مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2496|ئىنكاس: 20

سىيىت نوچى :مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




    سىيىت نوچى :مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ ؟




                                                                        فىليەتون

                                                               تۇرسۇن ياسېن (ئارسلان )




     شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىم بىلەن يەنە ئانچە -مۇنچە مەتۇراق تەرەپلىرىممۇ بار ئىدى ، پات-پات ئۆستەڭبويى ياكى خام بازىرى تەرەپلەردىكى ساماۋەرخانا ، چايخانىلاردا بوۋايلار بىلەن ئولتورۇپ چاي ئىچىپ قىززىق - قىززىق پاراڭلىرىنى ،ئۆتمۈشلىرىنى ، دىيارىمىزنىڭ تۈنۈگۈنىدىكى مويسىپىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلايتىم ، ئەلۋەتتە ، بەزى بوۋايلار ياشلىقىدا قايسى قىزغا كۆيۈپ قالغىنى ، قانداق تەلەپ قويغىنى ، قىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىتقا تالىتىۋەتكىنى دىگەندەك پاراڭلارنىمۇ قىلىشىپ كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋىتەتتى . بۈگۈنمۇ يەنە بىر چايخانىدا بوۋايلار بىلەن بىللە ئىدىم.
- ‹ھازېرقى ياش باللاردا ئۇنداق يۈرەك يوق › دەپ قوياتتى بوۋايلار،
-ھازېرقى ياش باللا ئاۋال ئۆيدىن چىقماي قىزلاغا خەقنىڭ تىلپۇنىدا تىلپۇن قىلىپ بىر گەپ قىسسام تىللامسىز ياقمۇ ؟دەپ ئاۋال خېتىنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن گەپ قىلىدۇ ، ئاچچىقى كەلمىسە لازا يەپ باقىدىغان باللارزە مۇشتا قىلىدىغان گەپ .
-شۇشۇ ، ھازېر قىزباللارننىڭ دادىسى ھېلىقى ياش ۋاقىتلىرىمدا ھازېرقى مەزلۇمۇمنىڭ دادىسى رەھمەتلىك مىنى ئىتقا تالىتىۋەتكەندەك بىر ئىتقا تالىتىۋىتىپ باقسۇن قېنى، ‹ كۆتۈر كەشىڭنى ،قىزىڭنى چىكەڭگە تاڭ ، دورا پۇلۇمنى تۆلەيسە› دىيىشتىن يانمايدۇ بۇ باللا .
بۇ بوۋاينىڭ گىپى ئازراق ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما كۈلكىدىن قەتئىي ئۆزۈمى تۇتالماي كۈلۈپ تېلىقىپ كەتتىم .
ھەممەيلەن دۈررىدە مىدىرلىشىپ ‹سىيتاخۇن كەلدى ، سىيتاخۇن كەلدى › دىيشىپ كەتتى ، يا ئاللا بۇ كىشىگە خۇدايىم بوي دىگەننى  بىر كىشلىك بىرىپتىكەن ، مىنىڭ بېشىمدىن يېرىم مىتى ئاشىدىغان ئىشىكتىن بېشىنى ئىگىپ كىردى .
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئاغرىدىم دەپ دۈم يېتىۋالماي ئامان تۇرۇپ بەردىڭلارمۇ ؟ سىيىت نوچى  پويىزدەك بوڭ ئاۋاز بىلەن شۇنداق چاق -چاق ئارلاش سالام بىلەن كىردى ، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ چايخانىنى سۇپۇسىنىڭ تۆر تەرىپىدىن ئورۇن بەردۇق ، قىسقىلا دۇئادىن كىيىن چايخانىدىكى پاراڭلار يەنە ئەسلىگە قايىتتى .
-مۇشۇ سىيتاخۇننىڭ ھازېرقى خوتۇنىنى قانداق ئالغىنى ھەممىدىن قىززىق .دىدى بىر بوۋاي كوماك ئاغزىدا خىر -خىر كۈلۈپ .
-ھەھە ، سىيىتكا ، قانداق ئالغانتىڭىز ، دەپ بىرىڭا ، دىدى مەندىن سەل چوڭ دىمەتلىك ئاشخانىلارغا سۇ توشۇپ جېنىنى باقىدىغان توختى ئىسىملىك بىر بالا .
-ئىشقىلىپ قېيناتامغا سۇ توشۇپ بىرىپ يالۋۇرۇپ ئالمىغان . سىيىت نوچىنىڭ بۇ چاقچىقىنىڭ  تېگىگە يەتكەن ھەممىمىز يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ تېلىقىپ كەتتۇق .
- ھە شۇ ، سۇ توشۇپ بىرىپ ، بولسا پۇتىنى تۇتۇپ قويۇپ ئالاي دىسەممۇ ماڭا يوق ئەمەسمۇ شۇ ، دىدى توختى  قولىدىكى گىردىنى پىيلىدىكى چايغا تۆگۈرگەچ .
- دەڭلا سىيتاخۇن ، ما ياش باللارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالسۇن ، دىدى بىر بوۋاي .
-سىلىمۇ قىززىقكەنسىلە ، سىلەر قاچان سىيتاخۇننىڭ ئكزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئانداق قىلدىم ، مانداق قىلدىم دەپ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ باققان ؟ مەزلۇمنىڭ ئىشىنى دەپ بىرەمدۇ ، مانا مەن دەپ بىرەي ، دىدى دائىم پاراڭ - لەتىپە دىگەننى تۆكىۋىتىدىغان مەخسۇم بوۋاي .
-  ماقۇل ماقۇل ، دىيىشتۇق .
- سىيتاخۇننىڭ قېيناتىسى رەھمەتلىك ئەمما مەھەللىدە بىر ئادەم ئىدىكى ، ئەمما ئاچچىق دىگەننى خۇدايىم رەھمەتلىككە بىر كىشلىك ئەمەس بەش - ئالتە كىشلىك بىرىپ قويۇپتىكەن دەپ قالاتتىم ئەمما ، شۇ چاغلاردا يەڭگىمىزگە نۇرغۇن يەلەردىن ئەلچى كىرگەن ، ھەتتا ھېلىقى سىلە بىلىدىغان ، ھازېر ئۆزى قاسىمھاجى دىيۋالغان قاسىم بەڭگىمۇ دادىسى -ئانىسى ‹قايسى ھالىڭغا ئەلچى بولىمىز ›دىسە ئۇنىماي تىزلىنىپ يۈرۈپ ئەلچى كىرگۈزسە مويسىپىتلارغا قاتتىق گەپ قىلالماي ئوغلۇڭلارنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرىشەي دەپتىكەن ، قاسىم ئىشكتىن قىسىلىپ ھويلىغ كىرشىگىلا ‹ ساڭا بىرىدىغانغا چۈشۈپ قالغان قىزبالا يوق › دەپ بىلىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ھويلا تېمىدىن ئەسكى چاپاندىن پىرقىرىپ ئاتسا يولنىڭ بويىدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپتىكەن ، بۇنى بىزنىڭ خوتۇن كۆرۈپ قاپتىكەن ، ھاھا ، ھەممىمىز قىززىقسىنىپ ئاخىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتۇق .
- ھەي خۇدايىم دىگەن كىمنىڭ ئوتنى كىمگە سالىدۇ ھېچكىم بىلمەيدىكەن ، شۇ ئوت سىيتاخۇنغا چۈشۈپ قالدى ، ئىككىيلەن ئۆزارا كۆيۈشۈپ يۈرسىمۇ ئەمما قىزنى دادىسى نەچچە قېتىم ئەلچىلەرنى قۇرۇق قايتۇردى ،شۇنىڭ بىلەن سىيتاخۇن رەھمەتلىك قېيناتىسىنىڭ قىزنى ئاسان بەرمەيدىغىنى پەملەپ چوڭ يولدىلا رەھمەتلىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ ‹ئۇرسىلىمۇ ، تىللىسىىلىمۇ مەيلى ئۆزلىرىنى ئاتا ، قىزلىرىنى خوتۇن قىلىشنى ئىرادە ئەتتىم ، دەپ قول باغلاپ تۇردى ، رەھمەتلىك‹ قىز بەرسەم بولدى مۇشۇنداق بىلىنى باغلىغان ئەركەككە بىرەي › دەپ چىرايلىق تويىنى قىلىپ قويغان . ھاھا.
-قالتىس ، قالتىس دىيىشىپ كەتتۇق .
- سىيىتكا بىر گەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئاغزىدىن بىر ئاڭلايلى ،دىدى باياتىندىن بىر چەتتىرەك جىم ئولتۇرغان خالىق دىگەن دۇكانچى كىشى سەل ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ . مۇشۇ ھازېرقى كومپارتىيەنىڭ زامانىسىدا سىلىنىڭ ئۆلۈملىرى توغۇرلۇق ھەرخىل پاراڭلار بولىدۇ ، بەزىلىرى سىلىنى سىيىت نوچى ، سىيىت گاڭگۇڭ ، ھەقىقى ئەركەك دىيشىدۇ ، يەنە بەزىلەر سىلىنى ئەخمەق ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى مۇشۇ قەشقەرگە كۆتۈرۈپ كەلگەن، مىنى ئۆلتۈر دەپ مەمەدان نوچىلىق قىلغان نادان،نوچى ئەمەس بېشىغا چىققان پوچى دىيشىدۇ ،  زادى بۇ ئىشقا ئۆزلىرى نىمە دەيلا ؟ بۇ ئادەم ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق ياغاچتەك تۈزلا گەپ قىلىدغان ئادەم ئىدى .
پۈتۈن چايخانا بۇ گەپتىن چىۋىن ئۇچسا بىلگىنى بولغۇدەك تىمتاس جىمجىتلىققا چۈمدى . ئۇنى نىمە دەر دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراشتۇق . سىيت نوچى قولىغا ئالغان پىيالىدى چاينى گۈپپىدە ئىچىۋىتىپ پىيالىنى تاققىدە يېنىدىكى شىرە ئۈستىگە قويدى . شۇ تاپتا ماڭا ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت يېنىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى .
- جان دىگەن ئاللاھنىڭ بىز ھەربىر بەندىسىگە قىلغان ئامانىتى ، دەپ سۆز باشلىدى ئۇ .  ئاللاھ ئۆزىنىڭ تاپشۇرغان ئامانىتىنى ئۆزى قايتۇرۇپ ئالغۇچىدۇر ، شۇل سەۋەپ بىزنىڭ بىراۋنىڭ قېنىنى ھارامدىن تۆكۈشىمىز كەچۈرگۈسىز گۇناھ بولۇپلا قالماي ، ئۆز جېنىمىزنىمۇ بىراۋغا بىھۇدە تاپشۇرۇشىمىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بىلەن ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئامانىتىگە قىلىنغان خيانەتتۇر .
-دۇرۇس ، دۇرۇس ، دىيشىپ باش لىڭشىتىشتۇق .
- كىچىكىمگە شەرت -شارائىتلار سەۋەبىدىن ئىلىم ئىشىكىدىن يىراق بولۇپ قالغىنىم راس ، لىكىن ئاللاھ ماڭا بۇ ئىشىكنى يىراق قىلغىنى بىلەن ھەق - ئادالەت ، ئىنسانلىق يولىنى يىراق قىلغىنى يوق .  شۇ قېتىم قەشقەرگە كىلىش سەپىرىگە ماڭغنىمدا ۋاڭ ماڭا قەشقەر ئامبىلىغا يوللىغان خېتىنى تاپشۇردى ، ھەم چوقۇم ئىگىسىگە ئامان تاپشۇرۇشنى قاتتىق جىكىلىدى ، ھەممىڭلارغا ئايان ، ئامبال - دوتەيلەر خەت -چەكلىرنى ھېچقاچان باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ يوللىغان ئەمەس ، ھەمىشە مەخسۇس ئادەملىرىدىن مەخپىي يوللىشىدۇ ، مەشقاۋۇل بولغان چاغلىرىمدا بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ چۈشەنگەنمەن . گەرچە خەتنى ئالغان بولساممۇ لىكىن كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇردى ، دىيارىمىزدا تۇرغان قايسى بىر يات تىلدىن بولغان ئەمەلدار ، ۋاڭ غوجىلاردىن بىزگە ياخشىلىق يانغان ؟ ئۇنىڭ سەل گېلى قۇرىدى بولغاي ساماۋەرچى رېھىم بوۋاي لىقلىغان چاينى يەنە بىر ئوتلىدى .
شۇنداق قىلىپ سەپەرگىمۇ چىققان بولدۇم . ئايالىمغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىش - ئېيىتماسلىقنىمۇ بىلمىدىم ، ئاخىرى بولماي  ئۇنىڭغا ئېيىتتىم ، ئۇمۇ تەشۋىشكە چۈشتى ، لىكىن ئىككىلىمىز قانداق قىلىشنى بىلمەيتۇق ، شۇ خىياللار بىلەن سەپەرنى داۋام قىلىۋاتقان ئىدۇق ، سىلەر بىلىسىلەر، ھېلىقى كۈنىدە سەپەر ئۈستىدە بىر بوۋايغا ئۇچۇرىدۇق ، بوۋاي ئۇنىمىساق -ئۇنىماي ئۆزى ئاچقان دەڭگە بىزنى باشلاپ بىر كىچە قوندۇرۇپ قالدى ، سەپەر ھاردۇقى يەرتتى بولغاي غىزادىن كىيىن قاتتىق ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن ، لىكىن ئاللاھ ساڭا نىسىپ قىلغان ھالال جۈپتۈڭ سىنىڭ غېمىڭنى ئۆزۈڭدىن بەكرەك يەيدىكەن ، ئۇ كىچىدە خەتنى ئېلىپ بوۋاينىڭ مەدرىستە ئوقۇيغان نەۋرىسىگە ئوقۇتقۇزۇپتۇ ، بىر چاغدا مىنى ئويغاتتى ، ‹نىمە ئىش ؟› دىسەم بۇ خەت دەيدۇ ، بوۋاي ، بوۋاينىڭ نەۋرىسى ، مەن ھەم ئايالىم تۆتىمىز كۆردۇق ، ھەقىقەتەن مىنىڭ ئۆلۈمنامەم ئىكەن ، بېشىمغا چاقماق تەككەندەك بولدۇم ، كىچىچە قانداق قىلىشنى ئويلاشتۇق ، ئاخىرى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى قەشقەر دوتىيىنىڭ كونا دوستۇم ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، كىچىلەپ ئاتلىق ئۇنىڭغا بۇ ئىش توغۇرلۇق خەۋەر يوللاتقۇزدۇق ، خەتنى يۈتتۈرسەم ، كۆيدۈرسەم ئېنىقكى ۋاڭنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىققان ئىسيانكار بولۇپ كاللامنى ئېلىشقا ئۆزۈملا يول تېپىپ بەرگەن بولىمەن ، ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ ، ئۈستىدە ۋاڭنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان ، ئەتىسى قەشقەر دوتىيىدىن خەۋەر كەلدى ، خەۋەردە مىنى خاتىرجەم بولۇشقا ، ئۆزىنىڭ ئامالى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ، تولۇق ئىشىنىپ كىتەلمىسەممۇ كونا بۇرادەرلىكىمىزنىڭ يۈزىدىن بولسىمۇ باشقا ئىش چىقماس دەپ سەپەرنى داۋام قىلىپ قەشقەرگە يىتىپ كەلدۇق .  لىكىن قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن دوتەي ئارقامغا پايلاقچىلارنى سېلىپ قويدى ھەم كۆرۈشكىنىمىزدە ھېچ ئىشنى بىلمەس بولىۋالدى ، بۇ ئىمانسىزلار ئاللىقاچان تىل بىرىكتۈرىشىۋالغان ئىكەن ، ‹دوسىت دىگەنلەر ئاتتى مۇش  ، ئىنساپ بارمۇ شەيتاندا › دىدىم غەزەپتە ، شۇنداق قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولدۇم ، كۆزۈم ئەزىز يۇرتۇم ، ئانا دىيارىمنى دەپ كەينىمدىلا قالدى ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆلىمىگە ئېچىنمايمەن ، ھەم شۇنداقلا ئاخشىمى خوتۇنىنى ئويغاتمىسا خالاغا يالغۇز چىقالمايدىغانلارنىڭ سىيىت ئەخمەق ،نادان دىيىشلىرىگىمۇ پەرۋايىم پەلەك ، شۇنداقلا مۇشۇ ئۈگىنەي دىسەڭ ئۈگىنەلەيدىغان زاماندىمۇ ھورۇن - بىكارچىلىق بىلەن يۈرگەن نىمىلەرنىڭ سىيىت قاراقوساق دىيشىگىمۇ پەرۋايىم پەلەك ، مەن نوچىمۇ ئەمەسمۇ ؟ سىلەر بۇنى تالاشماڭلار ، مەن جاۋاپ بىرىشىم بىھاجەت ،قاچانىكى مىنىڭ ئۆلۈمۈم سىلەر كىيىنكىلەرگە ساۋاق بولىدىكەن مەن شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزۈمنى نوچى دەيمەن . مىنى  ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى مىنىڭ شۇ ئۆلۈمۈمنىڭ كىيىنكىلەرگە يەتكۈدەك ساۋاق بولمايۋاتقىنىدۇر .  ئۇ شۇ سۆزلەر بىلەن قولىدىكى چاينى گۈپ قىلىپ ئوتلىدى -دە گۈس - گۈس دەسسەپ چىقىپ كەتتى .


ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4123
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30637
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8990 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى زاماندا ئۆلگەن ئادەمنى ھازىرقى زاماندىكى  تىرىكلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپسىز،دىئالوگدىكى پاراڭلارمۇ قىزىپ قويۇپتۇ.لېكىن نەدىمۇ ئۆلگەن ئۆلۈك كېلىپ تىرىكلەر بىلەن سۆزلشىدىغان ئىش بار؟!ۋەقەلىكنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرسىڭىزمۇ بىرەر ئورۇنلۇق سەۋەپ،ئىلمى توقۇلما بىلەن ئالمامسىز؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 02:29 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10798
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:30:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت!  بۇتىما ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ!  شۇنداق !؛ سىيىت نوچى يالقۇن روزى دىگەندەك ئەخمەق ئەمەس! بەلكى، مەرىتلىكنى، دوستلۇقنى، ئامانەتنى جېنىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان بىر نوچى! ئەجەبا بىز، تۆمۈرخەلپە، خوجانىيازھاجى سىيىتنوچى.......قاتارلىق ئەل قەھرىمانلىرىنى (سەن دۈشمەن دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭ ) دەپ تىللاپ يۈرسەك بولامدۇ!؟! ....ئۇلار ئۇچرىغان تەقدىردىن ئىبرەت ئېلىپ يولىمىزنى توغىرلىشىمىز كىرەققۇ دەيمەن!؟!؟ ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10798
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:35:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           سىيىتنوچى
         
مەرىتلەرنىڭ مەرتى سەن سىيىت نوچى،
نوچىلارنىڭ سەركى سەن سىيىت نوچى.
  ئاجىزلارغا  باشپاناھ  بولۇپ  ھەردەم،
رەزىللەر يۈركىنى مۇجۇ دۇڭ بەردەم.
  ئامانەتنى ئۈستۈن بىلدىڭ جېنىڭدىن،
گاڭگۇڭلىقنى ئايرىمىدىڭ يېنىڭدىن.   
  قورىقمىدىڭ ماڭدىڭ مەرتلىك يولىدا،
كۆيۈپ  مىسكىن  مۇساپىرنىڭ   ئوتىدا.
داستان بولغاچ شۇڭلاشقا ئەل ئاغزىدا،
ئويلاندۇر دۇڭ     ماتىتەينى    غاڭزىدا .
ماتىتەي ئەندىشىگە چۈشۈپ سەندىن,
،تۇتماقچى بولدى سىنى ھىلە پەندىن.
شۇڭا دەرھال چىقىپ  كەتتىڭ  تاغ ئاتلاپ،  
لىكىن دۈشمەن يۈرگەنتى سىنى پايلاپ .
يۇرت كىزىپ يەتتىڭ ئەلنىڭ  ھالىغا،  
مىخ بولۇپ قادالدىڭ رەزىل قانىغا.
ئاخىر  تۇتتى   سىنى  ھىلە  ئىشلىتىپ،
سۆزلىرىگە ئاق كۆڭۈللۈك چىشلىتىپ.
(ئامانەتكە خىيانەت قىلمايمەن) دەپ،
تۇتۇپ بەردىڭ ئۆزۈڭنى ياۋغا ئەجەپ.
ئۇيغۇرلار ئامانەت ئۈچۈن جان بىرەر،
لەۋزى ئۈچۈن شۇنداق جېنىدىن كىچەر.  
  مەرتلىكىڭدىن پايدىلاندى  تۈلكىلەر ،
قان شورىغۇچ ۋەھشى زالىم بۈرگىلەر.
ئۆلۈمىڭدىن كۈلدى لەنەت  كەردىلەر،
بىراق خەلقىڭ  ئازاپلانغان  ئەردىلەر.
شۇڭا ساڭا داستان يازغان ئەل خەلقىڭ،
داستاندىن  بىلىنەر قىممىتىڭ  نەرقىڭ.        
         2013-4.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:57:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يىغىپ كەلسەك بۇ خەقتىىن بۇرۇنمۇ ۋاپا كەلمىگەن ھازىرمۇ كەلمەيدۇ ..

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلىلا مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ... مەلۇم سەۋەبلەر توسالغۇ بولمىسا مەتبۇئاتلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇدەك ئەسەر بوپتىكەن... تاغ يۆتكىگەن ئەخمەق بوۋاينى ماختايدۇ تۇققانلار، بىز سىيىت نوچىنى ئاق كۆك دەپ يۈرىمىز ئۆزىچە...  

يۈرىكىم يىغلايدۇ، لىكىن ئوغۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن ياش تۆكۆشكە ئامالسىزمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلىلا مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ... مەلۇم سەۋەبلەر توسالغۇ بولمىسا مەتبۇئاتلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇدەك ئەسەر بوپتىكەن... تاغ يۆتكىگەن ئەخمەق بوۋاينى ماختايدۇ تۇققانلار، بىز سىيىت نوچىنى ئاق كۆك دەپ يۈرىمىز ئۆزىچە...  

يۈرىكىم يىغلايدۇ، لىكىن ئوغۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن ياش تۆكۆشكە ئامالسىزمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84708
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 03:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمۇر خەلپىنى  ئاخماق  دىگەن  ئادەمنىڭ  ئۇزى  ئاخماق  دەپ ئۇيلايمەن  چۇنكى  ئۇنىڭ ئالدىدا    ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان  داموللا  ھاجىملار  قۇرئان تۇتۇپ قەسەم  قىلغاچقا  ئۇلارغا  ئشەنگەن  ھەم  ئۇ  نىجىسلارنىڭ  ئۇنچىۋالا  رەزىل ئكەنلىكىنى  بىلمەيتى  لىكن خۇجىنىياز  ھاجىم  دىگەنىنى  ئشەكتىنمۇ  دۇت  دىسە ئارتۇق كەتمەيدۇ  چۇنكى  تۇمۇر خەلپىنىڭ قانداق ئالدانغىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇلارغا  ئالداندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى غەلبە قىلغانلار يازىدۇ ، بەلكىم راس نوچى بولىشى مۇمكىندۇر

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10798
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 04:32:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur-0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 03:31 PM
تۇمۇر خەلپىنى  ئاخماق  دىگەن  ئادەمنىڭ  ئۇزى  ئاخماق  دە ...

قېرىندىشىم، خوجىنىيازھاجىمنىمۇ تىللىماڭ!  چۈنكى خوجىنىيازھاجىم تۆمۈرخەلپە پاجىئەسىدىن ئىبرەت ئېلىپ جاللات شىڭشىسەي دامىغا چۈشمىگەن ئىدى. بىراق شىڭشىسەي سىتالىنغا( مەن سىزگە سادىق ) دەپ باش ئۇرۇپ يۈرۈپ خوجىنىياز ھاجىمنى روس چوشقىللىرىنىڭ قولى بىلەن ئالدىغان! ..(.ئويغانغان زىمىن ) رومانىنى بىر ئوقۇپ بېقىڭ ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش