاپ قالغان بىر نەچچە كەنت كادىرىغا   يېزىلىق ھۆۈكمەتنىڭ بىر كادىرى غادىيىپ تۇرۇپ: « ئۆلچەمسىز يېپىلغان سۇلياۋ يوپۇقلار بۇزىۋېتىلسۇن، بۇ دېگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇ ئەمەسمۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا كىممۇ قارشى چىقالىسۇن. شۇنىڭ بىلەن دىھقانلار يەنە ئىككىنچى قېتىم سۇلياۋ يوپۇق ۋە كىۋەز ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ كىۋەزلىرىنى قايتا تىرىشقا باشلىدى. ھەممىدىن ھەيران قالارلىقى شۇكى ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ ئىككىنچى قېتىم تېرىلغان كىۋەزلەرگە ھېچكىم ھېچنىمە دېمىدى.

تۆتىنچى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەر بىر ئائىلە چوقۇم سىلۇس ئازگىلى كولاپ سىلۇس ياسايدۇ!

بۇ 2003 – يىلى كۈزدە ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ پۈتكۈل ناھىيەدىكى دىھقانلارغا چۈشۈرگەن بۇيرۇقى. سىلۇس چارۋىلارنىڭ يەم – خەشىكى بولۇپ چوڭ ئازگال كولاپ قۇناق شېخىنى تۇزلاپ شۇ ئازگالغا كۆمۈش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال چارۋىچىلارغا ماس كېلىدىغان بولۇپ چارۋا باقمايدىغان دىھقانلارغا ماس كەلمەيتى. لېكىن ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەر بىر ئائىلە چوقۇم سىلۇس ئازگىلى كولىشى كېرەك ئىدى. بۇ دەل قوناقلار ئەمدىلا سۈت ھالىتىگە كىرگەن، پىشىشغا يەنە 20 كۈنلەرچە ۋاقىت قالغان مەزگىل ئىدى. ئادەتتە دىھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدىغان دىھقانلار ئېتىزىدىن چىقىدىغنان ئازغىنە قوناقنىڭ بىر قىسمىنى چارۋىلارغا بەرسىمۇ يەنە بىر قىسمىنى سېىتپ قىشنىڭ سوغۇقىغا دالدا بولغۇدەك ئوتۇن – كۆمۈر سېتىۋېلىشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلغان ئىدى. پارتىكومنىڭ بۇيرقى ئالدىدا پۈتۈن ناھىيەدىكى دىھقانلار راستىنلا تەمتىرەپ قىلىشتى.بولۇپمۇ بىرمۇ مال – چارۋىسى يوق ئائىلىكلەرمۇ بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا  قىلىشنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى. ناھىيەلىك رادىيۇ ئۇزۇللىرىدا ئەزەلدىن چارۋىنى ئاز باقىدىغان بۇ ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سىلۇس ياساش تەشۋىقاتى توختىماي ئېلىپ بېرىلاتتى. دىھقانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرىغا يىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قويۇشتى، يەنى چارۋىسى بارلار مۇۋاپىق ھالدا سىلۇس ياسىسا بولۇدىغانلىقىنى، لېكىن چارۋىسى يوقلارنىڭ سىلۇس ياساپ ئۆزلىرىنىڭ يېيىشىنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ئېزپ چۈشەندۈرۈشتى. لېكىن كادىرلار بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. كادىرلار كۆزلىرىدىن بىر خىل يىلىنىش ۋە ئەلەم چىقىپ تۇرغان دېھقانلارنىڭ ئالدىغان كېلىپ « پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەر بىر ئائىلە چوقۇم سىلۇس ئازگىلى كولاپ سىلۇس ياسايدۇ!» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىدى. دىھقانلار ھېچنىمە دېيەلمىدى. چۈنكى ئۆزلىرى سادىق بولغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلماي بولمايتى. خام قوناقلار ئورۇلۇپ دىنى بىلەنلا ئازگاللارغا تاشلاندى. مەيلى چارۋىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا ھەممەيلەن تەڭلا ئاتلاندى.

بەشىنچى:  پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بارلىق ئائىلىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ تاملىرىنى ئاقلايدۇ!

2004 – يىلى كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ دىھقانلارنىڭ ئۆزئۆيلىرىنىڭ سىرتقا قارايدىغان تاملىرىنى ھاك بىلەن ئاقارتىشنى تەشۋىق قىلىشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە يۇقرىدىن چوڭ باشلىقلار كېلەرمىش، ئۇلارغا بۇنداق كۆرۈمسىز سەت ئۆيلەرنى كۆرسە يېزىنىڭ شەنىگە داغ چۈشەرمىش. بۇ تەشۋىقاتمۇ دىھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان، چۈنكى تاملارنى ئاقارتىشقا كېرەكلىك ھاكنىمۇ پۇلغا سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇغدايلىرى خام ئوردۇرۋېتىلگەن، كىۋەزلىرى بۇزىۋېتىلىپ قايتا تىرىغان، سىلۇس ياساش باھانىسى بىلەن چارۋىلىرىنىڭ قىشلىق يەم – خەشىكى ئۆكسۈپ قىلىپ چارۋىلىرىنى ئەرزانلا سېتىۋېتىپ قىشتىن ئاران چىققان دىھقانلارغا ھاك سېتىۋېلىپ تام ئاقارتىش راستىنلا ئېغىر كەلدى. لېكىن كەنت كادىرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سۆزمەندىن بىرسى دىھقانلارغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: « پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بارلىق ئائىلىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ تاملىرىنى ئاقلايدۇ!» دېدى. دىھقانلار يەنە غىڭ قىلالامىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت نامىدىن بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتقان يوغان قورساق كادىرغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بوي سۇنۇپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆتنە يىرىم قىلىشىپ ھاك سىتىۋېلىپ تاملىرىنى ئاقارتىشتى. لېكىن يۇقىرىدىن باشلىقلار كەلسە ھالىنى ئېيتىپ پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىدىن ئاز تولا بولسىمۇ ئىسسىنىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن دىھقانلار ئارماندا قىلىشتى، چۈنكى يۇقىرىدىن ھېچقانداق باشلىق كەلمىگەنىدى.

ئالتىنچى: بارلىق ئائىلىلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشى كېرەك، بۇ دىگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بۇنىڭ چىقىمىغا ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدۇ!

2006 – ۋە 2007 – يىللىرى ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ قارارى بويچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش باشلاندى. لېكىن ئولتۇرۇپ قوپۇپلا ئۆي سېلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن ئەمەس.بەلكى ئۆي سېلىشنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بېرىلەتتى. دىھقانلاردا ئۆي سېلىشنى باشلىغۇدەكمۇ ئىمكانىيەت بولمىغاچقا يەنىلا ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلىشنى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن كادىرلار بۇنىڭغا ئۇنىمىدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى نەق مەيدان يېغىنى ئېچىپ « بارلىق ئائىلىلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشى كېرەك، بۇ دىگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بۇنىڭ چىقىمىغا ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدۇ!» دەپ ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئەمدى مىدىرلىماي بولمايتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى چوقۇم ئىجرا قىلىش كېرەك ئىدى. دىھقانلار يەنە بىر قېتىم غەيرەت قىلىپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا تۇتۇندى. ھەر ھالدا پىششىق خىش، تۆمۈر ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ چىقىمىنى ھۆكۈمەت بەرگەنمۇ بولدى. لېكىن ياغاچ -تاش، ئىشىك – دىرىزە، قۇم - شىغىل، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى، سېلىنغان ئۆيلەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇش يەنىلا دىھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. قۇم ۋە شىغىل زاۋۇتلىرى، ياغاچ زاۋۇتلىرى، ئائىلە جابدۇقلىرىنى ياسايدىغان شىركەتلەر شۇ يىللاردا تازا بېيىۋالدى. شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت دىھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلۇشىغا بەرگەن مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولمىدى.

يەتتىنچى: ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى كېلىدۇ، ھەر بىر ئائىلىگە يوللارنى بۆلۈپ بىرىمىز، سۇ چېچىىشڭلار كېرەك، بولمىسا پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان بولىسىلەر!

2008 – يىلى يازدا ئەترەت باشلىقىنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ دېگەن بۇ گېپىدىن راستىنلا ھەيران قالدىم. قىززىق ئىش، ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى كەلسە كېلىۋەرمەمدۇ. ئەجەبا ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى كەلسە دىھقانلار يولغا سۇ چاچمىسا سىياسەتكە قارشى چىققان بولامدىكەن!؟ لېكىن ئويلىنىپ قالدىم، ئەگەر بۇ راستىنلا سىياسەت بولسا پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولۇپ قالمايلى دەپ ئەترەت باشلىقىنىڭ گېپىگە نارازى بولۇپ تۇرغان  ئىنىمغا دېدىم: «ھېلىمۇ ياخشى كاڭشىخان كەلمەيدىكەن، بولمىسا توپا يولغا تىزلىنىپ باش قوياركەنمىز، ۋىلايەتنىڭ شۇجىسى كەلسە  يوللارغا سۇ چېچىش سىياسەت بولىدىغان بولسا سۇ چاچايلى، سۇ چېچىپ بولۇپ ئۆيىمىزدىكى كىگىز – گىلەملەرنى ئېلىپ چىقىپ يولغا پايانداز قىلىپ سالايلى، بولمىسا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولۇپ قالمايلى يەنە».

پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق دىھقانلار يوللارغا يىرىم كۈن سۇ چاچتى، لېكىن ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى ئولتۇرغان   ماشىنا سۇ چېچىلغان يولدىن ئەمەس، بەلكى ماي ياتقۇزۇلغان چوڭ يولدىن ئۇدۇل ناھىيە تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

سەككىزىنچى: چۆجە ئالمىغانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان ھېسابلىنىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!

يەنە شۇ 2008 – يىلى. دۆلەتتىن  بېرىلىدىغنا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئەمدىلەتىن ئومۇملىشىۋاتقاندا يېزىلىق پارتىكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دىھقانلارغا بېرىلىدىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپلەت پۇلىنىڭ ئورنىغا چۆجە تارقاتتى. قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق بولمىغان سان – ساناقسىز چۆجىلەر كەنت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ قورۇسىغا كەلتۈرۈلدى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ ھەر تۆت يۈەنىگە بىردىن چۆجە توغرا كەلتۈرلۈپ ھېسابلىنىپ دىھقانلارغا تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئالدى تۆت – بەش يۈز، ئارقىسى 50 – 60 چۆجىنى سىۋەت بىلەن ئۆيلىرىگە توشۇۋاتقان دىھقانلار كادىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە تىگىشلىك بولغان پۇلنىڭ ئورنىغا چۆجە تارقاتقانلىقىغا نارازى بولغاندا كەنتنىڭ سىكىرتارى گىلىنى قىرىپ: «چۆجە ئالمىغانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان ھېسابلىنىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن دىھقانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقماسلىق ئۈچۈن چۆجىلەرنى ئۆيلىرگە ئېلىپ كېتىشتى. لېكىن بۇ چۆجىلەر دىھقانلارغا بىر ئاپەت بولدى. چۆجىلەرنىڭ يەم خەشىكى ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان خىراجەت دىھقانلارنىڭ يىرىم يىللىق خىراجىتىنى سورۇپ تۈگىتىۋەتتى. بىرەر ئاي بولمايلا چۆجىلەر كىسەل تىگىپ ئۆلۈپ تۈگىدى.

بۇ مەن شاھىت بولغان ئىشلارنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا خالاس. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ ساداقەتمەن بولۇش ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈچى كۈچلەر، قانۇنسىز دىنى ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋان تىرورچىلارغا قەتئىي  قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتىىپاقلىقى بايرىقىنى تېخىمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قانداق سىياسەتلىرىگە پەرمانبەردارلىق بىلەن ئىتائەت قىلىپ، رەھبەرلەر «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى» دەپ نىمىنىلا بۇيرىسا شۇنى بەجاندىل ئىجرا قىلىشلىرى كېرەك! چۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەردۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 12:30 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
iltebir + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Azizan + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
turkinaz0992 + 150 دەلىللەر يېتەرلىك
tax1 + 59 پارتىيەگە تۈمەنمىڭ رە.
arkenkaxka + 99 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 418   باھا خاتىرىسى

ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىش ئۇنى ئىسپاتلاشتىنمۇ مۇھىم!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1272
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 45338
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8223 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى دوستلار،تېمىدا بەگزات ئەپەندى ئۆزى كۆرگەن ئەمەلىي رېئاللىقنى يېزىپتۇ.بىزمۇ شۇنىڭغا لايىق جاۋاب قايتۇرساق.بىر چاغلاردا ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ‹‹ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت››دېگەن تېمىسىمۇ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.چۈنكى،تېما مۇنبەرگە چىققاندا يېزىلغان ئىنكاسلار دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەت رامكىلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ ياخشى تېمىنىڭمۇ مۇنبەردە تۇرۇشى ،ياخشى تېمىلارنىڭ داۋاملىق چىقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ھېسىيات بىلەن ئەمەس،ئەقىل بىلەن ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 07:58 PM  


ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31113
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11402 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ج ك پ غا شۇنچە ساداقەت بولساقمۇ بىزنىڭ بۇ ساداقىتىمىزدىن بەزىلەرنىڭ گۇمانلىنىشى بەك ئەجەپلىنەرلىك ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 04:00 PM  


ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93035
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۈكۈمىتىمىز ھامان بىر كۈنى بۇنى بىلىپ يېتىدۇ ، ئىشەنچىم كامىل . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zerdar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 04:03 PM  


تامنى بۇزغان زەي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41678
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6388 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:58:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆرە قوپسا ماڭغىدەك تىما بوپتۇ بۇ.

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31113
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11402 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur414 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 03:58 PM
ئۆرە قوپسا ماڭغىدەك تىما بوپتۇ بۇ.

قانىتى بولسا ئۇچقىدەك.

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:14:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاتىيە -ھۆكۈمەتكە رەھمەت.
ئۇلار بولمىغان بولسا بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك  بەختىيار كۈنىلىرىمىز بولمىغان بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:17:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلار پارتىيە ھۆكۈمەتكە شۇنداق سادىق تۇرساقمۇ شەھەرلەردە،  قۇرىۋالغان توساقلاردا باشقىلار بىلەن كارى يوق پەقەت بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك،  يانفونلىرىنى قانۇنسىزلارچە، ئاختۇرۇپ ئازراق دىنى مەزمۇندىكى نەرسىلەر بولسا، تۈرمىگە سولاپ يۈرەكئالدى قىلىۋىتىپ بارىدۇ. قانۇندىكى دىنى ئەركىنلىك بىزدە ئاقمىدى! بوزەكنى بوزەك قىلمىسا قىيامەتتە سورىقى بار.!  دەپ شۇنداق قىلامدىغاندۇ يا!؟؟؟؟!!!! .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:18:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ! راسلا ساداقەتمەنكەنمىز ! ساداقەتمەن مىللەت دەپ مەركەز قاناللىرىدا تەشۋىق قىلسا بۇلىدۇ بىزنى ،نىمىش قىلىدىغاندۇ مۇش خەق !!

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85445
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاڭلار،ئوشۇق گېپىم يوق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش